ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھقا بولغان ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ساداقەت ۋە مۇھەببەت ئىنساننى ئىتائەت قىلىشقا ۋە خاراكتېرنى ئۆزگەرتىشكە ئۈندەيدۇ.
ئەرەبچىىسى: حب الله
ئېنگلىزچىسى: Love of Allah
14 ئايەت
8 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇھەببەت ۋە مېھىر-شەپقەت /
- 📄 ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَتَّخِذُ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْدَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّهِ ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِلَّهِ ۗ وَلَوْ يَرَى الَّذِينَ ظَلَمُوا إِذْ يَرَوْنَ الْعَذَابَ أَنَّ الْقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا وَأَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار (قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان) ئازابنى كۆرگەن چاغدا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى)[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن باشقىلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى دوست تۇتقاندەك دوست تۇتىدۇ. مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن ۋاقىتتا پۈتۈن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەيتتى)
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار بەزى كىشىلەرنى49 ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ، ئۇلارنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ. مۇئمىنلار بولسا ئاللاھنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ زالىملار پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئۇ ئازابنى كۆرىدىغان كۈندە بىلگەندەك ھازىر بىلگەن بولسىچۇ!
2 : 207 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْرِي نَفْسَهُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ (قىلغان ئەمەلى بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا تىلەيدۇ). ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر[207].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ جېنىنى پىدا قىلىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە تولىمۇ مەرھەمەتلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە شەپقەتلىكتۇر.
2 : 265 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمُ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ وَتَثْبِيتًا مِنْ أَنْفُسِهِمْ كَمَثَلِ جَنَّةٍ بِرَبْوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٌ فَآتَتْ أُكُلَهَا ضِعْفَيْنِ فَإِنْ لَمْ يُصِبْهَا وَابِلٌ فَطَلٌّ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ (دېمەك، بۇنداق خەير ـ ساخاۋەتلىك ئادەم مېلى كۆپ بولسا كۆپكە يارىشا، ئاز بولسا ئازغا يارىشا بېرىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[265].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل-ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ۋە ئۆزىنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلىدىغانلار ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولمىسا شەبنەم بىلەنمۇ قانىدىغان (يەنى قايسى ھالدا بولسۇن مېۋە بېرىدىغان) بىر باغقا ئوخشايدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئىمانىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇر ياغسا ئىككى قات مەھسۇلات بېرىدىغان، كۆپ يامغۇر ياغمىسا چۈشكەن شەبنەم بىلەن قېنىپ مەھسۇلات بېرىدىغان گۈزەل باغنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
3 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ مَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِ وَاتَّقَىٰ فَإِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار باشقا دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا گۇناھ بولىدۇ). ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ۋە گۇناھتىن ساقلانغانلار (ئاللاھ دوست تۇتقان كىشىلەردۇر)، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇلار دېگەندەك بولمايدۇ. كىمكى ئەھدىگە ۋاپا قىلسا ۋە گۇناھتىن ساقلانسا، ئاللاھ ئەنە شۇنداق تەقۋادارلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىش ئۇنداق ئەمەس! ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار بىلسۇنكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
3 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنِ اتَّبَعَ رِضْوَانَ اللَّهِ كَمَنْ بَاءَ بِسَخَطٍ مِنَ اللَّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۚ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![162].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىگە ئوخشامدۇ؟ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچراشقا تېگىشلىك بولغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ۋە بارىدىغان جايى جەھەننەم بولغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
3 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْقَلَبُوا بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ لَمْ يَمْسَسْهُمْ سُوءٌ وَاتَّبَعُوا رِضْوَانَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە پەزلى بىلەن قايتىپ كەلدى، ھېچقانداق زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىمىدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىدى. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزل ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېچقانداق زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىماستىن، ئاللاھنىڭ نېمىتى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن قايتىپ كەلدى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدىگەن بولدى. ئاللاھ كاتتا ئىلتىپات ئىگىسىدۇر.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَنْ يَرْتَدَّ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللَّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَائِمٍ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، (ئاللاھ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى (ئىسلام دىنىدىن) يانىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۆزى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كەمتەر، كافىرلارغا قاتتىق قول، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى ئۇزاققا قالماي كەلتۈرىدۇ. بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ پەزلى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن يانىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا باشقا قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارغا كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ ۋە ھېچبىر مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك ـ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھ ئۆز ئەمرىنى كەلتۈرگىچە كۈتۈپ كۈتۈڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، جۈپلىرىڭلار، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلار، قولغا كەلتۈرگەن ماللىرىڭلار، كاساتلىشىپ قېلىشىدىن قورقىدىغان تىجارىتىڭلار ۋە ياقتۇرىدىغان ئۆي - جايلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن بەك سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا ئاللاھ ئۆز ئەمرىنى كەلتۈرگەنگە قەدەر كۈتۈڭلار! ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ».
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ الرَّحْمَٰنُ وُدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن-ئۇلارنىڭ دىللىرىدا-مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى رەھمان سۆيۈملۈك قىلىدۇ.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اقْذِفِيهِ فِي التَّابُوتِ فَاقْذِفِيهِ فِي الْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ الْيَمُّ بِالسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِي وَعَدُوٌّ لَهُ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِنِّي وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِي
مۇھەممەد سالىھ: (ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئېيتتۇقكى-: «ئۇ بالىنى ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى ساندۇق بىلەن دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان - پىرئەۋن- ئېلىپ باقسۇن». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيىلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم
ئەنەس ئالىم: ‹ئۇنى ساندۇققا سېلىپ، دەرياغا قويۇپ بەرگىن. دەريا ئۇنى قىرغىقىغا تاشلىسۇن. ئۇنى مېنىڭمۇ دۈشمىنىم، ئۇنىڭمۇ دۈشمىنى بولغان بىرى ئالسۇن›. ئى مۇسا! سېنى كۆز ئالدىمدا يېتىشسۇن دەپ سۆيۈملۈك قىلدىم.
20 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هُمْ أُولَاءِ عَلَىٰ أَثَرِي وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، رەببىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇلار مېنىڭ ئىزىمدىدۇر. مەن رازىلىقىڭغا ئېرىشەي دەپ ئالدىراپ كەلدىم رەببىم!» دېدى.
لەيل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لِأَحَدٍ عِنْدَهُ مِنْ نِعْمَةٍ تُجْزَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بېرىدۇ.
ئىنشىراھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَارْغَبْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە رەببىڭگە يۈزلەنگىن
ئەنەس ئالىم: پەقەت رەببىڭگە يۆنەلگىن.