مۇرسەلات سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 50 ئايەتمەنىسى: لەرزان (شاماللار). ئاتىلىش سەۋەبى: شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالْمُرْسَلَاتِ عُرْفًا
ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى
ئارقىمۇئارقا ئەۋەتىلگەنلەر بىلەن
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 2-ئايەت)فَالْعَاصِفَاتِ عَصْفًا
قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى
قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 3-ئايەت)وَالنَّاشِرَاتِ نَشْرًا
(بۇلۇتلارنى ئاللاھ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى
تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 4-ئايەت)فَالْفَارِقَاتِ فَرْقًا
(ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى
كەسكىن رەۋىشتە ئايرىغۇچىلار بىلەن
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 5-ئايەت)فَالْمُلْقِيَاتِ ذِكْرًا
(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى
ۋەھىينى ئېلىپ چۈشكۈچىلەر بىلەن قەسەمكى،
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 6-ئايەت)عُذْرًا أَوْ نُذْرًا
(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى
ئۆزرە ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 7-ئايەت)إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَاقِعٌ
سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر
سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسە چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 8-ئايەت)فَإِذَا النُّجُومُ طُمِسَتْ
يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا
يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 9-ئايەت)وَإِذَا السَّمَاءُ فُرِجَتْ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا
ئاسمان يېرىلغان
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 10-ئايەت)وَإِذَا الْجِبَالُ نُسِفَتْ
تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا
تاغلار تىتىلىپ ئۇچۇپ يۈرگەن
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 11-ئايەت)وَإِذَا الرُّسُلُ أُقِّتَتْ
پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)
پەيغەمبەرلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 12-ئايەت)لِأَيِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ
(پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 13-ئايەت)لِيَوْمِ الْفَصْلِ
خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)
خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگىمۇ؟
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 14-ئايەت)وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الْفَصْلِ
ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟
ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 15-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 16-ئايەت)أَلَمْ نُهْلِكِ الْأَوَّلِينَ
(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 17-ئايەت)ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ الْآخِرِينَ
ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق
ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 18-ئايەت)كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)
گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 19-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 20-ئايەت)أَلَمْ نَخْلُقْكُمْ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ
سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
سىلەرنى بىز ھېقىر بىر سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 21-ئايەت)فَجَعَلْنَاهُ فِي قَرَارٍ مَكِينٍ
ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق
ئۇنى بىز پۇختا ئارامگاھ - بەچچىدان - دا قىلدۇق
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 22-ئايەت)إِلَىٰ قَدَرٍ مَعْلُومٍ
ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق
مەلۇم ۋاقىتقىچە
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 23-ئايەت)فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ الْقَادِرُونَ
بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!
بىز بۇلارنى قىلىشقا قادىر بولدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 24-ئايەت)فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ الْقَادِرُونَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 25-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟
بىز زېمىننى تىرىكلەرگە ۋە ئۆلۈكلەرگە يىغىلىش ئورنى قىلمىدۇقمۇ؟
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 26-ئايەت)أَلَمْ نَجْعَلِ الْأَرْضَ كِفَاتًا
(يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)
بىز زېمىننى تىرىكلەرگە ۋە ئۆلۈكلەرگە يىغىلىش ئورنى قىلمىدۇقمۇ؟
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 27-ئايەت)أَحْيَاءً وَأَمْوَاتًا
بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق
بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 28-ئايەت)وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ شَامِخَاتٍ وَأَسْقَيْنَاكُمْ مَاءً فُرَاتًا
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 29-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)
ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: «سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسىگە بېرىڭلار؛
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 30-ئايەت)انْطَلِقُوا إِلَىٰ مَا كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)
يەنى ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار»
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 31-ئايەت)انْطَلِقُوا إِلَىٰ ظِلٍّ ذِي ثَلَاثِ شُعَبٍ
ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ
ئۇ سايە سەگىدەتمەيدۇ ۋە يالقۇننى توسمايدۇ
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 32-ئايەت)لَا ظَلِيلٍ وَلَا يُغْنِي مِنَ اللَّهَبِ
ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ
ئۇ يالقۇن قەسىردەك ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 33-ئايەت)إِنَّهَا تَرْمِي بِشَرَرٍ كَالْقَصْرِ
ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ
ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 34-ئايەت)كَأَنَّهُ جِمَالَتٌ صُفْرٌ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 35-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ
بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 36-ئايەت)هَٰذَا يَوْمُ لَا يَنْطِقُونَ
ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ
ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 37-ئايەت)وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 38-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز
بۇ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇركى، سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 39-ئايەت)هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ ۖ جَمَعْنَاكُمْ وَالْأَوَّلِينَ
ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار
ئەگەر بىرەر چارەڭلار بولسا، چارەڭلارنى ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 40-ئايەت)فَإِنْ كَانَ لَكُمْ كَيْدٌ فَكِيدُونِ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 41-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەرنىڭ ئاستىدا ۋە بۇلاقلارنىڭ يېنىدا بولىدۇ
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 42-ئايەت)إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي ظِلَالٍ وَعُيُونٍ
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
ۋە ئۇلارغا كۆڭلى تارتقان مېۋىلەر بار
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 43-ئايەت)وَفَوَاكِهَ مِمَّا يَشْتَهُونَ
(ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)
-ئۇلارغا-: «دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» -دېيىلىدۇ-
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 44-ئايەت)كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 45-ئايەت)إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 46-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
(كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ)
-كۇففارلارغا-: «ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بۇلۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» -دېيىلىدۇ-
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 47-ئايەت)كُلُوا وَتَمَتَّعُوا قَلِيلًا إِنَّكُمْ مُجْرِمُونَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 48-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ
ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 49-ئايەت)وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ارْكَعُوا لَا يَرْكَعُونَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!
-
(77-سۈرە مۇرسەلات، 50-ئايەت)وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
ئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت ـ بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