سېخىيلىق
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مەجبۇرىيىتىدىن ئارتۇق بايلىق، ۋاقىت ۋە ياخشىلىقنى خالىسلىق بىلەن بېرىش.
ئەرەبچىىسى: كرم
ئېنگلىزچىسى: Generosity
17 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەزىلەتلەر /
- 📄 سېخىيلىق
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ ۛ وَأَحْسِنُوا ۛ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئېھسان قىلىڭلار، ئېھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ماللىرىڭلارنى چىقىم قىلىڭلار ۋە ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئاتماڭلار. ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
2 : 236 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ مَا لَمْ تَمَسُّوهُنَّ أَوْ تَفْرِضُوا لَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى الْمُوسِعِ قَدَرُهُ وَعَلَى الْمُقْتِرِ قَدَرُهُ مَتَاعًا بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار (يەنى نىكاھىڭلارغا ئالغان ئايال بىلەن بىر يەردە بولمىغان ياكى مەھرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن شارائىتتا) ئۇنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مۇتئە (بەلگىلىك مىقداردا پۇل ـ مال) بېرىشىڭلار كېرەك، ئۇلارغا پۇل - مال بېرىڭلار، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، (بۇ) ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر[236].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر خوتۇنلىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مەھرى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، (لېكىن) ئۇلارغا بەلگىلىك مىقداردا پۇل ـ مال بېرىڭلار كېرەك، باي ئۆز ھالىغا يارىشا، كەمبەغەلمۇ ئۆز ھالىغا يارىشا قائىدە بويىچە بەرسۇن، بۇ ياخشى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر
ئەنەس ئالىم: نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، تويلۇقىنىمۇ بەلگىلىمىگەن ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا تويلۇق بېرىش مەجبۇرىيىتىڭلار يوق. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا پايدىلانغۇدەك نەرسە بېرىڭلار. بۇنى قولى ئۇزۇن بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا، قولى قىسقا بولغانلارمۇ ھالىغا يارىشا مەئرۇفقا ئۇيغۇن شەكىلدە بەرسۇن. بۇ ياخشىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ھەقتۇر.
2 : 237 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَنْ يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ ۚ وَأَنْ تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۚ وَلَا تَنْسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[237].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆزىگە تېگىشلىكىنى ئەرگە ئۆتۈنسە ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆزىگە تېگىشلىكىنى خوتۇنىغا ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، سىلەر ئۆتۈنگىنىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: نىكاھىڭلارغا ئېلىپ تېخى بىر يەردە بولمىغان، لېكىن تويلۇقىنى بەلگىلەپ بولغان ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارغا بەلگىلىگەن تويلۇقۇڭلارنىڭ يېرىمىنى بېرىشىڭلار كېرەك. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەققى بولغان ئۇ يېرىم تويلۇقنى ياكى ئۇنىڭ بىر مىقدارىنى ئالمىسىمۇ ياكى ئەر ئۇنىڭغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بەرسىمۇ بولىدۇ. ئى ئەرلەر! سىلەرنىڭ ئۇلارغا تويلۇقنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇق بېرىشىڭلار تەقۋالىققا تېخىمۇ يېقىندۇر. بىر - بىرىڭلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 263 - ئايەت
كۆرۈش
قَوْلٌ مَعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِنْ صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَا أَذًى ۗ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[263].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈۋېتىش ئەزىيەت ئەگىشىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىش سەدىقە قىلىپ بولۇپ رەنجىتكەندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، ھەلىمدۇر.
2 : 280 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيْسَرَةٍ ۚ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر[280].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّىٰ تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە غىچەھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، سىلەر نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭلاردىن چىقىم قىلمىغىچە ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. قانداق نەرسە چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ.
3 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىدىغانلار، (ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، (يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان) كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، كىشىلەرنى كەچۈرىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى، باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ مال چىقىم قىلىدۇ، ئاچچىقىنى يۇتىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتُوا النِّسَاءَ صَدُقَاتِهِنَّ نِحْلَةً ۚ فَإِنْ طِبْنَ لَكُمْ عَنْ شَيْءٍ مِنْهُ نَفْسًا فَكُلُوهُ هَنِيئًا مَرِيئًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىق (يەنى پاك ـ ھالال بىلىپ) يەڭلار[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنسە، سىلەر ئۇنى خۇشاللىق بىلەن بىمالال ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاياللىرىڭلارغا تويلۇقلىرىنى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سوۋغا قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار كۆڭۈللىرى خالاپ تويلۇقنىڭ بىر قىسمىنى سىلەرگە بېرىۋەتسە، ئۇنى يەڭلار، مەززىلىك ۋە سىڭىشلىق بولسۇن.
4 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا حَضَرَ الْقِسْمَةَ أُولُو الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينُ فَارْزُقُوهُمْ مِنْهُ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا
مۇھەممەد سالىھ: تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى مىراسخورلارنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇ مىراستىن ئاز-تولا بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: تەقسىمات ئەسناسىدا مىراس تەگمەيدىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن يەپ - ئىچكۈدەك بىرەر نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار.
4 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا خَيْرًا أَوْ تُخْفُوهُ أَوْ تَعْفُوا عَنْ سُوءٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار (ساۋاب تاپىسىلەر). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى (باشقىلار قىلغان) بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاشكارا بىرەر ياخشىلىق قىلساڭلار ياكى يوشۇرۇن بىرەر قىلساڭلار ۋە ياكى بىرەر يامانلىقنى ئەپۇ قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا تُعْرِضَنَّ عَنْهُمُ ابْتِغَاءَ رَحْمَةٍ مِنْ رَبِّكَ تَرْجُوهَا فَقُلْ لَهُمْ قَوْلًا مَيْسُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ (يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان بىر نەرسە بولمىسا)، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن رەببىڭدىن كۈتۈۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ـ ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سەن رەببىڭدىن ئۈمىد قىلغان رەھمەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ4، چىرايلىق گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىن.
17 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَجْعَلْ يَدَكَ مَغْلُولَةً إِلَىٰ عُنُقِكَ وَلَا تَبْسُطْهَا كُلَّ الْبَسْطِ فَتَقْعُدَ مَلُومًا مَحْسُورًا
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن (يەنى بېخىللىق قىلمىغىن)، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇۋەتمىگىن (يەنى ئىسراپ قىلمىغىن)، (ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ) مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋېلىپ-بېخىللىق قىلمىغىن-، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىۋېتىپ-ئىسراپ قىلمىغىن-، ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن5، بەك قولى ئوچۇقمۇ بولمىغىن. بولمىسا مالامەتكە قالىسەن ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسەن.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا أَتَيَا أَهْلَ قَرْيَةٍ اسْتَطْعَمَا أَهْلَهَا فَأَبَوْا أَنْ يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارًا يُرِيدُ أَنْ يَنْقَضَّ فَأَقَامَهُ ۖ قَالَ لَوْ شِئْتَ لَاتَّخَذْتَ عَلَيْهِ أَجْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى ۋە ئۇنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈردى، تاكى بىر يۇرت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلاردىن تاماق سورىدى. لېكىن يۇرت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى. ئۇ بەندە دەرھال ئۇ تامنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ بۇنىڭغا ھەق ئالالايتتىڭ» دېدى.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَأْتَلِ أُولُو الْفَضْلِ مِنْكُمْ وَالسَّعَةِ أَنْ يُؤْتُوا أُولِي الْقُرْبَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ وَلْيَعْفُوا وَلْيَصْفَحُوا ۗ أَلَا تُحِبُّونَ أَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا (بىر نەرسە) بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، (ئۇلارنىڭ گۇناھىنى) ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا بىر نەرسە بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاراڭلاردىكى خەيرخاھ بايلار تۇغقانلىرىغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا ياردەم قىلىشقا سەل قارىمىسۇن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلسۇن ۋە ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق قىلسۇن. ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ إِذَا أَنْفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَٰلِكَ قَوَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا خىراجەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار خىراجەتلىرىدە ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدىغان، بېخىللىقمۇ قىلمايدىغان، بەلكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يول تۇتىدىغان كىشىلەردۇر.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَاغَ إِلَىٰ أَهْلِهِ فَجَاءَ بِعِجْلٍ سَمِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «يېمەمسىلەر» دېدى[26ـ27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ پىشۇرۇلغان بىر سېمىز موزاينى ئېلىپ كىردى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تۇيدۇرماستىن ئائىلىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سېمىز بىر موزاي ئېلىپ كەلدى.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِنْ قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ ۚ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مۇھاجىرلار كېلىشتىن بۇرۇن مەدىنىدە يەرلىك بولغان ۋە ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار، يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى موھتاج تۇرۇقلۇق مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئىلگىرى مەدىنىگە يەرلەشكەن ۋە قەلبلىرىگە ئىماننى يەرلەشتۈرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن ماللار ئۈچۈن كۆڭۈللىرىدە بىرەر ھاجەت ھېس قىلمايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى بار تۇرۇپ ئۇلارنى ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ. كىم نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر.