جاسىيە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 37 ئايەت
مەنىسى: تىزلانغان(قەۋم). ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت كۈنىدە ھەر بىر قەۋمنىڭ قورقۇنچتىن تىزلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (28-ئايەت)
  1. (45-سۈرە جاسىيە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
    ھا، مىم

    ھا، مىم (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [1].

    .
  2. (45-سۈرە جاسىيە، 2-ئايەت)
    تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
    (بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    بۇ غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر [2].

  3. (45-سۈرە جاسىيە، 3-ئايەت)
    إِنَّ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِلْمُؤْمِنِينَ
    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار

    شۈبھىسىزكى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار [3].

  4. (45-سۈرە جاسىيە، 4-ئايەت)
    وَفِي خَلْقِكُمْ وَمَا يَبُثُّ مِنْ دَابَّةٍ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
    سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار

    سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە تارقىلىپ يۈرۈۋاتقان جاندارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار [4].

  5. (45-سۈرە جاسىيە، 5-ئايەت)
    وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ رِزْقٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار

    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىن (قاقاسلىق) نى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار [5].

  6. (45-سۈرە جاسىيە، 6-ئايەت)
    تِلْكَ آيَاتُ اللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِالْحَقِّ ۖ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَ اللَّهِ وَآيَاتِهِ يُؤْمِنُونَ
    ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا ھەقلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. ئۇنى ساڭا ھەقىقىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز. ئۇلار (يەنى مەككە كافىرلىرى) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەي قايسى سۆزگە ئىشەنمەكچىكىن ؟ [6].

  7. (45-سۈرە جاسىيە، 7-ئايەت)
    وَيْلٌ لِكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
    ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي!

    ھەربىر گۇناھكار يالغانچىنىڭ ھالىغا ۋاي! [7].

  8. (45-سۈرە جاسىيە، 8-ئايەت)
    يَسْمَعُ آيَاتِ اللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
    ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ (گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن

    ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفردا) چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن «خۇش خەۋەر» بەرگىن [8].

  9. (45-سۈرە جاسىيە، 9-ئايەت)
    وَإِذَا عَلِمَ مِنْ آيَاتِنَا شَيْئًا اتَّخَذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
    ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا (يەنى ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرى يەتكەن چاغدا)، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ. ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ [9].

  10. (45-سۈرە جاسىيە، 10-ئايەت)
    مِنْ وَرَائِهِمْ جَهَنَّمُ ۖ وَلَا يُغْنِي عَنْهُمْ مَا كَسَبُوا شَيْئًا وَلَا مَا اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاءَ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
    ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم (كۈتۈپ تۇرىدۇ)، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى (يەنى دۇنيادا تاپقان ماللىرى ۋە بالىلىرى) ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئۇلارنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) ئېرىشكەن نەرسىلىرى ۋە ئاللاھنى قويۇپ مەبۇد قىلىۋالغان نەرسىلىرى ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ [10].

  11. (45-سۈرە جاسىيە، 11-ئايەت)
    هَٰذَا هُدًى ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ
    بۇ (قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە كامىل) ھىدايەتتۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    بۇ قۇرئان ھىدايەتتۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [11].

  12. (45-سۈرە جاسىيە، 12-ئايەت)
    اللَّهُ الَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ الْبَحْرَ لِتَجْرِيَ الْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
    اللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن (يەنى تىجارەت قىلىشىڭلار، بېلىق تۇتۇشۇڭلار، دېڭىز ئاستىدىن ئۈنچە ـ مەرۋايىتلارنى سۈزۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن) ۋە (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى

    ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىدىن نېسىۋە ئىزدىشىڭلار ئۈچۈن ۋە (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى [12].

  13. (45-سۈرە جاسىيە، 13-ئايەت)
    وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىييەنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار

    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز مەرھەمىتىدىن سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. بۇنىڭدا تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار [13].

  14. (45-سۈرە جاسىيە، 14-ئايەت)
    قُلْ لِلَّذِينَ آمَنُوا يَغْفِرُوا لِلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ أَيَّامَ اللَّهِ لِيَجْزِيَ قَوْمًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان كۇففارلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىنى) كەچۈرسۇن

    (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازاب كۈنلىرىنى كەلمەيدۇ دەپ قارايدىغانلارنى كەچۈرۈپ تۇرسۇن [14].

  15. (45-سۈرە جاسىيە، 15-ئايەت)
    مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ۖ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
    كىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر (ئاللاھ ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىدۇ)

    كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگىدۇر، ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر [15].

  16. (45-سۈرە جاسىيە، 16-ئايەت)
    وَلَقَدْ آتَيْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى)، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى (زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋراتنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق [16].

  17. (45-سۈرە جاسىيە، 17-ئايەت)
    وَآتَيْنَاهُمْ بَيِّنَاتٍ مِنَ الْأَمْرِ ۖ فَمَا اخْتَلَفُوا إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
    ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم (يەنى دىننىڭ راستلىقىغا قەتئى دەلىللەر) كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ

    ئۇلارغا روشەن بۇيرۇقلارنى بەردۇق. ئۇلارغا كەسكىن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە قىيامەت كۈنى چوقۇم ھۆكۈم چىقىرىدۇ [17].

  18. (45-سۈرە جاسىيە، 18-ئايەت)
    ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍ مِنَ الْأَمْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن

    ئاندىن كېيىن (ئى مۇھەممەد!) بىز سېنى دىنىي جەھەتتە بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ماڭغىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشمىگىن [18].

  19. (45-سۈرە جاسىيە، 19-ئايەت)
    إِنَّهُمْ لَنْ يُغْنُوا عَنْكَ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۖ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ
    شۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ (ئازابى) دىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر

    شۈبھىسىزكى، ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر [19].

  20. (45-سۈرە جاسىيە، 20-ئايەت)
    هَٰذَا بَصَائِرُ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
    بۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن پاكىتلاردۇر، ھىدايەتتۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) جەزمەن ئىشەنگەن قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر

    بۇ قۇرئان ئىنسانلار ئۈچۈن نۇردۇر، ھىدايەتتۇر، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر [20].

  21. (45-سۈرە جاسىيە، 21-ئايەت)
    أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ اجْتَرَحُوا السَّيِّئَاتِ أَنْ نَجْعَلَهُمْ كَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَوَاءً مَحْيَاهُمْ وَمَمَاتُهُمْ ۚ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
    يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان!

    يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى كافىرلار) بىزنىڭ ئۆزلىرىنى ھايات-ماماتلىقىدا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! [21].

  22. (45-سۈرە جاسىيە، 22-ئايەت)
    وَخَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ [22].

  23. (45-سۈرە جاسىيە، 23-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَنْ يَهْدِيهِ مِنْ بَعْدِ اللَّهِ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟

    (ئى مۇھەممەد!) كۆڭلى خالىغاننى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ بىلىپ گۇمراھلىقىدا قويغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قويغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر بۇلاردىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ [23].

  24. (45-سۈرە جاسىيە، 24-ئايەت)
    وَقَالُوا مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلَّا الدَّهْرُ ۚ وَمَا لَهُمْ بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
    ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز). پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ). ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ

    قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار: «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە تۇغۇلۇپ تۇرىمىز، پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» دەيدۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت خىيالىغا كەلگەنچە سۆزلەيدۇ [24].

  25. (45-سۈرە جاسىيە، 25-ئايەت)
    وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ مَا كَانَ حُجَّتَهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا ائْتُوا بِآبَائِنَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار (يەنى تىرىلدۈرۈڭلار)» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر گېپىڭلار راست بولسا، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى [25].

  26. (45-سۈرە جاسىيە، 26-ئايەت)
    قُلِ اللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)»

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن جېنىڭلارنى ئالالايدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن، كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ» [26].

  27. (45-سۈرە جاسىيە، 27-ئايەت)
    وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَخْسَرُ الْمُبْطِلُونَ
    ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ

    ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كافىرلار زىيان تارتىدۇ [27].

  28. (45-سۈرە جاسىيە، 28-ئايەت)
    وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً ۚ كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَىٰ إِلَىٰ كِتَابِهَا الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)

    (ئى مۇھەممەد!) (قىيامەت كۈنى) ھەربىر ئۈممەتنى (قورققىنىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەربىر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا چاقىرىلىدۇ ھەمدە (ئۇلارغا) «بۈگۈن سىلەر قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتلىنىسىلەر ياكى جازالىنىسىلەر [28].

  29. (45-سۈرە جاسىيە، 29-ئايەت)
    هَٰذَا كِتَابُنَا يَنْطِقُ عَلَيْكُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنْسِخُ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە ـ ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)

    بۇ نامە ـ ئەمال سىلەرگە راستچىللىق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى ئۇنىڭغا يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق» (دېيىلىدۇ) [29].

  30. (45-سۈرە جاسىيە، 30-ئايەت)
    فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُدْخِلُهُمْ رَبُّهُمْ فِي رَحْمَتِهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ-روشەن ئۇتۇق قازانغانلىق [30].

  31. (45-سۈرە جاسىيە، 31-ئايەت)
    وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا أَفَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَاسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنْتُمْ قَوْمًا مُجْرِمِينَ
    كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ)

    كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە سىلەر چوڭچىلىق قىلغان ئەمەسمىدىڭلار؟ سىلەر ئەسلىدە گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىكەنسىلەر [31].

  32. (45-سۈرە جاسىيە، 32-ئايەت)
    وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَالسَّاعَةُ لَا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُمْ مَا نَدْرِي مَا السَّاعَةُ إِنْ نَظُنُّ إِلَّا ظَنًّا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ
    (سىلەرگە) «ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار

    سىلەرگە <ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ بولۇشىدا ھېچ شەك يوق> دېيىلسە، سىلەر: <قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز> دېدىڭلار» دېيىلىدۇ [32].

  33. (45-سۈرە جاسىيە، 33-ئايەت)
    وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا عَمِلُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ

    ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب ئورىۋالىدۇ [33].

  34. (45-سۈرە جاسىيە، 34-ئايەت)
    وَقِيلَ الْيَوْمَ نَنْسَاكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
    (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ

    ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ [34].

  35. (45-سۈرە جاسىيە، 35-ئايەت)
    ذَٰلِكُمْ بِأَنَّكُمُ اتَّخَذْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا وَغَرَّتْكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ فَالْيَوْمَ لَا يُخْرَجُونَ مِنْهَا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (تەۋبە قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالغان ئىدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان ئىدى» دېيىلىدۇ. بۇ كۈندە ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ [35].

  36. (45-سۈرە جاسىيە، 36-ئايەت)
    فَلِلَّهِ الْحَمْدُ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَرَبِّ الْأَرْضِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!

    بارلىق ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر! [36]

  37. (45-سۈرە جاسىيە، 37-ئايەت)
    وَلَهُ الْكِبْرِيَاءُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممىدىن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [37].