ئەقىل ۋە ھېىكمەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىلىم (بىلىم ۋە مائارىپ): ھېكمەت ۋە ئەقىل
ئېنگلىزچىسى: Wisdom and Intellect
153 ئايەت
54 سۈرە
4 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنْفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ مَاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
2 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا أَلْفَيْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۗ أَوَلَوْ كَانَ آبَاؤُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ شَيْئًا وَلَا يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرقاچان ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە (يەنى ۋەھىيگە) ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان دىنغا ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟)[170]
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرقاچان مۇشرىكلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىگە ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن قالغان نەرسىگە ئەگىشىمىز» دېيىشىدۇ. ئاتا ـ بوۋىلىرى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىگەن ۋە توغرا يولدا بولمىغان تۇرسا، (يەنە ئۇلارغا ئەگىشەمدۇ؟)
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق! بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ. ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرى ئەقلىنى ھېچ نەرسىگە ئىشلەتمىگەن ۋە ھىدايەت تاپمىغان بولسىمۇ يەنە شۇنداق قىلامدۇ؟
2 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا كَمَثَلِ الَّذِي يَنْعِقُ بِمَا لَا يَسْمَعُ إِلَّا دُعَاءً وَنِدَاءً ۚ صُمٌّ بُكْمٌ عُمْيٌ فَهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشىنى ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان چاھارپايلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، (كاپىرلار ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاستۇر، (ھەقنى سۆزلەشتىن) گاچىدۇر، (ھەقنى كۆرۈشتىن) كوردۇر، ئۇلار (ۋەز ـ نەسىھەتنى) چۈشەنمەيدۇ[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچى خۇددى مەنىسىنى چۈشەنمەي تاۋۇشنى ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان چاھارپايلارنى چاقىرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. كافىرلار بەئەينى گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر، شۇڭا ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەتنى) چۈشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلارنىڭ ئەھۋالى، شۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشكى، ئۇ چاقىرىق ۋە نىدانىلا ئاڭلايدىغان نەرسىگە توۋلايدۇ. ئۇلار گاستۇر، گاچىدۇر، كوردۇر. ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ51.
2 : 175 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الضَّلَالَةَ بِالْهُدَىٰ وَالْعَذَابَ بِالْمَغْفِرَةِ ۚ فَمَا أَصْبَرَهُمْ عَلَى النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا (يەنى جەننەتنى دوزاخقا) تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق![175]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق-ھە!
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار زالالەتنى ھىدايەتكە، ئازابنى مەغپىرەتكە سېتىۋالغان كىشىلەردۇر. ئۇلار دوزاخقا نېمىدېگەن چىداملىق - ھە!
2 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَكُمْ فِي الْقِصَاصِ حَيَاةٌ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىراۋنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ئۆلۈشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ). (ناھەق قان تۆكۈشتىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن (قىساس يولغا قويۇلدى)[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەرگە قىساستا كۆپ ھاياتلىق بار، (يەنى كىشى بىر كىمنى ئۆلتۈرگەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانىدۇ، ناھەق قان تۆكۈشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن قىساس يولغا قويۇلدى
ئەنەس ئالىم: ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! قىساس ئېلىشتا سىلەر ئۈچۈن ھاياتلىق بار. بۇ سەۋەب بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىسىلەر!
2 : 242 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ (ئۆز ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ (ئىزاھات: بۇ ئايەتتە بەنى ئىسرائىلدىن بىر قەۋمنىڭ قىسسەسى بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبىرى ئۇلارنى دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۇلار ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان، ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلگەن، ئاندىن پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسى بىلەن تىرىلگەن.)[242].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
2 : 269 - ئايەت
كۆرۈش
يُؤْتِي الْحِكْمَةَ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُؤْتَ الْحِكْمَةَ فَقَدْ أُوتِيَ خَيْرًا كَثِيرًا ۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ھېكمەتنى (ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ[269].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېكمەتنى (يەنى پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. كىمگە ھېكمەت بېرىلسە، ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق بېرىلگەن بولىدۇ. بۇنى پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىلا تونۇپ يېتەلەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنْزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنْجِيلُ إِلَّا مِنْ بَعْدِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
3 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەن. شۇڭا، سىلەر ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، ھەقنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنلىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىندى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
3 : 178 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ خَيْرٌ لِأَنْفُسِهِمْ ۚ إِنَّمَا نُمْلِي لَهُمْ لِيَزْدَادُوا إِثْمًا ۚ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[178].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار بىزنىڭ ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ھېسابلىمىسۇن. بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلسۇن دەپ مۆھلەت بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
3 : 190 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار[190].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
3 : 196 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَغُرَّنَّكَ تَقَلُّبُ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي الْبِلَادِ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارنىڭ (پۇل ـ مال، ئابرۇي، مەرتىۋە ئىزدەش يۈزىسىدىن) شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن[196].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارنىڭ شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالداپ قويمىسۇن
ئەنەس ئالىم: كافىرلارنىڭ باياشاتچىلىق ئىچىدە شەھەرمۇشەھەر كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ھەرگىزمۇ ئالدىمىسۇن.
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِكْكُمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنْتُمْ فِي بُرُوجٍ مُشَيَّدَةٍ ۗ وَإِنْ تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِنْدِكَ ۚ قُلْ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ فَمَالِ هَٰؤُلَاءِ الْقَوْمِ لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولساڭلار، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھتىن بولدى» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر». بۇ قەۋم نېمىشقا ھېچبىر سۆزنى چۈشەنمەيمۇ دېمەيدىغاندۇ؟
ئەنەس ئالىم: قەيەردە بولساڭلار بولۇڭلار، ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم سېلىنغان يۈكسەك قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلار ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر ياخشىلىق يەتسە: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيدۇ، ئەگەر ئۆزلىرىگە بىرەر يامانلىق يەتسە: «بۇ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن»36. ئۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ھېچبىر سۆزنى چۈشىنىشكە يېقىنلاشمايۋاتىدۇ!
4 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ ۚ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِنْدِ غَيْرِ اللَّهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار ئويلىغاندەك) ئاللاھتىن باشقا بىر كىشى تەرىپىدىن كەلگەن بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ئەگەر قۇرئان ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭدا نۇرغۇن زىتلىق تاپقان بولاتتى.
4 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُوا إِلَى الصَّلَاةِ قَامُوا كُسَالَىٰ يُرَاءُونَ النَّاسَ وَلَا يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كۈتىدۇ، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار: « بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ (كاپىرلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەردىن بىزگىمۇ شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خۇش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ (ساۋاب ئۈمىد قىلمايدۇ)، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ (يەنى رىياكارلىق قىلىدۇ)، ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېتىدۇ[142]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ، ئۇلار نامازغا تۇرغاندا خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ، (نامازنى) كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئاللاھنى ئازلا ياد ئېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار ئاللاھنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتەيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ.
مائىد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا نَادَيْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ اتَّخَذُوهَا هُزُوًا وَلَعِبًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر نامازغا چاقىرغان (يەنى ئەزان ئېيتقان) چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى (ھەم سىلەرنى) مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (نامازنىڭ ھېكمىتىنى ۋە نامازنىڭ نەپسىنى پاكلاشتىكى غايىسىنى) چۈشەنمەس قەۋمدۇر[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار ئەقلى ئىشلىمەيدىغان قەۋم بولغاچ، نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن-تاماشا دەستىكى قىلىۋالىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر نامازغا ئەزان ئېيتقان چېغىڭلاردا، ئۇلار نامازنى مەسخىرە ۋە ئويۇن ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان قەۋمدۇر.
5 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَسِبُوا أَلَّا تَكُونَ فِتْنَةٌ فَعَمُوا وَصَمُّوا ثُمَّ تَابَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ثُمَّ عَمُوا وَصَمُّوا كَثِيرٌ مِنْهُمْ ۚ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار، (بىز ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن) ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلىدى. ئۇلار كور بولدى (يەنى ھەقىقەتنى كۆرمىدى)، ئۇلار گاس بولدى (يەنى ھەقىقەتنى ئاڭلىمىدى)، ئاندىن كېيىن (ئۇلار تەۋبە قىلدى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە (ھەقنى كۆرۈشتىن) كور بولدى، يەنە (پەند ـ نەسىھەت ئاڭلاشتىن) گاس بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دەپ ئويلاپ، كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئۇلار تەۋبە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يەنە كور ۋە گاس بولۇۋالدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بېشىمىزغا بالايىئاپەت كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ كور بولدى، گاس بولدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى يەنە كور بولدى، گاس بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
5 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا يَسْتَوِي الْخَبِيثُ وَالطَّيِّبُ وَلَوْ أَعْجَبَكَ كَثْرَةُ الْخَبِيثِ ۚ فَاتَّقُوا اللَّهَ يَا أُولِي الْأَلْبَابِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، گەرچە ھارامنىڭ كۆپلۈكى (ئى تىڭشىغۇچى) سېنى ئەجەبلەندۈرسىمۇ، ھارام بىلەن ھالال باراۋەر ئەمەس. ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «گەرچە ناپاك نەرسىلەرنىڭ كۆپلۈكى سېنى تاڭ قالدۇرسىمۇ، ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولالمايدۇ». ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ناپاك بىلەن پاك باراۋەر بولمايدۇ، ناپاكنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ شۇنداق. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».
5 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَسْأَلُوا عَنْ أَشْيَاءَ إِنْ تُبْدَ لَكُمْ تَسُؤْكُمْ وَإِنْ تَسْأَلُوا عَنْهَا حِينَ يُنَزَّلُ الْقُرْآنُ تُبْدَ لَكُمْ عَفَا اللَّهُ عَنْهَا ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىرىڭلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار. ئەگەر قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان چاغدا ئۇلار توغرۇلۇق سورىساڭلار، سىلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ، ئۆتكەندە سورىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا، سىلەرگە يامانلىق يېتىپ قالىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىماڭلار. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى قۇرئان نازىل قىلىنىۋاتقان ئەسنادا سورىساڭلار، سىلەرگە ئاشكارا قىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ نەرسىلەردىن ئۆتۈۋەتتى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر.
5 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ سَأَلَهَا قَوْمٌ مِنْ قَبْلِكُمْ ثُمَّ أَصْبَحُوا بِهَا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىدىن (يەنى سورىغان ئىشلىرى بايان قىلىنىپ ئۇلار ئەمەل قىلمىغانلىقتىن) كاپىر بولۇپ كەتتى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر قەۋم (پەيغەمبەرلىرىدىن) شۇنداق مەسىلىلەرنى سورىغان ئىدى، جاۋاب بېرىلگەندىن كېيىن ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرى بىر قەۋم ئۇ نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىغان ئىدى، لېكىن كېيىن ئۇ قەۋم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كافىر بولۇپ كەتتى30.
ئەنئام سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَأْتِيهِمْ مِنْ آيَةٍ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قاچان ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كەلدى.
6 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ ثُمَّ انْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىننى ئايلىنىپ بېقىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار!».
6 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُمْ يَنْهَوْنَ عَنْهُ وَيَنْأَوْنَ عَنْهُ ۖ وَإِنْ يُهْلِكُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن (ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىتىن) توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ھەم كىشىلەرنى قۇرئاندىن توسىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى قۇرئاندىن يىراق تۇرىدۇ. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ.
6 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَٰكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نېمىشقا ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىگە قاتتىق ئازابىمىز كەلگەن چاغدا يېلىنىپ -يالۋۇرۇشمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتتى ۋە شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى.
6 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّىٰ إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً فَإِذَا هُمْ مُبْلِسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەرگە خۇشال بولۇپ تۇرغاندا ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز ئۇلارغا ھەر نەرسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشال بولۇپ ئەركىلىگىلى تۇرغاندا ئۇلارنى تۇيۇقسىز جازالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى.
6 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ النُّجُومَ لِتَهْتَدُوا بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرنىڭ يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ ئايەتلەرنى بىلەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
6 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ فَمُسْتَقَرٌّ وَمُسْتَوْدَعٌ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇسىدا قارارلاشتۇرغان زاتتۇر. چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۈچۈن قارارگاھ ۋە ئامانەت قويۇلىدىغان جاي بار. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
6 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُقَلِّبُ أَفْئِدَتَهُمْ وَأَبْصَارَهُمْ كَمَا لَمْ يُؤْمِنُوا بِهِ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَنَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن) ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئۇلارنى مۆجىزىلەرگە دەسلەپتە ئىشەنمىگەندەك ھالەتكە كەلتۈرىمىز-دە، ئۆز گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز. ئۇلار دەسلەپتە ئىشەنمىگىنىدەك يەنە ئىشەنمەيدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
6 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِتَصْغَىٰ إِلَيْهِ أَفْئِدَةُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا مَا هُمْ مُقْتَرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇ شېرىن-شېكەر سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلىرىنى قىلىۋەرسۇن (ئاخىرى ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇ شېرىن سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلارنى قىلىۋەرسۇن دەپ شۇنداق پىسىلدايدۇ.
ئەئراف سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوْا وَقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ ـ زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن بۇ كۈلپەتنى نېمەتكە ئالماشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپىيىپ، باياشاتلىققا ئېرىشتى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغىمۇ ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى» دېدى (يەنى ئىمان ئېيتمىدى). ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز يامانلىقنىڭ ئورنىغا ياخشىلىقنى ئالماشتۇردۇق، تاكى ئۇلار كۆپەيدى ۋە: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزمۇ قاتتىقچىلىقتا ۋە كەڭرىچىلىكتە ياشىغان ئىكەن» دېدى. ئاندىن بىز ئۇلارنى تۇيماي قالغان چېغىدا ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق.
7 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا بَيَاتًا وَهُمْ نَائِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟[97]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟
7 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا ضُحًى وَهُمْ يَلْعَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەھەرلەر ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چۈش ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چاشگاھ ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغاندا كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرى شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە چاشگاھ ۋاقتىدا ئويناۋاتقان چاغلىرىدا كېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟
7 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەمدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن ئەنسىرىمىدىمۇ؟ ئاللاھنىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئەنسىرىمەيدۇ.
7 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق ـ مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى»، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا ـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەگەر بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ياخشىلىق كەلگەن چاغدا: «بىزنىڭ تەلىيىمىزدىن كەلدى» دەيتتى. باشلىرىغا بىرەر يامانلىق يەتكەندە بولسا، «مۇسا ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دېيىشەتتى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ شۇملۇقى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ23.
7 : 179 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر[179].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى (ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخقا كىرىدىغان) نۇرغۇن جىن ۋە ئىنسانلارنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرى بارۇ، چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بارۇ، كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بارۇ، ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى يارىتىپ جەھەننەم ئۈچۈن بېقىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بار، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بار، ئۇلار ئۇ كۆزلەر بىلەن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بار، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر. بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن غاپىللاردۇر.
7 : 184 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا ۗ مَا بِصَاحِبِهِمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[184].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (مۇھەممەد) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھەرگىزمۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس، ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
7 : 185 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَنْظُرُوا فِي مَلَكُوتِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ وَأَنْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ قَدِ اقْتَرَبَ أَجَلُهُمْ ۖ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَهُ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟[185]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىغا، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا نەزەر سالمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشى، ئاللاھ ياراتقان ھەر نەرسە ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەجەللىرىنىڭ ھەقىقەتەن يېقىنلاشقان بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە ئويلانمامدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ شَرَّ الدَّوَابِّ عِنْدَ اللَّهِ الصُّمُّ الْبُكْمُ الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى (ئەقلى تۇرۇپمۇ) ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدىغان گاس-گاچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان گاس - گاچىلاردۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا وَرَضُوا بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَاطْمَأَنُّوا بِهَا وَالَّذِينَ هُمْ عَنْ آيَاتِنَا غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى كۆزلىمەيدىغانلار)، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار، دۇنيا تىرىكچىلىكىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەنلا رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارام تاپقانلار، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلار بارغۇ
ئەنەس ئالىم: بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغان ۋە دۇنيا ھاياتىغا رازى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلى ئارام تاپقان كىشىلەر بىلەن ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغان كىشىلەرگە كەلسەك،
10 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ يُعَجِّلُ اللَّهُ لِلنَّاسِ الشَّرَّ اسْتِعْجَالَهُمْ بِالْخَيْرِ لَقُضِيَ إِلَيْهِمْ أَجَلُهُمْ ۖ فَنَذَرُ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارغا ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى (يەنى ھالاك بولاتتى). بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ كىشىلەر تەلەپ قىلغان يامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇلار تەلەپ قىلغان ياخشىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاندەك ئالدىرىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەجىلى چوقۇم يەتكەن بولاتتى. بىز بىلەن مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى گۇمراھلىقتا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىمىز[
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارغا يامانلىقنى، ئۇلار ياخشىلىقنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغاندەك تېز كەلتۈرسە ئىدى، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەجەللىرى توشقان بولاتتى. لېكىن بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى بىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ.
10 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنْبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَنْ لَمْ يَدْعُنَا إِلَىٰ ضُرٍّ مَسَّهُ ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتقان، ئولتۇرغان ۋە تۇرغان ھالەتتە بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا زىيان يەتسە، ياتقان ياكى ئولتۇرغان ۋە ياكى ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن زىيىنىنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇ خۇددى قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ بىزگە ھېچ دۇئا قىلمىغاندەك ئىش قىلىدۇ. بۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى كىشىلەرگە ئۆز قىلمشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
10 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَذَقْنَا النَّاسَ رَحْمَةً مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُمْ إِذَا لَهُمْ مَكْرٌ فِي آيَاتِنَا ۚ قُلِ اللَّهُ أَسْرَعُ مَكْرًا ۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكْتُبُونَ مَا تَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئىنسانلارغا، باشلىرىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن بىرەر رەھمەت تېتىتساق، ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە دەرھال ھىيلە - مىكىر قىلىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھىيلە - مىكىرگە بەك تېز جازا بەرگۈچىدۇر». ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ.
10 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْجَاهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ ۖ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ ئۆتكۈنچى نېمەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قويسا، ئۇلار دەرھال زېمىندا ناھەقچىلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! قىلغان بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ زىيىنى ئۆزۈڭلارغىلا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرىسىلەر. ئاخىرىدا قايتىپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىسىلەر. ئاندىن بىز سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمىز.
