ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ ھەمىشە ھەممىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ، بىلىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Divine Hearing and Seeing
38 ئايەت
21 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىلاھىي سۈپەتلەر ۋە ئالامەتلەر /
- 📄 ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاپىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ بَدَّلَهُ بَعْدَمَا سَمِعَهُ فَإِنَّمَا إِثْمُهُ عَلَى الَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[181].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى پەقەت ئۇنى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ گۇناھى ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىلەرگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 224 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَجْعَلُوا اللَّهَ عُرْضَةً لِأَيْمَانِكُمْ أَنْ تَبَرُّوا وَتَتَّقُوا وَتُصْلِحُوا بَيْنَ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشىلىق قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن (ئۇلارنى قىلىشقا) ئاللاھنى توسالغۇ قىلماڭلار (يەنى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشى ئىشلارنى قىلماسلىقنىڭ سەۋەبى قىلماڭلار)، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[224].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشىلىق قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن ئاللاھنى شۇ ياخشى ئىشلارغا توسالغۇ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچتىم دەپ ياخشىلىق قىلىشتىن، تەقۋادارلىق قىلىشتىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويۇشتىن باش تارتماڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 227 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ عَزَمُوا الطَّلَاقَ فَإِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[227].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىش نىيىتىگە كەلسە، ئۇنداق ئەھۋالدا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار تالاق قىلىشنى نىيەت قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 244 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى، ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[244].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
ذُرِّيَّةً بَعْضُهَا مِنْ بَعْضٍ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرى بىلەن نەسىلداشتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَاللَّهُ شَهِيدٌ عَلَىٰ مَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ۋەھالەنكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارغا شاھىتتۇر»[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان تۇرسا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە نېمىشقا كافىر بولىسىلەر؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
3 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ غَدَوْتَ مِنْ أَهْلِكَ تُبَوِّئُ الْمُؤْمِنِينَ مَقَاعِدَ لِلْقِتَالِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن (ئۇھۇدقا) چىقىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن چىقىپ (ئۇھۇدتا) مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىڭ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سەن مۇئمىنلارنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەتىگەن ئائىلەڭدىن ئايرىلىپ يولغا چىققان ئىدىڭ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ فَقِيرٌ وَنَحْنُ أَغْنِيَاءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوا وَقَتْلَهُمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَنَقُولُ ذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە ـ ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز[181].
تەرجىمە ھەيئىتى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز ھەمدە ئۇلارغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېگەنلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى يازىمىز ۋە مۇنداق دەيمىز: كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار!
نىسا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ أَنْ تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ ۚ إِنَّ اللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُمْ بِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھتىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرالىغىنى بىلەن، ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان گەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ئاللاھتىن يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ51. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى كېچىدە پىلانلاۋاتقان چاغدا ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ ثَوَابَ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ ثَوَابُ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (قىلغان ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويغىنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى تىلىسۇن). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى دۇنيانىڭ نېمىتىنى تىلەيدىكەن، (ئۇ بىلسۇنكى) دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ نېمىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىم دۇنيانىڭ ساۋابىنى ئىرادە قىلسا59، بىلسۇنكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، ئاللاھ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلغىنى) دىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى مۇستەسنا63. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَسِبُوا أَلَّا تَكُونَ فِتْنَةٌ فَعَمُوا وَصَمُّوا ثُمَّ تَابَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ثُمَّ عَمُوا وَصَمُّوا كَثِيرٌ مِنْهُمْ ۚ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن (ئۇلار تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن) كور بولدى، يەنە (پەند ـ نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلاپ، كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئۇلار تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېشىمىزغا بالايىئاپەت كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ كور بولدى، گاس بولدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە كور بولدى، گاس بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
5 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا ۚ وَاللَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارغا): «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
5 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
مَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ مَا سَكَنَ فِي اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان (ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان) شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدْقًا وَعَدْلًا ۚ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر ، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ سۆزى توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشتى14. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَكُونُ فِي شَأْنٍ وَمَا تَتْلُو مِنْهُ مِنْ قُرْآنٍ وَلَا تَعْمَلُونَ مِنْ عَمَلٍ إِلَّا كُنَّا عَلَيْكُمْ شُهُودًا إِذْ تُفِيضُونَ فِيهِ ۚ وَمَا يَعْزُبُ عَنْ رَبِّكَ مِنْ مِثْقَالِ ذَرَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَلَا أَصْغَرَ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْبَرَ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كىتابتا روشەن خاتىرىلەنگەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن قانداق ھالەتتە بولساڭ، قۇرئاندىن قانداق نەرسە ئوقۇساڭ، سەن ۋە ئۈممىتىڭ قانداقلا ئىش قىلساڭلار، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان چېغىڭلاردا، بىز چوقۇم سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسماندا بولسۇن، زېمىندا بولسۇن، زەررە چاغلىق نەرسە رەببىڭنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ. مەيلى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن ھەممىسى چوقۇم روشەن كىتابتىدۇر.
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ -ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى- ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن دەپئى قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَذْكُرَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: سېنى كۆپ زىكىر قىلايلى،
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ رَبُّكُمْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق) پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا (قەتئىي دەلىللەر بىلەن) گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بولغان ۋە ئۇلارنى ئۇ ياراتقان زاتتۇر، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. ئۇلارنى ئۇ ياراتقان. مەن بولسام بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرىمەن».
ھەج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇ نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ئاللاھ، كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ -بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى- ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، -ئەھۋالىنى- كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
22 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ يَصْطَفِي مِنَ الْمَلَائِكَةِ رُسُلًا وَمِنَ النَّاسِ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈش ئۈچۈن)، ئىنسانلاردىنمۇ (شەرىئەتنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن) ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (قىلمىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەرىشتىلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن ئەلچىلەرنى تاللايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن -بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى- ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەر تاللايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 220 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[220].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ شَهِيدًا ۖ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَالَّذِينَ آمَنُوا بِالْبَاطِلِ وَكَفَرُوا بِاللَّهِ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمگە) گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، باتىلغا ئىشەنگەن، ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئادەملەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ، باتىلغان ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كاپىر بولغانلار بارغۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر. ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھقا كافىر بولغانلار چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ فَهُوَ لَكُمْ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ مېنىڭ ئەجرىم پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قانداق ئەجىر سورىغان بولسام، ئۇ سىلەرنىڭ بولسۇن3. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
غافىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ يَقْضِي بِالْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَقْضُونَ بِشَيْءٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقان نەرسىلەر ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرى ھېچ نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
40 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
40 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۙ إِنْ فِي صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَا هُمْ بِبَالِغِيهِ ۚ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار -ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت- مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ، شۇڭا ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلىگىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچبىر دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە كىبىر بار. ئۇلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا سېغىنغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ -يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە- كۈشكۈرتسە دەرھال ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
41 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي آيَاتِنَا لَا يَخْفَوْنَ عَلَيْنَا ۗ أَفَمَنْ يُلْقَىٰ فِي النَّارِ خَيْرٌ أَمْ مَنْ يَأْتِي آمِنًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ اعْمَلُوا مَا شِئْتُمْ ۖ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەر بىزگە مەخپىي قالمايدۇ. قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان كىشى ياخشىمۇ ياكى خاتىرجەم ھالدا كېلىدىغان كىشى ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَاطِرُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَمِنَ الْأَنْعَامِ أَزْوَاجًا ۖ يَذْرَؤُكُمْ فِيهِ ۚ لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ بەردى. ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى جۈپلۈك قىلىپ يارىتىپ بەردى. ئاللاھ بۇ ئارقىلىق سىلەرنى كۆپەيتىدۇ. ئاللاھقا ئوخشايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭدىن بىر رەھمەت بولغان ھالدا. ئۇ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ رەببىڭدىن رەھمەتتۇر2. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّتِي تُجَادِلُكَ فِي زَوْجِهَا وَتَشْتَكِي إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ يَسْمَعُ تَحَاوُرَكُمَا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇراتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر كۆرگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ، ئېرى توغرۇلۇق سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ بىر - بىرىڭلارغا قىلغان سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇراتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئىنىشقاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ إِنَّ رَبَّهُ كَانَ بِهِ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى رەببى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تورغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەلۋەتتە ھېساب بېرەتتى. چۈنكى رەببى ئۇنى كۆرۈپ تۇراتتى.
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