ئادەم
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسى
ئەرەبچىىسى: آدم
ئېنگلىزچىسى: Adam
30 ئايەت
7 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي جَاعِلٌ فِي الْأَرْضِ خَلِيفَةً ۖ قَالُوا أَتَجْعَلُ فِيهَا مَنْ يُفْسِدُ فِيهَا وَيَسْفِكُ الدِّمَاءَ وَنَحْنُ نُسَبِّحُ بِحَمْدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَ ۖ قَالَ إِنِّي أَعْلَمُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى پاك دەپ مەدھىيەلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيەلەيمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە بىر خەلىپە*[1] يارىتىمەن» دېگەن ئىدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان ئىنساننى (خەلىپە قىلىپ) يارىتامسەن؟ ھالبۇكى، بىز بولساق سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا خەلىپە قىلىمەن»15 دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۆكىدىغان كىشىنى خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى، بىز سېنى ھەمد ئېيتىپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز ۋە سېنى پاك دەپ تونۇۋاتىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېدى.
2 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَّمَ آدَمَ الْأَسْمَاءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمْ عَلَى الْمَلَائِكَةِ فَقَالَ أَنْبِئُونِي بِأَسْمَاءِ هَٰؤُلَاءِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ: «(خەلىپە بولۇشقا ئادەمگە قارىغاندا بىز ھەقلىق دەيدىغان قارىشىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە بىلدۈردى، ئاندىن ئۇ شەيئىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «دېگەنلىرىڭلار راست بولسا بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئادەمگە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتتى. ئاندىن ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قېنى، راستچىل بولساڭلار شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار» دېدى.
2 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا آدَمُ أَنْبِئْهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ ۖ فَلَمَّا أَنْبَأَهُمْ بِأَسْمَائِهِمْ قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَأَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا كُنْتُمْ تَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئى ئادەم! ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم ئۇلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن چاغدا، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى ئادەم! بۇلارغا شۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگىن» دېدى. ئادەم پەرىشتىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى، ئاللاھ: «مەن سىلەرگە، مەن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلىمەن، مەن سىلەر ئاشكارا قىلغان نەرسىنى ۋە سىلەر يوشۇرۇن قىلغان نەرسىنى بىلىمەن دېمىگەنمىدىم؟» دېدى.
2 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ وَاسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى.
2 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئادەمگە: «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز(ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرغىن! سىلەر جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىن يولىماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) ئۇۋالچىلىق تېپىۋالسىلەر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز «ئى ئادەم! سەن جۈپتىڭ بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە يەرلەشكىن، ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار. شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر!» دېدۇق.
2 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇرۇپ (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقارغۇزۋەتتى. بىز (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا): «بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دۈشمەنلەشكەن ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىسىلەر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: لېكىن شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئۇ دەرەخ ئارقىلىق خاتالاشتۇرۇپ، تۇرۇۋاتقان ماقاملىرىدىن چىقىرىۋەتتى16. بىز ئۇلارغا: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار» دېدۇق17.
2 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَلَقَّىٰ آدَمُ مِنْ رَبِّهِ كَلِمَاتٍ فَتَابَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّهُ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە سۆز تەلىم ئالدى (يەنى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان دۇئا ئۇنىڭغا ئىلھام ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىرقانچە كەلىمە تەلىم ئالدى (ۋە تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئادەم رەببىدىن بىرقانچە سۆز ئېلىپ دەرھال تەۋبە قىلدى18، رەببى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىگە ئۈستۈن قىلىپ تاللىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى9، نۇھنى10، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى11 ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىسىنى12 تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلدى13.
3 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَثَلَ عِيسَىٰ عِنْدَ اللَّهِ كَمَثَلِ آدَمَ ۖ خَلَقَهُ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ قَالَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى (ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقى ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) يارىتىلغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېۋىدى، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىيسانىڭ ئەھۋالى ئادەمنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ ئۇنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «بول!» دېدى، ئۇ بولدى.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ ابْنَيْ آدَمَ بِالْحَقِّ إِذْ قَرَّبَا قُرْبَانًا فَتُقُبِّلَ مِنْ أَحَدِهِمَا وَلَمْ يُتَقَبَّلْ مِنَ الْآخَرِ قَالَ لَأَقْتُلَنَّكَ ۖ قَالَ إِنَّمَا يَتَقَبَّلُ اللَّهُ مِنَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى ئەھلى كىتابقا ۋە قەۋمىڭگە) ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ ھېكايىسىنى راستلىق بىلەن ئوقۇپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرسى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرسى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. (قابىل ھابىلغا) «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېدى، ھابىل نېمىشقا؟ دېۋىدى، قابىل: «ئاللاھ سېنىڭ قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلىپ، مېنىڭكىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى. (ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ (قۇربانلىقىنى) قوبۇل قىلىدۇ»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى (يەنى ھابىل بىلەن قابىل) نىڭ خەۋىرىنى ئەينەن ئېيتىپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرى (يەنى ھابىل) نىڭ قوبۇل بولدى، يەنە بىرى (يەنى قابىل) نىڭ قوبۇل بولمىدى. ئۇ (يەنى قابىل): «مەن سېنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن» دېۋىدى، ئۇ (يەنى ھابىل) ئېيتتى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنى قوبۇل قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئىككىيلەن بىردىن قۇربانلىق قىلغان ئىدى. بىرىنىڭ قوبۇل قىلىندى، يەنە بىرىنىڭ قوبۇل قىلىنمىدى. قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنمىغىنى: «مەن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېۋىدى، قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنغىنى مۇنداق دېدى: «ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭكىنىلا قوبۇل قىلىدۇ.
5 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَعَثَ اللَّهُ غُرَابًا يَبْحَثُ فِي الْأَرْضِ لِيُرِيَهُ كَيْفَ يُوَارِي سَوْءَةَ أَخِيهِ ۚ قَالَ يَا وَيْلَتَا أَعَجَزْتُ أَنْ أَكُونَ مِثْلَ هَٰذَا الْغُرَابِ فَأُوَارِيَ سَوْءَةَ أَخِي ۖ فَأَصْبَحَ مِنَ النَّادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. قاغا (تۇمشۇقى ۋە ئىككى پۇتى بىلەن) يەرنى كولىدى. ئۇ (يەنى قابىل بۇنى كۆرۈپ): «ۋاي مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇشتىن ئاجىز كەلدىممۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نادامەت قىلغۇچىلاردىن بولدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قاغا ئەۋەتتى. ئۇ (قاغا بىر ئۆلۈك قاغىنى كۆمۈش ئۈچۈن) يەرنى كولىدى. ئۇ (قابىل بۇننى كۆرۈپ): «ۋاي ئېسىت! مەن قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمۈشتە مۇشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەنا؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: «ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى.
ئەئراف سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئۇلار سەجدە قىلدى. پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن كېيىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا، ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى.
7 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ ۖ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا): ‹‹سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سەن نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.
7 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن» [13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى.
7 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ فَكُلَا مِنْ حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ‹‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر» [19].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ بىلەن بىللە جەننەتتە تۇرغىن، (ئىككىڭلار) جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار؛ بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۇۋالچىلىق تېپىۋالىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: «ئى ئادەم! سەن جۈپتىڭ بىلەن بىللە جەننەتكە يەرلەشكىن. ئىككىڭلار ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار. لېكىن شۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر».
7 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِنْ سَوْآتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَٰذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَنْ تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن، شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن شەيتان ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلدى، مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلاش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىڭلار ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى پەقەت ئىككى پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى مەڭگۈ ياشىغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈنلا چەكلىدى».
7 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى.
7 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ ۚ فَلَمَّا ذَاقَا الشَّجَرَةَ بَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۖ وَنَادَاهُمَا رَبُّهُمَا أَلَمْ أَنْهَكُمَا عَنْ تِلْكُمَا الشَّجَرَةِ وَأَقُلْ لَكُمَا إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمَا عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟›› دەپ نىدا قىلدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن) چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇلار دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندە ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ (مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: شەيتان شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى ئالداپ تۆۋەنگە چۈشۈردى. ئىككىسى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان ھامان ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى، رەببى ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى چەكلىمىگەنمۇ ۋە ئىككىڭلارغا، شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمۇ؟» دەپ نىدا قىلدى.
7 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنْفُسَنَا وَإِنْ لَمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز›› دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىككىسى: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.
7 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر››[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «چۈشۈڭلار. بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىدىلەر. سىلەر ئۈچۈن زېمىندا قارارگاھ ۋە بىر مۇددەتكىچە مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار.
7 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُمْ مِنَ الْجَنَّةِ يَنْزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا ۗ إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ ۗ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرۋەتمىسۇن. شەيتان ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتان ئاتا - ئاناڭلارنىڭ7 ئەۋرەت يەرلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئالدىمىسۇن، چۈنكى شەيتان ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى سىلەر ئۇلارنى كۆرمەيدىغان يەردىن سىلەرنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ۋەلىيلىرى قىلدۇق8.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ قَالَ أَأَسْجُدُ لِمَنْ خَلَقْتَ طِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: يەنە شۇنىمۇ ئەسلىگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى. لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ: «مەن، سەن لايدىن ياراتقان كىشىگە سەجدە قىلامتىم؟» دېدى.
17 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَرَأَيْتَكَ هَٰذَا الَّذِي كَرَّمْتَ عَلَيَّ لَئِنْ أَخَّرْتَنِ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَأَحْتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى (ئازدۇرۇپ) تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن (يەنى ئۇلارنى خالىغانچە يېتىلەيمەن)» دېدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى ئازدۇرۇپ تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سېنىڭ مەندىن ئۈستۈن قىلغىنىڭ بۇمۇ؟ بۇنىڭ نېمىسىنى دەپ مەندىن ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، بۇنىڭ بالىلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسىنى بۇرنىدىن يېتىلەيمەن».
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ ۚ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ (سەجدە قىلمىغانلىقتىن) پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!)[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۈ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ جىنلاردىن ئىدى. ئۇ رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتتى. ئى ئىنسانلار! سىلەر يەنىلا مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ نەسلىنى ۋەلىي قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. زالىملارنىڭ بۇ ۋەلىي ئالماشتۇرۇشى نېمىدېگەن يامان!
تاھا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ عَهِدْنَا إِلَىٰ آدَمَ مِنْ قَبْلُ فَنَسِيَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُ عَزْمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىلگىرى ئادەمگە تەۋسىيە قىلدۇق، بىراق ئۇ -بۇ تەۋسىيەنى- يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئادەمدىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى. بىز ئۇنى ئىرادىلىك كۆرمىدۇق.
20 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ -سەجدە قىلىشتىن- باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى.
20 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْنَا يَا آدَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوٌّ لَكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا - مۇشەققەتتە قالىسىلەر[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، -ئۇ چاغدا- سىلەر جاپا مۇشەققەتتە قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئادەمگە مۇنداق دېدۇق: «ئى ئادەم! مانا بۇ سېنىڭمۇ دۈشمىنىڭدۇر، جۈپتىڭنىڭمۇ دۈشمىنىدۇر. بۇ، ئىككىڭلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتمىسۇن. بولمىسا، بەختسىز بولۇپ قالىسەن.
20 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۚ وَعَصَىٰ آدَمُ رَبَّهُ فَغَوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم رەببىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ جۈپتى ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن ئىدى، ئۇياتلىق يەرلىرى ئۆزلىرىگە ئاشكارا بولۇپ قالدى، ئىككىسى ئۈستىلىرىگە جەننەتنىڭ ياپراقلىرىدىن قاتمۇقات چاپلاشقا باشلىدى. ئادەم رەببىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئازدى.
20 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ اجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ھىدايەت قىلدى ۋە
20 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ -ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا- ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دېدى: «ئىككىڭلار بىرلىكتە ئۇ يەردىن چۈشۈپ كېتىڭلار. بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ دۈشمىنى بولىسىلەر. مەندىن سىلەرگە ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلار ئازمايدۇ ۋە بەختسىز بولمايدۇ.