10 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَتَّبِعُ أَكْثَرُهُمْ إِلَّا ظَنًّا ۚ إِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ تولىسى پەقەت پەرەزگىلا تايىنىدۇ، پەرەز دېگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ تولىسى گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. شۈبھىسىزكى، گۇمان ھەقتىن ھېچ نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
10 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُونَ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ وَلَوْ كَانُوا لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان تۇرسا [42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. سەن گاسلارغا ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟
10 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَنْظُرُ إِلَيْكَ ۚ أَفَأَنْتَ تَهْدِي الْعُمْيَ وَلَوْ كَانُوا لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار (يەنى پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرىنى بايقايدىغانلار بار، لېكىن ئۇلار بايقىغانلىرىدىن پايدىلانمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كوردۇر). سەن كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ ئۇلار (ھەقىقەتنى) كۆرمەيدىغان تۇرسا[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قارايدىغانلار بار. ئۇلار ھەقىقەتنى كۆرەلمىسىمۇ كورلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا قارايدىغانلارمۇ بار. سەن كورلارغا ئەقىل كۆزلىرى كۆرمىسىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەلەمسەن؟
10 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
أَثُمَّ إِذَا مَا وَقَعَ آمَنْتُمْ بِهِ ۚ آلْآنَ وَقَدْ كُنْتُمْ بِهِ تَسْتَعْجِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ) ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدى (ئېيتقان ئىمانىڭلار پايدىسىزدۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى مەسخىرە قىلىش بىلەن) ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلار»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئازابى يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلارمۇ؟ ئەمدىمۇ؟ ئازابنىڭ تېزرەك چۈشۈشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئازابقا، بېشىڭلارغا كەلگەندىن كېيىن ئىشىنەمسىلەر، ھازىرمۇ؟ بۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟».
10 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ انْظُرُوا مَاذَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا تُغْنِي الْآيَاتُ وَالنُّذُرُ عَنْ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «قاراپ بېقىڭلار، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا نېمە بار؟ ئايەتلەرنىڭ ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ».
كەھف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ بَعَثْنَاهُمْ لِيَتَسَاءَلُوا بَيْنَهُمْ ۚ قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ ۖ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۚ قَالُوا رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثْتُمْ فَابْعَثُوا أَحَدَكُمْ بِوَرِقِكُمْ هَٰذِهِ إِلَى الْمَدِينَةِ فَلْيَنْظُرْ أَيُّهَا أَزْكَىٰ طَعَامًا فَلْيَأْتِكُمْ بِرِزْقٍ مِنْهُ وَلْيَتَلَطَّفْ وَلَا يُشْعِرَنَّ بِكُمْ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆز ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئۇيقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق، بىز ھازىر ئاچ)، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، -غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى- ئۆز ـ ئارا سوراشسۇن دەپ ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «بۇ غاردا قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ ئېھتىيات قىلسۇن سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئەنە شۇنداق ئويغاتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دېدى. ھەمراھلىرى: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېدى. ئارقىسىدىن ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىڭلارنى رەببىڭلار ئوبدان بىلىدۇ. ھازىر سىلەر بىرىڭلارنى شۇ تەڭگە پۇلۇڭلار بىلەن شەھەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ قاراپ بېقىپ قايسى تاماق پاكىز ۋە ياخشى بولسا ئۇنىڭدىن سىلەرگە بىرئاز ئوزۇقلۇق ئېلىپ كەلسۇن، ناھايىتى ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچكىمگە تۇيدۇرمىسۇن.
18 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
سَيَقُولُونَ ثَلَاثَةٌ رَابِعُهُمْ كَلْبُهُمْ وَيَقُولُونَ خَمْسَةٌ سَادِسُهُمْ كَلْبُهُمْ رَجْمًا بِالْغَيْبِ ۖ وَيَقُولُونَ سَبْعَةٌ وَثَامِنُهُمْ كَلْبُهُمْ ۚ قُلْ رَبِّي أَعْلَمُ بِعِدَّتِهِمْ مَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا قَلِيلٌ ۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمْ إِلَّا مِرَاءً ظَاهِرًا وَلَا تَسْتَفْتِ فِيهِمْ مِنْهُمْ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر). يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ». ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسەسىنى سورىمىغىن[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەسھابۇلكەھف، ئۈچ كىشى بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش كىشى بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا ئېيتىلغان سۆزدۇر، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ بەزىسى: «ئۇلار ئۈچ كىشى ئىدى، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. بەزىلىرى: «ئۇلار بەش كىشى ئىدى، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار بۇنى قارىسىغا سۆزلەيدۇ. بەزىلىرى بولسا: «ئۇلار يەتتە كىشى ئىدى، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتى ئىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇلارنىڭ سانىنى رەببىم ئوبدان بىلىدۇ». ئۇلارنى بىلىدىغانلار بەك ئازدۇر. شۇڭا سەن ئۇلار توغرىسىدا چوڭقۇر مۇنازىرىگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار توغرىسىدا ھېچكىمدىن سورىمىغىن.
18 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىمىز مۇساغا مۇنداق دېدى: «سەن ماڭا ئەگەشسەڭ قىلغان ئىشلىرىمغا سەۋر قىلالمايسەن.
18 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ تَصْبِرُ عَلَىٰ مَا لَمْ تُحِطْ بِهِ خُبْرًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن (يەنى قارىماققا يامان، ئەمما ماھىيىتىنى سەن چۈشەنمىگەن) ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟»[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟»
ئەنەس ئالىم: سەن ئىلمىڭ يەتمىگەن ئىشلارغا قانداقمۇ سەۋر قىلىسەن؟».
18 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ كَانَتْ أَعْيُنُهُمْ فِي غِطَاءٍ عَنْ ذِكْرِي وَكَانُوا لَا يَسْتَطِيعُونَ سَمْعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا دىللىرىنىڭ) كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىنى زۇلمەت باسقانلىقى ئۈچۈن كالامۇللاھنى) ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، -كالامۇللانى- ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ كافىرلار شۇنداق كىشىلەر ئىدىكى، كۆزلىرى مېنىڭ كىتابىمنى كۆرمەيتتى، قۇلاقلىرى ئۇنى ئاڭلىغىلى ئۇنىمايتتى.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَٰكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن قىيامەت كۈنىدە قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن روشەن گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىدىغان كۈنى بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن زالىملار بۈگۈن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
19 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارنى، ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنغاندا ھەركىم ھەسرەت چېكىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن. چۈنكى ئۇلار تېخىچە غەپلەت ئىچىدە يۈرۈۋاتىدۇ، تېخىچە ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ.
تاھا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ فِرْعَوْنُ فَجَمَعَ كَيْدَهُ ثُمَّ أَتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكرنى (يەنى سېھىرگەرلەرنى) توپلىدى. ئاندىن ئۇ (سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكر-سېھىرگەرلەرنى- توپلىدى. ئاندىن ئۇ -سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا- كەلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، تەۋەلىكىدە قانچىلىك سېھىرگەر ۋە سېھىر ئەسۋابى بولسا ھەممىسىنى يىغدى. ئاندىن ۋەدىلەشكەن يەرگە كەلدى.
20 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَنَازَعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ وَأَسَرُّوا النَّجْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆز ئىشى (يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىشى) ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالىشىنى يوشۇرۇشتى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆز ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالاشنى يوشۇرۇشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نېمە ئىش قىلىشى توغرۇلۇق ئۆزئارا يوشۇرۇنچە تالاش - تارتىش قىلىشتى.
20 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَجْمِعُوا كَيْدَكُمْ ثُمَّ ائْتُوا صَفًّا ۚ وَقَدْ أَفْلَحَ الْيَوْمَ مَنِ اسْتَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار (يەنى پۈتۈن چارە ـ تەدبىرلىرىڭلارنى بىر نۇقتىغا يىغىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىڭلار)، ئاندىن (قارىغۇچىلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەيدانغا) سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستتىنلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستتىنلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھۈنەرلىرىڭلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن مەيدانغا سەپ بولۇپ چىقىڭلار. بۈگۈن كىم ئۈستۈن كەلسە، شۇ مۇرادىغا يېتىدۇ»3.
20 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنْكًا وَنَحْشُرُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَعْمَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار-خاتىرجەمسىز-بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»
ئەنەس ئالىم: كىمكى مېنىڭ كىتابىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن8، بىز ئۇنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز ۋە قىيامەت كۈنى كور ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز».
20 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتْكَ آيَاتُنَا فَنَسِيتَهَا ۖ وَكَذَٰلِكَ الْيَوْمَ تُنْسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا - روشەن- ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇنىڭغا: «شۇنداق ئىدىڭ، لېكىن ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى ئۇنتۇدۇڭ، سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلىسەن» دەيدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت - قىيامەت- يېقىنلاشتى، ھالبۇكى ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ھېساب بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدىدۇر، يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ ذِكْرٍ مِنْ رَبِّهِمْ مُحْدَثٍ إِلَّا اسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (قۇرئاندا) يېڭى ۋەز ـ نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن يېڭى ۋەز ـ نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىدىن كەلگەن ھەر يېڭى زىكىرگە مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ،
21 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ ۗ وَأَسَرُّوا النَّجْوَى الَّذِينَ ظَلَمُوا هَلْ هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ ۖ أَفَتَأْتُونَ السِّحْرَ وَأَنْتُمْ تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ كالامىدىن) غەپلەتتىدۇر، كاپىرلار ئۆز ئارا: «بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش (ئاددىي) بىر ئىنسان، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ يوشۇرۇن سۆزلىشىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ دىللىرى غەپلەتتىدۇر، كاپىرلار ئۆز ئارا: «بۇ - مۇھەممەد- پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ يوشۇرۇن سۆزلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئويۇن بىلەن مەشغۇلدۇر. ئۇ زالىملار ئۆزئارا: «شۇ مۇھەممەد سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. كۆزۈڭلار كۆرۈپ تۇرۇپ سېھىرگە ئەگىشەمسىلەر؟» دەپ پىچىرلىشىدۇ.
21 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا السَّمَاءَ سَقْفًا مَحْفُوظًا ۖ وَهُمْ عَنْ آيَاتِهَا مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار ئاسماندىكى ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز يەنە ئاسماننى مۇھاپىزەت قىلىنغان تورۇس قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىكى ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يَكْلَؤُكُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ مِنَ الرَّحْمَٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِمْ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە رەھماندىن كىم ساقلايدۇ؟» بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أُنْذِرُكُمْ بِالْوَحْيِ ۚ وَلَا يَسْمَعُ الصُّمُّ الدُّعَاءَ إِذَا مَا يُنْذَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ (ئى مۇشرىكلار! سىلەر سەركەشلىكىڭلارنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى گاسقا ئوخشاش دەۋەتنى ئاڭلىمايسىلەر، ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايسىلەر)[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي بىلەنلا ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمەن» لېكىن گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغلىرىدا چاقىرىقنى ئاڭلىمايدۇ.
21 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا إِبْرَاهِيمَ رُشْدَهُ مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا بِهِ عَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا، ھارۇنلاردىن بۇرۇن) بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرى بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنى بىلەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق.
21 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
أُفٍّ لَكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟»[67]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ۋە ئاللاھ نى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا تۈفى! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَٰكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، قەلبى كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەير قىلىپ چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن ئەقىل ئىشلىتەتتى، ياكى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ ۚ بَلْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ[55ـ56].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتا ئالدىرىغانلىقىمىز»؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىمىزدۇر؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاڭقارمايدۇ.
23 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ قُلُوبُهُمْ فِي غَمْرَةٍ مِنْ هَٰذَا وَلَهُمْ أَعْمَالٌ مِنْ دُونِ ذَٰلِكَ هُمْ لَهَا عَامِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) نىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر، ئۇنىڭدىن (يەنى كۇفرىدىن) باشقا ئۇلار كېلەچەكتە نۇرغۇن (يامان) ئىشلارنى قىلىدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن غەپلەتتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقىمۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرى باردۇر
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بۇنىڭدىن غاپىلدۇر. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقىمۇ يامان ئىشلىرى بار. ئۇلار ئۇ ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدۇ.
23 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا الْقَوْلَ أَمْ جَاءَهُمْ مَا لَمْ يَأْتِ آبَاءَهُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن (يېڭى) نەرسە كەلدىمۇ؟[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بۇ كالام - قۇرئان- ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن بىر نەرسە كەلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى چۈشىنىشكە تىرىشمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىغا كەلمىگەن نەرسە كەلدىمۇ؟
23 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيًّا حَتَّىٰ أَنْسَوْكُمْ ذِكْرِي وَكُنْتُمْ مِنْهُمْ تَضْحَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى، سىلەر ئۇلارغا قاراپ كۈلەتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا سىلەر ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇغان ئىدىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۈلەتتىڭلار.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سُبْحَانَكَ مَا كَانَ يَنْبَغِي لَنَا أَنْ نَتَّخِذَ مِنْ دُونِكَ مِنْ أَوْلِيَاءَ وَلَٰكِنْ مَتَّعْتَهُمْ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ نَسُوا الذِّكْرَ وَكَانُوا قَوْمًا بُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئىبادەت قىلىنغۇچىلار) ئېيتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش (يەنى سەندىن باشقىغا چوقۇنۇش) بىزگە (ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتىڭدىن ھېچ ئەھەدىگە) لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش بىزگە لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۈمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشىنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېنى پاك دەپ بىلىمىز. سېنى قويۇپ ۋەلىيلەرگە چوقۇنۇش بىزگە لايىق ئەمەس. لېكىن سەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئۇ قەدەر كۆپ نېمەت ئاتا قىلدىڭكى، ھەممىسى ئاخىرى سېنىڭ كىتابىڭنى ئۇنتۇپ ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك قەۋم بولۇشتى».
شۇئەرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ ذِكْرٍ مِنَ الرَّحْمَٰنِ مُحْدَثٍ إِلَّا كَانُوا عَنْهُ مُعْرِضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەھماندىن كەلگەن ھەر يېڭى زىكىردىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
26 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُنْ مِنَ الْوَاعِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بەرىبىر بىزگە ئوخشاش[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ۋەز - نەسىھەت قىلامسەن ياكى ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، گاسلارغىمۇ يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلىرىدا دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْلَمُونَ ظَاهِرًا مِنَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ عَنِ الْآخِرَةِ هُمْ غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى ئاخىرەت ئىشىدا ئويلىنىشتىن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلەشتىن) غەپلەتتىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن غەپلەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن تامامەن غاپىلدۇر.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزنى سېتىۋالىدۇ. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَذُوقُوا بِمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا إِنَّا نَسِينَاكُمْ ۖ وَذُوقُوا عَذَابَ الْخُلْدِ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇ:) «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن (بۇ خورلىغۇچى ئازابنى) تېتىڭلار، بىز (مۇ) ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار»[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئەھلى دوزاخقا ئېيتىلىدۇكى-: «مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشىڭلارنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىڭلار ئۈچۈن -بۇ خورلىغۇچى ئازابنى- تېتىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنتۇدۇق، قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا: «تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇدۇڭلار، بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇدۇق. قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
ياسىن سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أُنْذِرَ آبَاؤُهُمْ فَهُمْ غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[5 ـ 6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن!
ئەنەس ئالىم: ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن غاپىل قالغان قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن.
36 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا جَعَلْنَا فِي أَعْنَاقِهِمْ أَغْلَالًا فَهِيَ إِلَى الْأَذْقَانِ فَهُمْ مُقْمَحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگۈچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقكە) باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سالدۇق. بۇ تاقاقلار ئۇلارنىڭ ئىڭەكلىرىگە يېتىپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار باشلىرى كۆتۈرۈلۈپ قالغۇچىلاردۇر.
36 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَاهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، ئارقىسىدا بىر توسۇق پەيدا قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆرمەيدۇ2.
36 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ.
36 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَأْتِيهِمْ مِنْ آيَةٍ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا قاچان ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كەلدى.
36 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا يَسْتَطِيعُونَ تَوْصِيَةً وَلَا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىرەر ۋەسىيەت قىلىشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ.
ساففات سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا ذُكِّرُوا لَا يَذْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز ـ نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قۇرئان بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىنسا نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايدۇ.
37 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِاللَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟[137 ـ 138].
تەرجىمە ھەيئىتى: كەچتىمۇ ئۆتۈپ تۇرسىلەر. ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىپ باقمامسىلەر
ئەنەس ئالىم: كېچىلىرىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
37 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟[154]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن؟ قانداقمۇ بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟
37 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئويلاپ باقمامسىلەر؟[155]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋاتىسىلەر.
زۇمەر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَسْتَمِعُونَ الْقَوْلَ فَيَتَّبِعُونَ أَحْسَنَهُ ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَاهُمُ اللَّهُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمْ أُولُو الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر[17 ـ 18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەندىلىرىم سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلاردۇر. ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.
39 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، ئاندىن ئۇ سۇنى زېمىندىكى بۇلاقلارغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەت چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ زىرائەت قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەسلىتىش بار.
39 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك مىسالنى بايان قىلدۇق. ئۇلار ئويلانغاي.
39 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا ذُكِرَ اللَّهُ وَحْدَهُ اشْمَأَزَّتْ قُلُوبُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ ۖ وَإِذَا ذُكِرَ الَّذِينَ مِنْ دُونِهِ إِذَا هُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يالغۇز ئاللاھ تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: يالغۇز ئاللاھلا تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى سىقىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلار تىلغا ئېلىنسا، ئۇلار خۇش بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قاچانىكى يالغۇز ئاللاھلا زىكىر قىلىنسا ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قەلبلىرى سىقىلىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلار ئاللاھتىن باشقا زاتلىرىمۇ زىكىر قىلىنسا بىردىنلا سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
39 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ تَقُولَ نَفْسٌ يَا حَسْرَتَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْتُ فِي جَنْبِ اللَّهِ وَإِنْ كُنْتُ لَمِنَ السَّاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر قانداق ئادەم: «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ھەسرەت! مەن (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ۋە دىنىنى) مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىنىڭ : «ئاللاھنىڭ تائىتىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىرىمغا ئىسىت! مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم» دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بولمىسا كىشى: ‹ۋاي ئىسىت! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن، مەن مەسخىرە قىلغۇچىلاردىن ئىدىم› دەيدۇ،
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كىتاب، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى ۋە نەسىھەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كىتاب توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەسلەتكۈچىدۇر3.
فۇسسىلەت سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
بَشِيرًا وَنَذِيرًا فَأَعْرَضَ أَكْثَرُهُمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مۇئمىنلارغا جەننەت بىلەن- خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، -كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن- ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار قۇلاق سالمايدۇ.
41 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا قُلُوبُنَا فِي أَكِنَّةٍ مِمَّا تَدْعُونَا إِلَيْهِ وَفِي آذَانِنَا وَقْرٌ وَمِنْ بَيْنِنَا وَبَيْنِكَ حِجَابٌ فَاعْمَلْ إِنَّنَا عَامِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار : «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىگە قەلبلىرىمىز يېپىق، قۇلاقلىرىمىز گاستۇر. سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنمۇ ئىشىڭنى قىلغىن، بىزمۇ ئىشىمىزنى قىلايلى!».
41 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ لَا يُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار زاكاتنى بەرمەيدىغان ۋە ئاخىرەتنى قىلغان كىشىلەردۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يَعْشُ عَنْ ذِكْرِ الرَّحْمَٰنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَانًا فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى ھۆكۈمران قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى مېھرىبان ئاللاھنىڭ زىكرى - قۇرئان - دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم رەھماننىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان ھەمراھ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ يېقىنى بولىدۇ.
43 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىيامەتنىلا - قىيامەتنىڭ تۇيماي قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا - ساقلاۋاتىدۇ.
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ يَلْعَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنگۈچى ئەمەس)، بەلكى ئۇلار (قىيامەتتىن) شەكتە بولۇپ (ھەقنى ئىستىھزا قىلىپ) ئوينايدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلار شەك ئىچىدە ئوينايدۇ
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدە ئويناۋاتىدۇ.
جاسىيە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي خَلْقِكُمْ وَمَا يَبُثُّ مِنْ دَابَّةٍ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە ئاللاھ زېمىندا تارقىتىۋەتكەن جانىلىقلاردا جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە ئاللاھ تارقاتقان جانلىقلاردا جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
45 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ رِزْقٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ كۆكتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن رىزىقتا ۋە ئاللاھنىڭ شاماللارنى پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىرىشىدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
45 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىييەنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
45 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلَّا الدَّهْرُ ۚ وَمَا لَهُمْ بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز). پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ). ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار : «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز. پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز، بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ.
45 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ الْيَوْمَ نَنْسَاكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا- دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
مۇھەممەد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ حَتَّىٰ إِذَا خَرَجُوا مِنْ عِنْدِكَ قَالُوا لِلَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ مَاذَا قَالَ آنِفًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ طَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە : «بايا ئۇ - مۇھەممەد - نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەر ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كافىرلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ساڭا قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن ئايرىلىپ چىققان چاغلىرىدا ئىلىم بېرىلگەنلەرگە: «ئۇ بايا نېمە دېدى؟» دېيىشىدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن كىشىلەردۇر.
47 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً ۖ فَقَدْ جَاءَ أَشْرَاطُهَا ۚ فَأَنَّىٰ لَهُمْ إِذَا جَاءَتْهُمْ ذِكْرَاهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ)[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت قىيامەتنىلا - قىيامەتنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا - كۈتۈۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى. ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىگە قىيامەت كەلگەندە ۋەز - نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟
47 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قۇلۇپلانغانمۇ؟
ھۇجۇرات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُنَادُونَكَ مِنْ وَرَاءِ الْحُجُرَاتِ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سېنى ھۇجرىلارنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ.
قاف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَنْظُرُوا إِلَى السَّمَاءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَاهَا وَزَيَّنَّاهَا وَمَا لَهَا مِنْ فُرُوجٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاسماننى قانداق بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانغا قارىمىدىمۇ؟ بىز ئۇنى قانداق بىنا قىلدۇق ۋە قانداق زىننەتلىدۇق؟ ئۇنىڭدا ھېچبىر يوچۇق يوق.
50 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، زېمىندە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىنى كەڭ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىننى يايدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا خىلمۇخىل چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
50 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَتْ سَكْرَةُ الْمَوْتِ بِالْحَقِّ ۖ ذَٰلِكَ مَا كُنْتَ مِنْهُ تَحِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)، سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى، ئى ئىنسان! سەن ئۇنىڭدىن قاچاتتىڭ
ئەنەس ئالىم: ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ئەلۋەتتە كېلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا: «مانا بۇ سەن قاچقان نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ.
50 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كُنْتَ فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا فَكَشَفْنَا عَنْكَ غِطَاءَكَ فَبَصَرُكَ الْيَوْمَ حَدِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! (دۇنيادىكى چېغىڭدا) بۇ (ئېغىر كۈن) دىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا: «ئى ئىنسان! سەن بۇنىڭدىن غەپلەتتە ئىدىڭ، ئەمدى پەردەڭنى سەندىن كۆتۈرۋەتتۇق، بۈگۈن كۆزۈڭ ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «سەن بۇنىڭدىن غاپىل ئىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر» دېيىلىدۇ.
زارىيات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ هُمْ فِي غَمْرَةٍ سَاهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاززاپلارغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ (ئاخىرەت ئىشىدىن) غەپلەتتىدۇر[10ـ11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن بولۇپ غەپلەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جاھالەتكە چۆمۈپ كەتكەن غاپىللاردۇر.
51 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي أَنْفُسِكُمْ ۚ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر[20ـ21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۆزۈڭلاردىمۇ نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. بۇنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۆزۈڭلاردىمۇ ئايەتلەر بار. كۆرمەمسىلەر؟
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟[35]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ھېچ نەرسىسىز يارىتىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمۇ؟
نەجم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: كۈلەمسىلەر، يىغلىمامىسىلەر؟
53 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْتُمْ سَامِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر غاپىلدۇرسىلەر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر غاپىلدۇرسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئويۇن بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىلەر.
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَحْرُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ![63]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەنەس ئالىم: سىلەر تېرىۋاتقان نەرسەڭلەر توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى!
56 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتُمُ النَّارَ الَّتِي تُورُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ![71]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەنەس ئالىم: سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتۇڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى!
ھەدىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قاقاس، قۇرغاق زېمىننى يامغۇر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ. بىز سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى بايان قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
57 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
اعْلَمُوا أَنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ وَزِينَةٌ وَتَفَاخُرٌ بَيْنَكُمْ وَتَكَاثُرٌ فِي الْأَمْوَالِ وَالْأَوْلَادِ ۖ كَمَثَلِ غَيْثٍ أَعْجَبَ الْكُفَّارَ نَبَاتُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَكُونُ حُطَامًا ۖ وَفِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَمَغْفِرَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانٌ ۚ وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، (كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇ - زىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل ـ مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، (بىرەر قېتىم يېغىش بىلەن ئۆستۈرگەن) ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، (ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمەن بولۇشتۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن، مەشغۇلاتتىن، زىبۇزىننەتتىن، ئۆزئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل ـ مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇركى، ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ-دە ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى باردۇر. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەتلا ئالداتقۇچى بىر بەھرىمەن بولىدىغان نەرسىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇندۇر، بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر، زىننەتلىنىشتۇر، ئۆزئاراڭلاردا پەخىرلىنىشتۇر، ماللارنى ۋە بالىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بەسلىشىشتۇر. بۇ ھايات يامغۇرغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۈندۈرگەن ئۆسۈملۈك دەسلەپتە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، كېيىن قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىمۇ بار. دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ نَسُوا اللَّهَ فَأَنْسَاهُمْ أَنْفُسَهُمْ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى ئۇنتۇغان، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار. ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر.
مۈلك سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِنْ تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِنْ فُطُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن ئاسمانلارغا تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. رەھماننىڭ يارىتىشىدا ھېچ تەرتىپسىزلىك كۆرمەيسەن. قاراپ باققىن، بىرەر يوچۇق كۆرەمسەن؟
67 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلىغان، ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىغا قۇلاق سالغان ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاخ قاتارىدا بولماس ئىدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «ئەگەر قۇلاق سالغان بولساق ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئەھلى قاتارىدا بولماسكەنمىز» دەيدۇ.
67 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَٰنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قارىمامدۇ؟ ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇچارقاناتلارغا قارىمامدۇ؟ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايغان ھالەتتە تۇرىدۇ ۋە قاناتلىرىنى يىغىدۇ. ئۇلارنى ھاۋادا پەقەتلا رەھمان تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
قەلەم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَسْتَثْنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىنشائاللاھ دېمىگەن ئىدى.
68 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَنَادَوْا مُصْبِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ22].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن باغنىڭ ئىگىلىرى سۈبھى ۋاقتىدا بىر - بىرىنى مۇنداق دەپ توۋلاشتى:
68 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَغَدَوْا عَلَىٰ حَرْدٍ قَادِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «توسىيالايمىز» دېگەن ئوي بىلەن ئەتىگەندە تۇرۇشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەتىگەن باردى،
68 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر![36]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر!
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە نېمە بولدىكىن، نېمىشقا بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى[15]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ قانداق ياراتتى؟
جىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَمَنْ يُعْرِضْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِ يَسْلُكْهُ عَذَابًا صَعَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى كۇففارلار) توغرا يولدا بولسا ئىدى، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق (يەنى رىزقىنى كەڭ قىلىپ بېرەتتۇق)، كىمكى پەرۋەردىگارىنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ[16ـ17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايتتۇق. كىمكى رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئۇلارنى بۇنىڭدا سىنىشىمىز ئۈچۈن بولاتتى. كىم رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، رەببى ئۇنى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدىغان ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
مۇدەسسىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَهَّدْتُ لَهُ تَمْهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈردۈم[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈردۈم
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا بۈيۈك ئىمكان بەردىم.
74 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَهُمْ عَنِ التَّذْكِرَةِ مُعْرِضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نېمىشقا ۋەز (يەنى قۇرئان) دىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟[49]
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار نېمىشقا ۋەز-نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارغا نېمە بولدىكىن، ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدىن يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ؟
74 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا ۖ بَلْ لَا يَخَافُونَ الْآخِرَةَ
مۇھەممەد سالىھ: ياق (يەنى ئۇلار مۇنداق تەمەدىن يانسۇن). بەلكى ئۇلار (ئاخىرەتتىن) قورقمايدۇ[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياق. بەلكى ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ياق، بەلكى ئۇلار ئاخىرەتتىن قورقمايدۇ.
قىيامەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى بەك ياخشى كۆرىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ياق، بەلكى سىلەر دۇنيانى ياخشى كۆرىسىلەر6.
75 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاخىرەتنى قويۇپ قويىسىلەر.
ئىنسان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ اللَّيْلِ فَاسْجُدْ لَهُ وَسَبِّحْهُ لَيْلًا طَوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بۇلار دۇنيانى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق بىلىدۇ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە (يەنى قىيامەتكە) سەل قارايدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بۇلار نەخ -دۇنيا- نى ياخشى كۆرۈپ، كەلگۈسىدىكى قىيىن بىر كۈنگە سەل قارايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار بۇ دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ، ئېغىر كۈننى ئارقىسىدا قويىدۇ3.
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ السَّمَاءُ ۚ بَنَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاللاھ ياراتقان ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يارىتىش تەسمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى بىنا قىلدى،
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇنكى،
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىنسان يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇن:
ئىنىشقاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ كَانَ فِي أَهْلِهِ مَسْرُورًا
مۇھەممەد سالىھ: چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى.[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇ بىر زامانلار ئەھلىنىڭ ئارىسىدا خۇشال ئىدى،
تارىق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ مِمَّ خُلِقَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئىنسان ئويلانسۇن، ئۇ نېمىدىن يارىتىلدى؟
ئەئلا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ تُؤْثِرُونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى سىلەر، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر
ئەنەس ئالىم: بەلكى سىلەر دۇنيا ھاياتىنى ئارتۇق كۆرىسىلەر.
غاشىيە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى[17]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تۆگىگە قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يارىتىلدى؟
88 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى[18]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى؟
ئەنەس ئالىم: ئاسمانغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلدى؟
88 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى[19]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى؟
ئەنەس ئالىم: تاغلارغا قارىمامدۇ، ئۇلار قانداق تىكلەندى؟
88 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قانداق يېيىتىلدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قانداق يېيىتىلدى؟
ئەنەس ئالىم: زېمىنغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يېيىتىلدى؟
زەلزەلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
99 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْإِنْسَانُ مَا لَهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان: «ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟» دېگەندە
ئەنەس ئالىم: ۋە ئىنسان: «زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟» دېگەن چاغدا،
تەكاسۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
102 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلْهَاكُمُ التَّكَاثُرُ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى[1ـ2].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى كۆپلۈك1 بىلەن پەخىرلىنىش كاشىلا قىلدى،
مائۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
107 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر [4ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نامازلىرىدىن بىخەۋەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نامازلىرىدىن غاپىل كىشىلەردۇر.