كېمىلەر ۋە دېڭىز
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئان كەرىمنىڭ دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن پاراخوتلار ۋە شاماللارنىڭ يەلكەنلەرنى تولدۇرۇشىنى قايتا-قايتا ئىشلىتىشى، ئاللاھنىڭ دائىمىي كۈچى ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن بەرگەن رىزقىنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.
ئېنگلىزچىسى: Ships and the Sea as Divine Sign
15 ئايەت
12 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەبىئەتتىكى ئالامەتلەر /
- 📄 كېمىلەر ۋە دېڭىز
قۇرئان ئايەتلىرى
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنْتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِمْ بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنْجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا گۇمان قىلىپ:«ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر كېمىلەردە بولغان، كېمىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى يولۇچىلارنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە يولۇچىلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىۋاتقان ئەسنادا، كېمىلەرگە بىردىنلا بوران كېلىدۇ، يولۇچىلارغا ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورشىۋېلىنغانلىقىنى4 ئويلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق پەيتتە: «ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي سَخَّرَ الْبَحْرَ لِتَأْكُلُوا مِنْهُ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُوا مِنْهُ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزنىڭ يېڭى گۆشلىرى (يەنى بېلىقلىرى) نى يېسۇن، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرۇشى بىلەن يېمەك ـ ئىچمەكلەر ۋە يۈك ـ تاقلار قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈسەن[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى دېڭىز (جانلىقلىرى) نىڭ يېڭى گۆشلىرىنى يېسۇن، (ئۈنچە-مارجانلاردىن ئىبارەت) تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىنى چىقارسۇن دەپ، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. سەن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى - سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن - ھەمدە ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
رَبُّكُمُ الَّذِي يُزْجِي لَكُمُ الْفُلْكَ فِي الْبَحْرِ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭلار، سىلەرنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ وَالْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَنْ تَقَعَ عَلَى الْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ زېمىندىكى نەرسىلەرنى ۋە بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەتلىرى بويىچە دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ ئاسماننى رۇخسىتى بولماستىن زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن (قۇرۇقلۇقتا)، كېمە بىلەن (دېڭىزدا) يۈك توشۇيسىلەر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىلەن - قۇرۇقلۇقتا- ۋە كېمە بىلەن -دېڭىزدا- يۈك توشۇيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر.
لوقمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ الْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِنِعْمَتِ اللَّهِ لِيُرِيَكُمْ مِنْ آيَاتِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە (ئۆز قۇدرىتىنىڭ) بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى (بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن) (چوڭ) ئىبرەت بار[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۆرمەمسەنكى، كېمىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن دېڭىزدا يۈرۈشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىر قىسىم دەلىللىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدا ھەر بىر سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇكى، كېمىلەر دېڭىزدا ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە بىر قىسىم ئايەتلىرىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
31 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا غَشِيَهُمْ مَوْجٌ كَالظُّلَلِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ فَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: (دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى دېڭىزدا سايىلارغا ئوخشاش دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى توغرا يولدا قالىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خائىن ۋە تۇزكور كىشىلەرلا ئىنكار قىلىدۇ.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَٰذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَٰذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ ۖ وَمِنْ كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا ۖ وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ (گالدىن) سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى (يەنى بېلىقلارنى) يەيسىلەر، سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقىرىسىلەر. (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈك ـ تاق، يېمەك ـ ئىچمەكلەر قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىپ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ بولسا ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى يەيسىلە ۋە دېڭىزدىن سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى -ئۈنچە ـ مارجانلار- نى چىقىرىسىلەر، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىشڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى گالدىن سىلىق ئۆتىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن يېڭى گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇمىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَخَلَقْنَا لَهُمْ مِنْ مِثْلِهِ مَا يَرْكَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن ئۇ كېمىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى يارىتىپ بەردۇق. ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە مىنىدۇ.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَلِتَبْلُغُوا عَلَيْهَا حَاجَةً فِي صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلار بار، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، -قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى- ئۇلارغا ئارتىسىلەر، دېڭىزدا كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردا مەنپەئەتلەر بار. كۆڭلۈڭلاردىكى ئارزۇيۇڭلارغا ئۇلار بىلەن يېتىسىلەر، ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر.
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آيَاتِهِ الْجَوَارِ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: دېڭىزدىكى تاغدەك كېمىلەرئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر.
42 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَشَأْ يُسْكِنِ الرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچى ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ خالىسا شامالنى توختىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ. بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
42 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يُوبِقْهُنَّ بِمَا كَسَبُوا وَيَعْفُ عَنْ كَثِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئاللاھ كېمىلەردىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنَ الْفُلْكِ وَالْأَنْعَامِ مَا تَرْكَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان، سىلەرگە كېمىلەرنى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَهُ الْجَوَارِ الْمُنْشَآتُ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
مۇھەممەد سالىھ: دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەھمان دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان تاغلاردەك ئىگىز كېمىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.