ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىسلام دىنىغا ئەقىل، پاراسەت ۋە ۋەزىيەتكە بولغان سەزگۈرلۈك بىلەن دەۋەت قىلىش.
ئەرەبچىىسى: الدعوة بالحكمة
ئېنگلىزچىسى: Calling with Wisdom
22 ئايەت
12 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 دەۋەت ئۇسۇللىرى /
- 📄 ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُلْ لِلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە بىلىمسىزلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتسا، ئۇ ھالدا، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلا بار، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن دەتالاش قىلىشسا، ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇردى». كىتاب بېرىلگەنلەر بىلەن ئۇممىيلارغا: «ئىسلامنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَلْتَكُنْ مِنْكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىشىلەرنى خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن خەيرلىك ئىشلارغا چاقىرىدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان بىر ئۇممەت بولسۇن. مۇرادىغا يەتكۈچىلەر ئەنە شۇلاردۇر.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَسُبُّوا الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ فَيَسُبُّوا اللَّهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ مَرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغانلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلماي ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار نادانلىقىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى پەرۋاردىگارىنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان زاتلىرىنى تىللىماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىلمەستىن ئاللاھنى تىللايدۇ. بىز ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئەمىلىنى ئاشۇنداق چىرايلىق كۆرسەتتۇق. ئاخىردا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن رەببى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 193 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمْ ۚ سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ أَدَعَوْتُمُوهُمْ أَمْ أَنْتُمْ صَامِتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر)[193].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ نەرسىلەرنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر)
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە چاقىرساڭلار، سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. ئۇلارنى چاقىرساڭلارمۇ ياكى جىم تۇرساڭلارمۇ سىلەر ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاشتۇر29.
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَٰذِهِ سَبِيلِي أَدْعُو إِلَى اللَّهِ ۚ عَلَىٰ بَصِيرَةٍ أَنَا وَمَنِ اتَّبَعَنِي ۖ وَسُبْحَانَ اللَّهِ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، (كىشىلەرنى) ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر، كىشىلەرنى ئاللاھقا دەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز. ئاللاھ پاكتۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مانا بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر: مەن ئاللاھقا تولۇق ئىشەنچ ۋە روشەن دەلىل بىلەن دەۋەت قىلىمەن. مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئاللاھنى پاك دەپ تونۇيمەن، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن».
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِي عَنْكَ شَيْئًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا مۇنداق دېگەن ئىدى: «جېنىم ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ھېچبىر ئىشىڭغا ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى، ياكى قورقۇشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن».
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِمَّنْ دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟[33]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئىش قىلغان ۋە: «مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن ئادەمدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟
نوھ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز ئىمانغا دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز دەۋەت قىلدىم.
71 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنِّي دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مەن ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنى ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم.
71 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنِّي أَعْلَنْتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم.
ئەبەسە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ جَاءَهُ الْأَعْمَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى[1ـ2].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: يېنىغا كور ئادەم كەلگەنلىكى ئۈچۈن.
80 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- نېمە بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىدۇ
80 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنْفَعَهُ الذِّكْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىپ، ئۇ ۋەز - نەسىھەتنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن
ئەنەس ئالىم: ياكى ئىلىم ئېلىپ پايدىلىنىدۇ.
80 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْتَ لَهُ تَصَدَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)[5ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن.
80 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ پاكلانماسلىقىدىن ساڭا نېمە؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟
80 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك[8ـ9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈگۈرۈپ يېنىڭغا كەلگەن كىشىگە كەلسەك
ئەنەس ئالىم: يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك،
80 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْتَ عَنْهُ تَلَهَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسەن.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَكِّرْ إِنْ نَفَعَتِ الذِّكْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن ۋەز ـ نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئەگەر ئەسلىتىش پايدىلىق بولسا ئەسلەتكىن1.
غاشىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارغا ئەسلەتكىن. سەن پەقەتلا ئەسلەتكۈچىسەن2.
88 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُصَيْطِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارغا زومىگەر ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەسسەن.