ئىشەنچلىكلىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىشەنچلىكلىك — بارلىق ئىشەنچ، ئەھدىنامە ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشتىكى ئىشەنچلىكلىك ۋە سادىقلىق.
ئەرەبچىىسى: الأمانة
ئېنگلىزچىسى: Trustworthiness
23 ئايەت
13 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەزىلەتلەر /
- 📄 ئىشەنچلىكلىك
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 283 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كُنْتُمْ عَلَىٰ سَفَرٍ وَلَمْ تَجِدُوا كَاتِبًا فَرِهَانٌ مَقْبُوضَةٌ ۖ فَإِنْ أَمِنَ بَعْضُكُمْ بَعْضًا فَلْيُؤَدِّ الَّذِي اؤْتُمِنَ أَمَانَتَهُ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ ۗ وَلَا تَكْتُمُوا الشَّهَادَةَ ۚ وَمَنْ يَكْتُمْهَا فَإِنَّهُ آثِمٌ قَلْبُهُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا) گۆرۈ قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن)، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر[283].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، پۈتۈكچى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (ھۆججەت ئورنىغا) بىرەر نەرسىنى رەنىگە تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئەگەر بەزىڭلار بەزىڭلارغا ئىشىنىپ (ھۆججەت ياكى رەنە تەلەپ قىلماي) قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۇ چاغدا قەرز ئالغۇچى ئادەم قەرزنى ئىگىسىگە ۋاقتىدا قايتۇرسۇن، پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ يېزىپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىساڭلار، قەرزداردىن گۆرۈگە بىرەر نەرسە ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر بىر -بىرىڭلارغا ئىشىنىپ قەرز مۇئامىلىسى قىلغان بولساڭلار، ئىشەنچ قىلىنغان كىشى ئامانىتىنى ئادا قىلسۇن80، رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار. كىمكى گۇۋاھلىقنى يوشۇرىدىكەن، ئۇنىڭ قەلبى گۇناھكاردۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلگۈچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِقِنْطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ پۇل-مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا سۈيلەپ تۇرمىغىچە، ئۇ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ساۋاتسىزلار (بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلار) نىڭ پۇل-مېلىغا خىيانەت قىلساق، بىزگە گۇناھ بولمايدۇ» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشى باركى، ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە ئامانەت قويساڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلاردىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىرەر دىنار ئامانەت قويساڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغىچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «بىزدىن بولمىغانلارنىڭ مېلىنى يەۋالساق گۇناھكار بولمايمىز» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ.
3 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَغُلَّ ۚ وَمَنْ يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئولجىغا خىيانەت قىلمايدۇ. كىمكى ئولجىغا خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر نەبىي غەنىيمەتكە ئەسلا خىيانەت قىلمايدۇ. كىم غەنىيمەتكە خىيانەت قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
نىسا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتُوا الْيَتَامَىٰ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ ۖ وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَهُمْ إِلَىٰ أَمْوَالِكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ حُوبًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى يامانغا (يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ يامىنىغا) تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى ناچارغا تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرگە ماللىرىنى بېرىڭلار، ناچارنى ئوبدانغا تېگىشىۋالماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر.
4 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَابْتَلُوا الْيَتَامَىٰ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُمْ مِنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَا إِسْرَافًا وَبِدَارًا أَنْ يَكْبَرُوا ۚ وَمَنْ كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَنْ كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ فَأَشْهِدُوا عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىملەرنى نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار. ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي بولسا، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل بولسا، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا مال-مۈلكىنى باشقۇرالىغۇدەك ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ ۋە ئالدىراپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسىي بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، ئۇ يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى تارتسۇن، كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىگە يارىشا) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن. سىلەر يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا، باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: يېتىملەرنى سىناڭلار. ئۇلار تاكى نىكاھلىنىش چېغىغا2 يەتكەندە ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەقلى يېتىلگەنلىكىنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا ماللىرىنى بېرىڭلار. ئۇلار چوڭ بولۇپ قالىدۇ دەپ ماللىرىنى ئىسراپ قىلىپ ۋە ئالدىراپ يەۋالماڭلار. كىمكى بىھاجەت بولسا ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا تىرىشسۇن. كىمكى موھتاج بولسا مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا يېسۇن3. ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزلىرىگە بەرگەن چېغىڭلاردا گۇۋاھچىلارنىڭ يېنىدا بېرىڭلار. ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر.
4 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ تَأْخُذُونَهُ وَقَدْ أَفْضَىٰ بَعْضُكُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ وَأَخَذْنَ مِنْكُمْ مِيثَاقًا غَلِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىسىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزئارا بىر يەردە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئۇ خوتۇن سىلەردىن (نىكاھ ئارقىلىق) مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى قانداقمۇ ئېلىۋالىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر بىر يەردە بولۇشقان ۋە ئۇلار سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا!
4 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يَأْمُرُكُمْ أَنْ تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُمْ بَيْنَ النَّاسِ أَنْ تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ ۚ إِنَّ اللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُمْ بِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇشقا ۋە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغان چېغىڭلاردا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان بۇ ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنَا لَكُمْ نَاصِحٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار.
8 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يُرِيدُوا خِيَانَتَكَ فَقَدْ خَانُوا اللَّهَ مِنْ قَبْلُ فَأَمْكَنَ مِنْهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشۇ ئەسىرلەر ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىلگىرى ئۇلار (كۇفرى بىلەن، ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن) ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى، ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ (بولغۇسى ھەممە ئىشنى) بىلگۈچى، ئۆز ھېكمىتى بويىچە ئىش قىلغۇچىدۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (مۇشۇ ئەسىرلەر) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا (قىلىۋەرسۇن)، ئىلگىرىمۇ ئۇلار ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى، ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار ساڭا خائىنلىق قىلماقچى بولسا، بىلگىنكى، ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا خائىنلىق قىلغان ئىدى. ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
يۈسۈف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلِكُ ائْتُونِي بِهِ أَسْتَخْلِصْهُ لِنَفْسِي ۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُ قَالَ إِنَّكَ الْيَوْمَ لَدَيْنَا مَكِينٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: پادىشاھ: «يۈسۈفنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. يۈسۈف ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ئۇ: «سەن بۈگۈن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھەقىقەتەن مەرتىۋىلىك، ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ: «ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار، خاس ئادىمىم قىلىمەن» دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: «شۈبھىسىزكى، سەن بۈگۈن يېنىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن» دېدى.
12 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اجْعَلْنِي عَلَىٰ خَزَائِنِ الْأَرْضِ ۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «مېنى (مىسىر) زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن (ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى) بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن» دېدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «مېنى - مىسىر- زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، ھەقىقەتەن مەن ئوبدان ساقلىيالايمەن، -ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى- بىلىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن» دېدى.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۚ وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ ۖ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر يېتىمگە ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەھدىدىن سوراققا تارتىلىسىلەر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇئمىنلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.
شۇئەرا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
26 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
26 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
26 : 162 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن[162].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
26 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِفْرِيتٌ مِنَ الْجِنِّ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ تَقُومَ مِنْ مَقَامِكَ ۖ وَإِنِّي عَلَيْهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن»
ئەنەس ئالىم: جىنلاردىن يامان بىرى: «مەن ئۇنى سەن ئورنۇڭدىن تۇرغۇچە ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كېلىمەن. بۇنىڭغا كۈچۈم يېتىدۇ، ئۇنى زايە قىلماستىن ساق - سالامەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشەنچلىك بىرىمەن» دېدى.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ ۖ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېلىقى ئىككى ئاياللارنىڭ بىرى ئېيتتى: «ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئىككى ئايالنىڭ بىرى: «ئى دادىكا! بۇ كىشىنى ھەق بېرىپ ئىشلەتكىن. سەن ھەق بېرىپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولغان بۇ كىشىدۇر» دېدى.
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ أَدُّوا إِلَيَّ عِبَادَ اللَّهِ ۖ إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى) «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك بىر ئەلچىمەن
ئەنەس ئالىم: ئەلچى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچىلىك ئەلچىمەن.
مائارىج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر.