يېتىملارنى بېقىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
يېتىم بالىلارنى قوغداش، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئادىل باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Orphan Care
21 ئايەت
10 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئائىلە ۋە نىكاھ /
- 📄 يېتىملارنى بېقىش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْكُمْ وَأَنْتُمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا ـ ئانىغا، يېقىن تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە يېنىۋالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن: «ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار؛ ئاتا -ئاناڭلارغا، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار؛ ئىنسانلارغا ياخشى گەپ قىلىڭلار؛ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىلەردىن باشقا ھەممىڭلار بۇ ئەھدىڭلاردىن يېنىۋالدىڭلار. سىلەر سۆزىدە تۇرمايدىغان كىشىلەرسىلەر.
2 : 215 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ ۖ قُلْ مَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىدىن) قانداق نەرسىنى سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»[215].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى نەگە سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكۈڭلاردىن قانداق نەرسىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا-ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ».
2 : 220 - ئايەت
كۆرۈش
فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۗ وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌ لَهُمْ خَيْرٌ ۖ وَإِنْ تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «(تەربىيەلەش، ماللىرىنى كۆپەيتىپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارىلىشىپ ياشىساڭلار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ (دىنىي) قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[220].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، سىلەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى چوقۇم جاپاغا سالاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغايسىلەر. ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى تەربىيەلەپ ماللىرىنى كۆپەيتىش ياخشى ئىشتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار ھېچ ۋەقەسى يوق. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر». ئاللاھ كىمنىڭ بۇزغۇچى، كىمنىڭ تۈزىگۈچى بولغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتُوا الْيَتَامَىٰ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ ۖ وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَهُمْ إِلَىٰ أَمْوَالِكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ حُوبًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى يامانغا (يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ يامىنىغا) تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى ناچارغا تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرگە ماللىرىنى بېرىڭلار، ناچارنى ئوبدانغا تېگىشىۋالماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.
4 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرىسەڭلار، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرىسەڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. شۇنداق قىلىشىڭلار ئادىللىقتىن چەتلەپ كەتمەسلىكىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يېتىم قىزلارنى نىكاھىڭلارغا ئالغان تەقدىردە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياققان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا يېقىندۇر.
4 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُؤْتُوا السُّفَهَاءَ أَمْوَالَكُمُ الَّتِي جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ قِيَامًا وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا وَاكْسُوهُمْ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار. ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن تىرىكچىلىك ئاساسى قىلىپ بەرگەن مال-مكۈڭلارنى (يەنى يېتىملەرنىڭ سىلەر ۋەسىي بولۇپ باشقۇرۇۋاتقان مال-مۈلكىنى ئۇلار ئىچىدىكى) گالۋاڭلارغا تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە تىرىكچىلىك ئاساسى قىلىپ بەرگەن ماللىرىڭلارنى ئەقلى يېتىلمىگەن ئادەملەرگە بەرمەڭلار، ئۇ ماللارنى ئىشقا سېلىپ تاپقان پايداڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېھتىياجىنى قامداڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار1.
4 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَابْتَلُوا الْيَتَامَىٰ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُمْ مِنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَا إِسْرَافًا وَبِدَارًا أَنْ يَكْبَرُوا ۚ وَمَنْ كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَنْ كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ فَأَشْهِدُوا عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىملەرنى نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار. ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي بولسا، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل بولسا، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا مال-مۈلكىنى باشقۇرالىغۇدەك ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ ۋە ئالدىراپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسىي بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، ئۇ يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى تارتسۇن، كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىگە يارىشا) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن. سىلەر يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا، باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرنى سىناڭلار. ئۇلار تاكى نىكاھلىنىش چېغىغا2 يەتكەندە ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەقلى يېتىلگەنلىكىنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا ماللىرىنى بېرىڭلار. ئۇلار چوڭ بولۇپ قالىدۇ دەپ ماللىرىنى ئىسراپ قىلىپ ۋە ئالدىراپ يەۋالماڭلار. كىمكى بىھاجەت بولسا ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا تىرىشسۇن. كىمكى موھتاج بولسا مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا يېسۇن3. ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزلىرىگە بەرگەن چېغىڭلاردا گۇۋاھچىلارنىڭ يېنىدا بېرىڭلار. ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر.
4 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا حَضَرَ الْقِسْمَةَ أُولُو الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينُ فَارْزُقُوهُمْ مِنْهُ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا
مۇھەممەد سالىھ: تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى مىراسخورلارنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇ مىراستىن ئاز-تولا بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: تەقسىمات ئەسناسىدا مىراس تەگمەيدىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن يەپ - ئىچكۈدەك بىرەر نەرسە بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار.
4 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلْيَخْشَ الَّذِينَ لَوْ تَرَكُوا مِنْ خَلْفِهِمْ ذُرِّيَّةً ضِعَافًا خَافُوا عَلَيْهِمْ فَلْيَتَّقُوا اللَّهَ وَلْيَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزىدىن كېيىن قالىدىغان كىچىك بالىلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلار باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە لىللا گەپ قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۆزىنىڭ كۈچسىز بالىلىرى ئۈچۈن بۇلار مەندىن كېيىن قالسا ھالى نېمە بولار؟ دەپ ئەندىشە قىلىدىغانلار، يېتىملەرگە ھەقسىزلىق قىلىشتىن قورقۇپ تىترىسۇن. ئۇلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن ۋە توغرا گەپ قىلسۇن.
4 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا يېنىپ تۇرىدىغان ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخقا كىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالىدىغانلار قورساقلىرىغا چوقۇم ئوت يەيدۇ ۋە يېقىندا دوزاخقا كىرىپ كۆيىدۇ.
4 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداش قاتارلىقلارغا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
4 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَفْتُونَكَ فِي النِّسَاءِ ۖ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِيهِنَّ وَمَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ فِي يَتَامَى النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا تُؤْتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرْغَبُونَ أَنْ تَنْكِحُوهُنَّ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الْوِلْدَانِ وَأَنْ تَقُومُوا لِلْيَتَامَىٰ بِالْقِسْطِ ۚ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِهِ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان (ئاياللارنىڭ مىراسىغا ئائىت) ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنداق يېتىملەر توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇكى، سىلەر ئۇلارنىڭ تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيسىلەر، (ئۇلارنىڭ مىراسى قولىمىزدىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ-دەپ) ئۇلارنى ئەرگە بەرمەيسىلەر (يەنى مۇنداق قىلماسلىقىڭلارغا پەتىۋا بېرىدۇ)، بوزەك قىلىنغان بالىلار(نىڭ ھەققىنى بېرىشىڭلار) ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار ھەققىدە پەتىۋا بېرىدۇ . (ئاياللارغا ۋە يېتىملەرگە) قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (يەنى (ئىزاھات: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر كىچىك بالىلارغا ۋە ئاياللارغا مىراس بەرمەيتتى، ئاللاھ بۇنى مەنئى قىلىپ ئۇلارنىڭ مىراستىكى نېسىۋىسىنى بېرىشنى بۇيرىدى. )شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ)[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئايەتلەر باركى، ئۇ ئايەتلەر سىلەر تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيدىغان، (مىراسى قولىمىزدىن كېتىپ قالىدۇ دەپ) ئەرگىمۇ بەرمەيدىغان يېتىم قىزلار توغرىسىدا، بوزەك قىلىنغان بالىلار ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ*[1]. قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاياللار ھەققىدە پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلار ھەققىدە سىلەرگە ئاللاھ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، سىلەرگە كىتابتا يېتىم ئاياللار توغرىسىدا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. ئۇ يېتىم ئاياللار شۇنداق ئاياللاركى، سىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن نەرسىنى بەرمەيسىلەر، لېكىن ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا قىزىقىسىلەر. شۇنىڭدەك، سىلەرگە بوزەك قىلىنغۇچى بالىلار توغرىسىدا ۋە يېتىملەر ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلىشىڭلار توغرىسىدا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ56. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ».
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۖ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ ۖ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۖ وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ (قۇرامىغا يېتىپ) ئەقلى يېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار ، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر يېتىمنىڭ مال-مۈلكىگە تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكۈچىلىك يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا پەقەت ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار. بىز ھېچقانداق ئادەمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى»
ئەنەس ئالىم: يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. كەمچەننى ۋە مىزاننى ئادىللىق بىلەن توغرا تۇتۇڭلار. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار. ھەققىدە سۆز قىلىنىدىغان كىشى تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاعْلَمُوا أَنَّمَا غَنِمْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش ـ ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كافىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان (بەدرى ئۇرۇشى بولغان) كۈندە بەندىمىز (مۇھەممەد) گە بىز نازىل قىلغان نەرسىلەرگە ئىشەنسەڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا خاستۇر، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ھەق بىلەن باتىل ئايرىلغان كۈندە، يەنى ئىككى قوشۇن توقۇنۇشقان كۈندە6 بىز بەندىمىزگە چۈشۈرگەن نەرسىلەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۚ وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ ۖ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر يېتىمگە ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەھدىدىن سوراققا تارتىلىسىلەر.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنْزٌ لَهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَنْ يَبْلُغَا أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنْزَهُمَا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ وَمَا فَعَلْتُهُ عَنْ أَمْرِي ۚ ذَٰلِكَ تَأْوِيلُ مَا لَمْ تَسْطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر، ئۇنى (يەنى يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنى) مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلغىنىم يوق (بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىلھامى بىلەن قىلدىم)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ رەببىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتىدۇر، يۇقىرىقى ئىشنى مەن ئۆز خاھىشىم بىلەن قىلغىنىم يوق، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇ تام بولسا شەھەردە ياشايدىغان ئىككى يېتىم ئوغۇلنىڭ بولۇپ، ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ خەزىنىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. بۇ رەببىڭدىن رەھمەت ئىدى. مەن بۇلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى».
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ بَلْ لَا تُكْرِمُونَ الْيَتِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس3، بەلكى سىلەر يېتىمنى ئىززەتلىمەيسىلەر.
بەلەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە
ئەنەس ئالىم: ئۆزىگە تۇغقان كېلىدىغان يېتىمگە،
زۇھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
93 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھ بەرمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟
93 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا الْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنى خارلىما[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداقتا يېتىمنى خارلىما
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا يېتىمنى خارلىمىغىن،
مائۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
107 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَٰلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر[2ـ3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان ئادەم ئەنە شۇدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق كىشىكى يېتىمنى دۆشكەلەيدۇ،