لەيل سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 21 ئايەت
مەنىسى: كېچە. ئاتىلىش سەۋەبى: كېچە بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (92-سۈرە لەيل، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰ
    قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى

    قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن [1]،

  2. (92-سۈرە لەيل، 2-ئايەت)
    وَالنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ
    يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى

    يوپيورۇق كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن [2]،

  3. (92-سۈرە لەيل، 3-ئايەت)
    وَمَا خَلَقَ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
    ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى

    ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [3]،

  4. (92-سۈرە لەيل، 4-ئايەت)
    إِنَّ سَعْيَكُمْ لَشَتَّىٰ
    سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر

    سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر [4].

  5. (92-سۈرە لەيل، 5-ئايەت)
    فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَاتَّقَىٰ
    (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك

    پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، تەۋھىد كەلىمىسىنى راست دەپ ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك [5ـ6]،

  6. (92-سۈرە لەيل، 6-ئايەت)
    وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَىٰ
    (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك

    پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، تەۋھىد كەلىمىسىنى راست دەپ ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك [5ـ6]،

  7. (92-سۈرە لەيل، 7-ئايەت)
    فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَىٰ
    ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز

    بىز ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز [7].

  8. (92-سۈرە لەيل، 8-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَىٰ
    بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك

    بېخىللىق قىلىپ ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، تەۋھىد كەلىمىسىنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك [8ـ9]،

  9. (92-سۈرە لەيل، 9-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَىٰ
    بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك

    بېخىللىق قىلىپ ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، تەۋھىد كەلىمىسىنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك [8ـ9]،

  10. (92-سۈرە لەيل، 10-ئايەت)
    وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَىٰ
    بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز

    بىز ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىمىز [10].

  11. (92-سۈرە لەيل، 11-ئايەت)
    فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْعُسْرَىٰ
    ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ

    ئۇ دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ پۇل-مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ [11].

  12. (92-سۈرە لەيل، 12-ئايەت)
    وَمَا يُغْنِي عَنْهُ مَالُهُ إِذَا تَرَدَّىٰ
    توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك ـ شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز

    توغرا يولنى كۆرسىتىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئىشىمىز [12].

  13. (92-سۈرە لەيل، 13-ئايەت)
    إِنَّ عَلَيْنَا لَلْهُدَىٰ
    دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر

    دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر [13].

  14. (92-سۈرە لەيل، 14-ئايەت)
    وَإِنَّ لَنَا لَلْآخِرَةَ وَالْأُولَىٰ
    سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم

    مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم [14].

  15. (92-سۈرە لەيل، 15-ئايەت)
    فَأَنْذَرْتُكُمْ نَارًا تَلَظَّىٰ
    ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ

    ئۇنىڭغا پەقەت ھەقنى ئىنكار قىلغان، ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقان بەختسىز ئادەملا كىرىدۇ [15ـ16].

  16. (92-سۈرە لەيل، 16-ئايەت)
    لَا يَصْلَاهَا إِلَّا الْأَشْقَى
    ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ

    ئۇنىڭغا پەقەت ھەقنى ئىنكار قىلغان، ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتقان بەختسىز ئادەملا كىرىدۇ [15ـ16].

  17. (92-سۈرە لەيل، 17-ئايەت)
    الَّذِي كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
    پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ

    پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى سەرپ قىلىدىغان تەقۋا ئادەم ئۇنىڭدىن يىراق قىلىنىدۇ [17ـ18].

  18. (92-سۈرە لەيل، 18-ئايەت)
    وَسَيُجَنَّبُهَا الْأَتْقَى
    پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ

    پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى سەرپ قىلىدىغان تەقۋا ئادەم ئۇنىڭدىن يىراق قىلىنىدۇ [17ـ18].

  19. (92-سۈرە لەيل، 19-ئايەت)
    الَّذِي يُؤْتِي مَالَهُ يَتَزَكَّىٰ
    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر

    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولىدۇ [19ـ20].

  20. (92-سۈرە لەيل، 20-ئايەت)
    وَمَا لِأَحَدٍ عِنْدَهُ مِنْ نِعْمَةٍ تُجْزَىٰ
    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر

    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولىدۇ [19ـ20].

  21. (92-سۈرە لەيل، 21-ئايەت)
    إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِ الْأَعْلَىٰ
    ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ

    ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كەلگۈسىدە چوقۇم رازى بولىدۇ [21].