ئىنسان سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 31 ئايەت
مەنىسى: ئىنسان. ئاتىلىش سەۋەبى: ئىنساننىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلانغان
  1. (76-سۈرە ئىنسان، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ هَلْ أَتَىٰ عَلَى الْإِنْسَانِ حِينٌ مِنَ الدَّهْرِ لَمْ يَكُنْ شَيْئًا مَذْكُورًا
    ئىنسان (ئانىنىڭ قورسىقىدا) بىر مۇددەتنى ئۆتكۈزدى، ئۇ (ئەرزىمگەنلىكتىن) تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى

    ئىنسان ئۈستىدىن ئۇ تىلغا ئېلىنىدىغان بىر نەرسە بولمىغان ھالەتتە زاماندىن مۇددەت ئۆتمىدىمۇ؟

  2. (76-سۈرە ئىنسان، 2-ئايەت)
    إِنَّا خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ نُطْفَةٍ أَمْشَاجٍ نَبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَاهُ سَمِيعًا بَصِيرًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق

  3. (76-سۈرە ئىنسان، 3-ئايەت)
    إِنَّا هَدَيْنَاهُ السَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًا وَإِمَّا كَفُورًا
    شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى ـ يامان) يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ مۆمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (ئاللاھنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى (فاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر

    شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىز يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇ يا مۇئمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ شۈكۈر قىلغۇچىدۇر، ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر

  4. (76-سۈرە ئىنسان، 4-ئايەت)
    إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَلَاسِلَ وَأَغْلَالًا وَسَعِيرًا
    شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا (پۇتلىرىغا سېلىنىدىغان) زەنجىرلەرنى، (بويۇنلىرىغا سېلىنىدىغان) تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا زەنجىرلەرنى، تاقاقلارنى ۋە يېنىپ تۇرغان دوزاخنى تەييارلىدۇق

  5. (76-سۈرە ئىنسان، 5-ئايەت)
    إِنَّ الْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِنْ كَأْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا
    ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ

    ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان جاملاردىن ئىچىدۇ

  6. (76-سۈرە ئىنسان، 6-ئايەت)
    عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ اللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًا
    (ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا) ئېقىتىپ بارالايدۇ

    كافۇر بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇلار بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ ئېقىتىدۇ

  7. (76-سۈرە ئىنسان، 7-ئايەت)
    يُوفُونَ بِالنَّذْرِ وَيَخَافُونَ يَوْمًا كَانَ شَرُّهُ مُسْتَطِيرًا
    ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ

    ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن قورقىدۇ

  8. (76-سۈرە ئىنسان، 8-ئايەت)
    وَيُطْعِمُونَ الطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِ مِسْكِينًا وَيَتِيمًا وَأَسِيرًا
    ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ

    ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىغا تارتقىنىغا قارىماي، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ

  9. (76-سۈرە ئىنسان، 9-ئايەت)
    إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنْكُمْ جَزَاءً وَلَا شُكُورًا
    (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز

    -ئۇلار ئېيتىدۇ- «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تائام بېرىمىز، سىلەردىن ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز

  10. (76-سۈرە ئىنسان، 10-ئايەت)
    إِنَّا نَخَافُ مِنْ رَبِّنَا يَوْمًا عَبُوسًا قَمْطَرِيرًا
    شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز»

    شۈبھىسىزكى، بىز ئېغىر، قاتتىق كۈندە رەببىمىزدىن قورقىمىز»

  11. (76-سۈرە ئىنسان، 11-ئايەت)
    فَوَقَاهُمُ اللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ الْيَوْمِ وَلَقَّاهُمْ نَضْرَةً وَسُرُورًا
    ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ

    ئاللاھمۇ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارغا بىر نۇر ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ

  12. (76-سۈرە ئىنسان، 12-ئايەت)
    وَجَزَاهُمْ بِمَا صَبَرُوا جَنَّةً وَحَرِيرًا
    ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ

    ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە يىپەك بىلەن مۇكاپاتلايدۇ

  13. (76-سۈرە ئىنسان، 13-ئايەت)
    مُتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ ۖ لَا يَرَوْنَ فِيهَا شَمْسًا وَلَا زَمْهَرِيرًا
    ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ

    ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ

  14. (76-سۈرە ئىنسان، 14-ئايەت)
    وَدَانِيَةً عَلَيْهِمْ ظِلَالُهَا وَذُلِّلَتْ قُطُوفُهَا تَذْلِيلًا
    جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ

    جەننەتتىكى سايىلەر ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ

  15. (76-سۈرە ئىنسان، 15-ئايەت)
    وَيُطَافُ عَلَيْهِمْ بِآنِيَةٍ مِنْ فِضَّةٍ وَأَكْوَابٍ كَانَتْ قَوَارِيرَا
    ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ)

    ئۇلارغا كۈمۈش تەخسىلەر ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان سۈزۈك جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ

  16. (76-سۈرە ئىنسان، 16-ئايەت)
    قَوَارِيرَ مِنْ فِضَّةٍ قَدَّرُوهَا تَقْدِيرًا
    ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ)

    كۈمۈشتىن ياسالغان سۈزۈك جاملار. ئۇلار ئۇنى لايىق رەۋىشتە ئۆلچەيدۇ

  17. (76-سۈرە ئىنسان، 17-ئايەت)
    وَيُسْقَوْنَ فِيهَا كَأْسًا كَانَ مِزَاجُهَا زَنْجَبِيلًا
    ئۇلارغا يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جاملار (يەنى جامدىكى مەيلەر) سۇنۇلىدۇ

    ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن سۇغىرىلىدۇ

  18. (76-سۈرە ئىنسان، 18-ئايەت)
    عَيْنًا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلْسَبِيلًا
    جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار

    جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار

  19. (76-سۈرە ئىنسان، 19-ئايەت)
    وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيْتَهُمْ حَسِبْتَهُمْ لُؤْلُؤًا مَنْثُورًا
    قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلۇقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن

    قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، كۆرگەن چېغىڭدا ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن

  20. (76-سۈرە ئىنسان، 20-ئايەت)
    وَإِذَا رَأَيْتَ ثَمَّ رَأَيْتَ نَعِيمًا وَمُلْكًا كَبِيرًا
    قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە (تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان) نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن

    قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن

  21. (76-سۈرە ئىنسان، 21-ئايەت)
    عَالِيَهُمْ ثِيَابُ سُنْدُسٍ خُضْرٌ وَإِسْتَبْرَقٌ ۖ وَحُلُّوا أَسَاوِرَ مِنْ فِضَّةٍ وَسَقَاهُمْ رَبُّهُمْ شَرَابًا طَهُورًا
    ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارغا پاك شاراب سۇنىدۇ

    ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، ئۇلار كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، رەببى ئۇلارنى پاك شاراب بىلەن سۇغىرىدۇ

  22. (76-سۈرە ئىنسان، 22-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَاءً وَكَانَ سَعْيُكُمْ مَشْكُورًا
    شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى

    شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار تەشەككۈرگە لايىق كۆرۈلدى

  23. (76-سۈرە ئىنسان، 23-ئايەت)
    إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
    (ئى مۇھەممەد!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق

  24. (76-سۈرە ئىنسان، 24-ئايەت)
    إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
    سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن

    شۇڭا سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن

  25. (76-سۈرە ئىنسان، 25-ئايەت)
    فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ آثِمًا أَوْ كَفُورًا
    ئەتىگەن ـ ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت ـ ئىبادەت قىلغىن)

    ئەتىگەن ـ ئاخشامدا رەببىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن

  26. (76-سۈرە ئىنسان، 26-ئايەت)
    وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
    كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، كۆپ قىسمىدا ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت

    كېچىنىڭ ئاز قىسمىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىل، ئۇزۇن كېچىدە ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيت

  27. (76-سۈرە ئىنسان، 27-ئايەت)
    وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا
    شۈبھىسىزكى، بۇلار دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ

    شۈبھىسىزكى، بۇلار نەخ -دۇنيا- نى ياخشى كۆرۈپ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە سەل قارايدۇ

  28. (76-سۈرە ئىنسان، 28-ئايەت)
    إِنَّ هَٰؤُلَاءِ يُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَاءَهُمْ يَوْمًا ثَقِيلًا
    بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، ئەگەر بىز خالىساق (ئۇلارنى ھالاك قىلىپ) ئورنىغا ئۇلارغا ئوخشاش باشقا ئادەمنى دەسسىتەتتۇق

    ئۇلارنى بىز ياراتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ بەدىنىنى مەزمۇت قىلدۇق، خالىغان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئوخشاشلىرىنى كەلتۈرىمىز

  29. (76-سۈرە ئىنسان، 29-ئايەت)
    نَحْنُ خَلَقْنَاهُمْ وَشَدَدْنَا أَسْرَهُمْ ۖ وَإِذَا شِئْنَا بَدَّلْنَا أَمْثَالَهُمْ تَبْدِيلًا
    شۈبھىسىزكى، بۇ (ئايەتلەر) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن

    شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، شۇڭا خالىغان ئادەم رەببىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن

  30. (76-سۈرە ئىنسان، 30-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا
    پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەر (يەنى ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىقتۇر). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئاللاھ خالىمىغۇچىلىك، سىلەر خالىيالمايسىلەر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

  31. (76-سۈرە ئىنسان، 31-ئايەت)
    وَمَا تَشَاءُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
    ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى

    ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. زالىملارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى