بىلىم ئېلىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىلىم (بىلىم ۋە مائارىپ): بىلىم ئېلىش
ئېنگلىزچىسى: Seeking Knowledge
45 ئايەت
22 سۈرە
5 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلَّا أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (تەۋراتنى) بىلمەيدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتنى بىلمەيدىغان، پەقەت ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدىغان، خىيالغىلا تايىنىدىغان ساۋاتسىزلىرى بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۇممىيلىرى25 بار. بۇلار كىتابنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغىنى پەقەت بىر قىسىم قۇرۇق خىياللاردىنلا ئىبارەتتۇر. بۇلار پەقەتلا گۇمان قىلىدۇ.
2 : 269 - ئايەت
كۆرۈش
يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھېكمەتنى (ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ[269].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېكمەتنى (يەنى پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ حَاجَجْتُمْ فِيمَا لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ فَلِمَ تُحَاجُّونَ فِيمَا لَيْسَ لَكُمْ بِهِ عِلْمٌ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) سىلەر شۇنداق كىشىلەرسىلەركى، بىلىدىغان نەرسەڭلار (ئىيسا) ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر بىلمەيدىغان نەرسەڭلار (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) ئۈستىدە نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنىڭ ئىشىدىكى ھەقىقەتنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر» دېگىن[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر شۇنداق كىشىلەر ئىكەنسىلەركى، ئۆزۈڭلار بىلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتىڭلار، ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسە (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ دىنى) توغرىسىدا نېمىشقا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئەنە شۇنداق كىشىلەركى، بىلگىنىڭلار توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتىڭلار، بىلمىگىنىڭلار توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.
3 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُؤْتِيَهُ اللَّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُوا عِبَادًا لِي مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنْتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنْتُمْ تَدْرُسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ئىنسانغا ئاللاھ كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋەلېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار ۋە ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ)[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنساننىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ ئىنسان: «سىلەر كىتابنى ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەنگەن ئىكەنسىلەر، پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشكە ھەددى ئەمەس، لېكىن ئۇ: «كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى رەببىڭلارغا ئاتىغان خالىس بەندىلەر بولۇڭلار» دەيدۇ.
3 : 187 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان![187].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالغان ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئازغىنا پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: «كىتابنى ئىنسانلارغا چوقۇم بايان قىلىسىلەر ۋە ئۇنى يوشۇرمايسىلەر!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىنى ئارقىلىرىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇ كىتابنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم - سېتىمى نېمىدېگەن يامان!
مائىد سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ ۚ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ ۚ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل ـ مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار). كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا ھىدايەت ۋە نۇر بار، ئىتائەتمەن پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىۋېتىشتىن) ساقلاشقا نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇ كافىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر.
5 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَحُكْمَ الْجَاهِلِيَّةِ يَبْغُونَ ۚ وَمَنْ أَحْسَنُ مِنَ اللَّهِ حُكْمًا لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ (ئاللاھقا) چىن ئىشىنىدىغان قەۋمنىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمدە ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟[50]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ ھەق-ناھەقنى ئاڭقىرالايدىغان قەۋمگە ھۆكۈم قىلىشتا ئاللاھتىنمۇ ئادىل كىم بار؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جاھىلىيەت ھۆكمىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھتىنمۇ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچى بارمۇ؟
5 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا يَنْهَاهُمُ الرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ عَنْ قَوْلِهِمُ الْإِثْمَ وَأَكْلِهِمُ السُّحْتَ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان![63]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى، ئۆلىمالىرى نېمىشقا ئۇلارنى يالغان سۆزلەشتىن، ھارام يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: زاھىتلار ۋە ئۆلىمالار نېمىشقا ئۇلارنى گۇناھ سۆزنى ئېيتىشتىن ۋە ھارامنى يېيىشتىن توسمايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
لَتَجِدَنَّ أَشَدَّ النَّاسِ عَدَاوَةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الْيَهُودَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا ۖ وَلَتَجِدَنَّ أَقْرَبَهُمْ مَوَدَّةً لِلَّذِينَ آمَنُوا الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّ مِنْهُمْ قِسِّيسِينَ وَرُهْبَانًا وَأَنَّهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن قاتتىق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن. بىز ناسارا دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن. بۇ، ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلار بولغانلىقى ۋە (ھەقنى قوبۇل قىلىشتا) تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ مۆمىنلەرگە ھەممىدىن ئەشەددىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بايقايسەن، «بىز ناسارا» دېگەن كىشىلەرنىڭ دوستلۇق جەھەتتە مۆمىنلەرگە ھەممىدىن يېقىن ئىكەنلىكىنىمۇ چوقۇم بايقايسەن، بۇنداق بولۇشى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئۆلىمالار، راھىبلارنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مۇئمىنلارغا دۈشمەنلىك جەھەتتە ئەڭ شىددەتلىك بولغۇچىلارنىڭ يەھۇدىيلار ۋە مۇشرىكلار ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. مۇئمىنلارغا دوستلۇق جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغۇچىلارنىڭ «بىز ناسارامىز» دېگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايسەن. چۈنكى ناسارالارنىڭ ئىچىدە ئالىملار ۋە راھىبلار بار، ھەمدە ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ.
5 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَسْأَلُوا عَنْ أَشْيَاءَ إِنْ تُبْدَ لَكُمْ تَسُؤْكُمْ وَإِنْ تَسْأَلُوا عَنْهَا حِينَ يُنَزَّلُ الْقُرْآنُ تُبْدَ لَكُمْ عَفَا اللَّهُ عَنْهَا ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىرىڭلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرگە يامانلىق يېتىپ قالىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىماڭلار. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان ئەسنادا سورىساڭلار، سىلەرگە ئاشكارا قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ نەرسىلەردىن ئۆتۈۋەتتى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر.
5 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ سَأَلَهَا قَوْمٌ مِنْ قَبْلِكُمْ ثُمَّ أَصْبَحُوا بِهَا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى سورىغان ئىشلىرى بايان قىلىنىپ ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقتىن) كاپىر بولۇپ كەتتى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرى بىر قەۋم ئۇ نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، لېكىن كېيىن ئۇ قەۋم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كافىر بولۇپ كەتتى30.
5 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
مَا جَعَلَ اللَّهُ مِنْ بَحِيرَةٍ وَلَا سَائِبَةٍ وَلَا وَصِيلَةٍ وَلَا حَامٍ ۙ وَلَٰكِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۖ وَأَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەھىرە ، سائىبە ، ۋەسىلە ، ھام لارغا ئاللاھ (يۇقىرىقىدەك قىلىشنى) بۇيرۇغىنى يوق، (لېكىن كاپىرلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلايدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنىڭ يالغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ(ئىزاھات: بەھىرە: سەككىزنى تۇغقان، بەشىنچىسىنى ئەركەك تۇغقان تۆگە بولۇپ، جاھىلىيەت ئەرەبلىرى بۇ تۆگىنىڭ قۇلىقىنى يېرىپ قويۇپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى، مىنمەيتتى، يۈك ئارتمايتتى.
سائىبە: چىشىدىن ئوننى تۇغقان تۆگە بولۇپ، مىنىلمەيتتى، قىرقىلمايتتى، سۈتى مۇساپىرلارغىلا بېرىلەتتى.
ۋەسىلە: بىرىنچى ۋە ئىككىنچىسىنى چىشى تۇغقان، بۇتلار ئۈچۈن ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن تۆگە.
ھام: ئون تۆگىگە ئاتا بولغان بۇغرا تۆگە بولۇپ، ئۇلار ئۇنى مىنمەي، يېمەك ـ ئىچمەكتە ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى.)[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەھىيرە، سائىبە، ۋەسىيلە، ھام*[1] ناملىق تۆگىلەرنى (بۇتلارا ئاتاشنى) ئاللاھ بۇيرۇمىغان ئىدى. لېكىن، كافىرلار ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (بۇنىڭ يالغانلىقىن) چۈشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەھىرە، سائىبە، ۋەسىلە ۋە ھامدىن ھېچبىرىنى بەلگىلىمىدى. لېكىن كافىرلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ31.
5 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ قَالُوا حَسْبُنَا مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۚ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ (يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەمەل قىلامدۇ؟)[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھىچ نەرسە بىلمەيدىغان ۋە ھىدايەت تاپمىغان تۇرسىمۇ، ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ.
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە كېلىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزنىڭ يولى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ. ئۇلار، ئاتا - بوۋىلىرى ھېچ نەرسە بىلمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟
تەۋبە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، ئابىدلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر.
9 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْأَحْبَارِ وَالرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُونَ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۗ وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنْفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ھىبرىلەر ۋە راھىبلاردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلمايدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
9 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ الْمُؤْمِنُونَ لِيَنْفِرُوا كَافَّةً ۚ فَلَوْلَا نَفَرَ مِنْ كُلِّ فِرْقَةٍ مِنْهُمْ طَائِفَةٌ لِيَتَفَقَّهُوا فِي الدِّينِ وَلِيُنْذِرُوا قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوا إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟[122]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى كېرەك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن بىر تۈركۈمى، دىن ساھەسىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇش ۋە قەۋملىرى قايتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن ئورۇشقا چىقمىسا بولماسمىدى؟
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشى كېرەك ئەمەس. ئۇنداقتا نېمىشقا ھەر جامائەدىن بىر تۈركۈم كىشى دىننى ئوبدان ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋە قايتىپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، يامانلىقلاردىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن چىقمىدى؟
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا ۚ إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ تولىسى گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، گۇمان ھەقتىن ھېچ نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ ۚ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَٰئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا
مۇھەممەد سالىھ: بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە، چۈنكى ئىنسان قىيامەت كۈنى قۇلاق، كۆز، دىلدىن ئىبارەت ئەزالارنىڭ ھەربىرى ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىگە ئەگەشمىگىن. چۈنكى ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيىتى ۋە دىللارنىڭ ھەر بىرى ئەلۋەتتە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
كەھف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ وَلَا لِآبَائِهِمْ ۚ كَبُرَتْ كَلِمَةً تَخْرُجُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ ۚ إِنْ يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنداق دېگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، ئۇلارنىڭمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنىڭمۇ بۇ بوھتانلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمى يوق. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىقىۋاتقان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەتلا يالغان سۆزلىمەكتە.
18 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَاهُ لَا أَبْرَحُ حَتَّىٰ أَبْلُغَ مَجْمَعَ الْبَحْرَيْنِ أَوْ أَمْضِيَ حُقُبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمىغا (يەنى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا): «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، (شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر) ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمى-يۇشەئ ئىبىن نۇنغا-: «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگىچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، -شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر- ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆزىنىڭ ياش خادىمىغا: «مەن ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىگە يېتىپ بارمىغىچە ياكى بۇ يولدا ئۇزۇن زامان ئۆتكۈزمىگۈچە ھېچ توختىماستىن ماڭىمەن» دېگەن ئىدى.
18 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبْغِ ۚ فَارْتَدَّا عَلَىٰ آثَارِهِمَا قَصَصًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ ئىدى!» دېدى - دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزلىرىنى بويلاپ كەينىگە يېنىپ، ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىغا كەلدى.
18 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُ مُوسَىٰ هَلْ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰ أَنْ تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمْتَ رُشْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ (يەنى سۆھبىتىڭدە بولايمۇ؟)» دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇنىڭغا: «ساڭا ئۆگىتىلگەن ئىلىملەردىن ماڭا توغرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلىم ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگەشسەم بولامدۇ؟» دېدى.
18 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ فَإِنِ اتَّبَعْتَنِي فَلَا تَسْأَلْنِي عَنْ شَيْءٍ حَتَّىٰ أُحْدِثَ لَكَ مِنْهُ ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) ئېيتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، (يولۇققان ئىش توغرىسىدا) مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگۈچە ئۇنىڭدىن سورىما (يەنى ئۆزۈم سۆزلەپ بەرمىگۈچە قىلغان ئىشلىرىمدىن سورىما)»[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيىتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، -يولۇققان ئىش توغرىسىدا- مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگىچە ئۇنىڭدىن سورىما»
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «ئۇنداقتا ماڭا ئەگەشسەڭ، مەن ساڭا ئېيتىپ بەرمىگۈچە ھېچبىر نەرسە توغرۇلۇق مەندىن سوئال سورىمىغىن!» دېدى.
18 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (خىزىر) ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟ »[75]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟ »
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا: «مەن ساڭا، ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۗ وَلَا تَعْجَلْ بِالْقُرْآنِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يُقْضَىٰ إِلَيْكَ وَحْيُهُ ۖ وَقُلْ رَبِّ زِدْنِي عِلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغىچە تىڭشاپ تۇرغىن). «ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، -ئى مۇھەممەد!- ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھيىسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن ۋە «ئى رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، شەكسىز باردۇر. ئى مۇھەممەد! ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئالدىرىمىغىن، «رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن» دېگىن.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 197 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ آيَةً أَنْ يَعْلَمَهُ عُلَمَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئابدۇللا ئىبنى سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟[197]
تەرجىمە ھەيئىتى: بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا دەلىل بولمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى ئۇلار ئۈچۈن دەلىل بولمامدۇ؟
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِنْ دُونِ النِّسَاءِ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر»[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر»
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ، شەھۋەت ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولامسىلەر؟ دېمەك، سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ ۖ وَمَا يَعْقِلُهَا إِلَّا الْعَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئىلىم ئىگىلىرىلا چۈشىنەلەيدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز بۇ مىساللارنى ئىنسانلارغا بايان قىلىمىز، ئۇلارنى ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە مىساللار! بىز ئۇلارنى ئىنسانلارغا بايان قىلىۋاتىمىز. لېكىن بۇ مىساللارنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنىدۇ.
29 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ هُوَ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ فِي صُدُورِ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش زالىملار گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، قۇرئان ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس، قۇرئان ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ كۆڭۈللىرىدە ساقلانغان روشەن ئايەتلەردۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بەلكى قۇرئان، ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دىللىرىدا ساقلىنىدىغان روشەن ئايەتلەردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ.
رۇم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ وَالْإِيمَانَ لَقَدْ لَبِثْتُمْ فِي كِتَابِ اللَّهِ إِلَىٰ يَوْمِ الْبَعْثِ ۖ فَهَٰذَا يَوْمُ الْبَعْثِ وَلَٰكِنَّكُمْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگۈچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار (يەنى قىيامەتنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنمەيتتىڭلار)»[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە قىيامەت كۈنىگىچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئىلىم ۋە ئىمان بېرىلگەنلەر ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىگە قەدەر تۇردۇڭلار. مانا بۇ قايتا تىرىلدۈرۈلۈش كۈنىدۇر. لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
30 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) بىلمەيدىغان (كۇففار) لارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلمەيدىغانلارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىلمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق مۆھۈرلەيدۇ.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ ۖ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭدىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق. ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن چېكىندى، ئۇنىڭدىن قورقتى. ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەقىقەتەن زالىمدۇر، جاھىلدۇر.
سەبەئ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەممىدىن غالىب ۋە ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق زاتنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
34 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ[29]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىكلىكلىرى بار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭمۇ، جانلىقلارنىڭمۇ، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭمۇ ئەنە شۇنداق ھەر خىل رەڭدىكىلىرى بار. ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا ئەيمىنىدۇ3. ئاللاھ ئەزىزدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ هُوَ قَانِتٌ آنَاءَ اللَّيْلِ سَاجِدًا وَقَائِمًا يَحْذَرُ الْآخِرَةَ وَيَرْجُو رَحْمَةَ رَبِّهِ ۗ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ۗ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ؟)». ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن مۇشۇنداق ئادەم ياخشىمۇ؟- ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟». ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كافىر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئەندىشىسى ۋە رەببىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن كېچىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەجدە قىلىپ ۋە قىيامدا تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن كىشى ياخشىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ؟» بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ.
39 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا عِبَادِ الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا رَبَّكُمْ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةٌ ۗ وَأَرْضُ اللَّهِ وَاسِعَةٌ ۗ إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُمْ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئى (ئاللاھنىڭ) مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار (ئاخىرەتتە) ياخشىلىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ يېرى كەڭدۇر (كۇففارلار ئارىسىدىن شۇ يەرگە ھىجرەت قىلىڭلار)، پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مېنىڭ نامىمدىن- ئېيتقىنكى: «ئى ئىمان ئېيتقان بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر، سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تۆۋەندىكى سۆزۈمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن: «ئى مۇئمىن بەندىلىرىم! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش قىلغانلارغا ياخشىلىق بار. ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭدۇر. سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۆز ئەجىرلىرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ».
ئەھقاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَأُبَلِّغُكُمْ مَا أُرْسِلْتُ بِهِ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋەلېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن ماڭا تاپشۇرۇلغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. لېكىن مېنىڭچە سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر» دېدى.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە : «بايا ئۇ - مۇھەممەد - نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەر ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ساڭا قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان چاغلىرىدا ئىلىم بېرىلگەنلەرگە: «ئۇ بايا نېمە دېدى؟» دېيىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەردۇر.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنْ تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە نازىل بولغان ھەقىقەت - قۇرئان- بىلەن ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردەك بولمىسۇنكى، زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارغا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە قەلبلىرى ئېرىيدىغان، ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن كىشىلەردەك بولمايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلار ئىدى.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قِيلَ لَكُمْ تَفَسَّحُوا فِي الْمَجَالِسِ فَافْسَحُوا يَفْسَحِ اللَّهُ لَكُمْ ۖ وَإِذَا قِيلَ انْشُزُوا فَانْشُزُوا يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر (سورۇندا) بەزىلەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى) كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە (باشقىلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش ئۈچۈن): «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە كەڭرىلىك بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە سورۇنلاردا: «ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئورۇن چىقىرىپ بېرىدۇ. «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار» دېيىلسە، «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار»، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىلىرىنى كۆتىرىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
ئەبەسە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك[8ـ9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈگۈرۈپ يېنىڭغا كەلگەن كىشىگە كەلسەك
ئەنەس ئالىم: يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك،
80 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ يَخْشَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك[8ـ9]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورققان ھالدا
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاللاھتىن ئەيمەنگەن ھالدا كېلىدۇ،
ئەلەق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن ئۆگەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى،
96 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَّمَ الْإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى.