ئىنشىراھ سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: ئېچىۋېتىش. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى ئىمانغا ئېچىۋېتىپ، دىلىنى ھېكمەت بىلەن تولدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان
  1. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ
    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) بىز سېنىڭ كۆكسىڭنى (ئىلمىي ھېكمەتكە ئېچىپ) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟ [1].

  2. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 2-ئايەت)
    وَوَضَعْنَا عَنْكَ وِزْرَكَ
    سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق

    سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى (ساڭا ئېغىر كېلىدىغان مەجبۇرىيەتنى) ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىمىدۇقمۇ؟ [2ـ3].

  3. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 3-ئايەت)
    الَّذِي أَنْقَضَ ظَهْرَكَ
    سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق

    سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى (ساڭا ئېغىر كېلىدىغان مەجبۇرىيەتنى) ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىمىدۇقمۇ؟ [2ـ3].

  4. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 4-ئايەت)
    وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ
    سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق

    سېنىڭ شان-شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلمىدۇقمۇ؟ [4].

  5. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 5-ئايەت)
    فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
    ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار

    بىلگىنكى ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئاسانلىق بار [5].

  6. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 6-ئايەت)
    إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
    ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار

    شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم يەنە بىر ئاسانلىق بار [6].

  7. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 7-ئايەت)
    فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ
    (ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن بىكار بولغان چېغىڭدا تىرىشىپ ئىبادەت قىلغىن [7].

  8. (94-سۈرە ئىنشىراھ، 8-ئايەت)
    وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَارْغَبْ
    پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن

    پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن [8].