رەسۇلغا ئەگىشىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىتتىبا ئەل رەسۇل — رەسۇلنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشنىڭ دىنىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە پەرز قىلىنىشى.
ئەرەبچىىسى: اتّباعِ رسول
ئېنگلىزچىسى: Following the Prophet
43 ئايەت
17 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەيغەمبەرلىك /
- 📄 رەسۇلغا ئەگىشىش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقُولُوا رَاعِنَا وَقُولُوا انْظُرْنَا وَاسْمَعُوا ۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار*[1]، (ئۇنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! «رائىنا» دېمەڭلار، «ئۇنزۇرنا» دەڭلار، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار28.
2 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ تَرْضَىٰ عَنْكَ الْيَهُودُ وَلَا النَّصَارَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ساڭا ئىلىم (قۇرئان) كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىچە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». ئەگەر سەن، ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق ۋەلىي36 ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
2 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنْتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّنْ يَنْقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِنْ كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) نى قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئىماندىن يېنىۋالغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت45 قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار، رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈندۇر. سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
3 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتسا، ئاللاھ بۇنداق كافىرلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ كافىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
3 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنْزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى شاھادەت ئېيتقانلار قاتارىدا قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىز سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردۇق. بۇ ئەلچىگە ئەگەشتۇق. بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن!».
3 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ ۚ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِي ۖ قَالُوا أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). ئاللاھ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلسام، كېيىن سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىكى شۇ كىتابنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئاللاھ: «بۇ ئەھدەمنى ئېتىراپ قىلىپ، شەرتلىرى بىلەن قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداقتا بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى.
3 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.
نىسا سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
4 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، (گۇناھىڭلاردىن قىلغان) تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئەھكاملارنى ئوچۇق بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى، تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ بِشَهِيدٍ وَجِئْنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰؤُلَاءِ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر پەيغەمبەرنى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا، ئەھۋال قانداق بولار؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر گۇۋاھچى كەلتۈرگەن ۋە سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئەھۋال قانداق بولار؟
4 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ ۖ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە) مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىرەر نەرسىدە تالاش - تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. ئەنە شۇ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر.
4 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ رَأَيْتَ الْمُنَافِقِينَ يَصُدُّونَ عَنْكَ صُدُودًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) غا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھقا كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇنافىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
4 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەربىر پەيغەمبەرنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنسۇن دەپلا ئەۋەتتۇق، مۇناپىقلار (سېنىڭ ھۆكمۈڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئەلچىنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىتائەت قىلىنىشى ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ31، ئۇلار ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى.
4 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجًا مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىقلار دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە چىن كۆڭلىدىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئىش ئۇ مۇنافىقلار ئويلىغاندەك ئەمەس. رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىلىرىدا چىققان تالاش - تارتىشلاردا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەيىنلەپ، ئاندىن سەن چىقارغان ھۆكۈمگە دىللىرىدا قىلچە غۇم ھېس قىلماستىن تولۇق تەسلىم بولمىغىچە ھەرگىزمۇ مۇئمىن بولمايدۇ.
4 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَالرَّسُولَ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ وَالصِّدِّيقِينَ وَالشُّهَدَاءِ وَالصَّالِحِينَ ۚ وَحَسُنَ أُولَٰئِكَ رَفِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار![69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەر (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر!
4 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ ۖ وَمَنْ تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئىتائەتتىن باش تارتىدىكەن، (ئى مۇھەممەد! بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق
ئەنەس ئالىم: كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق.
4 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفْسَكَ ۚ وَحَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَكُفَّ بَأْسَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَاللَّهُ أَشَدُّ بَأْسًا وَأَشَدُّ تَنْكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن (يەنى ئۆزۈڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن، ساڭا غەلىبە ۋەدە قىلىنغان. مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېلىپ قالغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمە.) سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكار سەن، مۆمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغىن، بۇ ساڭىلا قويۇلغان تەلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ كافىرلارنىڭ ئۇرۇشىنى توسۇپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر. ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقىن38، سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەسئۇل قىلىنغانسەن، مۇئمىنلارنى قىزىقتۇرغىن. ئاللاھ كافىرلارنىڭ كۈچىنى توسۇشى مۇمكىن. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، قاتتىق جازالىغۇچىدۇر.
4 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![115].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كىمكى توغرا يولنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلسا ۋە مۇئمىنلارنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگەشسە، بىز ئۇنى كىرگەن يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ ۚ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، سەن ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپەڭنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن22. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
5 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَاحْذَرُوا ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار27. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ ۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن باراۋەرمۇ؟) ئويلاپ باقمامسىلەر؟»[50]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، مەن غەيبنى بىلىمەن دەپمۇ ئېيتمايمەن، سىلەرگە، مەن ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن. مەن غەيبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: ‹مەن چوقۇم پەرىشتە› دېمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن». ئېيتقىنكى: «كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟».
6 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۖ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى يەتكۈزگىنىمگە سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن ۋە ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قۇرئان يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئەجىر سورىمايمەن. قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا ئەسلىتىشتۇر»12.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەلچىگە ـ ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن (يەنى قىيىنچىلىقلاردىن) بوشىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».
ئەنفال سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَوَلَّوْا عَنْهُ وَأَنْتُمْ تَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار،
8 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ ۖ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ الْمَرْءِ وَقَلْبِهِ وَأَنَّهُ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئىمانغا دەۋەت قىلسا، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىغا پەردە سالالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە بۇرىيالايدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ سىلەرنى، سىلەرگە ھايات بېغىشلايدىغان نەرسىگە چاقىرسا، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَسْأَلُهُمْ خَرْجًا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق گۇمان قىلامدۇ؟) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) ئەجرى ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا سەن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ رەببىڭنىڭ ئەجرى ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى سەن ئۇلاردىن خەج تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟ رەببىڭنىڭ ئاتاسى ياخشىدۇر. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر.
نۇر سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُمْ مَا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِنْ تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا ۚ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار»[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار باش تارتسا، -ئى مۇھەممەد بىلگىنكى-پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتۇر، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلارمۇ مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىشتۇر، ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، سىلەرمۇ ئۆز ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر. رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
24 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَىٰ أَمْرٍ جَامِعٍ لَمْ يَذْهَبُوا حَتَّىٰ يَسْتَأْذِنُوهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَنْ لِمَنْ شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى كامىل مۇئمىنلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دۇر، ئۇلار بىر ئىش ئۈستىدە پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئومۇمىي بىر ئىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بولغان چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئالماستىن قايتىپ كەتمەيدۇ. سەندىن ئىجازەت سورىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرگىن ۋە ئاللاھتىن ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
24 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنْكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار. سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇئمىنلار!- پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئاراڭلاردا بىر - بىرىڭلارنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش كۆرمەڭلار. ئاللاھ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن بىر - بىرىنى دالدا قىلىشىپ ئاستا چىقىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار باشلىرىغا بىرەر بالا كېلىشتىن ياكى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَعَضُّ الظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيْهِ يَقُولُ يَا لَيْتَنِي اتَّخَذْتُ مَعَ الرَّسُولِ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن -نىجاتلىق- يولىنى تۇتسامچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر يول تۇتسامچۇ!
ئەھزاب سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنْفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ ۗ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ إِلَّا أَنْ تَفْعَلُوا إِلَىٰ أَوْلِيَائِكُمْ مَعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ ئەۋلادۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلاردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن تېخىمۇ ئەۋلادۇر، لېكىن دوستلىرىڭلارغا يوللۇق رەۋىشتە ۋەسىيەت قىلساڭلار ئۇ باشقا، بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ نەبىي مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىدىنمۇ يېقىندۇر3. ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇرۇق -تۇغقانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرىگە مۇئمىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر. يېقىنلىرىڭلارغا قىلىدىغان ياخشىلىقىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا4. بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر.
33 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ـ ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە - ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان كىشىلەرگە - ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر.
33 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللَّاتِي آتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّاتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَالَاتِكَ اللَّاتِي هَاجَرْنَ مَعَكَ وَامْرَأَةً مُؤْمِنَةً إِنْ وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنْ أَرَادَ النَّبِيُّ أَنْ يَسْتَنْكِحَهَا خَالِصَةً لَكَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۗ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەنلەرنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزۈڭ ئېگە بولغانلارنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۇئمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەرمۇ ئۇنى ئېلىشىنى خالىسا، بۇنى مۇئمىنلارغا ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا -ھالال قىلدۇق-، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن -سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق-، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! بىز، سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان غەنىيمەتلەردىن سەن ئىگە بولغان چۆرىنى، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاناڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان قىزلىرىنى، ئۆزىنى نەبىيگە ھەدىيە قىلغان ۋە نەبىي نىكاھىغا ئېلىشنى ئىرادە قىلغان مۇئمىن ئايالنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭىلا ھالالدۇر. بىز مۇئمىنلارغا ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. بۇنى قىيىنچىلىق تارتماسلىقىڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ياسىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَىٰ قَالَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُوا الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى -ھەبىب نەجار- يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار
ئەنەس ئالىم: شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار.
36 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّبِعُوا مَنْ لَا يَسْأَلُكُمْ أَجْرًا وَهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يولدا بولغان ۋە سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغانلارغا ئەگىشىڭلار. ئۇلار توغرا يولدىدۇر.
جاسىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍ مِنَ الْأَمْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن سېنى بىز ئى مۇھەممەد! –ئەلەيھىسسالام- دىن ئىشىدا روشەن بىر شەرىئەت ئۈستىدە قىلدۇق، شۇڭا سەن شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاندىن بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار.
ھۇجۇرات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتمەڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
49 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَنْ تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاۋازلىرىڭلارنى نەبىينىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرمەڭلار. ئۇنىڭغا، بىر - بىرىڭلارغا توۋلىغاندەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆز قىلماڭلار. بولمىسا، سىلەر تۇيماستىن ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
49 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصْوَاتَهُمْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ امْتَحَنَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ لِلتَّقْوَىٰ ۚ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يېنىدا ئاۋازلىرىنى پەسەيتكەنلەر، ئاللاھ قەلبلىرىنى تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.
تەغابۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
قەلەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تُطِعِ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن، ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا راستنى يالغان دېگۈچىلەرگە ئىتائەت قىلمىغىن.