مۇدەسسىر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 56 ئايەت
مەنىسى: كىيىمگە پۈركىنىۋالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
  1. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ
    ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)

    ئى يۆگىنىۋالغۇچى (مۇھەممەد!) [1]،

  2. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 2-ئايەت)
    قُمْ فَأَنْذِرْ
    تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر

    ئورنۇڭدىن تۇرغىن ! (ئىنسانلارنى)ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغىن [2].

  3. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 3-ئايەت)
    وَرَبَّكَ فَكَبِّرْ
    پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا

    پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلىغىن [3].

  4. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 4-ئايەت)
    وَثِيَابَكَ فَطَهِّرْ
    كىيىمىڭنى پاك تۇت

    كىيىمىڭنى پاك تۇتقىن [4].

  5. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 5-ئايەت)
    وَالرُّجْزَ فَاهْجُرْ
    ئازابتىن (يەنى ئازابقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول

    يامان ئىشلاردىن يىراق بولغىن [5].

  6. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 6-ئايەت)
    وَلَا تَمْنُنْ تَسْتَكْثِرُ
    كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى بىر كىشىگە بىرەر سوۋغا بەرسەڭ، ئۇنىڭدىن بەرگەن نەرسەڭدىن كۆپرەك نەرسە ئېلىشنى تەمە قىلما)

    (كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرسەڭ) كۆپ ئۈندۈرۈۋېلىش نىيىتىدە بەرمىگىن [6]،

  7. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 7-ئايەت)
    وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل

    پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ئەزىيەتكە سەۋر قىلغىن [7].

  8. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 8-ئايەت)
    فَإِذَا نُقِرَ فِي النَّاقُورِ
    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر

    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن مۇشەققەتلىك كۈندۇر [8ـ9].

  9. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 9-ئايەت)
    فَذَٰلِكَ يَوْمَئِذٍ يَوْمٌ عَسِيرٌ
    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن قىيىن كۈندۇر

    سۇر چېلىنغان ۋاقىت ـ ئۇ كۈن مۇشەققەتلىك كۈندۇر [8ـ9].

  10. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 10-ئايەت)
    عَلَى الْكَافِرِينَ غَيْرُ يَسِيرٍ
    كاپىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر

    كافىرلارغا ئاسان ئەمەستۇر [10].

  11. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 11-ئايەت)
    ذَرْنِي وَمَنْ خَلَقْتُ وَحِيدًا
    (ئى مۇھەممەد!) مەن تەنھا ياراتقان كىشىنى (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرەنى) ماڭا قويۇۋەت

    (ئى مۇھەممەد!) مەن (بالىسى يوق، پۇل-مېلى يوق ھالەتتە) تەنھا ياراتقان كىشىنى ماڭا قويۇۋەتكىن [11].

  12. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 12-ئايەت)
    وَجَعَلْتُ لَهُ مَالًا مَمْدُودًا
    ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال بەردىم

    ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال-مۈلۈك بەردىم [12].

  13. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 13-ئايەت)
    وَبَنِينَ شُهُودًا
    ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم

    ئۇنىڭغا كۆز ئالدىدا تۇرىدىغان ئوغۇللارنى بەردىم [13].

  14. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 14-ئايەت)
    وَمَهَّدْتُ لَهُ تَمْهِيدًا
    ئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم

    ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەردىم [14].

  15. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 15-ئايەت)
    ثُمَّ يَطْمَعُ أَنْ أَزِيدَ
    ئاندىن ئۇ يەنە كۆپ بېرىشىمنى تەمە قىلىدۇ

    ئۇ بولسا يەنىمۇ كۆپرەك بېرىشىمنى تەمە قىلىپ تۇرىدۇ [15].

  16. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 16-ئايەت)
    كَلَّا ۖ إِنَّهُ كَانَ لِآيَاتِنَا عَنِيدًا
    ياق، (يەنى ئۇنىڭ خالىغىنى بولمايدۇ)، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى

    ياق، ئۇنىڭ خالىغىنى ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە قارشى چىقتى [16].

  17. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 17-ئايەت)
    سَأُرْهِقُهُ صَعُودًا
    ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابىمنى تېتىتىمەن

    مەن ئۇنى يېقىندا قاتتىق ئازابقا قىستايمەن [17].

  18. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 18-ئايەت)
    إِنَّهُ فَكَّرَ وَقَدَّرَ
    ئۇ (پەيغەمبەر ۋە قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى، (قۇرئان توغرۇلۇق نېمە دېيىشنى ۋە قانداق بوھتان قىلىشنى) پىلانلىدى

    ئۇ (قۇرئان ھەققىدە) ئويلاندى ۋە قانداق قارىلاشنى پىلانلىدى [18].

  19. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 19-ئايەت)
    فَقُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
    لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى؟

    ئۇنىڭ قانداق پىلانلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن [19].

  20. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 20-ئايەت)
    ثُمَّ قُتِلَ كَيْفَ قَدَّرَ
    يەنە لەنەت بولسۇنكى، ئۇ قانداق پىلانلىدى

    ئۇنىڭ قانداق پىلانلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا يەنە لەنەت بولسۇن [20].

  21. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 21-ئايەت)
    ثُمَّ نَظَرَ
    ئاندىن ئۇ قارىدى

    ئاندىن ئۇ (ئۆز پىلانىغا) قاراپ چىقتى [21]،

  22. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 22-ئايەت)
    ثُمَّ عَبَسَ وَبَسَرَ
    ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى

    ئاندىن قوشۇمىسىنى تۈردى ۋە چىرايىنى پۈرۈشتۈردى [22]،

  23. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 23-ئايەت)
    ثُمَّ أَدْبَرَ وَاسْتَكْبَرَ
    ئاندىن (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى (پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن) تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتتى

    ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتتى-دە: «بۇ پەقەت ئىلگىركىلەردىن قالغان سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئىنساننىڭ سۆزىدۇر» دېدى [23ـ25].

  24. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 24-ئايەت)
    فَقَالَ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ يُؤْثَرُ
    «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى

    ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتتى-دە: «بۇ پەقەت ئىلگىركىلەردىن قالغان سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئىنساننىڭ سۆزىدۇر» دېدى [23ـ25].

  25. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 25-ئايەت)
    إِنْ هَٰذَا إِلَّا قَوْلُ الْبَشَرِ
    «بۇ (كالامۇللاھ ئەمەس) پەقەت ئۆگىنىلگەن سېھىردۇر، بۇ پەقەت ئىنسان سۆزىدۇر» دېدى

    ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتتى-دە: «بۇ پەقەت ئىلگىركىلەردىن قالغان سېھىردىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ پەقەتلا ئىنساننىڭ سۆزىدۇر» دېدى [23ـ25].

  26. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 26-ئايەت)
    سَأُصْلِيهِ سَقَرَ
    ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن

    ئۇنى مەن پات ئارىدا سەقەرگە تاشلايمەن [26].

  27. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 27-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا سَقَرُ
    سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

    سەقەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [27].

  28. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 28-ئايەت)
    لَا تُبْقِي وَلَا تَذَرُ
    ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)

    سەقەر ھېچ نەرسىنى قالدۇرماي كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغان بىر دوزاختۇر [28].

  29. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 29-ئايەت)
    لَوَّاحَةٌ لِلْبَشَرِ
    ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ

    ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ قاپقارا قىلىۋېتىدۇ [29].

  30. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 30-ئايەت)
    عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ
    ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر

    ئۇنىڭغا ئونتوققۇز پەرىشتە مۇئەككەلدۇر [30].

  31. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 31-ئايەت)
    وَمَا جَعَلْنَا أَصْحَابَ النَّارِ إِلَّا مَلَائِكَةً ۙ وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا لِيَسْتَيْقِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَيَزْدَادَ الَّذِينَ آمَنُوا إِيمَانًا ۙ وَلَا يَرْتَابَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْمُؤْمِنُونَ ۙ وَلِيَقُولَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْكَافِرُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ ۚ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْبَشَرِ
    بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي! ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن ئاللاھ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى ئاللاھ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر

    بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانىنى پەقەت كافىرلارنى سىناش ئۈچۈن ئون توققۇز قىلىدۇق، بۇنداق قىلىشىمىز يەنە (بۇ سان تەۋرات ۋە ئىنجىلدا بايان قىلىنغان سانغا مۇۋاپىق كەلگەچكە) كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ (قۇرئاننىڭ ھەق ئىكگنلىكىگە) تولۇق ئىشەنچ قىلىشى، مۆمىنلەرنىڭ (قۇرئانغا بولغان) ئىمانىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى، كىتاب بېرىلگەنلەر ۋە مۆمىنلەرنىڭ (ئۇلارنىڭ سانىدىن) شەكلەنمەسلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا دىلىدا كېسىلى بار (مۇناپىق)لارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ (ھاڭ-تاڭ قېلىپ):«ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نېمىنى ئىرادە قىلغاندۇر ؟» دېيىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى مۇشۇنداق ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنىنى پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلىدۇ، بۇ (يەنى دوزاخ ھەققىدىكى بايانلار) پەقەت ئىىنسانلار ئۈچۈن ۋەز-نەسىھەتتۇر [31].

  32. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 32-ئايەت)
    كَلَّا وَالْقَمَرِ
    ياق (يەنى ئۇ مەسخىرە قىلغۇچىلار قەبىھ قىلمىشىدىن يانسۇن)، ئاي بىلەن قەسەمكى

    ئەمەلىيەت كافىرلار دېگەندەك ئەمەس! ئاي بىلەن [32]،

  33. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 33-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ إِذْ أَدْبَرَ
    ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى

    ئۆتۈپ كەتكەن كېچە بىلەن [33]

  34. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 34-ئايەت)
    وَالصُّبْحِ إِذَا أَسْفَرَ
    يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەمكى

    يورۇغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [34]،

  35. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 35-ئايەت)
    إِنَّهَا لَإِحْدَى الْكُبَرِ
    شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟)

    ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ بالالارنىڭ بىرىدۇر! [35-37].

  36. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 36-ئايەت)
    نَذِيرًا لِلْبَشَرِ
    ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

    ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ بالالارنىڭ بىرىدۇر! [35-37].

  37. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 37-ئايەت)
    لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ
    سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

    ھەقىقەتەن، دوزاخ ئىنسانلارنى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى (ياخشىلىققا) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان چوڭ بالالارنىڭ بىرىدۇر! [35-37].

  38. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 38-ئايەت)
    كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ
    ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر

    ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن رەنىگە ئېلىنغاندۇر[38].

  39. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 39-ئايەت)
    إِلَّا أَصْحَابَ الْيَمِينِ
    پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا

    پەقەت نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا [39].

  40. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 40-ئايەت)
    فِي جَنَّاتٍ يَتَسَاءَلُونَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ

    ئۇلار جەننەتلەردە تۇرۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ [40ـ42].

  41. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 41-ئايەت)
    عَنِ الْمُجْرِمِينَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ

    ئۇلار جەننەتلەردە تۇرۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ [40ـ42].

  42. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 42-ئايەت)
    مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ
    ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ

    ئۇلار جەننەتلەردە تۇرۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىپ قېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورايدۇ [40ـ42].

  43. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 43-ئايەت)
    قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ
    ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق

    ئۇلار: «بىز تا ئۈلۈپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇمىغان، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىگەن، يامان ئادەتلەر بىلەن بىللە باتىلغا چۆكۈپ كەتكەن، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئىدۇق»دەيدۇ [43-47].

  44. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 44-ئايەت)
    وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ الْمِسْكِينَ
    مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق

    ئۇلار: «بىز تا ئۈلۈپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇمىغان، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىگەن، يامان ئادەتلەر بىلەن بىللە باتىلغا چۆكۈپ كەتكەن، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئىدۇق»دەيدۇ [43-47].

  45. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 45-ئايەت)
    وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ الْخَائِضِينَ
    بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق

    ئۇلار: «بىز تا ئۈلۈپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇمىغان، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىگەن، يامان ئادەتلەر بىلەن بىللە باتىلغا چۆكۈپ كەتكەن، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئىدۇق»دەيدۇ [43-47].

  46. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 46-ئايەت)
    وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ الدِّينِ
    قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق

    ئۇلار: «بىز تا ئۈلۈپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇمىغان، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىگەن، يامان ئادەتلەر بىلەن بىللە باتىلغا چۆكۈپ كەتكەن، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئىدۇق»دەيدۇ [43-47].

  47. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 47-ئايەت)
    حَتَّىٰ أَتَانَا الْيَقِينُ
    تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)»

    ئۇلار: «بىز تا ئۈلۈپ كەتكۈچە ناماز ئوقۇمىغان، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىگەن، يامان ئادەتلەر بىلەن بىللە باتىلغا چۆكۈپ كەتكەن، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلغان ئىدۇق»دەيدۇ [43-47].

  48. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 48-ئايەت)
    فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ
    شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)

    شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ [48].

  49. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 49-ئايەت)
    فَمَا لَهُمْ عَنِ التَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ
    ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟

    ئۇلار نېمىشقا ۋەز-نەسىھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ [49].

  50. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 50-ئايەت)
    كَأَنَّهُمْ حُمُرٌ مُسْتَنْفِرَةٌ
    گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)

    ئۇلار نېمىشقا خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك ۋەز-نەسىھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ [50ـ51].

  51. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 51-ئايەت)
    فَرَّتْ مِنْ قَسْوَرَةٍ
    گويا ئۇلار يولۋاستىن قاچقان ياۋايى ئېشەكلەردۇر (يەنى بۇ مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەندە، ئۇنىڭدىن خۇددى يولۋاسنى كۆرۈپ قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك قاچىدۇ)

    ئۇلار نېمىشقا خۇددى يولۋاستىن قاچقان ياۋا ئېشەكلەردەك ۋەز-نەسىھەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟ [50ـ51].

  52. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 52-ئايەت)
    بَلْ يُرِيدُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُؤْتَىٰ صُحُفًا مُنَشَّرَةً
    بەلكى ئۇلاردىن ھەر كىشى ئۆزىگە ئوچۇق سەھىپىلەر بېرىلىشىنى خالايدۇ (يەنى ئۇلار ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتابىدەك كىتاب نازىل قىلىنىشىنى تەمە قىلىدۇ)

    يەنە تېخى ئۇلاردىن ھەربىرى ئۆزىگە ئېچىقلىق سەھىپىلەر بېرىلىشنى تەمە قىلىدۇ) [52].

  53. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 53-ئايەت)
    كَلَّا ۖ بَلْ لَا يَخَافُونَ الْآخِرَةَ
    ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ

    ياق! ئىش ھەرگىز ئۇلار ئويلىغاندەك بولمايدۇ. ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ [53].

  54. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 54-ئايەت)
    كَلَّا إِنَّهُ تَذْكِرَةٌ
    ياق، مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار بولۇشىنى كۆزلەيدىغان بولسا، قۇرئان ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشىغا يېتەرلىكتۇر)

    مۇقەررەركى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر [54].

  55. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 55-ئايەت)
    فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ
    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ

    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ [55].

  56. (74-سۈرە مۇدەسسىر، 56-ئايەت)
    وَمَا يَذْكُرُونَ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ هُوَ أَهْلُ التَّقْوَىٰ وَأَهْلُ الْمَغْفِرَةِ
    ئۇلار پەقەت خالىسا، ئاندىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرى) قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، (بەندىلىرىنى) مەغپىرەت قىلىشقا لايىق زاتتۇر

    ئۇلار پەقەت خالىسىلا، ئاندىن ۋەز- نەسىھەت ئالالايدۇ، ئاللاھ قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر، مەغپىرەت قىلىدىغان زاتتۇر [56].