ئىنسان تۆرەلمىسى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
بۇ ئايەتلەردە ئاللاھ ئىنساننىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى بىر تامچە سۇدىن يېپىشقاق قانغا ئاندىن شەكىلگە كىرىپ يىتىلىش جەريانىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ ئويلىنىشقا نەسىھەت ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئېنگلىزچىسى: Human Embryology as Divine Sign
12 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەبىئەتتىكى ئالامەتلەر /
- 📄 ئىنسان تۆرەلمىسى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرنى بالىياتقۇدىكى چېغىڭلاردا ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدا سىلەرنى خالىغانچە شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِنَ الْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِنْ مُضْغَةٍ مُخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِنُبَيِّنَ لَكُمْ ۚ وَنُقِرُّ فِي الْأَرْحَامِ مَا نَشَاءُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ۖ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ وَمِنْكُمْ مَنْ يُرَدُّ إِلَىٰ أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِنْ بَعْدِ عِلْمٍ شَيْئًا ۚ وَتَرَى الْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنْبَتَتْ مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا ـ ئاستا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار، -ئېسىڭلاردا بولسۇنكى-، بىز سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى -ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن- بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز، ئاندىن سىلەر قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرۇلىسىلەر. سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشىڭلاردىن شۈبھىلەنسەڭلار شۇنى بىلىڭلاركى: بىز سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن، ئاندىن يېپىشقاق قاندىن، ئاندىن تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈلمىگەن بىر چاينام گۆشتىن ياراتتۇق. بۇلارنى، سىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. بىز خالىغىنىمىزنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە بالىياتقۇلاردا تۇتىمىز. ئاندىن سىلەرنى بوۋاق ھالىتىدە دۇنياغا كەلتۈرىمىز، ئاندىن ئۇنى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغۇچە يوغىنىتىمىز. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىگە قايتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلگەنلىرىنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، بىز ئۇنىڭغا سۇ چۈشۈرسەك جانلىنىدۇ، كۆپۈشىدۇ ۋە خىلمۇخىل چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ خَلَقْنَا النُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا الْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا الْمُضْغَةَ عِظَامًا فَكَسَوْنَا الْعِظَامَ لَحْمًا ثُمَّ أَنْشَأْنَاهُ خَلْقًا آخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ماھىرى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېپىشقاق قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن يېپىشقاق قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى[1] سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ[2]، ئۈچ قاراڭغۇلۇق[3] ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇلارنى قىلىۋاتقان ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئەركەك، بىر چىشى بولۇپ، جەمئىي سەككىز تۇياق ھايۋان چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا ئۈچ قات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يارىتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
قىيامەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِنْ مَنِيٍّ يُمْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟[37]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بەچچىدانلارغا تۆكىلىدىغان مەنىيدىن ئەمەسمىدى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ بالىياتقۇلارغا تۆكۈلىدىغان مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەمەسمىدى؟
75 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇ يېپىشقاق قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ياراتتى ۋە شەكىل بەردى،
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق.
مۇرسەلات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ نَخْلُقْكُمْ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟[20]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى بىز ھېقىر بىر سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز سىلەرنى ئاجىز سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
77 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلْنَاهُ فِي قَرَارٍ مَكِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق[21ـ22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بىز پۇختا ئارامگاھ - بەچچىدان - دا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ سۇنى مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق،
تارىق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
خُلِقَ مِنْ مَاءٍ دَافِقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى سۇ-مەنى-دىن يارىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، ئېتىلىپ چىققۇچى سۇدىن يارىتىلدى.
86 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَخْرُجُ مِنْ بَيْنِ الصُّلْبِ وَالتَّرَائِبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سۇ ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ سۇ ئومۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق قاندىن ياراتتى.