بۇرۇج سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 22 ئايەتمەنىسى: ئاسمان بۇرۇجلىرى. ئاتىلىش سەۋەبى: بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْبُرُوجِ
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 2-ئايەت)وَالْيَوْمِ الْمَوْعُودِ
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى
ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 3-ئايەت)وَشَاهِدٍ وَمَشْهُودٍ
بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى
گۇۋاھچى بولغۇچى ۋە گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى بىلەن قەسەمكى
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 4-ئايەت)قُتِلَ أَصْحَابُ الْأُخْدُودِ
ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4
ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 5-ئايەت)النَّارِ ذَاتِ الْوَقُودِ
ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى
ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تۇتۇشتۇرغانلارغا
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 6-ئايەت)إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌ
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ھالدا
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 7-ئايەت)وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِالْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 8-ئايەت)وَمَا نَقَمُوا مِنْهُمْ إِلَّا أَنْ يُؤْمِنُوا بِاللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئۇلار مۇئمىنلاردىن پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا ئىنتىقام ئالدى
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 9-ئايەت)الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 10-ئايەت)إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 11-ئايەت)إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْكَبِيرُ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 12-ئايەت)إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر
رەببىڭنىڭ جازاسى شەك ـ شۈبھىسىز قاتتىقتۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 13-ئايەت)إِنَّهُ هُوَ يُبْدِئُ وَيُعِيدُ
ئاللاھ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ
ئۇ ئاللاھ ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 14-ئايەت)وَهُوَ الْغَفُورُ الْوَدُودُ
ئاللاھ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر
ئۇ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 15-ئايەت)ذُو الْعَرْشِ الْمَجِيدُ
ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر
ئۇ، ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 16-ئايەت)فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ
خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر
خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 17-ئايەت)هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْجُنُودِ
(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟
-ئى مۇھەممەد!- ساڭا لەشكەرلەرنىڭ قىسسىسى كەلدىمۇ؟
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 18-ئايەت)فِرْعَوْنَ وَثَمُودَ
(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ ـ پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسەسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟
پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسى
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 19-ئايەت)بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي تَكْذِيبٍ
(قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ
ئەكسىچە، كاپىر بولغانلار داۋاملىق يالغانغا چىقارماقتا
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 20-ئايەت)وَاللَّهُ مِنْ وَرَائِهِمْ مُحِيطٌ
ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر
ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 21-ئايەت)بَلْ هُوَ قُرْآنٌ مَجِيدٌ
بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
ياق ئۇنداق ئەمەس! ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
-
(85-سۈرە بۇرۇج، 22-ئايەت)فِي لَوْحٍ مَحْفُوظٍ
بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر