ئىلاھىي ھۆكۈم
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئەجەلنىڭ پۈتۈلۈشى، ئايلار، ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىرى، ئۆلۈم، قىيامەت، ھېساب، مۇكاپات، جازا، سىناقلار قاتارلىق ئاللاھنىڭ ئالدىن بەلگىلگەن قانۇنىيەتلىرى
ئېنگلىزچىسى: Divine Decree
167 ئايەت
62 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەقدىر (ئىلاھىي ھۆكۈم) /
- 📄 ئىلاھىي ھۆكۈم
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تَمُوتَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ كِتَابًا مُؤَجَّلًا ۗ وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الْآخِرَةِ نُؤْتِهِ مِنْهَا ۚ وَسَنَجْزِي الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (يەنى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن. كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنىلا بېرىمىز؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز
ئەنەس ئالىم: ھېچكىم ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆلمەيدۇ. ھەر كىشىنىڭ ئەجىلى بەلگىلىنىپ يېزىلغاندۇر. كىمكى دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، كىمكى ئاخىرەت نېمىتىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىڭدىن بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز.
3 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُعَاسًا يَغْشَىٰ طَائِفَةً مِنْكُمْ ۖ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنْفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ ۖ يَقُولُونَ هَلْ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ مِنْ شَيْءٍ ۗ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ ۗ يُخْفُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ مَا لَا يُبْدُونَ لَكَ ۖ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَا قُتِلْنَا هَاهُنَا ۗ قُلْ لَوْ كُنْتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَىٰ مَضَاجِعِهِمْ ۖ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى). بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر»[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەر) مۈگدەپ قالدى، يەنە بىر قىسىملار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز غېمىدە قالدى، بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، ئاللاھقا قارىتا بەتگۇماندا بولدى، ئۇلار: «بىزگە ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بىز بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيۈڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغان جايىغا بارغان بولاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى تازىلاش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق بىر خاتىرجەملىك تۇيغۇسى چۈشۈرۈپ بەردىكى، ئىچىڭلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۈگدەك باستى. بىر قىسىم كىشىلەر بولسا جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى، ئاللاھ توغرىسىدا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى گۇمانلىرىغا ئوخشاش ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى ۋە: «بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بارمۇ؟» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «پۈتۈن ئىش ئاللاھقا ئائىتتۇر». ئۇلار ساڭا ئوچۇق دېمىگەن نەرسىلىرىنى ئىچىدە ساقلايدۇ ۋە ئۆزئارا: «ئەگەر بۇ ئىشتىن بىزگە بىرەر نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتۇق» دېيىشىدۇ26. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان بولساڭلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشى يېزىلغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقاتتى. ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكىنى پاكلاش ئۈچۈن بۇلارنى بېشىڭلارغا كەلتۈردى. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر».
3 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ كَفَرُوا وَقَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ إِذَا ضَرَبُوا فِي الْأَرْضِ أَوْ كَانُوا غُزًّى لَوْ كَانُوا عِنْدَنَا مَا مَاتُوا وَمَا قُتِلُوا لِيَجْعَلَ اللَّهُ ذَٰلِكَ حَسْرَةً فِي قُلُوبِهِمْ ۗ وَاللَّهُ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، دېگەن كاپىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار، ئاللاھ بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ). ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى جىھادقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە، ئۇلار يېنىمىزدا بولغانبولسا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى، ديىشكەن كافىرلارنى دورىماڭلار، ئاللاھ بۇ خىياللارنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت بولسۇن ئۈچۈن سالىدۇ. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياكى غازاتلاردا ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق: «ئۇلار يېنىمىزدا بولسا ئىدى، ئۆلمەيتتى ھەم ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كافىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئاللاھ بۇ چۈشەنچىنى ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى بىئارام قىلىدىغان ھەسرەتكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 168 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ قَالُوا لِإِخْوَانِهِمْ وَقَعَدُوا لَوْ أَطَاعُونَا مَا قُتِلُوا ۗ قُلْ فَادْرَءُوا عَنْ أَنْفُسِكُمُ الْمَوْتَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ يەنە ئاللاھنىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا)، ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار، ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»[168].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مۇناپىقلار ئۇرۇشقا چىقماي ئولتۇرۇپ (ئۇرۇشتا ئۆلگەن) قېرىنداشلىرى ھەققىدە: «ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ گېپىمىزگە كىرگەن (يەنى ئۇرۇشقا چىقمىغان) بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن توسۇپ بېقىڭلارچۇ، قېنى!»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىپ كەتكەن قېرىنداشلىرى توغرىسىدا: «ئۇلار بىزنىڭ پىكرىمىز بويىچە ئىش قىلغان بولسا ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۆلۈمنى ئۆزۈڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار!».
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ آمِنُوا بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَطْمِسَ وُجُوهًا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰ أَدْبَارِهَا أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّا أَصْحَابَ السَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن) ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى ئاللاھ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن ئىلگىرى ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، بىز نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلدىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن
ئەنەس ئالىم: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. بۇنى بىز بىر تۈركۈم يۈزلەرنى ئۆچۈرۈپ تۈپتۈز قىلىپ ئارقىلىرىغا قايتۇرۇۋېتىشتىن ياكى بىز ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغىنىمىزدەك لەنەت قىلىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇچىدۇر.
4 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِكْكُمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنْتُمْ فِي بُرُوجٍ مُشَيَّدَةٍ ۗ وَإِنْ تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِكَ ۚ قُلْ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ فَمَالِ هَٰؤُلَاءِ الْقَوْمِ لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولساڭلار، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر». بۇ قەۋم نېمىشقا ھېچبىر سۆزنى چۈشەنمەيمۇ دېمەيدىغاندۇ؟
ئەنەس ئالىم: قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم سېلىنغان يۈكسەك قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيدۇ، ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر يامانلىق يەتسە: «بۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن»36. ئۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ھېچبىر سۆزنى چۈشىنىشكە يېقىنلاشمايۋاتىدۇ!
4 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ۖ وَمَا أَصَابَكَ مِنْ سَيِّئَةٍ فَمِنْ نَفْسِكَ ۚ وَأَرْسَلْنَاكَ لِلنَّاسِ رَسُولًا ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (مۇ قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز (پۈتۈن) ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) شاھىتلىققا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ئۆزۈڭنىڭ شۇملۇقىدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ بۇنىڭغا يېتەرلىك شاھىتتۇر
ئەنەس ئالىم: ساڭا قانداق ياخشىلىق يەتسە ئاللاھتىندۇر. ساڭا قانداق يامانلىق يەتسە ئۆزۈڭدىندۇر37. بىز سېنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّهَا مُحَرَّمَةٌ عَلَيْهِمْ ۛ أَرْبَعِينَ سَنَةً ۛ يَتِيهُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ دېدى: « ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ . پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن»(ئىزاھات: مۇسا ئەلەيھسىسالامنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلدى، ئۇلارنى زېمىندا 40 يىل ئاداشتۇردى.)[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ دېدى: «(ئى مۇسا!) ئۇلارنىڭ مۇقەددەس زېمىنغا كىرىشى 40 يىلغىچە چەكلەندى، بۇ جەرياندا ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ*[1]. پاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرما»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ مۇقەددەس زېمىن بۇلارغا قىرىق يىل ھارام قىلىندى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرىدۇ. سەن ئۇ فاسىق قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن».
ئەنئام سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ طِينٍ ثُمَّ قَضَىٰ أَجَلًا ۖ وَأَجَلٌ مُسَمًّى عِنْدَهُ ۖ ثُمَّ أَنْتُمْ تَمْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر ـ ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر. مۇشۇ باياندىن كېيىنمۇ سىلەر ـ ئى كافىرلار! (تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى لايدىن ياراتتى، ئاندىن كېيىن ئەجەل بېكىتتى. بەلگىلەنگەن باشقا بىر ئەجەل ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر1. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر شۈبھىلىنىۋاتىسىلەر.
6 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُمْ بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَىٰ أَجَلٌ مُسَمًّى ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى (ئۆلۈككە ئوخشاش) ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقۇچە كۈندۈزدە سىلەرنى (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەندەك) ئويغىتىدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ توشۇشى ئۈچۈن كۈندۈزدە روھىڭلارنى ئەۋەتىپ سىلەرنى ئويغىتىدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ5.
6 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
لِكُلِّ نَبَإٍ مُسْتَقَرٌّ ۚ وَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ھەر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار. يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر6.
6 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعْضَ الظَّالِمِينَ بَعْضًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سېلىپ قويىمىز[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنى بىر-بىرىگە يېقىن قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز زالىملارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىر - بىرىگە ئاشۇنداق ۋەلىي قىلىمىز.
6 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَآتٍ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم كېلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
ئەئراف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: ‹‹ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ساڭا چوقۇم مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن» دېدى.
7 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، (ھالاك بولىدىغان) ۋاقتى يەتكەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ)[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن سۈرۈلمەيدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ.
7 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ طَائِفَةٌ مِنْكُمْ آمَنُوا بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ وَطَائِفَةٌ لَمْ يُؤْمِنُوا فَاصْبِرُوا حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ بَيْنَنَا ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغىچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ مېنىڭ ئەلچىلىكىمگە ئىشىنىپ يەنە بىر گۇرۇھ ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ ئارىمىزدا ھۆكۈم قىلغانغا قەدەر سەۋر قىلىڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر».
7 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ يَسُومُهُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ ۖ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا قىيامەتكىچە ئۇلارنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارغا يامان ئازابنى تېتىتىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
7 : 183 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر[183].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَنْتُمْ بِالْعُدْوَةِ الدُّنْيَا وَهُمْ بِالْعُدْوَةِ الْقُصْوَىٰ وَالرَّكْبُ أَسْفَلَ مِنْكُمْ ۚ وَلَوْ تَوَاعَدْتُمْ لَاخْتَلَفْتُمْ فِي الْمِيعَادِ ۙ وَلَٰكِنْ لِيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا لِيَهْلِكَ مَنْ هَلَكَ عَنْ بَيِّنَةٍ وَيَحْيَىٰ مَنْ حَيَّ عَنْ بَيِّنَةٍ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدرىدە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)، ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، مۇشرىكلار قوشۇنى ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. ئەگەر سىلەر (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشقا) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ قويغان بولاتتىڭلار. لېكىن، ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن (سىلەرنى ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەلۋەتتە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى سىلەر ۋادىنىڭ مەدىنىگە يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار يىراق تەرىپىدە ئىدى، سودا كارۋىنى بولسا، تۆۋەن تەرىپىڭلاردا ئىدى. ئەگەر ۋەدىلەشكەن بولساڭلارمۇ، ئۇلار بىلەن بۇ شەكىلدە ئۇچرىشالمايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى مۇشۇنداق ئۇچراشتۇردى. بۇ ھالاك بولغان كىشىنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھالاك بولۇشى، ھاياتتا قالغان كىشىنىڭمۇ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھاياتتا قېلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
8 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا كِتَابٌ مِنَ اللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ (ئوچۇق چەكلەنمىگەن ئىشنى قىلغانلارنى جازالىماسلىق دېگەن) ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى، (ئەسىرلەردىن) فىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكمى بولمىغان بوسا ئىدى، فىديە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِنْدَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ ۚ فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْ ۚ وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار، مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىدە بولۇڭلار)[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ئون ئىككىدۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر، بۇ ئايلاردا ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. مۇشرىكلار سىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئايلارنىڭ سانى، ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان كۈندىكى ھۆكمىگە ئاساسەن ئون ئىككى ئايدۇر. بۇلاردىن تۆتى ھارام ئايلاردۇر1. مانا بۇ توغرا دىندۇر. ئۇنداقتا ئۇ ئايلاردا ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار2. مۇشرىكلار سىلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقاندەك، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشۇڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.
9 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَنْ يُصِيبَنَا إِلَّا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَنَا هُوَ مَوْلَانَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىنلار ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «بېشىمىزغا پەقەت ئاللاھ بىز ئۈچۈن يازغان نەرسىلا كېلىدۇ. ئاللاھ بىزنىڭ ئىگىمىزدۇر. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن».
يۇنۇس سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ يُعَجِّلُ اللَّهُ لِلنَّاسِ الشَّرَّ اسْتِعْجَالَهُمْ بِالْخَيْرِ لَقُضِيَ إِلَيْهِمْ أَجَلُهُمْ ۖ فَنَذَرُ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارغا ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى. بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز[
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارغا يامانلىقنى، ئۇلار ياخشىلىقنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغاندەك تېز كەلتۈرسە ئىدى، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەجەللىرى توشقان بولاتتى. لېكىن بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى بىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
10 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ النَّاسُ إِلَّا أُمَّةً وَاحِدَةً فَاخْتَلَفُوا ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ فِيمَا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار (ئەسلىدە) بىر دىن (يەنى ھەق دىن) دا ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى دىنلار كۆپەيدى). پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى (يەنى جازالاشنى قىيامەتكە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت تەقدىرى) بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا جازا بېرىلەتتى)[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلار ئەسلىدە بىرلا ئۇممەت ئىدى. كېيىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭنىڭ ئالدىنئالا ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلاتتى
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار ئەسلىدە پەقەت بىرلا ئۇممەت ئىدى، كېيىن ئىختىلاپ قىلىشتى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى.
10 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ فَسَقُوا أَنَّهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە) ئىمان ئېيتمايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقانلار توغرىسىدىكى ھۆكمى ھەقلىق بولدى؛ ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ فاسىق بولغانلار ھەققىدىكى: «ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ» دېگەن سۆزى ئەنە شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
10 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۚ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولىدىغان مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ».
ھۇد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَنْفَعُكُمْ نُصْحِي إِنْ أَرَدْتُ أَنْ أَنْصَحَ لَكُمْ إِنْ كَانَ اللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يُغْوِيَكُمْ ۚ هُوَ رَبُّكُمْ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھتىمنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولسا، مېنىڭ نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرىلىسىلەر».
11 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَآوِي إِلَىٰ جَبَلٍ يَعْصِمُنِي مِنَ الْمَاءِ ۚ قَالَ لَا عَاصِمَ الْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ إِلَّا مَنْ رَحِمَ ۚ وَحَالَ بَيْنَهُمَا الْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ الْمُغْرَقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مېنى سۇدىن ساقلايدىغان بىر تاغقا چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا دولقۇن كىردى - دە، ئۇ غەرق قىلىنغۇچىلاردىن بولدى.
11 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
يَا إِبْرَاهِيمُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۖ إِنَّهُ قَدْ جَاءَ أَمْرُ رَبِّكَ ۖ وَإِنَّهُمْ آتِيهِمْ عَذَابٌ غَيْرُ مَرْدُودٍ
مۇھەممەد سالىھ: (پەرىشتىلەر ئېيتتى) «ئى ئىبراھىم! بۇنى (يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى) قويغىن، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى) ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم (مۇنازىرىلىشىش ياكى شاپائەت قىلىش بىلەن) قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ»[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پەرىشتىلەر ئېيتتى- :«ئى ئىبراھىم! بۇنى -يەنى لۇت قەۋمى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشنى- قويغىن، شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان چۈشتى، ئۇلارغا چوقۇم قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئازاب چۈشىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلىرىمىز: «ئى ئىبراھىم! مۇنازىرىلىشىشنى قويغىن. شۈبھىسىزكى، رەببىڭنىڭ ئەمرى كەلدى، ئۇلارغا قايتۇرۇلمايدىغان ئازاب كەلمەكتە» دېدى.
11 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُؤَخِّرُهُ إِلَّا لِأَجَلٍ مَعْدُودٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى (يەنى قىيامەت كۈنىنى) بىز مۇئەييەن مۇددەتكىچە تەخىر قىلىمىز[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قىيامەتنى مۇئەييەن مۇددەتكىچىلا تەخىر قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ كۈننى پەقەت مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىمىز.
11 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَنْ رَحِمَ رَبُّكَ ۚ وَلِذَٰلِكَ خَلَقَهُمْ ۗ وَتَمَّتْ كَلِمَةُ رَبِّكَ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈن ئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، ئۇلار(دىن توغرىسىدا) داۋاملىق ئوخشىمىغان پىكىردىدۇر، پەقەت پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۇڭا ئاللاھ ئۇلارنى (ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش تەبىئىتىدە) ياراتتى. پەرۋەردىگارىڭنىڭ: «مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى[118 ـ 119].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت رەببىڭنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى شۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى. رەببىڭنىڭ: «مەن چوقۇم پۈتۈن جىنلار ۋە ئىنسانلار بىلەن دوزاخنى توشقۇزىمەن» دېگەن سۆزى ئېنىق بەلگىلەندى
ئەنەس ئالىم: پەقەت رەببىڭ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەر مۇستەسنا. ئۇ ئىنسانلارنى بۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى. رەببىڭنىڭ: «شۈبھىسىزكى، مەن جەھەننەمنى تامامەن جىن ۋە ئىنسانلار بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزى تولۇق ئەمەلگە ئاشقان بولدى.
يۈسۈف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي اشْتَرَاهُ مِنْ مِصْرَ لِامْرَأَتِهِ أَكْرِمِي مَثْوَاهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك (يەنى يۈسۈفنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزغىنىمىزدەك) يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ (خالىغان) ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك يۈسۈفنى - مىسىر- زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ خالىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى ئۇقمايدۇ[
ئەنەس ئالىم: ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى قەدىرلىگىن، ئوبدان باققىن! كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقاتار ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. بىز يۇسۇفنى ئۇ يەرگە ئەنە شۇنداق يەرلەشتۈردۇق. ئۇنىڭغا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگەتتۇق. ئاللاھ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم غالىبتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
12 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ يَتَبَوَّأُ مِنْهَا حَيْثُ يَشَاءُ ۚ نُصِيبُ بِرَحْمَتِنَا مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز يۈسۈفنى (مىسىر) زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان (مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغان) قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، خالىغان بەندىلىرىمىزنى رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز يۈسۈفنى -مىسىر- زېمىنىدا خالىغان جايدا تۇرىدىغان قىلىپ يەرلەشتۈردۇق، رەھمىتىمىزنى خالىغان بەندىلىرىمىزگە ئېرىشتۈرىمىز، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى7. بىز رەھمىتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز.
12 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ يَا بَنِيَّ لَا تَدْخُلُوا مِنْ بَابٍ وَاحِدٍ وَادْخُلُوا مِنْ أَبْوَابٍ مُتَفَرِّقَةٍ ۖ وَمَا أُغْنِي عَنْكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَعَلَيْهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ يەنە) «ئى ئوغۇللىرىم! (مىسىرغا) ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا- باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! - مىسىرغا- ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. ئاللاھنىڭ قازاسى ئالدىدا مەن سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن، ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلا خاس، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەنە: «ئى ئوغۇللىرىم! شەھەرگە ھەممىڭلار بىر دەرۋازىدىن كىرمەي، باشقا - باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىڭلار. مەن ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچ نەرسىنى سىلەردىن دەپئى قىلالمايمەن. ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر8. مەن ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى.
12 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَدَأَ بِأَوْعِيَتِهِمْ قَبْلَ وِعَاءِ أَخِيهِ ثُمَّ اسْتَخْرَجَهَا مِنْ وِعَاءِ أَخِيهِ ۚ كَذَٰلِكَ كِدْنَا لِيُوسُفَ ۖ مَا كَانَ لِيَأْخُذَ أَخَاهُ فِي دِينِ الْمَلِكِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ وَفَوْقَ كُلِّ ذِي عِلْمٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، (مىسىر) پادىشاھىنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى (يۈسۈفنى كۆتۈرگەندەك) يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن يۈسۈفنىڭ ئۇكىسىنىڭ يۈكىدىن قەدەھنى تېپىپ چىقتى. بىز يۈسۈفكە مۇشۇ تەدبىرنى كۆرسەتتۇق، پادىشاھنىڭ قانۇنى بويىچە يۈسۈف ئۇكىسىنى ئېلىپ قالالمايتى، لېكىن ئاللاھ ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىنى خالىدى، بىز خالىغان ئادەمنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز، ھەربىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن يۇسۇف قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن ئىلگىرى، ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى، ئاخىرىدا قاچىنى قېرىندىشىنىڭ يۈكىدىن تېپىپ چىقاردى. بىز يۇسۇفكە ئەنە شۇنداق پىلان كۆرسەتتۇق. ئاللاھ مۇشۇنداق خالىمىسا ئىدى، يۇسۇف قېرىندىشىنى پادىشاھنىڭ دىنى بويىچە ئېلىپ قالالمايتتى10. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. ھەر بىلىمدارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ ئوبدان بىلىدىغان بىرى بار.
رەئد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بويسۇندۇردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى رەببىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈردى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى، قۇياشنى ۋە ئاينى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلايدۇ، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بۇلارنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغانلىقىڭلارغا جەزمەن ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ.
13 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُ مُعَقِّبَاتٌ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوْمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ ۗ وَإِذَا أَرَادَ اللَّهُ بِقَوْمٍ سُوءًا فَلَا مَرَدَّ لَهُ ۚ وَمَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىشىنىڭ ئالدى - كەينىدە نۆۋەتلىشىپ تۇرغۇچىلار بار. ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدۇ5. ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ بىرەر قەۋمگە يامانلىق ئىرادە قىلسا ئۇنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر قوغدىغۇچىسى يوقتۇر.
13 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ وَجَعَلْنَا لَهُمْ أَزْوَاجًا وَذُرِّيَّةً ۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ئەجەلنىڭ بىر ھۆكمى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغىمۇ خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق. ھېچبىر ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئايەت كەلتۈرەلمەيتتى. ھەر ئەجەلنىڭ كىتابى بار13.
13 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ وَاللَّهُ يَحْكُمُ لَا مُعَقِّبَ لِحُكْمِهِ ۚ وَهُوَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىز (يەنى كۇففارلارنىڭ زېمىنىنى قەدەممۇ قەدەم پەتھى قىلىپ، ئىسلام يۇرتىغا قوشۇۋاتقانلىقىمىز) نى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ (خالىغانچە) ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يېرىنى چۆرىسىدىن تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىشى قارشى تۇرالمايدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنىڭ زېمىننى ئەتراپىدىن كېمەيتىپ تۇرغانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر.
13 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ مَكَرَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَلِلَّهِ الْمَكْرُ جَمِيعًا ۖ يَعْلَمُ مَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ ۗ وَسَيَعْلَمُ الْكُفَّارُ لِمَنْ عُقْبَى الدَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى قۇرەيش كاپىرلىرى) دىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. (ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان) يوشۇرۇن تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان (ياخشى- يامان) ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار (ئازابنى كۆرگەندە) كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ - پەيغەمبەرلىرىگە- ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى. -ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلىدىغان- تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلگىدىدۇر، ئاللاھ ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كاپىرلار پات-يېقىندا كىمنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ھىيلە - مىكىر قىلىشقان ئىدى. ئاللاھ پۈتۈن ھىيلە - مىكىرلەرنى بەربات قىلغۇچىدۇر14 . ئاللاھ ھەر كىشىنىڭ قىلمىشىنى بىلىدۇ. كافىرلار يېقىندا، ئاخىرەتتىكى ياخشى ئاقىۋەتكە كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ قَالُوا إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا تُرِيدُونَ أَنْ تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) چاقىرىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ ھەققىدە شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى ئىمانغا دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى جازالاشنى مەلۇم مۇددەتكىچە تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر، بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلغان نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتىسلەر. بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دېدى.
14 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدْتُكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ ۖ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي ۖ فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنْفُسَكُمْ ۖ مَا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ ۖ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِنْ قَبْلُ ۗ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىش پۈتكەندە، شەيتان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى. مەن سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت گۇمراھلىققا دەۋەت قىلدىم، سىلەر دەۋىتىمنى قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندا شەيتان ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدىنى ۋەدە قىلدى. مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلدىم، لېكىن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم. سىلەرنى زورلغىنىم يوق. مەن سىلەرنى پەقەت چاقىردىم، سىلەر چاقىرىقىمنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار! مەنمۇ سىلەرنىڭ دادىڭلارغا يېتەلمەيمەن، سىلەرمۇ مېنىڭ دادىمغا يېتەلمەيسىلەر! مەن سىلەرنىڭ ئىلگىرى مېنى ئاللاھقا شىرىك قىلىشىڭلارنىمۇ قوبۇل قىلمىغان ئىدىم». شۈبھىسىزكى، زالىملار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
14 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ مَكَرُوا مَكْرَهُمْ وَعِنْدَ اللَّهِ مَكْرُهُمْ وَإِنْ كَانَ مَكْرُهُمْ لِتَزُولَ مِنْهُ الْجِبَالُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۆمىنلەرگە) مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ مىكرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك (چوڭ) بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن مىكىر ئىشلەتتى. ئۇلارنىڭ مىكرى تاغنى ئۆرۈۋەتكۈدەك بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ھەقىقەتەن ھىيلە - مىكىر قىلدى. ئۇلارنىڭ ھىيل - مىكرى تاغلارنى ئۆرۈۋەتكۈدەك بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ جازاسى بار.
ھىجىر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٌ مَعْلُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: بىز ھالاك قىلغان ھەر يۇرتنىڭ ئەلۋەتتە بەلگىلەنگەن ھۆكۈمنامىسى بار.
15 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَأْخِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر ئۇممەت ئەجىلىنى ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ.
15 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا عِنْدَنَا خَزَائِنُهُ وَمَا نُنَزِّلُهُ إِلَّا بِقَدَرٍ مَعْلُومٍ
مۇھەممەد سالىھ: قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىلىرى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدىدۇر. لېكىن بىز ئۇنى مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز.
15 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا امْرَأَتَهُ قَدَّرْنَا ۙ إِنَّهَا لَمِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق»
ئەنەس ئالىم: لېكىن لۇتنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇشىنى قارار قىلدۇق».
15 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَضَيْنَا إِلَيْهِ ذَٰلِكَ الْأَمْرَ أَنَّ دَابِرَ هَٰؤُلَاءِ مَقْطُوعٌ مُصْبِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەھەردە بۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز لۇتقا شۇ قەتئىي بۇيرۇقنى ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇلار ئەتىگەنگە ئۇلاشقاندا يىلتىزى قۇرۇتىلىدۇ!».
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَتَىٰ أَمْرُ اللَّهِ فَلَا تَسْتَعْجِلُوهُ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلدى، ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلماڭلار. ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
16 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِظُلْمِهِمْ مَا تَرَكَ عَلَيْهَا مِنْ دَابَّةٍ وَلَٰكِنْ يُؤَخِّرُهُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن (چاپسان) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى (جازالاشنى) مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە قىلچىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، قىلچىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن چاپسان جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلگەندە قىلچە ۋاقىتمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ۋاقتى كەلمىسە قىلچە ۋاقىتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جازالاندۇرىدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىلى كەلگەندە، ئۇلار ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ أُولَاهُمَا بَعَثْنَا عَلَيْكُمْ عِبَادًا لَنَا أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ فَجَاسُوا خِلَالَ الدِّيَارِ ۚ وَكَانَ وَعْدًا مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازاسى) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، (سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، (ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. (سىلەرگە دۈشمەننى مۇسەللەت قىلىش) چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، ناھايىتى جەسۇر بەندىلىرىمىزنى ئۈستۈڭلارغا ئەۋەتتۇق. بۇلار قورۇ - جايلىرىڭلارنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ئاختۇرۇپ سىلەرنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتى. بۇ ئىجرا قىلىنىشقا تېگىشلىك ۋەدە ئىدى.
17 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلَّ إِنْسَانٍ أَلْزَمْنَاهُ طَائِرَهُ فِي عُنُقِهِ ۖ وَنُخْرِجُ لَهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ كِتَابًا يَلْقَاهُ مَنْشُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلىدۇق. بىز قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئوچۇق بىر كىتاب چىقىرىمىز.
17 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَرَدْنَا أَنْ نُهْلِكَ قَرْيَةً أَمَرْنَا مُتْرَفِيهَا فَفَسَقُوا فِيهَا فَحَقَّ عَلَيْهَا الْقَوْلُ فَدَمَّرْنَاهَا تَدْمِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى (بىزگە ئىتائەت قىلىشقا) بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر شەھەر - ئاھالىسى-نى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭدىكى دۆلەتمەن ئادەملەرنى بىزگە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇيمىز، ئۇلار ئىتائەت قىلماي، پىسقى ـ پاسات قىلىدۇ ـ دە، ئۇلارغا ئازابىمىز تېگىشلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قورقۇنچلۇق رەۋىشتە ھالاك قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز بىرەر يۇرتنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرىگە ئەمر بېرىمىز، ئۇلار ئۇ يۇرتتا فاسىقلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇرت ھالاك بولۇشقا لايىق بولىدۇ. ئاندىن بىز ئۇ يۇرتنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز.
17 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا نَحْنُ مُهْلِكُوهَا قَبْلَ يَوْمِ الْقِيَامَةِ أَوْ مُعَذِّبُوهَا عَذَابًا شَدِيدًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان) ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەن (ھۆكۈم) دۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرقانداق بىر شەھەر بولمىسۇن، ئۇنى بىز قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ھالاك قىلىمىز، ياكى ئۇنى قاتتىق ئازابلايمىز، بۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا پۈتۈلۈپ كەتكەندۇر
ئەنەس ئالىم: قانچىلىك يۇرت بولسا، بىز ھەممىسىنى قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى يا ھالاك قىلىمىز ياكى قاتتىق ئازابلايمىز. بۇ كىتابتا يېزىلغاندۇر.
17 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
سُنَّةَ مَنْ قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنْ رُسُلِنَا ۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ بىزنىڭ) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز ھەققىدە تۇتقان يولىمىزدۇر (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقارغان ھەرقانداق ئۈممەتنى ھالاك قىلىش ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە تۇتقان يولىدۇر)، تۇتقان يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، سەندىن ئىلگىرى بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ يولىدۇر، بىزنىڭ يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: بۇ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۈچۈن ئادەت بولۇپ كەلگەن قانۇندۇر. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن.
كەھف سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّا لَجَاعِلُونَ مَا عَلَيْهَا صَعِيدًا جُرُزًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى (دەل ـ دەرەخ، تاغ ۋە بىنا قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى قۇپقۇرۇق تۇپراق قىلىۋېتىمىز.
18 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَضَرَبْنَا عَلَىٰ آذَانِهِمْ فِي الْكَهْفِ سِنِينَ عَدَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېتىۋەتتۇق2. ئۇلار يىللارچە مۇشۇنداق قالدى.
18 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ كِتَابِ رَبِّكَ ۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ وَلَنْ تَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن بۆلەك ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىنى تىلاۋەت قىلغىن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سەن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ باشپاناھ تاپالمايسەن.
18 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ الْغَفُورُ ذُو الرَّحْمَةِ ۖ لَوْ يُؤَاخِذُهُمْ بِمَا كَسَبُوا لَعَجَّلَ لَهُمُ الْعَذَابَ ۚ بَلْ لَهُمْ مَوْعِدٌ لَنْ يَجِدُوا مِنْ دُونِهِ مَوْئِلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، (ئۇ ۋاقىت كەلگەندە) ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناھگاھ تاپالمايدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، -ئۇ ۋاقىت كەلگەندە- ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناگاھ تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. ئەگەر رەببىڭ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىسا ئىدى، ئۇلارغا ئازابنى دەرھال ئەۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بار. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
18 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ الْقُرَىٰ أَهْلَكْنَاهُمْ لَمَّا ظَلَمُوا وَجَعَلْنَا لِمَهْلِكِهِمْ مَوْعِدًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى (يەنى ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئوخشاش ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنى زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت بەلگىلىگەن ئىدۇق.
18 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا بَلَغَا مَجْمَعَ بَيْنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَاتَّخَذَ سَبِيلَهُ فِي الْبَحْرِ سَرَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتتى[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مېڭىپ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسى بىرلەشكەن جايغا يېتىپ بارغاندا بېلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بېلىق بولسا دېڭىزغا چۈشۈپ، ماڭغان يولىنى تۆشۈك ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
18 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّا السَّفِينَةُ فَكَانَتْ لِمَسَاكِينَ يَعْمَلُونَ فِي الْبَحْرِ فَأَرَدْتُ أَنْ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَاءَهُمْ مَلِكٌ يَأْخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصْبًا
مۇھەممەد سالىھ: كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيبناك قىلماقچى بولدۇم، (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (يەنى بارىدىغان يوللىرىدا) ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن (زورلۇق بىلەن) تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيىبناك قىلماقچى بولدۇم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يوللىرىدا ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: «ئۇ كېمە بولسا دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوياي دەپ تېشىۋەتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە ھەر ساق كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.
مەريەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ ۖ وَلِنَجْعَلَهُ آيَةً لِلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًا مَقْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، لېكىن رەببىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»
ئەنەس ئالىم: روھىمىز: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. بىز ئۇنى ئىنسانلارغا قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت قىلىمىز. بۇ قارار قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» دېدى3.
19 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مِنْكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًا مَقْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ رەببىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئۇ يەرگە بارمايدىغان ھېچكىم يوقتۇر. بۇ رەببىڭ قارار قىلىپ بولغان ھۆكۈمدۇر.
19 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضْعَفُ جُنْدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولغانلارغا رەھمان قانچىلىك مۆھلەت بەرسە بەرسۇن، ئۇلار ئاخىرى ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىنى - ئازابنى ياكى قىيامەتنى - كۆرگەن چاغلىرىدا، كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان ۋە قوشۇنى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ».
19 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن. بىز ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى ساناۋاتىمىز.
تاھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَمْشِي أُخْتُكَ فَتَقُولُ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ مَنْ يَكْفُلُهُ ۖ فَرَجَعْنَاكَ إِلَىٰ أُمِّكَ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ ۚ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّيْنَاكَ مِنَ الْغَمِّ وَفَتَنَّاكَ فُتُونًا ۚ فَلَبِثْتَ سِنِينَ فِي أَهْلِ مَدْيَنَ ثُمَّ جِئْتَ عَلَىٰ قَدَرٍ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ -پىر ئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە- بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن بۇ يەرگە كەلدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ئىز - دېرىكىڭنى ئېلىشقا چىققان ھەمشىرەڭ، دەريادىن سېنى ئالغانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹سىلەرگە، بۇ بالىنى ئوبدان باقىدىغان بىرىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟› دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئاناڭنى خۇش بولسۇن ۋە قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىڭ، بىز سېنى ئۇ ۋەقەنىڭ غېمىدىن قۇتقۇزدۇق ۋە سېنى نۇرغۇن قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدۇق، مەديەن خەلقى ئىچىدە بىرقانچە يىل تۇردۇڭ. ئاندىن بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدىڭ.
20 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَعْجَلَكَ عَنْ قَوْمِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى مۇسا! ئالدىراپ - تۇرسىناغا- قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! نېمىشقا قەۋمىڭدىن ئايرىلىپ ئالدىراپ كەلدىڭ؟» دېدى.
20 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَكَانَ لِزَامًا وَأَجَلٌ مُسَمًّى
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە) قىلىۋەتكەن ھۆكمى ۋە ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ۋاقتى بولمىسا ئىدى، ئۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى) چوقۇم ئىدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر رەببىڭنىڭ قىلىۋەتكەن ھۆكمى ۋە ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ۋاقتى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى چوقۇم ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر رەببىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆز ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بولمىسا ئىدى، ئۇلارمۇ دەرھال ھالاك قىلىناتتى.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ أَدْرِي لَعَلَّهُ فِتْنَةٌ لَكُمْ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەسمەنكى، ئۇ (يەنى سىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ كېچىكىشى) سىلەر ئۈچۈن سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولۇشى مۇمكىن»[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە مەن بىلمەيمەنكى بەلكى ئۇ، سىلەر ئۈچۈن بىر سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولۇشى مۇمكىن»
ئەنەس ئالىم: بىلمەيمەن، بەلكى ئۇ ئازابنىڭ كېچىكىشى سىلەرنى سىناش ۋە بىر مۇددەتكىچە بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَأْخِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قانداق ئۈممەت ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچبىر ئۈممەت ئەجىلىنى ئالدىغا ئالالمىغاندەك، كېچىكتۈرەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ھېچقانداق ئۇممەت ئۆز ئەجىلىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ، كېچىكىپمۇ قالمايدۇ.
23 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءَهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَنْ ذِكْرِهِمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز ـ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز ـ نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ھەقىقەت - قۇرئان- ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى كىشىلەر خاراب بولغان بولاتتى، ئەكسىچە بىز ئۇلارغا ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شان-شەرىپىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ھەق ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا بويسۇنسا ئىدى، ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەخلۇقاتلار بۇزۇلۇپ كېتەتتى. ئەسلىدە بىز بۇ كىتابنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ زىكرىنى ئاتا قىلدۇق، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە6.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا مَكْرًا وَمَكَرْنَا مَكْرًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن)سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۇيىقەست پىلانلىدى. بىز ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدۇق ھالبۇكى ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر پىلان تۈزدى. بىزمۇ بىر پىلان تۈزۈپ ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئۇلار تۇيماي قالدى.
قەسەس سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُمَكِّنَ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَنُرِيَ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَجُنُودَهُمَا مِنْهُمْ مَا كَانُوا يَحْذَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگە قىلماقچىمىز، بىز پىرئەۋنگە، (ۋەزىرى) ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا ئۇلار (يەنى بوزەك قىلىنغانلار) دىن قورقىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىمىز[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە ئۇلارنى ئۇ مەملىكەتتە ھاكىمىيەت ئىگىسى قىلىشنى، فىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ قوشۇنلىرىغا ئۇلاردىن قورققان نەرسىلىرىنى كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلاتتۇق.
28 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّ مُوسَىٰ أَنْ أَرْضِعِيهِ ۖ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِي الْيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحْزَنِي ۖ إِنَّا رَادُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى دەرياغا تاشلىغىن، قورقمىغىن ۋە قايغۇرمىغىن، چۈنكى بىز ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانىڭ ئانىسىغا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇنى ئېمىتكىن. ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق كېلىشتىن قورقساڭ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغىن، قورقمىغىن، قايغۇرمىغىن. بىز ئۇنى چوقۇم ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئۇنى چوقۇم ئەلچىلىرىمىزدىن قىلىمىز».
28 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ امْرَأَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَيْنٍ لِي وَلَكَ ۖ لَا تَقْتُلُوهُ عَسَىٰ أَنْ يَنْفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆز نۇرى (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ ئايالى: «-بۇ بالا- ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار -ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى- ئۇقمايتتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ ئايالى: «بۇ ماڭىمۇ، ساڭىمۇ خۇشاللىق مەنبەسى بولىدىغان ئوماق بىر بالا! ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، كەلگۈسىدە بىزگە ئەسقېتىشى مۇمكىن ياكى ئۇنى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن خاتا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى تۇيمايتتى.
28 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَدَدْنَاهُ إِلَىٰ أُمِّهِ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَلِتَعْلَمَ أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسالارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسانى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردۇق. بىز بۇنى مۇسانىڭ ئانىسىنى خۇشال بولسۇن، قايغۇرمىسۇن ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دەپ قىلدۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
28 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَٰكِنَّا أَنْشَأْنَا قُرُونًا فَتَطَاوَلَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۚ وَمَا كُنْتَ ثَاوِيًا فِي أَهْلِ مَدْيَنَ تَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكۈچىلەرمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەر ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتتى. سېنىڭ مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە ياشاپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلغىنىڭ يوق. لېكىن سېنى بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
28 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِي فَرَضَ عَلَيْكَ الْقُرْآنَ لَرَادُّكَ إِلَىٰ مَعَادٍ ۚ قُلْ رَبِّي أَعْلَمُ مَنْ جَاءَ بِالْهُدَىٰ وَمَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا قۇرئاننى (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە (يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى پەرۋەردىگارىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ»[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا قۇرئاننى -يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى- پەرز قىلغان زات، سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى: «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى رەببىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ساڭا قۇرئانغا ئەمەل قىلىشنى پەرز قىلغان زات سېنى چوقۇم قايتىدىغان يېرىڭگە قايتۇرىدۇ. ئېيتقىنكى: «رەببىم، كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە كىمنىڭ ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ أَنْ يَسْبِقُونَا ۚ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يامان ئىش قىلىدىغانلار بىزدىن (يەنى ئازابىمىزدىن) قېچىپ قۇتۇلالايمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان![4]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ياكى يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسى نېمىدېگەن يامان!
