پەيغەمبەرلىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەرلىك ۋە سىيرەت: پەيغەمبەرلىك
ئەرەبچىىسى: النبوة والسيرة: النبوة
ئېنگلىزچىسى: Prophethood (Nubuwwah)
672 ئايەت
89 سۈرە
6 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
25 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا وَلَنْ تَفْعَلُوا فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بۇنداق قىلالمىساڭلار ـ ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايسىلەر ـ كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن قورقۇپ، گۇناھتىن ساقلىنىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئەگەر قىلمىساڭلار - ھەرگىزمۇ قىلالمايسىلەر - دوزاختىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇ دوزاخ كافىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان.
2 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ كُلَّمَا رُزِقُوا مِنْهَا مِنْ ثَمَرَةٍ رِزْقًا ۙ قَالُوا هَٰذَا الَّذِي رُزِقْنَا مِنْ قَبْلُ ۖ وَأُتُوا بِهِ مُتَشَابِهًا ۖ وَلَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُطَهَّرَةٌ ۖ وَهُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇنمۇ رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى (دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە) ئوخشايدىغان (ئەمما تەمى ئوخشىمايدىغان) مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلارغا قاچانىكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرەر رىزىق بېرىلسە، ئۇلار: «بۇ ئىلگىرىمۇ بىزگە بېرىلگەن رىزىق» دەيدۇ. - ئۇلارغا ئوخشىشىدىغان رىزىقلار بېرىلىدۇ - ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن12 جۈپلەر بار ۋە ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
2 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ فَرَقْنَا بِكُمُ الْبَحْرَ فَأَنْجَيْنَاكُمْ وَأَغْرَقْنَا آلَ فِرْعَوْنَ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ (يول ئېچىپ) سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە پىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۈچۈن دېڭىزنى يېرىپ، سىلەرنى قۇتقۇزغان ۋە كۆز ئالدىڭلاردا فىرئەۋن خانىدانىنى غەرق قىلىۋەتكەن ئىدۇق.
2 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَىٰ لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْكُمُ الصَّاعِقَةُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار ـ دە، (سىلەرگە نازىل بولغان ئازابنى) كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردا سىلەرنى چاقماق سوقتى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر: «ئى مۇسا! بىزئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەر قاراپ تۇرغاندا سىلەرنى چاقماق سوقتى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر «ئى مۇسا! بىز ئاللاھنى ئوپئوچۇق كۆرمىگۈچە ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېگەن ئىدىڭلار، سىلەرنى دەرھال شىددەتلىك گۈلدۈرماما باسقان ئىدى. سىلەر قاراپ تۇراتتىڭلار.
2 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَاكُمْ مِنْ بَعْدِ مَوْتِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن، دەپ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈردۇق[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلدۈردۇق
ئەنەس ئالىم: سىلەر بىر مۇددەت ئۆلۈك ھالەتتە قالغاندىن كېيىن بىز سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ قايتا تىرىلدۈردۇق.
2 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذِ اسْتَسْقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ فَقُلْنَا اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْفَجَرَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۖ كُلُوا وَاشْرَبُوا مِنْ رِزْقِ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم (يەنى ھەر بىر قەبىلە) ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق)
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمى ئۈچۈن سۇ ئىزدىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭغا «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن!» دېگەن ئىدۇق. مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇردى - دە، تاشتىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. بىز ئۇلارغا: «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار!» دېدۇق.
2 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قُلْتُمْ يَا مُوسَىٰ لَنْ نَصْبِرَ عَلَىٰ طَعَامٍ وَاحِدٍ فَادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُخْرِجْ لَنَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ مِنْ بَقْلِهَا وَقِثَّائِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَا ۖ قَالَ أَتَسْتَبْدِلُونَ الَّذِي هُوَ أَدْنَىٰ بِالَّذِي هُوَ خَيْرٌ ۚ اهْبِطُوا مِصْرًا فَإِنَّ لَكُمْ مَا سَأَلْتُمْ ۗ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ وَالْمَسْكَنَةُ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىبىن ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل يېمەكلىككە چىداپ تۇرالمايمىز، بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ (يەنى پىياز، سامساق، كۆكتاتنى تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىدىن ئارتۇق كۆرەمسىلەر؟) بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە تېگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى تۈپەيلىدىن بولدى[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا (سىنا چۆلىدە تەرەنجىۋىل ۋە بۆدۈنە بىلەنلا ئوزۇقلىنىۋاتقىنىڭلاردا) سىلەر: «ئى مۇسا! بىز بىر خىللا يېمەكلىك بىلەن ھەرگىز تۇرالمايمىز، سەن بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىننىڭ كۆكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە كىرىڭلار، (شۇ يەردە) ھەقىقەتەن تىلىگىنىڭلار بار» دېدى. ئۇلار خارلىقتا، موھتاجلىقتا قالدى. ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى، بۇ يەنە ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆز ۋاقتىدا: «ئى مۇسا! بىز بىر خىل تاماققا سەۋر قىلالمايمىز. سەن بىز ئۈچۈن رەببىڭگە دۇئا قىلغىن، بىزگە زېمىن ئۈندۈرىدىغان نەرسىلەردىن كۆكتات، تەرخەمەك، سامساق، يېسسىمۇق ۋە پىيازلارنى چىقىرىپ بەرسۇن» دېگەن ئىدىڭلار، مۇسا سىلەرگە: «ياخشى نەرسىلەرنى ناچار نەرسىلەرگە تېگىشمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟ بىرەر شەھەرگە چۈشۈڭلار، سورىغىنىڭلارنى شۇ يەردە تاپىسىلەر!» دېگەن ئىدى. ئۇلار خارلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ئاستىدا قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى.
2 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْنَا اضْرِبُوهُ بِبَعْضِهَا ۚ كَذَٰلِكَ يُحْيِي اللَّهُ الْمَوْتَىٰ وَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك) تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە (مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ ۋە سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز: «بوغۇزلانغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئۇرۇڭلار» دېدۇق. ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ئەنە شۇنداق تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئەقىل ئىشلەتكەيسىلەر!
2 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَقَفَّيْنَا مِنْ بَعْدِهِ بِالرُّسُلِ ۖ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ أَفَكُلَّمَا جَاءَكُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُكُمُ اسْتَكْبَرْتُمْ فَفَرِيقًا كَذَّبْتُمْ وَفَرِيقًا تَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇئارقا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەر بەردۇق، ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇددۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن يۆلىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب بەردۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلەرنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىيساغا مۆجىزىلەرنى بەردۇق ھەمدە ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىدۇق. ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىرنەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلىۋېرەمسىلەر؟ بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغىمۇ روشەن دەلىللەرنى26 بەرگەن ئىدۇق، ئۇنى روھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىغان ئىدۇق. لېكىن سىلەر قاچانىكى ئەلچى كۆڭلۈڭلار ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدىڭلار، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار.
2 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ قَالُوا نُؤْمِنُ بِمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَيَكْفُرُونَ بِمَا وَرَاءَهُ وَهُوَ الْحَقُّ مُصَدِّقًا لِمَا مَعَهُمْ ۗ قُلْ فَلِمَ تَقْتُلُونَ أَنْبِيَاءَ اللَّهِ مِنْ قَبْلُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى تەۋراتقا) ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى تەستىق قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارغا) «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا (قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ئۆزىمىزگە نازىل قىلىنغان كىتاب (تەۋرات)قا ئىمان كەلتۈرىمىز» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كىتابقا (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇ (قۇرئان) ھەقتۇر، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كىتابنى ئىسپاتلىغۇچىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «سىلەر (تەۋراتقا) ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىشىنىڭلار» دېيىلسە، «بىز بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقىلا ئىشىنىمىز» دەيدۇ، باشقا كىتابلارنى ئىنكار قىلىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان ئۇلارنىڭ كىتابىنى تەستىقلايدىغان ھەق كىتابتۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بولساڭلار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ نەبىيلىرىنى نېمىشقا ئۆلتۈرەتتىڭلار؟».
2 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ كِتَابَ اللَّهِ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركۈمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىدى)[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قولىدىكى كىتابنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگەندە،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، كىتاب بىرىلگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئارقىلىرىغا چۈرۈۋەتتى. ئۇلار گويا ھەقىقەتنى ھېچ بىلمەيدىغاندىكىدەك ئىش قىلدى.
2 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقُولُوا رَاعِنَا وَقُولُوا انْظُرْنَا وَاسْمَعُوا ۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار، (سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (پەيغەمبەرگە) رائىنا دەپ خىتاب قىلماي، ئۇنزۇرنا دەپ خىتاب قىلىڭلار*[1]، (ئۇنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سېلىڭلار، كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! «رائىنا» دېمەڭلار، «ئۇنزۇرنا» دەڭلار، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار28.
2 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تُرِيدُونَ أَنْ تَسْأَلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۗ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇساغا تەلەپ قويغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا تەلەپ قويماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن تايغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر رەسۇلۇڭلارغا ئىلگىرى مۇساغا قويۇلغاندەك تەلەپلەرنى قويماقچىمۇ؟ كىم ئىماننى كۇفرىغا تېگىشىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
2 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۖ وَلَا تُسْأَلُ عَنْ أَصْحَابِ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز سېنى خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن دوزاخ ئەھلى توغرىسىدا جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن.
2 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنْ تَرْضَىٰ عَنْكَ الْيَهُودُ وَلَا النَّصَارَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمْ ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۗ وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ ۙ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر». ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ دىنىغا كىرمىگۈچە، ئۇلار سەندىن ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، « پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر». ساڭا ئىلىم (قۇرئان) كەلگەندىن كېيىن، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن يەھۇدىيلارنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ يولىغا ئەگەشمىگىچە ئۇلارنىڭ ھېچبىرى سەندىن رازى بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». ئەگەر سەن، ساڭا كەلگەن بۇ ئىلىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، ساڭا ئاللاھ تەرىپىدىن ھېچقانداق ۋەلىي36 ۋە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر.
2 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن...) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتكىن. شۈبھىسىزكى، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
2 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز»[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) دەپ قويۇڭلاركى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، بىز (ئىماندا) ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دەڭلار: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بېرىلگەن كىتابلارغا، باشقا نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز. بىز ئاللاھقىلا تەسلىم بولغۇچىلاردۇرمىز»40.
2 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا ۗ وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنْتَ عَلَيْهَا إِلَّا لِنَعْلَمَ مَنْ يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّنْ يَنْقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ ۚ وَإِنْ كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۗ وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسنى) قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئاسىيلىق قىلغانلاردىن (يەنى مۇرتەد بولۇپ كەتكەنلەردىن) ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ (يەنى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى) ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلىغاندەك سىلەرنىڭ كىشىلەرگە شاھىت بولۇشۇڭلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان تەرەپ (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) نى قىبلە قىلغانلىقىمىز پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنى ئىماندىن يېنىۋالغانلاردىن ئايرىۋېلىشىمىز ئۈچۈنلا ئىدى. ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا بۇ قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى ئىلگىرى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت45 قىلدۇق. بۇ سىلەرنىڭ ئىنسانلارغا شاھىت بولۇشۇڭلار، رەسۇلنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈندۇر. سەن يۈز كەلتۈرگەن تەرەپنى قىبلە قىلىپ بەلگىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، رەسۇلغا ئەگىشىدىغانلارنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئارقىسىغا يېنىۋالىدىغانلاردىن ئايرىپ بىلىشىمىز ئۈچۈندۇر، خالاس. قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىسىغا چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
2 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
كَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولًا مِنْكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُمْ مَا لَمْ تَكُونُوا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (سىلەرگە بەرگەن نېمىتىمنى كامالەتكە يەتكۈزگىنىمدەك) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھتىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (كەئبىنى قىبلە قىلىپ، نېمىتىمىزنى كامالەتكە يەتكۈزۈشىمىز) ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى پاك قىلىدىغان، سىلەرگە قۇرئاننى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىنىمىزگە ئوخشاشتۇر
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچى ئەۋەتىشىمىزمۇ شۇنداق ئىدى47. ئۇ ئەلچى سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ.
2 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە پۇل-ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدۇرمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
2 : 213 - ئايەت
كۆرۈش
كَانَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً فَبَعَثَ اللَّهُ النَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ وَأَنْزَلَ مَعَهُمُ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِيَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ فِيمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ ۚ وَمَا اخْتَلَفَ فِيهِ إِلَّا الَّذِينَ أُوتُوهُ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۖ فَهَدَى اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا لِمَا اخْتَلَفُوا فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِهِ ۗ وَاللَّهُ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلار (دەسلەپتە) بىر ئۈممەت (يەنى ھەق دىندا) ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كۇففارلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (ئاللاھ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلارغا كىتابنى ھەقىقەت بىلەن نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن كىشىلەرلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ (يەنى كاپىرلار مۆمىنلەرگە ھەسەت قىلىپ)، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى ئۇلار (يەنى گۇمراھلار) ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقىقەتكە ھىدايەت قىلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ[213].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلار دەسلەپتە بىر ئۈممەت ئىدى (كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ، بەزىسى ئىمان ئېيتماي ئىختىلاپ قىلىشتى)، ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى؛ (ئاللاھ) كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ پەيغەمبەرلەر بىلەن بىللە ھەق يولنى كۆرسەتكۈچى كىتابنى نازىل قىلدى، پەقەت كىتاب بېرىلگەن يەھۇدىيلارلا ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ، كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۆمىنلەرنى يەھۇدىيلار بىرلىككە كېلەلمىگەن ھەقىقەتكە يېتەكلىدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى. ئاندىن ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى نەبىيلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى، ئىنسانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ نازىل قىلدى. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ.
2 : 252 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ آيَاتُ اللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِالْحَقِّ ۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز. (ئى مۇھەممەد!) سەن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن) پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىسەن[252].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا توغرا رەۋىشتە ئوقۇپ بېرىمىز. سەن ئەلۋەتتە پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىز ئۇلارنى ساڭا ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، سەن ئەلچىلىرىمدىنسەن!
2 : 253 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ الرُّسُلُ فَضَّلْنَا بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۘ مِنْهُمْ مَنْ كَلَّمَ اللَّهُ ۖ وَرَفَعَ بَعْضَهُمْ دَرَجَاتٍ ۚ وَآتَيْنَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ الْبَيِّنَاتِ وَأَيَّدْنَاهُ بِرُوحِ الْقُدُسِ ۗ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلَ الَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ وَلَٰكِنِ اخْتَلَفُوا فَمِنْهُمْ مَنْ آمَنَ وَمِنْهُمْ مَنْ كَفَرَ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا اقْتَتَلُوا وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالام) بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى؛ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ[253].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلەن سۆزلەشتى ۋە بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەريەم ئوغلى ئىيساغا (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش) روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن كۈچلەندۈردۇق، ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئۈممەتلەر ئۆزىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى ئىمان ئېيتمىدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا ئۇرۇشماس ئىدى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەلچىلەردۇر. بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە گەپ قىلدى، بەزىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلدى. بىز مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇدۇس بىلەن قوللىدۇق72. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئۇلار بۆلۈندى: بەزىسى ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كافىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشمەيتتى. لېكىن ئاللاھ ئىرادە قىلغىنىنى قىلىدۇ.
2 : 259 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحْيِي هَٰذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا ۖ فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ ۖ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ ۖ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۖ قَالَ بَلْ لَبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانْظُرْ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِلنَّاسِ ۖ وَانْظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنْشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا ۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك- ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى[259].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سەن تام-ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان شەھەردىن ئۆتكەن كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ: «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن تىرىلدۈردى. ئاللاھ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «سەن بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سەن يۈز يىل تۇردۇڭ! يېمەك-ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، ئۇ بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارا (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). سېنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىلى قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئىشلارنى قىلدۇق. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى بىز قانداق قۇراشتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قانداق گۆش قوندۇرىمىزكىن». بۇ ئىشلار ئۇنى كۆز ئالدىدا ئېنىق بولغان چاغدا، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلدىم» دېدى
ئەنەس ئالىم: تۆۋەندىكى كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ: ئۇ ئۆگزىلىرى چۆكۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان يۇرتتىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇ: «ئاللاھ ئۆلگەن بۇ يۇرتنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇنى دەرھال ئۆلتۈردى ۋە يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ: «ئۆلۈك ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دېدى، ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز» دېدى. ئاللاھ: «ياق، يۈز يىل تۇردۇڭ. يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان نەرسىلىرىڭگە قارىغىن، بۇزۇلمىدى. ئېشىكىڭگە قارىغىن. سېنى ئىنسانلارغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈردۇق. شۇ سۆڭەكلەرنى قانداق قۇراشتۇرىدىغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارغا قانداق گۆش قوندۇرىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن» دېدى. ئۇ كىشى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىق كۆرۈپ: «ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەمدى ئوبدان بىلدىم» دېدى.
2 : 285 - ئايەت
كۆرۈش
آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ ۚ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ ۚ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ[285].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار: «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىمىز» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، ئى رەببىمىز! بىز سېنىڭ مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشەندى. مۇئمىنلارمۇ قۇرئانغا ئىشەندى. ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى ۋە: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىدىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز» دېدى. ئۇلار يەنە: «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق. رەببىمىز! بىزنى كەچۈرگىن، ئاخىرى سېنىڭ ھۇزۇرىڭغا قايتىمىز» دەيدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
25 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لِلَّذِينَ كَفَرُوا سَتُغْلَبُونَ وَتُحْشَرُونَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ ۚ وَبِئْسَ الْمِهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان تۆشەك»[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر (دۇنيادا) مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلىنىسىلەر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»
ئەنەس ئالىم: كافىرلارغا: «يېقىندا مەغلۇپ قىلىنىسىلەر ۋە جەھەننەمگە ھەيدىلىسىلەر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!» دېگىن.
3 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُلْ لِلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوْا ۖ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۇممىيلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە ۋە بىلىمسىزلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا) : «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشتىن باش تارتسا، ئۇ ھالدا، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلا بار، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن دەتالاش قىلىشسا، ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، ماڭا ئەگەشكەنلەرمۇ ئۆزلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇردى». كىتاب بېرىلگەنلەر بىلەن ئۇممىيلارغا: «ئىسلامنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، توغرا يولغا كىرگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، سېنىڭ ۋەزىپەڭ تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلارنى ئۆلتۈرىدىغان كىشىلەرگە چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولىدىغان، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
3 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
3 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتسا، ئاللاھ بۇنداق كافىرلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ كافىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
3 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىگە ئۈستۈن قىلىپ تاللىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى9، نۇھنى10، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى11 ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىسىنى12 تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلدى13.
3 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
ذُرِّيَّةً بَعْضُهَا مِنْ بَعْضٍ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئەۋلادلار بىر ـ بىرى بىلەن قانداشتۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىر - بىرى بىلەن نەسىلداشتۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَادَتْهُ الْمَلَائِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَىٰ مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىيسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: « ئاللاھ ھەقىقەتەن ساڭا ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى(ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى) نى ئىسپاتلىغۇچى، سەييىد(يولباشچى)، پەرھىزكار ۋە سالىھ پەيغەمبەر بولىدىغان يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدى: «ئاللاھ ساڭا يەھيا بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ14. ئۇ ئاللاھنىڭ كەلىمىسنى15 تەستىقلىغۇچىدۇر، ئېسىلدۇر، نومۇسچاندۇر ۋە سالىھلاردىن بىر نەبىيدۇر».
3 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهِ إِلَيْكَ ۚ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يُلْقُونَ أَقْلَامَهُمْ أَيُّهُمْ يَكْفُلُ مَرْيَمَ وَمَا كُنْتَ لَدَيْهِمْ إِذْ يَخْتَصِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ ـ ساڭا ۋەھىي قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. مەريەمنى ئۇلارنىڭ قايسىسى تەربىيەسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە (چەك تاشلاش يۈزىسىدىن) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدا، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ، (مەريەمنىڭ كىمنىڭ تەربىيەسىدە بولۇشىنى) ئۆزئارا جاڭجال قىلىشقانلىرىدا سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ - ساڭا ۋەھيى قىلىۋاتقىنىمىز ـ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئۇلار مەريەمنى تەربىيەلەشنى تالىشىپ(چەك تاشلاش شەكلىدە) قەلەملىرىنى (سۇغا) تاشلىغان چاغدىمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتە ئۆز ئارا دەتالاش قىلىشقان چاغدىمۇ سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. ئى مۇھەممەد! ئۇنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. سەن ئۇلار مەريەمنى بېقىشقا قايسىسىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن چەك تاشلاشقاندا ۋە بۇ توغرىدا تالاش - تارتىش قىلىشقاندا ئۇلارنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ.
3 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكِ بِكَلِمَةٍ مِنْهُ اسْمُهُ الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ وَجِيهًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ۋۇجۇدقا كەل دېگەن كەلىمىسى ئارقىلىق تۆرىلىدىغان بىر پەرزەنت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر مەريەمگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا ئۆزىنىڭ بىر كەلىمىسى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھتۇر. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق بولىدۇ. ئۇ ئاللاھقا يېقىن بەندىلەردىن بولىدۇ.
3 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا وَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدىمۇ كىشىلەرگە (ھەقىقەتنى) سۆزلەيدۇ ۋە ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئۇ بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىدىمۇ ئىنسانلارغا گەپ قىلىدۇ ۋە ئۇ ياخشىلاردىن بولىدۇ».
3 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَسُولًا إِلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنِّي قَدْ جِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ أَنِّي أَخْلُقُ لَكُمْ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ فَأَنْفُخُ فِيهِ فَيَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ وَأُحْيِي الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِ اللَّهِ ۖ وَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا تَأْكُلُونَ وَمَا تَدَّخِرُونَ فِي بُيُوتِكُمْ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ:) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە پەرۋاردىگارىڭلار ھۇزۇرىدىن بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەر ئۈچۈن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇ مۆجىزىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (مېنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيمەن - دە، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن قۇش بولىدۇ. مەن يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۇغما كورنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى ساقايتىمەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن. مەن يەنە ئۆيلىرىڭلاردا نېمە يەپ، نېمە ساقلايدىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق سىلەرگە خەۋەر بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۈچۈن بۇنىڭدا ئايەت بار، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار.
3 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن ئالدىمدىكى تەۋراتنى تەستىقلاش ۋە سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
3 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنْزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى شاھادەت ئېيتقانلار قاتارىدا قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىز سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردۇق. بۇ ئەلچىگە ئەگەشتۇق. بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن!».
3 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُؤْتِيَهُ اللَّهُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ثُمَّ يَقُولَ لِلنَّاسِ كُونُوا عِبَادًا لِي مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنْتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنْتُمْ تَدْرُسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ئىنسانغا ئاللاھ كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى لايىق بولمايدۇ (يەنى پەيغەمبەردىن مۇنداق گەپنىڭ سادىر بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ) ۋەلېكىن (ئۇ): «كىتابنى ئۆگەتكەنلىكىڭلار ۋە ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن رەببانى بولۇڭلار» (دەيدۇ)[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بىرەر ئىنسانغا كىتابنى، ھېكمەتنى، پەيغەمبەرلىكنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنساننىڭ كىشىلەرگە: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشى مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ ئىنسان: «سىلەر كىتابنى ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەنگەن ئىكەنسىلەر، پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىخلاسمەن بولۇڭلار» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار» دېيىشكە ھەددى ئەمەس، لېكىن ئۇ: «كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى رەببىڭلارغا ئاتىغان خالىس بەندىلەر بولۇڭلار» دەيدۇ.
3 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُمْ مِنْ كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنْصُرُنَّهُ ۚ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ إِصْرِي ۖ قَالُوا أَقْرَرْنَا ۚ قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» (دېدى). ئاللاھ: «(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنى بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن» دېدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلسام، كېيىن سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىكى شۇ كىتابنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئاللاھ: «بۇ ئەھدەمنى ئېتىراپ قىلىپ، شەرتلىرى بىلەن قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار: «ئېتىراپ قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداقتا بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى.
3 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنْزِلَ عَلَيْنَا وَمَا أُنْزِلَ عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَالنَّبِيُّونَ مِنْ رَبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا)،ئىيساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا): «بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىيساغا بېرىلگەن ئىنجىلغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ (پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتا) ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھقا ۋە بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا؛ ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا؛ مۇساغا، ئىيساغا ۋە باشقا بارلىق نەبىيلەرگە رەببى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق. بىز ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز19. بىز ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچى كىشىلەرمىز».
3 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
ضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الذِّلَّةُ أَيْنَ مَا ثُقِفُوا إِلَّا بِحَبْلٍ مِنَ اللَّهِ وَحَبْلٍ مِنَ النَّاسِ وَبَاءُوا بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَضُرِبَتْ عَلَيْهِمُ الْمَسْكَنَةُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانُوا يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ ۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَوْا وَكَانُوا يَعْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالدى، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدى. موھتاجلىققا چۆمدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكلىرى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەيەردە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە بولغانلىرىدىن باشقىلىرى خارلىققا پېتىپ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، موھتاجلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى، ئاللاھنىڭ پەرمانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قەيەردە بولسا بولسۇن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە ۋە مۇئمىنلارنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنمىغىچە خارلىققا چۆمىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ ۋە موھتاجىلىققا چۆمىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈندۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈندۇر.
3 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر.
3 : 144 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ ۚ أَفَإِنْ مَاتَ أَوْ قُتِلَ انْقَلَبْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ ۚ وَمَنْ يَنْقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَنْ يَضُرَّ اللَّهَ شَيْئًا ۗ وَسَيَجْزِي اللَّهُ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ[144].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، سىلەر ئىماندىن يېنىۋالامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىدىن يېنىۋالىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇھەممەد پەقەتلا بىر ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەر ئۆتتى. ئۇ ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
3 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ مَنَّ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ إِذْ بَعَثَ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْ أَنْفُسِهِمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِنْ كَانُوا مِنْ قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتنى) ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى؛ ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتىپ ناھايىتى چوڭ ئىنئام قىلدى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
3 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ فَقِيرٌ وَنَحْنُ أَغْنِيَاءُ ۘ سَنَكْتُبُ مَا قَالُوا وَقَتْلَهُمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَنَقُولُ ذُوقُوا عَذَابَ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز (يەنى نامە ـ ئەمالىغا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە بۇنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا يېزىشنى بۇيرۇيمىز) ھەمدە ئاخىرەتتە پەرىشتىلەر تىلى ئارقىلىق، كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيمىز[181].
تەرجىمە ھەيئىتى: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ پېقىر، بىز بولساق باي» دېگەن كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويىمىز ھەمدە ئۇلارغا: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ «ئاللاھ پېقىر، بىز باي» دېگەنلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكىنى يازىمىز ۋە مۇنداق دەيمىز: كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار!
3 : 183 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ عَهِدَ إِلَيْنَا أَلَّا نُؤْمِنَ لِرَسُولٍ حَتَّىٰ يَأْتِيَنَا بِقُرْبَانٍ تَأْكُلُهُ النَّارُ ۗ قُلْ قَدْ جَاءَكُمْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِي بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالَّذِي قُلْتُمْ فَلِمَ قَتَلْتُمُوهُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(تەۋراتتا) ئاللاھ بىزنى (ئاسماندىن چۈشكەن) ئاتەش يەپ كېتىدىغان بىر قۇربانلىق كەلتۈرمىگۈچە ھەقىقەتەن ھېچبىر پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرمەسلىككە بۇيرۇدى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مۆجىزىلەر كەلدى ۋە سىلەر ئېيتقان مۆجىزە بىلەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەر كەلدى؛ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»[183].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى (تەۋراتتا) ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر قۇربانلىق قىلىپ، قىلغان قۇربانلىقىنى (قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان) بىر ئوت كېلىپ كۆيدۈرۈۋەتمىگۈچىلىك ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەسلىككە بۇيرۇغان» دېدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەندىن بۇرۇن ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر سىلەرگە نۇرغۇن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى؛ ئەگەر دېگىنىڭلار راست بولسا، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئاللاھ بىزگە، ئوت كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىرەر قۇربانلىق مۆجىزىسى كۆرسەتمىگۈچە ھېچبىر ئەلچىگە ئىشەنمەسلىكنى تاپشۇرغان» دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەندىن ئىلگىرى سىلەرگە نۇرغۇن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ۋە سىلەر دېگەن مۆجىزىنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈردۈڭلار؟».
3 : 184 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ جَاءُوا بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن، مۆجىزىلەرنى، كىتابلارنى (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش ساماۋى كىتابلارنى) ۋە نۇرلۇق كىتابنى (يەنى تەۋرات، ئىنجىلغا ئوخشاشلارنى) ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانغا چىقىرىلغان ئىدى[184].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سېنى يالغانچى دېگەن بولسا (قايغۇرۇپ كەتمىگىن)، سەندىن ئىلگىرى مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەر يالغانچى دېيىلگەن. ئۇلار روشەن دەلىللەرنى، ئىلاھىي سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
3 : 194 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَآتِنَا مَا وَعَدْتَنَا عَلَىٰ رُسُلِكَ وَلَا تُخْزِنَا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن»[194].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىزگە ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن، سەن ۋەدەڭگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايسەن».
نىسا سۈرىسى
24 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئەھكاملار ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
4 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، (گۇناھىڭلاردىن قىلغان) تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ئەھكاملارنى ئوچۇق بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى، تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ بِشَهِيدٍ وَجِئْنَا بِكَ عَلَىٰ هَٰؤُلَاءِ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە (ئى مۇھەممەد!) سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر پەيغەمبەرنى گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن ۋە سېنىمۇ ئۈممىتىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا، ئەھۋال قانداق بولار؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئۇممەتتىن بىر گۇۋاھچى كەلتۈرگەن ۋە سېنى بۇلارغا گۇۋاھچى قىلىپ كەلتۈرگەن چېغىمىزدا ئەھۋال قانداق بولار؟
4 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ آمِنُوا بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَطْمِسَ وُجُوهًا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰ أَدْبَارِهَا أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّا أَصْحَابَ السَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن) ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى ئاللاھ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن ئىلگىرى ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، بىز نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلدىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن
ئەنەس ئالىم: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. بۇنى بىز بىر تۈركۈم يۈزلەرنى ئۆچۈرۈپ تۈپتۈز قىلىپ ئارقىلىرىغا قايتۇرۇۋېتىشتىن ياكى بىز ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغىنىمىزدەك لەنەت قىلىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇچىدۇر.
4 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنْكُمْ ۖ فَإِنْ تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّهِ وَالرَّسُولِ إِنْ كُنْتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر ئىشتا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە (يەنى قۇرئانغا ۋە ھەدىسكە) مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر بىرەر نەرسىدە تالاش - تارتىش قىلىشىپ قالساڭلار، ئۇنى ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار. ئەنە شۇ خەيرلىكتۇر ۋە نەتىجە جەھەتتە بەك ياخشىدۇر.
4 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَىٰ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ رَأَيْتَ الْمُنَافِقِينَ يَصُدُّونَ عَنْكَ صُدُودًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) غا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب تەرەپكە ۋە پەيغەمبەر تەرەپكە كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇناپىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھقا كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇنافىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.
4 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا لِيُطَاعَ بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ إِذْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ جَاءُوكَ فَاسْتَغْفَرُوا اللَّهَ وَاسْتَغْفَرَ لَهُمُ الرَّسُولُ لَوَجَدُوا اللَّهَ تَوَّابًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەر قانداق پەيغەمبەرنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەقەت ئىتائەت قىلىنىش ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ)، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (سېنىڭ ھۆكمىڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەربىر پەيغەمبەرنى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنسۇن دەپلا ئەۋەتتۇق، مۇناپىقلار (سېنىڭ ھۆكمۈڭنى قوبۇل قىلماي) ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغاندا، سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالاتتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ھەر ئەلچىنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىتائەت قىلىنىشى ئۈچۈنلا ئەۋەتتۇق. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان چاغلىرىدا يېنىڭغا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەن بولسا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان سەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگەن بولساڭ31، ئۇلار ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرەتتى.
4 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا وَرَبِّكَ لَا يُؤْمِنُونَ حَتَّىٰ يُحَكِّمُوكَ فِيمَا شَجَرَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ لَا يَجِدُوا فِي أَنْفُسِهِمْ حَرَجًا مِمَّا قَضَيْتَ وَيُسَلِّمُوا تَسْلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، مۇناپىقلار دەتالاش توغرىسىدا ساڭا ھۆكۈم چىقارغۇزمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمۈڭگە چىن كۆڭلىدىن رازى بولمىغۇچە ۋە ساڭا پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئىش ئۇ مۇنافىقلار ئويلىغاندەك ئەمەس. رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىلىرىدا چىققان تالاش - تارتىشلاردا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەيىنلەپ، ئاندىن سەن چىقارغان ھۆكۈمگە دىللىرىدا قىلچە غۇم ھېس قىلماستىن تولۇق تەسلىم بولمىغىچە ھەرگىزمۇ مۇئمىن بولمايدۇ.
4 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَالرَّسُولَ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ وَالصِّدِّيقِينَ وَالشُّهَدَاءِ وَالصَّالِحِينَ ۚ وَحَسُنَ أُولَٰئِكَ رَفِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: كىملەركى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار![69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان كىشىلەر (ئاخىرەتتە) ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر!
4 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ۖ وَمَا أَصَابَكَ مِنْ سَيِّئَةٍ فَمِنْ نَفْسِكَ ۚ وَأَرْسَلْنَاكَ لِلنَّاسِ رَسُولًا ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (مۇ قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز (پۈتۈن) ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) شاھىتلىققا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق ئۆزۈڭنىڭ شۇملۇقىدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ بۇنىڭغا يېتەرلىك شاھىتتۇر
ئەنەس ئالىم: ساڭا قانداق ياخشىلىق يەتسە ئاللاھتىندۇر. ساڭا قانداق يامانلىق يەتسە ئۆزۈڭدىندۇر37. بىز سېنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر.
4 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ ۖ وَمَنْ تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئىتائەتتىن باش تارتىدىكەن، (ئى مۇھەممەد! بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق
ئەنەس ئالىم: كىم رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق.
4 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ لَا تُكَلَّفُ إِلَّا نَفْسَكَ ۚ وَحَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ ۖ عَسَى اللَّهُ أَنْ يَكُفَّ بَأْسَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَاللَّهُ أَشَدُّ بَأْسًا وَأَشَدُّ تَنْكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن (يەنى ئۆزۈڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن، ساڭا غەلىبە ۋەدە قىلىنغان. مۇناپىقلارنىڭ جىھادتىن قېلىپ قالغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمە.) سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكار سەن، مۆمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كاپىرلار كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغىن، بۇ ساڭىلا قويۇلغان تەلەپ، مۆمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ كافىرلارنىڭ ئۇرۇشىنى توسۇپ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر. ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقىن38، سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا مەسئۇل قىلىنغانسەن، مۇئمىنلارنى قىزىقتۇرغىن. ئاللاھ كافىرلارنىڭ كۈچىنى توسۇشى مۇمكىن. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، قاتتىق جازالىغۇچىدۇر.
4 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![115].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كىمكى توغرا يولنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلسا ۋە مۇئمىنلارنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگەشسە، بىز ئۇنى كىرگەن يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
4 : 138 - ئايەت
كۆرۈش
بَشِّرِ الْمُنَافِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[138].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنافىقلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلارغا چوقۇم ئەلەملىك ئازاب بار.
4 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيُرِيدُونَ أَنْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ اللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍ وَنَكْفُرُ بِبَعْضٍ وَيُرِيدُونَ أَنْ يَتَّخِذُوا بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، (ئىمان كەلتۈرۈشتە) ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ۋە ئىمان بىلەن كۇفرنىڭ ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار - ئەنە شۇلار ھەقىقىي كافىرلاردۇر، بىز كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغان، «بەزىسىگە ئىشىنىمىز ۋە بەزىسىنى ئىنكار قىلىمىز» دېگەن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدا يول تۇتماقچى بولغانلار،
4 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَمْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ أُولَٰئِكَ سَوْفَ يُؤْتِيهِمْ أُجُورَهُمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئاجرىتىۋەتمىگەن (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە ئاللاھ ئۇلارنىڭ (تېگىشلىك) ئەجىرلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىپ قويمىغان كىشىلەرگە ئاللاھ (تېگىشلىك) ئەجىر ئاتا قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمىگەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا يېقىندا ئەجرىلىرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُكَ أَهْلُ الْكِتَابِ أَنْ تُنَزِّلَ عَلَيْهِمْ كِتَابًا مِنَ السَّمَاءِ ۚ فَقَدْ سَأَلُوا مُوسَىٰ أَكْبَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَقَالُوا أَرِنَا اللَّهَ جَهْرَةً فَأَخَذَتْهُمُ الصَّاعِقَةُ بِظُلْمِهِمْ ۚ ثُمَّ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَاتُ فَعَفَوْنَا عَنْ ذَٰلِكَ ۚ وَآتَيْنَا مُوسَىٰ سُلْطَانًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى سورايدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك ئۇلارنى چاقماق سوقتى (يەنى ئاسماندىن بىر ئوت كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى). ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىن موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇساغا (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەردىن) روشەن پاكىت ئاتا قىلدۇق[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن بىر كىتاب چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلار مۇسادىن بۇنىڭدىنمۇ چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئاپئاشكارا كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چاقماق سوقتى. روشەن مۆجىزىلەر كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇلار موزاينى مەبۇد قىلىۋالدى. كېيىن بىز ئۇلارنى ئەپۇ قىلدۇق. بىز مۇسانى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىلگە ئىگە قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەھلى كىتاب سەندىن ئۆزلىرىگە ئاسماندىن كىتاب چۈشۈرۈشىڭنى سورايدۇ. ئۇلار مۇسادىن ئۇنىڭدىن چوڭراقىنى سوراپ: «بىزگە ئاللاھنى ئوچۇق كۆرسەتكىن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى زۇلۇم64 قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۇ شىددەتلىك گۈلدۈرماما باستى. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن موزايغا چوقۇندى. ئاندىن بىز ئۇنى ئەپۇ قىلدۇق، بىز مۇساغا روشەن دەلىل بەردۇق.
4 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ وَكُفْرِهِمْ بِآيَاتِ اللَّهِ وَقَتْلِهِمُ الْأَنْبِيَاءَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَقَوْلِهِمْ قُلُوبُنَا غُلْفٌ ۚ بَلْ طَبَعَ اللَّهُ عَلَيْهَا بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ۋە (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق)، بەلكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەھدىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە دىللىرىمىز پەردىلەنگەن (يەنى سۆزۈڭنى چۈشەنمەيمىز) دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق)، ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى سەۋەبىدىن دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولغانلىقى، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە «قەلبلىرىمىز پەردىلىكتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق65. بەلكى ئاللاھ ئۇ قەلبلەرنى ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن پېچەتلىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاز ئىشىنىدۇ.
