مائۇن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 7 ئايەت
مەنىسى: قولقا. ئاتىلىش سەۋەبى: كىشىلەرگە پالتا، كەكە، يىپ-يىڭنە... چاغلىق نەرسىلەرنى بەرمەيدىغان كىشىلەر ئەيىپلەنگەن
  1. (107-سۈرە مائۇن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ
    دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟

    دىننى ئىنكار قىلىدىغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟

  2. (107-سۈرە مائۇن، 2-ئايەت)
    فَذَٰلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ
    ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر

    يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان ئادەم ئەنە شۇدۇر

  3. (107-سۈرە مائۇن، 3-ئايەت)
    وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
    ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر

    مىسكىنگە تاماق بېرىش ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ

  4. (107-سۈرە مائۇن، 4-ئايەت)
    فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ
    شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر

    شۇ ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋايكى

  5. (107-سۈرە مائۇن، 5-ئايەت)
    الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ
    شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر

    ئۇلار نامازلىرىدىن بىخەۋەردۇر

  6. (107-سۈرە مائۇن، 6-ئايەت)
    الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ
    نامازنى رىيا قىلىدىغانلاردۇر

    ئۇلار رىيا قىلىدىغانلاردۇر

  7. (107-سۈرە مائۇن، 7-ئايەت)
    وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ
    ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ

    ۋە ئۇلار ئەڭ ئاددى ياردەمگىمۇ توسالغۇ بولىدىغانلاردۇر