زېمىننى باشقۇرۇش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مۇھىت ئەخلاقى ۋە باشقۇرۇش: زېمىننى باشقۇرۇش
ئەرەبچىىسى: الاستخلاف في الأرض
ئېنگلىزچىسى: Stewardship of the Earth
25 ئايەت
13 سۈرە
3 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ قَالُوا إِنَّمَا نَحْنُ مُصْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، «بىز پەقەتلا ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ.
2 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْمُفْسِدُونَ وَلَٰكِنْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئەسلىدە بۇزغۇنچىلار ئۇلاردۇر، لېكىن ئۇلار تۇيمايدۇ.
2 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَنْقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە ـ رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پاسىقلاردىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن ئۇلار بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويىدۇ، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ فاسىقلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى، ئاللاھ ئۇنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۈزىدۇ14 ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.
2 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَا ۚ أُولَٰئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (ئەسلىدە) مەسجىدلەرگە پەقەت ئاللاھتىن قورققان ھالدىلا كىرسە بولاتتى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىلى قويمىغان32 ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئۇ مەسجىدلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
2 : 188 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ وَتُدْلُوا بِهَا إِلَى الْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا فَرِيقًا مِنْ أَمْوَالِ النَّاسِ بِالْإِثْمِ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار[188].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ـ بىرىڭلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم پۇل-ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار
ئەنەس ئالىم: بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار.
2 : 205 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِي الْأَرْضِ لِيُفْسِدَ فِيهَا وَيُهْلِكَ الْحَرْثَ وَالنَّسْلَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتلەرسىز ۋە ھايۋاناتلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ[205].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھۇزۇرۇڭدىن قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ، يېنىڭدىن ئايرىلسا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئېكىن ۋە نەسىللەرنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِالْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ئۇلار بۇزغۇنچىلاردۇر)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن يەنە باش تارتسا، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بۇنداق بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار يەنىلا يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ أَجْلِ ذَٰلِكَ كَتَبْنَا عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنَّهُ مَنْ قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ بَعْدَ ذَٰلِكَ فِي الْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستتىنلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولغاندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا راستتىنلا ئېنىق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنداق دەپ يازدۇق: «كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ». شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇلاردىن كېيىن زېمىندا ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشماقتىدۇر.
5 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا جَزَاءُ الَّذِينَ يُحَارِبُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا أَنْ يُقَتَّلُوا أَوْ يُصَلَّبُوا أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ مِنْ خِلَافٍ أَوْ يُنْفَوْا مِنَ الْأَرْضِ ۚ ذَٰلِكَ لَهُمْ خِزْيٌ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلىشىپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قولى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى، ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ جازا ئۇلارنى بۇ دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى دارغا ئېسىلىدۇ ياكى قوللىرى ۋە پۇتلىرى چاپراس كېسىلىدۇ ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا رەسۋاچىلىقتۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتِ الْيَهُودُ يَدُ اللَّهِ مَغْلُولَةٌ ۚ غُلَّتْ أَيْدِيهِمْ وَلُعِنُوا بِمَا قَالُوا ۘ بَلْ يَدَاهُ مَبْسُوطَتَانِ يُنْفِقُ كَيْفَ يَشَاءُ ۚ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۚ وَأَلْقَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ كُلَّمَا أَوْقَدُوا نَارًا لِلْحَرْبِ أَطْفَأَهَا اللَّهُ ۚ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا ۚ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (يەنى ئاللاھ بېخىلدۇر ياكى پېقىردۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلدە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر، قانداق خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق بىلەن كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا دۈشمەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىنى زىيادە قىلىدۇ). بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان (رەسۇلۇللاھقا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيىقەست قىلىش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرۈيدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىقتۇر (ئاللاھ بېخىلدۇر)» دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ قوللىرى باغلانسۇن! ئۇلار بۇ سۆزلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىندى، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى (كەرىمى) كەڭدۇر، قانداق رىزىق بېرىشنى خالىسا شۇنداق رىزىق بېرىدۇ. (يەھۇدىيلار ھەققە بوي ئەگمەيدىغان بولغاچقا) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىكنى سالدۇق، ئۇلار ھەر قاچان ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈرىدۇ، ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ يۈرىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلار: «ئاللاھنىڭ قولى باغلاقلىق» دېدى18. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرى تۈپەيلىدىن قوللىرى باغلانسۇن ۋە ئۇلار لەنەتكە قالسۇن! ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئىككى قولى ئوچۇقتۇر19، خالىغىنىچە چىقىم قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئۇلار ھەرقاچان ئۇرۇش ئۈچۈن ئوت ياقسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۈردى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا طَائِرٍ يَطِيرُ بِجَنَاحَيْهِ إِلَّا أُمَمٌ أَمْثَالُكُمْ ۚ مَا فَرَّطْنَا فِي الْكِتَابِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن ياكى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق ھايۋانلار ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان بارلىق ئۇچارقاناتلار سىلەرگە ئوخشاشلا ئۇممەتلەردۇر. بىز كىتابتا ھېچ نەرسىنى كەم قويمىدۇق. ئاخىرىدا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىدۇ.
ئەئراف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر قېتىم ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا چىرايلىق كىيىنىڭلار. يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئادەم ئەۋلادى! ھەر ناماز ئۆتەيدىغان چېغىڭلاردا زىننەتلىنىدىغان كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار. يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە ئىسراپ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
7 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا ۚ إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئاللاھقا قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر14.
7 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ كُنْتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ ۖ وَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا ئېتىڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: ھەر يولدا ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە تەھدىت سالماڭلار، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسماڭلار ۋە ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماڭلار. ئويلاپ بېقىڭلاركى، سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتكەن. قاراڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَىٰ أَنْ تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى -باجغا ئوخشاش- تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ قەۋم: «ئى زۇلقەرنەين! يەئجۇج بىلەن مەئجۇج بۇ مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. بىز ساڭا باج تۆلىسەك، سەن بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سېلىپ بەرگەن بولساڭ!» دېدى.
شۇئەرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»[151ـ152].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە ئىسلاھ قىلمايدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئىسلاھ قىلمايدۇ».
26 : 183 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى (يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى) كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار[183].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَانَ فِي الْمَدِينَةِ تِسْعَةُ رَهْطٍ يُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەھەردە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى
ئەنەس ئالىم: شەھەردە توققۇز گۇرۇھ بار ئىدى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلاتتى، ئىسلاھ قىلمايتتى.
قەسەس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِرْعَوْنَ عَلَا فِي الْأَرْضِ وَجَعَلَ أَهْلَهَا شِيَعًا يَسْتَضْعِفُ طَائِفَةً مِنْهُمْ يُذَبِّحُ أَبْنَاءَهُمْ وَيَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى بوزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن -مىسىر- زېمىنىدا -زومىگەرلىكتە- ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە -ئىسرائىل- نى بوزەك قىلدى. ئۇلاردىن ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ زومىگەرلىك قىلدى، مەملىكىتىنىڭ خەلقىنى پىرقىلەرگە ئايرىدى. ئۇ ئۇلاردىن بىر تائىپىنى بوزەك قىلاتتى: ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى بوغۇزلاتقۇزۇپ، قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلسۇن دەپ تىرىك قالدۇراتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى.
28 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَابْتَغِ فِيمَا آتَاكَ اللَّهُ الدَّارَ الْآخِرَةَ ۖ وَلَا تَنْسَ نَصِيبَكَ مِنَ الدُّنْيَا ۖ وَأَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ ۖ وَلَا تَبْغِ الْفَسَادَ فِي الْأَرْضِ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ساڭا ئاتا قىلغان نەرسىلەر بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقىن، دۇنيادىنمۇ نېسىۋەڭنى ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ ياخشىلىق قىلغىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغىن، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَارْجُوا الْيَوْمَ الْآخِرَ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەديەن (ئاھالىسىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، شۇئەيب: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەديەنگە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇئەيب ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىدىن قورقۇڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مەديەن ئاھالىسىگە ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىڭلار، بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار».
29 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ دَابَّةٍ لَا تَحْمِلُ رِزْقَهَا اللَّهُ يَرْزُقُهَا وَإِيَّاكُمْ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ (يەنى ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيىشتىن ئاجىزدۇر)، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن ھايۋانلار ئۆز رىزقىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلارنى ۋە سىلەرنى ئاللاھ رىزىقلاندۇرىدۇ، ئاللاھ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رىزقىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەيدىغان نۇرغۇنلىغان جانلىقلار بار. ئۇلارغا ۋە سىلەرگە ئاللاھ رىزىق بەرمەكتىدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ جازاسىنى ئۇلارغا تېتىتتى
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَطْغَوْا فِي الْمِيزَانِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى[7ـ8]،
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا مىزاندا ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار،
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَكْثَرُوا فِيهَا الْفَسَادَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە كۆپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى.