تەبىئەتتىكى ئالامەتلەر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
يارىتىلىش ۋە تەبىئەت دۇنياسى: تەبىئەتتىكى ئىشارەتلەر
ئېنگلىزچىسى: Signs in Nature
229 ئايەت
63 سۈرە
7 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنْفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ مَاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُصَوِّرُكُمْ فِي الْأَرْحَامِ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرنى بەچچىدانلاردا (يەنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چېغىڭلاردا) ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرنى بالىياتقۇدىكى چېغىڭلاردا ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇلىرىدا سىلەرنى خالىغانچە شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
3 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
تُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَتُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۖ وَتُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَتُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ ۖ وَتَرْزُقُ مَنْ تَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن، (شۇنىڭ بىلەن كېچە-كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزەڭ خالىغان كىشىگە ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىسەن؛ جانلىقنى جانسىزدىن چىقىرىسەن، جانسىزنى جانلىقتىن چىقىرىسەن؛ ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»
ئەنەس ئالىم: كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىسەن، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىسەن. تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىسەن، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن».
3 : 190 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار[190].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
ئەنئام سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَجَعَلَ الظُّلُمَاتِ وَالنُّورَ ۖ ثُمَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇقنى پەيدا قىلدى. كافىرلار مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇقلارنى ۋە نۇرنى بار قىلدى. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلماقتىدۇر.
6 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَىٰ كَوْكَبًا ۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآفِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋېدى: «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى.
6 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئاينىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن چىقىۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى: «رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى.
6 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَا أَكْبَرُ ۖ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن چوڭ ئىكەن» دېدى؛ قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن
ئەنەس ئالىم: ئاندىن چىقىۋاتقان قۇياشنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى، مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا -جۇدامەن.
6 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
فَالِقُ الْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى. (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سۈبھىنى قاراڭغۇدىن يېرىپ چىقارغان، سىلەر ئۈچۈن كېچىنى ئارام ۋاقتى، قۇياش بىلەن ئاينى ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇلار غالىب ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ قاراڭغۇلۇقلارنى يېرىپ تاڭنى چىقارغۇچىدۇر. ئۇ كېچىنى ئىستىراھەت زامانى، قۇياشنى ۋە ئاينى بىرەر ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلدى. بۇ ئەزىز ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ بەلگىلىشىدۇر.
6 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ النُّجُومَ لِتَهْتَدُوا بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرنىڭ يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ ئايەتلەرنى بىلەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
6 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ نَبَاتَ كُلِّ شَيْءٍ فَأَخْرَجْنَا مِنْهُ خَضِرًا نُخْرِجُ مِنْهُ حَبًّا مُتَرَاكِبًا وَمِنَ النَّخْلِ مِنْ طَلْعِهَا قِنْوَانٌ دَانِيَةٌ وَجَنَّاتٍ مِنْ أَعْنَابٍ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُشْتَبِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ ۗ انْظُرُوا إِلَىٰ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَيَنْعِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمْ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماندىن سۇنى چۈشۈرگەن زات ئاللاھتۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردۇق. (ئۇنىڭدىن بوغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈرىمىز. خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرىمىز. (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر چۈشۈرۈپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇ شۇ يامغۇر بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، يەنە يېشىل مايسىلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى، ئۈزۈملۈك باغلارنى، بىر ـ بىرىگە بەزى جەھەتتىن ئوخشايدىغان ۋە بەزى جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردى. سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىگەن چاغدىكى يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر ئۆسۈملۈكنىڭ بىخىنى چىقاردۇق، ئۇ ئۆسۈملۈكتىن نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر - بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمىنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى، بىرى - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى چىقاردۇق. ھەربىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَقَلَّتْ سَحَابًا ثِقَالًا سُقْنَاهُ لِبَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَنْزَلْنَا بِهِ الْمَاءَ فَأَخْرَجْنَا بِهِ مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ ۚ كَذَٰلِكَ نُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز. ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) يېغىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، شۇنىڭدەك قىيامەتتە ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز. بۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ، تاكى ئۇ شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، بىز ئۇنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ ئارقىلىق سۇنى چۈشۈرىمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن بارلىق مېۋىلەردىن چىقىرىمىز. بىز ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق چىقىرىمىز. ئويلانغايسىلەر!
يۇنۇس سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي جَعَلَ الشَّمْسَ ضِيَاءً وَالْقَمَرَ نُورًا وَقَدَّرَهُ مَنَازِلَ لِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ ۚ مَا خَلَقَ اللَّهُ ذَٰلِكَ إِلَّا بِالْحَقِّ ۚ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى. يىللارنىڭ سانىنى ۋە (ۋاقىتلارنىڭ) ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى (يەنى بۇرۇجلارنى) تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق (بەلكى بۈيۈك ھېكمەت ۋە زور مەنپەئەت ئۈچۈن ياراتتى)، ئاللاھ ئايەتلىرىنى (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) بىلىدىغان (ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان) قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قۇياشنى نۇر چاچقۇچى ۋە ئاينى نۇرلۇق قىلىپ ياراتتى، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئايغا مەنزىللەرنى تەيىن قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بىكار ياراتقىنى يوق، ئاللاھ ئايەتلىرىنى بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇياشنى نۇر مەنبەسى، ئاينى نۇر ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلدى ۋە ئايغا مەنزىللەر بەلگىلىدى. ئاللاھ بۇنى يىللارنىڭ سانىنى ۋە ۋاقىتلارنىڭ ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ بۇلارنى پەقەت ھەق بىلەنلا ياراتتى. ئاللاھ ئايەتلىرىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
10 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي اخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھتىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە ئاللاھتىن قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان نەرسىلەردە تەقۋادارلىق قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
10 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنْتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِمْ بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنْجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا گۇمان قىلىپ:«ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر كېمىلەردە بولغان، كېمىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى يولۇچىلارنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە يولۇچىلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىۋاتقان ئەسنادا، كېمىلەرگە بىردىنلا بوران كېلىدۇ، يولۇچىلارغا ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورشىۋېلىنغانلىقىنى4 ئويلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق پەيتتە: «ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ.
10 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالْأَنْعَامُ حَتَّىٰ إِذَا أَخَذَتِ الْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَا أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَنْ لَمْ تَغْنَ بِالْأَمْسِ ۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى (تېز ئۆزگۈرۈشىدە، نېمەتلىرىنىڭ ئۆتكۈنچى بولۇشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مەغرۇر بولۇشىدا) بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن (يامغۇر) سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى (ئۈنۈپ چىقىپ) بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، (زىرائەتلەرنى) تۈنۈگۈن (يەنى ئىلگىرى) يوقتەك، (پۈتۈنلەي) ئورۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق (يەنى نابۇت قىلىپ، يوق قىلدۇق)، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاياتىي دۇنيانىڭ مىسالى، بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن يامغۇر سۈيىگە ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، ھايۋانلار يەيدىغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلىرى ئۈنۈپ چىقىپ بىر ـ بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەتتا زېمىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن، چىرايلىق ياسانغان، زېمىن ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا جەزم قىلىپ تۇرغان چاغدا، ناگاھان كېچىسى ياكى كۈندۈزى ئۇنىڭغا قازايىمىز يەتتى ـ دە، زىرائەتلەرنى تۈنۈگۈن-ئىلگىرى- يوقتەك، پۈتۈنلەي ئۇرۇپ تاشلانغاندەك قىلىۋەتتۇق، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: دۇنيا ھاياتىنىڭ مىسالى بىز ئاسماندىن چۈشۈرگەن سۇغا ئوخشايدۇكى، ئۇنىڭ بىلەن زېمىننىڭ ئىنسانلار، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەر يەيدىغان ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈپ بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرى زېمىن ياسىنىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەن ۋە ئىگىلىرى ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يىغىشقا ئۆزلىرىنىڭ قادىر ئىكەنلىكىنى ئويلاۋاتقان ئەسنادا، بۇيرۇقىمىز ئۇنىڭغا كېچىدە ياكى كۈندۈزدە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ يەرنى زىرائەتلىرى ئورۇلغان ئاق يەرگە ئايلاندۇرۇۋېتمىز. خۇددى ئۇ گۈزەل مەنزىرە بىر كۈن ئاۋۋال ئۇ يەردە يوقتىكىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بىز تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى ئەنە شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
10 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، (ئىبرەت قۇلىقى بىلەن) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى ياراتتى، نەرسىلەرنى كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى، ئىبرەت قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېچىنى يارىتىپ بەردى، كۈندۈزنى كۆرسەتكۈچى قىلدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
رەئد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي رَفَعَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ يُفَصِّلُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ بِلِقَاءِ رَبِّكُمْ تُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن) بويسۇندۇردى، (ئۇلارنىڭ) ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى پانى دۇنيانىڭ تۈگەيدىغان ۋاقتىغىچە) سەير قىلىدۇ، ئاللاھ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلدى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بويسۇندۇردى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئاللاھ مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى رەببىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈردى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى، قۇياشنى ۋە ئاينى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلايدۇ، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بۇلارنى رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدىغانلىقىڭلارغا جەزمەن ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ.
13 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي مَدَّ الْأَرْضَ وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْهَارًا ۖ وَمِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ جَعَلَ فِيهَا زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ ۖ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەر يۈزىنى (ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا) سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى (يەنى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى ياپتى). بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەر يۈزىنى سوزۇپ كەڭ ياراتتى، يەر يۈزىدە تاغلارنى ۋە دەريالارنى ياراتتى، مېۋىلەرنىڭ ھەربىر تۈرىنى ئەركەك ـ چىشى ـ ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى. كېچىنى كۈندۈزگە كىرىشتۈردى. بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سوزدى1، زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى ۋە دەريالارنى بار قىلدى، زېمىندا پۈتۈن مېۋە ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى جۈپ ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە ياپىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
13 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنْشِئُ السَّحَابَ الثِّقَالَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (چاقماقتىن) قورقىتىش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ، (قۇدرىتى بىلەن) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قورقۇتۇش ۋە ئۈمىد تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ۋە قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى سىلەرگە، قورقۇشىڭلار ۋە ئۈمىدلىنىشىڭلار ئۈچۈن چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ۋە يامغۇر يۈكلەنگەن ئېغىر بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ.
13 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنْفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ[17]. (ئىزاھات: بۇ مىسالدىكى سۇ بولسا زېمىندا قالىدىغان ھەقتىن، كۆپۈك بولسا ساباتى يوق باتىلدىن ئىبارەت.)
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، -يامغۇر سۈيى- جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ، ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ[1] شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار. ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرىدۇ، ئاندىن نۇرغۇن ۋادىلار توشقۇچە سەل بولۇپ ئاقىدۇ. بۇ سەل ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چىققان كۆپۈكنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئىنسانلار زىننەت بۇيۇمى ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئېرىتكەن نەرسىدىنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈك چىقىدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال ئارقىلىق ھەق بىلەن باتىلنى بايان قىلىدۇ. كۆپۈككە كەلسەك، ئۇ ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان نەرسە بولسا زېمىندا قالىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇنداق مىساللارنى كەلتۈرىدۇ.
ئىبراھىم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى،
14 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَخَّرَ لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَائِبَيْنِ ۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندۈزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى
ئەنەس ئالىم: مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان قۇياشنى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، كېچە بىلەن كۈندۈزنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى،
ھىجىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَعَلْنَا فِي السَّمَاءِ بُرُوجًا وَزَيَّنَّاهَا لِلنَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئاسماندا بۇرجلارنى ياراتتۇق، ئۇنى قارىغۇچىلار ئۈچۈن زىننەتلىدۇق،
15 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْزُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىننى سوزدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا ئۆلچەملىك ھەر نەرسىدىن ئۈندۈردۇق،
15 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرْسَلْنَا الرِّيَاحَ لَوَاقِحَ فَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَسْقَيْنَاكُمُوهُ وَمَا أَنْتُمْ لَهُ بِخَازِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر
ئەنەس ئالىم: بىز چاڭلاشتۇرغۇچى شاماللارنى ئەۋەتتۇق، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنى سۇغاردۇق. بولمىسا ئۇنى سىلەر ساقلىيالمايتتىڭلار.
نەھىل سۈرىسى
17 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَنْعَامَ خَلَقَهَا ۗ لَكُمْ فِيهَا دِفْءٌ وَمَنَافِعُ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار (نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلار (نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى) دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى) نى يەيسىلەر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ﷲ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلارنىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلاردىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر.
16 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَكُمْ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسْرَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ (خۇشاللىق بېغىشلايدۇ)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭلاردا، چارۋا ماللار سىلەرگە زىننەت بولۇپ -خۇشاللىق بېغىشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن ئېلىپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ بارغان چاغلىرىڭلاردا زوق ئالىسىلەر.
16 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَحْمِلُ أَثْقَالَكُمْ إِلَىٰ بَلَدٍ لَمْ تَكُونُوا بَالِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ الْأَنْفُسِ ۚ إِنَّ رَبَّكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر ۋە مېھرىباندۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى سىلەر جاپا ـ مۇشەققەت بىلەن ئاران يېتىپ بارالايدىغان جايلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ، سىلەرنىڭ رەببىڭلار سىلەرگە ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، ئۇ ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەر جاپا - مۇشەققەتسىز بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
16 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْخَيْلَ وَالْبِغَالَ وَالْحَمِيرَ لِتَرْكَبُوهَا وَزِينَةً ۚ وَيَخْلُقُ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ.
16 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً ۖ لَكُمْ مِنْهُ شَرَابٌ وَمِنْهُ شَجَرٌ فِيهِ تُسِيمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئارقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئاقىلىق ئۆسكەن دەل ـ دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ.
16 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُنْبِتُ لَكُمْ بِهِ الزَّرْعَ وَالزَّيْتُونَ وَالنَّخِيلَ وَالْأَعْنَابَ وَمِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر بار[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئېكىنلەر، زەيتۇنلار، خورمىلار، ئۈزۈملەر ۋە خىلمۇخىل مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرمەكتە. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار2.
16 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ وَالنُّجُومُ مُسَخَّرَاتٌ بِأَمْرِهِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى، قۇياش بىلەن ئاينى خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن خىزمىتىڭلارغا بويسۇندۇرۇلماقتا. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
16 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي سَخَّرَ الْبَحْرَ لِتَأْكُلُوا مِنْهُ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُوا مِنْهُ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گۆشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرۇشى بىلەن يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە يۈك ـ تاقلار قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسەن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى دېڭىز (جانلىقلىرى) نىڭ يېڭى گۆشلىرىنى يېسۇن، (ئۈنچە-مارجانلاردىن ئىبارەت) تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. سەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى - سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن - ھەمدە ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى.
16 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِكُمْ وَأَنْهَارًا وَسُبُلًا لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى، (زىرائەتلىرىڭلارنى ، چارۋا -ماللىرىڭلارنى سۇغىرىشىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى پەيدا قىلدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردى، (پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى ۋە بەلگىلەرنى بەرپا قىلدى. ئىنسانلار يۇلتۇزلار بىلەنمۇ يول تاپىدۇ.
ئەنەس ئالىم: زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدى، سۈيىدىن پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆستەڭلەرنى ۋە يولۇڭلارنى تاپالىشىڭلار ئۈچۈن يوللارنى پەيدا قىلدى،
16 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَامَاتٍ ۚ وَبِالنَّجْمِ هُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (يوللارغا) بەلگىلەرنى قىلدى. ئۇلار (كېچىسى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزلاردا) يۇلتۇزلار بىلەن يول تاپىدۇ[16].
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەنە نۇرغۇن ئالامەتلەرنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلار يۇلتۇزلار بىلەنمۇ يوللىرىنى تاپالايدۇ.
16 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا (تۈرلۈك زىرائەتلەرنى) ئۈندۈردى، بۇنىڭدا (ۋەز ـ نەسىھەت) ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن قاغجىراپ قالغان زېمىندا تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ئۈندۈردى، بۇنىڭدا ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك تۇپراققا ھايات بەرمەكتىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار.
16 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً ۖ نُسْقِيكُمْ مِمَّا فِي بُطُونِهِ مِنْ بَيْنِ فَرْثٍ وَدَمٍ لَبَنًا خَالِصًا سَائِغًا لِلشَّارِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق ـ تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار. سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق ـ تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكەنلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر.
16 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ ثَمَرَاتِ النَّخِيلِ وَالْأَعْنَابِ تَتَّخِذُونَ مِنْهُ سَكَرًا وَرِزْقًا حَسَنًا ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەر ئۈچۈن يەنە بۇنداق ئىبرەتمۇ باركى) خورمىدىن، ئۈزۈمدىن شارابلار ۋە پاكىز يېمەكلىكلەر ياسايسىلەر، ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر خورمىلاردىن ۋە ئۈزۈملەردىن مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ۋە ياخشى رىزىق ياسايسىلەر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار.
16 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَىٰ رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۈردى: «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆيلەر ياسىغىن.
16 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا ۚ يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر (يەنى گۈل ـ چېچەكلەر) دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن». ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر -گۈل ـ چېچەكلەر- دىن يېگىن، رەببىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن»، ھەسەل ھەرىسىنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك -ھەسەل- چىقىدۇ. بۇنىڭدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، ئاندىن رەببىڭ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا ماڭغىن». ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىكتە ئىنسانلار ئۈچۈن شىپا بار. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار.
16 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ مُسَخَّرَاتٍ فِي جَوِّ السَّمَاءِ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا اللَّهُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى (ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچۇش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن ئۇچارقاناتلارنى كۆرمەمدۇ؟ ئۇلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
16 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ بُيُوتِكُمْ سَكَنًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنْ جُلُودِ الْأَنْعَامِ بُيُوتًا تَسْتَخِفُّونَهَا يَوْمَ ظَعْنِكُمْ وَيَوْمَ إِقَامَتِكُمْ ۙ وَمِنْ أَصْوَافِهَا وَأَوْبَارِهَا وَأَشْعَارِهَا أَثَاثًا وَمَتَاعًا إِلَىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەرنى (چېدىرلەرنى) قىلىپ بەردى، سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يىنىكلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن ، تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن، ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنى (يەنى سىلەر كىيىدىغان ۋە ئۆيۈڭلارنى سەرەمجانلاشتۇرىدىغان) ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە (ئۆلۈم كەلگۈچە ياكى ئۇلار كونىراپ تۈگىگۈچە) پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەر-چېدىرلار-نى قىلىپ بەردى، سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يىنىكلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن، ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنى، ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن، كۆچكەن كۈنۈڭلاردا ۋە تۇرغان كۈنۈڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم - كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىلىپ بەردى.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ آيَتَيْنِ ۖ فَمَحَوْنَا آيَةَ اللَّيْلِ وَجَعَلْنَا آيَةَ النَّهَارِ مُبْصِرَةً لِتَبْتَغُوا فَضْلًا مِنْ رَبِّكُمْ وَلِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ فَصَّلْنَاهُ تَفْصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچە بىلەن كۈندۈزنى (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار (يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تېپىش يولىدا سەئيى ھەرىكەتتە بولۇشۇڭلار) ئۈچۈن، (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ) يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق، (دىنىي ۋە دۇنياۋى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، رەببىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن، يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق ۋە پۈتۈن ئىشلارنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئىككى ئايەت قىلدۇق. ئاندىن كېچە ئايىتىنى ئۆچۈردۇق، كۈندۈز ئايىتىنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق2. بۇ رەببىڭلاردىن پەزل تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر، ھەمدە يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بىز ھەر نەرسىنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
17 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّكُمُ الَّذِي يُزْجِي لَكُمُ الْفُلْكَ فِي الْبَحْرِ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭلار، سىلەرنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُزِّي إِلَيْكِ بِجِذْعِ النَّخْلَةِ تُسَاقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ خورما دەرىخىنى ئىرغىتقىن، پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ.
تاھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ مَهْدًا وَسَلَكَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْ نَبَاتٍ شَتَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەر ئۈچۈن بۆشۈك قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە يوللار ئاچتى ۋە ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن خىلمۇخىل جۈپ ئۆسۈملۈكلەرنى چىقاردۇق.
20 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُوا وَارْعَوْا أَنْعَامَكُمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِأُولِي النُّهَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن يەڭلار ۋە مال چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: يەڭلار ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنى ئوتلىتىڭلار. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
20 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ يَنْسِفُهَا رَبِّي نَسْفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۈكۈم تالقان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ6. ئېيتقىنكى: «رەببىم ئۇلارنى كۇكۇم - تالقان قىلىپ سورۇۋېتىدۇ،
ئەنبىيا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا ۖ وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ ۖ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ؟[30]
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار ئىشەنمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: كافىرلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاسمانلار بىلەن زېمىن تۇتاش ئىدى، ئۇ ئىككىسىنى بىز ئايرىدۇق. بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەمدۇ؟
21 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجًا سُبُلًا لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىندا ئىنسانلارنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق ۋە ئۇلارنى بارىدىغان يېرىگە بارالىسۇن دەپ ئۇ تاغلاردا كەڭ يوللارنى ئاچتۇق.
21 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا السَّمَاءَ سَقْفًا مَحْفُوظًا ۖ وَهُمْ عَنْ آيَاتِهَا مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار ئاسماندىكى ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە ئاسماننى مۇھاپىزەت قىلىنغان تورۇس قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىكى ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر پەلەكتە سەير قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىنى، كۈندۈزنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزمەكتىدۇر.
ھەج سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِنَ الْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِنْ مُضْغَةٍ مُخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِنُبَيِّنَ لَكُمْ ۚ وَنُقِرُّ فِي الْأَرْحَامِ مَا نَشَاءُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ۖ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ وَمِنْكُمْ مَنْ يُرَدُّ إِلَىٰ أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِنْ بَعْدِ عِلْمٍ شَيْئًا ۚ وَتَرَى الْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنْبَتَتْ مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا ـ ئاستا كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار، -ئېسىڭلاردا بولسۇنكى-، بىز سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندا مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى -ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن- بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز، ئاندىن سىلەر قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە ھايات قالدۇرۇلىسىلەر. سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشىڭلاردىن شۈبھىلەنسەڭلار شۇنى بىلىڭلاركى: بىز سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن، ئاندىن يېپىشقاق قاندىن، ئاندىن تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈلمىگەن بىر چاينام گۆشتىن ياراتتۇق. بۇلارنى، سىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلدۇق. بىز خالىغىنىمىزنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە بالىياتقۇلاردا تۇتىمىز. ئاندىن سىلەرنى بوۋاق ھالىتىدە دۇنياغا كەلتۈرىمىز، ئاندىن ئۇنى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغۇچە يوغىنىتىمىز. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر ياش ئۆلۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئەڭ ناچار ھالىتىگە قايتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلگەنلىرىنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، بىز ئۇنىڭغا سۇ چۈشۈرسەك جانلىنىدۇ، كۆپۈشىدۇ ۋە خىلمۇخىل چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرىدۇ.
22 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَنْ يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ مُكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار ئاللاھقا بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش ئاللاھنىڭ خاھىشىدىكى ۋە ھېكمىتىدىكى ئىش بولۇپ، ئاللاھقا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر، زېمىندىكىلەر، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ئۆمۈلىگۈچىلەر ۋە نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرگە بولسا ئازاب ھەق بولدى، ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: ئاسمانلاردىكى كىشىلەر، زېمىندىكى كىشىلەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، پۈتكۈل جانلىقلار ۋە نۇرغۇن ئىنسانلار ئاللاھقا سەجدە قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ تولىسى بولسا ئازابقا لايىق بولماقتىدۇر. ئاللاھ خار قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ.
22 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇ نەرسە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ئاللاھ، كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ -بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى- ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، -ئەھۋالىنى- كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مانا مۇشۇنداقتۇر. چۈنكى ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
22 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَتُصْبِحُ الْأَرْضُ مُخْضَرَّةً ۗ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن زېمىن ياپيېشىل ھالەتكە كېلىدۇ. ئاللاھ ئىنچىكىلەپ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر.
22 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ وَالْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَنْ تَقَعَ عَلَى الْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ زېمىندىكى نەرسىلەرنى ۋە بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەتلىرى بويىچە دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ ئاسماننى رۇخسىتى بولماستىن زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ خَلَقْنَا النُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا الْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا الْمُضْغَةَ عِظَامًا فَكَسَوْنَا الْعِظَامَ لَحْمًا ثُمَّ أَنْشَأْنَاهُ خَلْقًا آخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ماھىرى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنى يېپىشقاق قانغا ئايلاندۇردۇق. ئاندىن يېپىشقاق قاننى بىر چاينام گۆشكە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن بىر چاينام گۆشنى سۆڭەكلەرگە ئايلاندۇردۇق. ئاندىن سۆڭەكلەرگە گۆش قوندۇردۇق. ئاندىن كېيىن ئۇنى باشقا بىر مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق. ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
23 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍ بِهِ لَقَادِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئاسماندىن يامغۇرنى ئۆلچەم بىلەن ياغدۇردۇق ۋە ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماندىن بەلگىلەنگەن مىقداردا سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. بىزنىڭ كۈچىمىز ئۇ سۇنى يوق قىلىۋېتىشكىمۇ يېتىدۇ.
23 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِنْ طُورِ سَيْنَاءَ تَنْبُتُ بِالدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِلْآكِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (ئۆستۈرۈپ بەردۇق)، ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ، يېگۈچىلەر (نانلىرىنى شۇ ماي بىلەن) مايلايدۇ[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە ئۇ سۇ بىلەن بىر تۈرلۈك دەرەخ يېتىشتۈردۇق. ئۇ دەرەخ سىينا تېغىدىن چىقىدۇ، ماي ۋە يېگۈچىلەرگە بوياق بىلەن ئۆسىدۇ3.
23 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً ۖ نُسْقِيكُمْ مِمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار كى، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردا كۆپ مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر.
23 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن (قۇرۇقلۇقتا)، كېمە بىلەن (دېڭىزدا) يۈك توشۇيسىلەر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلەن - قۇرۇقلۇقتا- ۋە كېمە بىلەن -دېڭىزدا- يۈك توشۇيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر.
23 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ وَلَهُ اخْتِلَافُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆلتۈرىدىغان، تىرىلدۈرىدىغان ۋە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىنى ئۆزىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان زاتتۇر. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
نۇر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُزْجِي سَحَابًا ثُمَّ يُؤَلِّفُ بَيْنَهُ ثُمَّ يَجْعَلُهُ رُكَامًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ جِبَالٍ فِيهَا مِنْ بَرَدٍ فَيُصِيبُ بِهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَصْرِفُهُ عَنْ مَنْ يَشَاءُ ۖ يَكَادُ سَنَا بَرْقِهِ يَذْهَبُ بِالْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ (يەنى ئۇنىڭ بىلەن خالىغان ئادەمنىڭ زىرائىتى، مېۋىسى ۋە چارۋىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ) ۋە ئۇنىڭ (زىيىنىدىن) خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى (قارىغۇچىلارنى) كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن يامغۇر ياغقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ، ئۇنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭ زىيىنىدىن خالىغان ئادەمنى ساقلايدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقى قارىغۇچىلارنى كۆزلىرىدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۆرمەمسەن؟ ئاللاھ بۇلۇتلارنى ھەيدەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى بىر - بىرىگە قوشۇپ قېلىنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ يەنە ئاسماندىكى تاغدەك بۇلۇتلاردىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۇنىڭدىن ساقلايدۇ. بۇلۇتلاردىن چىققان چاقماقنىڭ يورۇقى كۆزلەرنى ئېلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ.
24 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
يُقَلِّبُ اللَّهُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِأُولِي الْأَبْصَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئۆتكۈر كۆزلۈك كىشىلەرگە ئىبرەت بار.
24 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَابَّةٍ مِنْ مَاءٍ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ بَطْنِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ رِجْلَيْنِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَىٰ أَرْبَعٍ ۚ يَخْلُقُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇت بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
فۇرقان سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيْفَ مَدَّ الظِّلَّ وَلَوْ شَاءَ لَجَعَلَهُ سَاكِنًا ثُمَّ جَعَلْنَا الشَّمْسَ عَلَيْهِ دَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق (يەنى كۈننىڭ چىققانلىقىنى سايىنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلدۇق)[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ: رەببىڭ سايىنى قانداق ئۇزارتتى؟ - رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇنى بىر خىل ھالەتتە قوياتتى - ئاندىن قۇياشنى ئۇنىڭغا قانداق دەلىل قىلدۇق؟
25 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِبَاسًا وَالنَّوْمَ سُبَاتًا وَجَعَلَ النَّهَارَ نُشُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدى، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا) يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى ئىستىراھەت، كۈندۈزنى تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلغان زات ئاللاھتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە كېچىنى كىيىمدەك يۆگىگۈچى، ئۇيقۇنى راھەتلەندۈرگۈچى، كۈندۈزنى زېمىنغا تارقىلىش ۋاقتى قىلىپ بەردى.
25 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۚ وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً طَهُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ 49].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەھمىتى-يامغۇر-نى ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇش خەۋەر قىلىپ ئەۋەتكەن زات ئاللاھتۇر. ئاسماندىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى قىلىپ ئەۋەتتى. بىز ئاسماندىن پاك ۋە پاكلىغۇچى سۇ چۈشۈردۇق،
25 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُحْيِيَ بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا وَنُسْقِيَهُ مِمَّا خَلَقْنَا أَنْعَامًا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ 49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى ۋە نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئۇ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بۇنى ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش، مەخلۇقاتىمىزدىن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن قىلدۇق.
25 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَجَعَلَ بَيْنَهُمَا بَرْزَخًا وَحِجْرًا مَحْجُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر ـ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا) (قويۇۋەتتى، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرى تاتلىق، بىرى تۇزلۇق بولغان ئىككى دەريانى بىرلەشتۈردى ۋە ئارلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە ۋە توسما بەرپا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، بىرى شېرىن ۋە تاتلىق، يەنە بىرى تۇزلۇق ۋە ئاچچىق بولغان ئىككى دېڭىزنى بىرلىكتە قويۇۋېتىپ، ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا توسما ۋە مۇستەھكەم پەردە قويدى.
25 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
تَبَارَكَ الَّذِي جَعَلَ فِي السَّمَاءِ بُرُوجًا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَاجًا وَقَمَرًا مُنِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماندا بۇرۇجلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماندا بۇرۇجلەرنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسماندا بۇرجلار قىلغان، ئۇنىڭدا چىراغ ۋە نۇرلۇق ئاينى بار قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز!
25 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ خِلْفَةً لِمَنْ أَرَادَ أَنْ يَذَّكَّرَ أَوْ أَرَادَ شُكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبرەت ئالماقچى بولغان ياكى شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەرگەن زات ئۇدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ئويلانماقچى ياكى شۈكۈر قىلماقچى بولغان كىشى ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇرىدىغان قىلدى.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الْأَرْضِ كَمْ أَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىننى كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار زېمىنغا قارىمىدىمۇ؟ بىز ئۇنىڭدا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
نەمىل سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا بِهِ حَدَائِقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ مَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُنْبِتُوا شَجَرَهَا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن زات ياخشىمۇ؟ بىز ئۇ سۇ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلارنىڭ دەرىخىنى يېتىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن قەۋمدۇر.
27 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ جَعَلَ الْأَرْضَ قَرَارًا وَجَعَلَ خِلَالَهَا أَنْهَارًا وَجَعَلَ لَهَا رَوَاسِيَ وَجَعَلَ بَيْنَ الْبَحْرَيْنِ حَاجِزًا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننى تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى زېمىننى ياشاشقا لايىق قىلغان، زېمىننىڭ ئىچىدە دەريالار بار قىلغان، زېمىن ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتقان ۋە ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توسۇق قويغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
27 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ يَهْدِيكُمْ فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَمَنْ يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ تَعَالَى اللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەرچى قىلىپ ئەۋەتىدىغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر.
27 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَرَوْا أَنَّا جَعَلْنَا اللَّيْلَ لِيَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنىڭ كېچىنى راھەتلەندۈرگۈچى، كۈندۈزنى كۆرسەتكۈچى قىلغانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
27 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَى الْجِبَالَ تَحْسَبُهَا جَامِدَةً وَهِيَ تَمُرُّ مَرَّ السَّحَابِ ۚ صُنْعَ اللَّهِ الَّذِي أَتْقَنَ كُلَّ شَيْءٍ ۚ إِنَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، بۇ، ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سەن تاغلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئورنىدا مۇقىم تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇت ئۆتكەندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ھەر نەرسىنى پۇختا قىلغان ئاللاھنىڭ قىلغان ئىشىدۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
قەسەس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ اللَّيْلَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِضِيَاءٍ ۖ أَفَلَا تَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر ئاڭلىمامسىلەر؟» دېگىن[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە ئۇزۇن سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر قۇلاق سالمامسىلەر؟ » دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كېچىنى قىيامەتكە قەدەر ئۈستۈڭلاردا قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە يورۇقلۇق كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ يەنىلا ئاڭلىمامسىلەر؟».
28 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ جَعَلَ اللَّهُ عَلَيْكُمُ النَّهَارَ سَرْمَدًا إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِلَيْلٍ تَسْكُنُونَ فِيهِ ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگۈچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى سىلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە سوزىدىغان بولسا، ئاللاھتىن بۆلەك قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟ سىلەر كۆرمەمسىلەر؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ كۈندۈزنى قىيامەتكە قەدەر ئۈستۈڭلاردا قىلسا، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەر ئارام ئالىدىغان كېچىنى سىلەرگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ يەنىلا كۆرمەمسىلەر؟».
28 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ رَحْمَتِهِ جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىپ) ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى كېچىدە ئارام ئالسۇن، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلسۇن ۋە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەر ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى يارىتىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن كېچىنى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۈندۈزنى ياراتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى، «(سىلەرگە قارشى پاكىتلار بار بولغانلىقتىن) جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، ئەمما ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇ سۆزلىرىدىكى زىددىيەتنى) چۈشەنمەيدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تېرىلدۈرگەن كىم؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر»، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن «ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەلھەمدۇ لىللاھ!». بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ.
رۇم سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىلماقتىدۇر. كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدىمۇ، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئۇلاشقان ۋە بۇ ۋاقىتتا بولغان چاغلىرىڭلاردىمۇ ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار.
30 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ يُرِيكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَيُحْيِي بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرگە قورقۇتىدىغان ۋە ئۈمىدلەندۈرىدىغان چاقماقنى كۆرسىتىشى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
30 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَيَبْسُطُهُ فِي السَّمَاءِ كَيْفَ يَشَاءُ وَيَجْعَلُهُ كِسَفًا فَتَرَى الْوَدْقَ يَخْرُجُ مِنْ خِلَالِهِ ۖ فَإِذَا أَصَابَ بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، (گاھى) ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، گاھى ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاللاھ ئۇ بۇلۇتلارنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە يايىدۇ ۋە پارچە - پارچە قىلىدۇ. ئاندىن سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يامغۇرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرىسەن. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىگە بۇ يامغۇرنى يەتكۈزگەندە ئۇ بەندىلەر سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
30 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْظُرْ إِلَىٰ آثَارِ رَحْمَتِ اللَّهِ كَيْفَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئەسەرلىرىگە - ئاللاھنىڭ ئۆلۈك زېمىننى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىغا - قارىغىن. ئەنە شۇ ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
30 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَرْسَلْنَا رِيحًا فَرَأَوْهُ مُصْفَرًّا لَظَلُّوا مِنْ بَعْدِهِ يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار (شامالنىڭ تەسىرىدىن) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلىدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە كۇفرىلىق قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز شامال ئەۋەتسەك، ئۇلار زىرائەتلىرىنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، ئۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلىشقا باشلايدۇ.
لوقمان سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِكُمْ وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ ۚ وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر. يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى. زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى سىلەر كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن ياراتتى، زېمىندا سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار قويدى، زېمىندا تۈرلۈك جانلىقلارنى يارىتىپ تارقاتتى. بىز ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
31 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى وَأَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ (كۈن بىلەن ئاينىڭ) ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەت (يەنى قىيامەت) كىچە (ئۆز ئوربىتىسىدا) سەير قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى، كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمەمسەن؟ ھەر بىرى مۇئەييەن مۇددەتكىچە -ئۆز پەلىكىدە- سەير قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇكى، ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
31 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ الْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِنِعْمَتِ اللَّهِ لِيُرِيَكُمْ مِنْ آيَاتِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئۆز قۇدرىتىنىڭ) بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى (بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن) (چوڭ) ئىبرەت بار[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇكى، كېمىلەر دېڭىزدا ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىر قىسىم ئايەتلىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
31 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا غَشِيَهُمْ مَوْجٌ كَالظُّلَلِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ فَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: (دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى دېڭىزدا سايىلارغا ئوخشاش دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى توغرا يولدا قالىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خائىن ۋە تۇزكور كىشىلەرلا ئىنكار قىلىدۇ.
31 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى ـ يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى -ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا- ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن -پۈتۈن ئىشلارنى- بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ۋاقتىغا دائىر ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. يامغۇرنى ئاللاھ ياغدۇرىدۇ ۋە بالىياتقۇلاردىكىنى بىلىدۇ. ھېچكىم ئەتە نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھېچكىم قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر.
سەجدە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ أَلْفَ سَنَةٍ مِمَّا تَعُدُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان مەخلۇقاتىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىشلارنى پىلانلاپ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلدەك بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ.
32 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا نَسُوقُ الْمَاءَ إِلَى الْأَرْضِ الْجُرُزِ فَنُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا تَأْكُلُ مِنْهُ أَنْعَامُهُمْ وَأَنْفُسُهُمْ ۖ أَفَلَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار (بۇنى) كۆرمەمدۇ؟[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز گىياھسىز زېمىنغا يامغۇر سۈيىنى سۈرۈپ ئېلىپ بارىمىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھايۋاناتلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدىغان زىرائەتلەرنى ئۈندۈرۈپ چىقىرىمىز، ئۇلار بۇنى كۆرمەمدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز سۇنى قاقاس يەرلەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن زىرائەت چىقىرىمىز، ئۇ زىرائەتتىن ئۇلارنىڭ تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرى ۋە ئۆزلىرى يەيدۇ. ئۇلار يەنىلا كۆرمەمدۇ؟
فاتىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ الَّذِي أَرْسَلَ الرِّيَاحَ فَتُثِيرُ سَحَابًا فَسُقْنَاهُ إِلَىٰ بَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَحْيَيْنَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ كَذَٰلِكَ النُّشُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيمىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز)، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك بىر يەرگە ھەيدەيمىز، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ. ئاندىن بىز ئۇ بۇلۇتلارنى ئۆلۈك يەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈش مانا شۇنداقتۇر.
35 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ ۖ وَمِنْ كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا ۖ وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ (گالدىن) سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى (يەنى بېلىقلارنى) يەيسىلەر، سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقىرىسىلەر. (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈك ـ تاق، يېمەك ـ ئىچمەكلەر قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىپ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ بولسا ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى يەيسىلە ۋە دېڭىزدىن سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى -ئۈنچە ـ مارجانلار- نى چىقىرىسىلەر، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىشڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن يېڭى گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
35 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۚ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِنْ قِطْمِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرغانلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە بولالمايدۇ.
35 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ ثَمَرَاتٍ مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهَا ۚ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِيضٌ وَحُمْرٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق، تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق. تاغلارنىڭمۇ رەڭگارەڭ - ئاق، قىزىل يوللىرى، قاپقارا قىسىملىرى بار.
ياسىن سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَآيَةٌ لَهُمُ اللَّيْلُ نَسْلَخُ مِنْهُ النَّهَارَ فَإِذَا هُمْ مُظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز ـ دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز ـ دە)، ئۇلار شۇھامان قاراڭغۇدا قالىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا يەنە بىر دەلىل كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز ـ دە، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر دەلىل كېچىدۇر. بىز ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى سويۇپ ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىردىنلا قاراڭغۇلۇقتا قالىدۇ.
36 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَالشَّمْسُ تَجْرِي لِمُسْتَقَرٍّ لَهَا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر
ئەنەس ئالىم: قۇياش ئۆز قارارگاھىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەزىز ۋە بىلىملىك زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر.
36 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْقَمَرَ قَدَّرْنَاهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَالْعُرْجُونِ الْقَدِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ -ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا- خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئايغا مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق. ئۇ ئاخىرىدا خورمىنىڭ كونا ساپىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ.
36 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
لَا الشَّمْسُ يَنْبَغِي لَهَا أَنْ تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى ياكى كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: قۇياش ئايغا يېتىشەلمەيدۇ، كېچە كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ.
36 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَلَقْنَا لَهُمْ مِنْ مِثْلِهِ مَا يَرْكَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن ئۇ كېمىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە مىنىدۇ.
36 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُمْ مِمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كۆرمىدىمۇ: بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارغا تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر.
36 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَلَّلْنَاهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا كۆندۈرۈپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيدۇ.
36 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟[73]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار شۈكۈر قىلمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت بولغان زىننەت بىلەن زىننەتلىدۇق،
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَالطَّيْرَ مَحْشُورَةً ۖ كُلٌّ لَهُ أَوَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ ـ تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، ھەممىسى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: توپلانغان قۇشلارنىمۇ بويسۇندۇردۇق. ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزگە يۆنىلەتتى.
زۇمەر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ يُكَوِّرُ اللَّيْلَ عَلَى النَّهَارِ وَيُكَوِّرُ النَّهَارَ عَلَى اللَّيْلِ ۖ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ أَلَا هُوَ الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ غالىبتۇر. بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ، كۈندۈزنى كېچىنىڭ ئۈستىگە يۆگەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇردى، ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
39 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۚ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقًا مِنْ بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُصْرَفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى بىر ئادەمدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ)، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالاھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتتى ۋە ھايۋانلاردىن سەككىزنى[1] سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ[2]، ئۈچ قاراڭغۇلۇق[3] ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇلارنى قىلىۋاتقان ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئەركەك، بىر چىشى بولۇپ، جەمئىي سەككىز تۇياق ھايۋان چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا ئۈچ قات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يارىتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
39 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، ئاندىن ئۇ سۇنى زېمىندىكى بۇلاقلارغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەت چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ زىرائەت قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەسلىتىش بار.
غافىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ)[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەر ئۈچۈن كېچىنى ياراتقان، كۈندۈزنى يورۇق ياراتقان زات ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېچىنى يارىتىپ بەردى، كۈندۈزنى كۆرسەتكۈچى قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.
40 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ قَرَارًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە تۈرلۈك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەرگەن، سىلەرنى ئەڭ گۈزەل شەكىللەردە شەكىللەندۈرگەن، سىلەرگە پاك نەرسىلەردىن رىزىق بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!
40 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَنْعَامَ لِتَرْكَبُوا مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ، مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ھايۋانلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ بەزىسىگە مىنىسىلەر. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر.
40 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَلِتَبْلُغُوا عَلَيْهَا حَاجَةً فِي صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلار بار، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، -قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى- ئۇلارغا ئارتىسىلەر، دېڭىزدا كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردا مەنپەئەتلەر بار. كۆڭلۈڭلاردىكى ئارزۇيۇڭلارغا ئۇلار بىلەن يېتىسىلەر، ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر.
فۇسسىلەت سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ مِنْ فَوْقِهَا وَبَارَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَا أَقْوَاتَهَا فِي أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَاءً لِلسَّائِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم ـ زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۆت كۈندە تاماملىدى، بۇ سورىغۇچىلار ئۈچۈن بىر جاۋاپتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ، زېمىنغا ئۈستىدىن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتتى، ئۇنى بەرىكەتلىك قىلدى1، ئۇنىڭدا ئوزۇقلۇقلارنى بەلگىلىدى. بۇلارنى بارەۋەر تۆت كۈندە قىلدى. بۇلارنى ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن قىلدى2.
41 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَضَاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ فِي يَوْمَيْنِ وَأَوْحَىٰ فِي كُلِّ سَمَاءٍ أَمْرَهَا ۚ وَزَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَحِفْظًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلارنى ئىككى كۈندە يەتتە ئاسمان قىلىپ ئايرىدى ۋە ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى ۋەھىي قىلدى. بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ ئەزىز ۋە بىلىپ تۇرغۇچى زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر».
41 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ اللَّيْلُ وَالنَّهَارُ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ ۚ لَا تَسْجُدُوا لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَاسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَهُنَّ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار
ئەنەس ئالىم: كېچە، كۈندۈز، قۇياش ۋە ئاي ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۇڭا قۇياشقىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار. ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار شۇنداق قىلىڭلار.
41 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ أَنَّكَ تَرَى الْأَرْضَ خَاشِعَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ ۚ إِنَّ الَّذِي أَحْيَاهَا لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۚ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن. بىز ئۇنىڭغا سۇنى چۈشۈرگەن ۋاقتىمىزدا ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ. ئەنە شۇ زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنىمۇ ئەلۋەتتە تىرىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
شۇرا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ الْغَيْثَ مِنْ بَعْدِ مَا قَنَطُوا وَيَنْشُرُ رَحْمَتَهُ ۚ وَهُوَ الْوَلِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ ۋە رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ئىنسانلار ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن يامغۇرنى ياغدۇرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ. ئۇ ۋەلىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
42 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِنْ دَابَّةٍ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمْعِهِمْ إِذَا يَشَاءُ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ يارىتىپ ئۇ ئىككىسىگە تارقاتقان جانلىقلارمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. ئۇ خالىغان چېغىدا ئۇلارنى جەم قىلىشقا قادىردۇر.
42 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ الْجَوَارِ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: دېڭىزدىكى تاغدەك كېمىلەرئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر.
42 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَشَأْ يُسْكِنِ الرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچى ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا شامالنى توختىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ. بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
42 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يُوبِقْهُنَّ بِمَا كَسَبُوا وَيَعْفُ عَنْ كَثِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاللاھ كېمىلەردىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ مَهْدًا وَجَعَلَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، كۆزلىگەن يېرىڭلارغا بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، زېمىننى سىلەر ئۈچۈن بۆشۈك قىلغان، بارىدىغان يېرىڭلارغا بارالىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا يوللار پەيدا قىلغان زاتتۇر.
43 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَنْشَرْنَا بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن سۇ چۈشۈرگەن زاتتۇر. بىز ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى كۆكەرتتۇق. سىلەرمۇ قەبىرلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر.
43 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنَ الْفُلْكِ وَالْأَنْعَامِ مَا تَرْكَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان، سىلەرگە كېمىلەرنى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر.
قاف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَنْظُرُوا إِلَى السَّمَاءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَاهَا وَزَيَّنَّاهَا وَمَا لَهَا مِنْ فُرُوجٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاسماننى قانداق بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانغا قارىمىدىمۇ؟ بىز ئۇنى قانداق بىنا قىلدۇق ۋە قانداق زىننەتلىدۇق؟ ئۇنىڭدا ھېچبىر يوچۇق يوق.
50 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، زېمىندە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىنى كەڭ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىننى يايدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا خىلمۇخىل چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
50 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَّلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً مُبَارَكًا فَأَنْبَتْنَا بِهِ جَنَّاتٍ وَحَبَّ الْحَصِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: كۆكتىن (بۇلۇتتىن) بەرىكەتلىك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى، ئېگىز ئۆسكەن، مېۋىلىرى سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن خورمىلارنى ئۆستۈردۇق[9 ـ 10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆكتىن مۇبارەك سۇنى چۈشۈردۇق، ئۇنىڭ بىلەن باغلارنى ۋە ئاشلىقلارنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماندىن بەرىكەتلىك سۇ چۈشۈردۇق، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن باغلارنى ۋە ئورىلىدىغان ئاشلىقلارنى يېتىشتۈردۇق،
زارىيات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْحَامِلَاتِ وِقْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (يامغۇرلارنىڭ) ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېغىرلىقىنى كۆتۈرگۈچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر بىلەن،
51 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْحُبُكِ
مۇھەممەد سالىھ: يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى، (پەيغەمبەر ھەققىدە) سىلەرنىڭ سۆزۈڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر[7ـ8].
تەرجىمە ھەيئىتى: يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: يوللىرى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەمكى،
51 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ فَرَشْنَاهَا فَنِعْمَ الْمَاهِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز[48]
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننى يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىمىز؟
ئەنەس ئالىم: زېمىننى سېلىنچىغا ئوخشاش يايدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى تۆشەك يايغۇچىمىز.
تۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَسِيرُ الْجِبَالُ سَيْرًا
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ يۈرۈپ كېتىدۇ.
52 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ اللَّيْلِ فَسَبِّحْهُ وَإِدْبَارَ النُّجُومِ
مۇھەممەد سالىھ: كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىدىمۇ، يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: كېچىنىڭ بىر قىسمىدىمۇ ۋە يۇلتۇزلار پاتقاندىن كېيىنمۇ تەسبىھ ئېيتقىن.
قەمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَتَحْنَا أَبْوَابَ السَّمَاءِ بِمَاءٍ مُنْهَمِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قاتتىق تۆكۈلگۈچى سۇ بىلەن ئاچتۇق.
54 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَجَّرْنَا الْأَرْضَ عُيُونًا فَالْتَقَى الْمَاءُ عَلَىٰ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى بەلگىلەنگەن بىر پىرىنسىپ بويىچە بىر ـ بىرىگە قوشۇلدى
ئەنەس ئالىم: زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پىلانلانغان ئىش ئۈچۈن بىرلەشتى.
رەھمان سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ
مۇھەممەد سالىھ: كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن بىلەن ئاي ئۆز بۇرجلىرىدا مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: كۈن ۋە ئاي ھېساب بىلەندۇر.
55 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَالنَّجْمُ وَالشَّجَرُ يَسْجُدَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئوت ـ چۆپلەر، دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوت ـ چۆپلەر ۋە دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەر سەجدە قىلماقتىدۇر.
55 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ وَضَعَهَا لِلْأَنَامِ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى كىشىلەرنىڭ (پايدىلىنىشى) ئۈچۈن (يايپاڭ) قىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننى ئىنسانلار ئۈچۈن قويدى
ئەنەس ئالىم: رەھمان زېمىننى مەخلۇقاتنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويدى3.
55 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فِيهَا فَاكِهَةٌ وَالنَّخْلُ ذَاتُ الْأَكْمَامِ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورمىلار بار[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورمىلار بار
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدا مېۋىلەر، پوستلۇق خورمىلار4،
55 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّ الْمَشْرِقَيْنِ وَرَبُّ الْمَغْرِبَيْنِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككى مەشرىق (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ چىقىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئىككى مەغرىب (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ پاتىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر.
55 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككى دېڭىزنى ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: رەھمان ئىككى دېڭىزنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە قويۇۋەتتى.
55 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ الْجَوَارِ الْمُنْشَآتُ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەھمان دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان تاغلاردەك ئىگىز كېمىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.
55 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا انْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ وَرْدَةً كَالدِّهَانِ
مۇھەممەد سالىھ: (قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن) ئاسمان يېرىلغان چاغدا، ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسمان قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمان يېرىلىپ، گۈلدەك قىزارغان ۋە مايدەك ئېرىگەن چاغدا،
ۋاقىئە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتُمُ الْمَاءَ الَّذِي تَشْرَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ![68]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئىچىۋاتقان سۈيۈڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى!
56 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟[69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنى بۇلۇتلاردىن سىلەر چۈشۈرۈۋاتامسىلەر؟ ياكى بىز چۈشۈرۈۋاتامدىمىز؟
56 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ نَشَاءُ جَعَلْنَاهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟[70]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: خالىغان بولساق ئۇنى ئاچچىق قىلاتتۇق، نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ ۚ وَهُوَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
مۈلك سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَجَعَلْنَاهَا رُجُومًا لِلشَّيَاطِينِ ۖ وَأَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابَ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: (بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئۇرۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇر بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق، شەيتانلارغا لاۋۇلداپ تۇرىدىغان دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىنغا ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق، ئۇلارنى شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان نەرسىلەر قىلدۇق، ئۇ شەيتانلارغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىنى تەييارلىدۇق.
67 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَٰنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قارىمامدۇ؟ ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇچارقاناتلارغا قارىمامدۇ؟ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايغان ھالەتتە تۇرىدۇ ۋە قاناتلىرىنى يىغىدۇ. ئۇلارنى ھاۋادا پەقەتلا رەھمان تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
67 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَصْبَحَ مَاؤُكُمْ غَوْرًا فَمَنْ يَأْتِيكُمْ بِمَاءٍ مَعِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ (سۈيىڭلار يەر ئاستىغا) سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ» دېگىن[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سۈيىڭلار يەر ئاستىغا سىڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر سۈيۈڭلار سېڭىپ كەتسە، سىلەرگە كىم ئېقىن سۇ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟».
مائارىج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَعْرُجُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر ۋە روھ - جىبرىئىل- ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر ۋە رۇھ، مىقدارى ئەللىك مىڭ يىل بولغان كۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يۈكسىلىدۇ.
نوھ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،
71 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى[15]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ قانداق ياراتتى؟
71 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلَ الْقَمَرَ فِيهِنَّ نُورًا وَجَعَلَ الشَّمْسَ سِرَاجًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاينى ئۇلاردا (يەنى دۇنيانىڭ ئاسمىنىدا) نۇر قىلدى، قۇياشنى (نۇر چاچقۇچى) چىراغ قىلدى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاينى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نۇر قىلدى، كۈننى بولسا نۇر چاچقۇچى چىراغ قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاسمانلارنىڭ ئىچىدە ئاينى نۇر قىلدى، قۇياشنى چىراغ قىلدى.
71 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ بِسَاطًا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى»[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بىسات قىلىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك قىلىپ بەردى.
71 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
لِتَسْلُكُوا مِنْهَا سُبُلًا فِجَاجًا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى»[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: كەڭرى يوللىرىدا كېزىپ ساياھەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن -بۇنى قىلىپ بەردى-»
ئەنەس ئالىم: بۇنى، ئۇنىڭ كەڭ يوللىرىدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى».
مۇدەسسىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا وَالْقَمَرِ
مۇھەممەد سالىھ: ياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى[32]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق، ئاي بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ياق، ئاي بىلەن قەسەمكى،
74 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى[33]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
74 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَالصُّبْحِ إِذَا أَسْفَرَ
مۇھەممەد سالىھ: يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى[34]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: يورۇغان چاغدىكى سۈبھى بىلەن قەسەمكى،
قىيامەت سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَسَفَ الْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن
ئەنەس ئالىم: ئاي تۇتۇلغان،
75 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ[7ـ10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: قۇياش بىلەن ئاي جەم قىلىنغان چاغدا،
75 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِنْ مَنِيٍّ يُمْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟[37]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بەچچىدانلارغا تۆكىلىدىغان مەنىيدىن ئەمەسمىدى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ بالىياتقۇلارغا تۆكۈلىدىغان مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئەمەسمىدى؟
75 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇ يېپىشقاق قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ياراتتى ۋە شەكىل بەردى،
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئۇرۇقلانغان ئارىلاشما تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئۇنى سىنايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق.
مۇرسەلات سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ نَخْلُقْكُمْ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟[20]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى بىز ھېقىر بىر سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز سىلەرنى ئاجىز سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟
77 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلْنَاهُ فِي قَرَارٍ مَكِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق[21ـ22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بىز پۇختا ئارامگاھ - بەچچىدان - دا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ سۇنى مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق،
77 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟[25]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىننى تىرىكلەرگە ۋە ئۆلۈكلەرگە يىغىلىش ئورنى قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىننى قوينىغا ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟
77 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ نَجْعَلِ الْأَرْضَ كِفَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: (يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)[26]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىننى تىرىكلەرگە ۋە ئۆلۈكلەرگە يىغىلىش ئورنى قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى.
77 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَحْيَاءً وَأَمْوَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىنغا مۇستەھكەم ۋە ئىگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق.
نەبە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
78 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ نَجْعَلِ الْأَرْضَ مِهَادًا
مۇھەممەد سالىھ: (زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىننى تۆشەك قىلمىدۇقمۇ؟
78 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْجِبَالَ أَوْتَادًا
مۇھەممەد سالىھ: (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟
78 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇيقۇڭلارنى راھەتلىنىش قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇيقۇڭلارنى راھەت قىلدۇق.
78 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ لِبَاسًا
مۇھەممەد سالىھ: كېچىنى لىباس قىلدۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچىنى لىباس قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: كېچىنى پەردە قىلدۇق.
78 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا النَّهَارَ مَعَاشًا
مۇھەممەد سالىھ: كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: كۈندۈزنى مەئىشەت ۋاقتى2 قىلدۇق.
78 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا سِرَاجًا وَهَّاجًا
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (قۇياشنى) ياراتتۇق[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېنىپ تۇرغان چىراغنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئىسسىقلىق ۋە نۇر تارقىتىپ تۇرىدىغان چىراق ياراتتۇق.
78 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلْنَا مِنَ الْمُعْصِرَاتِ مَاءً ثَجَّاجًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قېلىن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: سىققۇچىلاردىن3 شارقىراپ ياغىدىغان سۇ چۈشۈردۇق4.
78 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُخْرِجَ بِهِ حَبًّا وَنَبَاتًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق[14ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بۇلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئاشلىق ۋە ئوت-چۆپلەر چىقىرايلى،
نازىئات سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَغْطَشَ لَيْلَهَا وَأَخْرَجَ ضُحَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ قىلدى ۋە نۇرىنى چىقاردى
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ كېچىسىنى قاراڭغۇ قىلدى ۋە يورۇقلۇقىنى چىقاردى،
79 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ بَعْدَ ذَٰلِكَ دَحَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى يايدى
ئەنەس ئالىم: زېمىننى ئۇنىڭدىن كېيىن يايدى،
79 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
أَخْرَجَ مِنْهَا مَاءَهَا وَمَرْعَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ سۈيىنى ۋە ئوتلىقىنى چىقاردى،
79 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْجِبَالَ أَرْسَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلارنى مۇقىم ئۇرۇنلاشتۇردى
ئەنەس ئالىم: تاغلارنى مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇردى.
79 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
مَتَاعًا لَكُمْ وَلِأَنْعَامِكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى)[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇلارنى سىلەرگە ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارغا ياشاش ۋاسىتىسى بولسۇن دەپ قىلدى.
ئەبەسە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ إِلَىٰ طَعَامِهِ
مۇھەممەد سالىھ: (بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: مول يامغۇرنى بىز ياغدۇردۇق،
80 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
أَنَّا صَبَبْنَا الْمَاءَ صَبًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن زېمىننى ياردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن زېمىننى ياردۇق،
80 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ شَقَقْنَا الْأَرْضَ شَقًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق[27ـ32].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز زېمىندا ئاشلىقلارنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇ زېمىندا ئاشلىقلارنى ئۈندۈردۇق،
80 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْبَتْنَا فِيهَا حَبًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق[27ـ32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى
ئەنەس ئالىم: ئۈزۈم، ئوتياش،
80 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَعِنَبًا وَقَضْبًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق[27ـ32].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەيتۇننى ۋە خورمىنى
ئەنەس ئالىم: زەيتۇن، خورما،
80 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَزَيْتُونًا وَنَخْلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق[27ـ32].
تەرجىمە ھەيئىتى: دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى
ئەنەس ئالىم: دەرەخلىرى قويۇق باغلار،
80 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَدَائِقَ غُلْبًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق[27ـ32].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۈرلۈك مېۋىلەرنى ياراتتى.
ئەنەس ئالىم: مېۋىلەر ۋە ئوتلاقلارنى يېتىشتۈردۇق،
80 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَاكِهَةً وَأَبًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق[27ـ32].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلارنىڭ ھەممىسى، سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز بۇلارنى سىلەرگە ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارغا ياشاش ۋاسىتىسى بولسۇن دەپ قىلدۇق.
تەكۋىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ
مۇھەممەد سالىھ: كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس2، يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
81 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
الْجَوَارِ الْكُنَّسِ
مۇھەممەد سالىھ: كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن
ئەنەس ئالىم: ئاققۇچى ۋە جايىغا كىرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
81 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
مۇھەممەد سالىھ: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن[17]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن
ئەنەس ئالىم: قاراڭغۇ سالغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
81 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ
مۇھەممەد سالىھ: يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى
ئەنەس ئالىم: نەپەس ئالغان چاغدىكى تاڭ بىلەن قەسەم قىلىمەن،
ئىنىشقاق سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا أُقْسِمُ بِالشَّفَقِ
مۇھەممەد سالىھ: شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،
تەرجىمە ھەيئىتى: شەپەق بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس2، شەپەق3 بىلەن قەسەم قىلىمەن،
84 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّيْلِ وَمَا وَسَقَ
مۇھەممەد سالىھ: شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن،
84 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْقَمَرِ إِذَا اتَّسَقَ
مۇھەممەد سالىھ: شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرى كامالەتكە يەتكەن تولۇن ئاي بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: تولۇن بولغان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن،
بۇرۇج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الْبُرُوجِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى[1ـ3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن
ئەنەس ئالىم: بۇرجلىرى بولغان ئاسمان بىلەن،
تارىق سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالسَّمَاءِ وَالطَّارِقِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان بىلەن، - كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز- تارىق بىلەن قەسەم قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئاسمان بىلەن ۋە تارىق بىلەن قەسەمكى-
86 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الطَّارِقُ
مۇھەممەد سالىھ: تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟[2]
تەرجىمە ھەيئىتى: تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: تارىق نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
86 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
النَّجْمُ الثَّاقِبُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ، تېشىپ ئۆتكۈچى يۇلتۇزدۇر-
86 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
خُلِقَ مِنْ مَاءٍ دَافِقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى سۇ-مەنى-دىن يارىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، ئېتىلىپ چىققۇچى سۇدىن يارىتىلدى.
86 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَخْرُجُ مِنْ بَيْنِ الصُّلْبِ وَالتَّرَائِبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سۇ ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ سۇ ئومۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.
86 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الرَّجْعِ
مۇھەممەد سالىھ: يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەم قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: يامغۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان ئاسمان بىلەن
86 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضِ ذَاتِ الصَّدْعِ
مۇھەممەد سالىھ: يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى[12]،
تەرجىمە ھەيئىتى: (مايسىلارغا) يېرىلىپ بېرىدىغان زېمىن بىلەن قەسەم قىلىمەنكى
ئەنەس ئالىم: ۋە يېرىلىدىغان زېمىن بىلەن قەسەمكى 1،
ئەئلا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي أَخْرَجَ الْمَرْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈرگەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، ئوتلاقنى چىقاردى،
87 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَجَعَلَهُ غُثَاءً أَحْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇردى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنى قارامتۇل قۇرۇق ئوت ـ خەسكە ئايلاندۇرغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى قارامتۇل لۆجىگە ئايلاندۇردى.
غاشىيە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى[17]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تۆگىگە قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يارىتىلدى؟
88 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى[19]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى؟
ئەنەس ئالىم: تاغلارغا قارىمامدۇ، ئۇلار قانداق تىكلەندى؟
88 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قانداق يېيىتىلدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قانداق يېيىتىلدى؟
ئەنەس ئالىم: زېمىنغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يېيىتىلدى؟
فەجر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالْفَجْرِ
مۇھەممەد سالىھ: سۈبھى بىلەن[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سۈبھى بىلەن
ئەنەس ئالىم: فەجر بىلەن1،
89 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّيْلِ إِذَا يَسْرِ
مۇھەممەد سالىھ: ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاختىدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاختىدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ۋە ئۆتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
شەمس سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن
ئەنەس ئالىم: قۇياش ۋە ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قەسەمكى،
91 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن
ئەنەس ئالىم: قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،
91 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن
ئەنەس ئالىم: قۇياشنى ئاشكارا قىلغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
91 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[4]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن
ئەنەس ئالىم: قۇياشنى يۆگىگەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
91 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى[6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن
ئەنەس ئالىم: زېمىن ۋە ئۇنى يايغان زات بىلەن قەسەمكى،
91 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
إِذِ انْبَعَثَ أَشْقَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى - سالىھ ئەلەيھىسسالام- ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە ۋە ئۇنىڭ سۇ ئىچىش ھەققىگە چېقىلماڭلار!» دېدى.
لەيل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن). قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: يۆگىگەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى1،
92 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَالنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يوپيورۇق كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئاشكارا بولغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
زۇھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
93 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالضُّحَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەم
ئەنەس ئالىم: چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى،
93 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇقى -ئەتراپنى قاپلىغان- چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: جىمىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
ئەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق قاندىن ياراتتى.
ئەسر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
103 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالْعَصْرِ
مۇھەممەد سالىھ: زامان بىلەن قەسەمكى[1]،
تەرجىمە ھەيئىتى: زامان بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ئەسر بىلەن قەسەمكى،
فەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
113 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: باسقان چاغدىكى كېچىنىڭ يامانلىقىدىن،