غاشىيە سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 26 ئايەتمەنىسى: ھەممىنى ئوراپ ئالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: قورقۇنچ ھەممىنى ئوراپ ئالىدىغان قىيامەت ئەھۋاللىرى سۆزلەنگەن
-
(88-سۈرە غاشىيە، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ الْغَاشِيَةِ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدى
-ئى مۇھەممەد!- ساڭا ھەممىنى قورشايدىغان قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
-
(88-سۈرە غاشىيە، 2-ئايەت)وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَاشِعَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر
ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر خار بولغۇچىدۇر
-
(88-سۈرە غاشىيە، 3-ئايەت)عَامِلَةٌ نَاصِبَةٌ
ئۇلار دۇنيادا گۇناھ قىلغۇچىلاردۇر، (ئاخىرەتتە) جاپا تارتقۇچىلاردۇر
ئۇلار دۇنيادا ئىشلىگۈچىلەردۇر، بىكارغا جاپا تارتقۇچىلاردۇر
-
(88-سۈرە غاشىيە، 4-ئايەت)تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةً
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
ئۇلار ھارارىتى قاتتىق دوزاخقا كىرىدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 5-ئايەت)تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ آنِيَةٍ
(سۇلىرى) قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
قايناپ تۇرغان بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 6-ئايەت)لَيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِنْ ضَرِيعٍ
ئۇلار ئۈچۈن زەرىدىن (يەنى بەتبۇي، ئاچچىق تىكەندىن) باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
ئۇلار ئۈچۈن بەتبۇي، قۇرۇق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك بولمايدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 7-ئايەت)لَا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِي مِنْ جُوعٍ
زەرى كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
ئۇ، كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 8-ئايەت)وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاعِمَةٌ
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر
بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر باركى، ئۇلار نېمەت بىلەن خۇشالدۇر
-
(88-سۈرە غاشىيە، 9-ئايەت)لِسَعْيِهَا رَاضِيَةٌ
بۇ دۇنيادا قىلغان (سەئيى - ئەمەللىرىدىن) مەمنۇندۇر
قىلمىشلىرىدىن مەمنۇندۇر
-
(88-سۈرە غاشىيە، 10-ئايەت)فِي جَنَّةٍ عَالِيَةٍ
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر
ئۇلار ئالىي جەننەتتىدۇر
-
(88-سۈرە غاشىيە، 11-ئايەت)لَا تَسْمَعُ فِيهَا لَاغِيَةً
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ
ئۇ يەردە يامان سۆز ئاڭلىمايدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 12-ئايەت)فِيهَا عَيْنٌ جَارِيَةٌ
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ
ئۇ يەردە بۇلاقلار ئېقىپ تۇرىدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 13-ئايەت)فِيهَا سُرُرٌ مَرْفُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر
-
(88-سۈرە غاشىيە، 14-ئايەت)وَأَكْوَابٌ مَوْضُوعَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
قاتار تىزىلغان قەدەھلەر
-
(88-سۈرە غاشىيە، 15-ئايەت)وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار
-
(88-سۈرە غاشىيە، 16-ئايەت)وَزَرَابِيُّ مَبْثُوثَةٌ
ئۇ يەردە ئېگىز تەختلەر، قاتار تىزىلغان قەدەھلەر، رەت ـ رەت قويۇلغان ياستۇقلار، سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
ۋە سېلىنغان ئېسىل بىساتلار بار
-
(88-سۈرە غاشىيە، 17-ئايەت)أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى
ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟
-
(88-سۈرە غاشىيە، 18-ئايەت)وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى
ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى؟
-
(88-سۈرە غاشىيە، 19-ئايەت)وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى
تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى؟
-
(88-سۈرە غاشىيە، 20-ئايەت)وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
زېمىن قانداق يېيىتىلدى
زېمىن قانداق يېيىتىلدى؟
-
(88-سۈرە غاشىيە، 21-ئايەت)فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ
سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن
سەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن
-
(88-سۈرە غاشىيە، 22-ئايەت)لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُصَيْطِرٍ
سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن
سەن ئۇلارغا زومىگەر ئەمەسسەن
-
(88-سۈرە غاشىيە، 23-ئايەت)إِلَّا مَنْ تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ
لېكىن كىمكى (ۋەز ـ نەسىھەتتىن) يۈز ئۆرۈپ (ئاللاھنى) ئىنكار قىلىدىكەن
لېكىن كىمكى يۈز ئۆرۈپ ئىنكار قىلىدىكەن
-
(88-سۈرە غاشىيە، 24-ئايەت)فَيُعَذِّبُهُ اللَّهُ الْعَذَابَ الْأَكْبَرَ
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 25-ئايەت)إِنَّ إِلَيْنَا إِيَابَهُمْ
ئۇلار (ئۆلگەندىن كېيىن) ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ
ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ
-
(88-سۈرە غاشىيە، 26-ئايەت)ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُمْ
ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز
ئاندىن ئۇلارنىڭ ھېسابى بىزگە ئائىتتۇر