ئەقىل
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ۋەھىي ۋە يارىتىلىشنى چۈشىنىش قورالى.
ئەرەبچىىسى: العقل
ئېنگلىزچىسى: Intellect
14 ئايەت
11 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئەقىل ۋە ھېىكمەت /
- 📄 ئەقىل
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَكُمْ فِي الْقِصَاصِ حَيَاةٌ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ئۆلۈشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ). (ناھەق قان تۆكۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس يولغا قويۇلدى)[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا كۆپ ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىر كىمنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، ناھەق قان تۆكۈشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن قىساس يولغا قويۇلدى
ئەنەس ئالىم: ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! قىساس ئېلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار. بۇ سەۋەب بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىسىلەر!
2 : 242 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (ئۆز ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ (ئىزاھات: بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلدىن بىر قەۋمنىڭ قىسسەسى بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبىرى ئۇلارنى دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇلار ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان، ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلگەن، ئاندىن پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسى بىلەن تىرىلگەن.)[242].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنْزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنْجِيلُ إِلَّا مِنْ بَعْدِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار ئەقلى ئىشلىمەيدىغان قەۋم بولغاچ، نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن-تاماشا دەستىكى قىلىۋالىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ شَرَّ الدَّوَابِّ عِنْدَ اللَّهِ الصُّمُّ الْبُكْمُ الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى (ئەقلى تۇرۇپمۇ) ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدىغان گاس-گاچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان گاس - گاچىلاردۇر.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
أُفٍّ لَكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»[67]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ۋە ئاللاھ نى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا تۈفى! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَٰكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، قەلبى كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەير قىلىپ چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن ئەقىل ئىشلىتەتتى، ياكى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ.
ساففات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِاللَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138].
تەرجىمە ھەيئىتى: كەچتىمۇ ئۆتۈپ تۇرسىلەر. ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىپ باقمامسىلەر
ئەنەس ئالىم: كېچىلىرىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
37 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟[154]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن؟ قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر[17 ـ 18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىلىرىم سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.
39 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، ئاندىن ئۇ سۇنى زېمىندىكى بۇلاقلارغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەت چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ زىرائەت قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەسلىتىش بار.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كىتاب، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى ۋە نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىتاب توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەسلەتكۈچىدۇر3.
مۈلك سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىغا قۇلاق سالغان ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «ئەگەر قۇلاق سالغان بولساق ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى قاتارىدا بولماسكەنمىز» دەيدۇ.
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر![36]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن، نېمىشقا بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