پەيغەمبەر ئەخلاقى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرى توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئەرەبچىىسى: خلوق عظيم
ئېنگلىزچىسى: Prophetic Character
16 ئايەت
12 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەيغەمبەر ئەخلاقى /
- 📄 پەيغەمبەر ئەخلاقى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِنَ اللَّهِ لِنْتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا (ساھابىلەرگە) سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، جامائەت ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىڭگە سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ. ئەگەر سەن قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سەندىن يىراقلىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشلىرىڭدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن. بىر قارارغا كەلسەڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمُ الَّذِينَ يُؤْذُونَ النَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٌ ۚ قُلْ أُذُنُ خَيْرٍ لَكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَيُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِينَ وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ ۚ وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ رَسُولَ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە پەيغەمبەرنى «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «توغرا، ئۇ، سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، نەبىينى رەنجىتىدۇ ۋە: «ئۇ قۇلاقتۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق قۇلىقىدۇر9. ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارغا ئىشەنچ قىلىدۇ. ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
9 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ أَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئىچىڭلاردىن ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلارغا ھېرىستۇر، مۇئمىنلارغا ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئەلچى كەلدى. سىلەرنىڭ مۇشەققەت تارتىشىڭلار ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ، ئۇ سىلەرگە كۆيۈمچاندۇر، مۇئمىنلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا أَنْ ثَبَّتْنَاكَ لَقَدْ كِدْتَ تَرْكَنُ إِلَيْهِمْ شَيْئًا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سېنى بىز (ھەقتە تۇرۇشتا) مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى بىز قەدىمىڭزنى مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا مايىل بولۇپ كەتكىلى ھەقىقەتەن تاس قالغان ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز سېنى ئىرادىلىك ۋە چىداملىق قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىڭ.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلَمْ أَقُلْ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرًّا بِوَالِدَيْهِ وَلَمْ يَكُنْ جَبَّارًا عَصِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان قىلدۇق، ئۇ مۇتەكەببىر، رەببىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغۇچى ئىدى. ئۇ ھېچقاچان قوپال ۋە ئاسىي بولمىدى.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ وَسَلَامٌ عَلَىٰ عِبَادِهِ الَّذِينَ اصْطَفَىٰ ۗ آللَّهُ خَيْرٌ أَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمەن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىككە تاللىغان بەندىلىرىگە سالام بولسۇن! ئاللاھ ياخشىمۇ، ياكى مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەرمۇ؟
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ عَلَى النَّبِيِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ اللَّهُ لَهُ ۖ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ قَدَرًا مَقْدُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغاندۇر
ئەنەس ئالىم: نەبىي ئاللاھ ئەمر قىلغان ئىشنى قىلسا ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھۆكۈمدۇر.
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ إِنِ افْتَرَيْتُهُ فَلَا تَمْلِكُونَ لِي مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِ ۖ كَفَىٰ بِهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۖ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولىدۇ)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئۇلار قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقتى» دەۋاتامدۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر قۇرئاننى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، سىلەر ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى مەندىن دەپئى قىلالمايسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدا قىلىۋاتقان تۆھمەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يېتەرلىك شاھىتتۇر. ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ ۚ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ ۖ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا ۖ سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِمْ مِنْ أَثَرِ السُّجُودِ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ ۚ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنْجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ ۗ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلار كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا -ئۇلار- شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، بۇ، كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى
ئەنەس ئالىم: مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار كافىرلارغا قاتتىق قول، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارنى رۇكۇ قىلىۋاتقان ۋە سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتلەردە كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھتىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى يۈزلىرىدىكى سەجدە ئىزىدۇر. مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى مۇنداق: ئۇلار، بىخىنى چىقارغان، ئاندىن بارغانسېرى ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ توم بولغان، ئۆز يىلتىزلىرى بىلەن تىك تۇرغان ۋە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان زىرائەتكە ئوخشاشتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ كافىرلارنى مۇئمىنلار بىلەن تېرىكتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَكِّرْ فَمَا أَنْتَ بِنِعْمَتِ رَبِّكَ بِكَاهِنٍ وَلَا مَجْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! سەن قۇرئان بىلەن قەۋمىڭگە) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەسسەن ۋە مەجنۇنمۇ ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەسلەتكىن. سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن كاھىنمۇ ئەمەس، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەممۇ ئەمەس.
نەجم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار -مۇھەممەد - گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىڭلار گۇمراھ بولمىدى ۋە ئازمىدى.
53 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى)[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىنىڭ دىلى كۆرگىنىنى يالغان دېمىدى.
53 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَتُمَارُونَهُ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟ [12]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇشرىكلار! سىلەر يەنىلا ئۇنىڭ كۆرگىنى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟
53 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆز ئوڭ ـ سولغا بۇرالمىدى، ھەددىدىنمۇ ئاشمىدى
ئەنەس ئالىم: كۆز بۇرۇلمىدى ۋە ھەددىدىن ئاشمىدى.
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەن بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدىسەن.