ئىلاھىي ھېكمەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ بارلىق يارىتىلىش، ئەمىر ۋە ھۆكۈملىرىنىڭ ئاساسى بولغان مۇكەممەل ھېكمىتى.
ئېنگلىزچىسى: Divine Wisdom
87 ئايەت
32 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىلاھىي سۈپەتلەر ۋە ئالامەتلەر /
- 📄 ئىلاھىي ھېكمەت
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سُبْحَانَكَ لَا عِلْمَ لَنَا إِلَّا مَا عَلَّمْتَنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر: «سېنى (پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن) پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر: «سېنى پاك دەپ تونۇيمىز. بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر: «سەن ئۇلۇغدۇرسەن. بىزنىڭ، سەن بىزگە ئۆگەتكەندىن باشقا ھېچ ئىلمىمىز يوق. شۈبھىسىزكى، سەن بىلگۈچىدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېدى.
2 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
مَا نَنْسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنْسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِنْهَا أَوْ مِثْلِهَا ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟[106]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەر قانداق بىر ئايەتنى(ئۇنىڭ ھۆكمى ياكى تىلاۋىتى جەھەتتىن) ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. سەن ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ29 قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
2 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن...) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتكىن. شۈبھىسىزكى، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
2 : 209 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ زَلَلْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْكُمُ الْبَيِّنَاتُ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) ئاللاھ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[209].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن توغرا يولدىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن يەنىلا ھەقتىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
2 : 220 - ئايەت
كۆرۈش
فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۗ وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌ لَهُمْ خَيْرٌ ۖ وَإِنْ تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «(تەربىيەلەش، ماللىرىنى كۆپەيتىپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارىلىشىپ ياشىساڭلار بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ (دىنىي) قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[220].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، سىلەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى چوقۇم جاپاغا سالاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرىسىدا تەپەككۇر قىلغايسىلەر. ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنى تەربىيەلەپ ماللىرىنى كۆپەيتىش ياخشى ئىشتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىساڭلار ھېچ ۋەقەسى يوق. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر». ئاللاھ كىمنىڭ بۇزغۇچى، كىمنىڭ تۈزىگۈچى بولغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
2 : 240 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُتَوَفَّوْنَ مِنْكُمْ وَيَذَرُونَ أَزْوَاجًا وَصِيَّةً لِأَزْوَاجِهِمْ مَتَاعًا إِلَى الْحَوْلِ غَيْرَ إِخْرَاجٍ ۚ فَإِنْ خَرَجْنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِي مَا فَعَلْنَ فِي أَنْفُسِهِنَّ مِنْ مَعْرُوفٍ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالىدىغانلار ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللىرىنىڭ) بىر يىلغىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر (ئاياللىرى) ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئىشلىرى ئۈچۈن سىلەرگە (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرىگە) ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[240].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ خوتۇنى قېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بارلار خوتۇنىنىڭ بىر يىلغىچە يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلماسلىقىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۆزى چىقىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئۆزى توغرىسىدا قىلغان قائىدىلىك ئشلىرى ئۈچۈن سىلەر (يەنى مېيىتنىڭ ئىگىلىرى) گە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ۋاپات بولغانلارنىڭ ئارقىسىدا قويغان ئاياللىرى ئۈچۈن سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەي بىر يىلغىچە تۇرمۇشىنى قامداشتۇر. ئەگەر ئۇ ئاياللار چىقىپ ئۆزلىرى توغرۇلۇق مەئرۇف ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
2 : 251 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَزَمُوهُمْ بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابلىققا يۈزلىنەتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[251].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كافىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى70. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى71 ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
2 : 260 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ أَرِنِي كَيْفَ تُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ قَالَ أَوَلَمْ تُؤْمِنْ ۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِنْ لِيَطْمَئِنَّ قَلْبِي ۖ قَالَ فَخُذْ أَرْبَعَةً مِنَ الطَّيْرِ فَصُرْهُنَّ إِلَيْكَ ثُمَّ اجْعَلْ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٍ مِنْهُنَّ جُزْءًا ثُمَّ ادْعُهُنَّ يَأْتِينَكَ سَعْيًا ۚ وَاعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[260].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «ئى رەببىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا بىر كۆرسەتسەڭ» دېۋىدى. ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم تېخىمۇ تەسكىن تاپسۇن دەيمەن» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى تۇتۇپ ئۆزۈڭگە ئۆگەتكىن، ئاندىن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ پارچىلاپ)، ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويۇپ قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلار دەرھال سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىدۇ». بىلگىنكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىسەن، ماڭا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى، رەببى: «ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئەلۋەتتە ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم ئارام تاپسۇن دەپ بۇنى تەلەپ قىلىۋاتىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەببى مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا تۆت دانە قۇش تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگىن. ئاندىن ئۇلارنى كېسىپ ئارىلاشتۇرۇپ ھەر تاغنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىن بىرەر پارچە قويغىن. ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، دەرھال يېنىڭغا كېلىدۇ. بىلگىنكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
2 : 269 - ئايەت
كۆرۈش
يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھېكمەتنى (ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ[269].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېكمەتنى (يەنى پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا وَمَكَرَ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مىكىر ئىشلەتتى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلدى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قۇتقۇزۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ مىكىر قىلغۇچىلارنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار (ئىيسانى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ) ھىيلە-مىكىر ئىشلەتتى، ئاللاھ ئۇلارغا قارشى (ئىيسانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن) تەدبىر قوللاندى. ئاللاھ (ھىيلە-مىكىرگە قارشى) ئەڭ ياخشى تەدبىر قوللانغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: باشقىلىرى بولسا ئىيساغا سۇيىقەست قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بەربات قىلدى. ئاللاھ سۇيىقەستلەرنى ئەڭ ئوبدان بەربات قىلغۇچىدۇر.
3 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ نَتْلُوهُ عَلَيْكَ مِنَ الْآيَاتِ وَالذِّكْرِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇلارنى بىز ساڭا ئايەتلەردىن ۋە ھېكمەتلىك زىكىردىن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز.
3 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُمْ بِهِ ۗ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدى. ياردەم پەقەت ھەممىگە غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىندۇر.
نىسا سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۚ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ ۚ فَإِنْ كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا ۚ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىزلا بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي، مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىلەر ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەمدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. مېيىتنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بالىسى بولغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئانىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ئۈلۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِنْ قَرِيبٍ فَأُولَٰئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ النِّسَاءِ إِلَّا مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۖ كِتَابَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ ۚ وَأُحِلَّ لَكُمْ مَا وَرَاءَ ذَٰلِكُمْ أَنْ تَبْتَغُوا بِأَمْوَالِكُمْ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ ۚ فَمَا اسْتَمْتَعْتُمْ بِهِ مِنْهُنَّ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ فَرِيضَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا تَرَاضَيْتُمْ بِهِ مِنْ بَعْدِ الْفَرِيضَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەرلىك ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلار ئاستىدىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكۈملىرىدۇر، بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېرى بار ئاياللارنى ئېلىشمۇ سىلەرگە ھارام قىلىندى. پەقەت سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلارغا ئۆتكەن ئولجا ئاياللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەرز قىلغان ھۆكمىدۇر، بۇلاردىن باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك ھالىتىڭلاردا، مال-مۈلكۈڭلاردىن تويلۇق بېرىپ نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسى ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىپ پايدىلانساڭلار، ئۇنىڭغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، مەھرى توغرىسىدا ئۆزئارا پۈتۈشكەن بولساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئېرى بار ئاياللارمۇ ھارام قىلىندى. قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا8. بۇ ئاللاھ سىلەرگە يازغان ھۆكۈملەردۇر. سىلەرگە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن باشقا ئاياللارنى ماللىرىڭلارنى بېرىپ تەلەپ قىلىشىڭلار، ئۆيلىنىش ۋە زىنادىن ساقلىنىش شەرتى بىلەن ھالال قىلىندى9. ئۇلاردىن قايسىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىپ بىر يەردە بولساڭلار، ئۇلارغا بېكىتىلگەن تويلۇقلىرىنى بېرىڭلار10. ئىلگىرى بېكىتىلىپ بولغان تويلۇقنى ئاياللىرىڭلار بىلەن ئۆزئارا رازىلىشىپ قايتا بېكىتىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، (گۇناھىڭلاردىن قىلغان) تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئەھكاملارنى ئوچۇق بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى، تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَنْ يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلَّا خَطَأً ۚ وَمَنْ قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَأً فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ إِلَّا أَنْ يَصَّدَّقُوا ۚ فَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ عَدُوٍّ لَكُمْ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ وَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ فَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس. كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت (يەنى تۆلەم) تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسا، (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ). ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك. ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋەنلىك بولۇپ قالمىسىلا، مۆمىن ئادەم مۆمىن ئادەمنى ئۆلتۈرمەيدۇ. كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا تۆلەم بېرىشى كېرەك، ۋارىسلار تۆلەمنى كەچۈرۈم قىلسام، قاتىل ئۇنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پەقەت بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىسىلا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن قەۋمدىن بولسا، قاتىل ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا تۆلەم بېرىدۇ ۋە بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىدۇ. قۇل ئازاد قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئادەم ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ئۈچۈن ئۈزمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىننىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشكە ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت سەۋەنلىك بىلەن بولۇشى مۇمكىن. كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ۋارىسلار دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بولغان قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا كېلىشىم بولغان بىر قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى ۋە بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. كىمكى تاپالمىسا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللَّهُ كُلًّا مِنْ سَعَتِهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ وَاسِعًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتسە، ئاللاھ ھەر بىرىنى كەڭ پەزلىدىن بېرىپ بىھاجەت قىلىدۇ. ئاللاھ كۆپ بەرگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
رُسُلًا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ پەيغەمبەرلەرنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىشىمىز كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرلەر كەلگەندىن كېيىن (ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) ئاللاھ ئالدىدا باھانە كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى خۇش خەۋەر بەرگۈچىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلار قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۇ ئەلچىلەردىن كېيىن ئاللاھقا قارشى ھېچ باھانىسى بولمىسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّارِقُ وَالسَّارِقَةُ فَاقْطَعُوا أَيْدِيَهُمَا جَزَاءً بِمَا كَسَبَا نَكَالًا مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ (ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار. بۇ ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەنئام سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىن تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
6 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ حُجَّتُنَا آتَيْنَاهَا إِبْرَاهِيمَ عَلَىٰ قَوْمِهِ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر. بىز خالىغان كىشىنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر. بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ النُّجُومَ لِتَهْتَدُوا بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرنىڭ يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ ئايەتلەرنى بىلەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
6 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءَتْهُمْ آيَةٌ قَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَا أُوتِيَ رُسُلُ اللَّهِ ۘ اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ ۗ سَيُصِيبُ الَّذِينَ أَجْرَمُوا صَغَارٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا كَانُوا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) «بىزگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئايەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بىزگىمۇ بېرىلمىگۈچە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچىلىكنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇناھ قىلغانلارغا يېقىندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خورلۇق ۋە قاتتىق ئازاب يېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە -مىكىر قىلغان.
6 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُمْ مِنَ الْإِنْسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَاؤُهُمْ مِنَ الْإِنْسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِي أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ النَّارُ مَثْوَاكُمْ خَالِدِينَ فِيهَا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىنسانلارنى، جىنلارنى (ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈنى: «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار» (دەپ خىتاب قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى رەببىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: «ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: «رەببىمىز! بىز بىر -بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا مَا فِي بُطُونِ هَٰذِهِ الْأَنْعَامِ خَالِصَةٌ لِذُكُورِنَا وَمُحَرَّمٌ عَلَىٰ أَزْوَاجِنَا ۖ وَإِنْ يَكُنْ مَيْتَةً فَهُمْ فِيهِ شُرَكَاءُ ۚ سَيَجْزِيهِمْ وَصْفَهُمْ ۚ إِنَّهُ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، بىزنىڭ خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر» دېدى. ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دەپ (ھالال ـ ھارامنى تەيىنلەشتى). ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر، ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دېيىشتى. ئۇلار: «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دەپ ئۆزلىرىچە ھۆكۈم قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بۇ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى ئەرلىرىمىزگە خاستۇر، ئاياللىرىمىزغا ھارام قىلىنغاندۇر. ئەگەر ئۇ ئۆلۈك تۇغۇلسا، ئەر - ئايال ھەممەيلەن ئۇنىڭدا ئورتاقتۇر» دېدى. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىقىنى مۇشۇنداق سۈپەتلىگەنلىكىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
يۈسۈف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ آلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَىٰ أَبَوَيْكَ مِنْ قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىڭ سېنى - پەيغەمبەرلىككە- تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: چۈشۈڭدە كۆرگىنىڭدەك رەببىڭ سېنى تاللايدۇ، ساڭا چۈشلەرنىڭ تەبىرىدىن ئۆگىتىدۇ، بۇرۇن ئىككى ئاتاڭ ئىبراھىم ۋە ئىسھاققا نېمىتىنى تاماملىغاندەك، ساڭىمۇ ۋە يەئقۇبنىڭ ئەۋلادىغىمۇ نېمىتىنى تاماملايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».
12 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَلْ سَوَّلَتْ لَكُمْ أَنْفُسُكُمْ أَمْرًا ۖ فَصَبْرٌ جَمِيلٌ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَأْتِيَنِي بِهِمْ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈچ ئوغلۇمنىڭ) ھەممىسىنى ماڭا دەرقەمتە قىلىپ بېرىشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مېنىڭ ھالىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، نەپسىڭلار سىلەرگە بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، مەن پەقەت چىرايلىقچە سەۋر قىلىمەن، بەلكىدە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ماڭا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئاكىسى دېگەن سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئىدى ئۇ: «ياق، يەنە نەپسىڭلار سىلەرنى بىر ئىشقا كۈشكۈرتۈپتۇ. ئەمدى مەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىشىم كېرەك. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېنىمغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېدى،
12 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعَ أَبَوَيْهِ عَلَى الْعَرْشِ وَخَرُّوا لَهُ سُجَّدًا ۖ وَقَالَ يَا أَبَتِ هَٰذَا تَأْوِيلُ رُؤْيَايَ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَعَلَهَا رَبِّي حَقًّا ۖ وَقَدْ أَحْسَنَ بِي إِذْ أَخْرَجَنِي مِنَ السِّجْنِ وَجَاءَ بِكُمْ مِنَ الْبَدْوِ مِنْ بَعْدِ أَنْ نَزَغَ الشَّيْطَانُ بَيْنِي وَبَيْنَ إِخْوَتِي ۚ إِنَّ رَبِّي لَطِيفٌ لِمَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاتا ـ ئانىسىنى تەختىدە (يېنىدا) ئولتۇرغۇزدى، ئۇلار (شاھلارغا تازىم قىلىش ئادىتى بويىچە) يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن (كىچىك ۋاقتىمدا) كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. پەرۋەردىگارىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى. پەرۋەردىگارىم خالىغىنىنى (ئىشقا ئاشۇرۇشقا) ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(ئىزاھات:ئۇلارنىڭ ئادىتىدە سەجدە قىلىش ئىبادەت ئەمەس ھۆرمەت ھېسابلىناتتى.)[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ـ ئانىسىنى تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇلارمۇ يۈسۈفكە سەجدە قىلىشتى[1]. ئۇ: «ئى ئاتا! مانا بۇ، بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، ئۇ چۈشۈمنى رەببىم ھەقىقەتەن راستىغا چىقاردى. رەببىم مېنى زىنداندىن چىقىرىش بىلەن، قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن، سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى، رەببىم خالىغىنىنى -ئىشقا ئاشۇرۇشقا- ھەقىقەتەن تەدبىرلىكتۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاتا -ئانىسىنى تەختىگە چىقاردى، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىشتى. بۇ چاغدا يۇسۇف مۇنداق دېدى: «ئى دادىكا! مانا بۇ ئىلگىرى كۆرگەن چۈشۈمنىڭ تەبىرىدۇر، رەببىم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى. رەببىم ماڭا ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلدى: مېنى زىنداندىن چىقاردى ۋە شەيتان مەن بىلەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىنى بۇزغاندىن كېيىن سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە كەلتۈردى. شۈبھىسىزكى، رەببىم خالىغىنىنى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر. چۈنكى ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
12 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىم! سەن ماڭا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە ئاتا قىلدىڭ ۋە ماڭا چۈش تەبىرىدىن ئۆگەتتىڭ. ئى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى! سەن مېنىڭ بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ۋەلىيىمسەن! مېنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ۋاپات قىلدۇرغىن، مېنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قىلغىن!».
ھىجىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحْشُرُهُمْ ۚ إِنَّهُ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ھەقىقەتەن ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنى مەھشەرگە يىغىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر.
نەھىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ مَثَلُ السَّوْءِ ۖ وَلِلَّهِ الْمَثَلُ الْأَعْلَىٰ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار (ئوغۇلنى ياخشى كۆرۈپ، قىزنى يامان كۆرۈش، خوتۇنى ئوغۇل تۇغسا خۇشال بولۇپ، قىز تۇغسا ئاچچىقى كېلىش، ئار ـ نومۇستىن ۋە كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ، قىزلارنى تىرىك كۆمۈشكە ئوخشاش) يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار يامان سۈپەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرگە ئىگە، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئەنە شۇنداق يامان سۈپەتلىرى بار. ئەڭ ئۇلۇغ سۈپەت ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
16 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَىٰ رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆيلەر ياسىغىن.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مِمَّا أَوْحَىٰ إِلَيْكَ رَبُّكَ مِنَ الْحِكْمَةِ ۗ وَلَا تَجْعَلْ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتُلْقَىٰ فِي جَهَنَّمَ مَلُومًا مَدْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇلار پەرۋەردىگارىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، بولمىسا مالامەت قىلىنغان، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھيى قىلغان ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن، بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار رەببىڭ ساڭا ۋەھىي قىلغان ھېكمەتلەردۇر. ئاللاھقا باشقا ئىلاھ تەڭ قىلمىغىن! بولمىسا مالامەت قىلىنغان ۋە قوغلانغان ھالدا جەھەننەمگە تاشلىنىسەن.
17 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ كَانَ فِي الْأَرْضِ مَلَائِكَةٌ يَمْشُونَ مُطْمَئِنِّينَ لَنَزَّلْنَا عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ مَلَكًا رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا زېمىندا (يەنى زېمىن ئەھلىدەك) مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «مۇبادا زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغانلار ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ چۈشۈرەتتۇق».
كەھف سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا رَكِبَا فِي السَّفِينَةِ خَرَقَهَا ۖ قَالَ أَخَرَقْتَهَا لِتُغْرِقَ أَهْلَهَا لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا إِمْرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى (يەنى كېمىنىڭ بىر تاختىسىنى سۇغۇرۇۋەتتى)، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن، دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچلۇق) چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، ئۇ كېمىنى تېشىۋەتتى، مۇسا -ئۇنىڭغا-: «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن - قورقۇنچلۇق- چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يۈرۈپ، ئاخىرى بىر كېمىگە چىقىشتى. ئۇ بەندىمىز بۇ كېمىنى تېشىۋەتتى. مۇسا ئۇنىڭغا: «بۇ كېمىنى ئىچىدىكى يولۇچىلارنى غەرق قىلىش ئۈچۈن تېشىۋەتتىڭمۇ؟ شۈبھىسىزكى، سەن ئاجايىپ ئىش قىلدىڭ!» دېدى.
18 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا لَقِيَا غُلَامًا فَقَتَلَهُ قَالَ أَقَتَلْتَ نَفْسًا زَكِيَّةً بِغَيْرِ نَفْسٍ لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا نُكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، ئۇ -بەندە- ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈرۈپ، بىر مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل بالىنى ئۇچرىتىشتى. ئۇ بەندىمىز ئۇ بالىنى ئۆلتۈردى. مۇسا: «سەن بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان ئىش قىلدىڭ» دېدى.
18 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا أَتَيَا أَهْلَ قَرْيَةٍ اسْتَطْعَمَا أَهْلَهَا فَأَبَوْا أَنْ يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارًا يُرِيدُ أَنْ يَنْقَضَّ فَأَقَامَهُ ۖ قَالَ لَوْ شِئْتَ لَاتَّخَذْتَ عَلَيْهِ أَجْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى ۋە ئۇنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى يەنە يۈردى، تاكى بىر يۇرت ئاھالىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلاردىن تاماق سورىدى. لېكىن يۇرت ئاھالىسى ئۇلارنىڭ مېھمان بولۇش تەلىپىنى رەت قىلدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسى ئۇ يۇرتتا ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى. ئۇ بەندە دەرھال ئۇ تامنى تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئۇنىڭغا: «خالىساڭ بۇنىڭغا ھەق ئالالايتتىڭ» دېدى.
18 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَٰذَا فِرَاقُ بَيْنِي وَبَيْنِكَ ۚ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأْوِيلِ مَا لَمْ تَسْتَطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش (ۋاقتىمىز)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان (يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ) ھەقىقىتىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەي[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش ۋاقتىمىز، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ساڭا بىلدۈرەي
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇنداق دېدى: «مانا بۇ ئىككىمىزنى بىر - بىرىمىزدىن ئايرىيدىغان سۆزدۇر. مەن ھازىر ساڭا، سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتىپ بېرىمەن:
18 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّا السَّفِينَةُ فَكَانَتْ لِمَسَاكِينَ يَعْمَلُونَ فِي الْبَحْرِ فَأَرَدْتُ أَنْ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَاءَهُمْ مَلِكٌ يَأْخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصْبًا
مۇھەممەد سالىھ: كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيبناك قىلماقچى بولدۇم، (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (يەنى بارىدىغان يوللىرىدا) ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن (زورلۇق بىلەن) تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيىبناك قىلماقچى بولدۇم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يوللىرىدا ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: «ئۇ كېمە بولسا دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە مىسكىننىڭ ئىدى. ئۇنى ئەيىبلىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوياي دەپ تېشىۋەتتىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان يېرىدە ھەر ساق كېمىنى بۇلىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى.
18 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الْغُلَامُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤْمِنَيْنِ فَخَشِينَا أَنْ يُرْهِقَهُمَا طُغْيَانًا وَكُفْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆلتۈرۈلگەن) بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۆمىن ئىدى. ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆلتۈرۈلگەن بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۇئمىن ئىدى؛ ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئاتا - ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە كۇفرىلىققا زورلىشىدىن قورقتۇق - دە،
18 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَدْنَا أَنْ يُبْدِلَهُمَا رَبُّهُمَا خَيْرًا مِنْهُ زَكَاةً وَأَقْرَبَ رُحْمًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىغا قارىغاندا پاك ۋە كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ رەببىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىغا قارىغاندا پاك ۋە كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ ئۇلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشى ۋە كۆيۈملۈك بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق.
18 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا الْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنْزٌ لَهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَنْ يَبْلُغَا أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنْزَهُمَا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ وَمَا فَعَلْتُهُ عَنْ أَمْرِي ۚ ذَٰلِكَ تَأْوِيلُ مَا لَمْ تَسْطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر، ئۇنى (يەنى يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنى) مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلغىنىم يوق (بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىلھامى بىلەن قىلدىم)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ رەببىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان رەھمىتىدۇر، يۇقىرىقى ئىشنى مەن ئۆز خاھىشىم بىلەن قىلغىنىم يوق، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇ تام بولسا شەھەردە ياشايدىغان ئىككى يېتىم ئوغۇلنىڭ بولۇپ، ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ خەزىنىلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. بۇ رەببىڭدىن رەھمەت ئىدى. مەن بۇلارنى ئۆزۈم چاغلاپ قىلمىدىم. ئەنە شۇلار سەن سەۋر قىلالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى».
18 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولۇپ كەتسە، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز (سۈيىنى) كەلتۈرسەكمۇ».(ئىزاھات:ئاللاھنىڭ كالامى خۇددى ئاللاھنىڭ ئىلمىدەك چەكسىز، بۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكىنىڭ مىسالىدۇر.)[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، دېڭىز سىيا بولۇپ كەتسىمۇ، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز - سۈيى- چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز - سۈيىنى- كەلتۈرسەكمۇ»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «رەببىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن دېڭىزلار سىياھ بولسا ئىدى، رەببىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەستىن دېڭىزلار تۈگەپ كەتكەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنچىلىك سىياھ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ».
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّا أَرْسَلْنَا الشَّيَاطِينَ عَلَى الْكَافِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّا
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى - گۇناھلارغا- قىزىقتۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ بىز كافىرلارغا شەيتانلارنى ئەۋەتتۇق. شەيتانلار ئۇلارنى قىزىقتۇرىدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق)[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق.
21 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ أَرَدْنَا أَنْ نَتَّخِذَ لَهْوًا لَاتَّخَذْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا إِنْ كُنَّا فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، ئەگەر (شۇنى) ئىرادە قىلغان بولساق (لېكىن بۇ ئۇلۇغ زاتىمىزغا مۇھال بولغانلىقتىن بۇنداق قىلىشنى ئىرادە قىلمىدۇق)[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇق چىقارماقچى، ئەلۋەتتە ئۇنى قېشىمىزدىن قىلاتتۇق، ئەگەر قىلماقچى بولساق
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئوينىماقچى بولغان بولساق، يېنىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن ئوينايتتۇق. لېكىن ئۇنداق قىلمىدۇق.
21 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجًا سُبُلًا لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىندا ئىنسانلارنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق ۋە ئۇلارنى بارىدىغان يېرىگە بارالىسۇن دەپ ئۇ تاغلاردا كەڭ يوللارنى ئاچتۇق.
21 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ مَتَّعْنَا هَٰؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۗ أَفَلَا يَرَوْنَ أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ أَفَهُمُ الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىدىن) بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا (شۇ نېمەت ئىچىدە) ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇ قەدەم تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ (ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن) ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟[44]
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىدىن بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇقەدەم تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ -ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن- ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بەلكى بىز ئۇ كافىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاتتۇق. بۇ، ئۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ھەددىن ئاشقۇچىلىك داۋاملاشتى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننى ئەتراپىدىن كېمەيتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ يەنىلا ئۇلار غالىبمۇ؟
21 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَاللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَامَكُمْ بَعْدَ أَنْ تُوَلُّوا مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنى (چېقىۋېتىشنىڭ) ئامالىنى قىلىمەن»[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنىڭ ئامالىنى قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كۆڭلىدە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر كەتكەندىن كېيىن بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن» دېدى.
21 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَهَّمْنَاهَا سُلَيْمَانَ ۚ وَكُلًّا آتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُودَ الْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَالطَّيْرَ ۚ وَكُنَّا فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق. تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق، بۇلارنى بىز قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى سۇلەيمانغا چۈشەندۈردۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. بۇلارنى بىز قىلدۇق.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّىٰ أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنْسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آيَاتِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈپ قەۋمىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندا)، شەيتان ھامان ئۇنىڭ ئۈمىدىگە (شۈبھە) سالىدۇ. ئاللاھ شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل-ئەلچى-، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ بىر ئىشنى ئارزۇ قىلغاندا، شەيتان ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سالدى. ئاندىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر رەسۇل ۋە ھەر نەبىي بىرەر ئارزۇدا بولسىلا، شەيتان ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ۋەسۋەسە سېلىپ كەلدى. لېكىن ئاللاھ شەيتان سالغان ۋەسۋەسىنى يوق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە گۈزەل ئەدەب ـ ئەخلاقلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ (بەندىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، (تەدبىر قوللىنىشتا ۋە شەرىئىتىنى بەرپا قىلىشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ الْقُرْآنُ جُمْلَةً وَاحِدَةً ۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِ فُؤَادَكَ ۖ وَرَتَّلْنَاهُ تَرْتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق [32].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئايرىم - ئايرىم نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «قۇرئان مۇھەممەدكە نېمىشقا بىراقلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى دانە - دانە ئوقۇپ بەردۇق.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّكَ لَتُلَقَّى الْقُرْآنَ مِنْ لَدُنْ حَكِيمٍ عَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا قۇرئان ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى سەن بۇ قۇرئاننى ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىۋاتىسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قۇرئان ساڭا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ھەر نەرسىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلمەكتىدۇر.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
ضَرَبَ لَكُمْ مَثَلًا مِنْ أَنْفُسِكُمْ ۖ هَلْ لَكُمْ مِنْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ مِنْ شُرَكَاءَ فِي مَا رَزَقْنَاكُمْ فَأَنْتُمْ فِيهِ سَوَاءٌ تَخَافُونَهُمْ كَخِيفَتِكُمْ أَنْفُسَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال- مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر) دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھقا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلاردىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال بايان قىلدى: «قۇل ئاستىڭلاردىكىلەرنى بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزىققا شېرىك قىلامسىلەر؟ ئۇلار ئۇ رىزىقتا سىلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە بولامدۇ؟ ئۇلاردىن بىر - بىرىڭلاردىن قورققاندەك قورقامسىلەر؟» بىز ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مانا مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
لوقمان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇلار ھېكمەتلىك كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر،
31 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا لُقْمَانَ الْحِكْمَةَ أَنِ اشْكُرْ لِلَّهِ ۚ وَمَنْ يَشْكُرْ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، (ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى) «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (بەندىلەردىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز لوقمانغا ھەقىقەتەن ھېكمەت ئاتا قىلدۇق، -ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى- «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن قىلغان بولىدۇ، كىمكى كۇفرىلىق قىلىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر»
ئەنەس ئالىم: بىز لۇقمانغا: «ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن» دەپ ھېكمەتنى بەردۇق. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ. كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى، ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەلەنگۈچىدۇر.
31 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلَامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز سىيا بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى چوقۇم تۈگىمەيتتى، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: زېمىندىكى دەرەخلەر قەلەم بولسا، دېڭىزلار سىياھ بولسا، بۇنىڭغا باشقا يەتتە دېڭىز سىياھ بولۇپ قوشۇلسا، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى يەنىلا تۈگىمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْنَ مَا يُتْلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ وَالْحِكْمَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى) دىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلارنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆيلىرىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋە ھېكمەتتىن ئوقۇلۇۋاتقان نەرسىلەرنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىرلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆيلىرىڭلاردا تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ھېكمەتنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى ۋە مەخپىيەتلىكلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
33 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
تُرْجِي مَنْ تَشَاءُ مِنْهُنَّ وَتُؤْوِي إِلَيْكَ مَنْ تَشَاءُ ۖ وَمَنِ ابْتَغَيْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكَ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ تَقَرَّ أَعْيُنُهُنَّ وَلَا يَحْزَنَّ وَيَرْضَيْنَ بِمَا آتَيْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، مانا بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر - جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ-
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى كېچىكتۈرۈپ، خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ گۇناھكار بولمايسەن. بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، غەمكىن بولماسلىقىغا ۋە ھەممىسىنىڭ سېنىڭ بەرگىنىڭگە رازى بولۇشىغا ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي الْآخِرَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىكى ھەمدۇسانامۇ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانامۇ ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا بولسۇن. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.
ياسىن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْقُرْآنِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن[2 - 3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى،
ئەنەس ئالىم: ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى،
36 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْقَمَرَ قَدَّرْنَاهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَالْعُرْجُونِ الْقَدِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ -ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا- خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئايغا مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق. ئۇ ئاخىرىدا خورمىنىڭ كونا ساپىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ.
36 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
لَا الشَّمْسُ يَنْبَغِي لَهَا أَنْ تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى ياكى كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: قۇياش ئايغا يېتىشەلمەيدۇ، كېچە كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ.
36 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ نُعَمِّرْهُ نُنَكِّسْهُ فِي الْخَلْقِ ۖ أَفَلَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز، ئۇلار بۇنى چۈشەنمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز كىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتساق، ئۇنىڭ يارىتىلىشىنى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇرىمىز. ئۇلار يەنىلا ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەمدۇ؟
ساد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَشَدَدْنَا مُلْكَهُ وَآتَيْنَاهُ الْحِكْمَةَ وَفَصْلَ الْخِطَابِ
مۇھەممەد سالىھ: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز ـ ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە دانە - دانە سۆز قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى كۈچلەندۈردۇق. ئۇنىڭغا ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق.
38 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَاطِلًا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي![27].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، دوزاخقا كىرىدىغان بۇ كاپىرلارغا ئىسىت!
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق. ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش كافىرلارنىڭ گۇمانىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇ كافىرلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ كافىرلار دوزاخقا كىرىدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ يُوحِي إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ.
42 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ بَسَطَ اللَّهُ الرِّزْقَ لِعِبَادِهِ لَبَغَوْا فِي الْأَرْضِ وَلَٰكِنْ يُنَزِّلُ بِقَدَرٍ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ بِعِبَادِهِ خَبِيرٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىگە رىزىقنى يايسا ئىدى، ئۇلار زېمىندا ھەددىدىن ئاشاتتى. لېكىن ئۇ خالىغىنىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
42 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُكَلِّمَهُ اللَّهُ إِلَّا وَحْيًا أَوْ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ أَوْ يُرْسِلَ رَسُولًا فَيُوحِيَ بِإِذْنِهِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ عَلِيٌّ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېچبىر ئادەمگە گەپ قىلمايدۇ. لېكىن ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىن گەپ قىلىدۇ ياكى ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ۋەھىي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ فِي أُمِّ الْكِتَابِ لَدَيْنَا لَعَلِيٌّ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا مۇقىملاشقان يۇقىرى مەرتىۋىلىك، ھېكمەتلىك بىر كىتابتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ يېنىمىزدىكى ئاساسىي كىتابتا مەۋجۇتتۇر، ئۇلۇغدۇر، ھېكمەتلىكتۇر.
43 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
أَهُمْ يَقْسِمُونَ رَحْمَتَ رَبِّكَ ۚ نَحْنُ قَسَمْنَا بَيْنَهُمْ مَعِيشَتَهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَرَفَعْنَا بَعْضَهُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَتَّخِذَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا سُخْرِيًّا ۗ وَرَحْمَتُ رَبِّكَ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل ـ ماللىرى) دىن ياخشىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى -ھەق بېرىپ- ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ھەق بېرىپ ئىشقا سالسۇن دەپ قىلدۇق. رەببىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ يىغقان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر.
43 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَ عِيسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُمْ بِالْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي تَخْتَلِفُونَ فِيهِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىيسا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
43 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي فِي السَّمَاءِ إِلَٰهٌ وَفِي الْأَرْضِ إِلَٰهٌ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھ، زېمىندىمۇ ئىلاھ بولغان زاتتۇر. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
دۇخان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ئىش ئايرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئەمر ئايرىلىدۇ،
44 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
مَا خَلَقْنَاهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ئىككىسىنى پەقەت ھەق بىلەن ياراتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
جاسىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.
45 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ الْكِبْرِيَاءُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ قۇرئان) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان، غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر.
46 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
مَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ وَالَّذِينَ كَفَرُوا عَمَّا أُنْذِرُوا مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا ۋە مۇئەييەن مۇددەت بىلەن ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بىلەن ياراتتۇق. كافىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَغَانِمَ كَثِيرَةً يَأْخُذُونَهَا ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھقالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18ـ 19].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئۇلارنى ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھغالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى يەنە نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى، ئۇلار ئۇ غەنىيمەتلەرنى ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ ۖ إِنَّهُ هُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «رەببىڭ شۇنداق دېدى. ئۇ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇ شۇنداق. لېكىن بۇنى رەببىڭ دېدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر» دېدى.
قەمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
حِكْمَةٌ بَالِغَةٌ ۖ فَمَا تُغْنِ النُّذُرُ
مۇھەممەد سالىھ: مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (ئاللاھ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ مۇكەممەل بىر ھېكمەتتۇر، لېكىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇكەممەل ھېكمەت. لېكىن ئاگاھلاندۇرۇشلار پايدا بەرمەيۋاتىدۇ.
54 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن ياراتتۇق.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ) غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ، غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.