قىيامەت ھادىسىلىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قىيامەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئالەمدە يۈز بېرىدىغان دراماتىك ۋەقەلەر.
ئېنگلىزچىسى: Major Signs
62 ئايەت
26 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى /
- 📄 قىيامەت ھادىسىلىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلارنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ (ئۇلارنىڭ ئىمانى ئەسقاتمايدۇ). ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھچى بولىدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمُ الْمَلَائِكَةُ أَوْ يَأْتِيَ رَبُّكَ أَوْ يَأْتِيَ بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ ۗ يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا ۗ قُلِ انْتَظِرُوا إِنَّا مُنْتَظِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت پەرىشتىلىرىنىڭ كېلىشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (جازاسىنىڭ) كېلىشىنى ۋە ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ (ئىماننى ئىپادىلەيدىغان بىرەر) ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئەمدى ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتۈپ تۇرىمىز» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ياكى رەببىڭنىڭ كېلىشىنى ۋە ياكى رەببىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا ساقلاۋاتامدۇ!؟ رەببىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە، ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمانىدا ياخشىلىق ھاسىل قىلمىغان كىشىگە ئۇ چاغدا ئېيتقان ئىمانى پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتمەكتىمىز».
كەھف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَىٰ أَنْ تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى -باجغا ئوخشاش- تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ قەۋم: «ئى زۇلقەرنەين! يەئجۇج بىلەن مەئجۇج بۇ مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. بىز ساڭا باج تۆلىسەك، سەن بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سېلىپ بەرگەن بولساڭ!» دېدى.
18 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا اسْطَاعُوا أَنْ يَظْهَرُوهُ وَمَا اسْتَطَاعُوا لَهُ نَقْبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۇ توسمىدىن ئاشالمىدى، ھەم ئۇنى تېشەلمىدى.
18 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَٰذَا رَحْمَةٌ مِنْ رَبِّي ۖ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ رَبِّي جَعَلَهُ دَكَّاءَ ۖ وَكَانَ وَعْدُ رَبِّي حَقًّا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ -توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى- رەببىمنىڭ نېمىتىدۇر، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، رەببىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»
ئەنەس ئالىم: زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ رەببىمنىڭ رەھمىتىدۇر. لېكىن رەببىمنىڭ ۋەدىسىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە رەببىم ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ. رەببىمنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ».
18 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا بَعْضَهُمْ يَوْمَئِذٍ يَمُوجُ فِي بَعْضٍ ۖ وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَجَمَعْنَاهُمْ جَمْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يېغىمىز[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە قىستاڭچىلىقتىن كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى -ھېساب ئۈچۈن- يېغىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ كۈنى ئۇلارنى7 قويۇۋېتىمىز. ئۇلار دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر - بىرىگە گېرەلىشىپ دولقۇنلىنىدۇ. سۇر چېلىنىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى توپلايمىز.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ يَنْسِفُهَا رَبِّي نَسْفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۈكۈم تالقان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ6. ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۇكۇم - تالقان قىلىپ سورۇۋېتىدۇ،
20 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
فَيَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئورنىنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا فُتِحَتْ يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ وَهُمْ مِنْ كُلِّ حَدَبٍ يَنْسِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەجۇج ـ مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەجۇج ـ مەجۈج -توسمىسى- ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسما ئېچىلىپ، ھەر تۆپىلىكتىن ئېقىپ كەلگىلى باشلىغاندا
21 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَطْوِي السَّمَاءَ كَطَيِّ السِّجِلِّ لِلْكُتُبِ ۚ كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُعِيدُهُ ۚ وَعْدًا عَلَيْنَا ۚ إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) خەت يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئاسماننى - پۈتۈكچى- نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. بۇ بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، ئۇنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى بىز ئاسماننى كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرىنى تۈرىگەندەك تۈرىمىز. دەسلەپتە يوقتىن ياراتقىنىمىزدەك قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەدىمىزدۇر. بىز ۋەدىمىزنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا وَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ أَخْرَجْنَا لَهُمْ دَابَّةً مِنَ الْأَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ أَنَّ النَّاسَ كَانُوا بِآيَاتِنَا لَا يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئالدىنئالا ئېيتىلغان ھېلىقى سۆز ئىشقا ئاشقاندا، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتىلغان سۆز ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇلارغا زېمىندىن بىر جانلىق چىقىرىمىز. جانلىق ئۇلارغا، ئىنسانلارنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَارْتَقِبْ يَوْمَ تَأْتِي السَّمَاءُ بِدُخَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئاسمان ھەممە ئادەم ئوچۇق كۆرىدىغان تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاسمان ئاشكارا تۈتۈن كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَاءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَاءَتْهُمْ ذِكْرَاهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىلا - قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا - كۈتۈۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى. ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىگە قىيامەت كەلگەندە ۋەز - نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟
تۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَمُورُ السَّمَاءُ مَوْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ،
52 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَسِيرُ الْجِبَالُ سَيْرًا
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ يۈرۈپ كېتىدۇ.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
أَزِفَتِ الْآزِفَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت يېقىنلاشتى[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت يېقىنلاشتى
ئەنەس ئالىم: يېقىنلاشقۇچى يېقىنلاشتى.
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانْشَقَّ الْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى
ئەنەس ئالىم: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا انْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ وَرْدَةً كَالدِّهَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن) ئاسمان يېرىلغان چاغدا، ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسمان قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلىپ، گۈلدەك قىزارغان ۋە مايدەك ئېرىگەن چاغدا،
ۋاقىئە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت قايىم بولغان چاغدا[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت قايىم بولغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئەمەلگە ئاشقۇچى ئەمەلگە ئاشقان چاغدا1،
56 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِذَا رُجَّتِ الْأَرْضُ رَجًّا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن
ئەنەس ئالىم: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن،
56 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَبُسَّتِ الْجِبَالُ بَسًّا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار پارچىلىلانغان
ئەنەس ئالىم: تاغلار پارچىلىنىپ،
56 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَانَتْ هَبَاءً مُنْبَثًّا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە توزاندەك توزۇپ كەتكەن
ئەنەس ئالىم: چاڭ - توزان بولۇپ كەتكەن
ھاققە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَاقَّةُ
مۇھەممەد سالىھ: (بولۇشى ئېنىق) قىيامەت[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بولۇشى ئېنىق بولغان - قىيامەت
ئەنەس ئالىم: ھاققە1!
69 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْحَاقَّةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت نېمىدۇر؟[2]
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت نېمىدۇر؟
ئەنەس ئالىم: ھاققە نېمىدۇر؟
69 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحَاقَّةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: ھاققە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
69 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَحُمِلَتِ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةً وَاحِدَةً
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر ـ بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا[14]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتىرىلىپ بىر ـ بىرىگە ئۇرۇلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ۋە زېمىن بىلەن تاغلار كۆتىرىلىپ، ئىككىسى قاتتىق ئۇرۇلغان چاغدا،
69 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَانْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَهِيَ يَوْمَئِذٍ وَاهِيَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان قالايمىقانلىشىپ ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاسمان ئۇ كۈندە بوشىشىپ كېتىدۇ.
مائارىج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَكُونُ السَّمَاءُ كَالْمُهْلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئاسمان مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش بولىدۇ.
70 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار ئېرىتىلگەن رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ.
مۇزەممىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَرْجُفُ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ وَكَانَتِ الْجِبَالُ كَثِيبًا مَهِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە كۆچمە قۇمغا ئايلىنىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە تارقاق قۇمغا ئايلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ.
73 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
السَّمَاءُ مُنْفَطِرٌ بِهِ ۚ كَانَ وَعْدُهُ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈننىڭ (دەھشىتىدىن) ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن يېرىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
قىيامەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆزلەر تورلاشقان
ئەنەس ئالىم: كۆز قاماشقان،
75 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَسَفَ الْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن
ئەنەس ئالىم: ئاي تۇتۇلغان،
75 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: قۇياش بىلەن ئاي جەم قىلىنغان چاغدا،
مۇرسەلات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا النُّجُومُ طُمِسَتْ
مۇھەممەد سالىھ: يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن
ئەنەس ئالىم: يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن چاغدا،
77 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا السَّمَاءُ فُرِجَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلغان چاغدا[9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
77 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْجِبَالُ نُسِفَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا[10]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار تىتىلىپ ئۇچۇپ يۈرگەن
ئەنەس ئالىم: تاغلار سورۇلغان چاغدا،
نەبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَفُتِحَتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ أَبْوَابًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان ئېچىلىپ ئىشىكلەر ھالىتىگە كېلىدۇ،
78 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَسُيِّرَتِ الْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار يۈرۈتۈلۈپ سەراپ5 بولىدۇ.
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَتِ الطَّامَّةُ الْكُبْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كەلگەندە[34]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قاتتىق ئېغىرچىلىق (قىيامەت) كەلگەن كۈندە ئىنسان ياخشى-يامان قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بۈيۈك پالاكەت كەلگەن چاغدا،
تەكۋىر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: كۈن يۆگەلگەن چاغدا،
81 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: يۇلتۇزلار ئۆچكەن چاغدا،
81 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار گۇمران بولغان چاغدا[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا،
81 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ
مۇھەممەد سالىھ: بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئون ئايلىق بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
81 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
81 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: دېڭىزلار ئوتقا ئايلاندۇرۇلۇپ لاۋۇلدىتىلغان چاغدا،
81 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئاسمان سويۇپ ئېلىنغان چاغدا،
ئىنفىتار سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلغان چاغدا[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلغان چاغدا،
82 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا،
82 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: دېڭىزلار ئېتىلىپ چىقىرىلغان چاغدا،
ئىنىشقاق سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان يېرىلغان[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلغان
84 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا،
84 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن سوزۇلغان[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن سوزۇلغان
ئەنەس ئالىم: زېمىن سوزۇلغان،
84 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىنىپ قالغان
ئەنەس ئالىم: ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تېشىغا ئېتىپ قۇرۇقدالغان
84 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ۋە رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغان چاغدا1.
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا إِذَا دُكَّتِ الْأَرْضُ دَكًّا دَكًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى غاپىللار!) بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق قىلماڭلار! بۇنىڭدىن يېنىڭلار، زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق قىلماڭلار! زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا،
زەلزەلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
99 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە
ئەنەس ئالىم: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا،
99 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن يۈكلىرىنى چىقارغاندا
ئەنەس ئالىم: زېمىن ئۆزىنىڭ يۈكلىرىنى چىقارغان چاغدا،
قارىئە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
101 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْقَارِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت
ئەنەس ئالىم: قارىئە!1
101 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْقَارِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت نېمىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت نېمىدۇر؟
ئەنەس ئالىم: قارىئە نېمىدۇر؟
101 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْقَارِعَةُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: قارىئە نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
101 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ الْمَنْفُوشِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ.