سەدىقە
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ھەر قانداق ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىنىدىغان ئىئانە، پۇلدىن باشقا شەكىللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەرەبچىىسى: الصدقة
ئېنگلىزچىسى: Voluntary Charity
32 ئايەت
16 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 زاكات ۋە سەدىقە /
- 📄 سەدىقە
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 215 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ ۖ قُلْ مَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىدىن) قانداق نەرسىنى سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»[215].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى نەگە سەرپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «مال ـ مۈلكۈڭلاردىن قانداق نەرسىنى سەرپ قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا-ئاناڭلارغا، يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە يول خىراجىتى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن نېمە چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «قانداق مال چىقىم قىلساڭلار، ئۇنى ئاتا - ئاناڭلارغا، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولۇچىلارغا چىقىم قىلىڭلار. قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ».
2 : 219 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِنْ نَفْعِهِمَا ۗ وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «(ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار)» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ (ئىشلىرىنى) تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ[219].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە ئازغىنا نەپمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ نەپكە قارىغاند چوڭدۇر» دېگىن*[1]، ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «ئېھتىياجدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىڭلار» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر قىسىم پايدىلار بار. لېكىن ئىككىسىنىڭ گۇناھى پايدىسىدىن چوڭدۇر». ئۇلار سەندىن نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەفۋەنى چىقىم قىلىڭلار»61. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر.
2 : 245 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ ذَا الَّذِي يُقْرِضُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا فَيُضَاعِفَهُ لَهُ أَضْعَافًا كَثِيرَةً ۚ وَاللَّهُ يَقْبِضُ وَيَبْسُطُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە (يەنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگۈچە) كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ (سىناش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، (بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى) كەڭ قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[245].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھ يولىدا پۇل ـ مېلىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ بەزى كىشىلەرنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ بولسا كەڭ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىدىغان كىم بار؟ ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئازمۇ بېرىدۇ، كۆپمۇ بېرىدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
2 : 261 - ئايەت
كۆرۈش
مَثَلُ الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنْبَتَتْ سَبْعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنْبُلَةٍ مِائَةُ حَبَّةٍ ۗ وَاللَّهُ يُضَاعِفُ لِمَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ (سەرپ قىلغان نەرسىسى يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا 100 دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى (چەكلىك ئەمەس) كەڭدۇر (ئاللاھ مال سەرپ قىلغۇچىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر)(ئىزاھات: بۇ، ئاللاھ ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان پۇل ـ مالنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولىدىغانلىقىغا مىسال.)[261].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىنى سەرپ قىلغانلارنىڭ سەرپ قىلغان نەرسىسى (يەرگە تېرىلىپ) يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر باشىقىدا يۈز تالدىن دان تۇتقان بىر تال ئۇرۇققا ئوخشايدۇ*[1]. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى، يەتتە باشاق ئۈندۈرگەن ۋە ھەر باشىقىدا يۈز دانە دان تۇتقان بىر داننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
2 : 262 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَا أَنْفَقُوا مَنًّا وَلَا أَذًى ۙ لَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە (خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەنشدىشە قىلمايدۇ[262].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل ـ مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، كېيىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان، ۋە خەير ـ ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىپ ئاندىن مىننەت قىلمايدىغان ۋە رەنجىتمەيدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 263 - ئايەت
كۆرۈش
قَوْلٌ مَعْرُوفٌ وَمَغْفِرَةٌ خَيْرٌ مِنْ صَدَقَةٍ يَتْبَعُهَا أَذًى ۗ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سەدىقىسىدىن) بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[263].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈۋېتىش ئەزىيەت ئەگىشىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىش سەدىقە قىلىپ بولۇپ رەنجىتكەندىن ياخشىدۇر. ئاللاھ غەنىيدۇر، ھەلىمدۇر.
