شاپائەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قىيامەت كۈنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلالمايدىغانلىقى ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە ئەسقاتمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئەرەبچىىسى: الشفاعة
ئېنگلىزچىسى: Intercession
23 ئايەت
16 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قىيامەت كۈنى /
- 📄 شاپائەت
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا شَفَاعَةٌ وَلَا يُؤْخَذُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىدىيە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (كاپىرلار ۋە گۇناھكار بەندىلەر) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىدىن فىديە ئېلىنمايدىغان، ئۇلار (يەنى كافىرلار) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان كۈندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن شاپائەت20 قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە21 ئېلىنمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.
2 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا يَوْمًا لَا تَجْزِي نَفْسٌ عَنْ نَفْسٍ شَيْئًا وَلَا يُقْبَلُ مِنْهَا عَدْلٌ وَلَا تَنْفَعُهَا شَفَاعَةٌ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا قىلمايدىغان، ئۇلارغا (يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكارلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ئادەم بىر ئادەمگە قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدىغان، ئۇلارغا (كافىرلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ھېچكىمدىن فىدىيە قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھېچكىمگە شافائەتنىڭ38 پايدىسى بولمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ.
2 : 254 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ ۗ وَالْكَافِرُونَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كاپىر بولغۇچىلار زالىملاردۇر[254].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سودا ـ سېتىق، دوستلۇق ۋە (ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال ـ مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار. كافىرلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن، ئېلىم - سېتىم، دوستلۇق ۋە شاپائەت يوق كۈن كېلىشتىن بۇرۇن چىقىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، كافىرلار زالىملاردۇر.
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْ بِهِ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْ يُحْشَرُوا إِلَىٰ رَبِّهِمْ ۙ لَيْسَ لَهُمْ مِنْ دُونِهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ (كۇفرىدىن، گۇناھتىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھتىن غەيرىي دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى يوقتۇر[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ تەقۋادار بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەتچى يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا، رەببىدىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچىسى يوق ھالدا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار تەقۋادار بولغاي!
6 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَرِ الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَعِبًا وَلَهْوًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ وَذَكِّرْ بِهِ أَنْ تُبْسَلَ نَفْسٌ بِمَا كَسَبَتْ لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ وَإِنْ تَعْدِلْ كُلَّ عَدْلٍ لَا يُؤْخَذْ مِنْهَا ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أُبْسِلُوا بِمَا كَسَبُوا ۖ لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: دىننى ئويۇن ـ كۈلكە قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (كىشىلەرگە) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىدىيە (تۆلەم) بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرى تۈپەيلىدىن (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناقسۇدىن بولغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: دىننى ئويۇن ـ تاماشا قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى (مېنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىمغا) قويغىن. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى سەۋەبى بىلەن ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن، (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناپ تۇرغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازاب بار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! دىنىنى ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان، دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان كىشىلەرنى تەرك ئەتكىن! قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنكى، ھېچ كىشى ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھالاك بولمىسۇن. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيسى ۋە شاپائەتچىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر تۈرلۈك فىدىيەنى بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا كافىر بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىق ئىچىملىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِنْدَ اللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ. ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلاردۇر» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: «بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىزدۇر!» دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟» ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلار شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. رەھماننىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەن كىشى مۇستەسنا.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَئِذٍ لَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُ قَوْلًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى، رەھمان رۇخسەت بەرگەن ۋە سۆزىدىن رازى بولغانلاردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰ وَهُمْ مِنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلەرگىلا شاپائەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ.
شۇئەرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَاغْفِرْ لِأَبِي إِنَّهُ كَانَ مِنَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى ئۇ ئازغۇنلاردىندۇر.
26 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا لَنَا مِنْ شَافِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق
ئەنەس ئالىم: ئەمدى بىزنىڭ ھېچ شاپائەتچىمىز يوق،
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ مِنْ شُرَكَائِهِمْ شُفَعَاءُ وَكَانُوا بِشُرَكَائِهِمْ كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن تانىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىگە تانىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچبىرىدىن شاپائەت كۆرمەيدۇ ۋە ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ عِنْدَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ ۚ حَتَّىٰ إِذَا فُزِّعَ عَنْ قُلُوبِهِمْ قَالُوا مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ ۖ قَالُوا الْحَقَّ ۖ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرۇلۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. تاكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئاندىن ئۇلار: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار جاۋابەن: «توغرى بولغاننى دېدى» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، ئاللاھ رۇخسەت بەرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە شافائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ1. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە بىر - بىرىدىن: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەپ سورايدۇ. جاۋاب بەرگەنلەر: «ھەقنى دېدى، ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر» دەيدۇ.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَتَّخِذُ مِنْ دُونِهِ آلِهَةً إِنْ يُرِدْنِ الرَّحْمَٰنُ بِضُرٍّ لَا تُغْنِ عَنِّي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا وَلَا يُنْقِذُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالامدىمەن؟ ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇنى قويۇپ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنامدىم؟ ئەگەر رەھمان ماڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇلارنىڭ شاپائىتى ماڭا قىلچە پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۆزلىرىمۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ شُفَعَاءَ ۚ قُلْ أَوَلَوْ كَانُوا لَا يَمْلِكُونَ شَيْئًا وَلَا يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار پىكىر يۈرگۈزمىدى) بەلكى ئاللاھنى قويۇپ، شاپائەتچىلەرنى تۇتتى. ئېيتقىنكى، «ئۇلار (يەنى شاپائەتچى قىلىنغانلار) ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە (ھېچ نەرسىنى) سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارنى شاپائەتچى تۇتامدۇ؟)[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن شاپائەتچىلەرنى قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «ئۇلار ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە ئەقلىنى ئىشلىتەلمەيدىغان تۇرسىمۇ ئۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن غەيرىينى شاپائەتچىلەر قىلىۋالدىمۇ؟ ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇ شاپائەتچىلىرىڭلار ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋە ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدىغان بولسىمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟».
39 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا ۖ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ)، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاخىرى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر».
غافىر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار -قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن- بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈنى يۈرەكلەر غەم - قايغۇغا تولغان ھالدا ئېغىزلارغا قاپلىشىدۇ، زالىملارنىڭ ھېچبىر دوستى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچىسى بولمايدۇ.
40 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِي إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُ دَعْوَةٌ فِي الدُّنْيَا وَلَا فِي الْآخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَا إِلَى اللَّهِ وَأَنَّ الْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھەققىدە ھېچقانداق چاقىرىقى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەر مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىلىشقا لايىق ئەمەستۇر. بىزنىڭ بارىدىغان يېرىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار دوزاخ ئەھلىدۇر.
40 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە، مۇئمىنلارغا ھاياتىي دۇنيادا ۋە گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچىلىرىمىزگە ۋە مۇئمىنلارغا، دۇنيا ھاياتىدا ۋە گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان كۈندە ياردەم بېرىمىز.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَمْلِكُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنْ شَهِدَ بِالْحَقِّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ، لېكىن بىلگەن ھالدا ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. بىلگەن ھالدا ھەقكە گۇۋاھلىق بەرگەنلەر مۇستەسنا.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ لَا يُغْنِي عَنْهُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ مِنْ مَلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لَا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا إِلَّا مِنْ بَعْدِ أَنْ يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَرْضَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار. ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان كىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئەسقاتىدۇ.
مۇدەسسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا تَنْفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا شاپائەتچىلەرنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ.