تۆۋە-ئىستىغپار
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
تەۋبە قىلىش قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇنىڭدىن قايتىش ۋە تەكرار قىلماسلىق ئارقىلىق ئاكتىپ ھالدا ئاللاھنىڭ كەچۈرۈمىنى تىلەش.
ئەرەبچىىسى: الاستغفار
ئېنگلىزچىسى: Seeking Forgiveness
91 ئايەت
35 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 زىكىر ۋە دۇئا /
- 📄 تۆۋە-ئىستىغپار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ عَفَوْنَا عَنْكُمْ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن، شۈكۈر قىلسۇن دەپ، بىز سىلەرنى ئەپۇ قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئەپۇ قىلغان ئىدۇق.
2 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْنَا ادْخُلُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ فَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ رَغَدًا وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُولُوا حِطَّةٌ نَغْفِرْ لَكُمْ خَطَايَاكُمْ ۚ وَسَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ ـ ئىچىڭلار، (بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن (شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار ۋە: (پەرۋەردىگارىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېدۇق[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا (مۇسا ئارقىلىق ئەجدادلىرىڭلارغا): «بۇ شەھەرگە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە) كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەڭلار، ئۇنىڭ دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئېگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (ئى رەببىمىز) گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا تېخىمۇ ئارتۇق ساۋاب بېرىمىز» دېگەن ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىز: «شۇ يۇرتقا كىرىڭلار، ئۇنىڭ نېمەتلىرىدىن خالىغان يېرىڭلاردا كەڭتاشا يەڭلار، دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلىپ كىرىڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار، گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىمىز. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېدۇق.
2 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى تولىمۇ قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگىلا ئىتائەتمەن قىلغىن، نەسلىمىزدىنمۇ ساڭىلا ئىتائەت قىلىدىغان ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، تەۋبىلەرنى پەقەت سەنلا قوبۇل قىلغۇچىسەن، پەقەت سەنلا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن.
2 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَٰئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىن يوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت تەۋبە قىلغان، بۇزغانلىرىنى تۈزەتكەن، يوشۇرغانلىرىنى بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مەن ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىمەن. ناھايىتى مېھرىبانمەن
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئۇنداق بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن. چۈنكى مەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن.
2 : 199 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَفِيضُوا مِنْ حَيْثُ أَفَاضَ النَّاسُ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن، سىلەر (ئەرەفاتتىن) كىشىلەر قايتقان جاي بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[199].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن، سىلەر كىشىلەر قايتقان جايدىن (ئەرەفاتتىن) قايتىڭلار، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىنسانلار سەلدەك ئاققان يەردىن سىلەرمۇ سەلدەك ئېقىڭلار. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 271 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُبْدُوا الصَّدَقَاتِ فَنِعِمَّا هِيَ ۖ وَإِنْ تُخْفُوهَا وَتُؤْتُوهَا الْفُقَرَاءَ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۚ وَيُكَفِّرُ عَنْكُمْ مِنْ سَيِّئَاتِكُمْ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار، تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[271].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنى مەخپى بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سەدىقىلەرنى78 ئاشكارا بەرسەڭلار، نېمىدېگەن ياخشى! ئەگەر ئۇلارنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە پېقىرلارغا بەرسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئاللاھ بەزى يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
15 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا إِنَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): «پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ تەقۋادارلار: «ئى رەببىمىز! بىز شۈبھىسىز ساڭا ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار شۇنداق كىشىلەركى: «رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
3 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
الصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنْفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەقۋادارلار سەۋر قىلغۇچى، راست سۆزلىگۈچى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى، پۇل -ماللىرىدىن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلغۇچى ۋە تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگۈچى كىشىلەردۇر.
3 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
3 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ إِنِّي وَضَعْتُهَا أُنْثَىٰ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ وَلَيْسَ الذَّكَرُ كَالْأُنْثَىٰ ۖ وَإِنِّي سَمَّيْتُهَا مَرْيَمَ وَإِنِّي أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. (ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل، (ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس، (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنى مەريەم دەپ ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سىغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن»[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى رەببىم! مەن قىز تۇغۇپ قالدىم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ تەلەپ قىلغان ئوغۇل بىلەن بۇ قىز ئوخشاش ئەمەس (يەنى بۇ قىز ئەۋزەلدۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنىڭغا مەريەم دەپ ئات قويدۇم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئايال قىزىنى تۇغقاندا: «رەببىم! بۇنى قىز تۇغدۇم» - ئاللاھ ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ - «ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس. مەن بۇنىڭ ئىسمىنى مەريەم قويدۇم. رەببىم! سەن بۇنى ۋە بۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۆز پاناھىڭغا ئېلىپ، قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىغىن» دېدى.
3 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت كېيىن تەۋبە قىلغانلار ۋە قىلمىشلىرىنى تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. چۈنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇ ئازغۇنلۇقتىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلارغا مەزكۇر جازا بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
3 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
3 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَارِعُوا إِلَىٰ مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىشكە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە كىرىشكە ئالدىراڭلار
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئالدىراڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان.
3 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَىٰ مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەقۋادارلار بىرەر چوڭ گۇناھ قىلىپ قالسا، دەرھال ئاللاھنى ياد ئېتىپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ، گۇناھنى ئاللاھتىن باشقا كىم كەچۈرەلەيدۇ؟ ئۇلار خاتا ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىرەر قەبىھ ئىش قىلغان ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيدۇ - گۇناھلارنى ئاللاھتىن باشقا كىم مەغپىرەت قىلىدۇ؟ - ۋە بىلىپ تۇرۇپ قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرمايدۇ.
3 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ جَزَاؤُهُمْ مَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى![136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارنىڭ مۇكاپاتى، رەببىنىڭ مەغپىرىتى ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!
3 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِي أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت: «ئى رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا گەپنى قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۇ ئەھۋال ئاستىدا دېگەن سۆزى پەقەت شۇنىڭدىنلا ئىبارەت ئىدى: «رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى ۋە ئىشىمىزدا ھەددىمىزدىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!».
3 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللَّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُمْ بِإِذْنِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَعَصَيْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا أَرَاكُمْ مَا تُحِبُّونَ ۚ مِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الْآخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ ۖ وَلَقَدْ عَفَا عَنْكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەندىن قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسىدە تۇردى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا دەتالاش قىلدىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشتىن چېكىندۈردى (يەنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى، سىلەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن دۈشمىنىڭلارنى قىرىپ تاشلايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر ئارزۇ قىلغان نەرسىنى سىلەرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن بوشاڭلىق قىلدىڭلار، بېرىلگەن ئەمر توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشتىڭلار ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر دۇنيانى ئىرادە قىلاتتى، بەزىلەر ئاخىرەتنى ئىرادە قىلاتتى. ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
3 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ تَوَلَّوْا مِنْكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ إِنَّمَا اسْتَزَلَّهُمُ الشَّيْطَانُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوا ۖ وَلَقَدْ عَفَا اللَّهُ عَنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىكى جەڭدىن چېكىنگەن كىشىلەرنى بەزى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شەيتان تېيىلدۇردى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىككى قوشۇن مەيدانغا چۈشكەن كۈندە سىلەردىن قاچقانلارنىڭ بەزى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك شەيتان ئۇلاردىن خاتالىق ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى27. ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر.
3 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ قُتِلْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَوْ مُتُّمْ لَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَحْمَةٌ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا (يەنى غازاتتا) ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى (غازاتقا كېتىپ بېرىپ ئۆز ئەجىلىڭلار بىلەن) ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئارتۇقتۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ توپلايدىغان دۇنياسىدىن ئەۋزەلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەڭلار ياكى ئۆلسەڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدىغان مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر.
3 : 193 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآمَنَّا ۚ رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّئَاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْأَبْرَارِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ”رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار“ دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن[193].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) <پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار> دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق، ئى رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىز بىر دەۋەتچىنىڭ: ‹رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار!› دەپ ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە دەرھال ئىمان ئېيتتۇق. رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن.
3 : 195 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُمْ رَبُّهُمْ أَنِّي لَا أُضِيعُ عَمَلَ عَامِلٍ مِنْكُمْ مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ ۖ بَعْضُكُمْ مِنْ بَعْضٍ ۖ فَالَّذِينَ هَاجَرُوا وَأُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ وَأُوذُوا فِي سَبِيلِي وَقَاتَلُوا وَقُتِلُوا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَأُدْخِلَنَّهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ثَوَابًا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عِنْدَهُ حُسْنُ الثَّوَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى پەرۋەردىگارى ئىجابەت قىلىپ: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن (تۆرەلگەن)» دېدى. ئاندىن ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، مېنىڭ يولۇمدا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن) ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار، (يەنى مېنىڭ يولۇمدا ئۇرۇشقانلار) ۋە مېنىڭ يولۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى (مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن) ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ (ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى مۇكاپات (يەنى جەننەت) بار[195].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋاردىگارى ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «مەن سىلەردىن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر قانداق بىر ياخشى ئىش قىلغۇچىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن، سىلەر بىر ـ بىرىڭلاردىن تۆرەلگەن. مېنىڭ يولۇمدا ھىجرەت قىلغانلار، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلار، ئەزىيەت تارتقانلار، ئۇرۇشقا قاتناشقانلار ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرىتىم ۋە رەھمىتىم بىلەن ئەلۋەتتە يوققا چىقىرىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن». بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يەنە ياخشى مۇكاپات بار
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن سىلەردىن ھېچبىرىڭلارنىڭ ئەمىلىنى زايە قىلىۋەتمەيمەن. سىلەر بىر - بىرىڭلاردىنسىلەر. بۇنىڭغا ئاساسەن مەن ھىجرەت قىلغان، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مېنىڭ يولۇمدا ئەزىيەت چەككەن، ئۇرۇشقان ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمەن ۋە ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. بۇ ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ياخشى مۇكاپاتلار بار».
نىسا سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنْكُمْ فَآذُوهُمَا ۖ فَإِنْ تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاراڭلاردا ئىككى كىشى پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلاردا ئىككى كىشى پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار*[1]، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئۇ پاھىشىنى قىلغۇچى ھەر ئىككى كىشىگە ئەزىيەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا ئەزىيەت قىلىشتىن توختاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِنْ قَرِيبٍ فَأُولَٰئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَنُدْخِلْكُمْ مُدْخَلًا كَرِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر چەكلەنگەن گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل جايغا كىرگۈزىمىز.
4 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَنْ يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدِ افْتَرَىٰ إِثْمًا عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ.
4 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەربىر پەيغەمبەرنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنسۇن دەپلا ئەۋەتتۇق، مۇناپىقلار (سېنىڭ ھۆكمۈڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئەلچىنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىتائەت قىلىنىشى ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ31، ئۇلار ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى.
4 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
دَرَجَاتٍ مِنْهُ وَمَغْفِرَةً وَرَحْمَةً ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئۇلارغا) ئۈستۈن مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارغا يۈكسەك مەرتىۋىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن دەرىجىلەر، مەغپىرەت ۋە رەھمەت ئاتا قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُولَٰئِكَ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَعْفُوَ عَنْهُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَفُوًّا غَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلغاي. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىدىن ئۈمىد بار. ئاللاھ ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
4 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَغْفِرِ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[106]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْمَلْ سُوءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللَّهَ يَجِدِ اللَّهَ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئۇ ئاللاھنىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىمكى بىرەر يامانلىق قىلىپ ياكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.
مائىد سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَقْدِرُوا عَلَيْهِمْ ۖ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر تۇتۇۋېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
5 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ تَابَ مِنْ بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئەمەلىنى) تۈزىسە (يەنى ئوغرىلىق قىلىشتىن يانسا)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى (ئوغرىلىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ (قىلمىشىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزىتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
5 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا بولمامدۇ؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلمامدۇ ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەمدۇ؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
5 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ ۖ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارنى ئەپۇ قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلارنى ئازابلىساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭ. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءَكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِنَا فَقُلْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ ۖ كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۖ أَنَّهُ مَنْ عَمِلَ مِنْكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە قىلمىشىنى تۈزەتسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا ئېيتقىنكى: «سالام سىلەرگە! رەببىڭلار رەھىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يازدى. سىلەردىن كىم بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، بىلسۇنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
ئەئراف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مېنى ۋە قېرىندىشىمنى كەچۈرگىن ۋە بىزنى رەھمىتىڭگە كىرگۈزگىن. سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دېدى.
7 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ ثُمَّ تَابُوا مِنْ بَعْدِهَا وَآمَنُوا إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارغا تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: يامان ئىشلارنى قىلىپ ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا كەلسەك، رەببىڭ ئۇ تەۋبە ۋە ئىماندىن كېيىن ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
7 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەردە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستە) تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئىگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، (شۇ ۋاقتىدا) بىز بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا: «شۇ يۇرتقا يەرلىشىڭلار، ئۇنىڭدىن خالىغان يېرىڭلاردا يەڭلار، ‹بىزنى ئەپۇ قىل› دەڭلار ۋە دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغا ھالدا كىرىڭلار26. شۇنداق قىلساڭلار، خاتالىقلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىمىز» دېيىلگەن ئىدى.
7 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ وَأَنْتَ فِيهِمْ ۚ وَمَا كَانَ اللَّهُ مُعَذِّبَهُمْ وَهُمْ يَسْتَغْفِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ. ئۇلار ئىستىغفار ئېيتىپ تۇرغان چاغدىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ.
8 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ يَنْتَهُوا يُغْفَرْ لَهُمْ مَا قَدْ سَلَفَ وَإِنْ يَعُودُوا فَقَدْ مَضَتْ سُنَّتُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۈشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن)[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر بىلەن قايتا دۈشمەنلەشسە، ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىش مېنىڭ تۇتقان يولۇم بولۇپ كەلدى (ئۇلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن)
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا ئېيتقىن: «ئەگەر ئۇلار دۈشمەنلىشىشتىن يانسا، ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار قايتا دۈشمەنلەشسە، بۇرۇنقىلارغا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن قانۇنۇم ئۇلارغىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ».
تەۋبە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
اسْتَغْفِرْ لَهُمْ أَوْ لَا تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ إِنْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ سَبْعِينَ مَرَّةً فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما بەرىبىر ئوخشاش، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار، ئاللاھ نى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، ئۇلار ئۈچۈن يەتمىش قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا كافىر بولدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
9 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سۆزىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
9 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَىٰ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرگە ۋە مۇئمىنلارغا مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس
ئەنەس ئالىم: نەبىيگە ۋە مۇئمىنلارغا مۇشرىكلارنىڭ جەھەننەم ئەھلى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشلىرى توغرا ئەمەس.
9 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ اسْتِغْفَارُ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَنْ مَوْعِدَةٍ وَعَدَهَا إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ أَنَّهُ عَدُوٌّ لِلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَأَوَّاهٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى -كۆڭلى يۇمشاق- ۋە چىداملىق بىر كىشى ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى، پەقەت ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسى ئۈچۈن ئىدى. كېيىن ئىبراھىمغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندا، ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم باغرى يۇمشاق، ئېغىر - بېسىق كىشى ئىدى.
ھۇد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئۆمرۈڭلار ئاخىرلىشىپ، ئەجىلىڭلار يەتكۈچە ھاياتىي دۇنيادىن) ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە ئوبدان بەھرىمەن قىلىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ، ئەگەر ئىماندىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن[
ئەنەس ئالىم: يەنە بىر سەۋەب شۇكى، رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە ئوبدان ياشىتىدۇ ۋە ھەر پەزىلەتلىك كىشىگە پەزىلەتلىك ئىشىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بېشىڭلارغا چوڭ كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن.
11 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَسْأَلَكَ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ ۖ وَإِلَّا تَغْفِرْ لِي وَتَرْحَمْنِي أَكُنْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سىغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم!مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «رەببىم! مەن بىلمىگەن نەرسەمنى سەندىن سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن. ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە ماڭا مەرھەمەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى.
11 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا وَيَزِدْكُمْ قُوَّةً إِلَىٰ قُوَّتِكُمْ وَلَا تَتَوَلَّوْا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا (مېنىڭ دەۋىتىمدىن) يۈز ئۆرۈمەڭلار»[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن ھالدا - مېنىڭ دەۋىتىمدىن- يۈز ئۆرۈمەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلاركى، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرسۇن ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىڭلارنى زىيادە قىلسۇن. گۇناھكارلار بولغان ھالدا يۈز ئۆرۈمەڭلار».
11 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ هُوَ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَاسْتَعْمَرَكُمْ فِيهَا فَاسْتَغْفِرُوهُ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّي قَرِيبٌ مُجِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن (يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، (دۇئانى) ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى -پەيغەمبەر قىلىپ- ئەۋەتتۇق، ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد - بەرھەق- يوقتۇر، ئۇ سىلەرنى زېمىندىن - يەنى تۇپراقتىن- ياراتتى، سىلەرنى زېمىندا تۇرغۇزدى، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، رەببىم ھەقىقەتەن يېقىندۇر، ئۇ -دۇئانى- ئىجابەت قىلغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەردىن ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، رەببىم يېقىندۇر، ئىجابەت قىلغۇچىدۇر».
11 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ ۚ إِنَّ رَبِّي رَحِيمٌ وَدُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر»[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، مېنىڭ رەببىم -تەۋبە قىلغۇچىلارغا- ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، ئۇلارنى دوست تۇتقۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گۇناھلىرىڭلاردىن تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭغا يۆنىلىڭلار11. شۈبھىسىزكى، رەببىم كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، دوست تۇتقۇچىدۇر».
يۈسۈف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يُوسُفُ أَعْرِضْ عَنْ هَٰذَا ۚ وَاسْتَغْفِرِي لِذَنْبِكِ ۖ إِنَّكِ كُنْتِ مِنَ الْخَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (يەنە ئېيتتى) «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. (ئايالىم) سەن ئۆز گۇناھىڭغا كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشتىڭ»[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەنە ئېيتتى-: «يۈسۈف! بۇنى سۆزلەپ يۈرمىگىن. -ئى ئايالىم- سەنمۇ ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىن، سەن ھەقىقەتەن خاتالاشقانلاردىن بولدۇڭ»
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف! سەن بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنمىغىن. خوتۇن! سەن گۇناھىڭغا ئەپۇ تىلىگىن، چۈنكى سەن خاتالاشقۇچىلاردىن بولدۇڭ».
12 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا أَبَانَا اسْتَغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا إِنَّا كُنَّا خَاطِئِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن بىزگە مەغپىرەت تىلىگىن، بىز ھەقىقەتەن خاتالاشتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى ئاتىمىز! گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن. بىز ھەقىقەتەن خاتالىق ئۆتكۈزدۇق» دېدى.
12 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَوْفَ أَسْتَغْفِرُ لَكُمْ رَبِّي ۖ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب: «پەرۋەردىگارىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر» دېدى[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب: «رەببىمدىن سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيمەن. ئاللاھ گۇناھلارنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: يەئقۇب: «سىلەر ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى.
ئىبراھىم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ قَالُوا إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا تُرِيدُونَ أَنْ تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) چاقىرىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ ھەققىدە شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى ئىمانغا دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى جازالاشنى مەلۇم مۇددەتكىچە تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر، بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلغان نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتىسلەر. بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دېدى.
14 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! ھېساب ئالىدىغان قىيامەت كۈنىدە ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا - ئانامغا ۋە مۇئمىنلارغا مەغپىرەت قىلغىن».
كەھف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ وَيَسْتَغْفِرُوا رَبَّهُمْ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ قُبُلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت (ئاللاھنىڭ) بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى (يەنى ھالاك قىلىشنى كۈتىدىغانلىقلىرى) ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى (كۈتىدىغانلىقلىرى) ئۈچۈندۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت ئاللاھنىڭ بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى كۈتىدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلىنغان قانۇننىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنى ياكى ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە روبىرو كېلىشىنى كۈتۈشلىرىلا، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توستى.
18 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ الْغَفُورُ ذُو الرَّحْمَةِ ۖ لَوْ يُؤَاخِذُهُمْ بِمَا كَسَبُوا لَعَجَّلَ لَهُمُ الْعَذَابَ ۚ بَلْ لَهُمْ مَوْعِدٌ لَنْ يَجِدُوا مِنْ دُونِهِ مَوْئِلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، (ئۇ ۋاقىت كەلگەندە) ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناھگاھ تاپالمايدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، -ئۇ ۋاقىت كەلگەندە- ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناگاھ تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. ئەگەر رەببىڭ ئۇلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالىسا ئىدى، ئۇلارغا ئازابنى دەرھال ئەۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت بار. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي ۖ إِنَّهُ كَانَ بِي حَفِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، رەببىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «خوش ئەمىسە ئاتا! سەن ئۈچۈن رەببىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئۇ ماڭا بەك مەرھەمەتلىكتۇر.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان كىشىگە ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىمەن.
20 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ اجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى[122].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن رەببى ئۇنى تاللىدى، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ھىدايەت قىلدى ۋە
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ لِمَ تَسْتَعْجِلُونَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ ۖ لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»[46]
تەرجىمە ھەيئىتى: سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سالىھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! نېمىشقا ياخشىلىقنى قويۇپ يامانلىققا ئالدىرايسىلەر؟ نېمىشقا رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەيسىلەر؟».
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلار ۋە مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى چاپلاپ ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار شۇ بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى، ئۇلار قىلمىغان ئىشلار بىلەن قارىلاپ رەنجىتكەنلەر بولسا، بوھتان ۋە ئوچۇق گۇناھ يۈدۈۋېلىشقان بولىدۇ.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قِيلَ ادْخُلِ الْجَنَّةَ ۖ قَالَ يَا لَيْتَ قَوْمِي يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى[26 ـ 27].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا :«جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم بىلسە ئىدى،
ئەنەس ئالىم: «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى4. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: «كاشكى قەۋمىم بىلسە ئىدى:
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى رەببىڭگە ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، گۇناھىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن، چۈشتىن كېيىن ۋە چۈشتىن ئىلگىرى رەببىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَاسْتَقِيمُوا إِلَيْهِ وَاسْتَغْفِرُوهُ ۗ وَوَيْلٌ لِلْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي![6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا، «ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر» دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!»، مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا يۆنىلىڭلار ۋە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار». مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
41 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ -يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە- كۈشكۈرتسە دەرھال ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سېنى شەيتاندىن بىرەر ۋەسۋەسە نوقۇسا، دەرھال ئاللاھقا سېغىنغىن. چۈنكى ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
شۇرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْ فَوْقِهِنَّ ۚ وَالْمَلَائِكَةُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِمَنْ فِي الْأَرْضِ ۗ أَلَا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. پەرىشتىلەر رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە زېمىندىكى كىشىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
42 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ الَّذِي يُبَشِّرُ اللَّهُ عِبَادَهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا الْمَوَدَّةَ فِي الْقُرْبَىٰ ۗ وَمَنْ يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَزِدْ لَهُ فِيهَا حُسْنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ. «(دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇش ـ خەۋەر بېرىدۇ. ئېيتقىنكى : «مەن سىلەردىن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن باشقا بىر ھەق تەلەپ قىلمايمەن»، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىلتىپات بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مەن سىلەردىن پەقەت تۇغقانچىلىقتىكى دوستلۇقنى تەلەپ قىلىمەن2». كىم ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىمىز. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مُتَقَلَّبَكُمْ وَمَثْوَاكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار)[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۇئمىنلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارنى ۋە جايىڭلارنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇڭا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىن، ئۆز گۇناھىڭ ئۈچۈن، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلارنى بىلىدۇ.
فەتىھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بۇ شەكلىدە سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە سېنى توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىشى، ساڭا نېمىتىنى تاماملىشى، سېنى توغرا يولغا باشلىشى
48 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُ لَكَ الْمُخَلَّفُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَا أَمْوَالُنَا وَأَهْلُونَا فَاسْتَغْفِرْ لَنَا ۚ يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِمْ مَا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ لَكُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًا ۚ بَلْ كَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ھۇدەيبىيىگە چىقماي- قېلىپ قالغان ئەئرابىلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ سەن بىلەن چىقالمىدۇق، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلار دىللىرىدا بولمىغاننى تىللىرىدا سۆزلەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس - ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس-، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئايرىلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەر يېقىندا ساڭا: «بىزنى ماللىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىز مەشغۇل قىلدى. شۇڭا سەن بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» دەيدۇ. ئۇلار تىللىرى بىلەن قەلبلىرىدە يوق نەرسىنى سۆزلەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر پايدا يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھقا قارشى سىلەرگە كىم نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِالْأَسْحَارِ هُمْ يَسْتَغْفِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەھەرلەردە (پەرۋەردىگارىدىن) مەغپىرەت تىلەيتتى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەھەرلەردە رەببىدىن مەغپىرەت تىلەيتتى
ئەنەس ئالىم: تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان ۋاقىتلاردا مەغپىرەت تىلەيتتى،
مۇجادىلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَاجَيْتُمُ الرَّسُولَ فَقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَةً ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۚ فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن (يوقسۇللارغا) سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر (سەدىقە قىلىدىغان نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالمىساڭلار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ ئاندىن سۆزلىشىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
58 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَشْفَقْتُمْ أَنْ تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَاتٍ ۚ فَإِذْ لَمْ تَفْعَلُوا وَتَابَ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن (كەمبەغەل بولۇپ قالىمىز) دەپ قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ئاللاھ تولۇق خەۋەرداردۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەر بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار ۋە ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قۇبۇل قىلدى، ئەمدى نامازنى تەلەپكە لايىق ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇنىڭ بىلەن مەخپىي سۆزلىشىشتىن ئىلگىرى سەدىقىلەرنى بېرىشتىن قورقتۇڭلارمۇ؟ سىلەر سەدىقە بەرمىدىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئۇ ھالدا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ جَاءُوا مِنْ بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلارغا قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، رەببىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەلبلىرىمىزدە مۇئمىنلارغا قارشى ھېچ ئاداۋەت قويمىغىن! رەببىمىز! سەن شەپقەتلىكسەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇرسەن».
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءَكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَىٰ أَنْ لَا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ ۙ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يەنى يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا ۋەدە بەرسە)، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! مۇئمىنە ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، قوللىرى بىلەن پۇتلىرى ئارىسىدا بىر تۆھمەت توقۇپ كەلمەسلىككە، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن كەلسە، ئۇلارنىڭ بەيئەتلىرىنى قۇبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! مۇئمىن ئاياللار يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىق، ئوغرىلىق قىلماسلىق، زىنا قىلماسلىق، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك، قوللىرى بىلەن پۇتلىرىنىڭ ئارىسىدىن بوھتان ئويدۇرۇپ كەلتۈرمەسلىك ۋە ياخشى ئىشتا ساڭا ئاسىيلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
سەپ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: بۇ تىجارەتنى قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە ۋە ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارغا كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى چايقايدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلگەن چاغدا، ئۇلار باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تُقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا يُضَاعِفْهُ لَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ شَكُورٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەرزى ھەسەنەقەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن پۇل – مال سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ ۋە سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، ھەلىيمدۇر،
مۈلك سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىدىن كۆرمەي تۇرۇپ قورققانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مەغپىرەت ۋە بۈيۈك ئەجىر بار.
نوھ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بېكىتكەن ئەجىلى كەلگەن چاغدا ئەجەل كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل كەلسە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىلسەڭلار».
71 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتتىمكى: «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دېدىمكى: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
71 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!».
مۇدەسسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ هُوَ أَهْلُ التَّقْوَىٰ وَأَهْلُ الْمَغْفِرَةِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا ئېسىگە ئالالايدۇ4. ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلىنىشقا تېگىشلىك زاتتۇر، مەغپىرەت قىلىدىغان زاتتۇر.
نەسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
110 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ ۚ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا
مۇھەممەد سالىھ: رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر.
فەلەق سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
113 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «فەلەقنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن1،
113 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنىڭ يامانلىقىدىن،
113 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن،
ئەنەس ئالىم: باسقان چاغدىكى كېچىنىڭ يامانلىقىدىن،
113 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن تاڭ نۇرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ۋە ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن قاچىمەن».
ناس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
114 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئىنسانلارنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن،
114 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَلِكِ النَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى،
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ پادىشاھىغا،