قەلەم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 52 ئايەت
مەنىسى: قەلەم. ئاتىلىش سەۋەبى: باشتىلا قەلەم بىلەن قەسەم قىلىنغان
  1. (68-سۈرە قەلەم، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ن ۚ وَالْقَلَمِ وَمَا يَسْطُرُونَ
    نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى

    نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى

  2. (68-سۈرە قەلەم، 2-ئايەت)
    مَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ
    مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن

    ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، مەجنۇن ئەمەسسەن

  3. (68-سۈرە قەلەم، 3-ئايەت)
    وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ
    مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسۈمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن

    مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن

  4. (68-سۈرە قەلەم، 4-ئايەت)
    وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن

    سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن

  5. (68-سۈرە قەلەم، 5-ئايەت)
    فَسَتُبْصِرُ وَيُبْصِرُونَ
    كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ

    يېقىندا سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ

  6. (68-سۈرە قەلەم، 6-ئايەت)
    بِأَيْيِكُمُ الْمَفْتُونُ
    كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ

    قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى

  7. (68-سۈرە قەلەم، 7-ئايەت)
    إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
    شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ

    شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ

  8. (68-سۈرە قەلەم، 8-ئايەت)
    فَلَا تُطِعِ الْمُكَذِّبِينَ
    ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن

    شۇنداق بولغانىكەن، ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن

  9. (68-سۈرە قەلەم، 9-ئايەت)
    وَدُّوا لَوْ تُدْهِنُ فَيُدْهِنُونَ
    ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ

    ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ

  10. (68-سۈرە قەلەم، 10-ئايەت)
    وَلَا تُطِعْ كُلَّ حَلَّافٍ مَهِينٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن

    قەسەمخورغا ئىتائەت قىلمىغىنكى

  11. (68-سۈرە قەلەم، 11-ئايەت)
    هَمَّازٍ مَشَّاءٍ بِنَمِيمٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن

    ئۇ پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچىدۇر

  12. (68-سۈرە قەلەم، 12-ئايەت)
    مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن

    بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكاردۇر

  13. (68-سۈرە قەلەم، 13-ئايەت)
    عُتُلٍّ بَعْدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن

    ۋە قوپالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغاندۇر

  14. (68-سۈرە قەلەم، 14-ئايەت)
    أَنْ كَانَ ذَا مَالٍ وَبَنِينَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ

    ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا

  15. (68-سۈرە قەلەم، 15-ئايەت)
    إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە ، «بۇ، بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ

  16. (68-سۈرە قەلەم، 16-ئايەت)
    سَنَسِمُهُ عَلَى الْخُرْطُومِ
    ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز

    ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز

  17. (68-سۈرە قەلەم، 17-ئايەت)
    إِنَّا بَلَوْنَاهُمْ كَمَا بَلَوْنَا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ إِذْ أَقْسَمُوا لَيَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِينَ
    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىگە ئوخشاش ۋەھىينى ئىنكار قىلغانلارنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك سىنىدۇق. ئۇلار ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى

  18. (68-سۈرە قەلەم، 18-ئايەت)
    وَلَا يَسْتَثْنُونَ
    ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى

    ئۇلار «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى

  19. (68-سۈرە قەلەم، 19-ئايەت)
    فَطَافَ عَلَيْهَا طَائِفٌ مِنْ رَبِّكَ وَهُمْ نَائِمُونَ
    ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى

    ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا رەببىڭ تەرىپىدىن ئازاب نازىل بولدى

  20. (68-سۈرە قەلەم، 20-ئايەت)
    فَأَصْبَحَتْ كَالصَّرِيمِ
    ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى

    ۋە باغ كۆيۈپ قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى

  21. (68-سۈرە قەلەم، 21-ئايەت)
    فَتَنَادَوْا مُصْبِحِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى

  22. (68-سۈرە قەلەم، 22-ئايەت)
    أَنِ اغْدُوا عَلَىٰ حَرْثِكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَارِمِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى

    «ئەگەر ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ

  23. (68-سۈرە قەلەم، 23-ئايەت)
    فَانْطَلَقُوا وَهُمْ يَتَخَافَتُونَ
    ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى

    ئۇلار مۇنداق پىچىرلاشقان ھالدا يولغا چىقىشتى:

  24. (68-سۈرە قەلەم، 24-ئايەت)
    أَنْ لَا يَدْخُلَنَّهَا الْيَوْمَ عَلَيْكُمْ مِسْكِينٌ
    ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى

    «بۈگۈن باغقا بىرمۇ مىسكىن كىرمىسۇن»

  25. (68-سۈرە قەلەم، 25-ئايەت)
    وَغَدَوْا عَلَىٰ حَرْدٍ قَادِرِينَ
    ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى

    ئۇلار: «توسىيالايمىز» دېگەن ئوي بىلەن ئەتىگەندە تۇرۇشتى

  26. (68-سۈرە قەلەم، 26-ئايەت)
    فَلَمَّا رَأَوْهَا قَالُوا إِنَّا لَضَالُّونَ
    ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى

    ئۇلار باغنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق

  27. (68-سۈرە قەلەم، 27-ئايەت)
    بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
    ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى

    ياق! بىز قۇرۇق قېلىپتۇق!»

  28. (68-سۈرە قەلەم، 28-ئايەت)
    قَالَ أَوْسَطُهُمْ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ لَوْلَا تُسَبِّحُونَ
    ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى

    ئۇلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھالراق بولغىنى: «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟ دېدى

  29. (68-سۈرە قەلەم، 29-ئايەت)
    قَالُوا سُبْحَانَ رَبِّنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى

    ئۇلار: «رەببىمىز! سېنى پاك ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى

  30. (68-سۈرە قەلەم، 30-ئايەت)
    فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَلَاوَمُونَ
    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى

  31. (68-سۈرە قەلەم، 31-ئايەت)
    قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا طَاغِينَ
    ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق

    ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي بىزگە! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق

  32. (68-سۈرە قەلەم، 32-ئايەت)
    عَسَىٰ رَبُّنَا أَنْ يُبْدِلَنَا خَيْرًا مِنْهَا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا رَاغِبُونَ
    ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»

    ئۇمىدكى، رەببىمىز بىزگە بۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىراقىنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»

  33. (68-سۈرە قەلەم، 33-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ الْعَذَابُ ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
    ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر

    ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر

  34. (68-سۈرە قەلەم، 34-ئايەت)
    إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    . تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    تەقۋادارلار رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

  35. (68-سۈرە قەلەم، 35-ئايەت)
    أَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِينَ كَالْمُجْرِمِينَ
    بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟

    بىز ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغۇچىلارنى گۇناھكارلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟

  36. (68-سۈرە قەلەم، 36-ئايەت)
    مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!

    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!

  37. (68-سۈرە قەلەم، 37-ئايەت)
    أَمْ لَكُمْ كِتَابٌ فِيهِ تَدْرُسُونَ
    ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟

    ياكى بولمىسا سىلەر ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بىر كىتابىڭلار بولۇپ

  38. (68-سۈرە قەلەم، 38-ئايەت)
    إِنَّ لَكُمْ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
    ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟

    ئۇنىڭدا «خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭدۇر»، دەپ يېزىلغانمۇ؟

  39. (68-سۈرە قەلەم، 39-ئايەت)
    أَمْ لَكُمْ أَيْمَانٌ عَلَيْنَا بَالِغَةٌ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۙ إِنَّ لَكُمْ لَمَا تَحْكُمُونَ
    ياكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاقتى توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشكەنمۇ؟

    ياكى سىلەرنىڭ بىزنىڭ زىيىنىمىزغا «قىيامەت كۈنىگىچىلىك ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ سىلەر دېگەن بويىچە بولىدىغانلىقىغا دائىر» تۈزىۋالغان توختىمىڭلار بارمۇ؟

  40. (68-سۈرە قەلەم، 40-ئايەت)
    سَلْهُمْ أَيُّهُمْ بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
    ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟

    ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟

  41. (68-سۈرە قەلەم، 41-ئايەت)
    أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ فَلْيَأْتُوا بِشُرَكَائِهِمْ إِنْ كَانُوا صَادِقِينَ
    ياكى ئۇلارنىڭ (يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلىدىغان شېرىكلىرى) بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (دەۋاسىدا) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن

    ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن

  42. (68-سۈرە قەلەم، 42-ئايەت)
    يَوْمَ يُكْشَفُ عَنْ سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ
    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ

    ئۇ كۈندە ئىش قىيىنلىشىدۇ؛ ئۇلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ

  43. (68-سۈرە قەلەم، 43-ئايەت)
    خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ وَقَدْ كَانُوا يُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ وَهُمْ سَالِمُونَ
    ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ

    ئۇلار تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خارلىق قورشىۋالىدۇ، ئۇلار ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى

  44. (68-سۈرە قەلەم، 44-ئايەت)
    فَذَرْنِي وَمَنْ يُكَذِّبُ بِهَٰذَا الْحَدِيثِ ۖ سَنَسْتَدْرِجُهُمْ مِنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
    بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز

    بۇ قۇرئاننى يالغانغا چىقارغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز

  45. (68-سۈرە قەلەم، 45-ئايەت)
    وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر

  46. (68-سۈرە قەلەم، 46-ئايەت)
    أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُمْ مِنْ مَغْرَمٍ مُثْقَلُونَ
    ياكى ئۇلاردىن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟

    ياكى سەن ئۇلاردىن ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟

  47. (68-سۈرە قەلەم، 47-ئايەت)
    أَمْ عِنْدَهُمُ الْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ
    ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب (يەنى غەيبنى ئىچىگە ئالغان لەۋھۇلمەھپۇز) بار بولۇپ، ئۇلار (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭغا) يازامدۇ؟

    ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب بار بولۇپ، ئۇلار يېزىۋاتامدۇ؟

  48. (68-سۈرە قەلەم، 48-ئايەت)
    فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى

    رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ساھىبى- يۇنۇس- قا ئوخشاش بولمىغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ غەمكىن ھالدا رەببىغا ئىلتىجا قىلدى

  49. (68-سۈرە قەلەم، 49-ئايەت)
    لَوْلَا أَنْ تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِنْ رَبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ
    ئەگەر ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرەخمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى

    ئەگەر ئۇ رەببىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ مالامەت قىلىنغان ھالدا بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى

  50. (68-سۈرە قەلەم، 50-ئايەت)
    فَاجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَجَعَلَهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
    پەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى، ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى

    رەببى ئۇنى تاللىدى ۋە ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى

  51. (68-سۈرە قەلەم، 51-ئايەت)
    وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ
    كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ

    كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ ۋە ئۇلار: «شۈبھىسىزكى بۇ بىر ساراڭدۇر» دەيدۇ

  52. (68-سۈرە قەلەم، 52-ئايەت)
    وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
    قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

    ھالبۇكى، قۇرئان پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن بىر ئەسلەتمىدىنلا ئىبارەتتۇر