2 : 264 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُبْطِلُوا صَدَقَاتِكُمْ بِالْمَنِّ وَالْأَذَىٰ كَالَّذِي يُنْفِقُ مَالَهُ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ صَفْوَانٍ عَلَيْهِ تُرَابٌ فَأَصَابَهُ وَابِلٌ فَتَرَكَهُ صَلْدًا ۖ لَا يَقْدِرُونَ عَلَىٰ شَيْءٍ مِمَّا كَسَبُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق (پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان) ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن (يۇيۇلۇپ) بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[264].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! پۇل ـ مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشىگە ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار. بۇنداق ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ كەتكەن سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە رەنجىتىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مېلىنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن چىقىم قىلىدىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىدەك بولماڭلار. بۇنداق كىشىنىڭ ئەھۋالى، قاتتىق يامغۇر يېغىش بىلەن ئۈستىدىكى توپىلار كېتىپ، ئەسلى ھالىتى چىقىپ قالغان سىلىق قورام تاشنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. ئۇلار ئۆز ئەمەللىرىدىن ھېچبىر ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
2 : 267 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّا أَخْرَجْنَا لَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ ۖ وَلَا تَيَمَّمُوا الْخَبِيثَ مِنْهُ تُنْفِقُونَ وَلَسْتُمْ بِآخِذِيهِ إِلَّا أَنْ تُغْمِضُوا فِيهِ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر[267].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپلا ئالىدىغان (نەرسىلەردەك) ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ (بۇنداق سەدىقەڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار كۆز يۇممىساڭلار ئالمايدىغان ناچارلىرىنى چىقىم قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
2 : 270 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ نَفَقَةٍ أَوْ نَذَرْتُمْ مِنْ نَذْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُهُ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار ياكى (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى ۋەدە قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملار (زاكاتنى مەنئى قىلغۇچىلار ياكى پۇل ـ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ[270].
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلساڭلار ياكى نېمىنى ۋەدە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى پۇل ـ مېلىنى گۇناھ ئىشلارغا سەرپ قىلغۇچىلار) غا ھېچقانداق مەدەتكار چىقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: نېمە چىقىم قىلساڭلار ياكى قانداق نەزىرنى77 نەزىر قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
2 : 271 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ ۖ وَإِنْ تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنْكُمْ مِنْ سَيِّئَاتِكُمْ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[271].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سەدىقىلەرنى78 ئاشكارا بەرسەڭلار، نېمىدېگەن ياخشى! ئەگەر ئۇلارنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە پېقىرلارغا بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ بەزى يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
2 : 274 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ سِرًّا وَعَلَانِيَةً فَلَهُمْ أَجْرُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز (ھەممە ۋاقىت)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار غەم ـ ئەندىشە قىلمايدۇ[274].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۇل-ماللىرىنى كېچە ـ كۈندۈز يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا قورقۇنچ ۋە غەم ـ قايغۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ماللىرىنى كېچە - كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
2 : 276 - ئايەت
كۆرۈش
يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ[276].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ جازانىنىڭ پايدىسىنى توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ پايدىسىنى زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق تۇزكور گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ كۇفرىلىقتا ۋە گۇناھتا چىڭ تۇرىدىغانلارنىڭ ھېچبىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
2 : 280 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيْسَرَةٍ ۚ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر[280].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر قەرزدار قىينچىلىق تارتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا ھالى ياخشىلانغۇچە مۆھلەت بېرىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار ئېلىشىڭلارنى سەدىقە قىلىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّىٰ تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ ۚ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە غىچەھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، (ئاللاھنىڭ يولىدا) نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر، سىلەر نېمىنى سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭلاردىن چىقىم قىلمىغىچە ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. قانداق نەرسە چىقىم قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
لَا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِنْ نَجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمىر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ كۆپىنچىسىدە ياخشىلىق يوقتۇر. پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا، ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پات يېقىندا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرىنىڭ تولىسىدا ياخشىلىق يوق. لېكىن سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ۋە ياكى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇغان كىشىلەرنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەن، بىز يېقىندا ئۇنىڭغا كاتتا ئەجىر بېرىمىز.
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا دَخَلُوا عَلَيْهِ قَالُوا يَا أَيُّهَا الْعَزِيزُ مَسَّنَا وَأَهْلَنَا الضُّرُّ وَجِئْنَا بِبِضَاعَةٍ مُزْجَاةٍ فَأَوْفِ لَنَا الْكَيْلَ وَتَصَدَّقْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّ اللَّهَ يَجْزِي الْمُتَصَدِّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، (ئالدىڭغا) ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ قېشىغا كىرگىنىدە: «ئى ئالىيجاناب زات! بىزگە ۋە ئائىلىمىزگە ئاچارچىلىق يەتتى، -ئالدىڭغا- ناچار، ئۆتمەس ماللار بىلەن كېلىپ قالدۇق، بىزگە يېتەرلىك ئاشلىق بەرگىن، بىزگە سەدىقە قىلغىن، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن مۇكاپاتلايدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىسىرغا قايتىپ بېرىپ يۇسۇفنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن چېغىدا: «ئى ئەزىز! بىز ۋە ئائىلىمىز يەنە قىيىنچىلىقتا قالدۇق. بۇ قېتىم ئەرزىمەس سەرمايە ئېلىپ كەلدۇق. لېكىن سەن بىزگە ئاشلىقنى يەنىلا تولۇق بەرگىن ۋە بىزگە سەدىقە قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەدىقە قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېدى.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنُطْعِمُ مَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ أَطْعَمَهُ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۆمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر ئاللاھ خالىسا رىزىق تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۇئمىنلارغا : «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئاچلىقىنى كەتكۈزىۋېتىدىغان ئادەمنى بىز تويغۇزامدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار» دېيىلسە، كافىرلار مۇئمىنلارغا: «ئاللاھ خالىسا تائام بېرىدىغان كىشىگە بىز تائام بېرەمدۇق؟ سىلەر ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ6.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن سائىللىق قىلمايدىغان) موھتاجلار ھوقۇققا ئىگە ئىدى (يەنى ئۇلار سائىللارغا ۋە موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى)[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ پۇل ـ ماللىرىدا سائىللار ۋە موھتاجلار ئۈچۈن بىر ھەق بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ماللىرىدا تەلەپ قىلغۇچى ۋە تەلەپ قىلمىغۇچى موھتاجلار ئۈچۈن ھەق بار ئىدى.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُصَّدِّقِينَ وَالْمُصَّدِّقَاتِ وَأَقْرَضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعَفُ لَهُمْ وَلَهُمْ أَجْرٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ كەمبەغەللەرگە سەدىقە بەرگۈچىلەر، ياخشىلىق يوللىرىغا خۇشاللىق بىلەن پۇل ـ مال سەرپ قىلغۇچىلارغا) ھەسسىلەپ (ساۋاب) بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زور مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىلىدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا ۋە ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرگۈچىلەرگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئېسىل مۇكاپات باردۇر
ئەنەس ئالىم: سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلەرگە بەرگەن سەدىقىلىرى ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا ئېسىل ئەجىر بار.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَاجَيْتُمُ الرَّسُولَ فَقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَةً ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۚ فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن (يوقسۇللارغا) سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر (سەدىقە قىلىدىغان نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالمىساڭلار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ ئاندىن سۆزلىشىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىڭلار[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! نېمىشقا مېنى بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن نەپەقە قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنە ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن ئىلگىرى، بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار.
ھاققە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
مۇھەممەد سالىھ: مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايتتى
ئەنەس ئالىم: مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەرغىبمۇ قىلمايتتى،
مائارىج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ فِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ مَعْلُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ[24ـ25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ماللىرىدا مۇئەييەن ھەق باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ماللىرىدا مەلۇم ھەق بولغان كىشىلەردۇر،
ئىنسان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىغا تارتقىنىغا قارىماي، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: تائامنى ئۆزلىرىنىڭ يېگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ مىسكىن، يېتىم ۋە ئەسىرلەرگە يېگۈزىدۇ،
76 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنْكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلار ئېيتىدۇ- «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تائام بېرىمىز، سىلەردىن ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا تائام يېگۈزىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تائام يىگۈزىمىز، سىلەردىن مۇكاپاتمۇ، تەشەككۈرمۇ كۆزلىمەيمىز.
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَحَاضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ الْمِسْكِينِ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ـ بىرىڭلارنى مىسكىنگە ئاش، نان بېرىشكە تەرغىب قىلمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايسىلەر.
بەلەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ إِطْعَامٌ فِي يَوْمٍ ذِي مَسْغَبَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە تاماق بېرىش
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تائام بېرىشتۇر:
90 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى توپىدا قالغان مىسكىنگە.
لەيل سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَاتَّقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك[5ـ6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: كىمكى بېرىدىكەن، تەقۋادارلىق قىلىدىكەن
92 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَيُجَنَّبُهَا الْأَتْقَى
مۇھەممەد سالىھ: پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ[17ـ18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى بېرىدىغان كىشىدۇر.
92 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي يُؤْتِي مَالَهُ يَتَزَكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمنىڭ ياندۇرۇلىدىغان ياخشىلىقى يوق3.
مائۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
107 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۇلار ئەڭ ئاددى ياردەمگىمۇ توسالغۇ بولىدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ۋە ئاز نەرسىنى1 مەنئى قىلىدۇ.