ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ زاتى ۋە ھەرىكەتلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان توقسان توققۇز ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىلاھىي ئىسىم ۋە خاس سۈپەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Names and Attributes of Allah
49 ئايەت
16 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەۋھىد (ئاللاھنىڭ بىرلىكى) /
- 📄 ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن1.
1 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: (دۇنيادا ھەممىگە) شەپقەتلىك، (ئاخىرەتكە مۆمىنلەرگە) مېھرىبان،
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىقى چەكسىز4، ئىنئامى كۆپتۇر5،
بەقەرە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ ۚ فَأَيْنَمَا تُوَلُّوا فَثَمَّ وَجْهُ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ (يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ (نىڭ مەغپىرىتى) ھەقىقەتەن كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپى (يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسى) دۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن كەرىمى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر. قەيەرگە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر33.
2 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى سېلىۋېتىپ: «ئى رەببىمىز! بىزنىڭ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇللىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىمىز! قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن چوقۇم ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
2 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ آمَنُوا بِمِثْلِ مَا آمَنْتُمْ بِهِ فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا هُمْ فِي شِقَاقٍ ۖ فَسَيَكْفِيكَهُمُ اللَّهُ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە ـ مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئەھلى كىتاب سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئىمان ئېيتمىسا، ئەلۋەتتە، قارشى مەيداندا تۇرغان بولىدۇ. ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا ئاللاھ ساڭا كۇپايىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارمۇ سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا توغرا يولنى تاپقان بولىدۇ، ئەگەر يۈز ئۆرۈسە سىلەردىن ئايرىلغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارغا قارشى ئاللاھ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر؛ ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 255 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ ۚ لَا تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلَا نَوْمٌ ۚ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ مَنْ ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ ۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيْءٍ مِنْ عِلْمِهِ إِلَّا بِمَا شَاءَ ۚ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ ۖ وَلَا يَئُودُهُ حِفْظُهُمَا ۚ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ (مۈلكى) دۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن (ئاللاھ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر[255].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۇرسىسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە سىغدۇرىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇنى مۈگدەكمۇ باسمايدۇ، ئۇيقۇمۇ باسمايدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدۇر. ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ شاپائەت قىلالىسۇن!؟ ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ ئىلمىدىن - ئۇنىڭ خالىغىنىدىن باشقا - ھېچ نەرسىنى بىلەلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۇرسىسى73 ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ (ھەمىشە) تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، دائىم تىرىكتۇر، پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچىدۇر ۋە ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَخْفَىٰ عَلَيْهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ.
3 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْقَصَصُ الْحَقُّ ۚ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسەسىدۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە راست قىسسەلەردۇر. بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ راستتىنلا توغرا خەۋەردۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ ۖ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِنْ لَدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە ئۇۋال قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىرەر ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۆز تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
4 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِأَعْدَائِكُمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَلِيًّا وَكَفَىٰ بِاللَّهِ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا يېتەرلىكتۇر ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى سىلەرنى يەھۇدىيلارنىڭ مىكرىدىن ساقلاشقا ئاللاھ كۇپايىدۇر)[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ساقلاشقا ۋە سىلەرگە مەدەتكار بولۇشقا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەلىي25، ئاللاھ يېتەرلىك ياردەمچىدۇر.
4 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ أَنْ تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ ۚ إِنَّ اللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُمْ بِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ مُحِيطًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىلىرىدۇر، مەخلۇقاتلىرىدۇر). ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللَّهُ كُلًّا مِنْ سَعَتِهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ وَاسِعًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ھەر بىرىنى كەڭ پەزلىدىن بېرىپ بىھاجەت قىلىدۇ. ئاللاھ كۆپ بەرگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ وَصَّيْنَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَإِيَّاكُمْ أَنِ اتَّقُوا اللَّهَ ۚ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَنِيًّا حَمِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ). ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ (مۈلكى ۋە مەخلۇقاتى)دۇر. ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. بىز سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە سىلەرگە: «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دەپ ۋەزىپە تاپشۇردۇق. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
4 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ھەممە ئىشنى باشقۇرۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يېتەرلىك ۋەكىلدۇر.
4 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَفْعَلُ اللَّهُ بِعَذَابِكُمْ إِنْ شَكَرْتُمْ وَآمَنْتُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ شَاكِرًا عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھقا شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار ۋە ئىمان ئېيتساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئازاب قىلىپ نېمە قىلىدۇ؟ ئاللاھ شۈكۈرگە مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 149 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا خَيْرًا أَوْ تُخْفُوهُ أَوْ تَعْفُوا عَنْ سُوءٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار (ساۋاب تاپىسىلەر). شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر[149].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بىر ياخشىلىقنى قىلساڭلار ياكى (باشقىلار قىلغان) بىرەر يامانلىقنى كەچۈرسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاشكارا بىرەر ياخشىلىق قىلساڭلار ياكى يوشۇرۇن بىرەر قىلساڭلار ۋە ياكى بىرەر يامانلىقنى ئەپۇ قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر.
4 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز ھۇزۇرىغا كۆتۈردى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ يَدُ اللَّهِ مَغْلُولَةٌ ۚ غُلَّتْ أَيْدِيهِمْ وَلُعِنُوا بِمَا قَالُوا ۘ بَلْ يَدَاهُ مَبْسُوطَتَانِ يُنْفِقُ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۚ وَأَلْقَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ كُلَّمَا أَوْقَدُوا نَارًا لِلْحَرْبِ أَطْفَأَهَا اللَّهُ ۚ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا ۚ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (ئاللاھ بېخىلدۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى (كەرىمى) كەڭدۇر، قانداق رىزىق بېرىشنى خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ. (يەھۇدىيلار ھەققە بوي ئەگمەيدىغان بولغاچقا) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق» دېدى18. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن قوللىرى باغلانسۇن ۋە ئۇلار لەنەتكە قالسۇن! ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر19، خالىغىنىچە چىقىم قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئۈچۈن ئوت ياقسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈردى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
5 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا ۚ وَاللَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ بولسا (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن (مۇشرىكلارغا): «سىلەر ئاللاھتىن باشقا، سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» دېگىن. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر».
5 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
جَعَلَ اللَّهُ الْكَعْبَةَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ قِيَامًا لِلنَّاسِ وَالشَّهْرَ الْحَرَامَ وَالْهَدْيَ وَالْقَلَائِدَ ۚ ذَٰلِكَ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەيتۇلھەرەم بولغان كەبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى، (قۇربانلىقنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە) بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىلغان تۆگىلەرنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقۇسى قىلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەيتۇلھەرام بولغان كەئبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان ھەديەنى، (ھەديە ماللارغا ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنجۇقلارنى ئىنسانلارنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پايدىلىق قىلدى، بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلدى29. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
5 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
اعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ وَأَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
5 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ ۖ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
ئەنئام سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَفِي الْأَرْضِ ۖ يَعْلَمُ سِرَّكُمْ وَجَهْرَكُمْ وَيَعْلَمُ مَا تَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى ـ يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك زاتتۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھتۇر. ئۇ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، قىلمىشلىرىڭلارنىمۇ بىلىدۇ.
6 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ مَا سَكَنَ فِي اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان (ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان) شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىن تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
6 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَعِنْدَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَا إِلَّا هُوَ ۚ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۚ وَمَا تَسْقُطُ مِنْ وَرَقَةٍ إِلَّا يَعْلَمُهَا وَلَا حَبَّةٍ فِي ظُلُمَاتِ الْأَرْضِ وَلَا رَطْبٍ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق. مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: غەيب ئىلمىنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر تال ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا ئېنىق يېزىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. ئۇلارنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ قۇرۇقلۇقتىكى ۋە دېڭىزدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ بىلمەستىن بىرەر ياپراقمۇ تۆكۈلمەيدۇ. زېمىننىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدىكى ئۇرۇقتىن، ھۆل ۋە قۇرۇق نەرسىلەردىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرىمۇ يوق. ھەممىسى روشەن كىتابتىدۇر.
6 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَاعْبُدُوهُ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر.
6 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ ۖ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: كۆزلەر ئاللاھنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئاللاھ كۆزلەرنى ئىدراك قىلىدۇ13. ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر!
6 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدْقًا وَعَدْلًا ۚ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر ، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ سۆزى توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشتى14. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ الْغَنِيُّ ذُو الرَّحْمَةِ ۚ إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَسْتَخْلِفْ مِنْ بَعْدِكُمْ مَا يَشَاءُ كَمَا أَنْشَأَكُمْ مِنْ ذُرِّيَّةِ قَوْمٍ آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭ ھاجەتمەن ئەمەستۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى خۇددى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغىمۇ ئۆزى خالىغان باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ غەنىيدۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، خۇددى سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن پەيدا قىلغاندەك سىلەردىن كېيىن ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان قەۋمنى كەلتۈرىدۇ.
6 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ رَبُّكُمْ ذُو رَحْمَةٍ وَاسِعَةٍ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُهُ عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (لېكىن) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، ئېيتقىنكى: «رەببىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ شىددەتلىك ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ».
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىدىغانلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئاللاھنىڭدۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ ادْعُوا اللَّهَ أَوِ ادْعُوا الرَّحْمَٰنَ ۖ أَيًّا مَا تَدْعُوا فَلَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَلَا تَجْهَرْ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتْ بِهَا وَابْتَغِ بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى) (مۇشرىكلار ئاڭلاپ قېلىپ ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىگى ئۈچۈن) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار ھەممىسى ياخشىدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار»، نامىزىڭدا قىرائەتنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد!: «خالىساڭلار ئاللاھ دەپ دۇئا قىلىڭلار، خالىساڭلار رەھمان دەپ دۇئا قىلىڭلار. قايسىسىنى ئاتاپ دۇئا قىلساڭلار بولىۋېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسمىلىرى بار» دېگىن. نامىزىڭنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئۆتىمىگىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئۆتىمىگىن، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يول تۇتقىن.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، چىرايلىق ئىسىملارنىڭ ئىگىسىدۇر.
رەھمان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الرَّحْمَٰنُ
مۇھەممەد سالىھ: مېھرىبان ئاللاھ[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: مېھرىبان ئاللاھ
ئەنەس ئالىم: رەھمان1
55 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَبْقَىٰ وَجْهُ رَبِّكَ ذُو الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە سېخىي رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ.
55 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ ذِي الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى مۇبارەكتۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ نامى ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە سېخىي رەببىڭنىڭ ئىسمى نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الْأَوَّلُ وَالْآخِرُ وَالظَّاهِرُ وَالْبَاطِنُ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر (يەنى ئۇ ھەممە نەرسە يوق ۋاقىتتىمۇ بار ئىدى، ھەممە نەرسە يوقالغاندىن كېيىنمۇ بار)، (ئاللاھ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر، ئاشكارىدۇر ۋە مەخپىيدۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاۋۋالدۇر، ئاخىردۇر، ئاشكارىدۇر، يوشۇرۇندۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
ھەشر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۖ هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر، غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
59 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، پاكتۇر، سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ئۆزىدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بولمىغان زاتتۇر، پادىشاھتۇر، پاكتۇر، سالامەتلىك بەرگۈچىدۇر، خاتىرجەملىك بەرگۈچىدۇر، باشقۇرۇپ تۇرغۇچىدۇر، ئەزىزدۇر، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدۇرغۇچىدۇر ۋە ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر.
59 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە شەكىل بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتۇر، ياراتقۇچىدۇر، بار قىلغۇچىدۇر، شەكىل ۋە ئالاھىدىلىك بەرگۈچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئۇنىڭدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
جۇمۇئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ الْمَلِكِ الْقُدُّوسِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر، (ھەممە نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ پادىشاھى مۇتلەقتۇر، ھەممە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئاللاھ پادىشاھتۇر، پاكتۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ) غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ، غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
بۇرۇج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الْغَفُورُ الْوَدُودُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر[14]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر،
ئىخلاس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
112 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ـ ئاللاھ بىردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، (مەن ئىبادەت قىلىدىغان ھەم سىلەرنى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان) ئۇ ئاللاھ يەككە-يىگانىدۇر.
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇ ئاللاھتۇر1، بىردۇر.
112 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الصَّمَدُ
مۇھەممەد سالىھ: ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېچقانداق مەخلۇققا موھتاج ئەمەس، ھەممە مەخلۇقات ئاللاھقا موھتاجدۇر.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتۈن ئېھتىياجلارنى قامدىغۇچىدۇر.