29 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّ فِيهَا لُوطًا ۚ قَالُوا نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَنْ فِيهَا ۖ لَنُنَجِّيَنَّهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ (يەنى لۇتقا ئوخشاش بىر ياخشى پەيغەمبەر تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىسىنى قانداقمۇ ھالاك قىلىسىلەر؟)» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەرنى) ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، پەقەت ئايالى (كۇفرىدا قەۋمىگە ھەمنەپەس بولغانلىقى ئۈچۈن) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «ئۇ شەھەردە لۇت بارغۇ؟-» دېدى. پەرىشتىلەر ئېيتتى: «بۇ شەھەردە بار كىشىلەرنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا كىشىلىرىنى ئەلۋەتتە قۇتۇلدۇرىمىز، چۈنكى ئايالى قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم: «ئۇ يەردە لۇت بارغۇ!» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇ يەردە كىمنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قۇتقۇزىمىز. لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولىدۇ» دېدى.
29 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ ۚ وَلَوْلَا أَجَلٌ مُسَمًّى لَجَاءَهُمُ الْعَذَابُ وَلَيَأْتِيَنَّهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ) مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە (ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا) كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ چاپسان كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ مۇئەييەن ۋاقتىنى بەلگىلىمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارغا ئازاب ئەلۋەتتە ئۇلار تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا كېلەتتى، ئۇلارغا ئازاب چوقۇم ئۇلار خەۋەرسىز ھالەتتە تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن ئەجەل بولمىسا ئىدى، ئازاب ئۇلارغا ئەلۋەتتە كەلگەن بولاتتى. ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فِي بِضْعِ سِنِينَ ۗ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِنْ قَبْلُ وَمِنْ بَعْدُ ۚ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: بىرقانچە يىل ئىچىدە. ئىشلار باشتىن - ئاخىر ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ. ئەنە شۇ كۈنى مۇئمىنلارمۇ خۇشال بولىدۇ،
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ أَلْفَ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلاپ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلدەك بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَنْ يَنْفَعَكُمُ الْفِرَارُ إِنْ فَرَرْتُمْ مِنَ الْمَوْتِ أَوِ الْقَتْلِ وَإِذًا لَا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر»[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن يا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، قاچقاندىمۇ سىلەر -دۇنيادىن- ئازغىنا بەھرىمەن بولالايسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆلۈشتىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار، بۇ قېچىشنىڭ سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدىسى بولمايدۇ. قاچساڭلار ئازغىنە زامان بەھرىمەن قىلىنىسىلەر6».
33 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلارنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىرەر ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغاندا، ھېچبىر مۇئمىن ئەرنىڭ ۋە ھېچبىر مۇئمىن ئايالنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق تاللاش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسا، ئوچۇق - ئاشكارا ئېزىپ كەتكەن بولىدۇ.
33 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَاهُ ۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيْدٌ مِنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سەن، ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئۇنى (يەنى زەينەبنى) قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قۇرقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ئىنئام قىلغان، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن» دېگەن ئىدىڭ، بۇنى دېگەن چېغىڭدا ئاللاھ يېقىندا ئاشكارا قىلىدىغان ئىشنى ئىچىڭدە يوشۇراتتىڭ، ئىنسانلاردىن قورقاتتىڭ، ئەسلىدە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ لازىم ئىدى. زەيد ئايالىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بىز ئۇ ئايالنى ساڭا ئېلىپ بەردۇق. بۇنى، مۇئمىنلار بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھىغا ئالسا، گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلىنسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
33 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى مۇناپىقلارغا ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە تۇتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ تۇتقان يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن.
فاتىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ جَعَلَكُمْ أَزْوَاجًا ۚ وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنْثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِ ۚ وَمَا يُعَمَّرُ مِنْ مُعَمَّرٍ وَلَا يُنْقَصُ مِنْ عُمُرِهِ إِلَّا فِي كِتَابٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىيدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر ـ ئايالدىن ئىبارەت) بىر جۈپ قىلدى، ھەر قانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىيدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى جۈپتىلەر قىلدى، ھەر قانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى جۈپلەر قىلدى. ھېچبىر چىشى ئاللاھنىڭ خەۋىرى بولماستىن ھامىلىدار بولمايدۇ، ھەم تۇغمايدۇ. ئۆمرى ئۇزارتىلغان كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارتىلىشىمۇ، ئۇنىڭ ئۆمرىدىن قىسقارتىلىشىمۇ ئەلۋەتتە كىتابتا مەۋجۇتتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
35 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ يُمْسِكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ أَنْ تَزُولَا ۚ وَلَئِنْ زَالَتَا إِنْ أَمْسَكَهُمَا مِنْ أَحَدٍ مِنْ بَعْدِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ حَلِيمًا غَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى زاۋال تېپىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار زاۋال تاپىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەلىيمدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
35 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
اسْتِكْبَارًا فِي الْأَرْضِ وَمَكْرَ السَّيِّئِ ۚ وَلَا يَحِيقُ الْمَكْرُ السَّيِّئُ إِلَّا بِأَهْلِهِ ۚ فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ الْأَوَّلِينَ ۚ فَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَبْدِيلًا ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّتِ اللَّهِ تَحْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە ـ مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: زېمىندا تېخىمۇ چوڭچىلىق قىلدى ۋە يامان ئىشلارنى تېخىمۇ كۆپ پىلانلىدى. ھالبۇكى، يامان پىلان پەقەت پىلانلىغۇچىسىنىلا نابۇت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىنىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا ئىجرا قىلىنمغانلىقىنى كۆرەلمەيسەن. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېگىشلىك بولمىغانلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنىمۇ كۆرەلمەيسەن.
35 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِمَا كَسَبُوا مَا تَرَكَ عَلَىٰ ظَهْرِهَا مِنْ دَابَّةٍ وَلَٰكِنْ يُؤَخِّرُهُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِعِبَادِهِ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋەلېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋە لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دەرھال جازالايدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ4. ئۇلارنىڭ ئەجىلى كەلگەندە قىلمىشلىرىغا قارىتا جازالايدۇ. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ حَقَّ الْقَوْلُ عَلَىٰ أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە سۆز ھەق بولدى1. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
ساففات سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَا ۖ إِنَّا لَذَائِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىزنىڭ بىزنى جازالاش سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن -ئازاپنى-چوقۇم تېتىغۇچىمىز
ئەنەس ئالىم: رەببىمىزنىڭ ئازاب سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، بىز ئازابنى تېتىغۇچىلارمىز.
37 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَارَكْنَا عَلَيْهِ وَعَلَىٰ إِسْحَاقَ ۚ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِمَا مُحْسِنٌ وَظَالِمٌ لِنَفْسِهِ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ۋە ئىسھاقنى بەرىكەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ۋە ئىسھاققا بەرىكەتلەر ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ نەسلى ئىچىدە ياخشىلىق قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ، ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بولىدۇ.
37 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت موماي –يەنى لۇتنىڭ ئايالى- نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي مۇستەسنا.
37 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى)[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چەك تاشلاشتى، يۇنۇس چەكتە مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ دېڭىزغا تاشلاندى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېمىدىكىلەر بىلەن چەك تاشلاشتى ۋە يېڭىلىپ كەتكۈچىلەردىن بولدى.
37 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى[143-144].
تەرجىمە ھەيئىتى: بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى
ئەنەس ئالىم: بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر قالاتتى.
37 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن بەندىلىرىمىز توغرۇلۇق بۇرۇن قىلغان سۆزىمىز مۇنداق:
ساد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِي إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى[77ـ78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنىتىم ياغىدۇ».
38 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (خالايىق) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) گۈچە مۆھلەت بەرسەڭ (يەنى مېنى ھايات قالدۇرساڭ)» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبلىس: «رەببىم! ماڭا خالايىق تىرىلدۈرۈلىدىغان -قىيامەت- كۈنىگىچە مۆھلەت بەرسەڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى.
38 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[80ـ81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىن،
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن،
38 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَالْحَقُّ وَالْحَقَّ أَقُولُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا ھەقىقەت - مەن داۋاملىق ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن - شۇكى:
38 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُ بَعْدَ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر»[
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى بىر مۇددەتتىن كېيىن ئەلۋەتتە بىلىسىلەر».
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَمَنْ حَقَّ عَلَيْهِ كَلِمَةُ الْعَذَابِ أَفَأَنْتَ تُنْقِذُ مَنْ فِي النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا (ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ)، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟[19]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمگە ئازاب ۋەدىسى تېگىشلىك بولسا -ئۇ چوقۇم دوزاخقا كىرىدۇ-، سەن دوزاختىكى ئادەمنى قۇتقۇزالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغان، دوزاختىكى كىشىنى سەن قۇتقۇزالامسەن؟
غافىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّهُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ كافىرلار توغرىسىدىكى: «ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخ ئەھلىدۇر» دېگەن سۆزى ئەنە شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
40 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبَّنَا أَمَتَّنَا اثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا اثْنَتَيْنِ فَاعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈردۈڭ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلدۇق، چىقىشقا يول بارمۇ؟».
40 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ يَكُ يَنْفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرىنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، شۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرى پايدا بەرمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ، ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. كافىرلار ئەنە شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَٰلِكُمْ ظَنُّكُمُ الَّذِي ظَنَنْتُمْ بِرَبِّكُمْ أَرْدَاكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ قەبىھ گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ، سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا قىلغان گۇمانىڭلاردۇر. سىلەرنى ئۇ ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار.
41 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَاءَ فَزَيَّنُوا لَهُمْ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار، شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز -شەيتانلاردىن- دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دوستلىرى ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان گۇناھكار شەقى ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز دۇنيادا ئۇلارغا بىر قىسىم يېقىنلارنى ھەمراھ قىلدۇق. ئۇ يېقىنلىرى ئۇلارغا ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى4. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇرۇن ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان ئۇممەتلەرنىڭ قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى. چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى.
شۇرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَفَرَّقُوا إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ أُورِثُوا الْكِتَابَ مِنْ بَعْدِهِمْ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: (يەھۇدىي، ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن)، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر رەببىڭنىڭ - قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت- سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى. ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار كىتاب ھەققىدە قاتتىق گۇماندىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇرۇنقى ئۇممەتلەر پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن بۆلۈندى. ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ شۇنداق قىلىشتى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان: «ئۇلارنىڭ جازاسى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر كېچىكتۈرۈلىدۇ» دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىس قىلىنغانلار قۇرئان توغرىسىدا قاتتىق شۈبھىلەنمەكتىدۇر.
42 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ اللَّهُ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةُ الْفَصْلِ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمسا ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكىتكەن شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئاللاھنىڭ كەسكىن ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلارنىڭ، ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھنىڭ «ياخشى - ياماننى ئايرىش قىيامەتتە بولىدۇ» دېگەن سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. شۈبھىسزكى، زالىملارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
زۇخرۇف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ مَتَّعْتُ هَٰؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْحَقُّ وَرَسُولٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى (ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە نېمەتتىن) بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) ۋە روشەن پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگۈچە[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى مەن بۇلارنى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى نېمەتتىن بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق -قۇرئان- ۋە روشەن پەيغەمبەر كەلگۈچە
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە كەلسەك، مەن ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغان بۇ مەككە ئاھالىسىنى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى، تاكى ئۇلارغا ھەق ۋە ھەقنى بايان قىلغۇچى ئەلچى كەلگەنگە قەدەر دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدىم.
43 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ أَبْرَمُوا أَمْرًا فَإِنَّا مُبْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست قىلىشتا) بىر ئىشنى قارار قىلغان بولسا، بىز (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ياردەم بېرىشتە بىر ئىشنى قارار قىلىمىز[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىر ئىشنى قارار قىلدىمۇ؟ ئىشنى بىز قارار قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار بىر ئىشنى قارار قىلدىمۇ؟ بىزمۇ قارار قىلدۇق.
دۇخان سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُبَارَكَةٍ ۚ إِنَّا كُنَّا مُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدردە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
44 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئەمر ئايرىلىدۇ،
44 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كَاشِفُو الْعَذَابِ قَلِيلًا ۚ إِنَّكُمْ عَائِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئازابنى ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، سىلەر چۇقۇم–ئىلگىرىكى ھالىتىڭلارغا- قايتىۋالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: بىز ئازابنى ئازغىنە ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز. سىلەر چوقۇم يېنىۋالغۇچىلارسىلەر.
44 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ ۖ وَأَوْرَثْنَاهَا قَوْمًا آخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا) مىراس قىلىپ بەردۇق[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا مىراس قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. بىز ئۇ نەرسىلەرنى باشقا قەۋمگە مىراس قىلىپ بەردۇق.
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە (ئاللاھنىڭ ئازاب قىلىش) سۆزى ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە سۆز ھەقلىق بولدى، ئۇلار بولسا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان ئۈممەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇنداقلار ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن جىن ۋە ئىنسان ئۇممەتلىرى قاتارىدا ئازاب ئىچىدە بولىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
فەتىھ سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ الْمُخَلَّفُونَ إِذَا انْطَلَقْتُمْ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأْخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعْكُمْ ۖ يُرِيدُونَ أَنْ يُبَدِّلُوا كَلَامَ اللَّهِ ۚ قُلْ لَنْ تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمْ قَالَ اللَّهُ مِنْ قَبْلُ ۖ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَحْسُدُونَنَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَفْقَهُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن چىقماقچى بولغىنىڭلاردا -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغانلار: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر قەتئىي ھالدا بىزگە ئەگىشىپ كەلمەڭلار، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ناھايىتى ئاز چۈشىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئايرىلىپ قالغۇچىلار سىلەر غەنىيمەتلەرنى ئېلىشقا ماڭغان چېغىڭلاردا سىلەرگە: «بىزنى قويۇۋېتىڭلار، سىلەرگە ئەگىشەيلى» دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. ئېيتقىنكى: «سىلەر ھەرگىزمۇ بىزگە ئەگىشەلمەيسىلەر. چۈنكى ئاللاھ بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇنداق دېگەن». بۇ قېتىم ئۇلار: «بەلكى سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار بەكمۇ ئاز چۈشىنىدۇ.
48 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَدَكُمُ اللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةً تَأْخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمْ هَٰذِهِ وَكَفَّ أَيْدِيَ النَّاسِ عَنْكُمْ وَلِتَكُونَ آيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ وَيَهْدِيَكُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىيمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىيمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى ھەرامغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى)[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، مۇئمىنلارغا نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھ شۇنداق قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلارنى ئالىسىلەر. بۇنى سىلەر ئۈچۈن تېز ئاتا قىلدى، ئىنسانلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى. ئاللاھ بۇنى مۇئمىنلارغا ئالامەت بولۇشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن قىلدى.
48 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُخْرَىٰ لَمْ تَقْدِرُوا عَلَيْهَا قَدْ أَحَاطَ اللَّهُ بِهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ سىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى) تولۇق بىلگەن بىر غەنىيمەت (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) نى (سىلەرگە مۇيەسسەر قىلدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ تولۇق بىلگەن باشقا غەنىمەتلەرمۇ بار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەنە باشقا غەنىيمەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلارغا قادىر بولمىدىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق بىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
48 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇش) ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ)[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئىجرا بولۇپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى مۇشۇنداق. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يُبَدَّلُ الْقَوْلُ لَدَيَّ وَمَا أَنَا بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ[28ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سۆز ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سۆز ئۆزگەرتىلمەيدۇ. مەن بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايمەن».
زارىيات سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْمُقَسِّمَاتِ أَمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىشنى (يەنى بەندىلەر ئارىسىدا رىزىقلارنى، يۇرتلار ئارىسىدا يامغۇرنى) تەقسىم قىلغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ۋە ئەمر تەقسىم قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
51 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ساۋاب، ئازاب، قىيامەت قاتارلىق) لار ئەلۋەتتە راستتۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە بېرىلگەن ۋەدە ئەلۋەتتە راستتۇر.
51 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاسماندا رىزقىڭلار ۋە سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسىلەر بار.
51 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقْبَلَتِ امْرَأَتُهُ فِي صَرَّةٍ فَصَكَّتْ وَجْهَهَا وَقَالَتْ عَجُوزٌ عَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كەلدى، يۈزىگە ئۇردى ۋە: «مەن ياشانغان ۋە تۇغماس ئايال تۇرسام!» دېدى.
تۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَهُ مِنْ دَافِعٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچى يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ھېچبىر توسالغۇ بولغۇچى يوق.
52 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يُرِيدُونَ كَيْدًا ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا هُمُ الْمَكِيدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ساڭا ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتەمدۇ؟ كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكىرلىرى مەغلۇپ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار تۇزاق قۇرماقچى بولۇۋاتامدۇ؟ كافىرلار تۇزاققا ئۆزلىرى چۈشىدۇ.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)[37 ـ 38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدا «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسە شۇ: ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
قەمەر سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَّبُوا وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ ۚ وَكُلُّ أَمْرٍ مُسْتَقِرٌّ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
54 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَجَّرْنَا الْأَرْضَ عُيُونًا فَالْتَقَى الْمَاءُ عَلَىٰ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى بەلگىلەنگەن بىر پىرىنسىپ بويىچە بىر ـ بىرىگە قوشۇلدى
ئەنەس ئالىم: زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پىلانلانغان ئىش ئۈچۈن بىرلەشتى.
54 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَمَلْنَاهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلْوَاحٍ وَدُسُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ بەندىمىزنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىنىڭ ئۈستىدە توشۇدۇق.
54 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
تَجْرِي بِأَعْيُنِنَا جَزَاءً لِمَنْ كَانَ كُفِرَ
مۇھەممەد سالىھ: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، بۇ ئىنكار قىلىنغان - نۇھ - نى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئاقاتتى. بۇ ئىنكار قىلىنغان كىشىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىدى.
54 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ صَبَّحَهُمْ بُكْرَةً عَذَابٌ مُسْتَقِرٌّ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي (يەنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان) ئازاب نازىل بولدى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئەتىگىنى بېكىتىلگەن ئازاب باستى.
54 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
سَيُهْزَمُ الْجَمْعُ وَيُوَلُّونَ الدُّبُرَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇشرىكلار) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار توپى يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ جامائە يېقىندا مەغلۇب قىلىنىدۇ ۋە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ.
54 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق.
54 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَمْرُنَا إِلَّا وَاحِدَةٌ كَلَمْحٍ بِالْبَصَرِ
مۇھەممەد سالىھ: (بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئەمرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەمەلگە ئاشىدىغان بىرلا سۆزدۇر1.
رەھمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ
مۇھەممەد سالىھ: كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: كۈن ۋە ئاي ھېساب بىلەندۇر.
55 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
خَافِضَةٌ رَافِعَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ[3ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
56 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ الْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز[60ـ61].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق ۋە بىز ئاجىز ئەمەسمىز
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بىز بەلگىلىدۇق. بىز ئاجىز ئەمەس،
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي أَنْفُسِكُمْ إِلَّا فِي كِتَابٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَبْرَأَهَا ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە سىلەر ئۇچرىغان ھېچقانداق مۇسىبەت يوقتۇركى، بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن كىتابتا يېزىلغان بولمىسۇن. شۈبھىسىزكى بۇ، ئاللاھقا ئاساندۇر
ئەنەس ئالىم: زېمىندا ۋە سىلەردە يۈز بەرگەن ھەر ھادىسە بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن كىتابقا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا أَنْ كَتَبَ اللَّهُ عَلَيْهِمُ الْجَلَاءَ لَعَذَّبَهُمْ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابُ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى سۈرگۈن بولۇشقا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى دۇنيادا (ئۆلتۈرۈش) بىلەن ئازابلايتتى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
مۇنافىقۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ يُؤَخِّرَ اللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَاءَ أَجَلُهَا ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەجىلى توشقان ھېچ كىشىنى كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ يَهْدِ قَلْبَهُ ۚ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى ئاللاھقا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا يېتىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.
تالاق سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ ۖ لَا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخْرُجْنَ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ ۚ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ ۚ لَا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَٰلِكَ أَمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار، ئىددەتنى ساناڭلار، رەببىڭلار ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ چىقمىسۇن. ئۇلار ئوچۇق پاھىشە قىلسا ئەھۋال باشقىدۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدۇر. كىم ئاللاھنىڭ چېگرالىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. بىلمەيسەنكى، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىش مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
65 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ ۚ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ ۚ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
65 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ ۖ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنْفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ ۚ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا ۚ سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: باي ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن. ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: رىزقى كەڭ كىشى، كەڭ رىزقىغا قارىتا نەپىقە بەرسۇن، رىزقى تار قىلىنغان كىشى، ئۆزىگە ئاللاھ بەرگەن نەرسىگە قارىتا نەپىقە بەرسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى ئۆزى ئۇنىڭغا بەرگىنىدىن باشقىسىغا تەكلىپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تەسلىكتىن كېيىن ئاسانلىق بېرىدۇ.
قەلەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَرْنِي وَمَنْ يُكَذِّبُ بِهَٰذَا الْحَدِيثِ ۖ سَنَسْتَدْرِجُهُمْ مِنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئاننى يالغانغا چىقارغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز
ئەنەس ئالىم: بۇ سۆزنى يالغان دېگۈچىلەرنى ماڭا قويغىن. بىز ئۇلارنى ئازابقا ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇرىمىز.
68 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر.
جىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا لَا نَدْرِي أَشَرٌّ أُرِيدَ بِمَنْ فِي الْأَرْضِ أَمْ أَرَادَ بِهِمْ رَبُّهُمْ رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز (جىنلار جامائەسى) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز
ئەنەس ئالىم: زېمىندىكى كىشىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى رەببى ئۇلارغا كامالەت ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز.
مۇزەممىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَرْنِي وَالْمُكَذِّبِينَ أُولِي النَّعْمَةِ وَمَهِّلْهُمْ قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ ئايەتلىرىمنى) ئىنكار قىلغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇۋەتكىن (يەنى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن)، ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەرگىن[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: يالغانغا چىقارغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: باياشاتچىلىق ئىچىدىكى ئىنكارچىلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا بىرئاز مۆھلەت بەرگىن.
مۇرسەلات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَاقِعٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسە چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
77 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ قَدَرٍ مَعْلُومٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق[21ـ22].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەلۇم ۋاقىتقىچە
ئەنەس ئالىم: مەلۇم ۋاقىتقىچە.
نەبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ كِتَابًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر نەرسىنى بىر كىتابتا تولۇق خاتىرىلەپ قويىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر نەرسىنى بىر-بىرلەپ يېزىپ قويغان.
نازىئات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فَالسَّابِقَاتِ سَبْقًا
مۇھەممەد سالىھ: (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىلگىرىلىگۈچىلەر
79 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْمُدَبِّرَاتِ أَمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ۋە ئىش باشقۇرغۇچىلار بىلەن قەسەمكى1،
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ نُطْفَةٍ خَلَقَهُ فَقَدَّرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغىچە) ئاللاھ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن ـ پەي ياراتتى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى ۋە ئۇنى ئۆلچەملىك رەۋىشتە شەكىللەندۈردى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنى ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۇخۇمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆلچەم بەلگىلىدى،
ئىنىشقاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
لَتَرْكَبُنَّ طَبَقًا عَنْ طَبَقٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تورىسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھالدىن ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر.
تارىق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارنىڭ ھىيلىسىگە تاقابىل تۇرىمەن.
ئەئلا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَ فَسَوَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (پۈتۈن مەخلۇقاتنى) ياراتتى، (ئۇلارنى) بېجىرىم (يەنى چىرايلىق ۋە مۇناسىپ شەكىلدە) قىلدى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يارىتىپ، شەكىل بەرگەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ياراتتى ئاندىن بېجىرىم قىلدى.
87 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي قَدَّرَ فَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مەخلۇقاتقا پايدىلىق ئىشلارنى (تەقدىر قىلدى، ئۇلارغا پايدىلىنىش يوللىرىنى) كۆرسەتتى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سىغىنىمەن،
قەدر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
97 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە رۇھ رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەر ئەمر ئۈچۈن چۈشىدۇ.
زەلزەلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
99 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى سۆزلەيدۇ.
99 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: چۈنكى رەببىڭ ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىدۇ.