ئۆلىمالار ۋە ئۇستازلار
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھ قۇرئاندا ئۆلىمالارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۆتمۈشتىكى بىر قېسىم ئۆلىمالارنىڭ يامانلىقلىرىنى ئەيىبلەش ئارقىلىق ھەق يولدا مېڭىشقا ۋە خەلقنى توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەشكە بۇيرۇيدۇ.
ئېنگلىزچىسى: Scholars and Teachers
10 ئايەت
6 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 بىلىم ئېلىش /
- 📄 ئۆلىمالار ۋە ئۇستازلار
قۇرئان ئايەتلىرى
مائىد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ ۚ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ ۚ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل ـ مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار). كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا ھىدايەت ۋە نۇر بار، ئىتائەتمەن پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىۋېتىشتىن) ساقلاشقا نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇ كافىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر.
5 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا يَنْهَاهُمُ الرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ عَنْ قَوْلِهِمُ الْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![63]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار نېمىشقا ئۇلارنى گۇناھ سۆزنى ئېيتىشتىن ۋە ھارامنى يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَدَاوَةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الْيَهُودَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا ۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقْرَبَهُمْ مَوَدَّةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنْهُمْ قِسِّيسِينَ وَرُهْبَانًا وَأَنَّهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن. بىز ناسارا دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇ، ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە (ھەقنى قوبۇل قىلىشتا) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، «بىز ناسارا» دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن، بۇنداق بولۇشى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلارنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك جەھەتتە ئەڭ شىددەتلىك بولغۇچىلارنىڭ يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. مۇئمىنلارغا دوستلۇق جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغۇچىلارنىڭ «بىز ناسارامىز» دېگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. چۈنكى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلار بار، ھەمدە ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، ئابىدلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر.
9 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْأَحْبَارِ وَالرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُونَ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۗ وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنْفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ھىبرىلەر ۋە راھىبلاردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلمايدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
كەھف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُ مُوسَىٰ هَلْ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰ أَنْ تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمْتَ رُشْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ (يەنى سۆھبىتىڭدە بولايمۇ؟)» دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىم ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.
18 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟ »[75]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟ »
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 197 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ آيَةً أَنْ يَعْلَمَهُ عُلَمَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئابدۇللا ئىبنى سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟[197]
تەرجىمە ھەيئىتى: بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا دەلىل بولمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى ئۇلار ئۈچۈن دەلىل بولمامدۇ؟
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەممىدىن غالىب ۋە ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق زاتنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە : «بايا ئۇ - مۇھەممەد - نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەر ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ساڭا قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان چاغلىرىدا ئىلىم بېرىلگەنلەرگە: «ئۇ بايا نېمە دېدى؟» دېيىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەردۇر.