كەھف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 110 ئايەت
مەنىسى: غار. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەسھابۇل كەھف قىسسىسى بايان قىلىنغان (9~26-ئايەتلەر)
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَىٰ عَبْدِهِ الْكِتَابَ وَلَمْ يَجْعَلْ لَهُ عِوَجًا ۜ
    جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، بەندىسى –مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام- غا توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەندىسىگە بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ۋە بۇ كىتابتا ھېچبىر ئەگرىلىك قىلمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! «بەندىسى مۇھەممەدكە قۇرئاننى نازىل قىلغان ۋە ئۇ قۇرئاندا ھېچقانداق ئەگرىلىك قىلمىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دەپ ئاللاھقا مەدھىيە ئېيتىڭلار. چۈنكى «ھەمدۇسانا» - ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچىنى، شۇ ياخشىلىقى ئۈچۈن ماختاش دېگەن بولىدۇ. ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى بىلەن ياخشىلىقنى ھەقىقىي مەنىدە پەقەت ئاللاھلا قىلىدۇ. مەسىلەن: يوقتىن يارىتىش، ياراتقان ھەر نەرسىسىگە ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بېرىش، ئۇلارنى لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش، ئۇلارغا ياشاش مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىنى كۆرسىتىش... قاتارلىق ياخشىلىقلارنى پەقەتلا ئاللاھ قىلىدۇ. جۈملىدىن بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىدىغان مۇكەممەل كىتاب - قۇرئاننى نازىل قىلىش ئاللاھتىن غەيرىي ھەرگىزمۇ قىلالمايدىغان ئىشتۇر. شۇڭلاشقا قىيامەتكە قەدەر ھەر بەندىنىڭ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشى، بولۇپمۇ بۇ ئىككى بۈيۈك نېمىتى ئۈچۈن ئالاھىدە ھەمدۇسانا ئېيتىشى كېرەك. چۈنكى قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغان چېغىدىن تارتىپ تاكى قىيامەت قايىم بولغۇچىلىك پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى كۇفرىلىق، گۇمراھلىق ۋە جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدىن چىقىپ ئىمان، ھىدايەت ۋە ئىلىم نۇرىغا كېلىشكە چاقىرىدىغان، شۇنداقلا ئىككى دۇنيا باياشاتلىقىغا يېتەكلەيدىغان بىردىنبىر ئىلاھىي قوللانمىدۇر، شۇنداقلا ئەڭ بۈيۈك نېمەتتۇر. قۇرئان نازىل قىلىنغان بەندە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) بولسا، قۇرئاننى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن، يەنى ئىنسانلارغا ئايەتلەرنى ئەينەن ئوقۇپ بەرگەن ۋە قانداق ئەمەل قىلىشنى سۆز - ھەرىكىتى بىلەن ئۆگەتكەن، ئۇلارنىڭ بۇزۇق ئەقىدە، يامان ئەمەل ۋە ناچار ئىللەتلەردىن پاكلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان، ئايەتلەرنىڭ ھۆكۈم ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگەتكەن، ئۇلار نېمىنى بىلمەيدىغان بولسا، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا شۇنى ئۆگەتكەن ئاخىرقى پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ قىيامەتكە قەدەر بارلىق جاھان ئەھلىگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. قَيِّمًا لِيُنْذِرَ بَأْسًا شَدِيدًا مِنْ لَدُنْهُ وَيُبَشِّرَ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا حَسَنًا
    جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    سەۋەبى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا ئوبدان مۇكاپات -جەننەت- بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشتۇر. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇ كىتابنى راۋۇرۇس كىتاب قىلدى. بۇ، ئۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا مۇكاپاتلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشى ئۈچۈندۇر -‏ — ئەنەس ئالىم

    (2-3) ئاللاھ ئۇ كىتابنى راۋرۇس ۋە كەم - كۈتسىز، شۇنداقلا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ھالەتتە پۇختا تۈزۈپ نازىل قىلدى. ئاللاھنىڭ ئۇ كىتابنى ئۇ بەندىسىگە نازىل قىلىشى، ئۇ بەندىسىنىڭ ئىنكار قىلغانلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئىشەنگەنلەرنگە جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. مَاكِثِينَ فِيهِ أَبَدًا
    ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر) جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ مۇكاپات ئورنىدا مەڭگۈ قالىدۇ -‏ — ئەنەس ئالىم

  4. وَيُنْذِرَ الَّذِينَ قَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا
    ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەمدە «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئۇ كىتابنى ئۇ بەندىسىگە نازىل قىلىشى، ئۇ بەندىسىنىڭ پۈتۈن ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، خۇسۇسەن «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېگەن يەھۇدىيلارنى، «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېگەن خىرىستىيانلارنى ۋە «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگەن ئەرەب مۇشرىكلىرىنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ وَلَا لِآبَائِهِمْ ۚ كَبُرَتْ كَلِمَةً تَخْرُجُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ ۚ إِنْ يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبًا
    ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇنداق دېگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، ئۇلارنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ بوھتانلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەتلا يالغان سۆزلىمەكتە.‏ — ئەنەس ئالىم

    «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگەن ئۇ كافىرلارنىڭمۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ ناشايان سۆزلىرىگە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەكسىچە ئۇلار بۇ تۆھمەتنى ئۆزلىرى ئويدۇردى. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان بۇ سۆز نېمىدېگەن بۈيۈك بوھتان! ئۇلار پەقەت تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قەبىھ سۆزىنىڭ يامانلىقىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، زېمىن يېرىلىپ كەتكىلى ۋە تاغلار يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. فَلَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ عَلَىٰ آثَارِهِمْ إِنْ لَمْ يُؤْمِنُوا بِهَٰذَا الْحَدِيثِ أَسَفًا
    ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئارقىلىرىدىن ئەپسۇسلىنىپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ بۇ قۇرئانغا ئىشەنمەي، كۇفرىلىق ۋە تەرسالىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكىگە قاراپ، ئۆزۈڭنى نابۇت قىلىۋەتكىلى تاس قالدىڭ، ئۇنداق قىلمىغىن، ئىچ پۇشۇقى تارتىشقا ۋە غەم - قايغۇ چېكىشكە كېرەك يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ قۇرئاننى يەتكۈزۈشتۇر. شۇڭلاشقا ئۇلارغا قۇرئاننى يەتكۈزگىن. سەن قۇرئاننى يەتكۈزگەندىن كېيىن قوبۇل قىلامدۇ قىلمامدۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. چۈنكى كىم ھىدايەت تاپسا پايدىسى ئۆزىگە، كىم كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىسە زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. سەن ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ تاپمىغانلىقىدىن جاۋابكار ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىنىڭ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە قايغۇرۇپ ئۆزىنى نابۇت قىلىۋېتىشتىن توسىدۇ. 7 - ۋە 8 - ئايەتتە ئۇ توسۇشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. إِنَّا جَعَلْنَا مَا عَلَى الْأَرْضِ زِينَةً لَهَا لِنَبْلُوَهُمْ أَيُّهُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا
    ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانلارنىڭ قايسىلىرىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زېمىندىكى نەرسىلەرنى زېمىننىڭ زىننىتى قىلدۇق. مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمىلىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناشتۇر. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ كۇفرىلىقى ۋە تەرسالىقىغا قاراپ خاپا بولۇپ كەتمىگىن، قايغۇرۇپ كەتمىگىن. ئەكسى تەقدىردە ئۆزۈڭگە زىيان يەتكۈزىسەن، ئۇنداق قىلمىغىن. شۇنى بىلگىنكى: بىز ئۆز ھېكمىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە زېمىندىكى ئېكىن، زىرائەت، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ، باغ - بوستان، تاغ - دەريا، ئۆي - ئىمارەت ۋە ھايۋانلار... قاتارلىق ھەممە نەرسىنى زېمىنغا زىننەت، ئىنسانلارغا پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق. بىز بۇنى، ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمرىمىزگە ئىتائەت قىلىشىنى سىناش ئۈچۈن قىلدۇق. ئەمرىمىزگە ئىتائەت قىلغانلار سىناقتىن ئۆتكەن بولىدۇ ۋە پايدىسىنى ئۆزلىرى كۆرىدۇ. ئەمرىمىزگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلار سىناقتىن ئۆتەلمىگەن بولىدۇ ۋە زىيىنىنى ئۆزلىرى تارتىدۇ. جۈملىدىن سېنىڭ قەۋمىڭمۇ قۇرئانغا بويسۇنسا ۋە ساڭا ئەگەشسە سىناقتىن ئۆتۈپ مۇكاپاتقا لايىق بولغان بولىدۇ. ناۋادا كۇفرىلىق ۋە تەرسالىقتا ئەزۋەيلەشنى داۋاملاشتۇرسا سىناقتىن ئۆتەلمىگەن شۇنداقلا جازالىنىشقا لايىق بولغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا سەن ئىبادىتىڭنى ۋە دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (18-سۈرە كەھف، 8-ئايەت) ھىساب ئىلاھىي ھۆكۈم
    وَإِنَّا لَجَاعِلُونَ مَا عَلَيْهَا صَعِيدًا جُرُزًا
    بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى (دەل ـ دەرەخ، تاغ ۋە بىنا قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى قۇپقۇرۇق تۇپراق قىلىۋېتىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز يەنە ئۆز ھېكمىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋاقتى كەلگەندە زېمىندىكى مەزكۇر نەرسىلەرنى قۇپقۇرۇق تۇپراققا ئايلاندۇرۇۋېتىمىز. يەنى بىر كۈن بۇ دۇنيانىڭ ئەجىلى توشىدۇ، سىناق مۇددىتى ئاخىرلىشىدۇ. ئىنسانلارنىڭ، قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىش ۋە نەتىجىسىنى كۆرۈش ۋاقتى يېتىپ كېلىدۇ. بىز ئەنە شۇ چاغدا بارلىق ئىنسانلارنى، جۈملىدىن سېنىڭ قەۋمىڭنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز. ھېساب ئالىمىز، ھېساب نەتىجىسىدە ياخشىلارنى مۇكاپاتلايمىز، يامانلارنى جازالايمىز. شۇڭلاشقا ئىمان كەلتۈرمىگەنلەرگە قاراپ خاپا بولۇشىڭ، قايغۇرۇشىڭ ۋە دەرد - ئەلەم چېكىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. ئاللاھ تائالا 6 ~ 8 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەرسا مۇشرىكلارنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىگە قاراپ خاپا بولۇشتىن توسىدۇ. ئۆزىنىڭ زېمىندىكى نەرسىلەرنى، زېمىننىڭ زىننىتى قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ۋاقتى كەلگەندە قوپقۇرۇق ھالەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. 9 - ئايەتتىن 26 - ئايەتكىچە، «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ، ئۆز قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (18-سۈرە كەھف، 9-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر
    أَمْ حَسِبْتَ أَنَّ أَصْحَابَ الْكَهْفِ وَالرَّقِيمِ كَانُوا مِنْ آيَاتِنَا عَجَبًا
    ئەسھابۇلكەھفنى ۋە رەقىم (يەنى ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختا) نى (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭھەيران قالارلىقى دەپ قارىدىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەسھابۇلكەھفنى ۋە -ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختا- رەقىمنى بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ قىزىقى دەپ قارىدىڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن كەھف ۋە رەقىم[1] ئەھلىنى ئەجەبلىنەرلىك دەپ ئويلىدىڭمۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز ۋاقتىدا غارغا پاناھلانغان، بىز يىللارچە ئۇخلىتىپ ئويغاتقان، قايتا ئۆلگەندىن كېيىن بەزى كىشىلەر ئىسىملىرىنى بىر تاختىغا يازغان دوستلار جامائەسىنىڭ ھادىسىسىنىلا قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنىڭ ئەجەبلىنەرلىكى دەپ ئويلىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئويلىمىغىن، چۈنكى بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنىڭ ھەممىسى ئەجەبلىنەرلىكتۇر. توغرا، ئۇلارنىڭ بىرقانچە يۈز يىل ئۇخلاپ ئويغىنىشى ئادەتتىن تاشقىرى ھادىسە بولۇپ، بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنىڭ ئەجەبلىنەرلىك بىر دەلىلىدۇر. لېكىن ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ يوقتىن يارىتىلىشى، كېچە - كۈندۈزنىڭ ئىنتىزاملىق شەكىلدە ئايلىنىپ تۇرۇشى، ئاسمان جىسىملىرى بولغان سەييارە ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۆز ئوربىتىلىرىدا ئايلىنىپ تۇرۇشى، زېمىننىڭ ياز مەۋسۇمىدە ياپيېشىل ھالەتكە كېلىپ قىش مەۋسۇمىدە قوپقۇرۇق ھالەتكە كېلىشى... قاتارلىق دەلىللەر ئەڭ ئەجەبلىنەرلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. إِذْ أَوَى الْفِتْيَةُ إِلَى الْكَهْفِ فَقَالُوا رَبَّنَا آتِنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً وَهَيِّئْ لَنَا مِنْ أَمْرِنَا رَشَدًا
    ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت غارغا بېرىپ پاناھلانغان ۋە: «رەببىمىز! بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزگە قۇتۇلۇش يولى تەييارلاپ بەرگىن!» دېگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زالىملاردىن قېچىپ بىر غارغا پاناھلانغان ۋە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن رەھمەت ئاتا قىلغىن. بىزگە، بۇ ئىشىمىزدا توغرا يول تۇتۇشنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى نېسىپ قىلغىن، ئاقىۋىتىمىزنى خەيرلىك قىلغىن» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (18-سۈرە كەھف، 11-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ئىلاھىي سىناق
    فَضَرَبْنَا عَلَىٰ آذَانِهِمْ فِي الْكَهْفِ سِنِينَ عَدَدًا
    ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېتىۋەتتۇق[2]. ئۇلار يىللارچە مۇشۇنداق قالدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ يىگىتلەر غارغا پاناھلىنىپ، بىزگە يۇقىرىدىكى دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار شۇ غاردا تۇرۇۋاتقان ئەسنادا بىز ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكۈزدۇق - دە، ئۇلار ھېچ نەرسە ئاڭلىمايدىغان ھالەتكە كەلدى ۋە ئۇ غارنىڭ ئىچىدە بىرنەچچە يىل مۇشۇنداق قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. ثُمَّ بَعَثْنَاهُمْ لِنَعْلَمَ أَيُّ الْحِزْبَيْنِ أَحْصَىٰ لِمَا لَبِثُوا أَمَدًا
    ئاندىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى ئەسھابۇلكەھف ئىچىدىكى قانچىلىك ئۇخلىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقان ئىككى گۇرۇھ) تىن قايسىسىنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرۇشقانلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرۇشقانلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئويغاتتۇق. بۇنى ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسى ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇخلىغانلىقىنى توغرا ھېسابلىيالايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن بىز ئۇلارنى بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاتتىق ئۇيقۇسىدىن كېيىن ئويغاتتۇق. ئۇلارنى ئويغىتىشىمىز، ئۇلار ئويغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ غاردا تۇرغان مۇددىتى توغرىسىدا ئۆزئارا سورىشىشى، تالاش - تارتىش قىلىشىشى ۋە ئاخىرىدا بەزىلىرىنىڭ ئۇ مۇددەتنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئۇتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇ ھەقىقەتتىن ۋاقىپ بولغان ئىنسانلارنىڭ قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ تائالا 9 ~ 12 - ئايەتلەردە «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسىنى بايان قىلىدۇ. بۇ 13 - ئايەتتىن 26 - ئايەتكىچە تەپسىلاتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ نَبَأَهُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّهُمْ فِتْيَةٌ آمَنُوا بِرَبِّهِمْ وَزِدْنَاهُمْ هُدًى
    بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن رەببىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىز ساڭا توغرا شەكىلدە ئېيتىپ بېرىمىز: ئۇلار رەببىگە ئىمان ئېيتقان بىر قانچە يىگىت ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلغان ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ قىسسەسىنىى ئۆز ئەينى بويىچە بايان قىلىپ بېرىمىز: ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە بىز ھىدايىتىنى زىيادە قىلغان بىرقانچە يىگىت ئىدى. ئاللاھ تائالانىڭ، لايىق رەۋىشتە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىشى - ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىشى، ئۇلارغا ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى نېسىپ قىلىشى، ئۇلارغا ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشى، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشى قاتارلىق ئىنايەت ۋە ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (18-سۈرە كەھف، 14-ئايەت) جۈرئەت ئىمان تەۋھىد
    وَرَبَطْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ إِذْ قَامُوا فَقَالُوا رَبُّنَا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَنْ نَدْعُوَ مِنْ دُونِهِ إِلَٰهًا ۖ لَقَدْ قُلْنَا إِذًا شَطَطًا
    ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (يەنى ئىرادىسىنى) مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئىمانسىز زالىم پادىشاھ ئالدىدا) دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز (ئاللاھنىڭ شېرىكى بار) دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار - زالىم پادىشاھ ئالدىدا- دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ رەببىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز -ئاللاھنىڭ شېرىكى بار- دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ تۆۋەندىكى سۆزنى قىلغاندا بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھقا دۇئا قىلمايمىز. بولمىسا قالايمىقان گەپ قىلغان بولىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    (14-15) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىك ۋە زالىم قەۋملىرىنىڭ ئىچىدە ئورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ بىر ئېغىزدىن: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بولغان ئاللاھتۇر. بىز ئەنە شۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ھەرگىزمۇ چوقۇنمايمىز، ئەسلا يېلىنىپ يالۋۇرمايمىز. بىز بۇ ئەقىدىمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ناۋادا بىز بۇ سۆزدىن غەيرىنى ئېيتساق، قالايمىقان گەپ قىلغان بولىمىز. ئەنە شۇلار بىزنىڭ قەۋمىمىزدۇر. ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋېلىشتى. قەۋمىمىز نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟ ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟» دەپ ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلىقىنى ۋە قەۋمىنىڭ مۇشرىكلىقىنى دادىللىق بىلەن ئېلان قىلغان چاغدا، بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم قىلغان ۋە قەتئىي ئىرادىگە كەلتۈرگەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ: «قەۋمىمىز نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟» دېگەن سۆزى، ئۆزلىرىنىڭ مۇشرىك قەۋمىنى تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكنى تاشلاپ، ئۆز ئەقىدىلىرىنىڭ توغرا - خاتالىقى ھەققىدە ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە، شۇنداقلا ئىلمىي ئاساسى بولمىغان شېرىك ئەقىدىسىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى ئاڭلىق يوسۇندا تەرك ئېتىشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇشرىكلار ئەقلىنى ئىشلەتسە ۋە ئىلىمنى ئاساس قىلسا، مۇشرىكلىقنىڭ دەلىلى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ، ئىزدەنسە ۋە تەتقىق قىلسا شېرىك ئەقىدىسىگە دەلىل تاپالمايدۇ. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە مۇشرىكلاردىن ئۆزلىرىنىڭ شېرىك ئەقىدىسىگە دەلىل كەلتۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىلى يوق ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. هَٰؤُلَاءِ قَوْمُنَا اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً ۖ لَوْلَا يَأْتُونَ عَلَيْهِمْ بِسُلْطَانٍ بَيِّنٍ ۖ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا
    بىزنىڭ قەۋمىمىز ئاللاھنى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟» — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ قەۋمىمىز ئاللاھنى قويۇپ باشقا ئىلاھلار قىلىۋالدى، ئۇلار ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار بىزنىڭ قەۋمىمىزدۇر. ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋېلىشتى. قەۋمىمىز نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟ ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟».‏ — ئەنەس ئالىم

  16. وَإِذِ اعْتَزَلْتُمُوهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ فَأْوُوا إِلَى الْكَهْفِ يَنْشُرْ لَكُمْ رَبُّكُمْ مِنْ رَحْمَتِهِ وَيُهَيِّئْ لَكُمْ مِنْ أَمْرِكُمْ مِرْفَقًا
    (ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى يىگىتلەر!- سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى مۇنداق دېدى: «مادامىكى سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا غارغا بېرىپ پاناھلىنىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە رەھمىتىنى يايسۇن، ئىشىڭلارنى ئاسان ۋە پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار بىر سورۇندا مۇشرىك ۋە زالىم قەۋمىگە يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن پادىشاھ ئۇلارنى تەھدىت قىلىدۇ ۋە ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇلارنى ئىمانىدىن ياندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قېلىش، شۇنداقلا ئۇ زالىملارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىدۇ ۋە بىر - بىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلار! سىلەر مادامىكى مۇشرىكلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا دىنىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قېچىپ غارغا پاناھلىنىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەببىڭلار ئاللاھ ئىلتىپات قىلىپ سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قوغدايدۇ، سىلەرگە ئاسانچىلىق بېرىدۇ ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. وَتَرَى الشَّمْسَ إِذَا طَلَعَتْ تَزَاوَرُ عَنْ كَهْفِهِمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَتْ تَقْرِضُهُمْ ذَاتَ الشِّمَالِ وَهُمْ فِي فَجْوَةٍ مِنْهُ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ ۗ مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ وَلِيًّا مُرْشِدًا
    كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشىكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن، ئۇلار بولسا غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن قۇياشنىڭ چىققان چېغىدا ئۇلار پاناھلانغان غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى، پاتقان چېغىدا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەستىن سول تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار بولسا، غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقتىدۇر[3]. ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلسا، ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ كىمنى ئازدۇرىۋەتسە، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان ۋەلىي تاپالمايسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غارغا بېرىپ پاناھلىنىدۇ ۋە كۆزلىرى ئۇيقۇغا كېتىدۇ، شۇنداقلا قاتتىق ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى ئۇزۇن يىللار (ئۈچ يۈز يىل) داۋاملىشىدۇ. ئۇلار پاناھلانغان ۋە ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقان غارنىڭ يەرلىشىش ئەھۋالى مۇنداق ئىدى: كۈن چىققاندا غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئاپتاپ چۈشەتتى، پاتقاندا سول تەرەپكە ئاپتاپ چۈشەتتى. ئۇلار بولسا، غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ بوشلۇقتا بولۇپ، ئۈستىگە ھېچ ئاپتاپ چۈشمەيتتى، لېكىن ساپ ھاۋا كېلىپ تۇراتتى. ئى مۇھەممەد!، ئى ئىنسان! ئەگەر سەن ئۇلار غارنىڭ ئىچىگە ئورۇنلىشىپ ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن شۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئەنە شۇ مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ. ئەنە شۇلار (ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، يورۇق، ھاۋالىق ۋە پىنھان غارغا پاناھلىنىشقا مۇيەسسەر قىلىش، قاتتىق ئۇخلىتىپ تاشقى ئالەمدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش قاتارلىقلار)، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتىنىڭ ئالامەتلىرى ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ نىيىتى، سەمىمىيىتى ۋە ياخشى ئىشلىرى سەۋەبلىك، ئۇلارنى ئەنە شۇ ئىنايىتىگە ئېرىشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ قەۋمىنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا قويۇپ قويغان. دېمەككى، ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغان كىشى مۇۋەپپەق بولىدۇ. ئاللاھ ياردەمسىز قويغان كىشى ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھېچبىر دوست تاپالمايدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا غارنىڭ ئېغىزى شىمال بىلەن غەربىي شىمال ئوتتۇرىسىدا بىر نۇقتىغا قارايدۇ. چۈنكى كۈن ئەتىگەن ئوڭ تەرەپتىن چىقىدۇ ۋە پاتىدىغان چاغقىچە غارنىڭ ئىچىگە ئاپتاپ چۈشمەيدۇ، كەچقۇرۇن كۈن پاتىدىغان چاغدا ئازغىنە مۇددەت غارنىڭ ئىچىگە سول تەرەپتىن قىيپاش ئاپتاپ چۈشىدۇ، لېكىن ئۇلار (ئەسھابۇل كەھف) غارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ بوشلۇقتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ھېچقاچان ئاپتاپ چۈشمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. وَتَحْسَبُهُمْ أَيْقَاظًا وَهُمْ رُقُودٌ ۚ وَنُقَلِّبُهُمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَذَاتَ الشِّمَالِ ۖ وَكَلْبُهُمْ بَاسِطٌ ذِرَاعَيْهِ بِالْوَصِيدِ ۚ لَوِ اطَّلَعْتَ عَلَيْهِمْ لَوَلَّيْتَ مِنْهُمْ فِرَارًا وَلَمُلِئْتَ مِنْهُمْ رُعْبًا
    (مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    -مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ-، ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى غارنىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى كۆرسەڭ ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدا ئىدى. بىز ئۇلارنى گاھ ئوڭ يېنىغا، گاھ سول يېنىغا ئۆرۈپ تۇراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىتى بولسا، غارنىڭ بۇسۇغىسىغا ئالدى پۇتلىرىنى سوزغان ھالەتتە ئىدى. ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرگەن بولساڭ، دەرھال ئارقاڭغا قاراپ قاچاتتىڭ ۋە ئىچىڭگە قورقۇنچ تولۇپ كېتەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا قارىساڭ، كۆزلىرى ئوچۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايتتىڭ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇخلىغان ھالەتتە ئىدى. بىز ئۇلارنى ئۇيقۇسىدا بىردەم ئوڭ يېنىغا، بىردەم سول يېنىغا ئۆرۈپ تۇراتتۇق. ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە غارغا كەلگەن ئىت بولسا، غارنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئالدى پۇتلىرىنى سوزغان ھالەتتە ئىدى. ئى ئىنسان! ئۇلارنى بۇ ھالەتتە كۆرسەڭ ئىدىڭ، ئۇلاردىن قورقۇپ ئارقاڭغا بۇرۇلۇپ تىكىۋەتكەن بولاتتىڭ ۋە ئىچىڭگە قورقۇنچ تولۇپ كەتكەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. وَكَذَٰلِكَ بَعَثْنَاهُمْ لِيَتَسَاءَلُوا بَيْنَهُمْ ۚ قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ ۖ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۚ قَالُوا رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثْتُمْ فَابْعَثُوا أَحَدَكُمْ بِوَرِقِكُمْ هَٰذِهِ إِلَى الْمَدِينَةِ فَلْيَنْظُرْ أَيُّهَا أَزْكَىٰ طَعَامًا فَلْيَأْتِكُمْ بِرِزْقٍ مِنْهُ وَلْيَتَلَطَّفْ وَلَا يُشْعِرَنَّ بِكُمْ أَحَدًا
    ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆز ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئۇيقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق، بىز ھازىر ئاچ)، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، -غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى- ئۆز ـ ئارا سوراشسۇن دەپ ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «بۇ غاردا قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ ئېھتىيات قىلسۇن سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئويغاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى. ھەمراھلىرى: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى. ئارقىسىدىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ. ھازىر سىلەر بىرىڭلارنى شۇ تەڭگە پۇلۇڭلار بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ قاراپ بېقىپ قايسى تاماق پاكىز ۋە ياخشى بولسا ئۇنىڭدىن سىلەرگە بىرئاز ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلسۇن، ناھايىتى ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچكىمگە تۇيدۇرمىسۇن.‏ — ئەنەس ئالىم

    (19-20) بىز ئۇلارنى ئەنە شۇنداق مۆجىزىلىك شەكىلدە ئۇزۇن يىللار ئۇخلاتقىنىمىزدەك، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇخلىغان مۇددىتى توغرىسىدا بىر - بىرىدىن سورىشىشى ئۈچۈن يەنە مۆجىزىلىك شەكىلدە (تەنلىرى سالامەت، ئەقىل - ھوشلىرىنى جايىدا ۋە كەيپىياتلىرى ياخشى ھالەتتە) ئويغاتتۇق. ئۇلاردىن بىر سۆزلىگۈچى باشقىلارغا: «بۇ يەردە ئۇخلىغان ھالىتىڭلاردا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى، باشقىلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى. ئۇلار ئۆزئارا سورىشىپ ئۇ مۇددەتنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەي ئاخىرى مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يەردە ئۇخلاپ تۇرغان مۇددىتىمىزنى رىببىڭلار ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ، ھازىر بىرىڭلارنى ماۋۇ تەڭگە پۇل بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ، شەھەرگە بارسۇن، قاراپ بېقىپ قايسى تاماق پاكىز ۋە ياخشى بولسا ئۇنىڭدىن سىلەرگە بىرئاز ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلسۇن، ناھايىتى ئېھتىيات قىلسۇن، ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىسۇن، سىلەرنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭلارنى ھېچكىمگە تۇيدۇرمىسۇن. چۈنكى قەۋمىڭلار سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارنى بىلىپ قالسا كېلىپ تۇتۇۋالىدۇ ۋە چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ياكى زورلۇق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ دىنى بولغان مۇشرىكلىققا قايتۇرىدۇ. ناۋادا ئۇلارغا بويسۇنۇپ مۇشرىكلىققا قايتساڭلار ئىككى ئالەمدە ھەرگىزمۇ نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (18-سۈرە كەھف، 20-ئايەت) ئىمان سىناقلىرى
    إِنَّهُمْ إِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ يَرْجُمُوكُمْ أَوْ يُعِيدُوكُمْ فِي مِلَّتِهِمْ وَلَنْ تُفْلِحُوا إِذًا أَبَدًا
    ئەگەر شەھەردىكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋالسا يا چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا قايتۇرىدۇ. بۇ تەقدىردە ھەرگىزمۇ مۇرادىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر».‏ — ئەنەس ئالىم

  21. وَكَذَٰلِكَ أَعْثَرْنَا عَلَيْهِمْ لِيَعْلَمُوا أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَأَنَّ السَّاعَةَ لَا رَيْبَ فِيهَا إِذْ يَتَنَازَعُونَ بَيْنَهُمْ أَمْرَهُمْ ۖ فَقَالُوا ابْنُوا عَلَيْهِمْ بُنْيَانًا ۖ رَبُّهُمْ أَعْلَمُ بِهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ غَلَبُوا عَلَىٰ أَمْرِهِمْ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيْهِمْ مَسْجِدًا
    ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ (قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى) ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك ـ شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشىلەر: «(ئۇلارنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكىگە) بىر تام ئېتىڭلار» دېدى. ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى): «غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا) ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك ـ شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشلەر: «ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا بىر تام ئېتىڭلار» دېدى، ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار: «غارنىڭ ئەتراپىغا ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى قانداق ئۇخلىتىپ ئويغاتقان بولساق، شەھەر خەلقىنى ئۇلاردىن ئۇ شەكىلدە خەۋەردار قىلدۇق. بىز بۇنى شەھەر خەلقىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھېچ شەك يوق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ شۇنداق قىلدۇق. ئۇ ئەسنادا شەھەر خەلقى ئۆز ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئىشى توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشىۋاتقان ئىدى، بەزىلىرى: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر بىنا سېلىڭلار. ئۇلارنى رەببى ئوبدان بىلىدۇ» دەيتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىغا غالىب كەلگەنلەر[4] بولسا: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەلۋەتتە مەسجىد سالىمىز» دەيتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، شەھەر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشى توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشىۋاتقان ئەسنادا، بىز ئۇلارنى «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنىڭ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھېچ شەك يوق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق ئاشكارىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار (ئۇ غاردا) ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ۋاقىپ بولغانلاردىن بەزىلەر: «ئۇلارنىڭ غارىنىڭ ئېغىزى ئالدىغا بىر بىنا سېلىڭلار، غارنىڭ كىرىشى ئېتىلىپ ئۇلار بار يەرگە ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە كىرەلمىسۇن. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى رەببى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى. سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەر: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چوقۇم بىر مەسجىد سالىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (18-سۈرە كەھف، 22-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ھېكمەت
    سَيَقُولُونَ ثَلَاثَةٌ رَابِعُهُمْ كَلْبُهُمْ وَيَقُولُونَ خَمْسَةٌ سَادِسُهُمْ كَلْبُهُمْ رَجْمًا بِالْغَيْبِ ۖ وَيَقُولُونَ سَبْعَةٌ وَثَامِنُهُمْ كَلْبُهُمْ ۚ قُلْ رَبِّي أَعْلَمُ بِعِدَّتِهِمْ مَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا قَلِيلٌ ۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمْ إِلَّا مِرَاءً ظَاهِرًا وَلَا تَسْتَفْتِ فِيهِمْ مِنْهُمْ أَحَدًا
    ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر). يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ». ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسەسىنى سورىمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئەسھابۇلكەھف، ئۈچ كىشى بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش كىشى بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا ئېيتىلغان سۆزدۇر، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنىڭ بەزىسى: «ئۇلار ئۈچ كىشى ئىدى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. بەزىلىرى: «ئۇلار بەش كىشى ئىدى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار بۇنى قارىسىغا سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى بولسا: «ئۇلار يەتتە كىشى ئىدى، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ». ئۇلارنى بىلىدىغانلار بەك ئازدۇر. شۇڭا سەن ئۇلار توغرىسىدا چوڭقۇر مۇنازىرىگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار توغرىسىدا ھېچكىمدىن سورىمىغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! يېقىندا ئىنسانلار «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ سانى توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىدۇ؛ بىر قىسىم كىشىلەر: «ئۇلار ئۈچتۇر، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بەزىلەر: «ئۇلار بەشتۇر، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئۇلار بۇنى قارىسىغا سۆزلەيدۇ. بەزىلەر: «ئۇلار يەتتىدۇر، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە، «رەببىم ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھ بىلدۈرگەن ئازغىنە كىشى بىلىدۇ» دېگىن ۋە «ئەسھابۇل كەھف» توغرىسىدا ھېچكىم بىلەن چوڭقۇر مۇنازىرىگە كىرمىگىن ۋە ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. وَلَا تَقُولَنَّ لِشَيْءٍ إِنِّي فَاعِلٌ ذَٰلِكَ غَدًا
    سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي — مۇھەممەد سالىھ

    سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھېچبىر نەرسە ئۈچۈن: «مەن ئەتە چوقۇم ئۇنى قىلىمەن» دېمىگىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كەلگۈسىدە بىرەر ئىشنى قىلىشنى كۆڭلۈڭگە پۈكسەڭ، ئۇ ئىش توغرىسىدا: «مەن بۇ ئىشنى كەلگۈسىدە چوقۇم قىلىمەن» دېمىگىن. چۈنكى ئۇ ئىشىنى بەزى توسالغۇلار سەۋەبلىك قىلالماسلىقىڭ، شۇنداقلا سۆزۈڭدە تۇرالماسلىقىڭ مۇمكىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (18-سۈرە كەھف، 24-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە زىكىر دۇئا
    إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ وَاذْكُرْ رَبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلْ عَسَىٰ أَنْ يَهْدِيَنِ رَبِّي لِأَقْرَبَ مِنْ هَٰذَا رَشَدًا
    «خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ دۇرۇس ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن، ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، رەببىڭنى تىلغا ئالغىن ھەمدە: «رەببىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئىنشائاللاھ قىلىمەن» دېگىن. ئۇنتۇغان چېغىڭدا ئاللاھنى زىكىر قىلغىن ۋە: «رەببىم مېنى توغرىغا بۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولغىنىغا ئېرىشتۈرگەي» دېگىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    «ئىنشائاللاھ (ئاللاھ خالىسا) قىلىمەن» دېگىن. «كەلگۈسىدە شۇ ئىشنى قىلىمەن» دېگەن چېغىڭدا «ئاللاھ خالىسا» دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، رەببىڭ ئاللاھنى زىكىر قىلغىن ۋە: «رەببىم مېنى قىلماقچى بولغان ئىشىمدىنمۇ توغرا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ خەيرىلىك بولغان ئىشقا مۇيەسسەر قىلغاي» دېگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    !
  25. (18-سۈرە كەھف، 25-ئايەت) تارىختىن ساۋاقلار
    وَلَبِثُوا فِي كَهْفِهِمْ ثَلَاثَ مِائَةٍ سِنِينَ وَازْدَادُوا تِسْعًا
    ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غارىدا ئۈچيۈز يىل تۇردى. ئۇلار توققۇزنى زىيادە قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    «ئەسھابۇل كەھف» ئۆزلىرى پاناھلانغان غاردا ئۈچ يۈز توققۇز يىل تۇردى. ئەسكەرتىش: بۇ ئۈچ تۈز توققۇز يىل، قەمەرىيە يىلىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان ئاي ۋە يىللار قەمەرىيە بويىچە ھېسابلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. قُلِ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثُوا ۖ لَهُ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ أَبْصِرْ بِهِ وَأَسْمِعْ ۚ مَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا يُشْرِكُ فِي حُكْمِهِ أَحَدًا
    ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئۇ بىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈشى ۋە ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر ۋەلىيسى يوقتۇر. ئۇ ھاكىمىيىتىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ غاردا تۇرغان مۇددىتى توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشقانلارغا ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ غاردا تۇرغان مۇددىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئاللاھ بەرگەن مەلۇماتقا ئىشىنىش لازىم. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى كۆرۈشى ۋە ھەر ئاۋازنى ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ باشقۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاللاھ داۋاملاشتۇرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايدۇ». «ئەسھابۇل كەھف قىسسەسى»نىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: ئۆز ۋاقتىدا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن ئىلگىرىكى بىر دەۋردە) ئاللاھنىڭ بارلىق، بىرلىكى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بىرقانچە ياش يىگىت، مۇشرىكلارنىڭ ئىچىدە ئۆز ئېتىقادىنى دادىللىق بىلەن ئېلان قىلىپ ئۇلارغا قارشى چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆي - جاي ۋە ئائىلىرىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئىت بىلەن بىرلىكتە بىر غارغا پاناھلىنىدۇ. غاردا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا كېتىپ قاتتىق ئۇخلاپ قالىدۇ ۋە بۇ ئۇيقۇلىرىدىن 309 يىل كېيىن ئويغىنىدۇ. ئويغىنىپ غاردا قانچىلىك ئۇخلاپ قالغانلىقى توغرىسىدا بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ. بەزىلىرى: بىر كۈن ياكى بىر كۈننىڭ بىر قىسمىدا ئۇخلىغانلىقىنى ئويلايدۇ ۋە بۇنى ئېيتىدۇ. بەزىلىرى بولسا، بۇنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشنى ئېيتىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆز ئىچىدىن بىرەيلەننى تاماق ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن يېنىدىكى تەڭگە پۇل بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ئۇ كىشىنى دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئالاھىدە نەسىھەت قىلىپ يولغا سالغان بولسىمۇ نەتىجىدە شەھەر خەلقى ئۇ كىشىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتنىڭ چوقۇم قايىم بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇ كىشى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇلار (ئەسھابۇل كەھف) ھەممەيلەن بىرلىكتە شۇ غاردا ئۆلىدۇ. ئاندىن شەھەر خەلقى، غارنىڭ ئېغىزىنى قانداق ئېتىش توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشىپ، ئاخىرى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ «چوقۇم مەسجىد سالىمىز» دېگەن پىكرى بويىچە غارنىڭ ئېغىزىغا بىر مەسچىت سالىدۇ، شۇنداقلا غارنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋېتىدۇ. ئاللاھ تائالا 6 ~ 8 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەرسا مۇشرىكلارنىڭ ئىشەنمىگەنلىكىگە قاراپ خاپا بولۇشتىن توسىدۇ. ئۆزىنىڭ زېمىندىكى نەرسىلەرنى، زېمىننىڭ زىننىتى قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ۋاقتى كەلگەندە قوپقۇرۇق ھالەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ، ئاندىن 9 ~ 26 - ئايەتلەردە «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ، ئۆز قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاندىن 27 - ئايەتتىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنىڭ ھېچبىر تەلىپىنى قوبۇل قىلماستىن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَاتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ كِتَابِ رَبِّكَ ۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ وَلَنْ تَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
    (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن بۆلەك ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەن رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنى تىلاۋەت قىلغىن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سەن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ باشپاناھ تاپالمايسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاننى ئوقۇغىن، يەتكۈزگىن، ئۆگەتكىن ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغىن. مۇشرىكلارنىڭ مۆجىزە تەلەپ قىلىشلىرىغا قۇلاق سالمىغىن. رەببىڭنىڭ سۆزلىرىنى، جۈملىدىن رەببىڭنىڭ ياخشىلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىش، يامانلارغا جازا بېرىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا سەن ئىبادەت ۋە دەۋەت ۋەزىپەڭنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. ناۋادا رەببىڭنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلساڭ، يامانلارنىڭ قاتارىدا جازالىنىشقا لايىق بولىسەن ۋە ئۇ چاغدا سېنى رەببىڭدىن غەيرىي قوغدىيالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. «تىلاۋەت» يۇقىرىدا ئىپادىلەنگەندەك، لەۋزىنى ئوقۇش، مەنىسىگە ئەمەل قىلىش دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنىگە بىرقانچە ئايەت دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە ئايەتتە بۇ «تىلاۋەت»نىڭ مەنىسىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَنْ ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا
    سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، داۋاملىق ئاشقۇنلۇق قىلىدىغان ئادەمگە ئەگەشمىگىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن رەببىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلار بىلەن بللە بولۇشقا سەۋر - تاقەت قىلىغىن. بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى دەپ كۆزلىرىڭ ئۇلاردىن باشقىسىغا چۈشمىسۇن. بىز قەلبىنى زىكرىمىزدىن غاپىل قىلغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە ئىشىدا ھەددىدىن ئاشقان كىشىگە ئىتائەت قىلمىغىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ھەر دائىم ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلار بىلەن بىللە زىكىر - تەسبىھ ئېيتىش، دۇئا - تەلەپ قىلىش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى بىللە ئادا قىلىشقا سەۋر - تاقەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشقا ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇرغۇزغىن. دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن كۆزلىرىڭ ئۇلاردىن ئۆتۈپ باياشاتچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كافىرلارغا چۈشمىسۇن. بىز تەرسالىقى، تەكەببۇرلۇقى ۋە گەدەنكەشلىكى سەۋەبلىك قەلبىنى مۆھۈرلەپ بىزگە تائەت - ئىبادەت قىلىشتىن غاپىل قىلىش جازاسى بەرگەن، نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ئازغۇنلۇقنى تاللىغان ۋە ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ تەكلىپىگە بويسۇنۇپ، يېنىڭدىكى ئاجىز - ئورۇق مۇئمىنلارنى قوغلىۋەتمىن. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇئمىنلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، كەمتەر بولۇشقا ۋە مېھىر - شەپقەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. كافىرلارغا تەبلىغ قىلىش ئارزۇسى بىلەن ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن، بولۇپمۇ ئۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ مۇئمىنلارغا كۆڭۈل بۆلمەي قېلىشتىن توسىدۇ. بۇ ئايەتلەردىكى خىتاب باشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۇممىتى بولغان ھەر مۇئمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، مۇئمىنلارنىڭ بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشى لازىملىقىنى ۋە ھېچبىر سەۋەب بىلەن بۇنىڭغا سۇسلۇق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا كۆيۈمچان ۋە بىر - بىرى بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ مەنىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى، ھەقنى يەتكۈزۈشتە دەلىللىك قىلىپ چۈشەندۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىشنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. دەرۋەقە مۇئمىننىڭ ۋەزىپىسىمۇ باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا تولۇق ئىشەنچ ۋە روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىشتۇر. زورلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر ئىنسانغا دىننى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئەركىنلىك بەرگەن. ۋاز كېچىشكە ۋە مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھەقكە دەۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى دەۋەتچىنىڭ شۇ ھەقتە مۇستەھكەم تۇرۇشى شەرت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. وَقُلِ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنْ شَاءَ فَلْيُؤْمِنْ وَمَنْ شَاءَ فَلْيَكْفُرْ ۚ إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا ۚ وَإِنْ يَسْتَغِيثُوا يُغَاثُوا بِمَاءٍ كَالْمُهْلِ يَشْوِي الْوُجُوهَ ۚ بِئْسَ الشَّرَابُ وَسَاءَتْ مُرْتَفَقًا
    (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- «بۇ ھەق -قۇرئان- رەببىڭلار تەرىپىدىندۇر، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار تەشنالىقتىن سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان -ناھايىتى قىزىق- سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «بۇ ھەق رەببىڭلار تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كافىر بولسۇن». بىز زالىملارغا شۇنداق ئوت تەييارلىدۇقكى، ئۇنىڭ تامدەك يالقۇنلىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار تەشنالىقتىن نالە - پەرياد قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر تۈرلۈك سۇ بىلەن ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! ئۇ نېمىدېگەن يامان ئارامگاھ!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە ھەددىدىن ئاشقان ئۇ غاپىللارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! مېنىڭ دەۋەت قىلىۋاتقىنىم رەببىڭلاردىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. خالىغان كىشى ئىشەنسۇن، خالىغان كىشى ئىنكار قىلسۇن». ئىشەنگەنلەر ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ، ئىشەنمىگەنلەر ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىز ئىشەنمەسلىك بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئوت تەييارلىدۇق، ئۇ ئوتنىڭ تامدەك يالقۇنلىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە تەشنالىقتىن سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان ۋە ئىچمەكچى بولغانلارنىڭ يۈزلىرىنى ھارارىتى بىلەن كۆيدۈرىدىغان بىر تۈرلۈك سۇ بېرىلىدۇ. بۇ سۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! ئۇ ئوت (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان ئارامگاھ! بۇ ئايەتنىڭ «ئۇ ئوتنىڭ تامدەك يالقۇنلىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىسى دوزاخ ئوتىنىڭ ھەر تەرەپتىن ئۇلارنى قورشىۋالىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى كۆيدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە : «ئۇلارنىڭ ئاستىدا ئوتتىن تۆشەك، ئۈستىدە ئوتتىن يوتقانلار بولىدۇ»، «ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ ئوتتىن سايىلەر، ئاستىدىمۇ ئوتتىن سايىلەر بولىدۇ»، «كافىرلار يۈزلىرىدىن ۋە دۈمبىلىرىدىن دوزاخ ئوتىنى توسالمايدۇ»، «بىز جەھەننەمنى كافىرلار ئۈچۈن زىندان قىلدۇق»، «ئۇلارنىڭ كىيىملىرى قەتىراندىن بولىدۇ، يۈزلىرىنى ئوت ئورىۋالىدۇ»، «ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ». ئەسكەرتىش: ئايەتنىڭ «خالىغان كىشى ئىشەنسۇن، خالىغان كىشى ئىنكار قىلسۇن» دېگەن ئىپادىسى دۇنيادا ئىنسانلارغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر ئىنسان ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن توغرا يولنى ياكى خاتا يولنى تاللايدۇ. ئاندىن بۇ تاللىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ھېچكىمنىڭ نەتىجىنى تاللاش ئەركىنلىكى يوق، يەنى خاتا يولنى تاللىغانلار توغرا مەنزىلگە بارالمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەرھەمەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارغا تاللاش ئەركىنلىكى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئايەتلەرنىڭ ئىچىدە ياكى ئۇلارنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەردە خاتا تاللاشتا بولغانلارنى يامان نەتىجىگە دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. «مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان بىر تۈرلۈك سۇ» ئەھلى دوزاخقا ئوتنىڭ ئىچىدە تەشنالىقتىن سۇ تەلەپ قىلغاندا بېرىلىدۇ. لېكىن ئۇلارغا ئادەتتە ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ، زەرداب سۇ، يىرىڭ قاتارلىق ئىچىملىكلەر بېرىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ مَنْ أَحْسَنَ عَمَلًا
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ، رەببىدىن كەلگەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغانلارغا بېرىلىدىغان جازا. ئەمما ئۇ ھەقىقەتكە ئىشەنگەن ۋە ئۇ ھەقىقەت ئۆز ئىچىگە ئالغان ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىنى «ياخشى ئىش قىلغان كىشى» دەپ تەرىپلەيدۇ ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئۇ كىشىنى تونۇتىدۇ، شۇنداقلا بۇ ۋەدىسىنى تەكىتلەيدۇ: «ياخشى ئىش قىلغان كىشى» - ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شەك - شۈبھىسىز ئىشەنگەن، ئاللاھ يولىدا جان ۋە ماللىرى بىلەن جىھاد قىلغان، بەش ۋاقىت نامازنى لايىق رەۋىشتە ئۆتىگەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلانغان ۋە ھەرقانداق شارائىتتا ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان كىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. أُولَٰئِكَ لَهُمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِنْ ذَهَبٍ وَيَلْبَسُونَ ثِيَابًا خُضْرًا مِنْ سُنْدُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ ۚ نِعْمَ الثَّوَابُ وَحَسُنَتْ مُرْتَفَقًا
    ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدن جەننەتلىرى بار. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. ئۇلار نىپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن تىكىلگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! ئۇ نېمىدېگەن ياخشى ئارامگاھ!‏ — ئەنەس ئالىم

    رەببىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنگەن ۋە ئۇ ھەقىقەتكە ئەمەل قىلغان ئۇ كىشىلەر ئەدن جەننەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا ئۇ جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەر سېلىپ قويۇلىدۇ. ئۇلار قېلىن ۋە نىپىز يىپەكلەردىن تىكىلگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ، نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! ئۇ جەننەتلەر نېمىدېگەن ياخشى ئارامگاھ! «ئەدن جەننەتلىرى» ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ، لۇغەتتە «ئەدن» - تۇرماق، تۇراقلاشماق، ماكانلاشماق دېگەن مەنىلەردە، «جەننەتلەر» - باغلار دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بۇ بىرىكمە سۆز، «مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جەننەتلەر» دېگەن مەنىدە قىيامەت كۈنى ياخشىلار مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان جەننەت باغلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ «ئەدن جەننەتلىرى» قۇرئان كەرىمدە بۇ ئايەت بىلەن بىرلىكتە 11 يەردە ئۆتكەن بولۇپ، 10 يەردە بۇ جەننەتلەرنىڭ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنىدۇ. بىر يەردە ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئەرشنىڭ ئەتراپىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ ئۇ جەننەتلەرنى تەۋبە قىلغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەرگە ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن بارلىق مۇئمىنلار قىيامەت كۈنى ئۇ جەننەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە ئەبەدىي ھاياتلىق، دائىمىي ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، چەكسىز ئېھتىرام، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، جەننەتكە كىرگەن ئاتا - ئانا، ئەر - خوتۇن، بالا - چاقا ھەممەيلەن جەم بولۇش، خالىغان ئارزۇسىغا يېتىش ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش قاتارلىق ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 29 ~ 31 - ئايەتلەردە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنى تەبلىغ قىلىشى بىلەن ئىنسانلارغا ھەقىقەتنىڭ كەلگەنلىكىنى، خالىغانلارنىڭ ئۇ ھەقىقەتكە ئىشىنىش، خالىغانلارنىڭ ئىنكار قىلىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى، ئىشەنگەنلەرنىڭ ۋە ئىشەنمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ. 32 ~ 44 - ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلًا رَجُلَيْنِ جَعَلْنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيْنِ مِنْ أَعْنَابٍ وَحَفَفْنَاهُمَا بِنَخْلٍ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمَا زَرْعًا
    ئۇلارغا مۇنداق (بىرى مۆمىن، بىرى كاپىر بولغان) ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە (يەنى كاپىرغا) بىز ئەتراپى خورمىزارلىق، (ئىككى باغنىڭ) ئوتتۇرىسى ئېكىنزارلىق بولغان تاللىق ئىككى باغ ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا مۇنداق ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە بىز ئەتراپى خورمىزارلىق، ئوتتۇرىسى ئېكىنزارلىق بولغان تاللىق ئىككى باغ ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ بەرگىن: بىز ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۈزۈملۈك ئىككى باغ ئاتا قىلغان ئىدۇق. بۇ ئىككى باغنىڭ ئەتراپىنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قورشاپ ئوتتۇرىسىدا ئېكىنزارلىق قىلغان ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەندىن ئاجىز - ئورۇق مۇئمىنلارنى قوغلىۋېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان ھاكاۋۇر مۇشرىكلارغا، بىرى مۇئمىن بىرى كافىر بولغان مۇنۇ ئىككى ئادەمنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ بەرگىن: بىز ئۇلارنىڭ كافىر بولغىنىغا ئۈزۈملۈك ئىككى باغ ئاتا قىلغان، ئىككى باغنىڭ ئەتراپىنى خورما دەرەخلىرى بىلەن قورشىغان ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىرائەتلەر مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدۇق. يەنى ئۇ كافىرنىڭ، ئىچىدە ئۈزۈملەر يېتىشكەن، ئەتراپى خورما دەرەخلىرى بىلەن ئورالغان، ئوتتۇرىسىدا ھەر تۈرلۈك زىرائەتلەر ئۆسكەن ھالەتتە، مەنزىرىسى كۆركەم ۋە ھوسۇلى مول ئىككى بېغى بار ئىدى. ئۇ كافىر بۇ ئىككى باغنى بىز ئاتا قىلغان ئىمكان ۋە كۆڭلىگە سالغان ئىلھام بىلەن ئەنە شۇنداق يېتىشتۈرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. (18-سۈرە كەھف، 33-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى رىزىق
    كِلْتَا الْجَنَّتَيْنِ آتَتْ أُكُلَهَا وَلَمْ تَظْلِمْ مِنْهُ شَيْئًا ۚ وَفَجَّرْنَا خِلَالَهُمَا نَهَرًا
    ھەر ئىككىلىسى كەم ـ كۈتىسىز، تولۇق مېۋە بېرىدىغان باغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنى بەرپا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئىككىلىسى كەم ـ كۇتىسىز، تولۇق مېۋە بېرىدىغان باغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنى بەرپا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    باغلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھېچ نەرسە كەم قىلماستىن مېۋىلىرىنى تولۇق بېرەتتى. بىز ئۇ ئىككى باغنىڭ ئارىسىدىن ئۆستەڭ ئېقىتقان ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ھەر ئىككى باغ ئۈزۈم، خورما ۋە ھەر تۈرلۈك ئاشلىق ھوسۇللىرىنى كېمەيتمەستىن تولۇق بېرەتتى. بىز ئۇ ئىككى باغنىڭ سۇغىرىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر ئۆستەك ئېقىتقان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (18-سۈرە كەھف، 34-ئايەت) كىبىر
    وَكَانَ لَهُ ثَمَرٌ فَقَالَ لِصَاحِبِهِ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَنَا أَكْثَرُ مِنْكَ مَالًا وَأَعَزُّ نَفَرًا
    ئۇ (يەنى باغ ئىگىسى) نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم (يەنى خىزمەتچىلىرىم، بالىلىرىم، ياردەمچىلىرىم) سېنىڭدىن كۆپ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم سېنىڭدىن كۆپ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئادەمنىڭ باشقا مال - مۈلكىمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇرادىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىۋېتىپ ئۇنىڭغا: «مەن ئىقتىسادىي جەھەتتە سەندىن باي، ئادەم سانى جەھەتتە سەندىن كۈچلۈكمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرنىڭ مۇئمىن بىر بۇرادەرى بار ئىدى. ئۇ كافىر بۇ نېمەتلەر بىلەن كۆرەڭلەپ ھەددىدىن ئاشقىلى تۇرغاندا، ئۇ مۇئمىن بۇنىڭغا نېمەتنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن توغرا يولدا مېڭىش لازىملىقى، ئەكسى تەقدىردە ئاللاھنىڭ جازاسىغا يولۇقىدىغانلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلسا، ئۇ كافىر بۇ مۇئمىن بىلەن مۇنازىرىلەشتى ۋە پو ئېتىپ: «ئاداش! مېنىڭ مال - مۈلكىم سېنىڭكىدىن كۆپ؛ مېنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۈزۈم، خورما ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىم، باشقا مال - مۈلۈكلىرىم بار. جەمەتىم ۋە ئادەملىرىم سېنىڭكىدىن كۈچلۈك: زۆرۈز تېپىلسا ياردەمگە چاقىرسام ھەممىسى بىردەك سەپەرۋەر بولۇپ يېنىمغا كېلىدۇ. سەنچۇ؟ سېنىڭ نېمەڭ بار؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَنْ تَبِيدَ هَٰذِهِ أَبَدًا
    ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بېغىغا كىرىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا بېغىغا كىرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى يوق بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىمايمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىر ھېلىقى مۇئمىن بۇرادىرى بىلەن بىللە باغلىرىغا كىردى ۋە ناھايىتى كۆرەڭلىگەن ھالەتتە ئۇ بۇرادىرىگە مۇنداق دېدى: «ئاداش! مېنىڭچە بۇ باغلار ھەرگىزمۇ يوقالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (18-سۈرە كەھف، 36-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُدِدْتُ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِنْهَا مُنْقَلَبًا
    شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت قايىم بولىدۇ دەپمۇ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ، مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە ئۇ يەردە چوقۇم بۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاپىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    مېنىڭچە قىيامەت قايىممۇ بولمايدۇ. ناۋادا سەن دەۋا قىلغاندەك، قىيامەت قايىم بولۇپ قالسا ۋە مەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلسام، ئۇ يەردە بۇ باغلىرىمدىن ياخشى بايلىققا ئېرىشىمەن، چۈنكى بۇ باغلار تەلىيىمنىڭ ھەمىشە ئوڭدىن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەمەسمۇ!». ئەسكەرتىش: كافىرلارنىڭ خاتا كەتكەن يېرى، ئۇلارنىڭ ئاخىرەتنى مۇشۇ دۇنياغا ئوخشىتىپ چۈشىنىۋېلىشىدۇر؛ بۇ دۇنيادا ئۆزلىرىگە بىرەر سىناق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە بېرىلگەن مال، مۈلۈك، مەرتىۋە، مەنسەپ، ۋە يۈز - ئابرۇي... قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىگە بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ «زۇۋۇلىسىنىڭ چوڭ ئۈزۈلگەن»لىكى ئۈچۈن ئۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئاخىرەتتىمۇ ئىشلارنىڭ ئوڭدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە ئالدىنىدۇ ۋە پېقىر - مىسكىن، ئاجىز - ئورۇقلارنىڭ بەختسىز يارىتىلغانلىقىغا، شۇنداقلا نېمەتلەردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى «تەتۈر پېشانە، كاج تەلەي،...» دەپ ئۆزلىرىچە كەمسىتىدۇ. «ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ قالسا، بىز بۇ دۇنيادىكىگە ئوخشاش يەنە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىمىز» دەپ بىلجىرلايدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئەنە شۇ كافىرلارنىڭ بۇ ئىچكى دۇنياسىنى بايان قىلىدۇ، بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارغا مال - مۈلۈك ۋە مەرتىۋە - مەنسەپ بېرىلىشىنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا
    ئۇنىڭغا (مۆمىن) بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى ئەسلىدە تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەمگە بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتقان، ئاندىن كېيىن سېنى بېجىرىم ئادەم قىلغان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسەن؟ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرنىڭ يېنىدىكى مۇئمىن بۇرادىرى، ئۇنىڭ كۆرەڭلەپ ئېيتقان مەزكۇر نالايىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «ئاداش! سېنى تۇپراقتىن ۋە ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن يارىتىپ، بېجىرىم ئادەم قىلغان ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىشىڭ توغرا بولمايدۇ، ۋىجدانغا سىغمايدۇ. ئەسلىڭنى ئويلىغىن، كىچىك چېغىڭنى ئەسلىگىن. ئۇنداق قىلما ئاداش! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. لَٰكِنَّا هُوَ اللَّهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا
    لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۇ ئاللاھنى (ئېتىراپ قىلىمەن)، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن مەن رەببىم بولغان ئۇ ئاللاھ نى ئېتىراپ قىلىمەن، رەببىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇ زات ئاللاھتۇر، مېنىڭ رەببىمدۇر. مەن رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەن بولسام سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭغا قوشۇلمايمەن. مەن سېنى، مېنى، كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يوقتىن ياراتقان، ساڭا بۇ بايلىقلارنى ئاتا قىلغان زاتنىڭ مېنىڭ رەببىم ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىقاد قىلىمەن ۋە ئۇ رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. وَلَوْلَا إِذْ دَخَلْتَ جَنَّتَكَ قُلْتَ مَا شَاءَ اللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ إِنْ تَرَنِ أَنَا أَقَلَّ مِنْكَ مَالًا وَوَلَدًا
    سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ — مۇھەممەد سالىھ

    سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا «بۇنى ماڭا ئاللاھ ئاتا قىلدى، پۈتۈن كۈچ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە» دېسەڭچۇ! سەن ئەگەر مېنىڭ مال - مۈلكۈمنى ۋە بالا - چاقامنى ئۆزۈڭنىڭكىدىن ئاز كۆرسەڭ، شۇنى بىلگىنكى:‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاداش! سەن باغلىرىڭغا كىرگەن چېغىڭدا، ‹ماشائاللاھ! بۇ، ماڭا ئاللاھنىڭ بەرگىنى. ئاللاھ ياردەم قىلمىغان بولسا، مەن بۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم› دېسەڭ بولماسمىدى؟ سەن چوڭچىلىق قىلىپ مېنى پېقىر، يالغۇز ۋە ئاجىز كۆرسەڭ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. فَعَسَىٰ رَبِّي أَنْ يُؤْتِيَنِ خَيْرًا مِنْ جَنَّتِكَ وَيُرْسِلَ عَلَيْهَا حُسْبَانًا مِنَ السَّمَاءِ فَتُصْبِحَ صَعِيدًا زَلَقًا
    ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلغاي. بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغاي — مۇھەممەد سالىھ

    ئۈمىدكى، رەببىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلغاي. بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغاي — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىسىنى بېرىشى، سېنىڭكىگە ئاسماندىن ئاپەت ئەۋەتىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇپقۇرۇق قاقاس يەرگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن — ئەنەس ئالىم

    مەن رەببىمنىڭ ماڭا سېنىڭ باغلىرىڭدىن ياخشى بايلىق ئاتا قىلىشىنى، كۇفرىلىق ۋە گەدەنكەشلىك قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنىڭ باغلىرىڭنى ئاسماندىن بىرەر ئاپەت ئەۋەتىپ ۋەيران قىلىۋېتىشىنى، شۇنداقلا ئورنىنى تېيىلغاق ۋە تۈپتۈز يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىشى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (18-سۈرە كەھف، 41-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    أَوْ يُصْبِحَ مَاؤُهَا غَوْرًا فَلَنْ تَسْتَطِيعَ لَهُ طَلَبًا
    ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ ئۇنى ئىزدەش (يەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىگەي» — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىگەي»-دېدى- — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، سەن ئۇ سۇنى ئىزدەپ تاپالماسلىقىڭ مۇمكىن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ياكى باغلىرىڭنىڭ سۈيى يەر ئاستىغا سىڭىپ كېتىپ، سەن ئىزدەپ ئۇ سۇنى تاپالماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن». ئەسكەرتىش: بۇ يەردە مۇئمىن كىشى، كافىر ئاغىنىسىنىڭ ئۆز بايلىقلىرى بىلەن مەغرۇرلىنىپ ھەددىدىن ئېشىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۇنى بۇ ئازغۇنلۇقتىن ياندۇرۇش، ئۇنى سىلكىشلەپ ھوشىنى تاپتۇرۇش ئۈچۈن ئەنە شۇ ئۈمىدنى قىلغانلىقىنى ئادىشىنىڭ يۈزىگە ئوچۇق ئېيتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِ فَأَصْبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيْهِ عَلَىٰ مَا أَنْفَقَ فِيهَا وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُشْرِكْ بِرَبِّي أَحَدًا
    ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، ئۈزۈم بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ مېۋىلىرى يەنى بېغى ۋەيران بولدى، تېلىنىڭ بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا ھەسرەت چېكىپ ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن رەببىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تۇزكور ئادەمنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، باغلىرىغا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا ھەسرەت چېكىپ قوللىرىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى. باغلىرى بولسا باراڭلىرى يىقىلغان ھالەتتە تۇراتتى. ئۇ: «كاشكى رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىغان بولسامچۇ!» دەيتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇئمىننىڭ ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشتى: ھەر تەرەپتىن ئاپەت كېلىپ كافىرنىڭ ھوسۇللىرى نابۇت، باغلىرى خاراب، ئېكىنزارلىقلىرى ۋەيران بولۇپ كەتتى. كافىر، بېدىشلىرىنىڭ ئۈستى چۆكۈپ، يانلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىلغان ھالەتتىكى باغلىرى ئالدىدا، بولغان زىيان ۋە كەتكەن چىقىمغا چىدىماي ھەسرەت - نادامەت چېكىشكە باشلىدى. ئۇ ئەسنادا ئۇ كافىر: «كاشكى رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىگەن بولسامچۇ!» دەيتتى. لېكىن ئۇ كافىر ئۈچۈن ۋاقىت توشقان ۋە مۆھلەت تۈگىگەن ئىدى. ۋاقىت قىلمىشىغا تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىش ۋاقتى ئەمەس، ئەكسىچە قىلمىشىنىڭ جازاسىنى چېكىش ۋاقتى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. وَلَمْ تَكُنْ لَهُ فِئَةٌ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مُنْتَصِرًا
    ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭدىن بۇ بالانى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ چاغدا ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق گۇرۇھمۇ بولمىدى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزىمۇ ياردەم قىلالمىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىر ئىلگىرى «ياردەمچىلىرىم، تەرەپدارلىرىم ۋە جەمەتىم كۆپ» دەپ پو ئاتاتتى، لېكىن ئۇنىڭ بېشىغا مۇسىبەت كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان ھېچبىر گۇرۇھى بولمىدى. ئۇ كافىر، ئۆز كۈچى بىلەنمۇ ئۇ جازادىن قۇتۇلالمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. هُنَالِكَ الْوَلَايَةُ لِلَّهِ الْحَقِّ ۚ هُوَ خَيْرٌ ثَوَابًا وَخَيْرٌ عُقْبًا
    بۇ يەردە (يەنى مۇنداق ھالەتتە) مەدەتكار بولۇش پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ (ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، (ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ) ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ يەردە مەدەتكار بولۇش پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، -ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ- ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مانا مۇشۇنداق ھالەتتە ياردەم پەقەت بارلىقى ۋە بىرلىكى ھەق بولغان ئاللاھتىنلا كېلىدۇ. ئۇ ئەڭ ياخشى مۇكاپات ۋە ئەڭ ياخشى ئاقىۋەت ئاتا قىلغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىنسانلار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھتىنلا ياردەم تىلەيدۇ ۋە ئاللاھقا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، لېكىن ئۇ چاغدىكى ئىلتىجا ۋە تەۋبىلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ كافىرمۇ باغلىرى خارابە، ئېكىنزارلىقلىرى ۋەيران ۋە مال - مۈلۈكلىرى نابۇت بولغاندا «كاشكى رەببىمگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىگەن بولسامچۇ!» دېگەن بولسىمۇ، فىرئەۋننىڭ دېڭىزدا غەرق بولۇۋېتىپ كەلتۈرگەن ئىمانى ۋە بۇرۇن ھالاك قىلىنغان قەۋمىلەرنىڭ ئىلاھىي ئازابنى كۆرۈپ كەلتۈرگەن ئىمانى قوبۇل قىلىنمىغاندەك، ئۇنىڭمۇ ئىلاھىي جازا ئەمەلگە ئاشقاندا قىلغان پۇشايمىنى پايدا بەرمىدى. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە بۇ دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان ئادەمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 45 - ۋە 46 - ئايەتلەردە بۇ دۇنيا ھاياتىنىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ فَأَصْبَحَ هَشِيمًا تَذْرُوهُ الرِّيَاحُ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ مُقْتَدِرًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ ـ تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: -ئۇ شۇنىڭغا- ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى تەرەپ ـ تەرەپكە ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىنىڭ مۇنۇ مىسالىنى بايان قىلىپ بەرگىن: بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، ئاندىن قۇرۇپ كۇكۇم - تالقان بولىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. دۇنيا ھاياتى مانا مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مال - مۈلكى ۋە مەرتىۋە - مەنسىپىگە ئالدىنىپ ھەقىقەتكە قارشى چىقىۋاتقانلارغا دۇنيا ھاياتىنىڭ باشتا گۈزەل بولىدىغانلىقىنى، ئاندىن تېزلا يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنۇ مىسالنى بايان قىلغىن: بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ ئەھۋالى، بىز ئاسماندىن (بۇلۇتتىن) چۈشۈرگەن سۇغا ئوخشايدۇكى، ئۇ سۇ بىلەن زېمىندىكى ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاندىن ئۆسۈپ يېتىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزى رەڭگارەڭ گۈللەر، تۈرلۈك - تۈمەن چېچەكلەر، خىلمۇخىل دەل - دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ناھايىتى چىرايلىق تۈسكە كىرىدۇ. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەر نەرسە قۇرۇيدۇ، كۇكۇم - تالغان بولۇپ شاماللار بىلەن ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇنداق پەيدا قىلىشقىمۇ قادىردۇر، يوق قىلىشقىمۇ قادىردۇر. دېمەككى، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتى ۋاقىتلىق، گۈزەللىكى ئۆتكۈنچى بولۇپ، ئۇنى ئاخىرەت ھاياتىدا بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ياشىغانلارلا توغرا ياشىغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ أَمَلًا
    ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى رەببىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    مال ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر. پايدىسى تۈگىمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر بولسا رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ساۋاب قازاندۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى ياخشىدۇر ۋە ئۈمىد باغلاشقا بەكمۇ لايىقتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مال - مۈلۈك ۋە ئوغۇل بالىلار ئەنە شۇ قىسقا مۇددەتلىك دۇنيا ھاياتىدا ئىگىسىگە زوق بېغىشلايدىغان، پايدا يەتكۈزىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشىدىغان نەرسىلەردۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەڭ ئارتۇق بولغاندا ئىگىسىنىڭ ھاياتى بىلەن چەكلىك بولۇپ ئاخىرەتتە ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. مەنپەئەتى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان ياخشى ئەمەللەر بولسا رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ئىگىسىگە مۇكاپات قازاندۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى ياخشىدۇر، ئۈمىد باغلاشقا بەكمۇ لايىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مال - مۈلۈك ۋە ئوغۇل بالىلارغا ئالدانماسلىق لازىم. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىمان بىلەن ئەمەلگە ئۈمىد باغلاش كېرەك. ئاللاھ تائالا 45 - ۋە 46 - ئايەتتە بۇ دۇنيا مەنپەئەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق، ئاخىرەت مەنپەئەتلىرىنىڭ مەڭگۈ باقىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنى دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە ئالدانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە تائەت - ئىبادەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە نەسىھەت قىلىدۇ. 47 ~ 49 - ئايەتتە بولسا، قىيامەتنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئالدىنقى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (18-سۈرە كەھف، 47-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَيَوْمَ نُسَيِّرُ الْجِبَالَ وَتَرَى الْأَرْضَ بَارِزَةً وَحَشَرْنَاهُمْ فَلَمْ نُغَادِرْ مِنْهُمْ أَحَدًا
    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن، ئۇلارنى يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۈن كېلىدۇ، بىز ئۇ كۈندە تاغلارنى قوزغايمىز، سەن يەر يۈزىنى تۈپتۈز ۋە ئوپئوچۇق كۆرىسەن، بىز يەنە ئۇ كۈندە ھېچكىمنى قالدۇرۇپ قويماسىتىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا قىيامەت كۈنى مەيدانغا كېلىدىغان ئىشلارنى بايان قىلغىن؛ بىز ئۇ كۈنى يەر يۈزىدىكى تاغلارنى ئورۇنلىرىدىن قوزغاپ كۇكۇم - تالقان قىلىمىز، ئاندىن چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇپ سورۇۋېتىمىز. زېمىننى تۈپتۈز ۋە ئوپئوچۇق كۆرىسەن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەر نەرسە يوقىلىدۇ. بىز ئەنە شۇ كۈندە بارلىق ئىنسانلارنى ھېساب بېرىشلىرى ئۈچۈن مەھشەرگاھقا يىغىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (18-سۈرە كەھف، 48-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَعُرِضُوا عَلَىٰ رَبِّكَ صَفًّا لَقَدْ جِئْتُمُونَا كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ بَلْ زَعَمْتُمْ أَلَّنْ نَجْعَلَ لَكُمْ مَوْعِدًا
    ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) سەپ ـ سەپ بولۇشۇپ پەرۋەردىگارىڭغا توغرىلىنىدۇ، (كاپىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە (مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ) كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى بېكىتمەيدۇ، دەپ ئويلىغانسىلەر (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساپ بېرىش، جازاغا تارتىلىش يوق دەپ ئويلىغانسىلەر)» دەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سەپ ـ سەپ بولۇشۇپ رەببىڭگە توغرىلىنىدۇ، -كاپىرلارغا-: «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى ئەسلا بېكىتمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلىغانسىلەر» دەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سەپ ھالىتىدە رەببىڭگە توغرىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھۇزۇرىمىزغا بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك كەلدىڭلار. بەلكىدە بىزنىڭ سىلەر ئۈچۈن ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقىت بېكىتمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلىغان ئىدىڭلار[5]».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مەھشەرگاھقا توپلانغاندىن كېيىن سەپ - سەپ ھالىتىدە رەببىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇلىدۇ. رەببىڭ ئاللاھ قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا، «ئى ئىنكارچىلار! بۈگۈن ھۇزۇرىمىزغا، بىز سىلەرنى دەسلەپكى قېتىمدا ياراتقان ۋاقتىمىزدا دۇنياغا كەلگىنىڭلاردەك، يالىڭاچ، يالاڭ ئاياغ، مال - مۈلۈك، بالا - چاقا ۋە يېقىن - يورۇقسىز ھالەتتە كەلدىڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىڭلارنى ۋە دۇنيادا چېغىڭلاردا قىلغان قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىدىغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلاتتىڭلار. مانا ھازىر سىلەر ئۆز ۋاقتىدا ئىنكار قىلغان ھەقىقەتلەر بىر - بىرلەپ ئەمەلگە ئاشتى. قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا يالغۇز ۋە ھېچ نەرسەڭلار يوق ھالەتتە كەلدىڭلار، قيامەتنىڭ ۋە قايتا تىرىلىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزدۈڭلار. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، مەھشەرگاھقا يىغىلىش ۋە ھېساب بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ۋەدە قىلغان، شۇنداقلا ئۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىگەن. ئۇلار دۇنيادا ئاللاھ تائالا بىز ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتنى بەلگىلىمەيدۇ دەپ ئويلىغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئويلىغان بۇ ئويلىرىنى قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا يۈزلىرىگە ئەنە شۇنداق سالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. وَوُضِعَ الْكِتَابُ فَتَرَى الْمُجْرِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَا وَيْلَتَنَا مَالِ هَٰذَا الْكِتَابِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً إِلَّا أَحْصَاهَا ۚ وَوَجَدُوا مَا عَمِلُوا حَاضِرًا ۗ وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا
    كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، رەببىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىنساننىڭ ئالدىغا ئۆز كىتابى قويۇلىدۇ. سەن گۇناھكارلارنىڭ، كىتابلىرىرىدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار: «ۋاي ھالىمىزغا! بۇ قانداق كىتاب! ھېچ نەرسە قالدۇرۇپ قويماي چوڭ - كىچىك ھەممە قىلمىشىمىزنى بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپتۇ!» دەيدۇ. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خاتىرلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ. رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەن ۋە سەپ - سەپ ھالەتتە تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ھەر ئىنساننىڭ قولىغا ئۆز قىلمىشلىرى يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلىدۇ. مۇئمىنلار كىتابلىرىغا يېزىلغان ياخشىلىقلارنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ. گۇناھكارلار بولسا كىتابلىرىغا يېزىلغان يامانلىقلارنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىدۇ ۋە: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بۇ قانداق كىتابكىن، چوڭ - كىچىك ھېچ نەرسىنى چالا قويماي ھەممىسىنى خاتىرلەپتۇ؟!» دەيدۇ. ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا ئۆز قىلمىشىلىرىنى ئۇچرىتىدۇ. رەببىڭ ھېچكىمگە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ھەر كىشى ئۆز كىتابىنى، ئۆزى قىلمىغان بىرەر ئىش يېزىلىپ قالمىغان، ئۆزى قىلغان بىرەر ئىش يېزىلماي قالمىغان، ئەكسىچە ھەر قىلمىشى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن يېزىلغان ھالەتتە كۆرىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا دۇنيادا ھەر ئىنساننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى پەرىشتە ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ پەرىشتىلەر ئۇ ئىنساننىڭ بارلىق سۆز - ھەرىكەتلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. ياخشىلارنىڭ كىتابلىرى «ئىللىيۇن» ئاتلىق «نائەمۇئەمەللەر توپلىمى»دا، يامانلارنىڭ كىتابلىرى بولسا، «سىججىن» ئاتلىق «نامۇئەمەللەر توپلىمى»دا جەم قىلىنىدۇ. قىيامەت كۈنى ھەر كىشىنىڭ كىتابى ئەنە شۇ ئىككى چوڭ توپلامدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا، ياخشى بولسا ئوڭ قولىغا، يامان بولسا ئارقا تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئورنى ئۆز كىتابىغا يېزىلغان قىلمىشلىرىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ؛ قىلمىشلىرى ياخشى بولسا جەننەتكە، يامان بولسا دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا 47 ~ 49 - ئايەتلەردە قىيامەتنى ئەسلىتىدۇ ۋە گۇناھكارلارنىڭ ئۇ كۈندە ئەمەل دەپتەرلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئەسناسىدىكى ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ. 50 ~ 53 - ئايەتلەردە بولسا ئىبلىسنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تارىخىي دۈشمەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۇنى دوست بىلىشتىن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئەگىشىپ گۇناھكار بولۇشتىن توسىدۇ. شۇنىڭدەك، گۇناھكارلارنىڭ ئۇ كۈندىكى باشقا ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ ۚ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا
    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ (سەجدە قىلمىغانلىقتىن) پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۈ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ جىنلاردىن ئىدى. ئۇ رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى. ئى ئىنسانلار! سىلەر يەنىلا مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى ۋەلىي قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. زالىملارنىڭ بۇ ۋەلىي ئالماشتۇرۇشى نېمىدېگەن يامان!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا شۇنىمۇ بايان قىلغىنكى: بىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمنى لايدىن يارىتىپ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە، «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار بۇيرۇقىمىزغا بويسۇنۇپ دەرھال سەجدە قىلدى. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ، جىنلاردىن ئىدى، رەببىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى. ئى ئىنسانلار! سىلەر ئىبلىسنىڭ بۇ دۈشمەنلىكىنى بىلىسىلەر. سىلەر يەنىلا مېنى قويۇپ ئاشكارا دۈشمىنىڭلار بولغان ئەنە شۇ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى دوست توتامسىلەر؟ بۇ، سىلەرگە يارىشامدۇ؟ ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلار تۇرۇقلۇق ئۇلارنى قانداقمۇ دوست تۇتىسىلەر؟! ئىبلىسكە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بۇ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئىبلىسنىڭ ئەۋلادىنى دوست تۇتۇشى نېمىدېگەن قەبىھ ئىش! ئادەم ئاتا بىلەن ئىبلىسنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» دېگەن. ئاندىن ئادەمنى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە روھ پۇۋلىگەن چاغدا پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىبلىس سەجدە قىلمىغان. ئاللاھ تائالا ئىبلىستىن «سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ تەكەببۇرلۇق قىلىپ: «مەن ئادەمدىن ياخشى، مېنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشىم مۇۋاپىق بولمايدۇ» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئىبلىسنى، قىيامەتكىچە مۆھلەت تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان. ئىبلىس ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالاغا ئادەمنىڭ ئەۋلادىنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئازدۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىخلاسمەن بەندىلەرنى ئازدۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قىيامەتكىچە لەنەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى دوزاخقا تاشلاپ دوزاخنى ئۇلار بىلەن تولدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئۇنى ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەتكەن. ئادەمنى بولسا، ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا بىلەن جەننەتتە قېلىپ ياشاشقا بۇيرۇغان. جەننەتتە خالىغانچە يەپ - ئىچسە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بىر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېمەسلىكى لازىملىقىنى ئېيتقان، ئىبلىسنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. لېكىن ئادەم جۈپتى ھەۋۋا بىلەن ئىبلىسكە ئەگىشىپ ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۇ جەننەتتىن چىقىرىپ زېمىنغا چۈشۈرۈۋەتكەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ قىسسەنى بىرقانچە قېتىم بايان قىلغان بولۇپ، ئۇنى ھەر قېتىم بايان قىلغاندىكى ھېكمىتى پەرقلىقتۇر. مەسىلەن: ئۇ قىسسە بەزى يەردە ئىنسانلارغا يارىتىلىشنىڭ باشلانغۇچ قىسمىنى بىلدۈرۈش، بەزى يەردە ئىنسانلارغا قىلغان ئىلتىپاتىنى ئەسلىتىش، بەزى يەردە ئىبلىسنىڭ دۈشمەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن بايان قىلىنىدۇ. بەزى يەردە بولسا، تەكەببۇرلۇق قىلىش، باشقىلارنى كەمسىتىش، ئەسلى بىلەن مەغرۇرلىنىش ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ يامانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسسە بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئايەتلەر، قىسسەنىڭ شۇ يەردە بايان قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىبلىس ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىشقا چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، شەيتانغا ئايلانغاندىن كېيىن قىيامەتكە قەدەر ئاللاھنىڭ لەنىتىگە مەھكۇم بولغان. شۇڭا ئۇ قىيامەتكە قەدەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئىنسانلارنى يامان يولغا باشلاش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكىمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەتنى ۋە ئىمكاننى بەرگەن. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن بارلىق ئىنسانلارغا شەيتاننىڭ دۈشمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ ۋەسۋەسە ۋە ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. ھەتتا ئۇنى دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرۇغان. ئۇنى دوست تۇتقانلارنىڭ ئازغۇنلۇقتا قېلىشقا لايىق بولىدىغانلىقىنى ۋە كافىر بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇڭلاشقا نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئەنە شۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سېلىش، بۇيرۇقىغا ۋە چەكلىشىگە بويسۇنۇش بىلەن شەيتاننى دوست تۇتماسلىق، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماسلىق، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇش، ئەكسىچە ئاللاھنى دوست تۇتۇش ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. مَا أَشْهَدْتُهُمْ خَلْقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَا خَلْقَ أَنْفُسِهِمْ وَمَا كُنْتُ مُتَّخِذَ الْمُضِلِّينَ عَضُدًا
    ئۇلار (يەنى شەيتانلار) غا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق (يەنى مەزكۇرلارنى خەلق ئەتكەن چېغىمدا ئۇلارنى ھازىر قىلغىنىم يوق)، (كىشىلەرنى) ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق، كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن ئۇلارنى ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتقان چېغىمدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ياراتقان چېغىمدىمۇ يېنىمدا تۇرغۇزمىدىم. مېنىڭ ئۇ ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاسمانلارنى، زېمىننى، ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى مەن يالغۇز ياراتتىم. مەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان چېغىمدا ماڭا ياردەملىشىشى ئۈچۈن ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى يېنىمدا تۇتقىنىم يوق. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى ياراتقان چېغىمدا يەنە بىر بەزىسىنى يېنىمدا تۇتقىنىممۇ يوق. مېنىڭ ھېچبىر ياردەمچىگە ئېھتىياجىم يوق. پىلانلاش، يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە ياراتقان مەخلۇقاتىمنى لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەش پەقەتلا مەن قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشلاردۇر. ئۇنداقتا، بۇ ئىشلاردا ھېچبىر ئورتاقچىلىقى بولمىغان ئىبلىسكە ۋە ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە قانداقمۇ ئىتائەت قىلىسىلەر؟ ماڭا قانداقمۇ ئاسىيلىق قىلىسىلەر؟ ئى مۇشرىكلار! يارىتالايدىغان ئاللاھ بىلەن يارىتالمايدىغان ئىبلىس ئوخشاش بولامدۇ؟ يارىتالايدىغان ئاللاھ بىلەن يارىتالمايدىغان مەبۇدلىرىڭلار ئوخشاش بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزسەڭلار بولمامدۇ؟. دېمەككى، مۇشرىكلار ئەقلىنى ئىشلەتسە، تەپەككۇر قىلسا، ئويلانسا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. دەرۋەقە مۇشرىكلارنىڭ بىر قىسىم ئىبادەتلىرىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىشى، ئاللاھتىن غەيرىيدە ياراتقۇچىلىق، باشقۇرغىچىلىق ۋە باققۇچىلىق (خالىقلىق، مۇدەببىرلىك، رەززاقلىق) كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھەددىدىن زىيادە ئەخمەق بولغانلىقى ۋە ئەقىللىرىنى ھېچ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا ھەر قانداق مۇشرىكتىن «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟ رىزىق بېرىش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟» دەپ سورالسا، ئۇ مۇشرىك ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (18-سۈرە كەھف، 52-ئايەت) ھىساب شېرىك
    وَيَوْمَ يَقُولُ نَادُوا شُرَكَائِيَ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُمْ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ مَوْبِقًا
    شۇ كۈندە ئاللاھ (ئۇلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ ئويلىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلار (نىڭ شېرىكلىرى) جاۋاب بېرەلمەيدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئۇلار ئۆتەلمەيدىغان) ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ كۈندە ئاللاھ -ئۇلارغا- ئېيتىدۇ: «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ ئويلىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى ئىجابەت قىلمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت كۈنى ئاللاھ مۇشرىكلارغا: «قېنى،‎ ‎سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار!» دەيدۇ. ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ھېچبىرى جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ھالاكەتلىك جاي پەيدا قىلىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا قىيامەت كۈنى بولىدىغان مۇنۇ ئىشنى بايان قىلغىن: ئاللاھ مۇشرىكلارغا «دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ‹بىزگە شاپائەت قىلىدۇ› دېگەن خاتا ئېتىقاد بىلەن ماڭا ئىبادەتتە شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار قېنى!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار ئۇ مەبۇدلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ مەبۇدلار ئۇ مۇشرىكلارغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا ھالاكەتلىك جاي بولغان دوزاخنى پەيدا قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. وَرَأَى الْمُجْرِمُونَ النَّارَ فَظَنُّوا أَنَّهُمْ مُوَاقِعُوهَا وَلَمْ يَجِدُوا عَنْهَا مَصْرِفًا
    گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا چوقۇم كىرىدىغانلىقىنى جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تاشلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    گۇناھكارلار مەھشەرگاھتا دوزاخنى كۆرۈپلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن بارلىق ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا توپلىغان چاغدا، مۇشرىكلارنى ئەيىبلەش، سىلكىش ۋە مەبۇدلىرىنىڭ ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا، «قېنى، سىلەر دۇنيادا مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، سىلەرگە ياردەم قىلسۇن! سىلەرنى مېنىڭ ئازابىمدىن قۇتقۇزسۇن!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار ھودۇقۇپ كېتىپ ئۇلارنى ياردەم قىلىشقا چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇ مەبۇدلار مۇشرىكلارنىڭ چاقىرىقلىرىغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ، يەنى ئۇلارغا ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ھالاكەتلىك جاي بولغان دوزاخنى پەيدا قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىنى قەتئىي رەۋىشتە بىلىدۇ، دۇنيادىكى چېغىدا مۇئمىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ ۋە دوزاختىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاي تاپالمايدۇ. نەتىجىدە باتىل مەبۇدلارنىڭ دۇنيادا ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىغا پايدىسى بولمىغاندەك، ئاخىرەتتىمۇ پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چوقۇنغۇچىلار ۋە مەبۇدلار ھەممىسى بىرلىكتە دوزاخنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ. ئەسكەرتىش: بەزى مۇشرىكلار چوقۇنغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ چوقۇنۇلۇشىغا رازى بولمىغان ياخشى كىشىلەر قىيامەت كۈنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يامان ئاقىۋەتكە يولۇقمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئلتىپاتىغا ئېرىشىپ ئالىي ماقاملاردا بولىدۇ. مەسىلەن: خىرىستىيانلار چوقۇنغان ئىيسا ۋە ئۇنىڭ ئانىسى مەريەم ئەلەيھىسسالاملار، مەككە مۇشرىكلىرى چوقۇنغان پەرىشتىلەر، يەھۇدىيلار چوقۇنغان ياخشى ئۆلىمالار... ھەرگىزمۇ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. وَلَقَدْ صَرَّفْنَا فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ لِلنَّاسِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ ۚ وَكَانَ الْإِنْسَانُ أَكْثَرَ شَيْءٍ جَدَلًا
    بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. ئىنسان كۆپ دەتالاش قىلىدۇ (يەنى كۆپ جېدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. ئىنسان كۆپ دەتالاش قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر مىسالنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنسان بەك كۆپ دەتالاش قىلغۇچى شەيئىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىشى، شۇنداقلا يامان يولدىن يېنىپ توغرا يولغا كېلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. لېكىن ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇش، دەتالاش قىلىش ۋە مۇنازىرىلىشىش سۆيگۈسى بولغانلىقى ئۈچۈن تەرسا ئىنسانلار ئۇ مىساللارغا قاراپ ھەقىقەتنى چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا ھەقىقەتكە قارشى دەتالاش قىلىشتى، شۇنداقلا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدە ھەق بىلەن باتىلنى تونۇتۇش، قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلاش، دۇنيا ھاياتىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرۈش، توغرا يولدىكىلەرنىڭ ۋە خاتا يولدىكىلەرنىڭ پەرقىنى بىلدۈرۈش... قاتارلىق ھېكمەتلەر بىلەن پەرقلىق مىساللار بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ مىساللار ئادەتتە ئىنسانلار كۈندىلىك ھاياتىدا كۆپ ئۇچرىتىدىغان، بىلىدىغان ۋە كۆرىدىغان ھادىسىلەر، ئەھۋاللار ۋە ئىشلاردىن تاللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر مىسال چوڭقۇر مەنىنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا چىقىرىدۇ، زېھىندىن يىراق ھەقىقەتنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەقىل بىلەن بىلىنىدىغان ھېكمەتلەرنى سەزگۈ ئەزالار بىلەن بىلگىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا مەسىلىنى چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ وَيَسْتَغْفِرُوا رَبَّهُمْ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ قُبُلًا
    ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت (ئاللاھنىڭ) بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى (يەنى ھالاك قىلىشنى كۈتىدىغانلىقلىرى) ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى (كۈتىدىغانلىقلىرى) ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت ئاللاھنىڭ بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى كۈتىدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلىنغان قانۇننىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنى ياكى ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە روبىرو كېلىشىنى كۈتۈشلىرىلا، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توستى.‏ — ئەنەس ئالىم

    قۇرئاندا ھەقىقەت مىساللار بىلەن شۇنچە ئېنىق بايان قىلىنغان تۇرۇقلۇق، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىمان كەلتۈرمەسلىكى ۋە ئازغۇنلۇقتىن قايتماسلىقى، ئۇلار ئۇ ھەقىقەتتە بىرەر نۇقسان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقىدىن، بۇرۇنقى قەۋملەرگە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن (تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋېتىش) قانۇنىنىڭ ئۆزلىرىگىىمۇ ئىجرا قىلىنىشىنى ياكى ئۆزلىرىگە ئىلاھىي ئازابنىڭ ئاشكارا ھالدا كېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە كۈتكەنلىكى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە ئۆز ۋاقتىدىكى تەرسا مۇشرىكلار بەزى چاغدا: «ئى ئاللاھ! ئەگەر مۇھەممەدنىڭ ئېيتقانلىرى ھەق بولىدىغان بولسا، ئۈستىمىزگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە ئەلەملىك ئازاب كەلتۈرگىن» دېگەن ئىدى، بەزى چاغدا «رەببىمىز! بىزنىڭ ئازابتىن نېسىۋىمىزنى ھېساب كۈنىدىن ئىلگىرى تېز ئەۋەتكىن» دېگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەن ئىدىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، ئىمان كەلتۈرمىگەن تەقدىردە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى يەتكۈزسە، ئۇلار: «قېنى ئازاب! ساڭا ئەگەشكۈچە ئازابقا دۇچار بولىمىز. سېنىڭ يولۇڭ ھەق بولىدىغان بولسا، بىز ئۇ ھەقكە ئەگىشىشتىن ھالاك بولۇپ كېتىشنى ئەلا كۆرىمىز» دېگەن مەنىدە تەلەپلەرنى قىلاتتى. ھەتتا ئازابقا دۇچار بولۇشنى بىۋاسىتە ئاللاھتىن تىلەيتتى. ئۇ مۇشرىكلارنى قۇرئانغا ۋە ئۇنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئەنە شۇ تەرسالىقى توسقان. بۇرۇنقى ئۇممەتلەر ئەنە شۇنداق تەرسالىق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان. مەسىلەن: نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بىزنى تەھدىت قىلغان ئازابنى بىزگە كەلتۈرگىن» دەپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە ھالاك بولغان. ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بىزنى تەھدىت قىلغان ئازابنى بىزگە كەلتۈرگىن» دەپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە ھالاك بولغان. سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، «ئەگەر پەيغەمبەرلەردىن بولىدىغان بولساڭ، بىزنى تەھدىت قىلغان ئازابنى بىزگە كەلتۈرگىن» دەپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە ھالاك بولغان. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، ئاللاھنىڭ ئازابىنى بىزگە كەلتۈرگىن» دەپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە ھالاك بولغان. شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، ئۈستىمىزگە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرگىن» دەپ ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە ھالاك بولغان. مەككىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تەرسا مۇشرىكلىرىمۇ ئەنە شۇ قەۋملەردەك، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئاللاھنىڭ ئازابىغا يولۇقۇپ ھالاك بولۇپ كېتىشنى ئەلا بىلگەن؛ ئۇلار تەرسالىقىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئەنە شۇ بۇرۇنقى قەۋملەرگە ئىجرا قىلىنغان ھالاك قىلىۋېتىش قانۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭمۇ ھالاك قىلىنىشىنى كۈتكەنلىكى ئۈچۈن ئىمان كەلتۈرمىگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ ۚ وَيُجَادِلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ ۖ وَاتَّخَذُوا آيَاتِي وَمَا أُنْذِرُوا هُزُوًا
    بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ئىمان ئېيتقۇچىلارغا) خوشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كاپىرلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن) ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (يەنى ئويۇنچۇق) قىلىۋالدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت -ئىمان ئېيتقۇچىلارغا- خوش خەۋەر بەرگۈچى، -ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى- ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كاپىرلار -پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن- ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە ۋاسىتىسى قىلىۋالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، بىز ئەلچىلەرنى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كافىرلار ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئايەتلىرىمنى ۋە ئۆزلىرىگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز پەيغەمبەرلەرنى تەرسالار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشلىرى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ پەيغەمبەرلەرنى ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ئىلاھىي مۇكاپاتنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىشلىرى ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە ئىلاھىي جازانىڭ شۇم خەۋىرىنى بېرىشلىرى ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. لېكىن تەرسا كافىرلار ھەقىقەتكە بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ھەقىقەتنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار ئايەتلىرىمنى ۋە ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى قىلىۋالدى. دەرۋەقە ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەرگە قەۋمىنىڭ تەرسالىرى «سېھىرگەر، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم، ئازغۇن، ئەخمەق» دېگەندەك تۆھمەتلەرنى قىلىپ، ئىنسانلارنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇشقا ۋە ئۇلار دەۋەت قىلغان ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن: نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا، «سەن ئېزىپ كەتكەن ئادەمسەن. سەن ئەقلىدىن ئازغان ئادەمسەن. بىز سەندىن باي، سەندىن جەمەتلىك، ساڭا تۆۋەن تەبىقىمىز ئەگەشكەن. سېنىڭ مەقسىتىڭ بىزگە باشلىق بولۇش. سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ بىزدىن ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، ئەسلىدە سىلەر يالغانچى كىشىلەرسىلەر» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان ۋە ئۇنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىققان. ئاد قەۋمى ھۇد ئەلەيھىسسالامغا «يالغانچى، ئېيتقانلىرى بۇرۇنقىلارنىڭ ئويدۇرمىلىرى، ئەخمەق، ساراڭ» دېگەن تۆھمەتلەرنى چاپلىغان، شۇنداقلا دەۋىتىگە قارشى چىققان. سەمۇد قەۋمى سالىھ ئەلەيھىسسالامغا «ئەقلىدىن ئازغان ئادەمسەن، سېھىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلاردىنسەن، سەن يالغانچى، سەن تۇزكور» دېگەن تۆھمەتلەرنى چاپلىغان ۋە دەۋىتىگە قارشى چىققان، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملار ھەققىدە «ئىككى سېھىرگەر، ئىككىسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى ۋە دىنمىزنى بۇزماقچى»، «سېھىرگەر ۋە يالغانچى»، «سېھىرگەر ياكى ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دېگەن باتىل سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىققان. جۈملىدىن ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ تەرسالىرىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە «شائىر، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم، سېھىرگەر، سېھىرلەنگەن ئادەم، يالغانچى، كاھىن - رەمچى» دېگەن تۆھمەتلەرنى قىلغان. قۇرئان كەرىم ھەققىدە بولسا، «شېئىر، سېھىر، ئويدۇرما، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېگەن ناشايان سۆزلەرنى قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئوسال ئىنسانلار ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى قىلىپ، ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇنچە نەپرەت قىلىشى، يامان كۆرۈشى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ نۇرىنى تاماملايدۇ. نەتىجىدە ھەقكە قارشى كۈرەش قىلغانلار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، مەغلۇپ بولىدۇ. ئەكسىچە ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن ۋە ئۆزلىرىنى دوزاخقا تەييارلىغان بولىدۇ. بۇ ئىش تارىخ بويىچە مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەن. قىيامەتكە قەدەر مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. «ئۇلار ئايەتلىرىمنى ۋە ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى قىلىۋالدى» - كافىرلار تارىخ بويىچە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشىش بىلەن بىرلىكتە ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەرلەرنى، ئۇلار يەتكۈزگەن ئايەتلەرنى ۋە ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى مەسخىرە قىلىپ، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب بىلەن ھالاك قىلىنىپ كەلدى. كافىرلارنىڭ بۇ مەسخىرە قىلىشىمۇ، دۇنيادا جازاغا يولۇقۇشىمۇ، ئاخىرەت ئازابىغا تەييارلىنىشىمۇ قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ فَأَعْرَضَ عَنْهَا وَنَسِيَ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ ۚ إِنَّا جَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۖ وَإِنْ تَدْعُهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ فَلَنْ يَهْتَدُوا إِذًا أَبَدًا
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىنىڭ ئايەتلىرى ئەسلىتىلسە ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئىلگىرى ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان گۇناھلارنى ئۇنتۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشلىرىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ھىدايەت تاپالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆزىنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلۇپ نەسىھەت قىلىنىسا، ئۇ ئايەتلەرگە پەرۋا قىلمىغان ۋە ئۆزى قىلغان گۇناھلارنى ئۇنتۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ يوق، ئەڭ زالىم ئادەم ئەنە شۇ ئادەمدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ ئايەتلەرگە پەرۋا قىلماسلىقى ۋە ئۆز گۇناھلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىز ئۇنداق ئادەملەرنىڭ تەرسالىق، تەقلىدچىلىك ۋە نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قەلبلىرىگە پەردىلەر تارتتۇق، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق پەيدا قىلدۇق. يەنى ئۇلارنىڭ تەرسالىق، تەكەببۇرلۇق ۋە تەقلىدچىلىك ئىدىيەسى بىز ھىدايەت ۋە زالالەت ئۈچۈن بېكىتكەن سىستېما بويىچە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پەردە، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئانغا ئىشىنىشتىن ۋە ساڭا ئەگىشىشتىن توستى. بۇ سەۋەبتىن سەن ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭ، ئۇلار ھەرگىزمۇ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ توغرا يولغا كەلمەيدۇ. ئۇلار ۋەز - نەسىھەتتىن، ياۋا ئېشەكلەر يولۋاستىن قاچقاندەك قاچىدۇ. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگىچە ئىشەنمەيدۇ. ئى مۇھەممەد! بىز ئۇ زالىملاردىن ئىنتىقام ئالىمىز. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، لېكىن بىز ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەخسۇس پەرىشتە بەلگىلەپ يازدۇرۇپ تۇرۇمىز، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز قىلمىشىنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭدىن ھېساب سورايمىز. شۇڭلاشقا سەن ئۇ زالىملارغا قاراپ مەيۈسلەنمىگىن، ئەكسىچە دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. وَرَبُّكَ الْغَفُورُ ذُو الرَّحْمَةِ ۖ لَوْ يُؤَاخِذُهُمْ بِمَا كَسَبُوا لَعَجَّلَ لَهُمُ الْعَذَابَ ۚ بَلْ لَهُمْ مَوْعِدٌ لَنْ يَجِدُوا مِنْ دُونِهِ مَوْئِلًا
    پەرۋەردىگارىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، (ئۇ ۋاقىت كەلگەندە) ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناھگاھ تاپالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، -ئۇ ۋاقىت كەلگەندە- ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناگاھ تاپالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. ئەگەر رەببىڭ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىسا ئىدى، ئۇلارغا ئازابنى دەرھال ئەۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بار. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى كەڭ زاتتۇر. شۇڭلاشقا دۇنيادا بارلىق ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىپ رىزىق ۋە باشقا سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. جۈملىدىن گۇناھكار ئىنسانلارغا تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىدۇ، پۇرسەت ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە مەرھەمەت قىلىپ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جازالىشى قاتتىق زاتتۇر. شۇڭلاشقا پۇرسەت توشقاندا قاتتىق جازالايدۇ. ئەگەر رەببىڭ بۇ زالىملارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازالىسا ئىدى، ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئازابنى دەرھال ئەۋەتەتتى. لېكىن ئۇنداق قىلماستىن بۇلارغىمۇ پۇرسەت بەردى، تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىشلىرى ئۈچۈن مۆھلەت بەردى. ئاللاھنىڭ بۇ مۆھلەتنى بەرگەنلىكى جازالىمايدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ زالىملار پۇرسەت توشقۇچىلىك تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتمىسە، مەرھەمەت مۇددىتى توشىدۇ ۋە ئىلاھىي جازا باشلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھېچبىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئاللاھنىڭ شۇنچە كەڭ رەھمىتى دۇنيادا ئەنە شۇنداق ئومۇمىي بولۇپ بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ رەھمەت ئاخىرەتتە پەقەت مۇئمىنلارغىلا خاستۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. وَتِلْكَ الْقُرَىٰ أَهْلَكْنَاهُمْ لَمَّا ظَلَمُوا وَجَعَلْنَا لِمَهْلِكِهِمْ مَوْعِدًا
    شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى (يەنى ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئوخشاش ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت بەلگىلىگەن ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەسىلەن: ئاللاھ ئۆتمۈشتە ئەلچىلىرىگە قارشى چىققان ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، مەديەن ئاھالىسىنى ۋە لۇتنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدى. ئى مۇشرىكلار! ئۇلار سىلەر يەمەن ۋە شامغا بېرىش - كېلىشىڭلاردا خارابىلىكىنى كۆرىدىغان ئەنە شۇ يۇرتلاردا ياشايتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىگەن ۋە ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ھالاك قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ گۇناھى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلەش ئىدى. سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلەشتىن يېنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمىسەڭلار ئۇ قەۋملەر بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقىسىلەر. ئەسكەرتىش: ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى ئاللاھ تائالا بەرگەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، تەۋبە قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ ئاخىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە زورلىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قادىر بۇلالىغان ساھابىلىرى بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىن توختىمىغان. ئاللاھ تائالا ئىككى تەرەپنى «بەدىر»دە ئۇچراشتۇرۇپ مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرىنى شۇ يەردە ھالاك قىلغان. ئاندىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىپ مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىسلام دىيارىغا ئايلاندۇرغان، شۇنداقلا مۇشرىكلارنى يوق قىلىۋەتكەن. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن باشلايدۇ. ئاندىن 60 - ئايەتكىچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ۋە ئەگەشمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرى، قىيامەتنىڭ چوقۇم قايىم بولىدىغانلىقى... قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، «ئەسھابۇل كەھف»نىڭ، ئىككى بېغى بولغان كىشىنىڭ ۋە ئادەم بىلەن ئىبلىسنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن 60 - ئايەتتىن 82 - ئايەتكىچە «مۇسا ۋە خىزىر قىسسەسى»نى، 83 - ئايەتتىن 98 - ئايەتكىچە «زۇلقەرنەين قىسسەسى»نى بايان قىلىدۇ. بۇ قىسسەلەرنىڭ بۇ سۈرىدە بۇ تەرتىپتە بايان قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋە سۈرىنىڭ باشقا ئايەتلىرىنى چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خۇسۇسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر بولمىغان كىشى بۇ قىسسەلەرنى بىلمەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَاهُ لَا أَبْرَحُ حَتَّىٰ أَبْلُغَ مَجْمَعَ الْبَحْرَيْنِ أَوْ أَمْضِيَ حُقُبًا
    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمىغا (يەنى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا): «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، (شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر) ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمى-يۇشەئ ئىبىن نۇنغا-: «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگىچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، -شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر- ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ ياش خادىمىغا: «مەن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە يېتىپ بارمىغىچە ياكى بۇ يولدا ئۇزۇن ‏‎ ‎زامان ئۆتكۈزمىگۈچە ھېچ توختىماستىن ماڭىمەن» دېگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا مۇسا بىلەن ياخشى بەندىنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ خادىمى ۋە ئوقۇغۇچىسى بولغان ياش بالىغا: «مەن ئاللاھنىڭ مەلۇم ياخشى بەندىسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە بارغانغا قەدەر توختىماستىن ماڭىمەن ياكى ئۇزۇن زامان ماڭىمەن» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. فَلَمَّا بَلَغَا مَجْمَعَ بَيْنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَاتَّخَذَ سَبِيلَهُ فِي الْبَحْرِ سَرَبًا
    ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مېڭىپ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسى بىرلەشكەن جايغا يېتىپ بارغاندا بېلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بېلىق بولسا دېڭىزغا چۈشۈپ، ماڭغان يولىنى تۆشۈك ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئۇنىڭ ئۇ ياش خادىمى ئىككىيلەن مېڭىپ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسى بىرلەشكەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، ئىككىسى يېنىدا بىللە ئېلىپ كەلگەن بېلىقنى ئۇنتۇدى. بېلىق بولسا، (ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن) دېڭىزغا يول ئېلىپ، يولىنى تۆشۈك ھالەتتە قويۇپ كەتكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  62. فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَاهُ آتِنَا غَدَاءَنَا لَقَدْ لَقِينَا مِنْ سَفَرِنَا هَٰذَا نَصَبًا
    ئۇلار (ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن) ئۆتكەندە، مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار -ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن- ئۆتكەندە مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسا ياش خادىمىغا: «چۈشلۈك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ياش خادىمى بىلەن ئۇ جايدىن ئۆتۈپ ئاچلىق ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلغان چاغدا خادىمىغا: «چۈشلۈك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. قَالَ أَرَأَيْتَ إِذْ أَوَيْنَا إِلَى الصَّخْرَةِ فَإِنِّي نَسِيتُ الْحُوتَ وَمَا أَنْسَانِيهُ إِلَّا الشَّيْطَانُ أَنْ أَذْكُرَهُ ۚ وَاتَّخَذَ سَبِيلَهُ فِي الْبَحْرِ عَجَبًا
    ياش خادىم: «بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا (يۈز بەرگەن ئىشتىن يەنى پىشۇرۇلغان بېلىقنىڭ تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دەرياغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىزىق ئىشتىن) خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن راستتىنلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. بېلىقنىڭ (ئاجايىپ ۋەقەسى) نى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ياش خادىم: « خەۋىرىڭ بارمۇ؟ بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا مەن راستتىنلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇنى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياش خادىم: «ئاپلا، بىز ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان چېغىمىزدا بېلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن - دە. ئۇنىڭ ۋەقەسىنى دېيىشنى ماڭا چوقۇم شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. ئۇ، دېڭىزدىكى يولىنى ئەجەبلىنەرلىك شەكىلدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياش خادىم مۇساغا: «بىز ئىككى دېڭىز بىرلەشكەن جايدىكى قورام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان چېغىمىزدا يۈز بەرگەن ئاجايىپ ئىشقا قارىماملا! مەن بېلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ماڭا ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق ئەھۋالىنى ئۆزلىرىگە ئېيتىشنى شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. بېلىق دېڭىزغا ئەجەبلىنەرلىك ھالەتتە يول ئالغان ئىدى» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  64. قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبْغِ ۚ فَارْتَدَّا عَلَىٰ آثَارِهِمَا قَصَصًا
    مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ ئىدى!» دېدى - دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزلىرىنى بويلاپ كەينىگە يېنىپ، ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ياش خادىمىغا: «بىزنىڭ تەلەپ قىلغىنىمىز ئەنە شۇ ھادىسە ئىدى» دېدى. ئاندىن ئىككىسى ئارقىسىغا ياندى ۋە كەلگەن ئىزلىرىنى بويلاپ ھېلىقى قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى. ئەسكەرتىش: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «چۈشلۈك تامىقىمىزنى كەلتۈرگىن» دېيىشى، خادىمنىڭ: «بېلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىشى ۋە «بېلىقنىڭ دېڭىزغا ئەجەبلىنەرلىك ھالەتتە يول ئېلىشى، ئۇلارنىڭ مەزكۇر چۈشلۈك تامىقىنىڭ پىشۇرۇلغان بېلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئارام ئېلىۋاتقان ئەسنادا ئۇ بېلىقنىڭ تىرىلىپ دېڭىزغا يول ئالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ دېڭىزدا ماڭغان يولىنىڭ ئېتىلىپ قالماستىن ئارقىسىدا تۆشۈك ھالەتتە قالغانلىقىنى كۆرستىدۇ. «ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرى» بۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ھادىسىنىڭ تارىخى (مىسىردىن چىقىشتىن ئىلگىرى بولغانلىقى ياكى كېيىن بولغانلىقى) ۋە ئۇ «ياخشى بەندە»نىڭ كىملىكى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە مەلۇمات يوق. لېكىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، «ياخشى بەندە»نىڭ «خىزىر - خضر» ئاتلىق بىر بەندە ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ، ھادىسىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىشىدىن كېيىن بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەدىستە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۆرە تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ، مىسىردىن چىققاندىن كېيىن مۇمكىن بولىدىغان ئىش. دېمەككى، ئۇلار مىسىردىن چىقىپ سىنا ئارىلىغا كەلگەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام شۇ ئارالدىكى تۇر تېغىدا 40 كۈن تۇرۇپ ئاللاھ تائالا بەرگەن كىتاب - تەۋراتنى ئېلىپ بەنى ئىسرائىلنىڭ يېنىغا قايتقان، ئۇلارغا ھەر پۇرسەتتە پەند - نەسىھەت قىلغان. بەنى ئىسرائىل شۇ ئارالنىڭ چۆلىدە 40 - يىل بويىچە تېڭىرقاپ يۈرگەن، ئۇلاردىن شۇ ئارالدا ئەھدە ئېلىنغان، ئۇلارغا شۇ ئارالدا «مەننە» بىلەن بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن. ئۇنداقتا بۇ جاي (ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرى)نىڭ سىينا يېرىم ئارىلىنىڭ ئەقەبە قولتۇقى بىلەن سۇۋەيش قولتۇقى بىرلەشكەن يېرى ئىكەنلىكى كۈچلۈك ئېھتىمالدۇر. چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل بىلەن مىسىردىن چىقىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىغان جاي ئەنە شۇ سىينا ئارىلىدۇر ۋە ئۇ زامانلاردا سىينا ئارىلىدا ئىككى دېڭىز بىرلەشكەن يەر، ئەنە شۇ ئەقەبە قولتۇقى بىلەن سۇۋەيش قولتۇقى بىرلەشكەن جايدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  65. فَوَجَدَا عَبْدًا مِنْ عِبَادِنَا آتَيْنَاهُ رَحْمَةً مِنْ عِنْدِنَا وَعَلَّمْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا عِلْمًا
    ئۇ ئىككىسى (بېلىقنى ئۇنتۇغان چوڭ تاشنىڭ يېنىدا) بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى (يەنى ئىلمىي غەيبنى) بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى (يەنى خىزىر ئەلەيھىسسالامنى) ئۇچراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككىسى بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى ئۇچراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ يەردە، بەندىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن بىز ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت ئاتا قىلغان ۋە ئۆز ھۇزۇرىمىزدىن ئىلىم ئۆگەتكەن بىر بەندىمىزنى ئۇچراتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياش خادىمى ئارقىسىغا قايتىپ مەزكۇر قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە بەندىلىرىمىزدىن بىز رەھمەت ئاتا قىلغان ۋە ئىلىم ئۆگەتكەن بىر بەندىمىزنى ئۇچراتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. قَالَ لَهُ مُوسَىٰ هَلْ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰ أَنْ تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمْتَ رُشْدًا
    مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ (يەنى سۆھبىتىڭدە بولايمۇ؟)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىم ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئۇ بەندىمىزگە: «ئاللاھ سىزگە ئۆگەتكەن ئىلىملەردىن مېنى توغرىغا يېتەكلەيدىغان ۋە ماڭا توغرا يۆنىلىشنى كۆرسىتىدىغان بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويۇشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ھەمراھ بولسام بولامدۇ؟ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلامسىز؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  67. (18-سۈرە كەھف، 67-ئايەت) سەۋر ھېكمەت
    قَالَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
    ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەندىمىز مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ بەندە ئېيتتى: «سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ھەرگىزمۇ سەۋر قىلالمايسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  68. (18-سۈرە كەھف، 68-ئايەت) سەۋر ھېكمەت
    وَكَيْفَ تَصْبِرُ عَلَىٰ مَا لَمْ تُحِطْ بِهِ خُبْرًا
    سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن (يەنى قارىماققا يامان، ئەمما ماھىيىتىنى سەن چۈشەنمىگەن) ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟» — مۇھەممەد سالىھ

    سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سەن ئىلمىڭ يەتمىگەن ئىشلارغا قانداقمۇ سەۋر قىلىسەن؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    سەن ماھىيىتىنى ئوبدان بىلمىگەن ئىشقا قانداقمۇ سەۋر قىلىسەن؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. (18-سۈرە كەھف، 69-ئايەت) سەۋر مۇسا ئاللاھقا ئىتائەت
    قَالَ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ صَابِرًا وَلَا أَعْصِي لَكَ أَمْرًا
    مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «ئىنشائاللاھ، مېنى سەۋرچان كۆرىسەن، سېنىڭ ھېچ ئىشىڭغا قارشى چىقمايمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا: «ئىنشائاللاھ مېنىڭ سەۋرچان ۋە ھېچبىر بۇيرۇقىڭىزغا قارشى چىقمايدىغان ئىتائەتچان كىشى ئىكەنلىكىمنى كۆرىسىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. (18-سۈرە كەھف، 70-ئايەت) سەۋر بىلىم ئېلىش مەجبۇرىيىتى
    قَالَ فَإِنِ اتَّبَعْتَنِي فَلَا تَسْأَلْنِي عَنْ شَيْءٍ حَتَّىٰ أُحْدِثَ لَكَ مِنْهُ ذِكْرًا
    (خىزىر) ئېيتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، (يولۇققان ئىش توغرىسىدا) مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگۈچە ئۇنىڭدىن سورىما (يەنى ئۆزۈم سۆزلەپ بەرمىگۈچە قىلغان ئىشلىرىمدىن سورىما)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيىتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، -يولۇققان ئىش توغرىسىدا- مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگىچە ئۇنىڭدىن سورىما» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «ئۇنداقتا ماڭا ئەگەشسەڭ، مەن ساڭا ئېيتىپ بەرمىگۈچە ھېچبىر نەرسە توغرۇلۇق مەندىن سوئال سورىمىغىن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ بەندە «ئۇنداق بولسا ماقۇل، ھەمراھ بولغىن. لېكىن ھەمراھلىقىمىز ئەسناسىدا ساڭا ياقمايدىغان بىرەر ئىشنى قىلغانلىقىمنى كۆرسەڭ، مەن ئۇ ھەقتە ساڭا بىر نەرسە دېمىگۈچە، سەن مەندىن ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىمىغىن، ئۇ توغرىدا ماڭا ئېتىراز بىلدۈرمىگىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  71. (18-سۈرە كەھف، 71-ئايەت) سەۋر ئىلاھىي ھېكمەت خىزىر
    فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا رَكِبَا فِي السَّفِينَةِ خَرَقَهَا ۖ قَالَ أَخَرَقْتَهَا لِتُغْرِقَ أَهْلَهَا لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا إِمْرًا
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى (يەنى كېمىنىڭ بىر تاختىسىنى سۇغۇرۇۋەتتى)، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن، دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچلۇق) چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، ئۇ كېمىنى تېشىۋەتتى، مۇسا -ئۇنىڭغا-: «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن - قورقۇنچلۇق- چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كېمىگە چىقىشتى. ئۇ بەندىمىز بۇ كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇ كېمىنى ئىچىدىكى يولۇچىلارنى غەرق قىلىش ئۈچۈن تېشىۋەتتىڭمۇ؟ شۈبھىسىزكى، سەن ئاجايىپ ئىش قىلدىڭ!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئۇ ياخشى بەندە ئىككىيلەن دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ بىر كېمە ئۇچراتقانغا قەدەر ماڭدى. ئىككىسى ئۇ كېمىگە چىقتى، ياخشى بەندە ئۆزلىرى چىققان كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ياخشى بەندىگە، «سىز كېمىدىكىلەرنى غەرق قىلىۋېتىش ئۈچۈن كېمىنى تېشىۋەتتىڭىزمۇ؟ سىز ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىش قىلدىڭىز!» دەپ سوئال سورىدى ۋە ئېتىراز قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (18-سۈرە كەھف، 72-ئايەت) سەۋر پەيغەمبەر ئەخلاقى
    قَالَ أَلَمْ أَقُلْ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
    (خىزىر) سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياخشى بەندە: «مەن ساڭا، ‹سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ھەرگىزمۇ سەۋر قىلالمايسەن› دېمىدىممۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  73. (18-سۈرە كەھف، 73-ئايەت) ئەپۇ قىلىش سەۋر مۇسا
    قَالَ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرْهِقْنِي مِنْ أَمْرِي عُسْرًا
    مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «ئۇنتۇپ قېلىپ دەپ سالغان بۇ سۆزۈم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمىگىن. بىلىمىڭدىن ئۆگىنىۋېلىشمنى قىيىنلاشتۇرمىغىن!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا: «كەچۈرۈڭ، نەسىھىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئۇنتۇپ قېلىپ سوئال سورىغانلىقىم ۋە ئېتىراز قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭ، مېنىڭ سىزگە ھەمراھ بولۇپ ئىلىم ئۆگىنىۋېلىشىمنى قىيىنلاشتۇرماڭ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  74. (18-سۈرە كەھف، 74-ئايەت) سەۋر ئىلاھىي ھېكمەت خىزىر
    فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا لَقِيَا غُلَامًا فَقَتَلَهُ قَالَ أَقَتَلْتَ نَفْسًا زَكِيَّةً بِغَيْرِ نَفْسٍ لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا نُكْرًا
    ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، ئۇ -بەندە- ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈرۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى. ئۇ بەندىمىز ئۇ بالىنى ئۆلتۈردى. مۇسا: «سەن بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان ئىش قىلدىڭ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىككىسى ئۇ كېمىدىن چۈشتى ۋە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. ئىككىيلەن كېتىۋېتىپ بىر مەھەللىدە تەڭتۇشلىرى بىلەن ئويناۋاتقان بىر ئوغۇل بالا ئۇچراتتى. ياخشى بەندە ئۇ بالىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ياخشى بەندىگە، «سىز بىگۇناھ بالىنى ئۆلتۈرەمسىز؟ شۈبھىسىزكى، سىز شەرىئەت يول قويمايدىغان ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان ناھايىتى يامان ئىشنى قىلدىڭىز!» دەپ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  75. (18-سۈرە كەھف، 75-ئايەت) سەۋر ئۆلىمالار ۋە ئۇستازلار
    قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
    (خىزىر) ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟ » — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟ » — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياخشى بەندە: «مەن ساڭا، ‹سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا ھەرگىزمۇ سەۋر قىلالمايسەن› دېمىدىممۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  76. (18-سۈرە كەھف، 76-ئايەت) سەۋر مۇسا
    قَالَ إِنْ سَأَلْتُكَ عَنْ شَيْءٍ بَعْدَهَا فَلَا تُصَاحِبْنِي ۖ قَدْ بَلَغْتَ مِنْ لَدُنِّي عُذْرًا
    مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام (يەنى قىلغان ئىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسەم)، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، (ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمدا (ماڭا ھەمراھ بولماسلىقتا) مەزۇرسەن» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، -ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن- مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزرىنىڭ ئاخىرقى چەكلىمىسىگە يەتتىڭ!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا: «ئەگەر سەندىن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر نەرسە سورىسام، مېنى يېنىڭدا ئېلىپ ماڭمىغىن. ساڭا ئېيتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۆزرەم مۇشۇ بولۇپ قالسۇن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئېيتتى: «ناۋادا بۇنىڭدىن كېيىن سىزدىن بىرەر نەرسە توغرىسىدا سوئال سورىسام ۋە بىرەر ئىشىڭىز توغرىسىدا ئېتىراز بىلدۈرسەم، مېنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ قىلماڭ، يېنىڭىزدا ئېلىپ ماڭماڭ؛ مەندىن ئايرىلىپ كېتىڭ. سىز ئۇ چاغدا مەندىن ئايرىلىپ كېتىشتە ھەقلىق بولىسىز، چۈنكى مەن سىزنىڭ سوئال سورىماسلىق ھەققىدە قىلغان نەسىھەتىڭىزگە ئەمەل قىلمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۈچىنچى قېتىم سوئال سورىغاندا، سىز مېنى تاشلىۋەتسىڭىز، سىز ماڭا مۇۋاپىق جازا بەرگەن بولىسىز، مەن ئۆز قىلمىشىم سەۋەبلىك سىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولىمەن. مەن ئۇ چاغدا سىزنى ھەقلىق، ئۆزۈمنى ھەقسىز دەپ بىلىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  77. فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا أَتَيَا أَهْلَ قَرْيَةٍ اسْتَطْعَمَا أَهْلَهَا فَأَبَوْا أَنْ يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارًا يُرِيدُ أَنْ يَنْقَضَّ فَأَقَامَهُ ۖ قَالَ لَوْ شِئْتَ لَاتَّخَذْتَ عَلَيْهِ أَجْرًا
    ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى ۋە ئۇنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈردى، تاكى بىر يۇرت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلاردىن تاماق سورىدى. لېكىن يۇرت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى. ئۇ بەندە دەرھال ئۇ تامنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ بۇنىڭغا ھەق ئالالايتتىڭ» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىككىيلەن يەنە مېڭىپ بىر كەنتكە كەلدى ۋە ئۇ كەنتنىڭ ئاھالىسىدىن ئۆزلىرىنى مېھمان سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ تاماق بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلدى. ئاھالە ئۇلارنى مېھمان قىلىشنى رەت قىلدى. ئۇ ئەسنادا ئۇ ئىككىسى يىقىلىپ كەتكىلى قوپقان بىر تام ئۇچراتتى. ياخشى بەندە ئۇ تامنى ئۇلداپ تۇرغۇزۇپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ، بۇ ئىشىڭغا ھەق ئالاتتىڭ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  78. قَالَ هَٰذَا فِرَاقُ بَيْنِي وَبَيْنِكَ ۚ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأْوِيلِ مَا لَمْ تَسْتَطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
    (خىزىر) ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش (ۋاقتىمىز)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان (يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ) ھەقىقىتىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەي — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش ۋاقتىمىز، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ساڭا بىلدۈرەي — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بەندىمىز مۇنداق دېدى: «مانا بۇ ئىككىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن ئايرىيدىغان سۆزدۇر. مەن ھازىر ساڭا، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن:‏ — ئەنەس ئالىم

    ياخشى بەندە ئېيتتى: «مانا بۇ سۆزۈڭ ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ كېتىش سەۋەبىدۇر. چۈنكى سەن باياتىن يەنە بىر قېتىم سوئال سورىساڭ، ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىمىزنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىڭ، مەن ماقۇل بولغان ئىدىم. سەن يەنە ئېتىراز قىلدىڭ، شۇڭلاشقا سەندىن ئايرىلىمەن. لېكىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا، سەن ئەيىبلىگەن ۋە قارىماققا يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سەۋر قىلالماي سەۋەبىنى سورىغان ئىشلىرىمنىڭ سىرنى، ھەقىقىتىنى ۋە ھېكمىتىنى ئېيتىپ بېرىپ ئاندىن ئايرىلىمەن: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  79. أَمَّا السَّفِينَةُ فَكَانَتْ لِمَسَاكِينَ يَعْمَلُونَ فِي الْبَحْرِ فَأَرَدْتُ أَنْ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَاءَهُمْ مَلِكٌ يَأْخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصْبًا
    كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيبناك قىلماقچى بولدۇم، (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (يەنى بارىدىغان يوللىرىدا) ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن (زورلۇق بىلەن) تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيىبناك قىلماقچى بولدۇم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يوللىرىدا ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئۇ كېمە بولسا دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوياي دەپ تېشىۋەتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە ھەر ساق كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    مەن تېشىۋەتكەن كېمە بولسا، تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ كېمىسى ئىدى. ئۇ كېمىنى ئەيىبلىك قىلىپ قويۇشۇم، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەر قانداق ساغلام كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بولغانلىقتىن ئىدى. ناۋادا مەن ئۇ كېمىنى ئەيىبلىك قىلىپ قويمىسام ئۇ پادىشاھ ئۇ كېمىنى بۇلىۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسكىنلەر كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. وَأَمَّا الْغُلَامُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤْمِنَيْنِ فَخَشِينَا أَنْ يُرْهِقَهُمَا طُغْيَانًا وَكُفْرًا
    (ئۆلتۈرۈلگەن) بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۆمىن ئىدى. ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆلتۈرۈلگەن بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۇئمىن ئىدى؛ ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئاتا - ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە كۇفرىلىققا زورلىشىدىن قورقتۇق - دە، — ئەنەس ئالىم

    ھېلىقى مەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئۇ بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. بىز، ئۇ بالا ياشىغان تەقدىردە ئاتا - ئانىسىنى ھەددىدىن ئېشىشقا ۋە كۇفرىلىققا زورلىشىدىن قورقتۇق، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. فَأَرَدْنَا أَنْ يُبْدِلَهُمَا رَبُّهُمَا خَيْرًا مِنْهُ زَكَاةً وَأَقْرَبَ رُحْمًا
    شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىغا قارىغاندا پاك ۋە كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىغا قارىغاندا پاك ۋە كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىنىڭ ئۇلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشى ۋە كۆيۈملۈك بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    رەببى ئاللاھنىڭ ئۇ ئىككى مۇئمىنغا، بۇ بالىسىنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ كۆيۈمچان بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. وَأَمَّا الْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنْزٌ لَهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَنْ يَبْلُغَا أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنْزَهُمَا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ وَمَا فَعَلْتُهُ عَنْ أَمْرِي ۚ ذَٰلِكَ تَأْوِيلُ مَا لَمْ تَسْطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
    تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر، ئۇنى (يەنى يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنى) مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلغىنىم يوق (بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىلھامى بىلەن قىلدىم)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ رەببىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتىدۇر، يۇقىرىقى ئىشنى مەن ئۆز خاھىشىم بىلەن قىلغىنىم يوق، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ تام بولسا شەھەردە ياشايدىغان ئىككى يېتىم ئوغۇلنىڭ بولۇپ، ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ خەزىنىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. بۇ رەببىڭدىن رەھمەت ئىدى. مەن بۇلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى».‏ — ئەنەس ئالىم

    مەن تۇرغۇزۇپ قويغان تامغا كەلسەك، ئۇ تام ئىككى يېتىم بالىنىڭ بولۇپ، تامنىڭ ئاستىدا ئۇ بالىلارنىڭ ئاتىسىدىن قالغان خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇ ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئاللاھ ئۇ بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىپ ئۆز خەزىنىسىنى ئۆزلىرىنىڭ چىقىرىشىنى ئىرادە قىلدى. مەن قىلغان ۋە سەن ئېتىراز قىلغان ئىشلار، كېمىنىڭ ئىگىلىرى بولغان مىسكىنلەرگە، ھېلىقى مەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ۋە بۇ ئىككى يېتىم بالىغا رەببىڭ تەرەپتىن قىلىنغان رەھمەت ئىدى. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ئىزاھاتى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. وَيَسْأَلُونَكَ عَنْ ذِي الْقَرْنَيْنِ ۖ قُلْ سَأَتْلُو عَلَيْكُمْ مِنْهُ ذِكْرًا
    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسەسىنى (ۋەھىي ئاساسىدا) بايان قىلىمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسىسىنى -ۋەھيى ئاساسىدا- بايان قىلىمەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سوئال سورايدۇ. ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئۇنىڭ توغرىسىدا زىكىر[6] تىلاۋەت قىلىمەن» دېگىن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بەزى مۇشرىكلار سەندىن «زۇلقەرنەين»نىڭ قىسسەسى توغرىسىدا سوئال سورايدۇ. ئۇلارغا: «سىلەرگە ئۇنىڭ قىسسەسىدىن ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئېلىنىدىغان، شۇنداقلا پايدىلىق ئىلىم ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسمى ھەققىدە ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ئايەتلەرنى ئەينەن ئوقۇپ بېرىمەن» دېگىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. إِنَّا مَكَّنَّا لَهُ فِي الْأَرْضِ وَآتَيْنَاهُ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ سَبَبًا
    ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ سەۋەبىنى بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بىز زۇلقەرنەينگە زېمىندا كۈچ - قۇۋۋەت بەرگەن، ئۇنىڭغا خالىغان ھەر ئىشىنى قىلىشقا كېرەكلىك بولىدىغان سەۋەبلەرنى (ئىلىم، كۈچ، قورال - سايمان ۋە ئىمكانلارنى) ئاتا قىلغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. (18-سۈرە كەھف، 85-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    فَأَتْبَعَ سَبَبًا
    زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) يولغا ماڭدى — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلقەرنەين -ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن- يولغا ماڭدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بىر سەۋەبكە ئەگەشتى، — ئەنەس ئالىم

    زۇلقەرنەين ئۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كۈنپېتىش تەرەپكە ماڭدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَغْرِبَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَغْرُبُ فِي عَيْنٍ حَمِئَةٍ وَوَجَدَ عِنْدَهَا قَوْمًا ۗ قُلْنَا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِمَّا أَنْ تُعَذِّبَ وَإِمَّا أَنْ تَتَّخِذَ فِيهِمْ حُسْنًا
    ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق.(ئىزاھات:ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولمىسىمۇ، كىشىگە كۈن خۇددى دېڭىزغا، تاغقا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى[1]. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاكى قۇياشنىڭ پاتىدىغان يېرىگە بارغاندا، كۈننىڭ قارا پاتقاقلىق بۇلاققا پاتقانلىقىنى كۆردى ۋە قىرغاقتا بىر قەۋم ئۇچراتتى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى زۇلقەرنەين! خالىساڭ ئازابلىغىن، خالىساڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ، شۇ ماڭغىنىچە كۈنپېتىشقا يېتىپ كەلگەندە، كۈننى قارا پاتقاقلىق بۇلاققا پېتىۋاتقان ھالەتتە كۆردى ۋە ئۇ بۇلاققا يېقىن جايدا كافىر بىر قەۋم ئۇچراتتى. بىز ئۇنىڭغا: ‹ئى زۇلقەرنەين! بۇ قەۋمنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىش بىلەن ئازابلىساڭمۇ ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلساڭمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى ئىشنىڭ قايسىنى قىلساڭ ئىختىيار سەندە› دېدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  87. قَالَ أَمَّا مَنْ ظَلَمَ فَسَوْفَ نُعَذِّبُهُ ثُمَّ يُرَدُّ إِلَىٰ رَبِّهِ فَيُعَذِّبُهُ عَذَابًا نُكْرًا
    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، رەببى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇنداق دېدى: «كىم زۇلۇم قىلسا ئۇنى ئازابلايمىز، ئاندىن ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ، رەببى ئۇنى مىسلىسىز ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن زۇلقەرنەين مۇنداق دېدى: ‹مەن ۋە ئادەملىرىم ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىمىز. دەۋەتنى قوبۇل قىلماي كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئازابلايمىز. ئاندىن ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇ چاغدا رەببى ئۇلارنى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  88. وَأَمَّا مَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُ جَزَاءً الْحُسْنَىٰ ۖ وَسَنَقُولُ لَهُ مِنْ أَمْرِنَا يُسْرًا
    كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى مۇكاپات قىلىپ بېرىلىدۇ. بىز ئۇنى ئاسان ئىشلارغا بۇيرۇيمىز».‏ — ئەنەس ئالىم

    دەۋىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىش قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاخىرەتتە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدۇ. بىز ئۇلارغا بۇ دۇنيادا چىرايلىق گەپ ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىمىز، شۇنداقلا ئاسان ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرىمىز›. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. (18-سۈرە كەھف، 89-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    ثُمَّ أَتْبَعَ سَبَبًا
    ئاندىن زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن زۇلقەرنەين -ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن- يولغا ماڭدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر سەۋەبكە ئەگەشتى، — ئەنەس ئالىم

    زۇلقەرنەين ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئاتا قىلغان سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىن يەنە بىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كۈنچىقىش تەرەپكە ماڭدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  90. حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَطْلِعَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَطْلُعُ عَلَىٰ قَوْمٍ لَمْ نَجْعَلْ لَهُمْ مِنْ دُونِهَا سِتْرًا
    زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈن نۇرىنىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان (كىيىم، ئىمارەت قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز -كۈننىڭ ھارارىتىدىن- ساقلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاكى كۈننىڭ چىقىدىغان يېرىگە بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، بىز ئۇ قەۋم بىلەن كۈننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە قىلمىغان.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ، شۇ ماڭغىنىچە كۈنچىقىشقا يېتىپ كەلگەندە، كۈننىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، بىز كۈن بىلەن ئۇ قەۋمنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەردە قىلمىغان. ئەسكەرتىش: بۇ قەۋم بىلەن كۈننىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەردە بولماسلىقىنىڭ مۇنداق ئىككى ئېھتىمالى بار: 1) ئۇلار ياۋايى ئادەملەر بولۇپ، كىيىم كىيىشنى ياكى بىنا سېلىپ ئولتۇرۇشنى ئۇقمايتتى، كۈن چىقسا ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدلىرىغا چۈشەتتى. 2) ئۇلار ياشايدىغان جاي يەر شارىنىڭ، شەرقتە كۈن ھېچ پاتمايدىغان نۇقتىسى بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق يورۇقلۇقتا ۋە ئاپتاپتا ياشايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  91. كَذَٰلِكَ وَقَدْ أَحَطْنَا بِمَا لَدَيْهِ خُبْرًا
    ئەھۋال شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئەھۋال شۇنداق بولدى. بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    زۇلقەرنەين، ئەنە شۇنداق بىرى ئىدى. بىز ئۇنىڭ يېنىدىكى ھەر نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    زۇلقەرنەين كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندەك، بۇ كۈنچىقىشتىكى قەۋمنىڭ ئىچىدىمۇ ئوخشاش ھۆكۈمنى ئېلان قىلدى؛ ‹دەۋىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئىمان كەلتۈرگەنلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ› دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئىلكىدىكى ماددىي - مەنىۋى كۈچ - قۇۋۋەت، سەۋەب، سەلتەنەت ۋە باشقا ھەر نەرسىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  92. (18-سۈرە كەھف، 92-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى
    ثُمَّ أَتْبَعَ سَبَبًا
    ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇ -ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن- يولغا ماڭدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر سەۋەبكە ئەگەشتى، — ئەنەس ئالىم

    زۇلقەرنەين ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئاتا قىلغان سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىن يەنە بىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كۈنچىقىش بىلەن كۈنپېتىشنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان بىر تەرەپكە ماڭدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  93. حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ بَيْنَ السَّدَّيْنِ وَجَدَ مِنْ دُونِهِمَا قَوْمًا لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ قَوْلًا
    زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاكى ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بارغاندا، ئۇ يەردە ئاسانلىقچە سۆز چۈشىنەلمەيدىغان بىر قەۋم ئۇچراتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ، بۇ ئۈچىنچى قېتىملىق سەپىرىدە ناھايىتى ئېگىز ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى بىر يەرگە باردى ۋە ئۇ يەردە ئۆزلىرىگە قىلىنغان سۆزنى ئاسانلىقچە چۈشىنەلمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  94. قَالُوا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَىٰ أَنْ تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا
    ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى -باجغا ئوخشاش- تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ قەۋم: «ئى زۇلقەرنەين! يەئجۇج بىلەن مەئجۇج بۇ مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. بىز ساڭا باج تۆلىسەك، سەن بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سېلىپ بەرگەن بولساڭ!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ قەۋم زۇلقەرنەيننىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يەئجۇج ۋە مەجۇجنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە يۇرت - ماكاننى ۋەيران قىلىش... قاتارلىق بۇزغۇنچىلىقىدىن ھال ئېيتتى ۋە باج تۆلەش بەدىلىگە ئۇنىڭدىن، يەئجۇج ۋە مەئجۇجنى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىغا كىرىشتىن توسىدىغان بىر سىپىل سېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيْرٌ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجْعَلْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ رَدْمًا
    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي — تەرجىمە ھەيئىتى

    زۇلقەرنەين ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ماڭا رەببىمنىڭ بەرگىنى يېتىپ ئاشىدۇ. ماڭا كۈچۈڭلار بىلەن ياردەم قىلىڭلار، سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا توسما سېلىپ بېرەي.‏ — ئەنەس ئالىم

    زۇلقەرنەين ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپ ۋە تەكلىپىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ‹ماڭا ئاللاھ ئاتا قىلغان بايلىق، سەلتەنەت ۋە ئىمكانلار، سىلەر ماڭا تەكلىپ قىلغان باجدىن ياخشىدۇر. شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ بېجىڭلارغا ئېھتىياجىم يوق. لېكىن سىلەر ماڭا ئىشچىلىق ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن ياردەم قىلىڭلار، مەن سىلەر بىلەن يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ ئارىسىغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. آتُونِي زُبَرَ الْحَدِيدِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا سَاوَىٰ بَيْنَ الصَّدَفَيْنِ قَالَ انْفُخُوا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَعَلَهُ نَارًا قَالَ آتُونِي أُفْرِغْ عَلَيْهِ قِطْرًا
    ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، -تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ- ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى قىزىپ ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ماڭا تۆمۈر پارچىلىرى كەلتۈرۈڭلار». زۇلقەرنەين يېغىلغان تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئىككى تاغنىڭ ئارىسىنى تولدۇرۇپ، تاغلار بىلەن تەڭ سەۋىيەگە كەلتۈرگەن چېغىدا: «ئوت يېقىپ پۈۋلەڭلار» دېدى. ئۇ تۆمۈر پارچىلىرىنى قىزىتىپ ئوتتەك قىلغان چېغىدا بولسا: «ماڭا ئېرىتىلگەن مىس كەلتۈرۈڭلار ئۈستىگە تۆكەي» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار›. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۆمۈر پارچىلىرىنى يىغىپ زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا ئىشچىلىق بىلەن ياردەم قىلدى. زۇلقەرنەين ئۇ تۆمۈر پارچىلىرىنى تىزىپ مەزكۇر ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا توسما سېلىشقا باشلىدى، توسمىنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئىككى تاغقا تۇتاشتۇرۇپ ئېگزلىكىنى ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىدا ئۇ ئادەملەرنى ئوت يېقىشقا بۇيرۇدى. ئۇلار ئوت ياقتى، تۆمۈر پارچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئېرىپ ئوتتەك بولغاندا زۇلقەرنەين ئۇلارغا: ‹ئەمدى ماڭا ئېرىتىلگەن مىس كەلتۈرۈڭلار› دېدى. ئۇلار كەلتۈرگەن ئىدى، زۇلقەرنەين ئېرىتىلگەن مىسنى ئېرىپ ئوتتەك بولۇپ كەتكەن تۆمۈرنىڭ ئۈستىگە تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆمۈر ۋە مىسلەر بىرلىشىپ ناھايىتى مۇستەھكەم بىر توسمىغا ئايلاندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. فَمَا اسْطَاعُوا أَنْ يَظْهَرُوهُ وَمَا اسْتَطَاعُوا لَهُ نَقْبًا
    ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۇ توسمىدىن ئاشالمىدى، ھەم ئۇنى تېشەلمىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇنىڭدىن كېيىن يەئجۇج ۋە مەئجۇج قەۋمى ئۇ توسمىنىڭ ئۈستىگە چىقىپمۇ ئاشالمىدى ۋە ئۇنى تېشىپمۇ ئۆتەلمىدى. چۈنكى ئۇ توسما ناھايىتى ئېگىز، بەك سىلىق، ئىنتايىن قېلىن ۋە غايەت قاتتىق ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  98. قَالَ هَٰذَا رَحْمَةٌ مِنْ رَبِّي ۖ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ رَبِّي جَعَلَهُ دَكَّاءَ ۖ وَكَانَ وَعْدُ رَبِّي حَقًّا
    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ -توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى- رەببىمنىڭ نېمىتىدۇر، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ رەببىمنىڭ رەھمىتىدۇر. لېكىن رەببىمنىڭ ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە رەببىم ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ. رەببىمنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    زۇلقەرنەين توسمىنى ئەنە شۇ شەكىلدە پۈتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹بۇ توسما رەببىم ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بىر رەھمىتى بولۇپ، رەببىمنىڭ ھۇزۇرىدا بۇنىڭ يىقىلىش ۋاقتى بار. ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە رەببىم بۇنى تۈپتۈز ھالەتكە كەلتۈرۈۋېتىدۇ. رەببىمنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ›». بۇ (83 ~ 98 - ) ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى دالالەت قىلىدۇكى، «زۇلقەرنەين» - ئاللاھ تائالا بۈيۈك سەلتەنەت ۋە پايدىلىق ئىلىم، خۇسۇسەن بىناكارلىق ماھارىتى ئاتا قىلغان بىر ياخشى بەندە بولۇپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يەر شارىنىڭ كۈنچىقىش تەرەپ، كۈنپېتىش تەرەپ ۋە باشقا بەزى تەرەپلىرگە يۈرۈش قىلغان، نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى فەتھ قىلغان ۋە ئۇ يەرلەردە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن. شۇنىڭدەك، مەلۇم بىر جايدىكى ئېگىز ئىككى تاغنىڭ ئارىسىغا بارغان ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان قەۋمنىڭ، ئۇلارغا قوشنا كېلىدىغان «يەئجۇج ۋە مەئجۇج»نىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر سېپىل سېلىپ بەرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  99. (18-سۈرە كەھف، 99-ئايەت) ھىساب قىيامەت ھادىسىلىرى
    وَتَرَكْنَا بَعْضَهُمْ يَوْمَئِذٍ يَمُوجُ فِي بَعْضٍ ۖ وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَجَمَعْنَاهُمْ جَمْعًا
    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يېغىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە قىستاڭچىلىقتىن كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى -ھېساب ئۈچۈن- يېغىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ كۈنى ئۇلارنى[7] قويۇۋېتىمىز. ئۇلار دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر - بىرىگە گېرەلىشىپ دولقۇنلىنىدۇ. سۇر چېلىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپلايمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «ئەنە شۇ كۈندە، يەنى بىز ئۇ توسمىنى يىقىپ ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن كۈندە، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ھالەتتە قويۇۋېتىمىز. سۇر چېلىنىدۇ، بىز ئۇلارنى ۋە باشقا بارلىق ئىنسانلار بىلەن بارلىق جىنلارنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا يىغىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  100. وَعَرَضْنَا جَهَنَّمَ يَوْمَئِذٍ لِلْكَافِرِينَ عَرْضًا
    ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ كۈنى جەھەننەمنى كافىرلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇ كۈندە دوزاخنى كافىرلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  101. الَّذِينَ كَانَتْ أَعْيُنُهُمْ فِي غِطَاءٍ عَنْ ذِكْرِي وَكَانُوا لَا يَسْتَطِيعُونَ سَمْعًا
    ئۇلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا دىللىرىنىڭ) كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىنى زۇلمەت باسقانلىقى ئۈچۈن كالامۇللاھنى) ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، -كالامۇللانى- ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كافىرلار شۇنداق كىشىلەر ئىدىكى، كۆزلىرى مېنىڭ كىتابىمنى كۆرمەيتتى، قۇلاقلىرى ئۇنى ئاڭلىغىلى ئۇنىمايتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى كۆرمەسكە سالغان ۋە ئۇلارغا قۇلاق يوپۇرغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا 99 ~ 101 - ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسان ۋە جىنلارنى مەھشەرگاھقا يىغىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كافىرلارغا دوزاخنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە ئۇ كافىرلارنى تونۇتىدۇ. 102 ~ 108 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ كافىرلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ بۇزۇق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرگە بويسۇنۇشتىن ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشتىن يۈز ئۆرۈپ تۇرۇپ، «ئىبادەت» دەپ قىلغان ئىشلىرىدىن قىيامەت كۈنى ھېچقانداق پايدا ئالالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دوزاخقا تاشلىنىش بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئايەتلەرگە بويسۇنغان ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. (18-سۈرە كەھف، 102-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق شېرىك
    أَفَحَسِبَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنْ يَتَّخِذُوا عِبَادِي مِنْ دُونِي أَوْلِيَاءَ ۚ إِنَّا أَعْتَدْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَافِرِينَ نُزُلًا
    كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز جەھەننەمنى كاپىرلارغا ھەقىقەتەن مەنزىلگاھ قىلىپ تەييارلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشقا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز جەھەننەمنى كاپىرلارغا ھەقىقەتەن مەنزىلگاھ قىلىپ تەييارلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى ئۆزلىرىگە ۋەلىي قىلىۋېلىشنى ئويلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز جەھەننەمنى ئۇ كافىرلارنىڭ كۈتۈلىدىغان يېرى قىلىپ تەييارلىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «ئايەتلىرىمنى كۆرمەسكە ۋە ئاڭلىماسقا سالغان ئۇ كافىرلار مېنى قويۇپ، پەرىشتە، ئىيسا ۋە ئۇزەير... قاتارلىق بەزى بەندىلىرىمنى ئۆزلىرىگە مەبۇد ۋە ھىمايىچى قىلىۋېلىشنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلىشى خاتا ۋە ئاساسسىزدۇر، چۈنكى مەندىن باشقا ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم چوقۇنۇلۇشقا ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ئەمەس، تېگىشلىك بولغانلارنى مېنىڭ ئازابىمدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. بىز ئۇ كافىرلار ئۈچۈن جەھەننەمنى كۈتۈلۈش يېرى قىلىپ تەييارلىدۇق». دەرۋەقە يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەيتتى، خىرىستىيانلار : «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەيتتى، مەككە مۇشرىكلىرى: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەيتتى ۋە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇ بەندىلىرىگە چوقۇناتتى. شۇنىڭدەك، يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئۆلىمالىرىغىمۇ، خىرىستىيانلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى راھىبلىرىغىمۇ چوقۇناتتى. ئۇلار ئۇ بەندىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شافائەت قىلىپ قوغدايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلاتتى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ باتىل ئېتىقادلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارغا ھەقنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ باتىل ئېتىقادى، خاتا چۈشەنچىسى ۋە ئاساسسىز پىكرىگە رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  103. قُلْ هَلْ نُنَبِّئُكُمْ بِالْأَخْسَرِينَ أَعْمَالًا
    سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئەمەللىرىدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىپ كەتكۈچىلەرنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «قىلغان ئەمەللەرىدە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ئېتىپ بېرەيلىمۇ؟»: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. الَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ يَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ يُحْسِنُونَ صُنْعًا
    ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا تىرىشچانلىقلىرى يوققا چىققان، لېكىن ئۆزلىرىنى ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدىغان كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار، دۇنيادىكى چېغىدا «ياخشى ئىش قىلدۇق» دەپ بىھۇدە ئىش قىلغان ۋە پايدىسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى ئويلىغان ئادەملەردۇر. چۈنكى ئۇلار: «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ» دەپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغان، شەيتانلارنى دوست تۇتقان ۋە ئىنسانلارنى توغرا يولدىن توسقان، يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، لېكىن ئەسلىدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشرىك ئادەملەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  105. أُولَٰئِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ وَلِقَائِهِ فَحَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَلَا نُقِيمُ لَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَزْنًا
    ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى (يەنى مۇنداق كىشىلەرنى) قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇلار، رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، بۇ سەۋەپتىن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ھېچ ئېتىبار بەرمەيمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ ئادەملەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىشنى ئىنكار قىلغان، بۇ سەۋەبتىن (سىيلە - رەھىم، خەير - ساخاۋەت ۋە ياخشى ئىشلارغا ياردەم... قاتارلىق) ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن ئادەملەردۇر. چۈنكى ياخشى ئەمەلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئېتىقادتا شېرك بولماسلىقى شەرتتۇر. شېرىك، ئەمەللەرنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارغا قىيامەت كۈنى ھېچقانداق ئېتىبار بەرمەيمىز. ئۇلار ئەسلا ھۆرمەتكە ئېرىشمەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئىززەت - ئىكرام كۆرمەيدۇ، ئەكسىچە خارلىققا ۋە ھاقارەتكە مەھكۇم بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  106. ذَٰلِكَ جَزَاؤُهُمْ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُوا وَاتَّخَذُوا آيَاتِي وَرُسُلِي هُزُوًا
    كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مۇشۇنداقتۇر. ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. چۈنكى ئۇلار كافىر بولغان، ئايەتلىرىمنى ۋە ئەلچىلىرىمنى مەسخىرە قىلغان ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ خارلىققا ۋە ھاقارەتكە مەھكۇم قىلىنىشى ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازادۇر. ئۇ جازا ئۇلارنىڭ جەھەننەمگە تاشلىنىپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن ئازابلىنىشىدۇر. ئۇلارغا بۇ جازانىڭ بېرلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ كافىر بولغانلىقى، ئايەتلىرىمنى ۋە ئەلچىلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقىدۇر». ئىلاۋە: ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىگىلا (ئاللاھقىلا) ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئىبادەتنىڭ ماھىيىتىنى، شەرت ۋە شەكىللىرىنى ئۆگەتكەن. شۇڭلاشقا ئىبادەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىبادەت دەپ ئۆگەتكەن ئىشلارنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىش شەرتتۇر. ئاللاھ تائالا ئىبادەت دەپ ئۆگەتكەن ئىشلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رىزاسى ئۈچۈن قىلىش بىلەن بىرلىكتە باشقا بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈنمۇ قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. شۇنىڭدەك، ئۆزى خالىغان ئىشنى ياكى باشقا بىر كىشى ئىبادەت دەپ يولغا قويغان ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىش ئۆزىنى ۋە شۇ كىشىنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ۋە باشقا بىرقانچە ئايەتتە ئىبادەت قىلىشتا ئەنە شۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلمىغانلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  107. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَانَتْ لَهُمْ جَنَّاتُ الْفِرْدَوْسِ نُزُلًا
    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ كۈتۈلىدىغان يېرى فىردەۋس جەننەتلىرىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    (107-108) يۇقىرىدا سۈپەتلىرى ۋە جازاسى بايان قىلىنغان كافىرلارنىڭ ئەكسىچە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، شۇنداقلا كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۆگىتىلگەن ياخشى ئىشلارنى شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئادا قىلغان كىشىلەر «فىردەۋس باغچىلىرى»دا كۈتۈلىدۇ. ئۇلار ئۇ باغچىلاردا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ باغچىلاردىن باشقا بىر جايغا يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە (7 - ئايەتتە) ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا «فىردەۋس باغچىلىرى»نىڭ كۈتۈلىدىغان جاي بولىدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ. 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 1 ~ 11 - ئايەتلىرىدە نامىزىدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقان ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگەن، بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن، زاكىتىنى بەرگەن، ئىپپىتىنى ساقلىغان، ئامانەتكە ۋە ئەھدىسىگە رىئايە قىلغان، نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغان (تۇلۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن) كىشىلەرنىڭ «فىردەۋس»كە ئىگە بولىدىغانلىقى، 70 - سۈرە (مەئارىج)نىڭ 22 ~ 35 - ئايەتلىرىدە ئۇ كىشىلەرنىڭ جەننەتلەردە (جەننەتنىڭ ئىچىدىكى باغچىلاردا) ئىززەت - ئىكرامغا ئېرىشىدىغانلىقى (كۈتۈلىدىغانلىقى) بايان قىلىنىدۇ. «فىردەۋس» - مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشىچە جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسى، ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ ئالىي يېرى بولۇپ «ئەرش»نىڭ ئاستىدىدۇر. جەننەتنىڭ ئۆستەڭلىرى ئۇنىڭدىن ئېقىپ چىقىدۇ. بىر ھەدىستە «فىردەۋس باغچىلىرى»نىڭ تۆت ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. دېمەككى، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئادا قىلغان كىشىلەر ھەم جەننەتنىڭ «فىردەۋس» دەپ ئاتىلىدىغان ئالىي يېرىدە، ھەم باشقا يەرلىرىدە مەنزىلگاھ ۋە تۇرالغۇ جايلارغا ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ. بۇنى قۇرئان كەرىمدە، ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا جەننەتنىڭ ۋە جەننەتنىڭ پەرقلىق سۈپەتلەردىكى جايلىرىنىڭ ۋەدە قىلىنىشى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، بىر يەردە «رەببىنىڭ ماقامىدىن قورققان كىشىگە تۆت دانە جەننەت بار»لىقىنىڭ، يەنە بىر يەردە بۇ كىشىگە جەننەتنىڭ تۇرالغۇ جاي بولىدىغانلىقىنىڭ ۋەدە قىلىنىشىمۇ تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغانلىقىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن باشلايدۇ. ئاندىن تۈرلۈك نەسىھەت، ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشىلارغا خۇش خەۋەر، يامانلارغا شۇم خەۋەر ۋە بىرقانچە دانە قىسسە بايان قىلىدۇ. ئاندىن 109 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەنە شۇ ئىلىملەرنىڭ ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلىنغان ئىلىملەرنىڭ، ئۆز ئىلمىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  108. خَالِدِينَ فِيهَا لَا يَبْغُونَ عَنْهَا حِوَلًا
    ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ ۋە ئۇ جەننەتلەردىن ئايرىلىشنى ھېچ ئارزۇ قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

  109. قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولۇپ كەتسە، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز (سۈيىنى) كەلتۈرسەكمۇ».(ئىزاھات:ئاللاھنىڭ كالامى خۇددى ئاللاھنىڭ ئىلمىدەك چەكسىز، بۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكىنىڭ مىسالىدۇر.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، دېڭىز سىيا بولۇپ كەتسىمۇ، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز - سۈيى- چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز - سۈيىنى- كەلتۈرسەكمۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىزلار سىياھ بولسا ئىدى، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەستىن دېڭىزلار تۈگەپ كەتكەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنچىلىك سىياھ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر بارلىق دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ سۇلىرى رەببىم ئاللاھنىڭ ئىلىملىرىنى يېزىش ئۈچۈن سىياھ بولغان ۋە ئۇ ئىلىم يېزىلغىلى تۇرغان تەقدىردە، رەببىم ئاللاھنىڭ ئىلىملىرى تۈگىمەستىن ئۇ سىياھ تۈگىگەن بولاتتى». ئى مۇھەممەد! بىز ئۇ دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ بىر ئوخشىشىنى سىياھقا ئايلاندۇرۇپ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ يەنە سىياھلار تۈگىگەن، لېكىن ئىلمىمىز تۈگىمىگەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە ئۆز ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مۇشرىكلارغا، ئۇنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىلمىدىن ئۆزى خالىغاننى نازىل قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنى باشقا ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ئىلىمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئىنسانلارغا ئۆتمۈشتىكى ھەر ۋەقەنى خەۋەر قىلىش، ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر سوئالىغا جاۋاب بېرىش ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان ئىلىمنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى بەخت - سائادەت يولىغا يېتەكلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا
    (ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، كىمكى، رەببىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن. رەببىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا، خۇسۇسەن سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىنكار قىلىۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. ئاللاھ مېنى ئىچىڭلاردىن تاللاپ، ئىبادەت قىلىشىڭلارغا ئۆزىنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى سىلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتتى. مەن سىلەرگە ئاللاھ ماڭا بىلدۈرگەن ئىلىملەرنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزلەر راست، بەرگەن خەۋەرلەر توغرا ۋە بايان قىلغان قىسسەلەر ھەقىقەتتۇر. ئۇنداقتا، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار. كىمكى رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن!». ئەسكەرتىش: ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش، ياكى ئاللاھقا قىلىش بىلەن بىرلىكتە باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش، دۇنيا مەنپەئەتى قولغا كەلتۈرۈش، نام چىقىرىش... قاتارلىق بىرەر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈنمۇ قىلىش، ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ (نەئۇزۇ بىللاھ). ئىبادەتنى پەقەت ئاللاھ رىزاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا قىلمىغان، ئەكسىچە ئەنە شۇ شەكىلدە ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەمنىڭ باشقا ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى