ھىساب
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەر بىر شەخسنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئىش-ھەرىكىتى، سۆزى ۋە نىيەتلىرىنىڭ قىيامەتتىكى ھېساباتى.
ئەرەبچىىسى: حساب
ئېنگلىزچىسى: Reckoning
346 ئايەت
80 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قىيامەت كۈنى /
- 📄 ھىساب
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر6.
بەقەرە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىديە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (يەنى كافىرلار) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن شاپائەت20 قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە21 ئېلىنمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.
2 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا تَنْفَعُهَا شَفَاعَةٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا قىلمايدىغان، ئۇلارغا (يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكارلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئادەم بىر ئادەمگە قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدىغان، ئۇلارغا (كافىرلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمگە شافائەتنىڭ38 پايدىسى بولمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.
2 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ وِجْهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَا ۖ فَاسْتَبِقُوا الْخَيْرَاتِ ۚ أَيْنَ مَا تَكُونُوا يَأْتِ بِكُمُ اللَّهُ جَمِيعًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر (ئۈممەت) نىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى (قىبلىسى) بار، (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، قەيەردە بولماڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ ھەممىڭلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەتنىڭ يۈزلىنىدىغان تەرىپى (يەنى قىبلىسى) بار، (ئى مۆمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى تالىشىپ قىلىڭلار، قەيەردە بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممەڭلارنى قىيامەت كۈنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتنىڭ يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى بار. ئۇنداقتا سىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا بەسلىشىڭلار. قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 202 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِمَّا كَسَبُوا ۚ وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر (يەنى شۇنچە كۆپ خالايىقتىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھېساب ئېلىپ بولىدۇ)[202].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ئۆزلىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مول مېۋىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى تېزدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر.
2 : 254 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ ۗ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىر بولغۇچىلار زالىملاردۇر[254].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كافىرلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن، ئېلىم - سېتىم، دوستلۇق ۋە شاپائەت يوق كۈن كېلىشتىن بۇرۇن چىقىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، كافىرلار زالىملاردۇر.
2 : 281 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا يَوْمًا تُرْجَعُونَ فِيهِ إِلَى اللَّهِ ۖ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، (يەنى ياخشى ئەمەلى كېمەيتىلىپ، يامان ئەمەلى كۆپەيتىلمەيدۇ)[281].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى قىلغان ياخشى ـ يامان ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر. ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
2 : 284 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنْ تُبْدُوا مَا فِي أَنْفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُمْ بِهِ اللَّهُ ۖ فَيَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[284].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. دىلىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنَّكَ جَامِعُ النَّاسِ لِيَوْمٍ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! شۈبھىسىزكى، كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى ھېساب ئېلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە) كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! سەن شەكسىز كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنى توپلىغۇچىسەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! سەن ئىنسانلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە يىغقۇچىسەن. ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ».
3 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا جَمَعْنَاهُمْ لِيَوْمٍ لَا رَيْبَ فِيهِ وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەكسىز كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە بىز ئۇلارنى توپلايدىغان، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى قىلچە ئۇۋال قىلىنماي تولۇق بېرىلىدىغان چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە توپلىغان ۋە ھەر كىشىگە زۇلۇم قىلىنماستىن ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا - مۇكاپاتى تولۇق بېرىلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟
3 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ أَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ أَمَدًا بَعِيدًا ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنىدە ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار (يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، ھەر كىم ياخشى - يامان قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا كۆرىدۇ ۋە يامانلىقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر.
3 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَىٰ إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا وَجَاعِلُ الَّذِينَ اتَّبَعُوكَ فَوْقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۖ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأَحْكُمُ بَيْنَكُمْ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن. سېنى كافىرلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كافىرلاردىن قۇتقۇزىمەن، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەت كۈنىگىچە كافىرلاردىن ئۈستۈن تۇتىمەن. ئاخىرىدا ھەممىڭلار مېنىڭ ھۇزۇرىمغا قايتىسلەر. ئۇ چاغدا مەن ئاراڭلاردىكى ئىختىلاپ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن.
3 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنىدە بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ. يۈزى قارىداپ كەتكەنلەرگە: «ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن يەنە كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
3 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَغُلَّ ۚ وَمَنْ يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئولجىغا خىيانەت قىلمايدۇ. كىمكى ئولجىغا خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر نەبىي غەنىيمەتكە ئەسلا خىيانەت قىلمايدۇ. كىم غەنىيمەتكە خىيانەت قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
3 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
هُمْ دَرَجَاتٌ عِنْدَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى تۈرلۈك بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ دەرىجىسى ھەرخىل بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى دەرىجىلىرى ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَهُمْ ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار، بۇ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن يامانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىلىرى قىيامەت كۈنى بويۇنلىرىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر29. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
3 : 185 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوْنَ أُجُورَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۖ فَمَنْ زُحْزِحَ عَنِ النَّارِ وَأُدْخِلَ الْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ ۗ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى جەزمەن تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان نەرسىدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)[185].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىرجان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ، كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت يۈزە ھۇزۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ھەر جانلىق ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر30. شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئەجرىڭلار تولۇق بېرىلىدۇ. ئۇ كۈنى دوزاختىن يىراق قىلىنىپ جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن كىشى ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر.
نىسا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَظْلِمُ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ ۖ وَإِنْ تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِنْ لَدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە ئۇۋال قىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زەررىچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىرەر ياخشىلىق بولسا، ئاللاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۆز تەرىپىدىن كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.
4 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ بِشَهِيدٍ وَجِئْنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰؤُلَاءِ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر پەيغەمبەرنى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا، ئەھۋال قانداق بولار؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر گۇۋاھچى كەلتۈرگەن ۋە سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئەھۋال قانداق بولار؟
4 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَعَصَوُا الرَّسُولَ لَوْ تُسَوَّىٰ بِهِمُ الْأَرْضُ وَلَا يَكْتُمُونَ اللَّهَ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە (ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىۋېتىلىشىنى (يەنى ئۆزىنىڭ يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، (ئۇلارنىڭ ھەممە ئەزاسى گۇۋاھ بولغانلىقتىن) ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار (قىيامەن كۈنىدە) ئۆزىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە، كافىر بولغان ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاللاھتىن ھېچبىر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ.
4 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۗ وَمَنْ أَصْدَقُ مِنَ اللَّهِ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئاللاھ شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا)جەزمەن يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى سۆزىدە، ۋەدىسىدە ئاللاھتىنمۇ سادىق ھېچكىم يوق)[87]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. شەكسىز بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ سىلەرنى مەھشەرگاھقا جەزمەن يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ توغرا سۆزلۈك كىم بار؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە يىغىدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟
4 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ جَادَلْتُمْ عَنْهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَمَنْ يُجَادِلُ اللَّهَ عَنْهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَمْ مَنْ يَكُونُ عَلَيْهِمْ وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ھاياتى دۇنيادا ئۇلارنىڭ (يەنى ئوغرى ۋە خائىنلارنىڭ) تەرىپىنى ئالدىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئاللاھقا قارشى ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟ (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىنى كىم ئۇلاردىن دەپئى قىلىدۇ؟) ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولىدۇ؟[109]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار (يەنى خىيانەتكارلار)نىڭ تەرەپدارى بولۇپ مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلارنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ھامىي بولالايدۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇلار ئۈچۈن مۇنازىرىلەشتىڭلار، قىيامەت كۈنى كىم ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ؟ ياكى كىم ئۇلارغا ۋەكىل52 بولىدۇ؟
4 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِنْ كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِنَ اللَّهِ قَالُوا أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ وَإِنْ كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُوا أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُمْ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ ۚ فَاللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلَنْ يَجْعَلَ اللَّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كاپىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كاپىرلارغا): «بىز سىلەردىن غالىب بولۇپ تۇرۇپ (سىلەرنى ئۆلتۈرمىدۇق) ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا (ھەققانىي) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا مۆمىنلەرگە قارشى ھەرگىز يول بەرمەيدۇ[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كافىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار)» دەيدۇ. ئەگەر كافىرلار زەپەر تاپسا، ئۇلار (كافىرلارغا): «بىز سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غالىب كەلگەن تۇرۇپ، سىلەرنى مۆمىنلەردىن قوغدىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ كافىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن پەتىھ نېسىپ بولسا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەيدۇ. ئەگەر كافىرلارغا زەپەردىن بىرەر نېسىۋە بولسا: «بىز سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ61. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ كافىرلار ئۈچۈن مۇئمىنلارغا قارشى يول بەرمەيدۇ.
4 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىمانى ئەسقاتمايدۇ). ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
مائىد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لِيَفْتَدُوا بِهِ مِنْ عَذَابِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَا تُقُبِّلَ مِنْهُمْ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كاپىرلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنى (ئاللاھ) نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ (فىدىيەسى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان نەرسىلەر كافىرلارنىڭ بولغان، ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنى فىديە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولۇپ، ئۇلار قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلىپ بەرسىمۇ، بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
5 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَيْكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۖ لَا يَضُرُّكُمْ مَنْ ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ ۚ إِلَى اللَّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى (گۇناھتىن) ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا ماڭساڭلار، توغرا يولدىن ئاداشقانلار سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَجْمَعُ اللَّهُ الرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَا أُجِبْتُمْ ۖ قَالُوا لَا عِلْمَ لَنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «سىلەر (قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغاندا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولغان ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سەن بىلدۈرگەندىن باشقا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىسەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىر كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېچ ئىلمىمىز يوق، شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن» دەيدۇ.
5 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ هَٰذَا يَوْمُ يَنْفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ ۚ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ سەمىمىيىتى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر».
ئەنئام سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا أَيْنَ شُرَكَاؤُكُمُ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىمىز، ئاندىن شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قېنى؟» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز.
6 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَمْ تَكُنْ فِتْنَتُهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا وَاللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: «رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق».
6 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
انْظُرْ كَيْفَ كَذَبُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ ۚ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىنىڭ ئەكسىچە قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن. ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەۋالغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: قارىغىنا، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
6 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ قَالَ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ تىرىلىش راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئاللاھ ئۇ چاغدا ئۇلارغا: «بۇ ھەق ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» دەيدۇ.
6 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ رُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۚ أَلَا لَهُ الْحُكْمُ وَهُوَ أَسْرَعُ الْحَاسِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ھەق ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىگىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، بىلىڭلاركى، ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھېساب ئالغۇچىلارنىڭ ئەڭ تېز بولغىنىدۇر.
6 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جِئْتُمُونَا فُرَادَىٰ كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَتَرَكْتُمْ مَا خَوَّلْنَاكُمْ وَرَاءَ ظُهُورِكُمْ ۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمْ شُفَعَاءَكُمُ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ أَنَّهُمْ فِيكُمْ شُرَكَاءُ ۚ لَقَدْ تَقَطَّعَ بَيْنَكُمْ وَضَلَّ عَنْكُمْ مَا كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز دەسلەپتە سىلەرنى قانداق خەلق ئەتكەن بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا كەلدىڭلار، سىلەرگە بىز ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا (يەنى دۇنيادا) قويۇپ كەلدىڭلار، (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بولۇشتا) ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ گۇمان قىلغان شاپائەتچىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر (شاپائەت قىلىدۇ) دەپ گۇمان قىلغان نەرسىلەر بەربات بولدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ) «سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ، خۇددى بىز دەسلەپتە سىلەرنى ياراتقاندەك ۋاقىتتىكىدەك تەنھا كەپسىلەرغۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر دەۋالغان گەپلەر پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلاندى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «شۈبھىسىزكى، ھۇزۇرىمىزغا خۇددى بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك يالغۇز كەلدىڭلار. بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ قويدۇڭلار. ‹شېرىكلىرىمىز› دەپ ئېتىقاد قىلغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى يېنىڭلاردا كۆرمەيۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ۋە ئويدۇرغان نەرسىلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى» دېيىلىدۇ.
6 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُمْ مِنَ الْإِنْسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَاؤُهُمْ مِنَ الْإِنْسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِي أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ النَّارُ مَثْوَاكُمْ خَالِدِينَ فِيهَا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنسانلارنى، جىنلارنى (ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈنى: «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار» (دەپ خىتاب قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى رەببىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: «ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: «رەببىمىز! بىز بىر -بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا شَهِدْنَا عَلَىٰ أَنْفُسِنَا ۖ وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇكى، «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» (دېيىلگەندە)، ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغاندۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا «ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە ئەينەن بايان قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، گۇناھ بىزدە» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالدىغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
6 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ دَرَجَاتٌ مِمَّا عَمِلُوا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.
6 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ فَرَّقُوا دِينَهُمْ وَكَانُوا شِيَعًا لَسْتَ مِنْهُمْ فِي شَيْءٍ ۚ إِنَّمَا أَمْرُهُمْ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا ـ جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر (يەنى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر)، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېيتىپ بېرىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلار بىلەن سېنىڭ قىلچە ئالاقەڭ يوق؛ ئۇلارنىڭ ئىشىنى پەقەت ئاللاھ بىر تەرەپ قىلىدۇ، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! دىنىنى پارچىلاپ پىرقىلەرگە ئايرىلغانلار بىلەن سېنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭ يوق. ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
6 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا ۖ وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسى بېرىلىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بىر يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت شۇ بىر يامانلىقنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئەسلا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
6 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِي رَبًّا وَهُوَ رَبُّ كُلِّ شَيْءٍ ۚ وَلَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ إِلَّا عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ مَرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس (يەنى بىر ئادەمنىڭ گۇناھى بىلەن باشقا بىر ئادەم جازاغا تارتىلمايدۇ). كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار ئىزدەمدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار بولمايدۇ. كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھتىن باشقا رەب ئىزدەمدىمەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ رەببى تۇرسا. ھەركىمنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگە. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاندىن كېيىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ».
ئەئراف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَنَسْأَلَنَّ الَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْأَلَنَّ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: بىز ئەلچى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى سوئال - سوراق قىلىمىز3، ھەمدە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى سوئال - سوراق قىلىمىز4.
7 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيْهِمْ بِعِلْمٍ ۖ وَمَا كُنَّا غَائِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ئەينەن ئېيتىپ بېرىمىز، (چۈنكى) بىز ئۇلار بىلەن بىللە ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى بىلگىنىمىز بويىچە ئۆز پېتى ئېيتىپ بېرىمىز. چۈنكى بىز دائىم ئۇلار بىلەن بىللە ئىدۇق.
7 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْوَزْنُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ ۚ فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى (يامان ئىشلىرىدىن) ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئەمەللەرنىڭ تارتىلىشى ھەقتۇر. مىزاندا ياخشىلىقلىرى ئېغىر كەلگەنلەر مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر.
7 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَيْنَهُمَا حِجَابٌ ۚ وَعَلَى الْأَعْرَافِ رِجَالٌ يَعْرِفُونَ كُلًّا بِسِيمَاهُمْ ۚ وَنَادَوْا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ ۚ لَمْ يَدْخُلُوهَا وَهُمْ يَطْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ. ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق بولىدۇ. توسۇقنىڭ ئۈستىدە جەننەت ئەھلىنى ۋە دوزاخ ئەھلىنى ئۇلارنىڭ سىيماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر بولىدۇ، ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق، توسۇقنىڭ ئېگىز جايلىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر بولىدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپنى سېيماسىدىن تونۇيدۇ. ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سالامۇئەلەيكۇم!» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، لېكىن تەمە قىلماقتىدۇر.
7 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْأَعْرَافِ رِجَالًا يَعْرِفُونَهُمْ بِسِيمَاهُمْ قَالُوا مَا أَغْنَىٰ عَنْكُمْ جَمْعُكُمْ وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇۋالىدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟›› دەپ توۋلايدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: توسۇق ئۈستىدىكىلەر سىيماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟» دەپ توۋلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېگىز جايلاردىكى كىشىلەر ئۆزلىرى سېيماسىدىن تونۇيدىغان بىر قىسىم ئادەملەرگە مۇنداق دەپ توۋلايدۇ: «توپلىغىنىڭلار10 ۋە كىبىر قىلغىنىڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟
7 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتماپتۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەقەت ئۇنىڭدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى بۇ كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى (بىزگە) ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بىزنىڭ گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن غايىب بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىيلىگىلا11 ساقلاۋاتىدۇ! ئۇنىڭ تەئۋىيلى كەلگەن كۈنى12، بۇرۇن ئۇنى ئۇنتۇغانلار مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بىز ئۈچۈن شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ بولسا بىزگە شاپائەت قىلغان بولسىچۇ! ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟ بولسا قىلغىنىمىزدىن باشقا ئەمەل قىلار ئىدۇق!». ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
7 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى (ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىشنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان يامان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتكە مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەرنىڭ ئەمەللىرى چوقۇم بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ».
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَمِيزَ اللَّهُ الْخَبِيثَ مِنَ الطَّيِّبِ وَيَجْعَلَ الْخَبِيثَ بَعْضَهُ عَلَىٰ بَعْضٍ فَيَرْكُمَهُ جَمِيعًا فَيَجْعَلَهُ فِي جَهَنَّمَ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى دۇنيادا مەغلۇپ قىلىشى، ئاخىرەتتە جەھەننەمگە ھەيدىشى) كاپىرنى مۆمىندىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەممە كاپىرلارنى ئۈستى ـ ئۈستىگە دۆۋىلەپ توپلىغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلايدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى ناپاك ئادەمنى پاك ئادەمدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەممە ناپاك ئادەمنى ئۈستى-ئۈستىگە دۆۋىلەپ دوزاخقا تاشلاش ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ ناپاكنى پاكتىن ئايرىشى، ناپاكنىڭ بەزىسىنى بەزىسىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ دۆۋىلەپ ئاندىن جەھەننەمگە تاشلىشى ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
8 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى سادىر قىلغان جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلچە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسلىكىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئۆز قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ھەمدە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر».
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلِ اعْمَلُوا فَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ وَالْمُؤْمِنُونَ ۖ وَسَتُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ. يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ»[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «خالىغان ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۇئمىنلار كۆرۈپ تۇرىدۇ، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە مۇئمىنلارمۇ كۆرىدۇ. يېقىندا يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى زاتنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ».
يۇنۇس سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا ۖ وَعْدَ اللَّهِ حَقًّا ۚ إِنَّهُ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ بِالْقِسْطِ ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى) ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۈبھىسىزكى، مەخلۇقاتنى دەسلەپتە ئاللاھ ياراتقان، (ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، قىيامەت كۈنى) ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنى ئادىللىق بىلەن مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ. كاپىرلارنىڭ بولسا، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرى تۈپەيلىدىن، (دوزاختىكى) ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدۇ، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئادىللىق بىلەن مۇكاپات بېرىش ئۈچۈندۇر. كافىر بولغانلارغا كۇفرى تۈپەيلىدىن قىزىق ئىچىملىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار.
10 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا مَكَانَكُمْ أَنْتُمْ وَشُرَكَاؤُكُمْ ۚ فَزَيَّلْنَا بَيْنَهُمْ ۖ وَقَالَ شُرَكَاؤُهُمْ مَا كُنْتُمْ إِيَّانَا تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە (مۆمىنلەرنى، كاپىرلارنى) ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلار بىلەن بىللە، ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار (بەلكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئىبادەت قىلغان ئىدىڭلار)[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «سىلەر ۋە شېرىكلىرىڭلار ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار» دەيمىز. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيمىز، ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى ئېيتىدۇ: «سىلەر بىزگە ئىبادەت قىلمىغان ئىدىڭلار
ئەنەس ئالىم: بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئورنۇڭلاردا مىدىرلىماي تۇرۇڭلار! سىلەرمۇ، بىزگە شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارمۇ مىدىرلىماي تۇرۇڭلار!» دەيمىز. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىمىز. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىزگە شېرىك قىلغان مەبۇدلىرى، مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بىزگە چوقۇنمىغان ئىدىڭلار،
10 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ إِنْ كُنَّا عَنْ عِبَادَتِكُمْ لَغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ كۇپايىكى، سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنۇشۇڭلاردىن بىز غاپىل ئىدۇق»
ئەنەس ئالىم: سىلەر بىلەن ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇركى، بىز سىلەرنىڭ بىزگە چوقۇنىشىڭلاردىن ھەقىقەتەن خەۋەرسىز ئىدۇق».
10 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ تَبْلُو كُلُّ نَفْسٍ مَا أَسْلَفَتْ ۚ وَرُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۖ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ ـ يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ «شاپائەت قىلىدۇ» دەپ دەۋا قىلغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: مانا شۇ يەردە ھەركىم بۇرۇن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدۇ. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ.
10 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ كَأَنْ لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِنَ النَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيْنَهُمْ ۚ قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى يىغىدۇ، ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشىنى ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە ئۇلار دۇنيادا گويا كۈندۈزنىڭ ئازغىنە ۋاقتىدىلا تۇرغاندەك بولىدۇ. بىر - بىرلىرىنى تونۇيدۇ. ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان ھېسابلاپ ھىدايەت تاپمىغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ.
10 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ رَسُولٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ رَسُولُهُمْ قُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر ئۈممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتكە بىر رەسۇل8 ئەۋەتىلگەن. رەسۇلى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
10 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
أَثُمَّ إِذَا مَا وَقَعَ آمَنْتُمْ بِهِ ۚ آلْآنَ وَقَدْ كُنْتُمْ بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ) ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدى (ئېيتقان ئىمانىڭلار پايدىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسخىرە قىلىش بىلەن) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلار»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدىمۇ؟ ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئازابقا، بېشىڭلارغا كەلگەندىن كېيىن ئىشىنەمسىلەر، ھازىرمۇ؟ بۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟».
10 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّ لِكُلِّ نَفْسٍ ظَلَمَتْ مَا فِي الْأَرْضِ لَافْتَدَتْ بِهِ ۗ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم زېمىندىكى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدىغان بولسا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە (ئۇنىڭ ھەممىسىنى) فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ (يەنى دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ (يەنى خالايىقنىڭ) ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ھەر بىر زۇلۇم قىلغان ئادەم يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىگە مالىك بولىدىغان بولسا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەممىسىنى فىدىيە قىلىپ بىرىۋېتەتتى، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا نادامىتىنى يوشۇرۇن تۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زالىملىق قىلغان ھەر كىشى زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولسا ئىدى، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى فىديە قىلغان بولاتتى. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە چوقۇم نادامىتىنى يوشۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
10 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا ظَنُّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى قانداق ئويلايدۇ؟ (يەنى جازاغا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلامدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر (چۈنكى ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى كېچىكتۈردى)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدىغانلار قىيامەت كۈنى ھەققىدە قانداق ئويلايدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا يالغاننى چاپلاۋاتقانلار قىيامەت كۈنىنى نېمە چاغلايدۇ؟ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
ھۇد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِمَنْ خَافَ عَذَابَ الْآخِرَةِ ۚ ذَٰلِكَ يَوْمٌ مَجْمُوعٌ لَهُ النَّاسُ وَذَٰلِكَ يَوْمٌ مَشْهُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ (قىسسە) دىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق(ھېساب بېرىش ئۈچۈن) يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەت ئازابىدىن قورقىدىغان ئادەم بۇ قىسسىدىن، ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ، ئەنە شۇ كۈن پۈتۈن خالايىق يىغىلىدىغان كۈندۇر، ئەنە شۇ كۈن ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدا ئاخىرەت ئازابىدىن قورققان كىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەت بار13. ئەنە شۇ ئاخىرەت كۈنى ئىنسانلار بىر يەرگە يىغىلىدىغان كۈندۇر. ئەنە شۇ ھەممە ھازىر بولىدىغان كۈندۇر.
11 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَأْتِ لَا تَكَلَّمُ نَفْسٌ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۚ فَمِنْهُمْ شَقِيٌّ وَسَعِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم پەقەت ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى بولغاندا، ھەرقانداق ئادەم ئاللاھتىن ئىجازەت بولغاندىلا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بەتبەخت بولىدۇ، بەزىلىرى سائادەتمەن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈن كەلگەندە ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم گەپ قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەختسىزدۇر، بەزىسى بەختلىكتۇر.
11 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ كُلًّا لَمَّا لَيُوَفِّيَنَّهُمْ رَبُّكَ أَعْمَالَهُمْ ۚ إِنَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، ئاللاھ ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ، ئاللاھ، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە قىلمىشلىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
رەئد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈردى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى، قۇياشنى ۋە ئاينى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلايدۇ، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بۇلارنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغانلىقىڭلارغا جەزمەن ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ.
13 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَالَّذِينَ لَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُ لَوْ أَنَّ لَهُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ سُوءُ الْحِسَابِ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ (ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا زېمىندىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن)، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، (دوزاخ) نېمىدېگەن يامان جاي![18]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ -ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى- قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن مال ـ مۈلۈك، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كېلىدىغان مال ـ مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار، ئەلۋەتتە، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بار. قوبۇل قىلمىغانلارغا كەلسەك، ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى ئۇلارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى چوقۇم فىديە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. ئەنە شۇلارغا يامان ھېساب بار. ئۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان تۆشەك!
13 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَصِلُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوءَ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش ـ ئەقرىبالارغا) سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ -خىش ـ ئەقرىبالارغا- سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ھېسابنىڭ يامان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۇلايدىغان، رەببىدىن ئەيمىنىدىغان ۋە يامان ھېسابتىن قورقىدىغان كىشىلەردۇر.
13 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مَا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَعَلَيْنَا الْحِسَابُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بولسا ھېساب ئېلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
13 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ مَكَرَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَلِلَّهِ الْمَكْرُ جَمِيعًا ۖ يَعْلَمُ مَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ ۗ وَسَيَعْلَمُ الْكُفَّارُ لِمَنْ عُقْبَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى- يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ - پەيغەمبەرلىرىگە- ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. -ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان- تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلگىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار پات-يېقىندا كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ھىيلە - مىكىر قىلىشقان ئىدى. ئاللاھ پۈتۈن ھىيلە - مىكىرلەرنى بەربات قىلغۇچىدۇر14 . ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىنى بىلىدۇ. كافىرلار يېقىندا، ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەتكە كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۚ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ ۖ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِنْ مَحِيصٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى مۇتەكەببىر-ئەگەشتۈرگۈچى-لىرىگە: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە ـ پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەرىبىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق، ھازىر سىلەر بىزدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن بىرەر نەرسە دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتسە ئىدى، بىزمۇ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولاتتۇق. ھازىر نالە - پەرياد قىلساقمۇ، سەۋر قىلساقمۇ ئوخشاش. قاچىدىغان ھېچقانداق يېرىمىز يوق» دەيدۇ.
14 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِعِبَادِيَ الَّذِينَ آمَنُوا يُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاهُمْ سِرًّا وَعَلَانِيَةً مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خِلَالٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى ـ ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى: ئۇلار نامازنى ئادا قىلسۇن، ئالدى ـ ساتتىمۇ، دوستلۇقمۇ بولمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلارغا بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا سەدىقە قىلسۇن
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن بەندىلىرىمگە ئېيتقىن: «نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسۇن، ئېلىم - سېتىم ۋە دوستلۇق بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلسۇن».
14 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! ھېساب ئالىدىغان قىيامەت كۈنىدە ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا - ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن».
14 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَحْسَبَنَّ اللَّهَ غَافِلًا عَمَّا يَعْمَلُ الظَّالِمُونَ ۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمْ لِيَوْمٍ تَشْخَصُ فِيهِ الْأَبْصَارُ
مۇھەممەد سالىھ: زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن) كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنىگۈچە (يەنى قىيامەت كۈنىگۈچە) كېچىكتۈرىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھ نى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاشنى كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھەرگىزمۇ ئاللاھنى خەۋەرسىز دەپ ئويلىمىغىن! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى كۆزلەر چەكچىيىپ كېتىدىغان كۈنگە كىچىكتۈرىدۇ.
14 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
مُهْطِعِينَ مُقْنِعِي رُءُوسِهِمْ لَا يَرْتَدُّ إِلَيْهِمْ طَرْفُهُمْ ۖ وَأَفْئِدَتُهُمْ هَوَاءٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ كۈندە) ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ چاپىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، (تېڭىرقىغانلىقتىن) دىللىرى (ئەقىل ـ ئىدراكتىن) خالىي بولۇپ قالىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ چاپىدۇ، كۆزلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، تېڭىرقىغانلىقتىن دىللىرى ئەقىل ـ ئىدراكتىن خالىي بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار باشلىرى تىك، كۆزلىرى ئوچۇق، قەلبلىرى بوش ھالدا يۈگۈرۈشىدۇ.
14 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرِ النَّاسَ يَوْمَ يَأْتِيهِمُ الْعَذَابُ فَيَقُولُ الَّذِينَ ظَلَمُوا رَبَّنَا أَخِّرْنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ نُجِبْ دَعْوَتَكَ وَنَتَّبِعِ الرُّسُلَ ۗ أَوَلَمْ تَكُونُوا أَقْسَمْتُمْ مِنْ قَبْلُ مَا لَكُمْ مِنْ زَوَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرنى ئازاب كېلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرغىن، (بۇ كۈندە) زالىملار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن (يەنى دۇنياغا قايتۇرغىن)، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. (ئۇلارغا) سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟ (دېيىلىدۇ)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىشىلەرنى ئازاب كېلىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن، بۇ كۈندە زالىملار: «رەببىمىز! بىزگە قىسقىغىنا ۋاقىت مۆھلەت بەرگىن، دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. - ئۇلارغا- «سىلەر ئىلگىرى، بىز ھەرگىز يوقالمايمىز، دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟» -دېيىلىدۇ-
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنى ئازاب كېلىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن! ئۇ كۈنى زالىملار: «رەببىمىز! بىزگە ئازغىنە مۆھلەت بەرگىن، سېنىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىپ، ئەلچىلىرىڭگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر ئۆز ۋاقتىدا بىز ھېچ زاۋال تاپمايمىز دەپ قەسەم ئىچمىگەنمىدىڭلار؟
14 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُبَدَّلُ الْأَرْضُ غَيْرَ الْأَرْضِ وَالسَّمَاوَاتُ ۖ وَبَرَزُوا لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار (يەنى پۈتۈن خالايىق قەبرىلىرىدىن چىقىپ) يېگانە ، قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى مەھشەرگاھدا) ھازىر بولىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار يېگانە، قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھازىر بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، زېمىن باشقا زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا ئاسمانلارغا ئۆزگەرتىلىدۇ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار چەكسىز قۇدرەتلىك، يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ.
14 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ مُقَرَّنِينَ فِي الْأَصْفَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇ كۈندە گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) نى زەنجىرلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرۈسەن[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى زەنجىرلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە چېتىلىپ باغلانغان ھالدا كۆرۈسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈندە گۇناھكارلارنى زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ھالەتتە كۆرىسەن!
14 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَجْزِيَ اللَّهُ كُلَّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىغا قاراپ شۇنداق جازا بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىغا قاراپ شۇنداق جازا بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئاللاھ ھەر كىشىنى ئۆز قىلمىشى بىلەن جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى بەك تېزدۇر.
ھىجىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ عَلَيْكَ اللَّعْنَةَ إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا قىيامەت كۈنىگۈچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا قىيامەت كۈنىگىچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن»
ئەنەس ئالىم: ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنەت ياغىدۇ».
15 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَرَبِّكَ لَنَسْأَلَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەسئۇلىيەتكە تارتىمىز
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سوراققا تارتىمىز،
15 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا
ئەنەس ئالىم: قىلمىشلىرى توغرىسىدا.
نەھىل سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يُخْزِيهِمْ وَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَائِيَ الَّذِينَ كُنْتُمْ تُشَاقُّونَ فِيهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ إِنَّ الْخِزْيَ الْيَوْمَ وَالسُّوءَ عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىدۇ، (ئۇلارغا كايىپ) «مېنىڭ شېرىكلىرىم قېنى قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا (پەيغەمبەرلەر بىلەن) مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئۆلىمالار): «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ھەقىقەتەن كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىدۇ، ۋە ئۇلارغا كايىپ: «مېنىڭ شېرىكلىرىم قېنى قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا -پەيغەمبەرلەر بىلەن- مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىگەنلەر: «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ھەقىقەتەن كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا: «سىلەر تەرەپدارى بولغان شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىلگەنلەر: «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە يامانلىق كافىرلارغا بولىدۇ» دەيدۇ.
16 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نَبْعَثُ مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ شَهِيدًا ثُمَّ لَا يُؤْذَنُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئۈممەتتىن (ئۇنىڭغا ئىمان بىلەن ياكى كۇفرى بىلەن گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز، ئاندىن كاپىرلارغا (ئۆزرە ئېيتىشقا) رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە ئۇلاردىن پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىش (يەنى پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش) تەلەپ قىلىنمايدۇ[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ھەر ئۈممەتتىن بىر شاھىت كەلتۈرىمىز، ئاندىن كاپىرلارغا -ئۆزرە ئېيتىشقا- رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەمدە ئۇلاردىن رەببىنى رازى قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر شاھىت چىقىرىمىز. كافىرلارغا ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن رۇخسەتمۇ بېرىلمەيدۇ، ئۆزرە ئېيتىشلىرى تەلەپمۇ قىلىنمايدۇ.
16 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقَوْا إِلَى اللَّهِ يَوْمَئِذٍ السَّلَمَ ۖ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغلىرىدا: «مەبۇدلار بىزگە شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن) يالغان ـ ياۋىداقلىرى يوققا چىقىدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا باش ئەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يالغان ـ ياۋىداقلىرى يوققا چىقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار ئاللاھقا تەسلىم بولىدۇ، ئويدۇرغان ئىلاھلىرى ئۇلارنى تاشلىۋىتىدۇ.
16 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نَبْعَثُ فِي كُلِّ أُمَّةٍ شَهِيدًا عَلَيْهِمْ مِنْ أَنْفُسِهِمْ ۖ وَجِئْنَا بِكَ شَهِيدًا عَلَىٰ هَٰؤُلَاءِ ۚ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً وَبُشْرَىٰ لِلْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قارشى (گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر شاھىت (يەنى پەيغەمبەر) كەلتۈرىمىز ۋە (شۇ كۈندە) بىز سېنى ئۇلارغا (يەنى ئۈممىتىڭگە) شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر شاھىت كەلتۈرىمىز ۋە شۇ كۈندە بىز سېنى ئۇلارغا شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. ساڭا بىز كىتاب-قۇرئان-نى ھەممە نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، دىللارغا ھىدايەت، بەندىلەرگە رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئىچىدىن ئۆزلىرىگە قارشى بىر شاھىت چىقىرىمىز. سېنىمۇ تەبلىغىڭ يەتكەنلەرگە قارشى شاھىت قىلىپ كەلتۈرىمىز. بىز ساڭا ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرىدىغان، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان بۇ كىتابنى نازىل قىلدۇق.
16 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُضِلُّ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى پۈتۈن قىلمىشىڭلاردىن سوراققا تارتىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يولغا كەلتۈرىدۇ. سىلەر قىلمىشىڭلاردىن سورىلىسىلەر.
16 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَأْتِي كُلُّ نَفْسٍ تُجَادِلُ عَنْ نَفْسِهَا وَتُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۈننى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) ئەسلىگىن[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى/جازاسى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۈننى ئەسلىگىن
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ھەركىم ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشدۇ ۋە ھەركىمگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلَّ إِنْسَانٍ أَلْزَمْنَاهُ طَائِرَهُ فِي عُنُقِهِ ۖ وَنُخْرِجُ لَهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ كِتَابًا يَلْقَاهُ مَنْشُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلىدۇق. بىز قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئوچۇق بىر كىتاب چىقىرىمىز.
17 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
اقْرَأْ كِتَابَكَ كَفَىٰ بِنَفْسِكَ الْيَوْمَ عَلَيْكَ حَسِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا) «نامە ـ ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا-: «نامە ـ ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «كىتابىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن سەن ئۆز ھېسابىڭنى ئۆزۈڭ ئېلىشقا يېتىسەن» دەيمىز.
17 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَدْعُوكُمْ فَتَسْتَجِيبُونَ بِحَمْدِهِ وَتَظُنُّونَ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇرغاندەك ئويلايسىلەر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەمدى ئېيتىپ ئىجابەت قىلىسىلەر ۋە دۇنيادا پەقەت ئازغىنا تۇرغاندەك ئويلايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاللاھ سىلەرنى چاقىرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا ھەمد ئېيتىپ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىسىلەر. سىلەر ئۇ چاغدا بۇرۇنقى يەردە بەك ئاز تۇرغانلىقىڭلارنى ئويلايسىلەر».
17 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا نَحْنُ مُهْلِكُوهَا قَبْلَ يَوْمِ الْقِيَامَةِ أَوْ مُعَذِّبُوهَا عَذَابًا شَدِيدًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەندۇر
ئەنەس ئالىم: قانچىلىك يۇرت بولسا، بىز ھەممىسىنى قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى يا ھالاك قىلىمىز ياكى قاتتىق ئازابلايمىز. بۇ كىتابتا يېزىلغاندۇر.
17 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَدْعُو كُلَّ أُنَاسٍ بِإِمَامِهِمْ ۖ فَمَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَأُولَٰئِكَ يَقْرَءُونَ كِتَابَهُمْ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى (ئېسىڭدا تۇتقىن)، نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى ئېسىڭدا تۇتقىن، نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زورلۇق قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، بىز ھەر ئىنسان گۇرۇھىنى ئۆز يولباشچىسى بىلەن چاقىرىمىز. كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر كىتابلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ.
17 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ كَانَ فِي هَٰذِهِ أَعْمَىٰ فَهُوَ فِي الْآخِرَةِ أَعْمَىٰ وَأَضَلُّ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ دۇنيادا (دىلى) كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ دۇنيادا دىلى كور بولغان ئادەم ئاخىرەتتىمۇ كور ۋە تېخىمۇ گۇمراھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ دۇنيادا كور بولغانلار ئاخىرەتتىمۇ كوردۇر، تېخىمۇ ئازغۇندۇر.
كەھف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا لَجَاعِلُونَ مَا عَلَيْهَا صَعِيدًا جُرُزًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى (دەل ـ دەرەخ، تاغ ۋە بىنا قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى قۇپقۇرۇق تۇپراق قىلىۋېتىمىز.
18 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ أَعْثَرْنَا عَلَيْهِمْ لِيَعْلَمُوا أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَأَنَّ السَّاعَةَ لَا رَيْبَ فِيهَا إِذْ يَتَنَازَعُونَ بَيْنَهُمْ أَمْرَهُمْ ۖ فَقَالُوا ابْنُوا عَلَيْهِمْ بُنْيَانًا ۖ رَبُّهُمْ أَعْلَمُ بِهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ غَلَبُوا عَلَىٰ أَمْرِهِمْ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيْهِمْ مَسْجِدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ (قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى) ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك ـ شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشىلەر: «(ئۇلارنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكىگە) بىر تام ئېتىڭلار» دېدى. ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى): «غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا) ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك ـ شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشلەر: «ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا بىر تام ئېتىڭلار» دېدى، ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار: «غارنىڭ ئەتراپىغا ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى قانداق ئۇخلىتىپ ئويغاتقان بولساق، شەھەر خەلقىنى ئۇلاردىن ئۇ شەكىلدە خەۋەردار قىلدۇق. بىز بۇنى شەھەر خەلقىنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھېچ شەك يوق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ شۇنداق قىلدۇق. ئۇ ئەسنادا شەھەر خەلقى ئۆز ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئىشى توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشىۋاتقان ئىدى، بەزىلىرى: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر بىنا سېلىڭلار. ئۇلارنى رەببى ئوبدان بىلىدۇ» دەيتتى. ئۇلارنىڭ ئىشىغا غالىب كەلگەنلەر4 بولسا: «ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەلۋەتتە مەسجىد سالىمىز» دەيتتى.
18 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نُسَيِّرُ الْجِبَالَ وَتَرَى الْأَرْضَ بَارِزَةً وَحَشَرْنَاهُمْ فَلَمْ نُغَادِرْ مِنْهُمْ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن، ئۇلارنى يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، بىز ئۇ كۈندە تاغلارنى قوزغايمىز، سەن يەر يۈزىنى تۈپتۈز ۋە ئوپئوچۇق كۆرىسەن، بىز يەنە ئۇ كۈندە ھېچكىمنى قالدۇرۇپ قويماسىتىن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز.
18 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَعُرِضُوا عَلَىٰ رَبِّكَ صَفًّا لَقَدْ جِئْتُمُونَا كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ بَلْ زَعَمْتُمْ أَلَّنْ نَجْعَلَ لَكُمْ مَوْعِدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) سەپ ـ سەپ بولۇشۇپ پەرۋەردىگارىڭغا توغرىلىنىدۇ، (كاپىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە (مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ) كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى بېكىتمەيدۇ، دەپ ئويلىغانسىلەر (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساپ بېرىش، جازاغا تارتىلىش يوق دەپ ئويلىغانسىلەر)» دەيمىز[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەپ ـ سەپ بولۇشۇپ رەببىڭگە توغرىلىنىدۇ، -كاپىرلارغا-: «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى ئەسلا بېكىتمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلىغانسىلەر» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەپ ھالىتىدە رەببىڭگە توغرىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھۇزۇرىمىزغا بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك كەلدىڭلار. بەلكىدە بىزنىڭ سىلەر ئۈچۈن ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقىت بېكىتمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلىغان ئىدىڭلار5».
18 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَوُضِعَ الْكِتَابُ فَتَرَى الْمُجْرِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَا وَيْلَتَنَا مَالِ هَٰذَا الْكِتَابِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً إِلَّا أَحْصَاهَا ۚ وَوَجَدُوا مَا عَمِلُوا حَاضِرًا ۗ وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، رەببىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىنساننىڭ ئالدىغا ئۆز كىتابى قويۇلىدۇ. سەن گۇناھكارلارنىڭ، كىتابلىرىرىدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار: «ۋاي ھالىمىزغا! بۇ قانداق كىتاب! ھېچ نەرسە قالدۇرۇپ قويماي چوڭ - كىچىك ھەممە قىلمىشىمىزنى بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپتۇ!» دەيدۇ. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خاتىرلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ. رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
18 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَقُولُ نَادُوا شُرَكَائِيَ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُمْ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ مَوْبِقًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئاللاھ (ئۇلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ ئويلىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلار (نىڭ شېرىكلىرى) جاۋاب بېرەلمەيدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئۇلار ئۆتەلمەيدىغان) ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلدۇق[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئاللاھ -ئۇلارغا- ئېيتىدۇ: «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ ئويلىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى ئىجابەت قىلمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ئاللاھ مۇشرىكلارغا: «قېنى، سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار!» دەيدۇ. ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ھېچبىرى جاۋاب بېرەلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ھالاكەتلىك جاي پەيدا قىلىمىز.
18 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا بَعْضَهُمْ يَوْمَئِذٍ يَمُوجُ فِي بَعْضٍ ۖ وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَجَمَعْنَاهُمْ جَمْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يېغىمىز[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە قىستاڭچىلىقتىن كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى -ھېساب ئۈچۈن- يېغىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ كۈنى ئۇلارنى7 قويۇۋېتىمىز. ئۇلار دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر - بىرىگە گېرەلىشىپ دولقۇنلىنىدۇ. سۇر چېلىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپلايمىز.
مەريەم سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ مَشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي![37]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ھەقىقەت شۇنداق تۇرۇقلۇق، گۇرۇھلار ئىيسا توغرىسىدا ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى. ۋاي ئۇ كافىرلارنىڭ ھالىغا! ئۇلار بۈيۈك كۈندە كۆرگۈلىكىنى كۆرىدۇ!
19 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَٰكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن قىيامەت كۈنىدە قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن روشەن گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىدىغان كۈنى بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن زالىملار بۈگۈن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
19 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَالشَّيَاطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنى شەيتانلىرى بىلەن قوشۇپ ھەشىر قىلىمىز، ئاندىن جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىز پۈكۈپ ئولتۇرۇشقان ھالەتتە ساقلىتىمىز.
19 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًا مَقْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ رەببىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئۇ يەرگە بارمايدىغان ھېچكىم يوقتۇر. بۇ رەببىڭ قارار قىلىپ بولغان ھۆكۈمدۇر.
19 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضْعَفُ جُنْدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولغانلارغا رەھمان قانچىلىك مۆھلەت بەرسە بەرسۇن، ئۇلار ئاخىرى ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىنى - ئازابنى ياكى قىيامەتنى - كۆرگەن چاغلىرىدا، كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان ۋە قوشۇنى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ».
19 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَرِثُهُ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان نەرسىلىرىگە بىز ۋارىس بولىمىز. ئۆزى بولسا ھۇزۇرىمىزغا يالغۇز كېلىدۇ.
19 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۚ سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، (ئىلاھلار) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس، ئۇلار، بۇلارنىڭ چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق، ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ. ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلار، ئۆزلىرىگە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنىشىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ.
19 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَحْشُرُ الْمُتَّقِينَ إِلَى الرَّحْمَٰنِ وَفْدًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، بىز تەقۋادارلارنى رەھماننىڭ ھۇزۇرىغا ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە يىغىمىز.
19 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَسُوقُ الْمُجْرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرْدًا
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلارنى جەھەننەمگە چاڭقىغان پادا سۈپىتىدە ھەيدەيمىز.
19 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَحْصَاهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق بىلدى ۋە بىر - بىرلەپ سانىدى.
19 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلُّهُمْ آتِيهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَرْدًا
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يالغۇز چىقىدۇ.
تاھا سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَمَا خَطْبُكَ يَا سَامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟ (يەنى مۇنداق يامان ئىشنى قىلىشىڭدىن غەرىزىڭ نېمە؟)»[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا سامىرىيغا قاراپ: «ئى سامىرىي! بۇ قىلغىنىڭ نېمە ئىش؟» دېدى.
20 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ أَعْرَضَ عَنْهُ فَإِنَّهُ يَحْمِلُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وِزْرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن) ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى چوڭ گۇناھتىن ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر قىيامەت كۈنى دۈمبىسىدە ئېغىر يۈك كۆتۈرىدۇ.
20 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
خَالِدِينَ فِيهِ ۖ وَسَاءَ لَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ حِمْلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان![101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنىڭدا ئۇزۇن مۇددەت قالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان يۈك!
20 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ وَنَحْشُرُ الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ زُرْقًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە -شەكلى ئۆزگەرگەن- كۆك كۆزلۈك گۇناھكارلارنى يىغىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇر چىلىنغان كۈنى بىز گۇناھكارلارنى كۆزلىرى كۆپكۆك ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز.
20 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
يَتَخَافَتُونَ بَيْنَهُمْ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا عَشْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار) «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار «-دۇنيادا- پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزئارا: «دۇنيادا پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دەپ پىچىرلىشىدۇ.
20 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذْ يَقُولُ أَمْثَلُهُمْ طَرِيقَةً إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا يَوْمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بىر -بىرىگە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا مۆلچەرلىيەلىگىنى: «ياق، سىلەر پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلار» دەيدۇ.
20 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ يَنْسِفُهَا رَبِّي نَسْفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۈكۈم تالقان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ6. ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۇكۇم - تالقان قىلىپ سورۇۋېتىدۇ،
20 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ.
20 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَرَىٰ فِيهَا عِوَجًا وَلَا أَمْتًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يەرلەردە نە چوڭقۇرلۇقنى، نە ئېگىزلىكنى كۆرمەيسەن»[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يەرلەردە نە چۇڭقۇرلۇقنى، نە ئېگىزلىكنى كۆرمەيسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەرلەردە ھېچ ئېگىز - پەسلىك كۆرمەيسەن.
20 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ يَتَّبِعُونَ الدَّاعِيَ لَا عِوَجَ لَهُ ۖ وَخَشَعَتِ الْأَصْوَاتُ لِلرَّحْمَٰنِ فَلَا تَسْمَعُ إِلَّا هَمْسًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگاھقا) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە دەۋەت قىلغۇچىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئىنسانلار چاقىرغۇچىغا ئەگىشىدۇ. ھېچكىم قىڭغىر كەتمەيدۇ. رەھماننىڭ ھەيۋىتى ئالدىدا ئاۋازلار بېسىقىپ كېتىدۇ. ناھايىتى پەس ئاۋازلاردىن باشقا ھېچ نەرسە ئاڭلىيالمايسەن.
20 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ لَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُ قَوْلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، رەھمان رۇخسەت بەرگەن ۋە سۆزىدىن رازى بولغانلاردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
20 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِ عِلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار بولسا، ئۇنى بىلەلمەيدۇ.
20 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَنَتِ الْوُجُوهُ لِلْحَيِّ الْقَيُّومِ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنْ حَمَلَ ظُلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى(مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى پۈتكۈل ئىنسانلار، دائىم تىرىك بولغان ۋە ھەر نەرسىنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان زاتقا بويۇن ئېگىدۇ. زۇلۇم يۈدۈپ كەلگەنلەر زىيان تارتىدۇ.
20 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرْتَنِي أَعْمَىٰ وَقَدْ كُنْتُ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا كور ھالەتتە ھەشىر قىلدىڭ؟ ھالبۇكى، مەن كۆرىدىغان بىرى ئىدىم» دەيدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ھېساب بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدىدۇر، يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَرْكُضُوا وَارْجِعُوا إِلَىٰ مَا أُتْرِفْتُمْ فِيهِ وَمَسَاكِنِكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْأَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەرىشتىلەر ئۇلارغا مەسخىرە قىلىپ ئېيتتى) « قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن (مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت) سورىلىشى مۇمكىن»[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا-:«قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن -مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت- سورىلىشى مۇمكىن»ـ دېيلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «قاچماڭلار! سىلەرنى ئەركىلەتكەن باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن بىرەر نەرسە سورىلىشى مۇمكىن» دېيىلەتتى.
21 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بولسا سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ قىلمىشى توغرۇلۇق سوئال - سوراق قىلىنمايدۇ. ئۇلار سوئال - سوراق قىلىنىدۇ.
21 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى بىزگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى) قاچان؟ » دېيىشىدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان؟ » دېيىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
21 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ تَأْتِيهِمْ بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇ ۋەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.
21 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا ۖ وَإِنْ كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَاسِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى بىز ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز
ئەنەس ئالىم: بىز قىيامەت كۈنى توغرا تارتىدىغان مىزانلارنى ئورنىتىمىز. ھېچكىم قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلىنغان ئىش بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز. بىز تولۇق ھېساب ئالغۇچىمىز.
21 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَاقْتَرَبَ الْوَعْدُ الْحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَاخِصَةٌ أَبْصَارُ الَّذِينَ كَفَرُوا يَا وَيْلَنَا قَدْ كُنَّا فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا بَلْ كُنَّا ظَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، (ئۇلار) «ۋاي ئىسىت! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قاپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىپتۇق» (دېيىشىدۇ)[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە راست ۋەدە -قىيامەتنىڭ ۋاقتى- يېقىنلاشقاندا، كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، -ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قېلىپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىپتۇق» -دېيىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە توغرا ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا كافىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بەلكى بىز زالىملار ئىدۇق» دېيىشىدۇ.
21 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَحْزُنُهُمُ الْفَزَعُ الْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ هَٰذَا يَوْمُكُمُ الَّذِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ(103).
تەرجىمە ھەيئىتى: چوڭ قورقۇنچ -قىيامەتنىڭ دەھشىتى- ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈن مۇشۇ» دەپ، ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: چوڭ قورقۇنچ ئۇلارنى غەمگە سالمايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى «بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» دەپ قارشى ئالىدۇ.
ھەج سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَرَوْنَهَا تَذْهَلُ كُلُّ مُرْضِعَةٍ عَمَّا أَرْضَعَتْ وَتَضَعُ كُلُّ ذَاتِ حَمْلٍ حَمْلَهَا وَتَرَى النَّاسَ سُكَارَىٰ وَمَا هُمْ بِسُكَارَىٰ وَلَٰكِنَّ عَذَابَ اللَّهِ شَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنچتىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەست كۆرۈسەن، ھالبۇكى، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مەست ئەمەس (دېمەك، قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس ـ ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئۇ زىلزىلىنى كۆرگەن كۈنۈڭلاردا، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ھەر ئانا دەھشەتنىڭ ۋەھىمىسىگە چۈشۈپ، ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ھەر ھامىلىدار ھامىلىسىنى تۇغۇۋېتىدۇ. ئىنسانلارنى مەست ھالەتتە كۆرىسەن. ئەسلىدە ئۇلار مەست ئەمەس، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر.
22 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَىٰ وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر ۋە شېرىك كەلتۈرگەنلەر ئارىسىدا قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار، يەھۇدىيلار، سابىئىيلار، ناسارالار، مەجۇسىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوقۇم ئايرىيدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
22 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە پادىشاھلىق (يالغۇز) ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا (ئادىل) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (تۈرلۈك) نازۇ- نېمەتلەر بار جەننەتلەردە بولىدۇ[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە پادىشاھلىق يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نازۇنېمەتلەر بار جەننەتلەردە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈننىڭ پادىشاھى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ.
22 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ».
مۆئمىنۇن سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَمْ لَبِثْتُمْ فِي الْأَرْضِ عَدَدَ سِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئۇلارغا): «زېمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ -ئۇلارغا-: «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا يەنە: «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ.
23 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ فَاسْأَلِ الْعَادِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي ـ كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (پەرىشتە) دىن سورىغىن» دەيدۇ (ئۇلار دوزاختا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ)[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، ھېسابلىغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز، سانىغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ.
23 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ لَوْ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلەر (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلار» دەيدۇ[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار ئازغىنا ۋاقىتلا تۇردۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بەك ئاز تۇردۇڭلار، بۇنى بىلگەن بولساڭلارچۇ!
نۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَشْهَدُ عَلَيْهِمْ أَلْسِنَتُهُمْ وَأَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈن-قىيامەت كۈنى-دە ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
24 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ يُوَفِّيهِمُ اللَّهُ دِينَهُمُ الْحَقَّ وَيَعْلَمُونَ أَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا تولۇق تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا تېگىشلىك جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاشكارا ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
24 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، (خالايىقنىڭ) ئاخىر قايتىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاخىرىدا قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر.
24 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قَدْ يَعْلَمُ مَا أَنْتُمْ عَلَيْهِ وَيَوْمَ يُرْجَعُونَ إِلَيْهِ فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بەندىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بەندىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئۇ سىلەرنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدىغان، ئاندىن ئۆزى ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان كۈننى ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
فۇرقان سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ فَيَقُولُ أَأَنْتُمْ أَضْلَلْتُمْ عِبَادِي هَٰؤُلَاءِ أَمْ هُمْ ضَلُّوا السَّبِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا قوشۇپ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (ئۇلارغا): «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى (توغرا) يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنى ۋە ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى يولدىن ئازدىمۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ مۇشرىكلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە، ئۇ ئويدۇرما ئىلاھلارغا: «شۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ.
25 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَرَوْنَ الْمَلَائِكَةَ لَا بُشْرَىٰ يَوْمَئِذٍ لِلْمُجْرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجْرًا مَحْجُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن) پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈنى گۇناھكارلارغا خۇشخەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(سىلەرگە جەننەت) ھارامدۇر» دەيدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈن بارغۇ، ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا خۇش خەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «-سىلەرگە خۇش خەۋەر- ھارامدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ پەرىشتىلەرنى كۆرىدىغان كۈنىمۇ كېلىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا ھېچ خۇش خەۋەر بېرىلمەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تامامەن مەھرۇم قىلىنىپتىمىز» دەيدۇ.
25 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدِمْنَا إِلَىٰ مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاءً مَنْثُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز)[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلار قىلغان ھەر ئەمەلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنى چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇۋىتىمىز.
25 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ تَشَقَّقُ السَّمَاءُ بِالْغَمَامِ وَنُزِّلَ الْمَلَائِكَةُ تَنْزِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر (بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئېلىپ) ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاسمان بۇلۇتلار بىلەن يېرىلىدىغان ۋە پەرىشتىلەر توپ - توپ ھالدا چۈشۈرۈلىدىغان كۈننى زىكىر قىلغىن.
25 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ لِلرَّحْمَٰنِ ۚ وَكَانَ يَوْمًا عَلَى الْكَافِرِينَ عَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قېيىندۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قېيىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى پۈتكۈل پادىشاھلىق رەھماننىڭ بولىدۇ ۋە ئۇ كۈن كافىرلار ئۈچۈن قاتتىق كۈن بولىدۇ.
25 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ.
شۇئەرا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُخْزِنِي يَوْمَ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلار تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن،
26 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ لَا يَنْفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈنى ھېچ كىشىگە مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان كۈندە.
26 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن كىشى مۇستەسنا»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا».
26 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَنَا مِنْ شَافِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق
ئەنەس ئالىم: ئەمدى بىزنىڭ ھېچ شاپائەتچىمىز يوق،
نەمىل سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان) ئازاب قاچان چۈشىدۇ؟» دېيىشىدۇ[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇ ۋەدە قاچان؟» دېيىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
27 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ رَدِفَ لَكُمْ بَعْضُ الَّذِي تَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگىن [72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئازابنىڭ ئۈستۈڭلارغا كېلىشى يېقىندۇر».
27 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا وَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ أَخْرَجْنَا لَهُمْ دَابَّةً مِنَ الْأَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ أَنَّ النَّاسَ كَانُوا بِآيَاتِنَا لَا يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئالدىنئالا ئېيتىلغان ھېلىقى سۆز ئىشقا ئاشقاندا، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتىلغان سۆز ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇلارغا زېمىندىن بىر جانلىق چىقىرىمىز. جانلىق ئۇلارغا، ئىنسانلارنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
27 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ نَحْشُرُ مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ فَوْجًا مِمَّنْ يُكَذِّبُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ يُوزَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى ـ كەينى يىغىلغىچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى يىغىمىز، ئاندىن ئۇلار توختىتىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى بىز ھەر ئۇممەتنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگۈچىلەردىن بىر جامائە چىقىرىمىز. ئاندىن ئۇلار ئىنتىزاملىق ھالدا ئېلىپ مېڭىلىدۇ،
27 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوا قَالَ أَكَذَّبْتُمْ بِآيَاتِي وَلَمْ تُحِيطُوا بِهَا عِلْمًا أَمَّاذَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟ » دەيدۇ[84
تەرجىمە ھەيئىتى: تاكى، ئۇلار كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟ » دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: تاكى مەھشەرگاھقا كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ ئايەتلىرىمنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ يالغان دېدىڭلارمۇ؟ ياكى قىلغىنىڭلار نېمە ئىدى؟» دەيدۇ.
27 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ بِمَا ظَلَمُوا فَهُمْ لَا يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئاندىن ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتىلغان سۆز ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلدى، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى. بۇندىن ئېتىبارەن ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ.
27 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ فَفَزِعَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ ۚ وَكُلٌّ أَتَوْهُ دَاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سۈر چېلىنغان كۈنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇنچ باسىدۇ. ئاللاھ خالىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بويۇن ئەگكەن ھالدا كېلىدۇ.
27 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِنْهَا وَهُمْ مِنْ فَزَعٍ يَوْمَئِذٍ آمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى ئىش قىلغانلار قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى ئىش قىلغانلار، قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنجىدىن ئەمىن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇ تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇ كۈنى ھېچ قورقمايدۇ.
27 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَكُبَّتْ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر ياكى مۇكاپاتلىنىسىلەر[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: كىم يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇلار يۈزلىرى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا: «پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلار بىلەنلا جازالاندۇرۇلىسىلەر ئەمەسمۇ!» دېيىلىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ لَا يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق (يەنى ئۇلارنى بىز دۇنيادا گۇمراھلار ئەگىشىدىغان كۇفرىنىڭ باشلىقلىرى قىلدۇق)، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ (يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ)[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز دوزاخقا ئۈندەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق، قىيامەت كۈنى ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى دوزاخقا چاقىرىدىغان كاتتىۋاشلار قىلدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ.
28 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا أَنْ تُصِيبَهُمْ مُصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَيَقُولُوا رَبَّنَا لَوْلَا أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ آيَاتِكَ وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «رەببىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن -ساڭا بۇ خەۋەرلەرنى بىلدۈردۇق-
ئەنەس ئالىم: بىز بۇنى، ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە: «رەببىمىز! بىزگە ئەلچى ئەۋەتكەن بولساڭ، بىزمۇ سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشىپ مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق» دېمىسۇن دەپ قىلدۇق.
28 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ وَعَدْنَاهُ وَعْدًا حَسَنًا فَهُوَ لَاقِيهِ كَمَنْ مَتَّعْنَاهُ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ هُوَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مِنَ الْمُحْضَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان (يەنى جەننەتنى ۋەدە قىلغان) ئادەم ئۇنى تاپىدۇ، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟[61]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ياخشى ۋەدىنى قىلغان ئاندىن ئۇنى تاپقان ئادەم بىلەن دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردىن بىز پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار بولغان ئادەم ئوخشاشمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز ۋەدە قىلغان گۈزەل نېمەتكە ئېرىشىدىغان كىشى، بىز بۇ دۇنيا ھاياتىدا پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردىن پايدىلاندۇرغان، ئاندىن قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا ئازاب ئۈچۈن تۇتۇپ كەلتۈرۈلىدىغانلاردىن بولىدىغان كىشى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟
28 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَائِيَ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ » دەپ نىدا قىلىدۇ[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنى چاقىرىپ : «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟ » دەپ نىدا قىلىدىغان كۈندە
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ، «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟» دەيدۇ.
28 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَغْوَيْنَا أَغْوَيْنَاهُمْ كَمَا غَوَيْنَا ۖ تَبَرَّأْنَا إِلَيْكَ ۖ مَا كَانُوا إِيَّانَا يَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرى): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز (سېنىڭ يولۇڭدىن) ئازدۇرغانلارنى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرىمىزنى) ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق. (پەرۋەردىگارىمىز!) ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى (پەقەت نەپسى خاھىشلىرىغا ئىبادەت قىلاتتى)» دېيىشىدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىگە ئازاب تېگىشلىك بولغانلار: «رەببىمىز! بىز ئازدۇرغانلارنى ئۆزىمىز ئازغاندەك ئازدۇردۇق، ئۇلاردىن يىراقلىشىپ ساڭا يېقىنلاشتۇق، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلار بىزگە ئىبادەت قىلمايتتى» دېيىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئازاب قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار: «رەببىمىز! ئەنە شۇلار بىز ئازدۇرغان كىشىلەردۇر. بىز قانداق ئازغان بولساق، ئۇلارنىمۇ شۇنداق ئازدۇردۇق. ئۇلارنىڭ بىزگە چوقۇنۇشىدا بىزنىڭ جاۋابكارلىقىمىز يوق. ئۇلارنى سېنىڭ ھۆكمىڭگە تاپشۇرىمىز. ئەسلىدە ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى» دەيدۇ.
28 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُمْ وَرَأَوُا الْعَذَابَ ۚ لَوْ أَنَّهُمْ كَانُوا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، (كاپىر بولغانلىقلىرىغا نادامەت قىلىپ) (دۇنيادىكى ۋاقتىدا) ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار» دېيىلگەن ھامان، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىنى چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلاردىن جاۋاب كەلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ھىدايەت تاپقان بولۇشلىرىنى ئارزۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ. لېكىن ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرالمايدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرىدۇ ۋە: «كاشكى، دۇنيادا ھىدايەت ئۈستىدە بولغان بولساقچۇ!» دەپ پۇشايمان قىلىدۇ.
28 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ مَاذَا أَجَبْتُمُ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟»[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: «پەيغەمبەرلەرگە نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭلار؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بەردىڭلار؟» دەيدۇ.
28 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَمِيَتْ عَلَيْهِمُ الْأَنْبَاءُ يَوْمَئِذٍ فَهُمْ لَا يَتَسَاءَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەۋەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا سوراشمايدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلارغا بارلىق خەۋەرلەر قاراڭغۇ بولىدۇ، ئۇلار ئۆز ئارا سوراشمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلارغا خەۋەرلەر قاراڭغۇلىشىدۇ2. ئۇلار بىر - بىرىدىن ھال سورالمايدۇ.
28 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَائِيَ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ: «سىلەر گۇمان قىلغان مېنىڭ شېرىكلىرىم قەيەردە؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ، «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلار قەيەردە؟» دەيدۇ.
28 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعْنَا مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ شَهِيدًا فَقُلْنَا هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ فَعَلِمُوا أَنَّ الْحَقَّ لِلَّهِ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر ئۈممەتتىن (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) بىر گۇۋاھچى (يەنى پەيغەمبەر) نى چىقىرىمىز، پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز. ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى (يەنى مەبۇدلىرى) ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى چىقىرىمىز، ئاندىن «پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دەيمىز، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر گۇۋاھچى چىقىرىمىز، ئاندىن: «دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دەيمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقنىڭ ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئويدۇرغان ئىلاھلىرى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ.
28 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِنْهَا ۖ وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَى الَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا (يەنى قىلغان ياخشىلىقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا) ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ياخشى ئىش قىلغان ئىكەن، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدىن ياخشىراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، يامان ئىش قىلغانلارغا پەقەت قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يامانلىقنى ئېلىپ كەلسە، ئۇ يامانلىقلارنى قىلغانلار پەقەت ئۆز قىلمىشىنىڭلا جازاسىنى كۆرىدۇ.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ اللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ اللَّهِ لَآتٍ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھنىڭ (بۇنىڭغا بەلگىلىگەن) ۋاقتى چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ بەلگىلىگەن ۋاقىت چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
29 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَيَحْمِلُنَّ أَثْقَالَهُمْ وَأَثْقَالًا مَعَ أَثْقَالِهِمْ ۖ وَلَيُسْأَلُنَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَمَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى (يەنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئازدۇرغانلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ باشقا يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان يالغان سۆزلىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقا نۇرغۇن ئېغىر يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئويدۇرغان بوھتانلىرى توغرۇلۇق قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدۇ.
29 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُمْ بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُمْ بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا ـ جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلار بەزىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: «سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسىلەر. ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى بىر - بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر - بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر».
29 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ ۚ وَلَوْلَا أَجَلٌ مُسَمًّى لَجَاءَهُمُ الْعَذَابُ وَلَيَأْتِيَنَّهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ) مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە (ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا) كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن ئەجەل بولمىسا ئىدى، ئازاب ئۇلارغا ئەلۋەتتە كەلگەن بولاتتى. ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ.
29 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَغْشَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ وَيَقُولُ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىلىرىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «قىلمىشلىرىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار!» دەيدۇ.
رۇم سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يُبْلِسُ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جىمىپ كېتىدۇ.
30 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ مِنْ شُرَكَائِهِمْ شُفَعَاءُ وَكَانُوا بِشُرَكَائِهِمْ كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن تانىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىگە تانىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن شاپائەت كۆرمەيدۇ ۋە ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.
30 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَتَفَرَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇئمىنلار بىلەن كاپىرلار بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە ئۇلار ئايرىلىدۇ.
30 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ فَأُولَٰئِكَ فِي الْعَذَابِ مُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇلاقاتنى ئىنكار قىلغان ۋە يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئۇلار داۋاملىق ئازابتا قالىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىر بولغان ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇلاقاتنى يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە ھازىر قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىر بولغان، ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ھۇزۇرىمىزغا چىقىرىلىشىنى يالغان دېگەنلەر بولسا تۇتۇلۇپ ئازابقا تاشلىنىدۇ.
30 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ الْقَيِّمِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا مَرَدَّ لَهُ مِنَ اللَّهِ ۖ يَوْمَئِذٍ يَصَّدَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلار (نىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە) ئايرىلىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن -قىيامەت- كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە ئايرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تەرىپىدىن، قايتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن يۈزۈڭنى بۇ توغرا دىنغا توغرىلىغىن. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئايرىلىدۇ.
30 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يُقْسِمُ الْمُجْرِمُونَ مَا لَبِثُوا غَيْرَ سَاعَةٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَانُوا يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ەت قايىم بولغان كۈندە (گۇناھكارلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە مۇشرىكلار دۇنيادا پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، گۇناھكارلار ئازغىنە ۋاقىتتىن ئارتۇق تۇرمىغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئەنە شۇنداق ئالدايتتى.
30 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَالْإِيمَانَ لَقَدْ لَبِثْتُمْ فِي كِتَابِ اللَّهِ إِلَىٰ يَوْمِ الْبَعْثِ ۖ فَهَٰذَا يَوْمُ الْبَعْثِ وَلَٰكِنَّكُمْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگۈچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار (يەنى قىيامەتنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنمەيتتىڭلار)»[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە قىيامەت كۈنىگىچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئىلىم ۋە ئىمان بېرىلگەنلەر ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىگە قەدەر تۇردۇڭلار. مانا بۇ قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىدۇر. لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
30 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَوْمَئِذٍ لَا يَنْفَعُ الَّذِينَ ظَلَمُوا مَعْذِرَتُهُمْ وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە زالىملارنىڭ (ئېيتقان) ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىشى يا ئىتائەت قىلىشى بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە زالىملارنىڭ ئېيتقان ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ ئاللاھ نى رازى قىلىشىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە زالىملارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَا يَجْزِي وَالِدٌ عَنْ وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَنْ وَالِدِهِ شَيْئًا ۚ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارغا (بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن3.
سەجدە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ مَا لَكُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا شَفِيعٍ ۚ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىگە يوق، شاپائەت قىلغۇچىمۇ يوق (بۇنى) پىكىر قىلىپ (ئىمان ئېيتمامسىلەر؟)[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىگە يۈكسەلگەن زاتتۇر1، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچى يوقتۇر. ئويلانمامسىلەر؟
32 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ أَلْفَ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلاپ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلدەك بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ.
32 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الْمُجْرِمُونَ نَاكِسُو رُءُوسِهِمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ رَبَّنَا أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَارْجِعْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردىغان بولساڭ، ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن قايتۇرغىن، بىز ئەمدى ھەقىقەتەن ئىشەنگۈچىلەرمىز»
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ: «رەببىمىز! كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، بىزنى دۇنياغا قايتۇرغىن، ياخشى ئەمەل قىلايلى. شۈبھىسىزكى، بىز جەزمەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» دېگەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭچۇ!
32 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَذُوقُوا بِمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا إِنَّا نَسِينَاكُمْ ۖ وَذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ:) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز (مۇ) ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇكى-: «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن -بۇ خورلىغۇچى ئازابنى- تېتىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا: «تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇدۇڭلار، بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇدۇق. قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
32 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان (دىنىي) ئىشلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ.
32 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْفَتْحُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «(بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىرىلىدىغان) بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلار)» دەيدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار : «بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېرىڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
32 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَوْمَ الْفَتْحِ لَا يَنْفَعُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِيمَانُهُمْ وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندە كاپىرلارنىڭ ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇ ھۆكۈم ئەمەلگە ئاشقان كۈنى كافىرلارغا ئىمانى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ».
32 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَانْتَظِرْ إِنَّهُمْ مُنْتَظِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى سۆزلىرىگە پەرۋا قىلىپ كەتمىگىن). سەن (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابىنى) كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن (سىلەرگە چۈشىدىغان نەرسىلەرنى) كۈتكۈچىلەردۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە كۈتكىن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن كۈتكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَسْأَلَ الصَّادِقِينَ عَنْ صِدْقِهِمْ ۚ وَأَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەردىن پەيغەمبەرلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى سورايدۇ)، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سورايدۇ، ئاللاھ كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇنى راستچىللاردىن راستچىللىقى توغرۇلۇق سوراش ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدى.
33 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كَانُوا عَاهَدُوا اللَّهَ مِنْ قَبْلُ لَا يُوَلُّونَ الْأَدْبَارَ ۚ وَكَانَ عَهْدُ اللَّهِ مَسْئُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئىلگىرى ئاللاھقا (جەڭدە) چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسى سورىلىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا -جەڭدە- چېكىنمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ۋەدىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى «ئارقىمىزنى قىلىپ قاچمايمىز» دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن ئىدى. ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىنىڭ ھېسابى چوقۇم سورىلىدۇ.
33 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ مَنْ يَأْتِ مِنْكُنَّ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ يُضَاعَفْ لَهَا الْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا قەبىھ ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر.
33 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَالَاتِ اللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا اللَّهَ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، ئاللاھ (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزگەن، ئاللاھتىنلا قورققان ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدىغانلاردۇر، ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر.
33 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
تَحِيَّتُهُمْ يَوْمَ يَلْقَوْنَهُ سَلَامٌ ۚ وَأَعَدَّ لَهُمْ أَجْرًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن يوللىنىدىغان سالام، (سىلەرگە) ئامانلىق بولسۇن (دېگەن سۆزدىن ئىبارەت)، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە «سالام» سۆزى بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا مۇلاقات بولغان كۈندە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل مۇكاپات تەييارلىدى.
33 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ يَقُولُونَ يَا لَيْتَنَا أَطَعْنَا اللَّهَ وَأَطَعْنَا الرَّسُولَا
مۇھەممەد سالىھ: دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاختا ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تۈرۈلۈپ كېتىدىغان كۈندە، ئۇلار: «كاشكى بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يۈزلىرى ئوتنىڭ ئىچىدە ئۆرۈلۈپ - چۆرۈلگەن كۈندە مۇنداق دەيدۇ: «كاشكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!»
33 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا رَبَّنَا إِنَّا أَطَعْنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَاءَنَا فَأَضَلُّونَا السَّبِيلَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى،
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىز ئۇلۇغلىرىمىزغا ۋە كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىپتۇق. ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ.
33 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا آتِهِمْ ضِعْفَيْنِ مِنَ الْعَذَابِ وَالْعَنْهُمْ لَعْنًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى، پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ[67 ـ 68].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن ۋە ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن، ئۇلارنى چوڭ لەنەت بىلەن لەنەتلىگىن».
سەبەئ سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا تُسْأَلُونَ عَمَّا أَجْرَمْنَا وَلَا نُسْأَلُ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سوراققا تارتىلمايمىز»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بىزنىڭ قىلغان جىنايىتىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سوراققا تارتىلمايمىز»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزدىن سىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىز جاۋابكارلىققا تارتىلمايمىز».
34 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَجْمَعُ بَيْنَنَا رَبُّنَا ثُمَّ يَفْتَحُ بَيْنَنَا بِالْحَقِّ وَهُوَ الْفَتَّاحُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «رەببىمىز بىزنى قىيامەت كۈنى يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «رەببىمىز قىيامەت كۈنى ھەممىمىزنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر».
34 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى سىلەر بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئازاب) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
34 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَكُمْ مِيعَادُ يَوْمٍ لَا تَسْتَأْخِرُونَ عَنْهُ سَاعَةً وَلَا تَسْتَقْدِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەرگە (ئازاب ئۈچۈن) ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايسىلەر»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن كۈنۈڭلار بار. ئۇنىڭدىن قىلچە كېچىكىپمۇ قالمايسىلەر، ئالدىغا ئۆتۈپمۇ كەتمەيسىلەر».
34 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَنْ نُؤْمِنَ بِهَٰذَا الْقُرْآنِ وَلَا بِالَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ ۗ وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الظَّالِمُونَ مَوْقُوفُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ يَرْجِعُ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ الْقَوْلَ يَقُولُ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا لَوْلَا أَنْتُمْ لَكُنَّا مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ)، ئاجىزلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) كۈچلۈكلەر (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر) گە: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ، بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «بىز بۇ قۇرئانغىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى كىتابلارغىمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى. سەن بۇ زالىملارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا گۇناھنى بىر - بىرىگە ئارتىپ جېدەللىشىدۇ: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بىز ئەلۋەتتە مۇئمىن بولاتتۇق» دەيدۇ.
34 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا أَنَحْنُ صَدَدْنَاكُمْ عَنِ الْهُدَىٰ بَعْدَ إِذْ جَاءَكُمْ ۖ بَلْ كُنْتُمْ مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ ھەرگىز توسمىدۇق، سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىز سىلەرنى ئۇنىڭدىن توستۇقمۇ؟ بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلغۇچى بولدۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە توغرا يول كۆرسىتىلگەندە سىلەرنى ئۇنىڭدىن بىز توستۇقمۇ؟ ياق، بەلكى ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلاتتىڭلار» دەيدۇ.
34 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَنْ نَكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ بىزگە كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار بىزنى ئىماندىن توستى؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ياق، بىزنى سىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار ئىماندىن توستى. سىلەر بىزنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
34 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَائِكَةِ أَهَٰؤُلَاءِ إِيَّاكُمْ كَانُوا يَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ.
34 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ لَا يَمْلِكُ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا وَنَقُولُ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ النَّارِ الَّتِي كُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە بىر - بىرىڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. بىز زالىملارغا مۇنداق دەيمىز: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر».
34 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ فَزِعُوا فَلَا فَوْتَ وَأُخِذُوا مِنْ مَكَانٍ قَرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا (ئېلىپ بېرىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا) يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرەتتىڭ)[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ چۆچۈپ كەتكەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ئۇلار قاچالمايدۇ ۋە يېقىن بىر يەردە تۇتۇلىدۇ.
34 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا آمَنَّا بِهِ وَأَنَّىٰ لَهُمُ التَّنَاوُشُ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە): «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ يىراق جايدىن ئىماننى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئازابنى كۆرگەندە-: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ يىراق جايدىن ئىماننى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. لېكىن ئۇلار يىراق جايدا قالغان ئىمانغا قانداقمۇ ئېرىشەلەيدۇ؟5
فاتىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ ۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچ ئەھەدى) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھتەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھقا ئۇلارنى شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زات -ئاللاھ- دەك ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھېچكىم ساڭا ھەر نەرسىدىن خەۋەردار زاتتەك خەۋەر بېرەلمەيدۇ.
35 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ وَإِنْ تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَىٰ حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۗ إِنَّمَا تُنْذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ ۚ وَمَنْ تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفْسِهِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر گۇناھى ئېغىر بولغان كىشى گۇناھ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇنىڭ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسە ئۇ باشقىسى تەرىپىدىن ئۈستىگە ئېلىنمايدۇ، ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ. سەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن. كىم ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاك تۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر.
ياسىن سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا طَائِرُكُمْ مَعَكُمْ ۚ أَئِنْ ذُكِّرْتُمْ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچىلەر: «شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلىنسا شۇم پال ئالامسىلەر؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەر: «شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر. سىلەرگە ھەق ئەسلىتىلسىمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟ بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى.
36 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
36 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَنْظُرُونَ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً تَأْخُذُهُمْ وَهُمْ يَخِصِّمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا ـ سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ، ئۇلار جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرلىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ تۇرغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلىدىغان دەھشەتلىك ئاۋازنىلا كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.
36 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا يَسْتَطِيعُونَ تَوْصِيَةً وَلَا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىرەر ۋەسىيەت قىلىشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ.
36 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ لَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَلَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچقانداق زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
36 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَامْتَازُوا الْيَوْمَ أَيُّهَا الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (بىر تەرەپكە) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: -گۇناھكارلارغا بولسا - :«ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار.
36 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
الْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَىٰ أَفْوَاهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَا أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، قىلمىشلىرىنى بىزگە قوللىرى سۆزلەيدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
ساففات سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا يَا وَيْلَنَا هَٰذَا يَوْمُ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ۋاي ئىسىت بىزگە! بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بۇ جازا ۋە مۇكاپات كۈنىدۇر» دەيدۇ.
37 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان ھەق بىلەن باتىل ئايرىلىدىغان كۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «بۇ ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر، سىلەر يالغان دېگەن كۈندۇر» دېيىلىدۇ.
37 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِفُوهُمْ ۖ إِنَّهُمْ مَسْئُولُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى توختىتىڭلار، ئۇلاردىن سوئال سورىلىدۇ:
37 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ هُمُ الْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇلار ئۇ كۈنى تەسلىم بولىدۇ.
37 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَسَاءَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ، بىر - بىرىدىن سورىشىدۇ:
37 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
37 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَاطَّلَعَ فَرَآهُ فِي سَوَاءِ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قاراپلا ئۇنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ قارايدۇ ۋە يېقىنىنى دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ،
ساد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا رَبَّنَا عَجِّلْ لَنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن): «پەرۋەردىگارىمىز! (سەن بىزگە ئازابتىن ۋەدە قىلغان) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق- قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق - ھېساپ كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «رەببىمىز! بىزنىڭ ئازابتىن نېسىۋىمىزنى تېزلىتىپ ھېساب كۈنىدىن بۇرۇن بەرگىن» دېدى.
38 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە سەندىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمدار قىلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا خەلىپە قىلدۇق4. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن. ئەگەر نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشسەڭ، ئۇ سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازغانلارغا ھېساب كۈنىنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار».
38 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَخْلَصْنَاهُمْ بِخَالِصَةٍ ذِكْرَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشىلەر قىلدۇق[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز پاك ـ خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ئاخىرەتنى ئويلاپ تۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلدۇق.
38 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ قىيامەت كۈنى ئۈچۈن سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان بۇ نەرسىلەرگە ھېساب كۈنى ئېرىشىسىلەر.
38 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًا كُنَّا نَعُدُّهُمْ مِنَ الْأَشْرَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «بىز يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى كۆرمەيمىزغۇ؟
ئەنەس ئالىم: يېتەكچىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە نېمە بولدىكىن، بىز دۇنيادا يامانلاردىن ھېسابلىغان ئادەملەرنى كۆرمەيۋاتىمىز؟
زۇمەر سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنْكُمْ ۖ وَلَا يَرْضَىٰ لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ ۖ وَإِنْ تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ ۗ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ مَرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكۈرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ (يەنى ھەر ئادەم قىلغان گۇناھىغا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ)، ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان شۈكرۈڭلاردىن رازى بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئاندىن سىلەر رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى تولۇق بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر كۇفرىلىق قىلساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى: ئاللاھ سىلەردىن غەنىيدۇر1. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كۇفرىلىق قىلىشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ دىلىڭلاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
39 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ يَتَّقِي بِوَجْهِهِ سُوءَ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّالِمِينَ ذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كاپىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابتىن يۈزى بىلەن ساقلىنىشقا تىرىشقان كىشى، ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ زالىملارغا : «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى ئەڭ يامان ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان كىشى، ئازابتىن ئەمىن بولىدىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ ئۇ كۈنى زالىملارغا: «قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار!» دېيىلىدۇ.
39 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عِنْدَ رَبِّكُمْ تَخْتَصِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن سىلەر قىيامەت كۈنى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا بىر ـ بىرىڭلار بىلەن دەۋا قىلىشىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن سىلەر قىيامەت كۈنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا دەۋالىشىسىلەر.
39 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا كَسَبُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىنى) مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنى (قاتتىق) ئازاب ئورىۋالىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۇلارنىڭ دۇنيادا قىلغان يامان ئىشىلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەسخىرە قىلغان نەرسىلەر ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالىدۇ.
39 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ تَقُولَ نَفْسٌ يَا حَسْرَتَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْتُ فِي جَنْبِ اللَّهِ وَإِنْ كُنْتُ لَمِنَ السَّاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قانداق ئادەم: «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىنىڭ : «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بولمىسا كىشى: ‹ۋاي ئىسىت! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن، مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم› دەيدۇ،
39 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَشْرَقَتِ الْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ الْكِتَابُ وَجِيءَ بِالنَّبِيِّينَ وَالشُّهَدَاءِ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەھشەرگاھ رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زېمىن رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ. كىتابلار قويۇلىدۇ. نەبىيلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
39 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر كىشىگە ئۆز ئەمىلىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
39 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الْمَلَائِكَةَ حَافِّينَ مِنْ حَوْلِ الْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَقِيلَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ)، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەرنىڭ رەببىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەرنى ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرۇۋاتقان ۋە رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىۋاتقان ھالەتتە كۆرىسەن8. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ ۋە «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېيىلىدۇ.
غافىر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبَّنَا أَمَتَّنَا اثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا اثْنَتَيْنِ فَاعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈردۈڭ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلدۇق، چىقىشقا يول بارمۇ؟».
40 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ هُمْ بَارِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى اللَّهِ مِنْهُمْ شَيْءٌ ۚ لِمَنِ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلار ھەققىدە ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق كۈنكى، پۈتۈن ئىنسانلار مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىر نەرسىسى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، «بۈگۈن پادىشاھلىق كىمنىڭدۇر؟» دەپ سورىلىدۇ، «يالغۇز ۋە چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭدۇر» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ.
40 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
الْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ ۚ لَا ظُلْمَ الْيَوْمَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. ئۇ كۈنى زۇلۇم يوقتۇر. ئاللاھ ھېسابنى ناھايىتى تېز ئالغۇچىدۇر.
40 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار -قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن- بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈنى يۈرەكلەر غەم - قايغۇغا تولغان ھالدا ئېغىزلارغا قاپلىشىدۇ، زالىملارنىڭ ھېچبىر دوستى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچىسى بولمايدۇ.
40 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
يَا قَوْمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا مَتَاعٌ وَإِنَّ الْآخِرَةَ هِيَ دَارُ الْقَرَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك قارارگاھتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت بولسا، ئەبەدىي قارارگاھتۇر.
40 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ لَا يَنْفَعُ الظَّالِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە كاپىرلارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى زالىملارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارغا لەنەت ۋە يامان يۇرت بار.
40 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ لَا رَيْبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ)[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ. بۇنىڭدا شەك يوق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا مَا جَاءُوهَا شَهِدَ عَلَيْهِمْ سَمْعُهُمْ وَأَبْصَارُهُمْ وَجُلُودُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاخقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
41 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لِجُلُودِهِمْ لِمَ شَهِدْتُمْ عَلَيْنَا ۖ قَالُوا أَنْطَقَنَا اللَّهُ الَّذِي أَنْطَقَ كُلَّ شَيْءٍ وَهُوَ خَلَقَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تېرىلىرىگە: «نېمىشقا زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. تېرىلىرى: «بىزنى، ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ سۆزلەتتى» دەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپكى قېتىمدا ياراتتى. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
41 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَتِرُونَ أَنْ يَشْهَدَ عَلَيْكُمْ سَمْعُكُمْ وَلَا أَبْصَارُكُمْ وَلَا جُلُودُكُمْ وَلَٰكِنْ ظَنَنْتُمْ أَنَّ اللَّهَ لَا يَعْلَمُ كَثِيرًا مِمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر -دۇنيادىكى چېغىڭلاردا- قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەر گۇناھ قىلغان چېغىڭلاردا قۇلاقلىرىڭلارنىڭ، كۆزلىرىڭلارنىڭ ۋە تېرىلىرىڭلارنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار. لېكىن سىلەر: «ئاللاھ قىلمىشىمىزنىڭ تولىسىنى بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار.
شۇرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ ۖ وَمَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ نَصِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاخىرەتنىڭ تېرىكچىلىكىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ تېركچىلىكىنى زىيادە قىلىمىز، كىمكى دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، ئەمما ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئاخىرەت ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئېكىنىنى زىيادە قىلىمىز. كىم دۇنيا ئېكىنىنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر.
42 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا أُوتِيتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، رەببىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ باقىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە بېرىلگەن ھەر نەرسە، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى نەرسە تېخىمۇ ياخشىدۇر ۋە تېخىمۇ باقىيدۇر. ئۇ نەرسىگە، ئىمان ئېيتقان ۋە رەببىگە تەۋەككۇل قىلىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ،
زۇخرۇف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز».
43 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا الْمَلَائِكَةَ الَّذِينَ هُمْ عِبَادُ الرَّحْمَٰنِ إِنَاثًا ۚ أَشَهِدُوا خَلْقَهُمْ ۚ سَتُكْتَبُ شَهَادَتُهُمْ وَيُسْأَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېزىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەھماننىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ دەۋا قىلىشتى. ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆردىمۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ دەۋالىرى يېقىندا يېزىلىدۇ ۋە ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ.
43 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
أَهُمْ يَقْسِمُونَ رَحْمَتَ رَبِّكَ ۚ نَحْنُ قَسَمْنَا بَيْنَهُمْ مَعِيشَتَهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَرَفَعْنَا بَعْضَهُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَتَّخِذَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا سُخْرِيًّا ۗ وَرَحْمَتُ رَبِّكَ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل ـ ماللىرى) دىن ياخشىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى -ھەق بېرىپ- ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ھەق بېرىپ ئىشقا سالسۇن دەپ قىلدۇق. رەببىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ يىغقان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر.
43 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَزُخْرُفًا ۚ وَإِنْ كُلُّ ذَٰلِكَ لَمَّا مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَالْآخِرَةُ عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت تەقۋادارلارغا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا زىننەت بۇيۇملىرى بېرەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر. رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت نېمەتلىرى تەقۋادارلارغا خاستۇر.
43 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَذِكْرٌ لَكَ وَلِقَوْمِكَ ۖ وَسَوْفَ تُسْأَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نېمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە ۋەز-نەسىھەتتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە ئۇنىڭدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان سەن ئۈچۈن ۋە قەۋمىڭ ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇ. يېقىندا سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر.
43 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
الْأَخِلَّاءُ يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر)[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت تەقۋادارلار مۇستەسنا
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ. تەقۋادارلار مۇستەسنا.
43 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَبَارَكَ الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَعِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ (بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن (يالغۇر) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن يالغۇر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھى بولغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئۇ بىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
جاسىيە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ۖ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر (ئاللاھ ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىدۇ)[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى -دۇنيادا- ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: كىم ياخشى ئىش قىلسا پايدىسى ئۆزىگە. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگە. ئاخىرى ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
45 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ھەر كىمگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
45 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً ۚ كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَىٰ إِلَىٰ كِتَابِهَا الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەتنى تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، ئۇلارغا: «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتنى تىز پۈكۈپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرىسەن. ھەر ئۇممەت ئۆزىنىڭ كىتابىغا چاقىرىلىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن سىلەرگە ئۆز ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
45 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا كِتَابُنَا يَنْطِقُ عَلَيْكُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنْسِخُ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە ـ ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر، سىلەرگە ھەقنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى بىز، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ نۇسخىسىنى ئالدۇرغان ئىدۇق».
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ دَرَجَاتٌ مِمَّا عَمِلُوا ۖ وَلِيُوَفِّيَهُمْ أَعْمَالَهُمْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۆمىنلەرنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ) ھەممىسىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى (كەم ـ زىيادە قىلىنماي) تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەممە ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ۋە جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
قاف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَعَهَا سَائِقٌ وَشَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئىنسان (مەھشەرگاھقا) كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن (ئۇنى مەھشەرگاھقا) ھەيدىگۈچى ۋە (ئۇنىڭ ئەمەلىگە) گۇۋاھ بولغۇچى (ئىككى پەرىشتە) بىللە كېلىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئىنسان مەھشەرگاھقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇنى مەھشەرگاھقا ھەيدىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىگە گۇۋاھ بولغۇچى بىللە كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ھەر ئىنسان يېنىدا بىر ھەيدىگۈچى ۋە بىر گۇۋاھچى بولغان ھالدا كېلىدۇ.
50 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كُنْتَ فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا فَكَشَفْنَا عَنْكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! سەن بۇنىڭدىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «سەن بۇنىڭدىن غاپىل ئىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ.
50 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ قَرِينُهُ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ ھەمراھى: «مانا بۇ مېنىڭ يېنىمدىكىدۇر، تەيياردۇر» دەيدۇ6.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ الدِّينَ لَوَاقِعٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ياخشى ئەمەللەرنى) مۇكاپاتلاش، (يامان ئەمەللەرنى) جازالاش چوقۇم بولىدىغان ئىشتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
نەجم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە يوقتۇر.
53 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ)[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ.
53 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاءَ الْأَوْفَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ.
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
مُهْطِعِينَ إِلَى الدَّاعِ ۖ يَقُولُ الْكَافِرُونَ هَٰذَا يَوْمٌ عَسِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار چاقىرغۇچى تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ. كافىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ.
رەھمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَوْمَئِذٍ لَا يُسْأَلُ عَنْ ذَنْبِهِ إِنْسٌ وَلَا جَانٌّ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ (يەنى گۇناھلىرىنىڭ ئالاھىدە ئالامىتى بولغانلىقتىن مۇنداق سوراشقا ھاجەت بولمايدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە ھېچبىر جىن ئۆز گۇناھىدىن سورالمايدۇ.
55 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يُعْرَفُ الْمُجْرِمُونَ بِسِيمَاهُمْ فَيُؤْخَذُ بِالنَّوَاصِي وَالْأَقْدَامِ
مۇھەممەد سالىھ: گۇناھكارلار ئۆزلىرىنىڭ (يۈزلىرى قارا، كۆزلىرى كۆك بولۇشتىن ئىبارەت) بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلۇپ (دوزاخقا تاشلىنىدۇ)[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: گۇناھكارلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئاندىن ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: گۇناھكارلار سېيماسىدىن تونۇلۇپ، كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ.
ۋاقىئە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُنْتُمْ أَزْوَاجًا ثَلَاثَةً
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە سىلەر ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ۋە سىلەر ئۈچ پىرقە بولغان چاغدا،
56 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ الْأَوَّلِينَ وَالْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ[49ـ50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئىلگىرىكىلەرمۇ، كېيىنكىلەرمۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاۋۋالقىلار ۋە ئاخىرقىلار،
56 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا إِنْ كُنْتُمْ غَيْرَ مَدِينِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار[86ـ87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار
ئەنەس ئالىم: نېمىشقا ئەگەر جازالاندۇرۇلمايدىغان بولساڭلار،
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَرَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ يَسْعَىٰ نُورُهُمْ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ بُشْرَاكُمُ الْيَوْمَ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە مۆمىن ئەرلەرنى، مۆمىن ئاياللارنى كۆرۈسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتتۇر» (دېيىلىدۇ)[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە مۇئمىن ئەرلەرنى، مۇئمىن ئاياللارنى كۆرۈسەنكى، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ماڭىدۇ، ئۇلارغا: «بۈگۈن سىلەرگە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، بۇ ئۇلۇغ مۇۋاپپەقىيەتتۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ نۇرى ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۈگۈرىدۇ. ئۇلارغا: «بۈگۈن سىلەرگە خۇش خەۋەر: سىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىپ مەڭگۈ ياشايسىلەر. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر» دېيىلىدۇ.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا عَمِلُوا ۚ أَحْصَاهُ اللَّهُ وَنَسُوهُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە ـ ئەمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنى بىر - بىرلەپ يېزىپ قويغان، ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ تَنْفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ ۚ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى سىلەر جەننەتتە بولساڭلار، ئۇلار كۇففارلارنىڭ قاتارىدا دوزاختا بولىدۇ)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
جۇمۇئە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّ الْمَوْتَ الَّذِي تَفِرُّونَ مِنْهُ فَإِنَّهُ مُلَاقِيكُمْ ۖ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: c (ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ، ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەر قېچىۋاتقان ئۆلۈم سىلەر بىلەن چوقۇم ئۇچرىشىدۇ. ئاندىن سىلەر غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
تەغابۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
زَعَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنْ لَنْ يُبْعَثُوا ۚ قُلْ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتُبْعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلْتُمْ ۚ وَذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار «ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، رەببىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرىلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: بىز ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ قارىغۇرلارچە ئىشەندى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ياق، ئۇنداق ئەمەس! رەببىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن ئەلۋەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئەلۋەتتە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار قىلىنىسىلەر. بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر».
64 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَجْمَعُكُمْ لِيَوْمِ الْجَمْعِ ۖ ذَٰلِكَ يَوْمُ التَّغَابُنِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَيَعْمَلْ صَالِحًا يُكَفِّرْ عَنْهُ سَيِّئَاتِهِ وَيُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر (يەنى ئۇ كۈندە ئىماننى تەرك ئەتكەنلىكى بىلەن كاپىرنىڭ زىيان تارتقانلىقى، ياخشى ئەمەللەرنى دېگەندەك قىلالمىغانلىقى بىلەن مۆمىننىڭ زىيان تارتقانلىقى ئاشكارا بولىدۇ). كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت ئۈچۈن توپلايدۇ، ئۇ زىيان تارتىدىغان كۈندۇر. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بىر كۈنى ئاللاھ سىلەرنى جەم قىلىش كۈنى ئۈچۈن يىغىدۇ2. ئەنە شۇ، پايدا ئېلىش ۋە زىيان تارتىش كۈنىدۇر3. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ ۋە ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. ئەنە شۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَعْتَذِرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى كافىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
ھاققە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ تُعْرَضُونَ لَا تَخْفَىٰ مِنْكُمْ خَافِيَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە سىلەر توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى سىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر، سىلەرنىڭ ھېچبىر مەخپىيىتىڭلار مەخپىي قالمايدۇ.
69 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَءُوا كِتَابِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىم! ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار!
ئەنەس ئالىم: كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ مېنىڭ كىتابىم، ئېلىپ ئوقۇڭلار!
69 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ![25]
تەرجىمە ھەيئىتى: نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!
ئەنەس ئالىم: كىتابى سول قولىغا بېرىلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاھ! كاشكى، ماڭا كىتابىم بېرىلمىگەن بولسا ئىدى!
69 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم![26]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!
ئەنەس ئالىم: ھېسابىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەم ئىدىم!
69 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
هَلَكَ عَنِّي سُلْطَانِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»
ئەنەس ئالىم: سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتتى».
مائارىج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى تەستىقلايدىغان كىشىلەردۇر.
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ تَتَّقُونَ إِنْ كَفَرْتُمْ يَوْمًا يَجْعَلُ الْوِلْدَانَ شِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟[17]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇشرىكلار! ئەگەر كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرساڭلار، بالىلارنىڭ چاچلىرىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟
مۇدەسسىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئىنسان قىلمىشلىرىغا باغلىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ھەر كىشى ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن گۆرۈگە ئېلىنغۇچىدۇر.
74 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق[46]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق
ئەنەس ئالىم: جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دېگەن ئىدۇق،
قىيامەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يُنَبَّأُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئىنسانغا قىلغان ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ3.
75 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
بَلِ الْإِنْسَانُ عَلَىٰ نَفْسِهِ بَصِيرَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى گۇۋاھتۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى كۆرگۈچىدۇر4،
مۇرسەلات سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
لِأَيِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟[12]
تەرجىمە ھەيئىتى: قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قايسى كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
77 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَوْمِ الْفَصْلِ
مۇھەممەد سالىھ: خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئايرىش كۈنىگە.
77 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الْفَصْلِ
مۇھەممەد سالىھ: ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟[14]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئايرىش كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
77 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ، ئۇلار سۆز قىلالمايدىغان كۈندۇر.
77 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا يَوْمُ لَا يَنْطِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ.
77 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي![37]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
77 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇركى، سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «مانا بۇ ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر. بىز سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق.
77 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ ۖ جَمَعْنَاكُمْ وَالْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىرەر چارەڭلار بولسا، چارەڭلارنى ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىرەر ھىيلەڭلار بولسا، ماڭا ھىيلە قىلىڭلار» دېيىلىدۇ.
نەبە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ يَوْمَ الْفَصْلِ كَانَ مِيقَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن بەلگۈلەنگەن بىر ۋاقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ياخشى-ياماننى ئايرىش كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتۇر.
78 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ كَانُوا لَا يَرْجُونَ حِسَابًا
مۇھەممەد سالىھ: چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى[27]
تەرجىمە ھەيئىتى: چۈنكى ئۇلار ھېساب ئېلىنىشنى كۈتمەيتتى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلار ھېساب بېرىشنى ئويلىمايتتى،
78 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْذَرْنَاكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنْظُرُ الْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ الْكَافِرُ يَا لَيْتَنِي كُنْتُ تُرَابًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ ۋە كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى يېقىن ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇ كۈندە كىشى بۇرۇن ئۆزى قىلغان ئىشلىرىنى كۆرىدۇ، كافىر: «كاشكى، تۇپراق بولسامچۇ!» دەيدۇ.
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَتَذَكَّرُ الْإِنْسَانُ مَا سَعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى ـ يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاتتىق ئېغىرچىلىق (قىيامەت) كەلگەن كۈندە ئىنسان ياخشى-يامان قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈنى كىشى قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئەسلەيدۇ،
ئەبەسە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَصَاحِبَتِهِ وَبَنِيهِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا يار بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى بۇلاردىن ھەر بىرى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ.
80 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
ضَاحِكَةٌ مُسْتَبْشِرَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ[40ـ41]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەر باردۇركى، چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يەنە بەزى يۈزلەر چاڭ-توزان ئىچىدە قالىدۇ،
80 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ[40ـ41]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قارىداپ كەتكەن
ئەنەس ئالىم: قارىداپ كېتىدۇ.
تەكۋىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەل دەفتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئەمەل دەپتەرلىرى تارقىتىلغان چاغدا،
81 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا أَحْضَرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر نەفس نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئىنفىتار سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ھەر ئادەم قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرىنى بىلىدۇ.
82 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[17]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن قىيامەت كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: جازا ۋە مۇكاپات كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
82 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ مَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[18]
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە سەن قىيامەت كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: شۇنداق، جازا ۋە مۇكاپات كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
82 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌ لِنَفْسٍ شَيْئًا ۖ وَالْأَمْرُ يَوْمَئِذٍ لِلَّهِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ھېچبىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدۇ، شۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقىلا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىم ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇ كۈنى ئەمر4 پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر.
مۇتەففىفىن سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا يَظُنُّ أُولَٰئِكَ أَنَّهُمْ مَبْعُوثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ[4ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئويلىمامدۇ؟
83 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ[4ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: بۈيۈك كۈن ئۈچۈن.
83 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆرە تۇرىدۇ.
83 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
كِتَابٌ مَرْقُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن بىر دەپتەردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ –جەھەننەملىكلەرنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان- بىر خاتىرە دەپتەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر.
83 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قىيامەت كۈنىنى يالغانغا چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنى يالغان دەيدىغان كىشىلەردۇر.
83 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
كِتَابٌ مَرْقُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، - جەننەتلىكلەرنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان -بىر خاتىرە دەپتەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر.
83 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمُ انْقَلَبُوا فَكِهِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ[34]،
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۈگۈن بولسا، مۇئمىنلار كاپىرلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۈگۈن مۇئمىنلار كافىرلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ.
83 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (كاپىرلار مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟[36]
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلدىمۇ؟
ئىنىشقاق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن.
84 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ[7ـ8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاسان بىر رەۋىشتە ھېساب بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ،
تارىق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تُبْلَى السَّرَائِرُ
مۇھەممەد سالىھ: سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)[9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە،
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، سىرلار ئاشكارا قىلىنىدۇ.
86 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَهُ مِنْ قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنساندىن ئازابنى كۆتۈرۋېتدىغان ھېچقانداق كۈچ ۋە ياردەمچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئىنساننىڭ ھېچقانداق كۈچى ۋە ھېچقانداق ياردەمچىسى بولمايدۇ.
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى ئاخىرەت تېخىمۇ ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئاخىرەت ھاياتى ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر.
غاشىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ خَاشِعَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە نۇرغۇن ئادەملەر خار بولغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى نۇرغۇن يۈزلەر خار بولغۇچىدۇر.
88 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا بىز مەسئۇلمىز[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنىڭ ھېسابى بىزگە ئائىتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ رَبُّكَ وَالْمَلَكُ صَفًّا صَفًّا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ كەلگەن ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ۋە پەرىشتىلەر سەپ ـ سەپ بولۇپ كەلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ۋە سەپ-سەپ پەرىشتە كەلگەن چاغدا،
لەيل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ عَلَيْنَا لَلْهُدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتمۇ، دۇنيامۇ بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر.
زۇھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
93 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَلْآخِرَةُ خَيْرٌ لَكَ مِنَ الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاخىرقىسى سەن ئۈچۈن ئاۋۋالقىسىدىن ياخشىدۇر.
تىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
95 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِالدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسان!) بۇنىڭدىن كېيىن (يەنى روشەن دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىن) يەنە نېمىشقا قىيامەتنى ئىنكار قىلىسەن؟[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسان!- بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قىيامەتنى نېمە ئىنكار قىلدۇرىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسان! ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ساڭا دىننى1 يالغان دېگۈزگەن نەرسە نېمىدۇر؟
زەلزەلە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
99 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى سۆزلەيدۇ.
99 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: چۈنكى رەببىڭ ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىدۇ.
99 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە ئىنسانلار خىلمۇخىل گۇرۇھلار ھالىتىدە تارىلىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئۆز ئەمەللىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن بولىدۇ.
99 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ.
99 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ.
ئادىيات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
100 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَحُصِّلَ مَا فِي الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟[9ـ11]
تەرجىمە ھەيئىتى: دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: دىللاردىكى نەرسىلەر ئاشكارىلانغان چاغدا،
100 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ رَبَّهُمْ بِهِمْ يَوْمَئِذٍ لَخَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟[9ـ11]
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ رەببى ئۇلاردىن خەۋەرداردۇر.
تەكاسۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
102 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن شۇ كۈندە نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇ كۈندە نېمەتلەردىن سورىلىسىلەر.
مائۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
107 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: دىننى يالغان دەۋاتقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