زەلزەلە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: تەۋرەش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
  1. (99-سۈرە زەلزەلە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە

    زېمىن قاتتىق سىلكىنىپ [1]،

  2. (99-سۈرە زەلزەلە، 2-ئايەت)
    وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا
    زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا

    قوينىدىكى يۈكلىرىنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى ۋە باشقىلارنى) چىقارغاندا [2]،

  3. (99-سۈرە زەلزەلە، 3-ئايەت)
    وَقَالَ الْإِنْسَانُ مَا لَهَا
    ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە

    بۇنى كۆرگەن ئىنسان: «بۇ زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟»دېگەندە [3]،

  4. (99-سۈرە زەلزەلە، 4-ئايەت)
    يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا
    بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ

    بۇ كۈندە زېمىن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ [4-5].

  5. (99-سۈرە زەلزەلە، 5-ئايەت)
    بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا
    (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر

    بۇ كۈندە زېمىن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ [4-5].

  6. (99-سۈرە زەلزەلە، 6-ئايەت)
    يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ
    بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ

    بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن (قەبرىلىرىدىن)توپ ـ توپ بولۇپ چىقىدۇ [6].

  7. (99-سۈرە زەلزەلە، 7-ئايەت)
    فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ
    كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ

    كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ [7].

  8. (99-سۈرە زەلزەلە، 8-ئايەت)
    وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ
    كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ

    كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ [8].