ھەقىقەتنىڭ غالىپ كېلىشى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاندا ھەقنىڭ ئاخىرىدا باتىلنى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنى يوق قىلىدىغانلىقىغا كاپالەت بېرىلىدۇ.
ئېنگلىزچىسى: Truth Prevails
23 ئايەت
15 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ھەق بىلەن باتىل /
- 📄 ھەقىقەتنىڭ غالىپ كېلىشى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ وَلِتَسْتَبِينَ سَبِيلُ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقىقەتنىڭ ئايان بولۇشى) ۋە گۇناھكارلار (نىڭ خاتا) يولىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى ئاشۇنداق ئوچۇق بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇ گۇناھكارلارنىڭ يولىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈندۇر.
6 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
لِكُلِّ نَبَإٍ مُسْتَقَرٌّ ۚ وَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ھەر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار. يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر6.
ئەئراف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسانىڭ ھاسىسى ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا «ھاساڭنى تاشلا» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ تاشلىشى بىلەن ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
7 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى بەربات بولدى.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھتىن (يەنى مۇشرىكلار كارۋىنى مۇشرىكلار قوشۇنىدىن) بىرىنىڭ قولۇڭلارغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھ (يەنى كارۋان) نىڭ قولۇڭلارغا ئۆتۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ئاشكارىلاشنى، كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، «ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى.
8 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەقنى ھەق (يەنى ئىسلامنى ئاشكارا) قىلىدۇ، باتىل (يەنى كۇفرى) نى بەربات قىلىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: (بۇنداق قىلىش) گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ ھەقنى (غالىب) قىلىپ، باتىل (يەنى كۇفر) نى بەربات قىلىشى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈن ئىدى.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُونَ أَنْ يُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَيَأْبَى اللَّهُ إِلَّا أَنْ يُتِمَّ نُورَهُ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى (يەنى يالغان ـ ياۋىداق بوھتانلىرى) بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ، كاپىرلار (بۇنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى بەركامال قىلماي قالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئاللاھ نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ.
يۇنۇس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مُوسَىٰ أَتَقُولُونَ لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَكُمْ ۖ أَسِحْرٌ هَٰذَا وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «سىلەرگە ھەقىقەت كەلسە ئۇنى سېھىر دەمسىلەر؟ ئەجەبا بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كەلگەن ھەق توغرۇلۇق مۇشۇنداق دەمسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى.
10 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَلْقَوْا قَالَ مُوسَىٰ مَا جِئْتُمْ بِهِ السِّحْرُ ۖ إِنَّ اللَّهَ سَيُبْطِلُهُ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُصْلِحُ عَمَلَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار تاشلىغاندا، مۇسا: «سىلەرنىڭ كۆرسەتكىنىڭلار سېھىردۇر، ئاللاھ چوقۇم ئۇنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى ئەلۋەتتە تۈزىمەيدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تاشلىغان ئىدى، مۇسا مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە سېھىر سىلەرنىڭ كەلتۈرگىنىڭلاردۇر، ئاللاھ ئۇنى چوقۇم بەربات قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئىشىنى تۈزەتمەيدۇ،
10 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُحِقُّ اللَّهُ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ».
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ سَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَمَنْ هُوَ كَاذِبٌ ۖ وَارْتَقِبُوا إِنِّي مَعَكُمْ رَقِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، (ئىشىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن»[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز يولۇڭلار بويىچە ھەرىكەت قىلىڭلار، مەنمۇ ئەلۋەتتە ئۆز يولۇم بويىچە ھەرىكەت قىلاي! ئۇزاققا قالماي كىمنىڭ رەسۋا قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر، كۈتۈڭلار! شۈبھىسىزكى. مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، مەنمۇ قىلىمەن. كىمنىڭ بېشىغا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى يېقىندا بىلىسىلەر. كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە كۈتمەكتىمەن».
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنْفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ[17]. (ئىزاھات: بۇ مىسالدىكى سۇ بولسا زېمىندا قالىدىغان ھەقتىن، كۆپۈك بولسا ساباتى يوق باتىلدىن ئىبارەت.)
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، -يامغۇر سۈيى- جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ[1] شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار. ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرىدۇ، ئاندىن نۇرغۇن ۋادىلار توشقۇچە سەل بولۇپ ئاقىدۇ. بۇ سەل ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چىققان كۆپۈكنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئىنسانلار زىننەت بۇيۇمى ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتكەن نەرسىدىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈك چىقىدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال ئارقىلىق ھەق بىلەن باتىلنى بايان قىلىدۇ. كۆپۈككە كەلسەك، ئۇ ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان نەرسە بولسا زېمىندا قالىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ جَاءَ الْحَقُّ وَزَهَقَ الْبَاطِلُ ۚ إِنَّ الْبَاطِلَ كَانَ زَهُوقًا
مۇھەممەد سالىھ: «ھەقىقەت (يەنى ئىسلام) كەلدى، باتىل (يەنى كۇفرى) يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ھەقىقەت كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل ھەقىقەتەن ئوڭاي يوقىلىدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ھەق كەلدى، باتىل يوقالدى. باتىل چوقۇم يوقىلىدۇ».
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰؤُلَاءِ قَوْمُنَا اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً ۖ لَوْلَا يَأْتُونَ عَلَيْهِمْ بِسُلْطَانٍ بَيِّنٍ ۖ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ قەۋمىمىز ئاللاھنى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟»[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ قەۋمىمىز ئاللاھنى قويۇپ باشقا ئىلاھلار قىلىۋالدى، ئۇلار ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار بىزنىڭ قەۋمىمىزدۇر. ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋېلىشتى. قەۋمىمىز نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟ ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟».
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنْتَ الْأَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن[68]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز -ئۇنىڭغا- ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «قورقمىغىن! سەن ئەلۋەتتە غالىپ كېلىسەن.
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ نَقْذِفُ بِالْحَقِّ عَلَى الْبَاطِلِ فَيَدْمَغُهُ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٌ ۚ وَلَكُمُ الْوَيْلُ مِمَّا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ، (ئى كۇففارلار جامائەسى! ئاللاھنى بالىسى بار، خوتۇنى بار دەپ) سۈپەتلىگەن سۆزۈڭلاردىن سىلەرگە ۋاي![18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ، سۈپەتلىگەن سۆزۈڭلاردىن سىلەرگە ۋاي!
ئەنەس ئالىم: بەلكى بىز ھەقنى باتىلنىڭ ئۈستىگە ئاتىمىز. ھەق باتىلنىڭ مېڭىسىنى ئېزىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باتىل يوقىلىدۇ. ئى كافىرلار! ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھالىڭلارغا ۋاي!
21 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَخْسَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، ئەمما بىز ئۇلارنى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتۇق.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 173 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ جُنْدَنَا لَهُمُ الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر[173].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئەلۋەتتە غالىب كېلىدۇ».
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
كَتَبَ اللَّهُ لَأَغْلِبَنَّ أَنَا وَرُسُلِي ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ : «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن چوقۇم غالىب كېلىمەن، ئەلچىلىرىممۇ غالىب كېلىدۇ» دەپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
سەپ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. ھالبۇكى، كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ ئاللاھ ئۆز نۇرىنى تاماملايدۇ.
61 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. ئاللاھ بۇنى مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىلدى.
61 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌ مِنَ اللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە (مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت ئاللاھتىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلاردىن باشقا سىلەرگە، سىلەر ياخشى كۆرۈدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت؛ ئاللاھتىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە باردۇر، شۇنداق بولغانىكەن، مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: سىلەر ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىر نېمەتمۇ بار: ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە يېقىن پەتىھ. مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
جىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ أَضْعَفُ نَاصِرًا وَأَقَلُّ عَدَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا كىمنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئاجىز ۋە سانى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغلىرىدا ياردەمچىسى ئاجىز ۋە سانى ئاز بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.