ئەئلا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 19 ئايەت
مەنىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
  1. (87-سۈرە ئەئلا، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَى
    ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن

    ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنى پاك دەپ بىلگىن [1].

  2. (87-سۈرە ئەئلا، 2-ئايەت)
    الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ
    ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى

    ئۇ پۈتۈن مەخلۇقاتنى ياىتىپ، ئۇلارنى بېجىرىم قىلدى [2].

  3. (87-سۈرە ئەئلا، 3-ئايەت)
    وَالَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ
    مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى

    ئۇلارغا (ھەممە ئىشنى) ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى (پايلدىلىنىش يوللىرىغا) باشلىدى [3].

  4. (87-سۈرە ئەئلا، 4-ئايەت)
    وَالَّذِي أَخْرَجَ الْمَرْعَىٰ
    ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى

    ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى [4].

  5. (87-سۈرە ئەئلا، 5-ئايەت)
    فَجَعَلَهُ غُثَاءً أَحْوَىٰ
    ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى

    ئاندىن ئۇ ئوت-چۆپلەرنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت-خەسكە ئايلاندۇردى [5].

  6. (87-سۈرە ئەئلا، 6-ئايەت)
    سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنْسَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاندىن سەن ئاللاھ ئۇنتۇلدۇرغاندىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن.ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سۆز-ھەرىكەتلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ [6ـ7].

  7. (87-سۈرە ئەئلا، 7-ئايەت)
    إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاندىن سەن ئاللاھ ئۇنتۇلدۇرغاندىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن.ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن سۆز-ھەرىكەتلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ [6ـ7].

  8. (87-سۈرە ئەئلا، 8-ئايەت)
    وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ
    سېنى بىز ئاسان يولغا (يەنى ئىسلام شەرىئىتىگە) مۇۋەپپەق قىلىمىز

    سېنى بىز ئاسان يولغا مۇۋەپپەق قىلىمىز [8].

  9. (87-سۈرە ئەئلا، 9-ئايەت)
    فَذَكِّرْ إِنْ نَفَعَتِ الذِّكْرَىٰ
    ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن

    ۋەز-نەسىھەت ئۈنۈم بەرگۈدەكلا بولسا، كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلغىن [9].

  10. (87-سۈرە ئەئلا، 10-ئايەت)
    سَيَذَّكَّرُ مَنْ يَخْشَىٰ
    ئاللاھتىن (قورققان) ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ

    ئاللاھتىن قورققان ئادەملا ۋەز-نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ [10].

  11. (87-سۈرە ئەئلا، 11-ئايەت)
    وَيَتَجَنَّبُهَا الْأَشْقَى
    ئەڭ شەقى ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ

    ئەڭ بەختسىز ئادەم ۋەز ـ نەسىھەتتىن قاچىدۇ [11].

  12. (87-سۈرە ئەئلا، 12-ئايەت)
    الَّذِي يَصْلَى النَّارَ الْكُبْرَىٰ
    ئۇ كاتتا ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ

    ئۇ ئەڭ چوڭ ئوت (دوزاخقا)قا كىرىدۇ [12].

  13. (87-سۈرە ئەئلا، 13-ئايەت)
    ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
    ئاندىن ئۇ ئوتتا ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ

    ئاندىن ئۇ ئۇ يەردە يا ئۆلمەيدۇ يا تىرىكتەك ياشىمايدۇ [13].

  14. (87-سۈرە ئەئلا، 14-ئايەت)
    قَدْ أَفْلَحَ مَنْ تَزَكَّىٰ
    (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى

    (گۇناھتىن) پاك بولغان، پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئوقۇغان ئادەم ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يەتتى [14-15].

  15. (87-سۈرە ئەئلا، 15-ئايەت)
    وَذَكَرَ اسْمَ رَبِّهِ فَصَلَّىٰ
    ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى

    (گۇناھتىن) پاك بولغان، پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ ناماز ئوقۇغان ئادەم ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يەتتى [14-15].

  16. (87-سۈرە ئەئلا، 16-ئايەت)
    بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
    سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر

    ئەمەلىيەتتە سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنىلا ياخشى كۆرىسىلەر [16].

  17. (87-سۈرە ئەئلا، 17-ئايەت)
    وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
    ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر

    ئاخىرەت ئەڭ ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر [17].

  18. (87-سۈرە ئەئلا، 18-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا لَفِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ
    بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر

    شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەز-نەسىھەتلەر بۇرۇنقى سەھىپىلەردە-ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىمۇ باردۇر [18ـ19].

  19. (87-سۈرە ئەئلا، 19-ئايەت)
    صُحُفِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ
    بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر

    شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەز-نەسىھەتلەر بۇرۇنقى سەھىپىلەردە-ئىبراھىم ۋە مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىمۇ باردۇر [18ـ19].