مۇناپىقلىق
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مۇسۇلماندەك كۆرۈنۈپ ئىچىدىكى كاپىرلىقنى ياكى خىيانىتىنى يوشۇرۇش
ئەرەبچىىسى: النفاق
ئېنگلىزچىسى: Hypocrisy
152 ئايەت
22 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىمان ۋە كاپىرلىق /
- 📄 مۇناپىقلىق
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئاغزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن، كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق» دەيدۇ.
2 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ.
2 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل (يەنى مۇناپىقلىق ۋە شەكلىنىش) بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى (يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى) ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت) كېسىلى بار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇلار (ئىمان ئېيتتۇق دەپ) يالغان سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل زىيادە قىلدى. ئۇلارغا يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
2 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ قَالُوا إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ.
2 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَٰكِنْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە بۇزغۇنچىلار ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار تۇيمايدۇ.
2 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَالُوا أَنُؤْمِنُ كَمَا آمَنَ السُّفَهَاءُ ۗ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ السُّفَهَاءُ وَلَٰكِنْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ھەقىقىي ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق، لېكىن ئۇلار (بۇنى) بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «شۇ ئىنسانلار ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «ئۇ ئەخمەقلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە ئەخمەقلەر ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ.
2 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَىٰ شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شەيتانلىرى (يەنى كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، بىز پەقەت ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، «بىز راستتىنلا سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى مەسخىرە قىلىۋاتىمىز، خالاس» دەيدۇ.
2 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ وَيَمُدُّهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: (مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ ۋە ھەددىدىن ئېشىشىدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
2 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُهُمْ كَمَثَلِ الَّذِي اسْتَوْقَدَ نَارًا فَلَمَّا أَضَاءَتْ مَا حَوْلَهُ ذَهَبَ اللَّهُ بِنُورِهِمْ وَتَرَكَهُمْ فِي ظُلُمَاتٍ لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گوياكى (كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى (ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى) كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گوياكى (كېچىدە يورۇقلۇق ئېلىش ئۈچۈن) ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئوتىنىڭ) يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇلارنى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەتراپنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئەمما ئوت ئۇنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە قويۇپ قويدى.
2 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ كَصَيِّبٍ مِنَ السَّمَاءِ فِيهِ ظُلُمَاتٌ وَرَعْدٌ وَبَرْقٌ يَجْعَلُونَ أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ مِنَ الصَّوَاعِقِ حَذَرَ الْمَوْتِ ۚ وَاللَّهُ مُحِيطٌ بِالْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك، گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماقلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان، گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇنداق كافىرلارنىڭ ھەممە ئىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئاسماندىن تۆكۈلگەن قاتتىق يامغۇرغا مۇپتىلا بولغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا قاراڭغۇلۇقلار، گۈلدۈرماما ۋە چاقماق بار. ئۇلار ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالىدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ قَالُوا أَتُحَدِّثُونَهُمْ بِمَا فَتَحَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ لِيُحَاجُّوكُمْ بِهِ عِنْدَ رَبِّكُمْ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر ـ بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقانلىرىدا: «پەرۋەردىگارىڭلار قېشىدا مۆمىنلەر سىلەرگە قارشى پاكىت كۆرسەتسۇن دەپ ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ۋەھىينى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرەمسىلەر؟ (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر!» دەيتتى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دەيتتى. بىر ـ بىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا مۆمىنلەر بىزگە قارشى پاكىتقا ئىگە بولۇپ قالسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن نەرسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپەتلىرىنى) ئۇلارغا سۆزلەپ بېرىۋاتامسىلەر؟ بۇنىڭغا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دەيتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، بىر - بىرلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا: «رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىپ كۆرسەتسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگەن ھەقىقەتنى ئۇلارغا سۆزلەمسىلەر!؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېيىشىدۇ.
2 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَا يَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟[77]
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ئۇلار يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
2 : 204 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ (لېكىن ئۇ يالغانچى مۇناپىقتۇر)، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە (دىلى باشقا، تىلى باشقا ئەمەسلىكىگە) ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە) ئەشەددىي دۈشمەندۇر (كۆرۈنۈشتە ئۇ شېرىن سۆزى ئارقىلىق دىندار قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ)[204].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ، ئۇ ئەشەددىي دۈشمەن تۇرۇپ دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەڭ ئەشەددىي خۇسۇمەتچىدۇر.
2 : 205 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِي الْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ الْحَرْثَ وَالنَّسْلَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ[205].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھۇزۇرۇڭدىن قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ، يېنىڭدىن ئايرىلسا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئېكىن ۋە نەسىللەرنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ آمِنُوا بِالَّذِي أُنْزِلَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَجْهَ النَّهَارِ وَاكْفُرُوا آخِرَهُ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن.
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار ئىمانىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن؛
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ ئۆز - ئارا مۇنداق دېيىشتى: «شۇ مۇئمىنلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىگە ئەتىگىنى ئىمان ئېيتىپ، ئاخشىمى ئۇنى ئىنكار قىلىڭلار. ئۇلار سىلەرگە ئەگىشىپ ئىمانىدىن يېنىشى مۇمكىن.
3 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا بِطَانَةً مِنْ دُونِكُمْ لَا يَأْلُونَكُمْ خَبَالًا وَدُّوا مَا عَنِتُّمْ قَدْ بَدَتِ الْبَغْضَاءُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ وَمَا تُخْفِي صُدُورُهُمْ أَكْبَرُ ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلاردىن بولمىغانلارنى سىرداش قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا بوشىشىپ قالمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ مۇشەققەتتە قېلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. شۈبھىسىزكى، ئەگەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار، سىلەرگە نۇرغۇن ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن بولمىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا سىرداش قىلىۋالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە يامانلىق قىلىدۇ، سىلەرنىڭ مۇشەققەت تارتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى ئېغىزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدۇ، دىللىرىدا يوشۇرۇۋاتقان دۈشمەنلىكى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بىز سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق.
3 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ أُولَاءِ تُحِبُّونَهُمْ وَلَا يُحِبُّونَكُمْ وَتُؤْمِنُونَ بِالْكِتَابِ كُلِّهِ وَإِذَا لَقُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا عَضُّوا عَلَيْكُمُ الْأَنَامِلَ مِنَ الْغَيْظِ ۚ قُلْ مُوتُوا بِغَيْظِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ (سىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ)، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار سىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ)، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار! (يەنى ئاللاھ ئۆلگىنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن!)» ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر ئۇلارنى دوست تۇتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى دوست تۇتمايدۇ، سىلەر(ھەممە ساماۋى) كىتابقا ئىشىنىسىلەر، (ئۇلار سىلەرنىڭ كىتابىڭلارغا ئىشەنمەيدۇ) ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ئۆزلىرى يالغۇز قالغاندا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتىقىنكى، «ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈڭلار!». ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دىققەت، سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. سىلەر كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىسىلەر. ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، يالغۇز قالغان چاغلىرىدا سىلەرگە بولغان ئاچچىقىدىن بارماقلىرىنى چىشلەيدۇ. ئۇلارغا «ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار» دېگىن. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
3 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُعَاسًا يَغْشَىٰ طَائِفَةً مِنْكُمْ ۖ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنْفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَلْ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ مِنْ شَيْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ مَا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَا قُتِلْنَا هَاهُنَا ۗ قُلْ لَوْ كُنْتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى). بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر»[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەر) مۈگدەپ قالدى، يەنە بىر قىسىملار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز غېمىدە قالدى، بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا بەتگۇماندا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بىز بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيۈڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغان جايىغا بارغان بولاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق بىر خاتىرجەملىك تۇيغۇسى چۈشۈرۈپ بەردىكى، ئىچىڭلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۈگدەك باستى. بىر قىسىم كىشىلەر بولسا جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى، ئاللاھ توغرىسىدا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى گۇمانلىرىغا ئوخشاش ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى ۋە: «بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بارمۇ؟» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «پۈتۈن ئىش ئاللاھقا ئائىتتۇر». ئۇلار ساڭا ئوچۇق دېمىگەن نەرسىلىرىنى ئىچىدە ساقلايدۇ ۋە ئۆزئارا: «ئەگەر بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتۇق» دېيىشىدۇ26. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان بولساڭلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشى يېزىلغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقاتتى. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكىنى پاكلاش ئۈچۈن بۇلارنى بېشىڭلارغا كەلتۈردى. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر».
3 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ كَفَرُوا وَقَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ إِذَا ضَرَبُوا فِي الْأَرْضِ أَوْ كَانُوا غُزًّى لَوْ كَانُوا عِنْدَنَا مَا مَاتُوا وَمَا قُتِلُوا لِيَجْعَلَ اللَّهُ ذَٰلِكَ حَسْرَةً فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئاللاھ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى جىھادقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغانبولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، ديىشكەن كافىرلارنى دورىماڭلار، ئاللاھ بۇ خىياللارنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت بولسۇن ئۈچۈن سالىدۇ. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياكى غازاتلاردا ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق: «ئۇلار يېنىمىزدا بولسا ئىدى، ئۆلمەيتتى ھەم ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كافىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئاللاھ بۇ چۈشەنچىنى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىئارام قىلىدىغان ھەسرەتكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِيَعْلَمَ الَّذِينَ نَافَقُوا ۚ وَقِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا قَاتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوِ ادْفَعُوا ۖ قَالُوا لَوْ نَعْلَمُ قِتَالًا لَاتَّبَعْنَاكُمْ ۗ هُمْ لِلْكُفْرِ يَوْمَئِذٍ أَقْرَبُ مِنْهُمْ لِلْإِيمَانِ ۚ يَقُولُونَ بِأَفْوَاهِهِمْ مَا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ۋە مۇناپىقلارنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى (ئۆزۈڭلارنى) قوغداڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۇرۇشتىن خەۋەر تاپقان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق (يەنى سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلاتتۇق)» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇرغاننى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن مۇشرىكلىكنى) ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەنە مۇناپىقلارنى ئايرىش ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىڭلار ياكى مۇداپىئەدە تۇرۇڭلار» دېيىلگەندە، ئۇلار: «ئۇرۇش قىلىشنى بىلگەن بولساق، ئەلۋەتتە، سىلەرگە ئەگەشكەن بولاتتۇق» دېدى. ئۇ كۈندە ئۇلار ئىمانغا قارىغاندا كۇفرغا يېقىن ئىدى. ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوق نەرسىلەرنى ئېغىزلىرىدا دېدى، ئۇلار يوشۇرغاننى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇنافىقلارنىمۇ بىلىشى ئۈچۈندۇر. ئۇ مۇنافىقلارغا: «كېلىڭلار، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار ياكى ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى قوغداڭلار» دېيىلسە، «بىز ئۇرۇش بولۇشىنى بىلگەن بولساق سىلەرگە قېتىلاتتۇق» دېيىشتى. ئۇلار ئۇ كۈنى ئىماندىن كۇفرىغا بەكرەك يېقىن ئىدى، ئېغىزلىرى بىلەن قەلبلىرىدە يوق نەرسىلەرنى سۆزلەيتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرۇۋاتقان نەرسىلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
3 : 168 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ قَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ وَقَعَدُوا لَوْ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُوا ۗ قُلْ فَادْرَءُوا عَنْ أَنْفُسِكُمُ الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ يەنە ئاللاھنىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»[168].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مۇناپىقلار ئۇرۇشقا چىقماي ئولتۇرۇپ (ئۇرۇشتا ئۆلگەن) قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ گېپىمىزگە كىرگەن (يەنى ئۇرۇشقا چىقمىغان) بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن توسۇپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىپ كەتكەن قېرىنداشلىرى توغرىسىدا: «ئۇلار بىزنىڭ پىكرىمىز بويىچە ئىش قىلغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار!».
نىسا سۈرىسى
22 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ آمَنُوا بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَنْ يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَنْ يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُضِلَّهُمْ ضَلَالًا بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى تاغۇتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى (ئادىمىي) شەيتاننىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى قاتتىق ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىر تەرەپتىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان. شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلىدۇ.
4 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ رَأَيْتَ الْمُنَافِقِينَ يَصُدُّونَ عَنْكَ صُدُودًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) غا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھقا كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇنافىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
4 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ثُمَّ جَاءُوكَ يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا إِحْسَانًا وَتَوْفِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارىشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز بېشىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا: «بىز پەقەت ياخشىلىق ۋە يارىشىشنىلا ئىرادە قىلغان ئىدۇق» دېگەنلەرنىڭ ھالى قانداق بولار؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت يەتكەن، ئاندىن : «بىز پەقەت ياخشىلاشنى ۋە ياراشتۇرۇشنى ئىرادە قىلغان» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا يېنىڭغا كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟30.
4 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يَعْلَمُ اللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَعِظْهُمْ وَقُلْ لَهُمْ فِي أَنْفُسِهِمْ قَوْلًا بَلِيغًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (يالغان ئېيتىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى مۇناپىقلىقىنى، مىكرىنى) بىلىدۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارغا تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلغىن[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇلارنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىلىغا تەسىر قىلغۇدەك سۆزلەرنى قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا تەسىرلىك سۆز قىلغىن.
4 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْكُمْ لَمَنْ لَيُبَطِّئَنَّ فَإِنْ أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَالَ قَدْ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيَّ إِذْ لَمْ أَكُنْ مَعَهُمْ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر مۇسىبەت (يەنى مەغلۇبىيەت ياكى قىرغىنچىلىق) كەلسە، (ئۇ مۇناپىق) «ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مەرھەمەت قىلدى، چۈنكى مەن ئۇلار بىلەن (ئۇرۇشتا) بىللە بولمىدىم (بولمىسا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولاتتىم)» دەيدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) بار، ئەگەر سىلەرگە بىرەر تالاپەت يەتسە، ئۇ مۇناپىق: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ماڭا ياخشىلىق قىپتىكەن، ھېلىمۇ ياخشى مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشماپتىكەنمەن (بولمىسا مەنمۇ ئۆلتۈرۈلەركەنمەن)» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا شۇنداق كىشى باركى، سۆرەلمىلىك قىلىپ ئۇرۇشقا چىقمايدۇ. ئەگەر سىلەرگە بىرەر مۇسىبەت يەتسە: «ئاللاھ ماڭا راستتىنلا ئىنئام قىلىپتىكەن، مەن ھەرنېمە بولسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشماپتىكەنمەن» دەيدۇ.
4 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَصَابَكُمْ فَضْلٌ مِنَ اللَّهِ لَيَقُولَنَّ كَأَنْ لَمْ تَكُنْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُ مَوَدَّةٌ يَا لَيْتَنِي كُنْتُ مَعَهُمْ فَأَفُوزَ فَوْزًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە ۋە غەنىيمەت) يەتسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇ (يەنى مۇناپىق) نىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتىكىدەك، «كاشكى مەن (ئۇرۇشتا) ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە (يەنى غەنىيمەتتىن زور نېسىۋىگە) ئېرىشكەن بولاتتىم» دەيدۇ[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى (يەنى غەلىبە) كەلسە، گويا سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق دوستلۇق يوقتەك، «ئېسىت، مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسام، ئەلۋەتتە چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەركەنمەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەرگە ئاللاھتىن بىرەر پەزل32 يەتسە، - گويا سىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ دوستلۇق يوقتىكىدەك: «ئۇلار بىلەن بىللە بولغان بولسام، چوڭ بىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىكەنمەن، ھەي» دەيدۇ.
4 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِكْكُمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنْتُمْ فِي بُرُوجٍ مُشَيَّدَةٍ ۗ وَإِنْ تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِكَ ۚ قُلْ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ فَمَالِ هَٰؤُلَاءِ الْقَوْمِ لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولساڭلار، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر». بۇ قەۋم نېمىشقا ھېچبىر سۆزنى چۈشەنمەيمۇ دېمەيدىغاندۇ؟
ئەنەس ئالىم: قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم سېلىنغان يۈكسەك قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيدۇ، ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر يامانلىق يەتسە: «بۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن»36. ئۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ھېچبىر سۆزنى چۈشىنىشكە يېقىنلاشمايۋاتىدۇ!
4 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ طَاعَةٌ فَإِذَا بَرَزُوا مِنْ عِنْدِكَ بَيَّتَ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ غَيْرَ الَّذِي تَقُولُ ۖ وَاللَّهُ يَكْتُبُ مَا يُبَيِّتُونَ ۖ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئەمرىڭگە خىلاپلىق قىلىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى كەچۈرگىن)، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (تەۋەككۈل قىلغۇچىغا) ئاللاھنىڭ ھامىيلىقى يېتەرلىكتۇر[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلار: «سېنىڭ ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا بولسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى يوشۇرۇن ھالدا سېنىڭ دېگىنىڭنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. سەن ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ ساڭا يېتەرلىك ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئىتائەت قىلىمىز» دەيدۇ. ئاندىن يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققاندا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ سېنىڭ دېگىنىڭدىن باشقىسىنى كېچىدە پىلانلايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېچىدە پىلانلىغان نەرسىسىنى يازىدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَكُمْ فِي الْمُنَافِقِينَ فِئَتَيْنِ وَاللَّهُ أَرْكَسَهُمْ بِمَا كَسَبُوا ۚ أَتُرِيدُونَ أَنْ تَهْدُوا مَنْ أَضَلَّ اللَّهُ ۖ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكمىدە قىلدى، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى (كۇفرغا) قايتۇرۇۋەتتى، ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا قالدۇرغانلارنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قالدۇرىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا زادى توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن، مۇنافىقلار ھەققىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتىڭلار؟ ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن تەتۈرىگە ياندۇرۇۋەتكەن تۇرسا! سىلەر ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.
4 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَدُّوا لَوْ تَكْفُرُونَ كَمَا كَفَرُوا فَتَكُونُونَ سَوَاءً ۖ فَلَا تَتَّخِذُوا مِنْهُمْ أَوْلِيَاءَ حَتَّىٰ يُهَاجِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَخُذُوهُمْ وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ وَجَدْتُمُوهُمْ ۖ وَلَا تَتَّخِذُوا مِنْهُمْ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغىچە (يەنى ھىجرەت قىلىش ئارقىلىق ئىمانىنى ئىسپات قىلمىغىچە) ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئەگەر ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار، ياردەمچىمۇ قىلماڭلار[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كافىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار، ئەگەر ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشتىن باش تارتسا، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار، ياردەمچىمۇ قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كافىر بولغىنىدەك كافىر بولۇشۇڭلارنى، شۇنداقلا ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغىچە ئۇلاردىن ۋەلىي قىلىۋالماڭلار. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارنى تاپقان يېرىڭلاردا تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلاردىن ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ياردەمچى تۇتماڭلار41.
4 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
سَتَجِدُونَ آخَرِينَ يُرِيدُونَ أَنْ يَأْمَنُوكُمْ وَيَأْمَنُوا قَوْمَهُمْ كُلَّ مَا رُدُّوا إِلَى الْفِتْنَةِ أُرْكِسُوا فِيهَا ۚ فَإِنْ لَمْ يَعْتَزِلُوكُمْ وَيُلْقُوا إِلَيْكُمُ السَّلَمَ وَيَكُفُّوا أَيْدِيَهُمْ فَخُذُوهُمْ وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ ۚ وَأُولَٰئِكُمْ جَعَلْنَا لَكُمْ عَلَيْهِمْ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىگە قايتقاندا (كۇفرىنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان پىتنە ـ پاساتقا (يەنى كۇفرىغا ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا ئۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن تارتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، (سىلەر بىلەن) ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە (ئەسىر ئېلىڭلار) تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرگە (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) ئۇلارغا قارشى (ئەسىر ئېلىشقا، ئۆلتۈرۈشكە) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمانىنى ئىزھار قىلىش بىلەن سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى ۋە قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتقاندا (كۇفرنى ئىزھار قىلىش بىلەن) ئۆز قەۋمىدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولغان ئىككىنچى بىر خىل كىشىلەرنى كۆرىسىلەر، ئۇلار ھەر قاچان كۇفرغا (ياكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا) چاقىرىلسا، ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتىدۇ، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قول يىغمىسا، بۇ چاغدا ئۇلارنى قەيەردە كۆرسەڭلار شۇ يەردە تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار، (ئۇلارنىڭ خىيانىتى سەۋەبلىك) بىز سىلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى تەدبىر قوللىنىشىڭلارنى روشەن دەلىل بىلەن تەمىنلىدۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر يېقىندا باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۇچرىتىسىلەركى، ئۇلار سىلەردىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ، ئۆز قەۋمدىنمۇ ئامانلىققا ئېرىشمەكچى بولىدۇ43. ئۇلار قاچان پىتنىگە يۆنەلدۈرۈلسە، ئۇنىڭغا موللاق ئاتىدۇ44. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرمىسا، سىلەرگە تەسلىم بولمىسا ۋە قوللىرىنى ئۇرۇشتىن يىغمىسا ئۇلارنى كۆرگەن يېرىڭلاردا تۇتۇڭلار ۋە ئۆلتۈرۈڭلار. بىز سىلەرگە ئەنە شۇلارغا قارشى ئاشكارا ھوقۇق بەردۇق45.
4 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھتىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرالىغىنى بىلەن، ئاللاھتىن يوشۇرالمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان گەپ قىلىشنى مەسلىھەتلەشكەن چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ئاللاھتىن يوشۇرۇشقا تىرىشمايدۇ51. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى كېچىدە پىلانلاۋاتقان چاغدا ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ جَادَلْتُمْ عَنْهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَمَنْ يُجَادِلُ اللَّهَ عَنْهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَمْ مَنْ يَكُونُ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ھاياتى دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھقا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟[109]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار (يەنى خىيانەتكارلار)نىڭ تەرەپدارى بولۇپ مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلارنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولالايدۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ۋەكىل52 بولىدۇ؟
4 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن (يەنى شۇ كۇفرى بىلەن ئۆلگەن) كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا (يەنى جەننەتكە) يېتەكلىمەيدۇ[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە كافىر بولغان، ئاندىن كۇفردا ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
4 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
بَشِّرِ الْمُنَافِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنافىقلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب بار.
4 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَتَّخِذُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۚ أَيَبْتَغُونَ عِنْدَهُمُ الْعِزَّةَ فَإِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالىدۇ، ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ؟ (يەنى كۇففارلارنىڭ دوستلۇقىدىن ئىززەت ۋە غەلىبە تىلەمدۇ؟) ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ، كافىرلارنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلار كافىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالىدۇ. ئۇلار ئىززەتنى ئۇ كافىرلارنىڭ يېنىدا ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، پۈتۈن ئىززەت ئاللاھنىڭدۇر.
4 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلار) باشقا پاراڭغا يۆتكەلمىگۈچە، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىتابتا سىلەرگە شۇنى نازىل قىلدى60: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە مەسخىرە قىلغۇچىلار باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇنافىقلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمگە توپلايدۇ.
4 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِنْ كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِنَ اللَّهِ قَالُوا أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ وَإِنْ كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُوا أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُمْ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ ۚ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلَنْ يَجْعَلَ اللَّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا مۆمىنلەرگە قارشى ھەرگىز يول بەرمەيدۇ[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كافىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كافىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كافىرلارغا): «بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىب كەلگەن تۇرۇپ، سىلەرنى مۆمىنلەردىن قوغدىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كافىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن پەتىھ نېسىپ بولسا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەيدۇ. ئەگەر كافىرلارغا زەپەردىن بىرەر نېسىۋە بولسا: «بىز سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ61. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن مۇئمىنلارغا قارشى يول بەرمەيدۇ.
4 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلَاةِ قَامُوا كُسَالَىٰ يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلَا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ[142]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار نامازغا تۇرغاندا خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى ئازلا ياد ئېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار ئاللاھنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتەيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ.
4 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
مُذَبْذَبِينَ بَيْنَ ذَٰلِكَ لَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ وَلَا إِلَىٰ هَٰؤُلَاءِ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار كۇفرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، نە ئۇلارغا، نە بۇلارغا مەنسۈپ ئەمەس (يەنى مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۈپ ئەمەس). كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن (يەنى ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا كىرىۋالغانلىقلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئازغۇنلۇقىدا تاشلىۋەتكەن بولسا)، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار كۇفر بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارغا مۆمىنلەرگىمۇ، كافىرلارغىمۇ تەۋە ئەمەس. كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئىكەن، (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىتتىرىلىپ تۇرماقتىدۇر، ئۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ، بۇلارغىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى تاپالمايسەن.
4 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۚ أَتُرِيدُونَ أَنْ تَجْعَلُوا لِلَّهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى ۋەلى قىلىۋالماڭلار، سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلارغا) ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! مۆمىنلەرنى قويۇپ، كافىرلارنى دوست تۇتماڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنى (يەنى مۇناپىق ئىكەنلىكىڭلار) غا ئاللاھنىڭ روشەن پاكىتى بولۇشىنى خالامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مۇئمىنلارنى قويۇپ كافىرلارنى ۋەلىي قىلىۋالماڭلار62. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ زىيىنىغا ئاللاھنىڭ روشەن دەلىلى بولۇشىنى خالامسىلەر؟
4 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەدەتكار تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى تاپالمايسەن.
مائىد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىچىدىكى كۇفرغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار (ئۆلىمالىرى ئوقۇغان) يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دىللىرىنى (كۇفردىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَرَى الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يُسَارِعُونَ فِيهِمْ يَقُولُونَ نَخْشَىٰ أَنْ تُصِيبَنَا دَائِرَةٌ ۚ فَعَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَ بِالْفَتْحِ أَوْ أَمْرٍ مِنْ عِنْدِهِ فَيُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا أَسَرُّوا فِي أَنْفُسِهِمْ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەللىك (يەنى مۇناپىقلىق) بارلارنىڭ (زامان ئۆزگىرىپ كاپىرلار زەپەر تاپسا) ئۆزىمىزگە بىر پالاكەتچىلىك كېلىشىدىن قورقىمىز دەپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىرىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ (رەسۇلۇللاھقا، مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىشنى) ئاتا قىلىدۇ ياكى بىر ئىشنى (يەنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشنى) مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، كۆڭلىدە يوشۇرغىنى (يەنى مۆمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىقى) ئۈچۈن ئۇلار نادامەت چېكىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەللىك بارلار (مۇناپىقلار) نىڭ بىزگە بىرەر پالاكەتچىلىك كېلىپ قالمىسۇن دەپ، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار بىلەن دوست بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يېقىندا (مۇسۇلمانلارغا) غەلىبە ئاتا قىلىدۇ ياكى بىرەر ھۆكۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ ـ دە، دىلىدا كېسىلى بارلار ئۇلارنى كۆڭلىدە يۇشۇرۇن دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن نادامەت چېكىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنىڭ: «بىزگە پالاكەت كېلىشىدىن قورقىمىز» دەپ ئۇلارنى ۋەلىي قىلىۋېلىشتا بەسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. يېقىندا ئاللاھ پەتىھنى ياكى ئۆز تەرىپىدىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى، ئاندىن ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان نەرسىگە پۇشايمان قىلغۇچىلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن17.
5 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە ـ مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر ـ بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەر مۇشۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ چاغدا مۆمىنلەر: «بىز قەتئىي سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم ئىچىەنلەر شۇ كىشىلەرمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولدى، شۇڭا ئۇلار زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا مۇئمىنلار: «بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلغانلار شۇلارمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار بولۇپ قالدى.
5 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءُوكُمْ قَالُوا آمَنَّا وَقَدْ دَخَلُوا بِالْكُفْرِ وَهُمْ قَدْ خَرَجُوا بِهِ ۚ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا كَانُوا يَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرى) يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار (ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا) كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى (يەنى سەندىن ئاڭلىغان ئىلىمدىن پايدىلانمىدى). ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى نىفاقىنى ۋە كۇفرىنى) ئوبدان بىلىدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلاردىن بولغان مۇناپىقلار يېنىڭلارغا كەلگەن چاغدا، بىز ئىمان ئېيتتۇق، دەيدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇلار يېنىڭلارغا كۇفر بىلەن كىرىپ كۇفر بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان نەرسىسىنى (يەنى مۇناپىقلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يېنىڭلارغا كەلگەندە: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار كۇفرى بىلەن كىرىپ كۇفرى بىلەن چىقىپ كەتتى. ئاللاھ ئۇلار يوشۇرغان نەرسىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ قَالُوا سَمِعْنَا وَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق، دېگەن كىشىلەرنى دورىماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاڭلىمىسىمۇ: «ئاڭلىدۇق» دېگەن كىشىلەردەك بولماڭلار.
8 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ غَرَّ هَٰؤُلَاءِ دِينُهُمْ ۗ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلارنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى) ئۇلارنىڭ دىنى ئالدىدى (يەنى مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىغا مەغرۇر بولۇپ، ئۆزلىرىنى يېڭىلمەس دەپ گۇمان قىلىپ، ئاز سانلىق تۇرۇقلۇق كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا چىقتى)» دېدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىدۇ). چۈنكى ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسىلى (يەنى شەك) بارلار: «بۇلار (يەنى مۇسۇلمانلار) نى ئۆزىنىڭ دىنى مەغرۇرلاندۇردى (يەنى ئۇلار ئۆزىنى يېڭىلمەس دەپ قاراپ، كۆپ سانلىقلار بىلەن ئۇرۇشتى)» دېگەن ئىدى. كىمكى ئاللاھقا يۆلىنىدىكەن ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا مۇنافىقلار ۋە قەلبلىرىدە كېسەل بولغانلار: «ئۇلارنى دىنى ئالدىدى» دەيتتى8. كىم ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
45 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ كَانَ عَرَضًا قَرِيبًا وَسَفَرًا قَاصِدًا لَاتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنْ بَعُدَتْ عَلَيْهِمُ الشُّقَّةُ ۚ وَسَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَوِ اسْتَطَعْنَا لَخَرَجْنَا مَعَكُمْ يُهْلِكُونَ أَنْفُسَهُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار دەۋەت قىلىنغان بۇ ئىش ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە ئوتتۇراھال (ئۇزاق بولمىغان) سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەپ ئاللاھنىڭ نامىدا قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇ يېقىن دۇنيا مەنپەئەتى ۋە ئوتتۇراھال سەپەر بولسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگەشكەن بولاتتى. لېكىن بۇ مۇشەققەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇساپە ئۇلارغا يىراق كەلدى. يېقىندا ئۇلار: «ئەگەر كۈچىمىز يەتسە ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچى كىشىلەردۇر.
9 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
عَفَا اللَّهُ عَنْكَ لِمَ أَذِنْتَ لَهُمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَتَعْلَمَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار (ساڭا ئېنىق بولمىغىچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمىگۈچە، نېمىشقا ئۇلارغا (چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سېنى ئەپۇ قىلسۇن! راستچىللار ساڭا ئېنىق بولماستىن ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمەستىن نېمىشقا ئۇلارغا رۇخسەت بەردىڭ؟
9 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَسْتَأْذِنُكَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَارْتَابَتْ قُلُوبُهُمْ فَهُمْ فِي رَيْبِهِمْ يَتَرَدَّدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار سەندىن رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد) سەندىن پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەم دىلىدا گۇمانى بار كىشىلەرلا رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، قەلبلىرىگە گۇمان چۈشۈپ بۇ گۇمانلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرلا سەندىن رۇخسەت سورايدۇ.
9 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَرَادُوا الْخُرُوجَ لَأَعَدُّوا لَهُ عُدَّةً وَلَٰكِنْ كَرِهَ اللَّهُ انْبِعَاثَهُمْ فَثَبَّطَهُمْ وَقِيلَ اقْعُدُوا مَعَ الْقَاعِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، شۇڭا ئۇلارنى (جىھادقا چىقىشتىن) توختىتىپ قويدى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىشنى ئىرادە قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنى توستى. ئۇلارغا: «ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭلار» دېيىلدى.
9 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ خَرَجُوا فِيكُمْ مَا زَادُوكُمْ إِلَّا خَبَالًا وَلَأَوْضَعُوا خِلَالَكُمْ يَبْغُونَكُمُ الْفِتْنَةَ وَفِيكُمْ سَمَّاعُونَ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە ـ پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغانلار بار. ئاللاھ زالىملارنى (يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئىچى ـ تېشىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە ـ پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك قىلاتتى. ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى بار، ئاللاھ (ئۇنداق) زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىقسا ئىدى، بۇزغۇنچىلىقنى كۆپەيتىشتىن باشقا ئىش قىلمايتتى ۋە سىلەرنى بۆلمەك ئۈچۈن ئاراڭلاردا چېپىپ يۈرەتتى. ئىچىڭلاردا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالىدىغانلار بار ئىدى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
9 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدِ ابْتَغَوُا الْفِتْنَةَ مِنْ قَبْلُ وَقَلَّبُوا لَكَ الْأُمُورَ حَتَّىٰ جَاءَ الْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ اللَّهِ وَهُمْ كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئىلگىرىمۇ بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان ۋە ساڭا ھىيلە - مىكىرلەرنى قىلىشقان ئىدى. ئاخىرىدا ھەق كەلدى ۋە ئۇلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى غەلىبە قىلدى.
9 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ ائْذَنْ لِي وَلَا تَفْتِنِّي ۚ أَلَا فِي الْفِتْنَةِ سَقَطُوا ۗ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌ بِالْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا (يەنى مېنىڭ قېلىشىمغا) رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلدە ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت چوڭ) بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن» دېگۈچىلەرمۇ بار. دىققەت! ئەمەلىيەتتە ئۇلار بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشى باركى: «ماڭا رۇخسەت بەرگىن، مېنى پىتنىگە چۈشۈرمىگىن» دەيدۇ5. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار پىتنىگە چۈشتى. جەھەننەم كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر6.
9 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُصِبْكَ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ ۖ وَإِنْ تُصِبْكَ مُصِيبَةٌ يَقُولُوا قَدْ أَخَذْنَا أَمْرَنَا مِنْ قَبْلُ وَيَتَوَلَّوْا وَهُمْ فَرِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتسە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. ئەگەر بېشىڭغا بىرەر مۇسىبەت كەلسە، ئۇلار «ھەرنېمە بولسا بىز ئالدىن تەدبىرىمىزنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىدۇ ۋە كۆرەڭلىگەن ھالدا قايتىپ كېتىدۇ.
9 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ ۖ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا (قانچىلىك پۇل ـ مال سەرپ قىلساڭلارمۇ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «-ئى مۇناپىقلار جامائەسى!- سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا قانچىلىك پۇل ـ مال سەرپ قىلساڭلارمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «خالىساڭلار كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن چىقىم قىلىڭلار، خالىساڭلار كۆڭۈل رازىلىقىسىز چىقىم قىلىڭلار. قىلغان چىقىملىرىڭلار سىلەردىن ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى سىلەر فاسىق قەۋمسىلەر!».
9 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَهُمْ أَنْ تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَاتُهُمْ إِلَّا أَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَبِرَسُولِهِ وَلَا يَأْتُونَ الصَّلَاةَ إِلَّا وَهُمْ كُسَالَىٰ وَلَا يُنْفِقُونَ إِلَّا وَهُمْ كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل ـ مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، پۇل ـ مېلىنى رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ چىقىملىرىنىڭ قوبۇل بولۇشىغا، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولۇشلىرى، نامازغا خۇشياقماسلىق بىلەن كېلىشلىرى ۋە چىقىملىرىنى نارازىلىق بىلەن قىلىشلىرى توسالغۇ بولدى.
9 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنْكُمْ وَمَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَٰكِنَّهُمْ قَوْمٌ يَفْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار) دىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار (زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان) قورقۇنچاق قەۋمدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەردىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «بىز ئەلۋەتتە سىلەردىنمىز» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەردىن ئەمەس. لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر.
9 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ يَجِدُونَ مَلْجَأً أَوْ مَغَارَاتٍ أَوْ مُدَّخَلًا لَوَلَّوْا إِلَيْهِ وَهُمْ يَجْمَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار بىرەر قورغان ياكى غار ۋە ياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ئەلۋەتتە يۈگۈرۈشكەن بولاتتى[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار بىرەر قورغان ياكى غار ۋە ياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ئەلۋەتتە يۈگۈرۈشكەن بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار بىرەر پاناھگاھ ياكى غارلار ۋە ياكى كىرىۋالىدىغان بىرەر جاي تاپسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇ يەرلەرگە قاراپ يۈگۈرەيتتى، ئۇلارنى ھېچ نەرسە توسالمايتتى.
9 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَلْمِزُكَ فِي الصَّدَقَاتِ فَإِنْ أُعْطُوا مِنْهَا رَضُوا وَإِنْ لَمْ يُعْطَوْا مِنْهَا إِذَا هُمْ يَسْخَطُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىيمەت) لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولۇشىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە ۋە غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، سەدىقىلەرنىڭ تەقسىماتى توغرىسىدا سېنى ئەيىبلەيدۇ. ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە سەدىقە كىرىملىرىدىن نېسىۋە بېرىلسە رازى بولىدۇ. ئەگەر ئۆزلىرىگە ئۇ كىرىملەردىن نېسىۋە بېرىلمىسە، بىردىنلا ئاچچىقلاپ كېتىشىدۇ.
9 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمُ الَّذِينَ يُؤْذُونَ النَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٌ ۚ قُلْ أُذُنُ خَيْرٍ لَكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَيُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِينَ وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ ۚ وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ رَسُولَ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە پەيغەمبەرنى «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «توغرا، ئۇ، سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، نەبىينى رەنجىتىدۇ ۋە: «ئۇ قۇلاقتۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق قۇلىقىدۇر9. ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارغا ئىشەنچ قىلىدۇ. ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
9 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ لِيُرْضُوكُمْ وَاللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَقُّ أَنْ يُرْضُوهُ إِنْ كَانُوا مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن (پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ) ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستىنلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستتىنلا مۇئمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار ئەگەر مۇئمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى.
9 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْذَرُ الْمُنَافِقُونَ أَنْ تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌ تُنَبِّئُهُمْ بِمَا فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلِ اسْتَهْزِئُوا إِنَّ اللَّهَ مُخْرِجٌ مَا تَحْذَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە پاش قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى مۇئمىنلارغا خەۋەر بېرىشتىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر پاش بولۇشتىن قورقىدىغان نەرسىنى ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇنافىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا، قەلبلىرىدىكىنى مۇئمىنلارغا خەۋەر قىلىدىغان بىرەر سۈرىنىڭ نازىل قىلىنىشىدىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر مەسخىرە قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ سىلەر قورققان نەرسىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ».
9 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنْتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئەگەر سەن ئۇلاردىن سورىساڭ، ئۇلار: «بىز، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. بۇ مۇناپىقلارغا: «سىلەر ئاللاھ نى، ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلاردىن سورىساڭ11، ئۇلار ئەلۋەتتە: «بىز پەقەتلا پاراڭغا چۈشۈپ كۆڭۈل ئاچقان ئىدۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى مەسخىرە قىلىپ كۆڭۈل ئاچامتىڭلار؟»12.
9 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِنْ نَعْفُ عَنْ طَائِفَةٍ مِنْكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئازابقا دۇچار قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئى مۇنافىقلار! ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېين كافىر بولدۇڭلار. سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساقمۇ، يەنە بىر گۇرۇھنى ئازابلايمىز. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار بولغان كىشىلەردۇر.
9 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ بَعْضُهُمْ مِنْ بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمُنْكَرِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمَعْرُوفِ وَيَقْبِضُونَ أَيْدِيَهُمْ ۚ نَسُوا اللَّهَ فَنَسِيَهُمْ ۗ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار (مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بولۇشتا) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى). شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ. ئۇلار ئاللاھ نى ئۇنتۇدى، ئاللاھ مۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى. شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: مۇنافىق ئەرلەر ۋە مۇنافىق ئاياللار بىر - بىرىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ ۋە قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ13. ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى14. شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار فاسىقلاردۇر.
9 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ هِيَ حَسْبُهُمْ ۚ وَلَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللارغا ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنافىق ئەرلەرگە، مۇنافىق ئاياللارغا ۋە كافىرلارغا جەھەننەمنىڭ ئوتىنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. جەھەننەم ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى لەنەتلىدى. ئۇلار ئۈچۈن مۇقىم ئازاب بار.
9 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا (قارشى غازات قىلىش ۋە قورقۇنچ سېلىش بىلەن) قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي![73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق قول بولغىن. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
9 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِنْ فَضْلِهِ ۚ فَإِنْ يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشى پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى، ئۇلارنىڭ ئىنتىقام ئالماقچى بولۇشلىرى، پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ «بىز ئۇنداق دېمىدۇق» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇ كۇفرى سۆزنى ئېيتتى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كافىر بولدى ۋە ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇندى15. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ئۆزلىرىنى باي قىلىپ قويغانلىقىنىلا يامان كۆردى16. ئۇلار ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسە ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. ئۇلارغا يەر يۈزىدە ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ياردەمچى يوقتۇر.
9 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا آتَاهُمْ مِنْ فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى)[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان چاغدا، بېخللىق قىلىشتى ۋە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلدى ۋە يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.
9 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقًا فِي قُلُوبِهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، يالغانچىلىقلىرى تۈپەيلى، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا يىلتىز تارتىپ تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ئاقىۋىتى قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە، ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈنگە قەدەر داۋاملىشىدىغان مۇنافىقلىقنى يەرلەشتۈردى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلدى ۋە يالغانچىلىق قىلدى.
9 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَاهُمْ وَأَنَّ اللَّهَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى، (ئۆزئارا قىلىشقان) يوشۇرۇن سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن غەيبلەرنى چوڭقۇر بىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى، ئۆزئارا قىلىشقان يوشۇرۇن سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن غەيبلەرنى چوڭقۇر بىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىرلىرىنى ۋە يوشۇرۇن قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ غەيبلەرنى ئوبدان بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟!
9 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَلْمِزُونَ الْمُطَّوِّعِينَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فِي الصَّدَقَاتِ وَالَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهْدَهُمْ فَيَسْخَرُونَ مِنْهُمْ ۙ سَخِرَ اللَّهُ مِنْهُمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن كۆپ سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچىلا سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سەدىقىلەر توغرىسىدا مۇئمىنلاردىن مەردلىك بىلەن بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەيدۇ ۋە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە بېرەلىگەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
9 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
اسْتَغْفِرْ لَهُمْ أَوْ لَا تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ إِنْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ سَبْعِينَ مَرَّةً فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما بەرىبىر ئوخشاش، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار، ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، ئۇلار ئۈچۈن يەتمىش قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
9 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَرِحَ الْمُخَلَّفُونَ بِمَقْعَدِهِمْ خِلَافَ رَسُولِ اللَّهِ وَكَرِهُوا أَنْ يُجَاهِدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَالُوا لَا تَنْفِرُوا فِي الْحَرِّ ۗ قُلْ نَارُ جَهَنَّمَ أَشَدُّ حَرًّا ۚ لَوْ كَانُوا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ (تەبۈك غازىتىغا چىقماي) قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆيلىرىدە بەخىرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى. ئۇلار (بىر ـ بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر. ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، (ئەلۋەتتە ئىسسىقتا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە چىقاتتى)»[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ - تەبۈك غازىتىغا چىقماي- قېلىپ قالغانلار، ئۆيلىرىدە بىخىرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلار بىر ـ بىرىگە: «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: « ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇرۇشقا چىقماي رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلىپ قالغانلار، ئولتۇرغانلىقلىرىغا خۇشال بولۇشتى، ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى ۋە: «بۇ ئىسسىقتا ئۇرۇشقا چىقماڭلار» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ ئىسسىقتۇر». ئۇلار بۇنى چۈشەنگەن بولسىچۇ!
9 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَضْحَكُوا قَلِيلًا وَلْيَبْكُوا كَثِيرًا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىلمىش (گۇناھ) لىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن[
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن بۇندىن ئېتىبارەن ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن.
9 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ رَجَعَكَ اللَّهُ إِلَىٰ طَائِفَةٍ مِنْهُمْ فَاسْتَأْذَنُوكَ لِلْخُرُوجِ فَقُلْ لَنْ تَخْرُجُوا مَعِيَ أَبَدًا وَلَنْ تُقَاتِلُوا مَعِيَ عَدُوًّا ۖ إِنَّكُمْ رَضِيتُمْ بِالْقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٍ فَاقْعُدُوا مَعَ الْخَالِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ سېنى (تەبۈك غازىتىدىن) قايتۇرۇپ (ئۆزرىسىز قېلىپ قالغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر غازاتقا) چىقىشقا سەندىن ئىزنى سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (غازاتقا) چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا (چىقماي، ئۆيۈڭلاردا بەخىرامان) ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى (غازاتقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار) بىلەن ئولتۇرۇڭلار»[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ سېنى قايتۇرۇپ بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار ئىككىنچى بىر غازاتقا چىقىشقا سەندىن رۇخسەت سورىسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ غازاتقا چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا ئۆيۈڭلاردا بىخىرامان ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى قېلىپ قالغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ساڭا ئۇلاردىن بىرەر گۇرۇھنىڭ يېنىغا قايتىشنى نېسىپ قىلىپ، ئۇلار سەندىن ئۇرۇشقا چىقىش توغرىسىدا رۇخسەت سورىسا، ئېيتقىنكى: «سىلەر مەن بىلەن ھەرگىزمۇ چىقمايسىلەر ۋە مەن بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى ھەرگىزمۇ ئۇرۇشمايسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاۋۋالقى قېتىمدا ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھازىرمۇ قېلىپ قالغۇچىلار17 بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇڭلار».
9 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰ أَحَدٍ مِنْهُمْ مَاتَ أَبَدًا وَلَا تَقُمْ عَلَىٰ قَبْرِهِ ۖ إِنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَمَاتُوا وَهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كافىر بولدى ھەمدە فاسىق18 ھالىتى بىلەن ئۆلدى.
9 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ أَنْ آمِنُوا بِاللَّهِ وَجَاهِدُوا مَعَ رَسُولِهِ اسْتَأْذَنَكَ أُولُو الطَّوْلِ مِنْهُمْ وَقَالُوا ذَرْنَا نَكُنْ مَعَ الْقَاعِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مالدارلار سەندىن (غازاتتىن قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ. ئۇلار: «بىزنى قوي، (غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بەخىرامان) ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مالدارلار سەندىن - غازاتتىن قېلىپ قېلىش ئۈچۈن - رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنى قوي، غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بىخىرامان ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە بولايلى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: «ئاللاھقا ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېگەن يوليورۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغان چاغدا، ئۇلاردىن جىھاد قىلىشقا كۈچى يېتىدىغانلار سەندىن رۇخسەت سورىدى ۋە: «بىزنى قويۇۋەتكىن، ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە قالايلى» دېدى.
9 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
رَضُوا بِأَنْ يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار (جىھادتىكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن كېلىدىغان بەختنى) چۈشەنمەيدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار چۈشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جىھادتىن ئايرىلىپ قالغۇچى ئاياللار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى، قەلبلىرى پېچەتلەندى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ.
9 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ الْمُعَذِّرُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ لِيُؤْذَنَ لَهُمْ وَقَعَدَ الَّذِينَ كَذَبُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ سَيُصِيبُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرابىيلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. (ئىماننى دەۋا قىلىپ) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى (يەنى ئەئرابىيلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى جىھادقىمۇ چىقمىدى، ئۆزرە بايان قىلىپمۇ كەلمىدى). ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەئرابىلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار جىھادقا چىقماسلىققا رۇخسەت سوراپ كەلدى. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى. ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[
ئەنەس ئالىم: ئۆزرە ئېيتقۇچى سەھرالىق ئەرەبلەر، ئۆزلىرىگە رۇخسەت بېرىلىشى ئۈچۈن كەلدى. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغانچىلىق قىلغانلار ئولتۇردى19. ئۇلاردىن كافىر بولغانلارغا يېقىندا ئەلەملىك ئازاب يېتىدۇ.
9 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ وَهُمْ أَغْنِيَاءُ ۚ رَضُوا بِأَنْ يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار (جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) بىلمەيدۇ[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، جىھادقا چىقماسلىققا رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك. ئۇلار، جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: باي تۇرۇپ سەندىن رۇخسەت سورايدىغان كىشىلەرنىلا ئەيىبلەشكە يول بار. ئۇلار ئۇرۇشتىن ئايرىلىپ قالغۇچى ئاياللار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار بىلمەيدۇ.
9 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْتَذِرُونَ إِلَيْكُمْ إِذَا رَجَعْتُمْ إِلَيْهِمْ ۚ قُلْ لَا تَعْتَذِرُوا لَنْ نُؤْمِنَ لَكُمْ قَدْ نَبَّأَنَا اللَّهُ مِنْ أَخْبَارِكُمْ ۚ وَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا) ئۆزرە بايان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرنىڭ (سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. (مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يېنىغا- مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن- قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە ئۆزرە بايان قىلىدۇ، -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرگە ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىزگە خەۋەر قىلدى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى -ئاللاھ- نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇرۇشتىن قايتىپ يېنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا سىلەرگە ئۆزرە ئېيتىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۆزرە ئېيتماڭلار. بىز سىلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىڭلارنى بىزگە بىلدۈردى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمىلىڭلارنىمۇ ئاللاھ كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ كۆرىدۇ. ئاندىن يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى زاتنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ.
9 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ إِذَا انْقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ فَأَعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ إِنَّهُمْ رِجْسٌ ۖ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ)، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار ، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەمدى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇرۇشتىن قايتىپ يېنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، ئەيىبلەشتىن يۈز ئۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنى ئەيىبلەشتىن يۈز ئۆرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار نىجىستۇر. قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر21.
9 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْلِفُونَ لَكُمْ لِتَرْضَوْا عَنْهُمْ ۖ فَإِنْ تَرْضَوْا عَنْهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَرْضَىٰ عَنِ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلارمۇ، شۈبھىسىزكى ئاللاھ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن سىلەرگە قەسەم قىلىپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن رازى بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇ فاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ.
9 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
الْأَعْرَابُ أَشَدُّ كُفْرًا وَنِفَاقًا وَأَجْدَرُ أَلَّا يَعْلَمُوا حُدُودَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر. ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەئرابىلارنىڭ كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ كافىرلىقى ۋە مۇنافىقلىقى تېخىمۇ قاتتىقتۇر. ئۇلار ئاللاھ، رەسۇلىغا نازىل قىلغان قانۇنلارنى بىلمەسلىككە تېخىمۇ لايىقتۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَنْ يَتَّخِذُ مَا يُنْفِقُ مَغْرَمًا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ الدَّوَائِرَ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرابىيلاردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەئرابىلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا بەرگەن نەرسىلىرىنى جەرىمانە ھېسابلايدۇ ۋە سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچى، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[
ئەنەس ئالىم: سەھرالىق ئەرەبلەردىن شۇنداق كىشى باركى، چىقىم قىلغان نەرسىسىنى ئالۋان - سېلىق ھېسابلايدۇ ۋە بېشىڭلارغا بالا - قازالارنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. بالا -قازانىڭ يامىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلسۇن! ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
9 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِمَّنْ حَوْلَكُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ مُنَافِقُونَ ۖ وَمِنْ أَهْلِ الْمَدِينَةِ ۖ مَرَدُوا عَلَى النِّفَاقِ لَا تَعْلَمُهُمْ ۖ نَحْنُ نَعْلَمُهُمْ ۚ سَنُعَذِّبُهُمْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَىٰ عَذَابٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىيلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز. ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب-دوزاخ ئازابى-غا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەتراپىڭلاردىكى سەھرالىق ئەرەبلەردىن مۇنافىقلار بار، مەدىنە ئەھلىدىنمۇ مۇنافىقلىق قىلىشقا ئۇستىلىشىپ كەتكەنلەر بار. سەن ئۇلارنى بىلمەيسەن، ئۇلارنى بىز بىلىمىز. بىز ئۇلارنى ئىككى قېتىم ئازابلايمىز. ئاندىن ئۇلار چوڭ ئازابقا قايتۇرۇلىدۇ.
9 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مَسْجِدًا ضِرَارًا وَكُفْرًا وَتَفْرِيقًا بَيْنَ الْمُؤْمِنِينَ وَإِرْصَادًا لِمَنْ حَارَبَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ وَلَيَحْلِفُنَّ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا الْحُسْنَىٰ ۖ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى بوزۇش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم (يەنى ئەبۇئامر راھىب) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى پارچىلاش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەمنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداق مۇنافىقلارمۇ باركى، ئۇلار مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىلىق قىلىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈش، بۇرۇن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى تۇرغان كىشىلەرنى كۈتۈش ئۈچۈن مەسچىت سالدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «بىز بۇنىڭ بىلەن پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
9 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَزَالُ بُنْيَانُهُمُ الَّذِي بَنَوْا رِيبَةً فِي قُلُوبِهِمْ إِلَّا أَنْ تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگۈچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى (يەنى مەسجىدى زىرار) دىللىرىدىكى گۇمان (مۇناپىقلىق) نىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ (مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارنى جازالاشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگىچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى -مەسجىدى زىرار-، دىللىرىدىكى گۇماننىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ سالغان بىناسى، قەلبلىرى پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەنگە قەدەر قەلبلىرىدە داۋاملىق شەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَىٰ رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللىرىدا كېسەل بار - مۇناپىق- لارغا كېلىدىغان بولساق، بۇ سۈرە ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى[
ئەنەس ئالىم: قەلبلىرىدە كېسەل بارلارغا كەلسەك، ئۇ سۈرە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكىگە مەينەتچىلىك قوشتى ۋە ئۇلار كافىر پېتى ئۆلدى.
9 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ نَظَرَ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ هَلْ يَرَاكُمْ مِنْ أَحَدٍ ثُمَّ انْصَرَفُوا ۚ صَرَفَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىكى چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاندىن بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: قاچانىكى بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار: «سىلەرنى بىرى كۆرۈۋاتامدۇ؟» دەپ بىر - بىرىگە قارايدۇ، ئاندىن تىكىۋېتىدۇ. ئەسلىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بۇرىۋەتكەن، چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انْقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن-تۇراقسىز ھالدا- ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، ئاللاھقا تۇراقسىز ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا خۇشال بولىدۇ، ئەگەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا يېنىۋالىدۇ. ئۇنداق بىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق - ئاشكارا زىياندۇر.
نۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالرَّسُولِ وَأَطَعْنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِنْهُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇناپىقلار) «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۆمىن ئەمەس[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار مۇئمىن ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: بەزى ئىنسانلار: «بىز ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، لېكىن ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز ئۆرۈيدۇ. مانا بۇلار ھەرگىز مۇئمىن ئەمەس.
24 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (پەيغەمبەر) ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ (ھۆكمىگە) چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائە (پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ھازىر بولۇشتىن) باش تارتىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر جامائەنىڭ باش تارتقانلىقىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ دەرھال يۈز ئۆرۈيدۇ.
24 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَكُنْ لَهُمُ الْحَقُّ يَأْتُوا إِلَيْهِ مُذْعِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن)، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ھەقىقەت ئۇلارنىڭ تەرىپىدە بولىدىغان بولسا، پەيغەمبەرگە بويسۇنغان ھالدا كېلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلسە رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كېلىشىدۇ.
24 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
أَفِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَمِ ارْتَابُوا أَمْ يَخَافُونَ أَنْ يَحِيفَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَرَسُولُهُ ۚ بَلْ أُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن) گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئۇلار (رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن) زالىمدۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ دىللىرىدا -مۇناپىقلىق- ئىللىتى بارمۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلار گۇمانلىنامدۇ؟ يا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىدىن قورقامدۇ؟ ياق، ئەنە ئاشۇلار زالىمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىرەر كېسەل بارمۇ؟ ياكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ دەپ قورقۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار زالىملاردۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 225 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِي كُلِّ وَادٍ يَهِيمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟[225]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئۇلار ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ فَتَنَّا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۖ فَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ صَدَقُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىمۇ سىنىغان. ئاللاھ راستچىللارنى ئوبدان بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
29 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ فَإِذَا أُوذِيَ فِي اللَّهِ جَعَلَ فِتْنَةَ النَّاسِ كَعَذَابِ اللَّهِ وَلَئِنْ جَاءَ نَصْرٌ مِنْ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ إِنَّا كُنَّا مَعَكُمْ ۚ أَوَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِمَا فِي صُدُورِ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكەن كۈلپەتنى ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭدىن مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟[10]
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئاندىن قاچانىكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئەزىيەت تارتسا، كىشىلەر تەرىپىدىن يەتكەن كۈلپەتنى ئاللاھنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىلىدۇ، ئەگەر رەببىڭدىن ساڭا بىر مەدەت كەلسە: «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ جاھان ئەھلىنىڭ دىللىرىدىكىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، «ئاللاھقا ئىشەندۇق» دەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئەزىيەتكە ئۇچرىسا ئىنسانلاردىن يەتكەن ئازارنى ئاللاھتىن كەلگەن ئازاب بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ. ئەگەر رەببىڭدىن زەپەر كەلسە «بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ئىدۇق» دەيدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ئالەم خەلقىنىڭ دىللىرىكى نەرسىلەرنى ئوبدان بىلىدىغان زات ئەمەسمۇ؟
29 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْمُنَافِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇئمىنلارنى چوقۇم بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، مۇنافىقلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ إِلَّا غُرُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا مۇناپىقلىق كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا مۇنافىقلار ۋە قەلبلىرىدە كېسەل بارلار: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە قۇرۇق ۋەدە قىلغان ئىكەن» دەيتتى.
33 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَتْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ يَا أَهْلَ يَثْرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمْ فَارْجِعُوا ۚ وَيَسْتَأْذِنُ فَرِيقٌ مِنْهُمُ النَّبِيَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا عَوْرَةٌ وَمَا هِيَ بِعَوْرَةٍ ۖ إِنْ يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار!» دېيىشەتتى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا» دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى، بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم: «ئى يەسرىبلىكلەر! بۇ يەردە تۇرماي قايتىڭلار!» دېيىشەتتى، ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم: «بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوچۇقچىلىقتا» دېيىشىپ، پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس، ئۇلار پەقەت قېچىشنىلا ئويلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ: «ئى يەسرىبلىكلەر! تۇرغىنىڭلارنىڭ پايدىسى يوق، قايتىڭلار» دېگەن ئىدى. ئۇلاردىن بىر پىرقە بولسا: «ئۆيلىرىمىز ھىمايىسىز» دېيىشىپ نەبىيدىن رۇخسەت سورايتتى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ھىمايىسىز ئەمەس، لېكىن ئۇلار قېچىشنىلا ئىرادە قىلاتتى.
33 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ دُخِلَتْ عَلَيْهِمْ مِنْ أَقْطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُوا الْفِتْنَةَ لَآتَوْهَا وَمَا تَلَبَّثُوا بِهَا إِلَّا يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەھەرگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىلسە، ئاندىن ئۇلاردىن ئىمانىدىن قايتىش، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇلار بۇ تەلەپنى ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا قوبۇل قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەدىنىنىڭ ھەر تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنىپ، ئۇلاردىن فىتنە5 تەلەپ قىلىنسا ئىدى، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال ئىشقا كىرىشكەن بولاتتى.
33 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الْمُعَوِّقِينَ مِنْكُمْ وَالْقَائِلِينَ لِإِخْوَانِهِمْ هَلُمَّ إِلَيْنَا ۖ وَلَا يَأْتُونَ الْبَأْسَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى باشقىلارنى (جىھادتىن) توسقۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا (مۇھەممەدنى ۋە ساھابىلىرىنى تەرك ئېتىپ) بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىڭلار دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتنىشىدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىچىڭلاردىن باشقىلارنى -جىھادتىن- توسقۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا بىزنىڭ «قېشىمىزغا كېلىڭلار» دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇلار جەڭگە ئاندا ـ ساندا قاتنىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاراڭلاردىكى توسقۇنلۇق قىلغۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا: «بىزگە قېتىلىڭلار» دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشقا بەك ئاز قاتنىشىدۇ.
33 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَشِحَّةً عَلَيْكُمْ ۖ فَإِذَا جَاءَ الْخَوْفُ رَأَيْتَهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ تَدُورُ أَعْيُنُهُمْ كَالَّذِي يُغْشَىٰ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَإِذَا ذَهَبَ الْخَوْفُ سَلَقُوكُمْ بِأَلْسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى الْخَيْرِ ۚ أُولَٰئِكَ لَمْ يُؤْمِنُوا فَأَحْبَطَ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىلدۇر، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار (چىن دىللىرى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. (ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سىلەرگە قارىتا بېخىلدۇر، ئەگەر -ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن- خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇرۇشقا قانتاشسا سىلەرگە قىزغانچۇقلۇق قىلىدۇ، ئۇرۇش ئەسناسىدا خەۋپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ساڭا خۇددى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. خەۋپ كەتكەندە بولسا، ئۇلار مالغا ئاچ كۆزلۈك قىلىشىپ سىلەرنى نەشتەردەك تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئەنە شۇلار ئىمان ئېيتمىدى، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتتى. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر.
33 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْسَبُونَ الْأَحْزَابَ لَمْ يَذْهَبُوا ۖ وَإِنْ يَأْتِ الْأَحْزَابُ يَوَدُّوا لَوْ أَنَّهُمْ بَادُونَ فِي الْأَعْرَابِ يَسْأَلُونَ عَنْ أَنْبَائِكُمْ ۖ وَلَوْ كَانُوا فِيكُمْ مَا قَاتَلُوا إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (قاتتىق قورققانلىقتىن) ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار (قىردا) ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، (قورققانلىقتىن) جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا ـ ساندا قاتناشقان بولاتتى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار ئەئرابىيلار -قىر ئەرەبلىرى- نىڭ يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ تىنچ يېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار ئۇرۇش ۋاقتىدا ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، جەڭگە ئاندا ـ ساندا قاتناشقان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىرلەشكەن قوشۇننى كەتمىدى دەپ ئويلايتتى. ئەگەر بىرلەشكەن قوشۇن يەنە كەلسە ئىدى، ئۇلار سەھرادا سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى شۇ يەردە سوراپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولسا ئىدى، بەك ئاز ئۇرۇشاتتى.
33 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْزِيَ اللَّهُ الصَّادِقِينَ بِصِدْقِهِمْ وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ إِنْ شَاءَ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى) مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى خالىسا ئازابلايدۇ ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ راستچىللارغا راستچىللىقىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىشى، مۇنافىقلارنى خالىسا ئازابلىشى ياكى ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
33 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ وَدَعْ أَذَاهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا قىلغان) ئازار ـ كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن (ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن)، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ ئازار - كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغىن، ۋەكىللىككە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
33 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْمُرْجِفُونَ فِي الْمَدِينَةِ لَنُغْرِيَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَا إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ[60ـ61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر مۇناپىقلار، دىللىرىدا كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار قىلمىشلىرىدىن يانمىسا، -ئى مۇھەممەد- ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىتلا تۇرالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر مۇنافىقلار، قەلبىدە كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يامان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلار قىلمىشلىرىدىن توختىمىسا سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇلار مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرالايدۇ.
33 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُعَذِّبَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ وَيَتُوبَ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (مەزكۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، (مەزكۇر ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، (ئاللاھ مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى بولسا ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئاللاھنىڭ مۇنافىق ئەرلەرنى ۋە مۇنافىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭدەك، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّكُمْ كُنْتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ الْيَمِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توساتتىڭلار» دەيدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر -سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا- قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بەزىسى: «سىلەر بىزگە ئوڭدىن كېلەتتىڭلار» دەيدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە : «بايا ئۇ - مۇھەممەد - نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەر ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ساڭا قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان چاغلىرىدا ئىلىم بېرىلگەنلەرگە: «ئۇ بايا نېمە دېدى؟» دېيىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەردۇر.
47 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا لَوْلَا نُزِّلَتْ سُورَةٌ ۖ فَإِذَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ مُحْكَمَةٌ وَذُكِرَ فِيهَا الْقِتَالُ ۙ رَأَيْتَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ نَظَرَ الْمَغْشِيِّ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَأَوْلَىٰ لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلار : «نېمىشقا بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ھۆكۈملىرى ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئۆلۈم ئۇلارغا تېخىمۇ ئەۋلادۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار: «كاشكى، بىرەر سۈرە نازىل قىلىنغان بولسا!» دەيدۇ. لېكىن مەزمۇنى ئىخچام ۋە ئېنىق بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ، ئۇنىڭدا ئۇرۇش زىكىر قىلىنسا، سەن قەلبلىرىدە كېسەل بار كىشىلەرنى ساڭا ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن. ھالبۇكى، ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش،
47 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
طَاعَةٌ وَقَوْلٌ مَعْرُوفٌ ۚ فَإِذَا عَزَمَ الْأَمْرُ فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىتائەت ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشتۇر، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىتائەت قىلىش ۋە چىرايلىق سۆز قىلىش ئىدى. ئۇرۇش قارار قىلىنغاندا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى.
47 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ تَوَلَّيْتُمْ أَنْ تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېمەك سىلەر ھوقۇققا ئېگە بولساڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويىسىلەر، شۇنداقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇناپىقلار! دېمەككى، سىلەر ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىسىلەر!
47 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى گاس قىلدى، كۆزلىرىنى كور قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ لەنەت قىلىپ، قۇلاقلىرىنى گاس، كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن كىشىلەردۇر.
47 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لِلَّذِينَ كَرِهُوا مَا نَزَّلَ اللَّهُ سَنُطِيعُكُمْ فِي بَعْضِ الْأَمْرِ ۖ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِسْرَارَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ تەئەلا بولسا، ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننى يامان كۆرگەنلەرگە: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ.
47 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمُ اتَّبَعُوا مَا أَسْخَطَ اللَّهَ وَكَرِهُوا رِضْوَانَهُ فَأَحْبَطَ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن نەرسىگە ئەگەشتى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ياقتۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى.
47 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَنْ لَنْ يُخْرِجَ اللَّهُ أَضْغَانَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟[29]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى دىللىرىدا كېسەل بار - مۇناپىقلار - ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى قەلبلىرىدە كېسەل بارلار، ئاللاھ بىزنىڭ ئاداۋەتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقارمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
47 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَشَاءُ لَأَرَيْنَاكَهُمْ فَلَعَرَفْتَهُمْ بِسِيمَاهُمْ ۚ وَلَتَعْرِفَنَّهُمْ فِي لَحْنِ الْقَوْلِ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ أَعْمَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر خالىغان بولساق، ئۇ مۇنافىقلارنى ساڭا كۆرسىتەتتۇق، سەن ئۇلارنى سېيماسىدىن تونۇيتتۇڭ. شۈبھىسىزكى، سەن ئۇلارنى سۆزلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىن تونۇيسەن. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ الظَّانِّينَ بِاللَّهِ ظَنَّ السَّوْءِ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۖ وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلَعَنَهُمْ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۆمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![6].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە بۇ، مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا يامان ئويلاردا بولدى، ئۇلارنىڭ مۇئمىنلارغا يېتىشىنى خالىغان ھالاكەت زەنجىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ، ئاللاھقا قارىتا يامان گۇماندا بولغان مۇنافىق ئەرلەرنى ۋە مۇنافىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلارنى يامانلىق قورشىۋالسۇن. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارغا لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
48 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ لَكَ الْمُخَلَّفُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَا أَمْوَالُنَا وَأَهْلُونَا فَاسْتَغْفِرْ لَنَا ۚ يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِمْ مَا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ لَكُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًا ۚ بَلْ كَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغان ئەئرابىلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ سەن بىلەن چىقالمىدۇق، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلار دىللىرىدا بولمىغاننى تىللىرىدا سۆزلەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس - ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس-، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئايرىلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەر يېقىندا ساڭا: «بىزنى ماللىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىز مەشغۇل قىلدى. شۇڭا سەن بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» دەيدۇ. ئۇلار تىللىرى بىلەن قەلبلىرىدە يوق نەرسىنى سۆزلەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر پايدا يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى سىلەرگە كىم نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
48 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ ظَنَنْتُمْ أَنْ لَنْ يَنْقَلِبَ الرَّسُولُ وَالْمُؤْمِنُونَ إِلَىٰ أَهْلِيهِمْ أَبَدًا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمْ وَظَنَنْتُمْ ظَنَّ السَّوْءِ وَكُنْتُمْ قَوْمًا بُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئائىلىلىرىگە مەڭگۈ قايتمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلدىڭلار، بۇ دىللىرىڭلارغا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»
ئەنەس ئالىم: بەلكى سىلەر ‹رەسۇلۇللاھ ۋە مۇئمىنلار ئائىلىلىرىنىڭ يېنىغا ھەرگىزمۇ قايتمايدۇ› دەپ گۇمان قىلدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى. يامان گۇماندا بولدۇڭلار ۋە ھالاك بولۇشقا تېگىشىلىك قەۋم بولدۇڭلار».
48 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ الْمُخَلَّفُونَ إِذَا انْطَلَقْتُمْ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأْخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعْكُمْ ۖ يُرِيدُونَ أَنْ يُبَدِّلُوا كَلَامَ اللَّهِ ۚ قُلْ لَنْ تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمْ قَالَ اللَّهُ مِنْ قَبْلُ ۖ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَحْسُدُونَنَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَفْقَهُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن چىقماقچى بولغىنىڭلاردا -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغانلار: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر قەتئىي ھالدا بىزگە ئەگىشىپ كەلمەڭلار، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ناھايىتى ئاز چۈشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايرىلىپ قالغۇچىلار سىلەر غەنىيمەتلەرنى ئېلىشقا ماڭغان چېغىڭلاردا سىلەرگە: «بىزنى قويۇۋېتىڭلار، سىلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر ھەرگىزمۇ بىزگە ئەگىشەلمەيسىلەر. چۈنكى ئاللاھ بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق دېگەن». بۇ قېتىم ئۇلار: «بەلكى سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بەكمۇ ئاز چۈشىنىدۇ.
48 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ التَّقْوَىٰ وَكَانُوا أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار قىزىق قانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىق قانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار قىزىققانلىقىنى - جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىققانلىقىنى - دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ تەقۋا كەلىمىسىگە رېئايە قىلىشلىرىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. مۇئمىنلار تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا كافىرلار قەلبلىرىگە ئەسەبىيلىكنى - جاھىلىيەت ئەسەبىيلىكىنى - پۈككەن ئىدى. ئاللاھ خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا نازىل قىلدى، ئۇلارنى تەقۋا سۆزىگە باغلىق قىلدى. ئۇلار ئۇ سۆزگە لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ھەدىد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ لِلَّذِينَ آمَنُوا انْظُرُونَا نَقْتَبِسْ مِنْ نُورِكُمْ قِيلَ ارْجِعُوا وَرَاءَكُمْ فَالْتَمِسُوا نُورًا فَضُرِبَ بَيْنَهُمْ بِسُورٍ لَهُ بَابٌ بَاطِنُهُ فِيهِ الرَّحْمَةُ وَظَاهِرُهُ مِنْ قِبَلِهِ الْعَذَابُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۆمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: «بىزگە قاراڭلار، نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا دەرۋازىسى بولغان بىر سېپىل سوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بار.
57 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
يُنَادُونَهُمْ أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ وَلَٰكِنَّكُمْ فَتَنْتُمْ أَنْفُسَكُمْ وَتَرَبَّصْتُمْ وَارْتَبْتُمْ وَغَرَّتْكُمُ الْأَمَانِيُّ حَتَّىٰ جَاءَ أَمْرُ اللَّهِ وَغَرَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مۆمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۆمىنلەر: «شۇنداق، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ، لېكىن ئۆزۈڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار، مۆمىنلەرگە بالايى ـ ئاپەتلەر كېلىشىنى) كۈتتۈڭلار، (ئىسلام دىنىدىن) شەكلەندىڭلار، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىگە بولغان قۇرۇق) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدىدى، تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى، شەيتان سىلەرنى ئاللاھنىڭ (ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى) بىلەن ئالدىدى» دەيدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مۇئمىنلارنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۇئمىنلار: «شۇنداق، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار، كۈتتۈڭلار ۋە شەكلەندىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر سىلەرنى قۇرۇق ئارزۇلار ئالدىدى. كۆپ ئازدۇرغۇچى شەيتان سىلەرنى ئاللاھ ھەققىدىمۇ ئالدىدى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇنافىقلار مۇئمىنلارغا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. مۇئمىنلار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، بىللە ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارغا يامانلىق قىلدىڭلار، بىزنىڭ مۇسىبەتكە يولۇقۇشىمىزنى كۈتتۈڭلار، شۈبھىلەندىڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر قۇرۇق خىياللار ئالدىدى ۋە ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىدى.
57 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ لَا يُؤْخَذُ مِنْكُمْ فِدْيَةٌ وَلَا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ مَأْوَاكُمُ النَّارُ ۖ هِيَ مَوْلَاكُمْ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن سىلەردىن ۋە كاپىرلاردىن فىدىيە ئېلىنمايدۇ، جايىڭلار دوزاختۇر، دوزاخ سىلەرگە ئەڭ لايىقتۇر، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كافىرلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. ئۇ سىلەرگە لايىقتۇر ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!».
مۇجادىلە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نُهُوا عَنِ النَّجْوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَيَتَنَاجَوْنَ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَإِذَا جَاءُوكَ حَيَّوْكَ بِمَا لَمْ يُحَيِّكَ بِهِ اللَّهُ وَيَقُولُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ لَوْلَا يُعَذِّبُنَا اللَّهُ بِمَا نَقُولُ ۚ حَسْبُهُمْ جَهَنَّمُ يَصْلَوْنَهَا ۖ فَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىمايدۇ؟» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![8]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىشى لازىم ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مەخپىي سۆزلىشىشتىن چەكلەنگەن ئاندىن ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە قايتىپ گۇناھ قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلىش توغرۇلۇق مەخپىي سۆزلىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار يېنىڭغا كەلگەندە، ساڭا ئاللاھ قىلغان سالامدىن باشقا سالام بىلەن سالام قىلىدۇ ۋە ئىچىدە: «ئاللاھ بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى نېمىشقا ئازابلىمايدۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر. ئۇلار ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
58 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ تَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَا مِنْهُمْ وَيَحْلِفُونَ عَلَى الْكَذِبِ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ (يەنى يەھۇدىيلارغىمۇ) مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەردىنمۇ ئەمەس، ئۇ قەۋمدىنمۇ ئەمەس. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم قىلىدۇ.
58 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![15]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
58 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ فَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يالغان) قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
58 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيَحْلِفُونَ لَهُ كَمَا يَحْلِفُونَ لَكُمْ ۖ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ ۚ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا «بىز مۇسۇلمانمىز» دەپ يالغاندىن) سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقا قەسەم ئىچىدۇ، ئۇلار بۇ قەسەمنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچكەندەك ئاللاھقا قەسەم ئىچىدۇ ۋە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر نەرسە ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ، ئاگاھ بۇلۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۈندە، ئۇلار ھازىر سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار پايدا ئالىمىز دەپ ئويلايدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
58 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
اسْتَحْوَذَ عَلَيْهِمُ الشَّيْطَانُ فَأَنْسَاهُمْ ذِكْرَ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ حِزْبُ الشَّيْطَانِ ۚ أَلَا إِنَّ حِزْبَ الشَّيْطَانِ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلدى، (شەيتان) ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان غەلىبە قىلغان بولۇپ، شەيتان ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى، ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر، بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شەيتان ئۇلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ گۇرۇھىدۇر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، شەيتاننىڭ گۇرۇھى ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
ھەشر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نَافَقُوا يَقُولُونَ لِإِخْوَانِهِمُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَئِنْ أُخْرِجْتُمْ لَنَخْرُجَنَّ مَعَكُمْ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمْ أَحَدًا أَبَدًا وَإِنْ قُوتِلْتُمْ لَنَنْصُرَنَّكُمْ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) ئىنكار قىلغان ئەھلى كىتاب بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلارنىڭ، ئەھلى كىتابتىن ئىنكار قىلغان بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇ مۇنافىقلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەھلى كىتابتىن بولغان كافىر قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر ھەيدەپ چىقىرىلساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە چىقىمىز، سىلەرگە قارشى ھېچكىمگە قەتئىي ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا ئەلۋەتتە سىلەرگە ياردەم بېرىمىز». ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
59 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
لَئِنْ أُخْرِجُوا لَا يَخْرُجُونَ مَعَهُمْ وَلَئِنْ قُوتِلُوا لَا يَنْصُرُونَهُمْ وَلَئِنْ نَصَرُوهُمْ لَيُوَلُّنَّ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ قاچىدۇ، ئەھلى كىتاب ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ تىكىۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇنافىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇنافىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ. ناۋادا ياردەم بەرسە ئارقىلىرىنى قىلىپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.
59 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُقَاتِلُونَكُمْ جَمِيعًا إِلَّا فِي قُرًى مُحَصَّنَةٍ أَوْ مِنْ وَرَاءِ جُدُرٍ ۚ بَأْسُهُمْ بَيْنَهُمْ شَدِيدٌ ۚ تَحْسَبُهُمْ جَمِيعًا وَقُلُوبُهُمْ شَتَّىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قورغانلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن يۇرتلاردا ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا بولغاندىلا بىرلىشىپ سىلەر بىلەن ئۇرۇشالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى سۈركىلىش قاتتىقتۇر. سەن ئۇلارنى ئۆم كىشىلەر دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى تارقاقتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار (بۇ سۆزلىرىدە) چوقۇم يالغانچىلاردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
63 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن) توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان![2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
63 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ئېغىزلىرىدا) ئىشىنىپ، ئاندىن (دىللىرىدا) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى (يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ)، ئۇلار (ئىماننى) چۈشەنمەيدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى، نەتىجىدە ئۇلار چۈشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئىمان ئېيتتى، ئاندىن كافىر بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە مۆھۈر بېسىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار چۈشەنمەيدۇ.
63 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِنْ يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُسَنَّدَةٌ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھىتىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر. ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ [4]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر، ئۇلار ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ، ئۇلار دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ قەددى - قامەتلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. ئۇلار خۇددى يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر. ئۇلار ھەر ئاۋازنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. ئۇلار دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلغىن. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟
63 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى چايقايدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلگەن چاغدا، ئۇلار باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
63 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَسْتَغْفَرْتَ لَهُمْ أَمْ لَمْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ لَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، پاسىق قەۋمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، شۈبھىسىزكى پاسىق قەۋمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ، مەغپىرەت تىلىمىسەڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
63 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
هُمُ الَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنْفِقُوا عَلَىٰ مَنْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ حَتَّىٰ يَنْفَضُّوا ۗ وَلِلَّهِ خَزَائِنُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋەلېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) چۈشەنمەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنى تەمىنلىمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋە لېكىن مۇناپىقلار چۈشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھقا خاستۇر. لېكىن مۇنافىقلار چۈشەنمەيدۇ.
63 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَقُولُونَ لَئِنْ رَجَعْنَا إِلَى الْمَدِينَةِ لَيُخْرِجَنَّ الْأَعَزُّ مِنْهَا الْأَذَلَّ ۚ وَلِلَّهِ الْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۆمىنلەرنى دېمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم ئەڭ خار ئادەمنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز كىشى ئەڭ خار كىشىنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ» دەيدۇ. ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۇئمىنلارغا خاستۇر. لېكىن مۇنافىقلار بىلمەيدۇ.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففار ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن. ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففارلار بىلەن ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! كافىرلارغا ۋە مۇنافىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق قول بولغىن. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَدُّوا لَوْ تُدْهِنُ فَيُدْهِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سېنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىڭنى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا مَكْرًا كُبَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىنپۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ) چوڭ ھىيلە تۈزدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوڭ ھىيلە تۈزدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ناھايىتى چوڭ ھىيلە - مىكىر قىلدى،
ناس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
114 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق ۋەسۋەسىچىكى، ئىنسانلارنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلىدۇ.