راستچىللىق
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
راستچىللىق — ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسى بىردەك بولۇش؛ بارلىق سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە سەمىمىي ۋە راستچىل بولۇش.
ئەرەبچىىسى: الصدق
ئېنگلىزچىسى: Truthfulness
34 ئايەت
20 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەزىلەتلەر /
- 📄 راستچىللىق
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَلْبِسُوا الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُوا الْحَقَّ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقنى باتىلغا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئۆزەڭلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىگە) ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار ، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرماڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرماڭلار ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرماڭلار،
2 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ بَدَّلَهُ بَعْدَمَا سَمِعَهُ فَإِنَّمَا إِثْمُهُ عَلَى الَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[181].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى پەقەت ئۇنى ئۆزگەرتكەنلەرگە يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن، ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ گۇناھى ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتكۈچىلەرگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
الصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنْفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار سەۋر قىلغۇچى، راست سۆزلىگۈچى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى، پۇل -ماللىرىدىن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغۇچى ۋە تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگۈچى كىشىلەردۇر.
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَكْسِبْ خَطِيئَةً أَوْ إِثْمًا ثُمَّ يَرْمِ بِهِ بَرِيئًا فَقَدِ احْتَمَلَ بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى كىچىك بىر گۇناھ ياكى چوڭ بىر گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى سەۋەنلىك بىلەن ياكى قەستەن بىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى بىرەر خاتالىقنى ياكى بىرەر گۇناھنى قىلىپ ئاندىن ئۇنى گۇناھسىز بىرەر ئادەمگە ئارتىپ قويسا، ئۇ ئەلۋەتتە بوھتان ۋە ئوچۇق گۇناھ يۈدۈۋالغان بولىدۇ.
4 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ ۚ إِنْ يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّهُ أَوْلَىٰ بِهِمَا ۖ فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَىٰ أَنْ تَعْدِلُوا ۚ وَإِنْ تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار. (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا بولۇشماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ۋە تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھ رازى بولغۇدەك گۇۋاھلىق بېرىڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ ھەقىقەتتىن بۇرىلىپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ھەققانىيەتتە مۇستەھكەم تۇرغۇچىلار، ئاللاھ ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بېرىدىغان گۇۋاھلىقىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا -ئاناڭلارنىڭ ۋە ياكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى كىشى باي ياكى پېقىر بولسا، ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر. ئۇنداقتا ئادىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈن نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەڭلار. ئەگەر ئەگرى - بۈگرى قىلساڭلار ياكى يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
مائىد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ لِلَّهِ شُهَدَاءَ بِالْقِسْطِ ۖ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ عَلَىٰ أَلَّا تَعْدِلُوا ۚ اعْدِلُوا هُوَ أَقْرَبُ لِلتَّقْوَىٰ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلىڭلار. ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلايدىغان، ئادىل گۇۋاھلىق بېرىدىغان بولۇڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇنداق قىلىشىڭلار تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھ ئۈچۈن راۋۇرۇس تۇرغۇچىلار، ئادالەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بىرەر قەۋمگە ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار سىلەرنى ئادىل بولماسلىققا ئېلىپ بارمىسۇن. ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا يېقىندۇر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
5 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ عُثِرَ عَلَىٰ أَنَّهُمَا اسْتَحَقَّا إِثْمًا فَآخَرَانِ يَقُومَانِ مَقَامَهُمَا مِنَ الَّذِينَ اسْتَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْأَوْلَيَانِ فَيُقْسِمَانِ بِاللَّهِ لَشَهَادَتُنَا أَحَقُّ مِنْ شَهَادَتِهِمَا وَمَا اعْتَدَيْنَا إِنَّا إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ (يالغان گۇۋاھلىق بەرگەنلىك ياكى مىراسقا خىيانەت قىلغانلىق) گۇناھى بىلىنسە، ئۇلارنىڭ ئورنىغا مىراس ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان ۋارىسلاردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولۇپ: «بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىنمۇ توغرىدۇر، بىز شەرىئەتتىن چىقىپ كەتمىدۇق، بولمىسا بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچى بولۇپ قالىمىز » دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ بىرەر گۇناھ قىلغانلىقى بايقالسا32، زىيانغا ئۇچرىتىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن گۇۋاھلىق بېرىشكە ئەڭ لايىق بولغان باشقا ئىككى كىشى ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، مۇنداق دەپ قەسەم قىلىدۇ: «ئەلۋەتتە بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىز ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن توغرىدۇر، بىز ھەددىمىزدىن ئاشمىدۇق. ئەگەر ئۇنداق قىلساق بىز چوقۇم زالىملاردىن بولىمىز».
5 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نُرِيدُ أَنْ نَأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَنْ قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (بۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى.
5 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ هَٰذَا يَوْمُ يَنْفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ ۚ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ سەمىمىيىتى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر».
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۖ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ ۖ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۖ وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ (قۇرامىغا يېتىپ) ئەقلى يېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار ، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر يېتىمنىڭ مال-مۈلكىگە تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكۈچىلىك يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا پەقەت ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار. بىز ھېچقانداق ئادەمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى»
ئەنەس ئالىم: يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. كەمچەننى ۋە مىزاننى ئادىللىق بىلەن توغرا تۇتۇڭلار. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار. ھەققىدە سۆز قىلىنىدىغان كىشى تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر.
ئەئراف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَدِ افْتَرَيْنَا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِي مِلَّتِكُمْ بَعْدَ إِذْ نَجَّانَا اللَّهُ مِنْهَا ۚ وَمَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَعُودَ فِيهَا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّنَا ۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۚ عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا ۚ رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنْتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: (شۇئەيب يەنى ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق. ئى رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن بىز يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. رەببىمىز ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇنىڭغا قايتىشىمىز بىز ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ. رەببىمىزنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق. رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىنى ھەق بىلەن ئايرىغىن18. سەن ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
7 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
حَقِيقٌ عَلَىٰ أَنْ لَا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُمْ بِبَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن».
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْفَ وَإِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ لَا يَرْقُبُوا فِيكُمْ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ يُرْضُونَكُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ وَتَأْبَىٰ قُلُوبُهُمْ وَأَكْثَرُهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار ئەھدىسىگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدا خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا (ۋەدىسىدە تۇرۇشنى) خالىمايدۇ (يەنى ئاغزىدا چىرايلىق سۆزلىگىنى بىلەن، كۆڭۈللىرى ئاداۋەت، نىفاق بىلەن تولغان). ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار كېلىشىمگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا نە تۇغقانچىلىققىمۇ، كېلىشىمگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى شېرىن گەپلەر خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا بولسا (ئۇنداق قىلىشنى) خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداق، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەھدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرگە غالىب كەلسە، سىلەر توغرۇلۇق تۇغقانچىلىققىمۇ، ئەھدىگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار سىلەرنى ئېغىزلىرى بىلەن رازى قىلىدۇ، قەلبلىرى ئۇنىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر.
9 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار.
يۇنۇس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَنْبِئُونَكَ أَحَقٌّ هُوَ ۖ قُلْ إِي وَرَبِّي إِنَّهُ لَحَقٌّ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن: «ئۇ ۋەدە قىلىنغان ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن: «ئۇ ئەبەدىي ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئازاب ئەلۋەتتە راستتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر».
10 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كُنْتَ فِي شَكٍّ مِمَّا أَنْزَلْنَا إِلَيْكَ فَاسْأَلِ الَّذِينَ يَقْرَءُونَ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكَ ۚ لَقَدْ جَاءَكَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا سەن ساڭا بىز نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلار (يەنى تەۋرات بىلەن ئىنجىل نازىل قىلىنغان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق (قۇرئان) كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا سەن بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتابتىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن ئىلگىرى كىتاب ئوقۇغانلاردىن سوراپ باققىن، شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ھەق قۇرئان كەلدى. سەن ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سەن بىز ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇغانلاردىن سوراپ باققىن. شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭدىن ھەق كەلدى. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن،
يۈسۈف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَا خَطْبُكُنَّ إِذْ رَاوَدْتُنَّ يُوسُفَ عَنْ نَفْسِهِ ۚ قُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا عَلِمْنَا عَلَيْهِ مِنْ سُوءٍ ۚ قَالَتِ امْرَأَتُ الْعَزِيزِ الْآنَ حَصْحَصَ الْحَقُّ أَنَا رَاوَدْتُهُ عَنْ نَفْسِهِ وَإِنَّهُ لَمِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پادىشاھ (ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ): «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر، يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پادىشاھ ھېلىقى خوتۇنلارنى يىغىپ ۋە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ-: «سىلەر يۈسۈفتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلاردا، ھەقىقىي ئەھۋالىڭلار قانداق بولغان؟ دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر؛ يۈسۈفتە ئازراقمۇ گۇناھ بار دەپ بىلمەيمىز» دېدى. ئەزىزنىڭ خوتۇنى: «ئەمدى ھەقىقىي ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم، يۈسۈف ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: پادىشاھ ئۇ خوتۇنلارنى يىغىپ: «يۇسۇفنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈڭلارغا تارتىشقا ئۇرۇنغان چېغىڭلاردا نېمە ئىش بولغان؟» دېدى. ئۇلار: «ئاللاھ پاكتۇر. بىز ئۇنىڭدا ھېچ يامانلىق بىلمىدۇق» دېدى. ئەزىزنىڭ ئايالى بولسا: «ئەمدى ھەقىقەت ئايدىڭلاشتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تارتىشقا ئۇرۇنغان ئىدىم. شۈبھىسىزكى، ئۇ راستچىللاردىن ئىدى» دېدى.
12 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّي لَمْ أَخُنْهُ بِالْغَيْبِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يۈسۈف ئېيتتى) «بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىشى ئۈچۈندۇر»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يۈسۈف ئېيتتى-: «بۇ، ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر»
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف مۇنداق دېدى: «زىنداندىن ئالدىراپ چىقماسلىقىم ئەزىزنىڭ شۇنى بىلىشى ئۈچۈنكى: مەن ئۇنىڭغا يوق چېغىدا خىيانەت قىلمىدىم، ئاللاھ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ.
12 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا تَاللَّهِ لَقَدْ عَلِمْتُمْ مَا جِئْنَا لِنُفْسِدَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كُنَّا سَارِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن كەلمىدۇق، بىز ئوغرى ئەمەسمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر، بىز بۇ يەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغىلى كەلمىدۇق، بىز ئوغرىمۇ ئەمەس» دېدى.
12 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلِ الْقَرْيَةَ الَّتِي كُنَّا فِيهَا وَالْعِيرَ الَّتِي أَقْبَلْنَا فِيهَا ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز تۇرغان شەھەردىن (يەنى مىسىردىن) ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تۇرغان شەھەردىن ۋە بىز بىلەن بىللە ماڭغان كارۋاندىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سۆزىمىز چوقۇم راست»
ئەنەس ئالىم: بىز تۇرغان ئۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىدىن ۋە بىز بىلەن بىللە كەلگەن كارۋاندىن سوراپ بېقىڭ. بىز ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋاتىمىز».
مەريەم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِبْرَاهِيمَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىبراھىم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىبراھىمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.
19 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىسمائىل-نىڭ قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرغۇچى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى.
19 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب-قۇرئان-دا ئىدرىس-قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىدرىسنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ وَإِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، پايدىسىز سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدىغان، بىھۇدە سۆز - ھەرىكەتكە يولۇقسا، ئۇ يەردىن ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَنَنْظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانچىلاردىنمۇسەن؟ قارايمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «راست سۆزلىدىڭمۇ ياكى يالغانچىلاردىن بولدۇڭمۇ؟ كۆرىمىز.
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۖ قُلْ إِنِ افْتَرَيْتُهُ فَلَا تَمْلِكُونَ لِي مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَا تُفِيضُونَ فِيهِ ۖ كَفَىٰ بِهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۖ وَهُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار قۇرئاننى ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر (يەنى مېنىڭ راستچىللىقىمغا ۋە سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارغا گۇۋاھ بولىدۇ)، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئۇلار قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى توقۇغان دىېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۇنى مەن توقۇغان بولسام، سىلەر مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايسىلەر، سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدىكى تۆھمەتلىرىڭلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار: «قۇرئاننى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقتى» دەۋاتامدۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر قۇرئاننى مەن ئويدۇرۇپ چىققان بولسام، سىلەر ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى مەندىن دەپئى قىلالمايسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇرئان توغرىسىدا قىلىۋاتقان تۆھمەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يېتەرلىك شاھىتتۇر. ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
طَاعَةٌ وَقَوْلٌ مَعْرُوفٌ ۚ فَإِذَا عَزَمَ الْأَمْرُ فَلَوْ صَدَقُوا اللَّهَ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىتائەت ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشتۇر، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىتائەت قىلىش ۋە چىرايلىق سۆز قىلىش ئىدى. ئۇرۇش قارار قىلىنغاندا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى.
ھۇجۇرات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَإٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر فاسىق بىر ئادەم سىلەرگە بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، تەكشۈرۈڭلار. بولمىسا بىلمەستىن بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالىسىلەر.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى)[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىنىڭ دىلى كۆرگىنىنى يالغان دېمىدى.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لِلْفُقَرَاءِ الْمُهَاجِرِينَ الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأَمْوَالِهِمْ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا وَيَنْصُرُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق ئادەملەردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ غەنىمەتنىڭ بىر قىسمى ئۆز دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال ـ مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار راستچىل ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ماللار يەنە يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ماللىرىدىن ئايرىلغان، ئاللاھتىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھاجىرلار ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر.
سەپ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟)[2]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى نېمە ئۈچۈن سۆزلەيسىلەر؟
61 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ أَنْ تَقُولُوا مَا لَا تَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ئىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى سۆزلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا نېمىدېگەن چوڭ نەپرەتلىنەرلىك ئىش!
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُطِعْ كُلَّ حَلَّافٍ مَهِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ13].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەسەمخورغا ئىتائەت قىلمىغىنكى
ئەنەس ئالىم: تۆۋەندىكى سۈپەتتە بولغان ھېچكىمگە ئىتائەت قىلمىغىن: قەسەمخور، پەس،
مائارىج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ هُمْ بِشَهَادَاتِهِمْ قَائِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار گۇۋاھلىقلىرىنى توغرا ئادا قىلغۇچى كىشىلەردۇر.