4 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِنْ شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ ۚ مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋەلېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (يەنى ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرمىدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلار) يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، دارغا ئاسقانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلارغا (باشقا بىرى ئىيساغا) ئوخشاش كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار ئىيسانى ئاستۇق دەپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى زادى ئۆلتۈرەلىگىنى يوق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «مەريەمنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا مەسىھنى چوقۇم بىز ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى، لېكىن ئۇلارغا شۇنداق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ئەلۋەتتە شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىلىمى يوق، لېكىن ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرمىدى.
4 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَىٰ نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ ۚ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھىي قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھىي قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلەيمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق.
4 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِنْ قَبْلُ وَرُسُلًا لَمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ ۚ وَكَلَّمَ اللَّهُ مُوسَىٰ تَكْلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار، ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار. ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) گەپ قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلمىغان ئەلچىلەرنىمۇ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى.
4 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
رُسُلًا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ پەيغەمبەرلەرنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىشىمىز كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەرلەر كەلگەندىن كېيىن (ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) ئاللاھ ئالدىدا باھانە كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى خۇش خەۋەر بەرگۈچىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلار قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۇ ئەلچىلەردىن كېيىن ئاللاھقا قارشى ھېچ باھانىسى بولمىسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 170 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الرَّسُولُ بِالْحَقِّ مِنْ رَبِّكُمْ فَآمِنُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى. ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[170].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! بۇ پەيغەمبەر سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقنى ئېلىپ كەلدى، شۇڭا سىلەر ئىمان ئېيتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق. ئەگەر كۇفرنى داۋاملاشتۇرساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! بۇ رەسۇل سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەقنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا ئىمان ئېيتىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمْ بُرْهَانٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ نُورًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (شانلىق مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت) ئوچۇق دەلىل كەلدى، سىلەرگە روشەن نۇرنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەسكىن دەلىل كەلدى، سىلەرگە پارلاق نۇر (يەنى قۇرئان) نى نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن كەسكىن دەلىل كەلدى. بىز سىلەرگە پارلاق نۇر نازىل قىلدۇق.
مائىد سۈرىسى
20 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَبَعَثْنَا مِنْهُمُ اثْنَيْ عَشَرَ نَقِيبًا ۖ وَقَالَ اللَّهُ إِنِّي مَعَكُمْ ۖ لَئِنْ أَقَمْتُمُ الصَّلَاةَ وَآتَيْتُمُ الزَّكَاةَ وَآمَنْتُمْ بِرُسُلِي وَعَزَّرْتُمُوهُمْ وَأَقْرَضْتُمُ اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا لَأُكَفِّرَنَّ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَلَأُدْخِلَنَّكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۚ فَمَنْ كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مەھكەم ئەھدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن (يەنى ئون ئىككى ئايماقنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن) ئون ئىككى باشلىقنى (كېپىللىك ئۈچۈن جەببارلارغا يەنى ئەمالىقەلەرگە) ئەۋەتتۇق ھەمدە ئاللاھ : «مەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن، (ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى) ئەگەر سىلەر نامازنى (تەلەپكە لايىق) ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار)، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى مەھكەم ئەھدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى (ئەمر قىلغان نەرسىلىرىمنى) ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن چىن ۋەدە ئالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى باشلىقنى تاللاپ چىقىتۇق ھەمدە ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، ئەگەر سىلەر نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسەڭلار، زاكات بەرسەڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل ـ مېلىڭلارنى سەرپ قىلساڭلار، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىمەن، سىلەرنى ئەلۋەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. شۇنىڭدىن (يەنى چىن ۋەدىدىن) كېيىن سىلەردىن كىمكى ئۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى. بىز ئۇلاردىن ئون ئىككى باشلىقنى خىزمەتكە بەلگىلىدۇق. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار، ئۇلارنى قوللاپ ھۆرمەتلىسەڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. سىلەردىن كىم ئۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ».
5 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ ۚ قَدْ جَاءَكُمْ مِنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (يەنى ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرگە كىتابىڭلاردىكى سىلەر يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇنىنى (ئاشكارىلىماي) كەچۈرۈۋېتىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب قۇرئان كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ12. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھتىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى.
5 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ عَلَىٰ فَتْرَةٍ مِنَ الرُّسُلِ أَنْ تَقُولُوا مَا جَاءَنَا مِنْ بَشِيرٍ وَلَا نَذِيرٍ ۖ فَقَدْ جَاءَكُمْ بَشِيرٌ وَنَذِيرٌ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بىزگە (ساۋاب بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە (شەرىئەتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى (ئەمدى سىلەرگە ئۆزرە قالمىدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرنىڭ بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەر ئۈزۈلۈپ قالغان بىر زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى، ھەقىقەتەن سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، ئەلچىلەر ئۈزۈلۈپ قالغان زاماندا سىلەرگە ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئەلچىمىز كەلدى. ئەمدى سىلەر: «بىزگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىدى» دېيەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
5 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَعَلَ فِيكُمْ أَنْبِيَاءَ وَجَعَلَكُمْ مُلُوكًا وَآتَاكُمْ مَا لَمْ يُؤْتِ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمىگە ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد قىلىڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا (سىلەرنى توغرا دىنغا يېتەكلەيدىغان) نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سىلەردىن پادىشاھلار قىلدى (يەنى ئۆزەڭلارنى ئۆزەڭلارغا خوجا قىلدى). سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن (دەريانى يېرىپ ئوتتۇرىسىدىن يول ئېچىپ بېرىش، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ بېرىش، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بېرىش قاتارلىق) نېمەتلەرنى بەردى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمگە ئېيتقان ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن، سىلەردىن پادىشاھلارنى چىقارغان، سىلەرگە جاھان ئەھلىدىن ھېچ كىشىگە بەرمىگەن نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىڭلاردا نەبىيلەر قىلغان، سىلەرنى ھۆكۈمدارلار قىلغان ۋە ئالەملەردىن ھېچكىمگە بەرمىگىنىنى سىلەرگە بەرگەن ئىدى.
5 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ أَجْلِ ذَٰلِكَ كَتَبْنَا عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنَّهُ مَنْ قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ بَعْدَ ذَٰلِكَ فِي الْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستتىنلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولغاندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا راستتىنلا ئېنىق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنداق دەپ يازدۇق: «كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ». شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇلاردىن كېيىن زېمىندا ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشماقتىدۇر.
5 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ ۚ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ ۚ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل ـ مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار). كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا ھىدايەت ۋە نۇر بار، ئىتائەتمەن پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىۋېتىشتىن) ساقلاشقا نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇ كافىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر.
5 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ فِيهِ هُدًى وَنُورٌ وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) تەستىقلىغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچى ئىيسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلىدىغان، تەقۋادارارغا ھىدايەت ۋە پەند-نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىچىدە ھىدايەت ۋە نۇر بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق.
5 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ بَلِّغْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَإِنْ لَمْ تَفْعَلْ فَمَا بَلَّغْتَ رِسَالَتَهُ ۚ وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، سەن ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپەڭنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! رەببىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاننى تەبلىغ قىلغىن22. ئەگەر قىلمىساڭ ئۇ تاپشۇرغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزمىگەن بولىسەن. ئاللاھ سېنى ئىنسانلاردىن ساقلايدۇ. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ.
5 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ رُسُلًا ۖ كُلَّمَا جَاءَهُمْ رَسُولٌ بِمَا لَا تَهْوَىٰ أَنْفُسُهُمْ فَرِيقًا كَذَّبُوا وَفَرِيقًا يَقْتُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز بەنى ئىسرائىلدىن ھەقىقەتەن چىن ئەھدە ئالدۇق. ئۇلارغا (دىننىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن) پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر بۆلۈكىنى يالغانچى قىلدى، بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ھەقىقەتەن چىن ۋەدە ئالدۇق. ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر ئۇلار ياقتۇرمايدىغان ئەھكامنى ئېلىپ كەلسە، ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق ۋە ئۇلارغا ئەلچىلەر ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئەلچى ئۇلارغا، كۆڭۈللىرى ياقتۇرمايدىغان نەرسە ئېلىپ كەلسە، ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يالغانچى دېدى، بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتى.
5 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
مَا الْمَسِيحُ ابْنُ مَرْيَمَ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِ الرُّسُلُ وَأُمُّهُ صِدِّيقَةٌ ۖ كَانَا يَأْكُلَانِ الطَّعَامَ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُبَيِّنُ لَهُمُ الْآيَاتِ ثُمَّ انْظُرْ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەتلا پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايال ئىدى، ئۇ ئىككىسى (باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا) تاماق يەيتتى. بىزنىڭ ئۇلارغا (يەنى ناسارالارغا) بۇ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغىمۇ قارىغىن
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ پەقەتلا ئەلچىدۇر. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەلچىلەر ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل ئايالدۇر. ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى. قارىغىنا، ئۇلارغا ئايەتلەرنى قانداق بايان قىلىۋاتىمىز. ئاندىن يەنە قارىغىنا، ئۇلار قانداق بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ.
5 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَاحْذَرُوا ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاسىيلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار27. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
5 : 99 - ئايەت
كۆرۈش
مَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا تَكْتُمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[99].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
5 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ يَجْمَعُ اللَّهُ الرُّسُلَ فَيَقُولُ مَاذَا أُجِبْتُمْ ۖ قَالُوا لَا عِلْمَ لَنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «(قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغىنىڭلاردا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولدۇڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سېنىڭ بىلگىنىڭگە سېلىشتۇرغاندا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن» دەيدۇ[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەرنى يىغىپ: «سىلەر (قەۋمىڭلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغاندا) قانداق جاۋابقا ئىگە بولغان ئىدىڭلار؟» دەپ سورايدۇ، ئۇلار: «(سەن بىلدۈرگەندىن باشقا) بىز ھېچ نەرسە بىلمەيمىز، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىسەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىر كۈنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىلىرىنى يىغىدۇ ۋە: «سىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىلدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىزنىڭ ھېچ ئىلمىمىز يوق، شۈبھىسىزكى، سەن غەيىبلەرنى ئوبدان بىلگۈچىدۇرسەن» دەيدۇ.
5 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ وَعَلَىٰ وَالِدَتِكَ إِذْ أَيَّدْتُكَ بِرُوحِ الْقُدُسِ تُكَلِّمُ النَّاسَ فِي الْمَهْدِ وَكَهْلًا ۖ وَإِذْ عَلَّمْتُكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ ۖ وَإِذْ تَخْلُقُ مِنَ الطِّينِ كَهَيْئَةِ الطَّيْرِ بِإِذْنِي فَتَنْفُخُ فِيهَا فَتَكُونُ طَيْرًا بِإِذْنِي ۖ وَتُبْرِئُ الْأَكْمَهَ وَالْأَبْرَصَ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ تُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ بِإِذْنِي ۖ وَإِذْ كَفَفْتُ بَنِي إِسْرَائِيلَ عَنْكَ إِذْ جِئْتَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن؛ ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ. ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم. ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى. مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ. ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ. ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقتىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن: شۇ چاغدا سېنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن قوللىغان ئىدىم، بۆشۈكتىكى چېغىڭدا ۋە ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرچە) سۆزلەيتتىڭ؛ شۇ چاغدا ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى بىلدۈرگەن ئىدىم. شۇ چاغدا مېنىڭ ئىرادەم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ، ئۇنى پۈۋلىسەڭ، ئۇ مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى؛ سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ؛ شۇ چاغدا سەن مېنىڭ ئىرادەم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن) چىقىراتتىڭ؛ شۇ چاغدا مەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى ساڭا چېقىلىشتىن توسقان ئىدىم. سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كافىرلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! مېنىڭ ساڭا ۋە ئاناڭغا ئاتا قىلغان نېمىتىمنى ياد ئەتكىن. سېنى روھۇلقۇدۇس بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدىم. سەن ئىنسانلارغا بۆشۈكتىمۇ، ئوتتۇرا ياش چېغىڭدىمۇ گەپ قىلاتتىڭ. ساڭا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتكەن ئىدىم. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن لايدىن قۇش شەكلىدە بىر نەرسە ياساپ ئىچىگە پۈۋلەيتتىڭ، ئۇ مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن قۇش بولاتتى. تۇغما كور ئادەمنى ۋە ئاقكېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئادەمنى مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ساقايتاتتىڭ. مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىراتتىڭ. ئىسرائىل ئەۋلادىنى سەندىن توسقان ئىدىم، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ، ئۇلاردىن كافىر بولغانلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن ئىدى.
5 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَوْحَيْتُ إِلَى الْحَوَارِيِّينَ أَنْ آمِنُوا بِي وَبِرَسُولِي قَالُوا آمَنَّا وَاشْهَدْ بِأَنَّنَا مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا مەن ھاۋارىيلارغا(سەن ئارقىلىق) : «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھيى چۈشۈرگەن ئىدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، سەن بىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمىزغا گۇۋاھ بولغىن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەن ھەۋارىيلارغا: «ماڭا ۋە مېنىڭ ئەلچىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلغان ئىدىم. ئۇلار: «ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز مۇسۇلمانمىز» دېگەن ئىدى.
5 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَنْ يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېدى[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا ھاۋارىيلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئاسماندىن تاماق بار بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئىيسا: «ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھتىن قورقۇڭلار» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلار: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېگەن ئىدى، ئىيسا: «مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېدى.
5 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا نُرِيدُ أَنْ نَأْكُلَ مِنْهَا وَتَطْمَئِنَّ قُلُوبُنَا وَنَعْلَمَ أَنْ قَدْ صَدَقْتَنَا وَنَكُونَ عَلَيْهَا مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا (يەنى داستىخانغا) گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، (بۇ ئارقىلىق) كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ۋە شۇ داستىخاننىڭ چۈشكەنلىكىگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى خالايمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ ئارام تېپىشىنى، سېنىڭ بىزگە راست سۆزلىگەنلىكىڭنى بىلىشنى ۋە شاھىتلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى.
5 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە تائام بار بىر داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەن بىزگە ئاتا قىلغان بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن34. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
5 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ اللَّهُ إِنِّي مُنَزِّلُهَا عَلَيْكُمْ ۖ فَمَنْ يَكْفُرْ بَعْدُ مِنْكُمْ فَإِنِّي أُعَذِّبُهُ عَذَابًا لَا أُعَذِّبُهُ أَحَدًا مِنَ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن تۇزكورلۇق قىلسا، ئۇنى ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان ئازاب بىلەن ئازابلايمەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن ئۇ داستىخاننى سىلەرگە چوقۇم چۈشۈرىمەن. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن سىلەردىن كىم تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ئۇنى شۇنداق ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئالەملەردىن ھېچكىمنى ئۇ ئازاب بىلەن ئازابلىمايمەن» دېدى.
5 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلَّا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ ۚ وَكُنْتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ ۖ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنْتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنْتَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان: <مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار> دېگەن سۆزنىلا ئېيتقان ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى ئېلىپ كەتكىنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ. سەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان مۇنۇ سۆزنىلا ئېيتتىم: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار›. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا، ئۇلارنى كۆرەتتىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتكۈچى پەقەتلا سەن ئىدىڭ. سەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن.
ئەنئام سۈرىسى
30 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ كِتَابًا فِي قِرْطَاسٍ فَلَمَسُوهُ بِأَيْدِيهِمْ لَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كاپىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ روشەن دەلىل كەلگەندىمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) سەھىپىگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كافىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار، شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى
ئەنەس ئالىم: ئي مۇھەممەد! ئەگەر بىز ساڭا قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتاب نازىل قىلغان ۋە ئۇلار ئۇنى ئۆز قوللىرى بىلەن تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئۇ كافىرلار چوقۇم: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيتتى.
6 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ مَلَكٌ ۖ وَلَوْ أَنْزَلْنَا مَلَكًا لَقُضِيَ الْأَمْرُ ثُمَّ لَا يُنْظَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ) نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشمىدى؟» دەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن بولاتتى (يەنى بۇ چاغدا ھەقنى ئىنكار قىلسا، ھالاك قىلىناتتى)، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مۇھەممەدكە نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، ئاندىن ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر بىز پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەستىن ئىشلىرى تۈگىتىلگەن بولاتتى.
6 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ جَعَلْنَاهُ مَلَكًا لَجَعَلْنَاهُ رَجُلًا وَلَلَبَسْنَا عَلَيْهِمْ مَا يَلْبِسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر شۈبھىگە چۈشۈرگەندەك يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار «بۇ پەرىشتە ئەمەس، ئىنسان ئىكەنغۇ!» دەيتتى)
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئەلچىنى پەرىشتىدىن قىلغان بولساق، ئۇنى يەنە ئەر كىشى سۈرىتىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر چۈشكەن شۈبھىلىرىگە يەنە چۈشۈرەتتۇق.
6 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (مۇ كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىنغان ئىدى، مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئۇلار كۆزگە ئىلمىغان ئازاب چۈشتى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى2.
6 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَيُّ شَيْءٍ أَكْبَرُ شَهَادَةً ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ شَهِيدٌ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا الْقُرْآنُ لِأُنْذِرَكُمْ بِهِ وَمَنْ بَلَغَ ۚ أَئِنَّكُمْ لَتَشْهَدُونَ أَنَّ مَعَ اللَّهِ آلِهَةً أُخْرَىٰ ۚ قُلْ لَا أَشْهَدُ ۚ قُلْ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ وَإِنَّنِي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدامەن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر. بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەلەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن بۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىرلا ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلار بىلەن مېنىڭ قىلچە ئالاقەم يوق»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قايسى شەيئىنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ بۈيۈكتۇر؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھچىدۇر. بۇ قۇرئان ماڭا، بۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ۋە بۇ يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. سىلەر راستتىنلا ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلار بار دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «مەن گۇۋاھلىق بەرمەيمەن!». ئېيتقىنكى: «ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر. مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن چوقۇم ئادا - جۇدامەن».
6 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ نَعْلَمُ إِنَّهُ لَيَحْزُنُكَ الَّذِي يَقُولُونَ ۖ فَإِنَّهُمْ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ الظَّالِمِينَ بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن جېنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغانلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلار سېنى يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن ئۇ زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ.
6 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ فَصَبَرُوا عَلَىٰ مَا كُذِّبُوا وَأُوذُوا حَتَّىٰ أَتَاهُمْ نَصْرُنَا ۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ وَلَقَدْ جَاءَكَ مِنْ نَبَإِ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى، ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچقانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى ساڭا نازىل بولدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئۇلار بۇ بوھتانلارغا ۋە ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى. ئاللاھنىڭ سۆزىنى ھەر قانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزۈلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە چاپلانغان بوھتانلارغا ۋە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى. ئاخىرى ئۇلارغا نۇسرىتىمىز كەلدى. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ساڭا ئۇ ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرى كەلدى.
6 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآيَةٍ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَىٰ ۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى. سەن ھەرگىز (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا سەن يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە يىغقان بولاتتى، شۇڭا سەن ھەرگىز نادانلاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولمىغىن!
6 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قُلْ إِنَّ اللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَنْ يُنَزِّلَ آيَةً وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە نازىل بولۇپ ئىمان ئېيتمىسا بالاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن (بىز تەلەپ قىلغان) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىردۇر». لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (مۆجىزە چۈشۈرۈلمەستىكى ھېكمەتنى) بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
6 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُمْ بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق (ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاندىن بىز ئۇ ئۈممەتلەرنى ئاللاھقا يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاندىن بىز ئۇلارنى يېلىنىپ -يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا -مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.
6 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ بَغْتَةً أَوْ جَهْرَةً هَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟»[47]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، ھالاك قىلىنىدىغىنى دەل شۇ كۇفرلىق قىلغان قەۋم بولماي كىملەر بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟».
6 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ ۖ فَمَنْ آمَنَ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ [48].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. ئىمان ئېيتقان ۋە قىلمىشىنى تۈزەتگەن كىشىلەرگە ئەنسىرەش ۋە قايغۇرۇش يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئەلچىلەرنى ئازاب كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كىم ئىمان ئېيتسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
6 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ ۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن باراۋەرمۇ؟) ئويلاپ باقمامسىلەر؟»[50]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، مەن غەيبنى بىلىمەن دەپمۇ ئېيتمايمەن، سىلەرگە، مەن ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن. مەن غەيبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: ‹مەن چوقۇم پەرىشتە› دېمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن». ئېيتقىنكى: «كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟».
6 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
لِكُلِّ نَبَإٍ مُسْتَقَرٌّ ۚ وَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ھەر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار. يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر6.
6 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً ۖ إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «سەن بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا دەپ قارايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارنى ئىلاھلار قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېدى.
6 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ حُجَّتُنَا آتَيْنَاهَا إِبْرَاهِيمَ عَلَىٰ قَوْمِهِ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر. بىز خالىغان كىشىنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر. بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
6 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياس قاتارلىقلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى.
6 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطًا ۚ وَكُلًّا فَضَّلْنَا عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسمائىل، ئىليەسە، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) تامامى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسمائىل، ئەليەسەئـ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەربىرىنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.
6 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ آبَائِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ وَإِخْوَانِهِمْ ۖ وَاجْتَبَيْنَاهُمْ وَهَدَيْنَاهُمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىسىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق.
6 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ۚ فَإِنْ يَكْفُرْ بِهَا هَٰؤُلَاءِ فَقَدْ وَكَّلْنَا بِهَا قَوْمًا لَيْسُوا بِهَا بِكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە ئۇلارنى تاپشۇرىمىز[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مەككىلىكلەر بۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، بۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋمگە تاپشۇرىمىز11.
6 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۖ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى يەتكۈزگىنىمگە سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن ۋە ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قۇرئان يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئەجىر سورىمايمەن. قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا ئەسلىتىشتۇر»12.
6 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ جَاءَتْهُمْ آيَةٌ لَيُؤْمِنُنَّ بِهَا ۚ قُلْ إِنَّمَا الْآيَاتُ عِنْدَ اللَّهِ ۖ وَمَا يُشْعِرُكُمْ أَنَّهَا إِذَا جَاءَتْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە، بىز ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر» دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى سىلەر بىلەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر». ئى مۇئمىنلار! سىلەر نەدىن بىلىسىلەركى، ئۇلار مۆجىزە كەلگەندىمۇ ئىشەنمەيدۇ.
6 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّنَا نَزَّلْنَا إِلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ الْمَوْتَىٰ وَحَشَرْنَا عَلَيْهِمْ كُلَّ شَيْءٍ قُبُلًا مَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ يَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن (يەنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغان) تەقدىردىمۇ، ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا (يەنى كافىرلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغاندەك) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئىرادە قىلمىغۇچە، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى ئۇقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولساق، ئۆلۈكلەر ئۇلارغا گەپ قىلغان بولسا ۋە ھەر نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا توپ - توپ ھالەتتە يىغقان بولساق، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايتتى، پەقەت ئۇلار ئاللاھ خالىغان تەقدىردە ئىمان ئېيتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى جاھىللىق قىلىدۇ.
6 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا جَاءَتْهُمْ آيَةٌ قَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَا أُوتِيَ رُسُلُ اللَّهِ ۘ اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ ۗ سَيُصِيبُ الَّذِينَ أَجْرَمُوا صَغَارٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا كَانُوا يَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) «بىزگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئايەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بىزگىمۇ بېرىلمىگۈچە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچىلىكنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇناھ قىلغانلارغا يېقىندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خورلۇق ۋە قاتتىق ئازاب يېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە -مىكىر قىلغان.
6 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا شَهِدْنَا عَلَىٰ أَنْفُسِنَا ۖ وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتىدۇكى، «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» (دېيىلگەندە)، ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغاندۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا «ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە ئەينەن بايان قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، گۇناھ بىزدە» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالدىغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
6 : 131 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ أَنْ لَمْ يَكُنْ رَبُّكَ مُهْلِكَ الْقُرَىٰ بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق[131].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ پەيغەمبەر ئەۋەتىش شۇ سەۋەبتىنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن غەپلەتتە تۇرغان ۋاقتىدا ھالاك قىلغان ئەمەس
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشۇنداقتۇر، چۈنكى رەببىڭ ئاھالىسى بىخەۋەر ھالەتتىكى يۇرتلارنى زۇلۇم بىلەن ھالاك قىلمايدۇ19.
6 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَآتٍ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم كېلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
6 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۗ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ»[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ئەقىدەڭلار بويىچە قىلىدىغىنىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، مەنمۇ قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرەي. ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر. كۇفرلىق قىلغۇچىلار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار. مەنمۇ قىلىمەن. بۇ دۇنيا يۇرتىنىڭ ئاقىۋىتى كىمگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».
6 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ رَبُّكُمْ ذُو رَحْمَةٍ وَاسِعَةٍ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُهُ عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (لېكىن) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، ئېيتقىنكى: «رەببىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ شىددەتلىك ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ».
6 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ تَقُولُوا إِنَّمَا أُنْزِلَ الْكِتَابُ عَلَىٰ طَائِفَتَيْنِ مِنْ قَبْلِنَا وَإِنْ كُنَّا عَنْ دِرَاسَتِهِمْ لَغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (مېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ، پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: (مېنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ «پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ، «بىزدىن بۇرۇنقى ئىككى تائىپىگىلا كىتاب نازىل قىلىنغان. بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر.
ئەئراف سۈرىسى
36 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
كِتَابٌ أُنْزِلَ إِلَيْكَ فَلَا يَكُنْ فِي صَدْرِكَ حَرَجٌ مِنْهُ لِتُنْذِرَ بِهِ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بۇ قۇرئان (كافىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن (ئۇنى يەتكۈزۈشتىكى) قىيىنچىلىقلاردىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن
ئەنەس ئالىم: بۇ ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن1 يۈرىكىڭدە ھېچ سىقىلىش بولمىسۇن. بۇ، سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ مۇئمىنلارغا ئەسلىتىش بولۇشى ئۈچۈندۇر2.
7 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَنَسْأَلَنَّ الَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْأَلَنَّ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەرنى سوئال-سوراق قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئەلچى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى سوئال - سوراق قىلىمىز3، ھەمدە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى سوئال - سوراق قىلىمىز4.
7 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي ۙ فَمَنِ اتَّقَىٰ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئادەم بالىلىرى! ئاراڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە ئەنسىرەش ۋە غەم قىلىش يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئادەم ئەۋلادى! ئەگەر سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچىلەر كېلىپ سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئەينەن بايان قىلسا، شۇ چاغدا كىم يامانلىقلاردىن ساقلىنىپ ئۆزىنى تۈزىتىدىكەن، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ.
7 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتماپتۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەقەت ئۇنىڭدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى بۇ كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى (بىزگە) ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بىزنىڭ گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن غايىب بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ كىتابنىڭ تەئۋىيلىگىلا11 ساقلاۋاتىدۇ! ئۇنىڭ تەئۋىيلى كەلگەن كۈنى12، بۇرۇن ئۇنى ئۇنتۇغانلار مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، رەببىمىزنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدى بىز ئۈچۈن شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ بولسا بىزگە شاپائەت قىلغان بولسىچۇ! ياكى دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟ بولسا قىلغىنىمىزدىن باشقا ئەمەل قىلار ئىدۇق!». ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىگە زىيان سالدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى.
7 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەك - شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك-شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقىۋاتىمەن».
7 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز›› دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: «بىز ھەقىقەتەن سېنى روشەن گۇمراھلىقتا دەپ قارايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھنىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.
7 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي ضَلَالَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئازغۇنلۇق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنْصَحُ لَكُمْ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
7 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى كېلىشىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟››[63]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفردىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، يامانلىقتىن ساقلىنىشىڭلار ۋە رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟».
7 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟›› دېدى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەر (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئاد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟» دېدى.
7 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي سَفَاهَةٍ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى، ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز›› دېدى[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەقلىق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز، ھەمدە سېنى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى.
7 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي سَفَاهَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھۇد ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەس، بەلكى مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: ھۇد ئېيتتى: «قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئەخمەقلىق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنَا لَكُمْ نَاصِحٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. مەن سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن.
7 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ قَوْمِ نُوحٍ وَزَادَكُمْ فِي الْخَلْقِ بَسْطَةً ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟›› ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى، ۋۇجۇدۇڭلارنى قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسىنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟» ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا ياشايدىغان قىلغانلىقىنى، سىلەرنى قامەتلىك قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر16 كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ياد ئېتىڭلاركى، ئۇ رەببىڭلار سىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمىدىن كېيىن ئورۇنباسارلار قىلدى، سىلەرنى يارىتىلىشتا تېخىمۇ بەستلىك قىلدى. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر».
7 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ـ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر. ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ئاللاھنىڭ تاشتىن چىقارغان ھىنگان تۆگىسىمۇ سىلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزىدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز سەمۇد قەۋمىگىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل كەلدى: ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ چىشى تۆگىسى، سىلەر ئۈچۈن ئايەت. ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، ئاللاھنىڭ زېمىنىدا يېسۇن. ئۇنىڭغا ھېچ يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.
7 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَقَرُوا النَّاقَةَ وَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ وَقَالُوا يَا صَالِحُ ائْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھېلىقى ھىنگان تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! پەيغەمبەرلىكىڭ راست بولسا، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئۇ چىشى تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، رەببىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! ئەگەر ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلەردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىرلا بېشىمىزغا كەلتۈرۈپ باققىن» دېدى.
7 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُحِبُّونَ النَّاصِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: سالىھ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: سالىھ بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيسىلەر!» دېدى.
7 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوهُمْ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ شەھىرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «ئۇلارنى (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىئ9 شەھرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار (بىز قىلىۋاتقان ئىشنى پاسكىنا دەپ) ئۆزىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇلارنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىسمەن كىشىلەردۇر!17».
7 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَنُخْرِجَنَّكَ يَا شُعَيْبُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَكَ مِنْ قَرْيَتِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۚ قَالَ أَوَلَوْ كُنَّا كَارِهِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ساڭا ئىمان ئېيتقانلار بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز ئۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان تۇرساق» دېدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! يا بىز سېنى ۋە سەن بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنى چوقۇم يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز ياكى سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر» دېدى. شۇئەيب مۇنداق دېدى: «بىز خالىمىساقمۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟
7 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ ۖ فَكَيْفَ آسَىٰ عَلَىٰ قَوْمٍ كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇئەيب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن، ئەلۋەتتە، پەرۋەدىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كافىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇئەيب بولسا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم. مەن كافىر قەۋمگە قانداقمۇ قايغۇراي؟» دېدى.
7 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قايسىلا شەھەرگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق، ئۇلارنىڭ (گەدەنگەشلىك قىلماسلىقى) ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يالۋۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا يۇرتقا نەبىي ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ ئەھلىنى يېلىنىپ - يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.
7 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ الْقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَائِهَا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئەنە شۇ يۇرتلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشنى ئويلاپمۇ قويمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ.
7 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ يَا فِرْعَوْنُ إِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن[104].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئېيتتى: «ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
حَقِيقٌ عَلَىٰ أَنْ لَا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُمْ بِبَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن».
7 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنْ كُنْتَ جِئْتَ بِآيَةٍ فَأْتِ بِهَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، سېنىڭ بۇ گېپىڭ راست بولسا، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن: «روشەن دەلىل ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، قېنى ئۇنى ئوتتۇرىغا قويغىن. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ» دېدى.
7 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
7 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولىنى (قولتۇقىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپپاق بولۇپ كۆرۈندى
ئەنەس ئالىم: ۋە قولىنى چىقاردى -دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.
7 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قەۋمنىڭ كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.
7 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقُوا ۖ فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلار ھەيۋەتلىك سېھىرنى كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئىنسانلارنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتتى ۋە چوڭ سېھىر كۆرسەتتى.
7 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسانىڭ ھاسىسى ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا «ھاساڭنى تاشلا» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ تاشلىشى بىلەن ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
7 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان ئاپەتلىرىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، گۇناھكار قەۋمگە ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا سۇ تاشقىنىنى، چېكەتكىلەرنى، پىتلارنى، پاقىلارنى ۋە قاننى، ھەر بىرىنى ئايرىم مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار يەنىلا چوڭچىلىق قىلدى ۋە گۇناھكار قەۋم بولدى.
7 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەلچىگە ـ ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن (يەنى قىيىنچىلىقلاردىن) بوشىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».
7 : 158 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا، ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»[158].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، (شۇنىڭدەك) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسىگە – ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى خاس بولغان زاتتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، ھىدايەت تاپالايسىلەر».
7 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ۇلار (بەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نى ئون ئىككى تارماق، يەنى قەبىلە قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ئارقىلىق) بىزگە زىيان سالمىدى، لېكىن ئۆزىگە زىيان سالدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى پارچە - پارچە ئۇممەتلەر ھالىتىدە ئون ئىككى قەبىلىگە ئايرىدۇق. مۇسادىن قەۋمى سۇ تەلەپ قىلغان چاغدا بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن شۇ تاشقا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسا ھاسىسىنى ئۇ تاشقا ئۇرغان ئىدى، دەرھال ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. ھەر قەبىلە سۇ ئىچىدىغان يېرىنى بىلدى. شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا تەييار ھالۋا بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. «بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقلارنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار» دېدۇق. ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلمىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلاتتى.
7 : 184 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا ۗ مَا بِصَاحِبِهِمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[184].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (مۇھەممەد) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھەرگىزمۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس، ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
7 : 188 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ وَلَوْ كُنْتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ ۚ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى ـ يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن»[188].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ خالىغىنىدىن باشقا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم، مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق ھاسىل قىلغان بولاتتىم، بېشىمغا يامانلىقمۇ كەلمىگەن بولاتتى. مەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن».
ئەنفال سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَوَلَّوْا عَنْهُ وَأَنْتُمْ تَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار،
8 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَجِيبُوا لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ ۖ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ الْمَرْءِ وَقَلْبِهِ وَأَنَّهُ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئىمانغا دەۋەت قىلسا، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىغا پەردە سالالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئۆزى خالىغان تەرەپكە بۇرىيالايدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ سىلەرنى، سىلەرگە ھايات بېغىشلايدىغان نەرسىگە چاقىرسا، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر.
8 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا قَالُوا قَدْ سَمِعْنَا لَوْ نَشَاءُ لَقُلْنَا مِثْلَ هَٰذَا ۙ إِنْ هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى) ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دېدى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بىز (بۇ سۆزلەرنى) ئاللىقاچان ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر خالىساق، ئۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلالايتتۇق، بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، «ئاڭلىدۇق، خالىساق ئۇنداق سۆزنى بىزمۇ ئەلۋەتتە قىلاتتۇق. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېدى.
تەۋبە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَذَانٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّهَ بَرِيءٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُ ۚ فَإِنْ تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الَّذِينَ كَفَرُوا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا ـ جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە (گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن) ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: (بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن بىزاردۇر. ئەگەر (كۇفردىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن چوڭ ھەج كۈنىدە ئىنسانلارغا چىقىرىلغان ئېلاندۇركى: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئاللاھتىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
9 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ ئۇنى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى.
9 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ الْمُؤْمِنُونَ لِيَنْفِرُوا كَافَّةً ۚ فَلَوْلَا نَفَرَ مِنْ كُلِّ فِرْقَةٍ مِنْهُمْ طَائِفَةٌ لِيَتَفَقَّهُوا فِي الدِّينِ وَلِيُنْذِرُوا قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوا إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟[122]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى كېرەك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن بىر تۈركۈمى، دىن ساھەسىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇش ۋە قەۋملىرى قايتقان ۋاقىتلىرىدا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن ئورۇشقا چىقمىسا بولماسمىدى؟
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشى كېرەك ئەمەس. ئۇنداقتا نېمىشقا ھەر جامائەدىن بىر تۈركۈم كىشى دىننى ئوبدان ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋە قايتىپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، يامانلىقلاردىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن چىقمىدى؟
يۇنۇس سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
أَكَانَ لِلنَّاسِ عَجَبًا أَنْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ رَجُلٍ مِنْهُمْ أَنْ أَنْذِرِ النَّاسَ وَبَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا أَنَّ لَهُمْ قَدَمَ صِدْقٍ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۗ قَالَ الْكَافِرُونَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارنىڭ بىرىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا): ئىنسانلار (يەنى كاپىرلار) نى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغىن، مۆمىنلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن) يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، دەپ ۋەھىي قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارنىڭ بىرىگە: «ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، مۇئمىنلارغا رەببىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ۋەھيى قىلغانلىقىمىزدىن ئۇلار ئەجەبلىنەمدۇ؟ كاپىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا سېھىرگەردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: بۇ ئىنسانلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر ئەر كىشىگە: «ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، ئىمان ئېيتقانلارغا رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا سادىقلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» دەپ ۋەھىي قىلىشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولدىمۇ؟ كافىرلار: «بۇ ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق سېھىرگەردۇر» دېدى.
10 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ كَذَّبُوا بِمَا لَمْ يُحِيطُوا بِعِلْمِهِ وَلَمَّا يَأْتِهِمْ تَأْوِيلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇلار ئىلمىنى ئۆزلىرى تولۇق بىلمىگەن ۋە تەئۋىلى ئۆزلىرىگە تېخى كەلمىگەن قۇرئاننى يالغان دېدى6. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى ئەنە شۇنداق يالغان دېگەن ئىدى. قارىغىنا، زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
10 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلِّ أُمَّةٍ رَسُولٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ رَسُولُهُمْ قُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ) ھەر بىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر ئۈممەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن. ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتكە بىر رەسۇل8 ئەۋەتىلگەن. رەسۇلى كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
10 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۚ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ خالىمىسىلا، مەن ئۆزۈمدىن زىياننى دەپئى قىلىشقا، پايدا قازىنىشقا قادىر ئەمەسمەن، ھەر ئۈممەتنىڭ ھالاك بولىدىغان مەلۇم ۋاقتى بولىدۇ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار بىردەممۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بىردەممۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەر ئۇممەتنىڭ ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۇممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ».
10 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْتَنْبِئُونَكَ أَحَقٌّ هُوَ ۖ قُلْ إِي وَرَبِّي إِنَّهُ لَحَقٌّ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن: «ئۇ (يەنى ۋەدە قىلىنغان ئازاب، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن: «ئۇ ۋەدە قىلىنغان ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ، سەن: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئەلۋەتتە راستتۇر، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن: «ئۇ ئەبەدىي ئازاب راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئازاب ئەلۋەتتە راستتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر».
10 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمُ الْبُشْرَىٰ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۚ لَا تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ). ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدە ئەسلا ئۆزگىرىش يوقتۇر، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بار. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدە ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
10 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُمْ مَقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنْظِرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر شېرىكلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھەققىمدە خالىغىنىڭلارنى ئىجرا قىلىۋېرىڭلار، بىردەممۇ كېچىكتۈرمەڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا نۇھنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا مەن پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە ئىشىڭلارنى قارارلاشتۇرۇڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن. ئاندىن ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھەققىمدىكى ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلىڭلار.
10 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا بِهِ مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ نَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، (قەۋمىگە) ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر كېلىشتىن) ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيمىز[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، ئۇلار روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەشۇنداق پېچەتلەيمىز
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن ئەلچىلەرنى قەۋملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن ئۇلار بۇرۇن يالغان دېگەنلىكى ئۈچۈن ئىمان ئېيتىشقا يېقىنمۇ كەلمىدى. بىز ھەددىدىن ئاشقانلارنىڭ قەلبلىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىمىز.
10 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا إِنَّ هَٰذَا لَسِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت كەلگەن چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز تەرەپتىن ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا ئۇلار: «بۇ ھەقىقەتەن روشەن سېھىردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەق كەلگەندە، «شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
10 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِتَلْفِتَنَا عَمَّا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا وَتَكُونَ لَكُمَا الْكِبْرِيَاءُ فِي الْأَرْضِ وَمَا نَحْنُ لَكُمَا بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە زېمىن (يەنى مىسىر زېمىنى) نىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىدىن بىزنى ۋاز كەچتۈرۈش ۋە مىسىر زېمىنىنىڭ سەلتەنىتىنى ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز ئىككىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدىن چىقىرىش ۋە قېرىندىشىڭ بىلەن بۇ يەرنىڭ چوڭلىرى بولۇش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز سەنلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى.
10 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «(ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلاردىن) تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېھىرگەرلەر يېتىپ كەلگەندە، مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغىنىڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر كەلگەندە مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار» دېدى.
10 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ نُنَجِّي رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ حَقًّا عَلَيْنَا نُنْجِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۆمىنلەرنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى، مۇئمىنلارنى قۇتقۇزدۇق، مۇئمىنلارنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز ئەلچىلىرىمىزنى ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى قۇتقۇزىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. بىز مۇئمىنلارنى شۇنداق قۇتقۇزىمىز.
ھۇد سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۚ إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئېيتقىنكى، بۇ كىتاب): سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن (نازىل بولغان). شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئېيتقىنكى-: «سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن.
11 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَعَلَّكَ تَارِكٌ بَعْضَ مَا يُوحَىٰ إِلَيْكَ وَضَائِقٌ بِهِ صَدْرُكَ أَنْ يَقُولُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ كَنْزٌ أَوْ جَاءَ مَعَهُ مَلَكٌ ۚ إِنَّمَا أَنْتَ نَذِيرٌ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە (ئۇنى تەستىقلايدىغان) بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ بىر قىسىمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەت (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ: «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە چۈشمىدى؟ ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنى تەستىقلايدىغان بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ساڭا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىڭ بىر قىسمىنى يەتكۈزگۈڭ كەلمەيدىغاندۇ، يەتكۈزۈشتىن يۈرىكىڭ سىقىلىدىغاندۇ، سەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بەلكى سەن، ئۇلارنىڭ: «نېمىشقا ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە چۈشۈرۈلمىدى، ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىرەر پەرىشتە كەلمىدى؟» دېگەنلىكى ئۈچۈن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەرك ئېتىشىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۈرىكىڭ سىقىلىشى مۇمكىن. سەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر.
11 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
11 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا نَرَاكَ إِلَّا بَشَرًا مِثْلَنَا وَمَا نَرَاكَ اتَّبَعَكَ إِلَّا الَّذِينَ هُمْ أَرَاذِلُنَا بَادِيَ الرَّأْيِ وَمَا نَرَىٰ لَكُمْ عَلَيْنَا مِنْ فَضْلٍ بَلْ نَظُنُّكُمْ كَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن ، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىۋاشلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى: «بىز سېنى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان دەپ كۆرىمىز. ساڭا پەقەت ئىچىمىزدىكى تۆۋەن تەبىقىنىڭ ئويلانماستىن ئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. سىلەرنىڭ بىزدىن بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭلار بارلىقىنىمۇ كۆرمەيۋاتىمىز، بەلكى سىلەرنى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز» دېدى.
11 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا نُوحُ قَدْ جَادَلْتَنَا فَأَكْثَرْتَ جِدَالَنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار(يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى نۇھ ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى نۇھ! بىز بىلەن ھەقىقەتەن مۇنازىرىلەشتىڭ! مۇنازىرىمىزنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن كېلەچەكتە بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىر بېشىمىزغا كەلتۈرگىن» دېدى.
11 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا هُودُ مَا جِئْتَنَا بِبَيِّنَةٍ وَمَا نَحْنُ بِتَارِكِي آلِهَتِنَا عَنْ قَوْلِكَ وَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە (ئۆزۈڭنىڭ راستلىقىڭنى كۆرسىتىدىغان) ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە سېنىڭ(پەيغەمبەرلىكىڭگە) ئىشەنمەيمىز[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە ھېچقانداق روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن بىز ئىلاھلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيمىز ۋە ساڭا ئىشەنمەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى ھۇد! سەن بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرمىدىڭ. بىز سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتىدىغان كىشىلەر ئەمەس، ساڭا ئىشىنىدىغان كىشىلەرمۇ ئەمەس.
11 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ مَا أُرْسِلْتُ بِهِ إِلَيْكُمْ ۚ وَيَسْتَخْلِفُ رَبِّي قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّونَهُ شَيْئًا ۚ إِنَّ رَبِّي عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ حَفِيظٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر (مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار(يۈز ئۆرۈگىنىڭلارنىڭ ماڭا زىيىنى يوق)، سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم (پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر)، پەرۋەردىگارىم (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، (شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، -بىلىڭلاركى-، مەن سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم -پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر-، رەببىم ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، رەببىم ھەقىقەتەن ھەربىر نەرسىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن ئەلچىلىكنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. رەببىم سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا قەۋم كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. شۈبھىسىزكى، رەببىم ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر».
11 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَتِلْكَ عَادٌ ۖ جَحَدُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ وَعَصَوْا رُسُلَهُ وَاتَّبَعُوا أَمْرَ كُلِّ جَبَّارٍ عَنِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جېدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ ئاد قەۋمى رەببىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىزنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ئاد قەۋمى. ئۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ھەر تەرسا مۇستەبىتنىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى.
11 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا صَالِحُ قَدْ كُنْتَ فِينَا مَرْجُوًّا قَبْلَ هَٰذَا ۖ أَتَنْهَانَا أَنْ نَعْبُدَ مَا يَعْبُدُ آبَاؤُنَا وَإِنَّنَا لَفِي شَكٍّ مِمَّا تَدْعُونَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد قىلىنغان كىشى ئىدىڭ (يەنى بۇ سۆزنى ئېيتىشىڭدىن بۇرۇن ئارىمىزدا چوڭ ئادەم بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق)، بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇمسەن؟ شەك شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن بىز سەن دەۋەت قىلغان ئىشقا زور گۇماندىمىز» دېيىشتى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى سالىھ! بۇنىڭدىن بۇرۇن سەن ئارىمىزدا ئۈمىد قىلىنغان كىشى ئىدىڭ، بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇمسەن؟ شەك شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتەن بىز سەن دەۋەت قىلغان ئىشقا زور گۇماندىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى سالىھ! سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئارىمىزدا ئۈمىد باغلانغان كىشى ئىدىڭ. ئەمدىلىكتە سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشتىن توسامسەن؟ بىز، سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىدىن قاتتىق شۈبھە قىلىۋاتىمىز» دېدى.
11 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا شُعَيْبُ أَصَلَاتُكَ تَأْمُرُكَ أَنْ نَتْرُكَ مَا يَعْبُدُ آبَاؤُنَا أَوْ أَنْ نَفْعَلَ فِي أَمْوَالِنَا مَا نَشَاءُ ۖ إِنَّكَ لَأَنْتَ الْحَلِيمُ الرَّشِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ (يەنى دىنىڭ) سېنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) بىزنى تاشلاتقۇزۇشقا ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە تەسەررۇپ قىلىشىمىزنى تەرك ئەتكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ سەن تازىمۇ كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭ، تازىمۇ توغرا يول تاپقان ئادەمسەن ـ دە» دېدى[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى شۇئەيب! سېنىڭ نامىزىڭ سېنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى بىزنى تاشلاتقۇزۇشقا ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىشىمىزنى تەرك ئەتكۈزۈشكە بۇيرۇمدۇ؟ سەن تازىمۇ كۆڭلى ـ كۆكسى كەڭ، تازىمۇ توغرا يول تاپقان ئادەمسەن ـ دە» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى شۇئەيب! سېنى، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەرك ئېتىشىمىز ياكى ماللىرىمىزنى خالىغىنىمىزچە تەسەررۇپ قىلماسلىقىمىز توغرىسىدا بىزگە نەسىھەت قىلىشقا نامىزىڭ ئەمر قىلامدۇ؟ شۈبھىسىزكى، سەن ھەقىقەتەن مۇلايىم، ئەقىل - ھوشى جايىدا ئادەمسەن10» دېدى.
11 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا شُعَيْبُ مَا نَفْقَهُ كَثِيرًا مِمَّا تَقُولُ وَإِنَّا لَنَرَاكَ فِينَا ضَعِيفًا ۖ وَلَوْلَا رَهْطُكَ لَرَجَمْنَاكَ ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْنَا بِعَزِيزٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى شۇئەيب ! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ نۇرغۇنىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم ـ قېرىنداشلىرىڭ بولمىغاندا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەتتۇق، سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن» دېدى[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى شۇئەيب! بىز سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ نۇرغۇنىنى چۈشەنمەيمىز. بىز ئەلۋەتتە سېنى ئارىمىزدا كۈچسىز ئادەم دەپ قارايمىز، سېنىڭ قەۋم ـ قېرىنداشلىرىڭ بولمىغاندا ئىدى، بىز سېنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرەتتۇق، سەن بىزگە ئەتىۋارلىق ئەمەسسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى شۇئەيب! بىز سېنىڭ دېگەنلىرىڭنىڭ تولىسىنى چۈشەنمەيمىز، بىز ھەقىقەتەن سېنى ئارىمىزدا ئاجىز بىرى دەپ قارايمىز. ئەگەر قەبىلەڭ بولمىسا ئىدى، سېنى چوقۇم چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتۇق. سەن بىزگە ئەزىز ئەمەسسەن» دېدى.
11 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن ئايەتلىرىمىز (يەنى ئاللاھتىن نازىل بولغان دىنىي ئەھكاملار) ۋە روشەن دەلىللەر (يەنى مۆجىزىلەر) بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى، پىرئەۋننىڭ بۇيرۇقى توغرا ئەمەس ئىدى[96 ـ 97].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسانى ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىللەر بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق،
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
يۈسۈف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ ۗ أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۗ وَلَدَارُ الْآخِرَةِ خَيْرٌ لِلَّذِينَ اتَّقَوْا ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار(يەنى پەيغەمبەرلەرگە چىنپۈتمىگۈچىلەر) يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى پەقەت شەھەر ئاھالىسىدىن بولغان ئەرلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۇلارغا ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق، ئۇلار يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئىدى. ئىنكارچىلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ تەقۋادارلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
12 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا اسْتَيْأَسَ الرُّسُلُ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ قَدْ كُذِبُوا جَاءَهُمْ نَصْرُنَا فَنُجِّيَ مَنْ نَشَاءُ ۖ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُنَا عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەتتا پەيغەمبەرلەر (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە (قەۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەتتا پەيغەمبەرلەر قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە قەۋمى تەرىپىدىن يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى ئەلچىلىرىمىز نائۈمىد بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىققا چىقىرىلغانلىقىنى ئويلاۋاتقان ئەسنادا ئۇلارغا نۇسرىتىمىز كەلدى. بىز خالىغان كىشى قۇتقۇزۇلدى. بىزنىڭ شىددەتلىك ئازابىمىز گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ.
رەئد سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۗ إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرٌ ۖ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: كۇففارلار، نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: كۇففارلار «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟» دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئى مۇھەممەد! سەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ھەر قەۋمنىڭ يېتەكچىسى بار.
13 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَمْلَيْتُ لِلَّذِينَ كَفَرُوا ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىندى. كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى بىر مۇددەت كېچىكتۈردۈم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىنغان ئىدى. مەن كافىرلارغا بىر مۇددەت مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق ئىكەن؟11
13 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ وَجَعَلْنَا لَهُمْ أَزْوَاجًا وَذُرِّيَّةً ۚ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ئەجەلنىڭ بىر ھۆكمى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغىمۇ خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق. ھېچبىر ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ئايەت كەلتۈرەلمەيتتى. ھەر ئەجەلنىڭ كىتابى بار13.
13 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ مَا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ وَعَلَيْنَا الْحِسَابُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ (يەنى سېنىڭ ھايات ۋاقتىڭدا نازىل قىلساقمۇ) ياكى سېنى (مۇشرىكلارغا ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن) قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھېساب ئېلىشتۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىز ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى سېنى قەبزى روھ قىلساقمۇ، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بولسا ھېساب ئېلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بەزىسىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر.
13 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَسْتَ مُرْسَلًا ۚ قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِنْدَهُ عِلْمُ الْكِتَابِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ، ئېيتقىنكى: راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەمەس» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ ۋە يېنىدا كىتابنىڭ ئىلمى بولغانلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر».
ئىبراھىم سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ رَسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ ۖ فَيُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەيدىغان قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئەلچىنى ئۆز قەۋمىگە بايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەلچىلىكنى يەتكۈزىدىغان قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
14 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا أَنْ أَخْرِجْ قَوْمَكَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ وَذَكِّرْهُمْ بِأَيَّامِ اللَّهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (ئۇنىڭغا دېدۇقكى) «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن (يەنى كۇفرىدىن) يورۇقلۇققا (يەنى ئىمانغا) چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا (بالاغا) سەۋر قىلغۇچى، (نېمەتكە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر (بەندە) ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ھەقىقەتەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، -ئۇنىڭغا دېدۇقكى-، «قەۋمىڭنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقارغىن، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلەتكىن». بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچى ۋە شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر بەندە ئۈچۈن ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى، «قەۋمىڭنى زۇلمەتلەردىن نۇرغا چىقارغىن ۋە ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى1 ئەسلەتكىن» دەپ ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچىلار ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
14 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ ۛ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۛ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا اللَّهُ ۚ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرَدُّوا أَيْدِيَهُمْ فِي أَفْوَاهِهِمْ وَقَالُوا إِنَّا كَفَرْنَا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ وَإِنَّا لَفِي شَكٍّ مِمَّا تَدْعُونَنَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، (سانىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كۆرسىتىپ): «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، سانىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ، يەنى نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە كەلمىدىمۇ؟ ئۇ كېيىنكىلەرنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار قوللىرىنى ئېغىزلىرىغا قويۇپ2: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى قەتئىي ئىنكار قىلىمىز، بىزنى چاقىرغان نەرسەڭلەردىن قاتتىق شەك قىلىۋاتىمىز!» دېدى.
14 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ قَالُوا إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا تُرِيدُونَ أَنْ تَصُدُّونَا عَمَّا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا فَأْتُونَا بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ (بىرلىكىدە) شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى (ئىمانغا) چاقىرىدۇ، سىلەرنى (جازالاشنى) مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلىڭلار يەتكۈچە) تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان (بۇتلار) غا ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، (راستلىقىڭلار ئۈچۈن) بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلىرى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ ھەققىدە شەك بارمۇ؟ ئاللاھ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى ئىمانغا دەۋەت قىلىدۇ، سىلەرنى جازالاشنى مەلۇم مۇددەتكىچە تەخىر قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلىشىمىزدىن توسماقچى بولىسىلەر، بىزگە ئېنىق پاكىت كۆرسىتىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر، بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلغان نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتىسلەر. بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دېدى.
14 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ لَهُمْ رُسُلُهُمْ إِنْ نَحْنُ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يَمُنُّ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَمَا كَانَ لَنَا أَنْ نَأْتِيَكُمْ بِسُلْطَانٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلىكىنى) مەرھەمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۆمىنلەر (ھەممە ئىشتا) يالغۇز بىر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن)[11]
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «بىز پەقەت سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمىز، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرگە پەيغەمبەرلىكىنى مەرھەمەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز سىلەرگە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمەيمىز، مۇئمىنلار يالغۇز بىر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن!
ئەنەس ئالىم: كەلگەن ئەلچىلەر ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بىز سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىزنىڭ سىلەرگە دەلىل كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. مۇئمىنلار ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.
14 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِرُسُلِهِمْ لَنُخْرِجَنَّكُمْ مِنْ أَرْضِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۖ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ رَبُّهُمْ لَنُهْلِكَنَّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىنىمىزدىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى (مۇنداق) ۋەھىي قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار پەيغەمبەرلىرىگە: «سىلەرنى زېمىندىن چوقۇم ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. ئۇلارغا رەببى مۇنداق ۋەھيى قىلدى: «زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرگە: «يا سىلەرنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋېتىمىز ياكى بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىسىلەر!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەرگە رەببى مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «بىز زالىملارنى چوقۇم ھالاك قىلىمىز،
ھىجىر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
15 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْ مَا تَأْتِينَا بِالْمَلَائِكَةِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەڭچۇ!».
15 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِي شِيَعِ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى، بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرى، ئاۋۋالقى پىرقىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق.
15 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلىشقان ئىدى.
15 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كَذَّبَ أَصْحَابُ الْحِجْرِ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر)[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھىجر خەلقى ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقاردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ھىجرلىكلەر ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى.
15 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُمْ آيَاتِنَا فَكَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق (يەنى تاشتىن چىشى تۆگە چىقىرىشتەك قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق)، ئۇلار بۇ (مۆجىزە) لەردىن يۈز ئۆرۈدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزەلەردىن يۈز ئۆرۈدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق، ئۇلار ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرىدى.
15 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ إِنِّي أَنَا النَّذِيرُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: «مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
15 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلارنىڭ مەسخىرەلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا، ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن.
نەھىل سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ مَاذَا أَنْزَلَ رَبُّكُمْ ۙ قَالُوا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار (مەسخىرە قىلىپ): «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى (نازىل قىلدى)» دېيىشىدۇ[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رەببىڭلار نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟» دېيىلسە، ئۇلار: «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرىنى» دېيىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «رەببىڭلار نازىل قىلغان نەرسە نېمە؟» دېيىلسە، «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ.
16 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُمْ مَنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُمْ مَنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۇممەتكە ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلنىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
16 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ ۚ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلار[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى -تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر- دىن سوراڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق. ئى ئىنكارچىلار! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار3.
16 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ ۗ وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) تەپەككۇر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئۇلارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن ئەۋەتتۇق، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار بۇ قۇرئاننى پىكىر قىلىپ ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ئەلچىلەرنى روشەن دەلىللەر ۋە ئىلاھىي سەھىپىلەر بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق.
16 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
تَاللَّهِ لَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَهُوَ وَلِيُّهُمُ الْيَوْمَ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن (پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ (يەنى ئۈممەتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى. شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ دوستىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتۇق، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتتى، شەيتان بۈگۈن ئۇلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. شەيتان ئۇ ئۇممەتلەرگە ئۆز ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن. بۈگۈن ئۇ شەيتان مانا بۇلارنىڭ7 ۋەلىيىسىىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار.
16 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە -ساڭا ھېچ زىيىنى يوق-، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار بۇنچە نېمەتلەرگە قارىماي يەنىلا يۈز ئۆرۈسە، سەن جاۋابكار ئەمەس. چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
16 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْهُمْ فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ وَهُمْ ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلدى، ئۇنى ئۇلار ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا ئازاب (يەنى قاتتىقچىلىق ۋە ئوقۇبەت) يۈزلەندى، ئۇلار (گۇناھلارغا چۆمگەنلىك تۈپەيلىدىن) زالىم ئىدى[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن بىر پەيغەمبەر كىلىۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زالىملىق قىلىۋاتقاندا ئۇلارغا ئازاب يۈزلەندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى كەلدى، ئۇلار ئۇ ئەلچىنى يالغانچى دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازابقا يولۇقتى، ئۇلار ئۇ چاغدا زۇلۇم قىلۋاتقان ئىدى.
ئىسرا سۈرىسى
17 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آيَاتِنَا ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئۆز قۇدرىتىمىزنىڭ بەزى دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بارچە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسى-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام-نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىر كېچىدە بەندىسىنى1 مەسجىدى ھەرەمدىن مەسجدى ئەقساغا ئېلىپ بارغان زات پاكتۇر. مەسجىدى ئەقسا بىز ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىتتۇر. بىز ئۇ بەندىمىزنى ئۇ يەرگە بىر قىسىم ئايەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
17 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُوا مِنْ دُونِي وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، (ئۇلارغا) مەندىن غەيرىنى ھامىي (يەنى پەرۋەردىگار) قىلىۋالماڭلار!» (دېدۇق)[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، ئۇلارغا مەندىن غەيرىنى ھامىي قىلىۋالماڭلار!» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇ كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى قىلدۇق. بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا مۇنداق دېدۇق: مەندىن باشقىنى ۋەكىل قىلىۋالماڭلار.
17 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِمَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ فَضَّلْنَا بَعْضَ النَّبِيِّينَ عَلَىٰ بَعْضٍ ۖ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز نەبىيلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بىز داۋۇتقا زەبۇر بەردۇق.
17 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَنَا أَنْ نُرْسِلَ بِالْآيَاتِ إِلَّا أَنْ كَذَّبَ بِهَا الْأَوَّلُونَ ۚ وَآتَيْنَا ثَمُودَ النَّاقَةَ مُبْصِرَةً فَظَلَمُوا بِهَا ۚ وَمَا نُرْسِلُ بِالْآيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا
مۇھەممەد سالىھ: (قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلار (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر. بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت بەندىلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ مەككە مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى ئەۋەتمەسلىكىمىز، ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ بۇ خىل مۆجىزىلەرنى يالغان دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر، خالاس. بىز سەمۇد قەۋمىگە ھەقىقەتنى كۆرسەتكۈچى چىشى تۆگىنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇلار ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلدى. بىز بۇنداق مۆجىزىلەرنى پەقەت ئىنسانلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.
17 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَادُوا لَيَفْتِنُونَكَ عَنِ الَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ لِتَفْتَرِيَ عَلَيْنَا غَيْرَهُ ۖ وَإِذًا لَاتَّخَذُوكَ خَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانغا خىلاپلىق قىلدۇرۇپ، بىزگە قۇرئاندىن غەيرىنى ئىپتىرا قىلدۇرۇشقا تاس قالدى، (ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلغىنىڭدا) ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى (ئۆزلىرىگە) دوست قىلىۋالاتتى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانغا خىلاپلىق قىلدۇرۇپ، بىزگە قۇرئاندىن غەيرىنى ئىپتىرا قىلدۇرۇشقا تاس قالدى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلغىنىڭدا ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى ئۆزلىرىگە دوست قىلىۋالاتتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار، بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئاندىن غەيرىينى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىشىڭ ئۈچۈن سېنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋەتكىلى تاس قالدى. ئۇلار ئۇ تەقدىردىلا سېنى دوست تۇتاتتى.
17 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَادُوا لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ الْأَرْضِ لِيُخْرِجُوكَ مِنْهَا ۖ وَإِذًا لَا يَلْبَثُونَ خِلَافَكَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) سېنى زېمىندىن (يۇرتۇڭدىن) چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇ يەردە سېنى خاتىرجەم تۇرغۇزماسلىققا ئورۇندى. شۇنداق بولغاندا، سەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايتتى (يەنى ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن ھالاك بولاتتى)[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يېقىندا سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇلار سەندىن كېيىن ئۇ يەردە بەك ئاز تۇرالايدۇ.
17 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
سُنَّةَ مَنْ قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنْ رُسُلِنَا ۖ وَلَا تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ بىزنىڭ) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىز ھەققىدە تۇتقان يولىمىزدۇر (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقارغان ھەرقانداق ئۈممەتنى ھالاك قىلىش ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە تۇتقان يولىدۇر)، تۇتقان يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، سەندىن ئىلگىرى بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ يولىدۇر، بىزنىڭ يولىمىزدا ئۆزگىرىش تاپالمايسەن
ئەنەس ئالىم: بۇ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۈچۈن ئادەت بولۇپ كەلگەن قانۇندۇر. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن.
17 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ لَكَ حَتَّىٰ تَفْجُرَ لَنَا مِنَ الْأَرْضِ يَنْبُوعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «تاكى سەن بىزگە يەر ئاستىدىن بىر بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ساڭا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز، تاكى سەن يەردىن بۇلاق ئېتىلدۇرۇپ چىقارمىغىچە،
17 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تَكُونَ لَكَ جَنَّةٌ مِنْ نَخِيلٍ وَعِنَبٍ فَتُفَجِّرَ الْأَنْهَارَ خِلَالَهَا تَفْجِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سېنىڭ خورمىلىق، تاللىق ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولسۇن[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سېنىڭ خورمىلىق، تاللىق ۋە ئوتتۇرىسىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بېغىڭ بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ياكى سېنىڭ خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك بېغىڭ بولۇپ، دەرەخلىرىنىڭ ئارىلىرىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىتمىغىچە،
17 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ تُسْقِطَ السَّمَاءَ كَمَا زَعَمْتَ عَلَيْنَا كِسَفًا أَوْ تَأْتِيَ بِاللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ قَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن، ياكى (پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سەن ئېيتقاندەك ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە ـ پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن ياكى پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچى قىلىپ ئاللاھ نى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا كەلتۈرگىن
ئەنەس ئالىم: ياكى ئېيتقىنىڭدەك ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ ئۈستىمىزگە چۈشۈرمىگۈچە ياكى ئاللاھنى ۋە پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلمىگۈچە،
17 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
أَوْ يَكُونَ لَكَ بَيْتٌ مِنْ زُخْرُفٍ أَوْ تَرْقَىٰ فِي السَّمَاءِ وَلَنْ نُؤْمِنَ لِرُقِيِّكَ حَتَّىٰ تُنَزِّلَ عَلَيْنَا كِتَابًا نَقْرَؤُهُ ۗ قُلْ سُبْحَانَ رَبِّي هَلْ كُنْتُ إِلَّا بَشَرًا رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن (شوتا بىلەن) ئاسمانغا چىققىن، تاكى (ئاللاھ تەرىپىدىن سېنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلىكى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگۈچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز». (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن (ئاللاھنىڭ ئىزنى بولمىسا ھېچ ئادەم بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ)»[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن شوتا بىلەن ئاسمانغا چىقىپ بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز». -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «ئاللاھ پاكتۇر، مەن پەقەت بىر پەيغەمبەر ئىنسانمەن»
ئەنەس ئالىم: ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولمىغىچە ياكى سەن ئاسمانغا چىقمىغىچە. سەن بىزگە ئوقۇيدىغان كىتاب ئېلىپ چۈشمىگىچە ئاسمانغا چىققانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمىز». ئېيتقىنكى: «سۇبھاناللاھ! مەن پەقەت ئەلچى بولغان ئىنسانمەن، خالاس!».
17 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَبَعَثَ اللَّهُ بَشَرًا رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر بىلەن قۇرئان) كەلگەن چاغدا ئىمان ئېيتماسلىقلىرى «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت كەلگەن چاغدا ئىمان ئېيتماسلىقلىرى «ئاللاھ ئىنساننى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھىدايەت كەلگەندە ئىشەنمەسلىكىنىڭ بىرلا باھانىسى بار. ئۇ بولسا ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئىنساننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتەمدۇ؟» دېيىشىدۇر.
17 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ كَانَ فِي الْأَرْضِ مَلَائِكَةٌ يَمْشُونَ مُطْمَئِنِّينَ لَنَزَّلْنَا عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ مَلَكًا رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مۇبادا زېمىندا (يەنى زېمىن ئەھلىدەك) مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- ئېيتقىنكى: «مۇبادا زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغان، ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرەتتۇق»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر زېمىندا مېڭىپ يۈرۈيدىغانلار ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان پەرىشتىلەر بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارغا ئاسماندىن پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ چۈشۈرەتتۇق».
17 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مېنىڭ راستلىقىمغا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئارىمىزدا ئاللاھ يېتەرلىك شاھىتتۇر. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
17 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۖ فَاسْأَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِذْ جَاءَهُمْ فَقَالَ لَهُ فِرْعَوْنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا مُوسَىٰ مَسْحُورًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سورىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «ئۇلاردىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋېتىشنى سورىغىن» -دېدۇق-. پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! مەن سېنى چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا روشەن توققۇز مۆجىزە بەردۇق. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىن: مۇسا ئۇلارغا كەلگەندە فىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى سېھىرلەنگەن ئادەم دەپ ئويلايمەن» دېگەن ئىدى.
17 : 102 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا أَنْزَلَ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ بَصَائِرَ وَإِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا فِرْعَوْنُ مَثْبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن (گەرچە تىلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە) ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى[102].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا: «-ئى پىرئەۋن!- بۇلارنى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل قىلىپ نازىل قىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «سەن بۇ مۆجىزىلەرنى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى ھەقىقەتنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن. ئى فىرئەۋن! شۈبھىسىزكى، مەن سېنى ھالاك قىلىنىدىغان ئادەم دەپ ئويلايمەن».
17 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
وَبِالْحَقِّ أَنْزَلْنَاهُ وَبِالْحَقِّ نَزَلَ ۗ وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خوشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق. قۇرئان ھەق بىلەن نازىل بولدى. سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
كەھف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قَيِّمًا لِيُنْذِرَ بَأْسًا شَدِيدًا مِنْ لَدُنْهُ وَيُبَشِّرَ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا حَسَنًا
مۇھەممەد سالىھ: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى[1 ـ 2].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋەبى، ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا ئوبدان مۇكاپات -جەننەت- بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشتۇر.
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ كىتابنى راۋۇرۇس كىتاب قىلدى. بۇ، ئۇ بەندىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلارغا مۇكاپاتلىرىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشى ئۈچۈندۇر -
18 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُنْذِرَ الَّذِينَ قَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەمدە «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
18 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ وَيَسْتَغْفِرُوا رَبَّهُمْ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ قُبُلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت (ئاللاھنىڭ) بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى (يەنى ھالاك قىلىشنى كۈتىدىغانلىقلىرى) ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى (كۈتىدىغانلىقلىرى) ئۈچۈندۇر[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت ئاللاھنىڭ بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى كۈتىدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلىنغان قانۇننىڭ ئۆزلىرىگە ئىجرا قىلىنىشىنى ياكى ئازابنىڭ ئۆزلىرىگە روبىرو كېلىشىنى كۈتۈشلىرىلا، ئۇلارنى ئىمان ئېيتىشتىن ۋە رەببىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشتىن توستى.
18 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ ۚ وَيُجَادِلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ ۖ وَاتَّخَذُوا آيَاتِي وَمَا أُنْذِرُوا هُزُوًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ئىمان ئېيتقۇچىلارغا) خوشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كاپىرلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن) ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (يەنى ئويۇنچۇق) قىلىۋالدى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت -ئىمان ئېيتقۇچىلارغا- خوش خەۋەر بەرگۈچى، -ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى- ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كاپىرلار -پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن- ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە ۋاسىتىسى قىلىۋالدى
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، بىز ئەلچىلەرنى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كافىرلار ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئايەتلىرىمنى ۋە ئۆزلىرىگە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە قىلدى.
18 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَجَدَا عَبْدًا مِنْ عِبَادِنَا آتَيْنَاهُ رَحْمَةً مِنْ عِنْدِنَا وَعَلَّمْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا عِلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىككىسى (بېلىقنى ئۇنتۇغان چوڭ تاشنىڭ يېنىدا) بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى (يەنى ئىلمىي غەيبنى) بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى (يەنى خىزىر ئەلەيھىسسالامنى) ئۇچراتتى[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىككىسى بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى ئۇچراتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ يەردە، بەندىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن بىز ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت ئاتا قىلغان ۋە ئۆز ھۇزۇرىمىزدىن ئىلىم ئۆگەتكەن بىر بەندىمىزنى ئۇچراتتى.
18 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر، كىمكى، رەببىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن. رەببىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسانمەن. ماڭا سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن».
مەريەم سۈرىسى
23 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟ ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىلىقنىڭ ئاخىرقى چېكىگە يەتكەن تۇرسام!» دېدى.
19 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
مۇھەممەد سالىھ: (نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: -نىدا قىلغان پەرىشتە- ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، رەببىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. مەن بۇندىن ئىلگىرى سېنى ياراتقان ئىدىم، سەن ھېچ نەرسە ئەمەس ئىدىڭ» دېدى.
19 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: -يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا-: «ئى يەھيا! كىتاب-تەۋرات-نى تىرىشىپ ئوقۇغىن» -دېدۇق-. ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: «ئى يەھيا كىتابنى چىڭ تۇتقىن!». بىز ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى بەردۇق.
19 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أَنَا رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَامًا زَكِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن رەببىڭنىڭ ئەلچىسىمەن»
ئەنەس ئالىم: روھىمىز: «مەن پەقەت رەببىڭنىڭ ئەلچىسىمەن. ساڭا پاك بىر ئوغۇل بالا ھەدىيە قىلاي دەپ كەلدىم» دېدى.
19 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ ۖ وَلِنَجْعَلَهُ آيَةً لِلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًا مَقْضِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، لېكىن رەببىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»
ئەنەس ئالىم: روھىمىز: «شۇنداق، لېكىن رەببىڭ دەيدۇكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاسان. بىز ئۇنى ئىنسانلارغا قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە ئۆز تەرىپىمىزدىن رەھمەت قىلىمىز. بۇ قارار قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» دېدى3.
19 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَمَلَتْهُ فَانْتَبَذَتْ بِهِ مَكَانًا قَصِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ھامىلدار بولدى، ئائىلىسىدىن يىراق بىر جايغا كەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەم ھامىلىدار بولدى ۋە بۇ ھالى بىلەن يىراق بىر يەرگە كەتتى،
19 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَنَادَاهَا مِنْ تَحْتِهَا أَلَّا تَحْزَنِي قَدْ جَعَلَ رَبُّكِ تَحْتَكِ سَرِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، رەببىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن ئېقىپ تۇرىدىغان بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇ ئەسنادا تۆۋەن تەرىپىدىن ئۇنىڭغا مۇنداق ئاۋاز كەلدى: «قايغۇرمىغىن! رەببىڭ سەن ئۈچۈن ئاياغلىرىڭنىڭ ئاستىدىن ئېرىق پەيدا قىلدى.
19 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُزِّي إِلَيْكِ بِجِذْعِ النَّخْلَةِ تُسَاقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ خورما دەرىخىنى ئىرغىتقىن، پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ.
19 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ ۖ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم بوۋاق-ئىسا ئەلەيھىسسالام-نى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەم بالىسىنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ!
19 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ ۖ قَالُوا كَيْفَ نُكَلِّمُ مَنْ كَانَ فِي الْمَهْدِ صَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاق بىلەن قانداق گەپلىشىمىز؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: مەريەم بالىغا ئىشارەت قىلدى5. ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاق بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشىمىز؟» دېدى.
19 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَٰكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن قىيامەت كۈنىدە قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن روشەن گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىدىغان كۈنى بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن زالىملار بۈگۈن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر.
19 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھەسرەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارنى، ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنغاندا ھەركىم ھەسرەت چېكىدىغان كۈندىن ئاگاھلاندۇرغىن. چۈنكى ئۇلار تېخىچە غەپلەت ئىچىدە يۈرۈۋاتىدۇ، تېخىچە ئىمان ئېيتمايۋاتىدۇ.
19 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِبْرَاهِيمَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىبراھىم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىبراھىمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.
19 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُمْ مِنْ رَحْمَتِنَا وَجَعَلْنَا لَهُمْ لِسَانَ صِدْقٍ عَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلدۇق. ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق.
19 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَىٰ ۚ إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب-قۇرئان-دا مۇسا -قىسىسى-نى بايان قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا مۇسانىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ تاللانغان بىرى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى7.
19 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ مِنْ رَحْمَتِنَا أَخَاهُ هَارُونَ نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا رەھمىتىمىزدىن ئاتا قىلىپ، قېرىندىشى ھارۇننى نەبىي قىلىپ بەردۇق.
19 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كىتاب-قۇرئان-دا ئىسمائىل-نىڭ قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل-ئەلچى-، ھەم پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىسمائىلنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە تۇرغۇچى ئىدى، رەسۇل ۋە نەبىي ئىدى.
19 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتاب-قۇرئان-دا ئىدرىس-قىسىسى-نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا ئىدرىسنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل بىرى ئىدى، نەبىي ئىدى.
19 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر، ئادەم-ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل-يەئقۇب ئەلەيھىسسالام-نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز-ئىمانغا-ھىدايەت قىلغان ۋە - پەيغەمبەرلىككە- تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا - زېمىنغا- يىقىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئادەمنىڭ نەسلىدىندۇر، بەزىسى بىز نۇھ بىلەن بىللە قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسىلىدىندۇر، بەزىسى ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ھىدايەت قىلغان ۋە تاللىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا رەھماننىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا، يىغلىشىپ سەجدىگە يىقىلىدۇ.
19 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَاثًا وَرِئْيًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى بايلىقتا ۋە چىراي - شەكىلدە ئۇلاردىن ئۈستۈن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق.
19 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَحْشُرُ الْمُتَّقِينَ إِلَى الرَّحْمَٰنِ وَفْدًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈندە تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، بىز تەقۋادارلارنى رەھماننىڭ ھۇزۇرىغا ھۆرمەتلىك مېھمانلار سۈپىتىدە يىغىمىز.
19 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ الْمُتَّقِينَ وَتُنْذِرَ بِهِ قَوْمًا لُدًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- تەقۋادارلارغا خۇش ـ خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. بۇ ئۇنىڭ بىلەن تەقۋادارلارغا خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر.
19 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُمْ مِنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلدۇق. سەن ئۇلاردىن بىرەر كىشىنى بايقىيالامسەن ياكى ئۇلارنىڭ بىرەر شەپىسىنى ئاڭلىيالامسەن؟
تاھا سۈرىسى
28 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ قىسسەسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟[9]
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قىسسىسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
20 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنْهَا مَنْ لَا يُؤْمِنُ بِهَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ فَتَرْدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەستىق قىلىشتىن) توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن (چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇش، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ )[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن
ئەنەس ئالىم: قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا ئىشەنمەي، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر سېنى ئۇنىڭغا ئىشىنىشتىن توسمىسۇن. بولمىسا ھالاك بولۇپ كېتىسەن!
20 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تِلْكَ بِيَمِينِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»[17]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە؟».
20 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّأُ عَلَيْهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَآرِبُ أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭدا مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىمنىمۇ قامدايمەن» دېدى.
20 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَلْقِهَا يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى.
20 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَاهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٌ تَسْعَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، ئۇ بىردىنلا يىلان بولۇپ تېز مېڭىشقا باشلىدى.
20 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَاضْمُمْ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ آيَةً أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن (ئاندىن چىقارغىن)، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق (نۇرلۇق بولۇپ) چىقىدۇ، (بۇ) ئىككىنچى مۆجىزىدۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن -ئاندىن چىقارغىن-، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، بۇ ئىككىنچى مۆجىزىدۇر
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ، باشقا بىر مۆجىزە بولسۇن.
20 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لِنُرِيَكَ مِنْ آيَاتِنَا الْكُبْرَى
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ ئارقىلىق ساڭا بىر قىسىم چوڭ مۆجىزلىرىمىزنى كۆرسىتىمىز.
20 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى».
20 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ أَنْتَ وَأَخُوكَ بِآيَاتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكْرِي
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇسا!- سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ - ھارۇن- مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار
ئەنەس ئالىم: سەن ۋە قېرىندىشىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكىرىمدە بوشاڭلىق قىلماڭلار.
20 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى.
20 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرَيْنَاهُ آيَاتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: بىز فىرئەۋنگە مۆجىزىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتۇق. لېكىن فىرئەۋن ئۇلارنى يالغان دېدى ۋە باش تارتتى.
20 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَجِئْتَنَا لِتُخْرِجَنَا مِنْ أَرْضِنَا بِسِحْرِكَ يَا مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا ! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز (مىسىر) دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟[57]
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز - مىسىر- دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! سەن سېھرىڭ بىلەن بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋەتكىلى كەلدىڭمۇ؟
20 : 58 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَنَأْتِيَنَّكَ بِسِحْرٍ مِثْلِهِ فَاجْعَلْ بَيْنَنَا وَبَيْنَكَ مَوْعِدًا لَا نُخْلِفُهُ نَحْنُ وَلَا أَنْتَ مَكَانًا سُوًى
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى»[58].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى»
ئەنەس ئالىم: بىزمۇ ساڭا سېنىڭكىگە ئوخشاش سېھىر كۆرسىتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىشىش ۋاقتى بەلگىلىگىن. ئۇنىڭغا ھېچ قايسىمىز خىلاپلىق قىلمايلى. ئۇچرىشىدىغان يېرىمىزمۇ ئۇيغۇن يەر بولسۇن».
20 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ الزِّينَةِ وَأَنْ يُحْشَرَ النَّاسُ ضُحًى
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز زىننەت كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى.
20 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ وَيْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا فَيُسْحِتَكُمْ بِعَذَابٍ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنِ افْتَرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلار غا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا: «ئىسىت سىلەرگە! ئاللاھقا يالغان چاپلىماڭلار، بولمىسا ئاللاھ سىلەرگە ئازاب ئەۋەتىپ يىلتىزىڭلارنى قۇرۇتىۋېتىدۇ. بوھتان چاپلىغانلار ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولىدۇ» دېدى.
20 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَنَازَعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ وَأَسَرُّوا النَّجْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆز ئىشى (يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىشى) ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالىشىنى يوشۇرۇشتى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆز ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالاشنى يوشۇرۇشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نېمە ئىش قىلىشى توغرۇلۇق ئۆزئارا يوشۇرۇنچە تالاش - تارتىش قىلىشتى.
20 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنْ هَٰذَانِ لَسَاحِرَانِ يُرِيدَانِ أَنْ يُخْرِجَاكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِمَا وَيَذْهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ الْمُثْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھرىگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بۇلار ئىككى سېھىرگەر بولۇپ، سېھىرلىرى بىلەن سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە سىلەرنىڭ ئۈلگىلىك يولۇڭلارنى يوقاتماقچى!
20 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَجْمِعُوا كَيْدَكُمْ ثُمَّ ائْتُوا صَفًّا ۚ وَقَدْ أَفْلَحَ الْيَوْمَ مَنِ اسْتَعْلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار (يەنى پۈتۈن چارە ـ تەدبىرلىرىڭلارنى بىر نۇقتىغا يىغىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىڭلار)، ئاندىن (قارىغۇچىلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەيدانغا) سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستتىنلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار، ئاندىن سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستتىنلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ھۈنەرلىرىڭلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاندىن مەيدانغا سەپ بولۇپ چىقىڭلار. بۈگۈن كىم ئۈستۈن كەلسە، شۇ مۇرادىغا يېتىدۇ»3.
20 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن؟ ياكى (ئارغامچا، ھاسىلىرىمىزنى) بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟»[65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! -ھاساڭنى- سەن ئاۋۋال تاشلامسەن؟ ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى مۇسا! ئاۋۋال سەن تاشلامسەن؟ ياكى بىز تاشلامدۇق؟» دېدى.
20 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا ۖ إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ ۖ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئوڭ قولۇڭدىكىنى تاشلغىن، ئۇلارنىڭ قىلغان سېھىرلىرىنى يۇتۇۋەتسۇن. ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت سېھىرگەر ھىيلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر. سېھىرگەر ھېچقانداق يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ».
20 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ هَارُونَ وَمُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى- شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر -سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ-: «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: نەتىجىدە سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ: «بىز ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى.
20 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَنْ نُؤْثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَاءَنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالَّذِي فَطَرَنَا ۖ فَاقْضِ مَا أَنْتَ قَاضٍ ۖ إِنَّمَا تَقْضِي هَٰذِهِ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا ئەگىشىشنى ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھ نى ھەرگىز تاشلىمايمىز. بىزنىڭ ھەققىمىزدە نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ
ئەنەس ئالىم: سېھىرگەرلەر مۇنداق دېدى: «بىز سېنى ھەرگىزمۇ بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەردىن ۋە بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ئۈستۈن كۆرمەيمىز. قانداق ھۆكۈم قىلساڭ قىلغىن، سەن پەقەت بۇ دۇنيادىلا ھۆكۈم قىلىسەن.
20 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا آمَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغْفِرَ لَنَا خَطَايَانَا وَمَا أَكْرَهْتَنَا عَلَيْهِ مِنَ السِّحْرِ ۗ وَاللَّهُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ (ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر»[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن رەببىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ -ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن- ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ -ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن- دائىمىيدۇر»
ئەنەس ئالىم: بىز رەببىمىزگە ئىمان ئېيتتۇق. ئۇنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، بولۇپمۇ سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ بىلەن سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ياخشىدۇر، ئازابى باقىيدۇر».
20 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَلَا تَطْغَوْا فِيهِ فَيَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبِي ۖ وَمَنْ يَحْلِلْ عَلَيْهِ غَضَبِي فَقَدْ هَوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئېيتتۇقكى) «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ـ ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) سىلەرگە غەزىپىم نازىل بولىدۇ، كىمگە مېنىڭ غەزىپىم نازىل بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئېيتتۇقكى-: «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ـ ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، -ئۇنداق قىلساڭلار- سىلەرگە غەزىپىم نازىل بولىدۇ، كىمگە مېنىڭ غەزىپىم نازىل بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە تۇزكورلۇق قىلماڭلار، بولمىسا غەزىپىمگە يولۇقىسىلەر. شۈبھىسىزكى، غەزىپىمگە يولۇققانلار ئەلۋەتتە ھالاك بولىدۇ.
20 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هَارُونُ مِنْ قَبْلُ يَا قَوْمِ إِنَّمَا فُتِنْتُمْ بِهِ ۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ الرَّحْمَٰنُ فَاتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوا أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا -مۇسا قايتىپ كېلىشتىن- بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ رەببىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھدۇر، ماڭا بوي سۇنۇڭلار، بۇيرىقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئىلگىرى ھارۇن ئۇلارغا: «ئى قەۋمىم! سىلەر بۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان قىلىنىۋاتىسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار رەھماندۇر. ماڭا ئەگىشىڭلار ۋە بۇيرۇقۇمغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن ئىدى.
20 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا يَأْتِينَا بِآيَةٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ أَوَلَمْ تَأْتِهِمْ بَيِّنَةُ مَا فِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «-مۇھەممەد- رەببى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇ نېمىشقا رەببىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمەيدۇ!» دېيىشتى. ئۇلارغا بۇرۇنقى سەھىپىلەردىكى نەرسىلەرنىڭ روشەن دەلىلى بولغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟
20 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّا أَهْلَكْنَاهُمْ بِعَذَابٍ مِنْ قَبْلِهِ لَقَالُوا رَبَّنَا لَوْلَا أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ آيَاتِكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَذِلَّ وَنَخْزَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، «رەببىمىز! نېمىشقا بىزگە ئەلچى ئەۋەتمىدىڭ، بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى.
ئەنبىيا سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُعْرِضُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت - قىيامەت- يېقىنلاشتى، ھالبۇكى ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ھېساب بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدىدۇر، يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.
21 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ بَلِ افْتَرَاهُ بَلْ هُوَ شَاعِرٌ فَلْيَأْتِنَا بِآيَةٍ كَمَا أُرْسِلَ الْأَوَّلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (كاپىرلار قۇرئان سېھرىدۇر دەپلا قالماستىن) «بەلكى ئۇ (مۇھەممەتنىڭ ) قالايمىقان چۈشلىرىدۇر، بەلكى ئۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغاندۇر، بەلكى ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئۇلار: «ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇلار: «مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرى قالايمىقان چۈشلەردۇر. بەلكى ئۇ سۆزلەرنى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇردى. بەلكى مۇھەممەد شائىردۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ بىزگە بۇرۇنقى ئەلچىلەرنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئوخشاش بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى.
21 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ ۖ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (پەرىشتىلەرنى ئەمەس) پەقەت ئادەملەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق. ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرىمۇ ـ پەقەت ئىنسانلارنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن[1] سوراڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق. ئى ئىنكارچىلار! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن1 سوراپ بېقىڭلار.
21 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلْنَاهُمْ جَسَدًا لَا يَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَمَا كَانُوا خَالِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق (يەنى ئۇلار بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ) ھەمدە ئۇلار (دۇنيادا ئۆلمەي) مەڭگۈ قالىدىغان بولغىنى يوق (يەنى ئۇلارمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ۋاپات بولىدۇ)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق، ھەمدە ئۇلار مەڭگۈ قالغۇچىلار بولغىنىمۇ يوق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ئەلچىلەرنى تائام يېمەيدىغان جەسەت قىلمىدۇق. ئۇلار مەڭگۈ ياشىغۇچىلارمۇ ئەمەس ئىدى2.
21 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭلاشقا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.
21 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِنْ قَبْلِكَ الْخُلْدَ ۖ أَفَإِنْ مِتَّ فَهُمُ الْخَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇشقا ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ)[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچكىمنى مەڭگۈ ياشايدىغان قىلمىدۇق. سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟
21 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أُنْذِرُكُمْ بِالْوَحْيِ ۚ وَلَا يَسْمَعُ الصُّمُّ الدُّعَاءَ إِذَا مَا يُنْذَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ (ئى مۇشرىكلار! سىلەر سەركەشلىكىڭلارنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى گاسقا ئوخشاش دەۋەتنى ئاڭلىمايسىلەر، ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايسىلەر)[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي بىلەنلا ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمەن» لېكىن گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغلىرىدا چاقىرىقنى ئاڭلىمايدۇ.
21 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْنَا يَا نَارُ كُونِي بَرْدًا وَسَلَامًا عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بەخش ئېتىدىغان بولۇپ بەرگىن» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىم ئۈچۈن سوغۇق ۋە زىيانسىز بول» دېدۇق.
21 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِمْ فِعْلَ الْخَيْرَاتِ وَإِقَامَ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءَ الزَّكَاةِ ۖ وَكَانُوا لَنَا عَابِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا يېتەكلەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەر قىلدۇق، ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشنى، زاكاتنى بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىدى.
21 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن تەرەپكە قاراپ چىقاتتى. بىز ھەر نەرسىنى بىلەتتۇق.
21 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَدْخَلْنَاهُمْ فِي رَحْمَتِنَا ۖ إِنَّهُمْ مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزگە چۆمدۈردۇق، چۈنكى ئۇلار ياخشىلاردىن ئىدى.
21 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِنْ رُوحِنَا وَجَعَلْنَاهَا وَابْنَهَا آيَةً لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نومۇسىنى ساقلىغان ئايالنىڭ (يەنى مەريەمنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىيساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلىنى (يەنى ئىيسا بىلەن مەريەمنى) ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: نومۇسىنى ساقلىغان ئايال-مەريەمنىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن. ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئەھلى جاھان ئۈچۈن دەلىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزنى زىكىر قىلغىن. بىز ئۇنىڭغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئالەملەر ئۈچۈن ئايەت قىلدۇق.
21 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق.
21 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ احْكُمْ بِالْحَقِّ ۗ وَرَبُّنَا الرَّحْمَٰنُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىم! (مېنىڭ بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن»[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پەيغەمبەر ئېيتتى- :«رەببىم! سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ رەببىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھدۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھ: «رەببىم! ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، بىزنىڭ رەببىمىز رەھماندۇر، سىلەرنىڭ بوھتانلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان زاتتۇر» دېدى.
ھەج سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَثَمُودُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، بىلگىنكى، ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ نۇھ قەۋمى، ئاد خەلقى، سەمۇد خەلقى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇدلەرمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى.
22 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْمُ إِبْرَاهِيمَ وَقَوْمُ لُوطٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى
22 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ مَدْيَنَ ۖ وَكُذِّبَ مُوسَىٰ فَأَمْلَيْتُ لِلْكَافِرِينَ ثُمَّ أَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر (مەككە مۇشرىكلىرى) سېنى ئىنكار قىلسا (سەن تۇنجى ئىنكار قىلىنغۇچى پەيغەمبەر ئەمەسسەن، سەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئىنكار قىلىنىپ سەۋر قىلىشقان)، ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئاد (خەلقى)، سەمۇد (خەلقى)، ئىبراھىمنىڭ قەۋمى، لۇتنىڭ قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان، كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ (ئۇلارغا بەرگەن) جازايىم قانداق ئىكەن؟[42 ـ 44]
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە مەديەن ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان، مۇسامۇ ئىنكار قىلىنغان ئىدى. چۈنكى مەن كاپىرلارغا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم، مېنىڭ جازايىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ۋە مەديەن ئاھالىسىمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېگەن ئىدى. مۇسامۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. مەن ئۇ كافىرلارغا باشتا مۆھلەت بەردىم، ئاندىن ئۇلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
22 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا أَنَا لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! مەن سىلەر ئۈچۈن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
مۆئمىنۇن سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُرِيدُ أَنْ يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىۋاشلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ چۈشۈرگەن بولاتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر چوڭلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسان، مەقسىتى سىلەردىن ئۈستۈن بولۇشتۇر. ئاللاھ خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەرنى چۈشۈرەتتى4. بىز بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن بۇنداق نەرسە ئاڭلىمىدۇق.
23 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ بِهِ جِنَّةٌ فَتَرَبَّصُوا بِهِ حَتَّىٰ حِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار»
ئەنەس ئالىم: بۇ پەقەت جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر. شۇڭا بىر مۇددەت ئۇنى كۆزىتىڭلار».
23 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇدنى) ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى): «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»[32]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق. -ئۇ ئېيتتى:- «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قورقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟».
23 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِلِقَاءِ الْآخِرَةِ وَأَتْرَفْنَاهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇلاقاتىنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ.[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كافىر بولغان، ئاخىرەتكە مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەن ۋە بىز دۇنيا ھاياتىدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاتقان چوڭلىرى مۇنداق دېدى: «بۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان، يېگىنىڭلاردىن يەيدۇ، ئىچكىنىڭلاردىن ئىچىدۇ.
23 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَطَعْتُمْ بَشَرًا مِثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذًا لَخَاسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئەلۋەتتە زىيان تارتىپ كېتىسىلەر.
23 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَىٰ ۖ كُلَّ مَا جَاءَ أُمَّةً رَسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُمْ بَعْضًا وَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدًا لِقَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلارنى كىشىلەرگە ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ھالاكەت ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا - ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. قاچانىكى بىرەر ئۇممەتكە ئۆز ئەلچىسى كەلسە، ئۇ ئۇممەت ئۇ ئەلچىنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇلارنى بىر - بىرلەپ ھالاك قىلىپ ئىبرەتلىك قىسسەلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق. يوقالسۇن ئىمان ئېيتمىغانلار گۇرۇھى!
23 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَارُونَ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن پاكىت بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىر قىسىم ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق،
23 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَابِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىشىنەمدۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزگە قۇل تۇرسا!» دېيىشتى.
23 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا مِنَ الْمُهْلَكِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بۇ ئىككىسىنى (يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننى) ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇ ئىككىسىنى ئىنكار قىلىشتى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ھالاك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى ئەنە شۇنداق يالغانچى دەپ ھالاك قىلىنغۇچىلاردىن بولدى.
23 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەرلەر! پاك - يەنى ھالال- نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچىلەر! پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىمەن.
23 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ كَانَتْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ تَنْكِصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، (ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، بىراق سىلەر ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنسا يۈز ئۆرۈيتتىڭلار.
23 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَمْ يَعْرِفُوا رَسُولَهُمْ فَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟[69]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ئەلچىلىرىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ئۆز ئەلچىسىنى تونۇمىدىمۇ؟ شۇڭا ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟
23 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَسْأَلُهُمْ خَرْجًا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق گۇمان قىلامدۇ؟) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) ئەجرى ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا سەن ئۇلاردىن ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ رەببىڭنىڭ ئەجرى ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياكى سەن ئۇلاردىن خەج تەلەپ قىلىۋاتامسەن؟ رەببىڭنىڭ ئاتاسى ياخشىدۇر. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر.
23 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» دېيىلىدۇ[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇلارغا-: «سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلەتتى-دە، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلاتتىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ سىلەر ئۇلارنى يالغان دېگەن ئەمەسمىدىڭلار؟».
نۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
يَعِظُكُمُ اللَّهُ أَنْ تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ سىلەرگە نەسىھىتى شۇكى، ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار بۇنداق ئىشنى ھەرگىزمۇ قايتا قىلماڭلار.
24 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۖ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْهِ مَا حُمِّلَ وَعَلَيْكُمْ مَا حُمِّلْتُمْ ۖ وَإِنْ تُطِيعُوهُ تَهْتَدُوا ۚ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتسا، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار»[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار باش تارتسا، -ئى مۇھەممەد بىلگىنكى-پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتۇر، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلارمۇ مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلىشتۇر، ئەگەر پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلساڭلار، ھىدايەت تاپىسىلەر، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار». ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ ئۆز ۋەزىپىسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، سىلەرمۇ ئۆز ۋەزىپەڭلاردىن جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلساڭلار ھىدايەت تاپىسىلەر. رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
24 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِذَا كَانُوا مَعَهُ عَلَىٰ أَمْرٍ جَامِعٍ لَمْ يَذْهَبُوا حَتَّىٰ يَسْتَأْذِنُوهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ فَإِذَا اسْتَأْذَنُوكَ لِبَعْضِ شَأْنِهِمْ فَأْذَنْ لِمَنْ شِئْتَ مِنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمُ اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر كامىل مۆمىنلەردۇر، ئۇلار (مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق) بىر ئىش ئۈستىدە (مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن) پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، ئۇلارغا سەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى كامىل مۇئمىنلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دۇر، ئۇلار بىر ئىش ئۈستىدە پەيغەمبەر بىلەن جەم بولغان چاغلىرىدا، پەيغەمبەردىن ئىجازەت سورىمىغىچە كېتىپ قالمايدۇ، سەندىن ئىجازەت سورايدىغانلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەردۇر، بەزى شەخسىي ئىش ئۈچۈن ئۇلار سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەن خالىغان ئادەملەرگە ئىجازەت بەرگىن، سەن ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇ، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئومۇمىي بىر ئىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا بولغان چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئالماستىن قايتىپ كەتمەيدۇ. سەندىن ئىجازەت سورىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەزى شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن سەندىن ئىجازەت سورىسا، ئۇلاردىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە ئىجازەت بەرگىن ۋە ئاللاھتىن ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
24 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ اللَّهُ الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنْكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَنْ تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار. سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇئمىنلار!- پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئاراڭلاردا بىر - بىرىڭلارنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش كۆرمەڭلار. ئاللاھ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن بىر - بىرىنى دالدا قىلىشىپ ئاستا چىقىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار باشلىرىغا بىرەر بالا كېلىشتىن ياكى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن.
فۇرقان سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَارَكَ الَّذِي نَزَّلَ الْفُرْقَانَ عَلَىٰ عَبْدِهِ لِيَكُونَ لِلْعَالَمِينَ نَذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: پۈتۈن جاھان ئەھلىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسى- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام-غا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھ نېمە دېگەن ئۇلۇغدۇر!
ئەنەس ئالىم: بەندىسىنىڭ ئالەملەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا فۇرقاننى نازىل قىلغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىز!
25 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا مَالِ هَٰذَا الرَّسُولِ يَأْكُلُ الطَّعَامَ وَيَمْشِي فِي الْأَسْوَاقِ ۙ لَوْلَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مَلَكٌ فَيَكُونَ مَعَهُ نَذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىپ) ئېيتتى: «بازارلاردا (بىز تاماق يېگەندەك) تاماق يەيدىغان، (بىز ماڭغاندەك) مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار ئېيتتى: «بازارلاردا تاماق يەيدىغان، مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بۇ قانداق ئەلچى، تاماق يەيدۇ، بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولمىدى؟
25 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا إِنَّهُمْ لَيَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَيَمْشُونَ فِي الْأَسْوَاقِ ۗ وَجَعَلْنَا بَعْضَكُمْ لِبَعْضٍ فِتْنَةً أَتَصْبِرُونَ ۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ (يەنى سەۋر قىلىڭلار) پەرۋەردىگارىڭ (سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن سەۋر قىلمىغۇچىلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئۈچۈن ئىمتىھان قىلدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ رەببىڭ كۆرۇپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزمۇ تاماق يەيتتى، بازارلاردا ماڭاتتى. ئى ئىنسانلار! بىز بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق. سەۋر قىلامسىلەر! رەببىڭ كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
25 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَوْمَ يَعَضُّ الظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيْهِ يَقُولُ يَا لَيْتَنِي اتَّخَذْتُ مَعَ الرَّسُولِ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن -نىجاتلىق- يولىنى تۇتسامچۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر يول تۇتسامچۇ!
25 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا مِنَ الْمُجْرِمِينَ ۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيًا وَنَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، رەببىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر نەبىيگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئەنە شۇنداق دۈشمەن قىلدۇق. يېتەكچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا رەببىڭ كۇپايىدۇر.
25 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَا مَعَهُ أَخَاهُ هَارُونَ وَزِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق ۋە قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلىپ بەردۇق.
25 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا رَأَوْكَ إِنْ يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا الَّذِي بَعَثَ اللَّهُ رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ[41 ـ 42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سېنى كۆرسە، مەسخىرە قىلىشىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «ئاللاھ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى مۇشۇمۇ؟
25 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ شِئْنَا لَبَعَثْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ نَذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئەگەر خالىغان بولساق ھەر يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتەتتۇق.
25 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا مُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سېنى پەقەت (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
شۇئەرا سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ نَشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ آيَةً فَظَلَّتْ أَعْنَاقُهُمْ لَهَا خَاضِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇق - تە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئايەتنى نازىل قىلاتتۇقتە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر خالىساق ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرىمىز - دە، بويۇنلىرى ئۇنىڭغا دەرھال ئېگىلىدۇ.
26 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَرَرْتُ مِنْكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكْمًا وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، مانا ئەمەدى رەببىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى ۋە مېنى پەيغەمبەرلەردىن قىلدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن قاچتىم، چۈنكى سىلەردىن قورققان ئىدىم. رەببىم ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدى ۋە مېنى ئەلچىلىرىدىن قىلدى.
26 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَيْءٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟» دېدى.
26 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى
26 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى
ئەنەس ئالىم: ۋە قولىنى چىقاردى - دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى.
26 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئۇ ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۈتۈشقا باشلىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى.
26 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْبَحْرَ ۖ فَانْفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَالطَّوْدِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دەريا يېرىلدى، ھەر بىر يېرىلغان قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ ئۇرۇشى بىلەن دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ، ھەر قىسمى چوڭ تاغدەك بولدى.
26 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
26 : 111 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَنُؤْمِنُ لَكَ وَاتَّبَعَكَ الْأَرْذَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى[111].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «-ئى نۇھ!- ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز ساڭا ئىشىنەمدۇق؟ ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا!» دېيىشتى.
26 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
26 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ يَا نُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمَرْجُومِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن (پەيغەمبەرلىك دەۋىتىڭدىن) يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن»[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن -بۇ يولۇڭدىن- يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى نۇھ! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن» دېدى.
26 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاد -خەلقى- پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
26 : 136 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُنْ مِنَ الْوَاعِظِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بەرىبىر بىزگە ئوخشاش[136].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ۋەز - نەسىھەت قىلامسەن ياكى ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر.
26 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد -خەلقى- پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى.
26 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَنْتَ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا فَأْتِ بِآيَةٍ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن»[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن»
ئەنەس ئالىم: سەن خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ قېنى بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن!»
26 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَٰذِهِ نَاقَةٌ لَهَا شِرْبٌ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
مۇھەممەد سالىھ: سالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: سالىھ ئېيتتى: «بۇ بىر چىشى تۆگىدۇر، ئۇنىڭ بىر ئىچمە ھەققى باردۇر، سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈنىڭلار باردۇر
ئەنەس ئالىم: سالىھ ئېيتتى: «ئۇ مۆجىزە بۇ چىشى تۆگىدۇر. ئۇنىڭ بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتى بار، سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتىڭلار بار.
26 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
26 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ يَا لُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمُخْرَجِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر (دەۋىتىڭدىن) قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن»[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر -دەۋىتىڭدىن- قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى لۇت! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن» دېدى.
26 : 176 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَ أَصْحَابُ الْأَيْكَةِ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەيكىلىقلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى[176].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيكە خەلقىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى
ئەنەس ئالىم: ئەيكەلىكلەر ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
26 : 194 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَىٰ قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى[193ـ194].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى،
26 : 214 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن[214].
تەرجىمە ھەيئىتى: يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇغىن
ئەنەس ئالىم: ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن.
نەمىل سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَلْقِ عَصَاكَ ۚ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ لَا تَخَفْ إِنِّي لَا يَخَافُ لَدَيَّ الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە قارىيالمىدى. -ئاندىن نېدا قىلىندىكى- :«ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ خۇددى يىلاندەك تولغىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قېچىشقا باشلىدى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەلچىلىرىم قورقمايدۇ.
27 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَدْخِلْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ ۖ فِي تِسْعِ آيَاتٍ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَقَوْمِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى »[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، -بۇ- مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كۆرسىتىلىدىغان توققۇز مۆجىزىنىڭ بىرى بولسۇن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».
27 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ آيَاتُنَا مُبْصِرَةً قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ نۇرغۇن روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ھەقنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارغا كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىردۇر» دېيىشتى.
27 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الَّذِي عِنْدَهُ عِلْمٌ مِنَ الْكِتَابِ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ يَرْتَدَّ إِلَيْكَ طَرْفُكَ ۚ فَلَمَّا رَآهُ مُسْتَقِرًّا عِنْدَهُ قَالَ هَٰذَا مِنْ فَضْلِ رَبِّي لِيَبْلُوَنِي أَأَشْكُرُ أَمْ أَكْفُرُ ۖ وَمَنْ شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّي غَنِيٌّ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابتىن ئىلمى بار بىر زات[1]: «مەن ئۇنى ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ رەببىمنىڭ ئېھسانىدىندۇركى، شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىناش ئۈچۈندۇر، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن رەببىم بىھاجەتتۇر، كەرىمى كەڭدۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: كىتابتىن ئىلمى بولغان زات: «مەن ئۇنى سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلەيمان ئۇ ئاندا تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ رەببىمنىڭ پەزلىدىندۇر. رەببىم ماڭا ئۇنى شۈكۈر قىلامدىمەن ياكى تۇزكورلۇق قىلامدىمەن، مېنى سىناش ئۈچۈن ئاتا قىلدى. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى رەببىم غەنىيدۇر، سېخىيدۇر».
27 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا اطَّيَّرْنَا بِكَ وَبِمَنْ مَعَكَ ۚ قَالَ طَائِرُكُمْ عِنْدَ اللَّهِ ۖ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ تُفْتَنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «(بىزگە كەلگەن قەھەتچىلىك) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كېلىدىغان ياخشى -يامانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەرنى ئاللاھ سىنايدۇ»[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىغا ئۇچرىدۇق». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كەلگەن شۇملۇق ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، بەلكى سىلەر سىنىلىۋاتقان بىر قەۋمسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن ۋە تەرەپدارلىرىڭ بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار» دېدى. سالىھ: «شۇملۇقۇڭلارنى ئاللاھتىن بىلىڭلار. بەلكى سىلەر سىناق قىلىنىۋاتقان قەۋمسىلەر» دېدى.
27 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوا آلَ لُوطٍ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بىردىن ـ بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «لۇتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىس ئىنسانلاردۇر!1».
27 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَتْلُوَ الْقُرْآنَ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَقُلْ إِنَّمَا أَنَا مِنَ الْمُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»[91- 92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى توغرا يولغا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن سەن ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن يەنە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پادىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئېيتقىنكى: ‹مەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن›».
قەسەس سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ أَقْبِلْ وَلَا تَخَفْ ۖ إِنَّكَ مِنَ الْآمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، (نىدا قىلىندىكى) «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچتىن) ئەمىن بولغۇچىلاردىنسەن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى، كەينىگە قارىمىدى، -نىدا قىلىندىكى،- «ئى مۇسا! ئالدىڭغا ماڭغىن، قورقمىغىن، سەن ھەقىقەتەن بىخەتەرلىككە ئېرىشكۈچىلەردىنسەن
ئەنەس ئالىم: ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ يىلاندەك تولغۇنۇپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قايتىپ كەلگىن، قورقمىغىن، سەن خاتىرجەم بولغۇچىلاردىنسەن.
28 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
اسْلُكْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ وَاضْمُمْ إِلَيْكَ جَنَاحَكَ مِنَ الرَّهْبِ ۖ فَذَانِكَ بُرْهَانَانِ مِنْ رَبِّكَ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز (بىر پارچە ئايدەك پارلاپ) ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن (يەنى قوينۇڭغا سېلىۋالغىن)، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە (ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ) چوڭلىرىغا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن (بىزنىڭ ئىتائىتىمىزدىن چىققۇچى) پاسىق قەۋم ئىدى»[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، قورقۇنچنى دەپئى قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭنى يىغىۋالغىن، بۇ ئىككىسى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن پاكىتتۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى»
ئەنەس ئالىم: قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىدۇ. قورققانلىقىڭ ئۈچۈن ئېچىلغان قوللىرىڭنى يىغىۋالغىن. ئەنە شۇ ئىككىسى، فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى رەببىڭ ساڭا بەرگەن ئىككى دەلىلدۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر».
28 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَنَشُدُّ عَضُدَكَ بِأَخِيكَ وَنَجْعَلُ لَكُمَا سُلْطَانًا فَلَا يَصِلُونَ إِلَيْكُمَا ۚ بِآيَاتِنَا أَنْتُمَا وَمَنِ اتَّبَعَكُمَا الْغَالِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز، ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئارقىلىق غەلىبە قىلىسىلەر»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «قېرىندىشىڭ ئارقىلىق سېنى كۈچەيتىمىز ۋە ئىككىڭلارنى غالىب قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز سەۋەبلىك ئىككىڭلارغا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سىلەر ئىككىڭلار ۋە ئىككىڭلارغا ئەگەشكەنلەر غەلىبە قىلغۇچىلارسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىڭ بىلەن سېنى كۈچلەندۈرىمىز، ئىككىڭلارغا كۈچ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىلەرگە چېقىلالمايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، سىلەر ۋە سىلەرگە ئەگەشكەنلەر چوقۇم غالىب كېلىسىلەر».
28 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الْغَرْبِيِّ إِذْ قَضَيْنَا إِلَىٰ مُوسَى الْأَمْرَ وَمَا كُنْتَ مِنَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ھۆكمىمىزنى بىلدۈرگەن ۋاختىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، -بۇنى- ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز مۇساغا ئەمرىمىزنى ۋەھىي قىلغان چاغدا سەن ۋادىنىڭ غەرب تەرىپىدە يوق ئىدىڭ، سەن كۆرگەنلەردىنمۇ ئەمەس ئىدىڭ.
28 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَٰكِنَّا أَنْشَأْنَا قُرُونًا فَتَطَاوَلَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۚ وَمَا كُنْتَ ثَاوِيًا فِي أَهْلِ مَدْيَنَ تَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا وَلَٰكِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكۈچىلەرمىز
ئەنەس ئالىم: لېكىن بىز نۇرغۇن نەسىللەر ياراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتتى. سېنىڭ مەديەن ئاھالىسى ئىچىدە ياشاپ، ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلغىنىڭ يوق. لېكىن سېنى بىز ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
28 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتَ بِجَانِبِ الطُّورِ إِذْ نَادَيْنَا وَلَٰكِنْ رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە -مۇساغا- سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر، ئۈمىتكى ئۇلار ۋەز ـ نەسىھەت ئالغايلار
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا نىدا قىلغان چاغدا سەن تۇر تېغىنىڭ يېنىدا يوق ئىدىڭ. لېكىن بۇ رەببىڭنىڭ رەھمىتى بولۇپ، سەندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇلار ئويلانغاي!
28 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْلَا أَنْ تُصِيبَهُمْ مُصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَيَقُولُوا رَبَّنَا لَوْلَا أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ آيَاتِكَ وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «رەببىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن -ساڭا بۇ خەۋەرلەرنى بىلدۈردۇق-
ئەنەس ئالىم: بىز بۇنى، ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە: «رەببىمىز! بىزگە ئەلچى ئەۋەتكەن بولساڭ، بىزمۇ سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشىپ مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق» دېمىسۇن دەپ قىلدۇق.
28 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ رَبُّكَ مُهْلِكَ الْقُرَىٰ حَتَّىٰ يَبْعَثَ فِي أُمِّهَا رَسُولًا يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا ۚ وَمَا كُنَّا مُهْلِكِي الْقُرَىٰ إِلَّا وَأَهْلُهَا ظَالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىگە، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمىگۈچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدۇق، شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ شەھەرلەرنىڭ مەركىزىگە، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتمىگىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدى، شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ يۇرتلارنىڭ مەركىزىگە، ئىنسانلارغا ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىدىغان ئەلچى ئەۋەتمەستىن ئۇ يۇرتلارنى ھالاك قىلمىدى. بىز پەقەت ئاھالىسى زالىم بولغان يۇرتلارنىلا ھالاك قىلدۇق.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ تُكَذِّبُوا فَقَدْ كَذَّبَ أُمَمٌ مِنْ قَبْلِكُمْ ۖ وَمَا عَلَى الرَّسُولِ إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (مېنى) ئىنكار قىلساڭلار (ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر)، سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى نازىل بولغان، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئازاب نازىل بولىدۇ)، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى) چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر»[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر يالغانغا چىقىرىدىغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ يالغانغا چىقارغان ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەتلا چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر راستنى يالغان دېسەڭلار، سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى. رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر».
29 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا اقْتُلُوهُ أَوْ حَرِّقُوهُ فَأَنْجَاهُ اللَّهُ مِنَ النَّارِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى (ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئوتنى سۈرۈن ۋە ئامان جاي قىلىپ بەردى). ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمىنىڭ جاۋابى: «ئىبراھىمنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار!» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى ئوتتىن قۇتۇلدۇردى. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
ئەنەس ئالىم: قەۋمىنىڭ ئىبراھىمغا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى كۆيدۈرۈڭلار». لېكىن ئاللاھ ئىبراھىمنى ئوتتىن قۇتقۇزدى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
29 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِ النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ وَآتَيْنَاهُ أَجْرَهُ فِي الدُّنْيَا ۖ وَإِنَّهُ فِي الْآخِرَةِ لَمِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق (يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خۇدالىق ئۈچۈن قەۋمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ياخشى پەرزەنت ئىسھاقنى بەردۇق ۋە ئىسھاقنىڭ ئوغلى بولغان نەۋرىسى يەئقۇبنى بەردۇق)، (ئۇنىڭدىن كېيىن) پەيغەمبەرلىكنى، كىتابنى (يەنى ساماۋى كىتابلارنى) ئۇنىڭ ئەۋلادىغا خاس قىلدۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق (يەنى جىمى دىنلاردا ئۇنى ياخشى نامغا ئىگە قىلدۇق)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن كەلگەنلەرگە پەيغەمبەرلىك ۋە كىتاب بەردۇق، دۇنيادىكى مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە ياخشى بەندىلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇنى دۇنيادا مۇكاپاتلىدۇق. ئۇ ئاخىرەتتىمۇ چوقۇم ياخشىلاردىن بولىدۇ.
29 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باستى - دە، تۇرغان يەرلىرىدە دۈم چۈشۈپ قېتىپ قالدى.
29 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كُنْتَ تَتْلُو مِنْ قَبْلِهِ مِنْ كِتَابٍ وَلَا تَخُطُّهُ بِيَمِينِكَ ۖ إِذًا لَارْتَابَ الْمُبْطِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرى سەن كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيتتىڭ، خەت يېزىشنىمۇ بىلمەيتتىڭ، (مۇبادا سەن كىتاب ئوقۇغان، خەت يازىدىغان بولساڭ) ئۇ چاغدا ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرى سەن كىتابمۇ ئوقۇمايتتىڭ، ئۇنى ئوڭ قولۇڭ بىلەنمۇ يازمايتتىڭ، ئۇنداق بولغان بولسا، ھەققە قارشى تۇرغۇچىلار چوقۇم گۇمانلىناتتى
ئەنەس ئالىم: سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق كىتاب تىلاۋەت قىلمىغان ۋە ھەرگىزمۇ خەت يازمىغان ئىدىڭ. ئۇنداق بولسا ئىدى، باتىل تەرەپدارلىرى شۈبھىلىنەتتى.
29 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ آيَاتٌ مِنْ رَبِّهِ ۖ قُلْ إِنَّمَا الْآيَاتُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى، «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا رەببىدىن مۆجىزىلەر چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. مەن پەقەت ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
29 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ وَلِيَتَمَتَّعُوا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇتۇلدۇرغانلىقىمىزغا ناشۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، قالغان ئۆمۈرلىرىدىن) بەھرىمەن بولسۇن، بۇلار (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن نېمىتىمىزگە كۆز يۇمۇپ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، يېقىن كەلگۈسىدە بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىپ تۇرسۇن، بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن. پات يېقىندا بىلىپ قالىدۇ.
رۇم سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَأَثَارُوا الْأَرْضَ وَعَمَرُوهَا أَكْثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ فَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنلەر) قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زىرائەت تېرىشتا، ئىمارەت سېلىشتا بۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) دىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (لېكىن ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھسىز ھالاك قىلغىنى يوق)، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى (كۇفرى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك بولدى)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار يەر يۈزىنى قېزىپ ئاستىنى ئۈستىگە كەلتۈرگەن ئىدى ۋە ئۇلار يەريۈزىنى بۇلاردىن كۆپرەك تەرەققى قىلدۇرغان ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زېمىننى قازغان ئىدى ۋە ئۇنى بۇلارنىڭ ئاۋاتلاشتۇرغىنىدىن بەكرەك ئاۋاتلاشتۇرغان ئىدى. ئۇلارغا ئۆز ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.
30 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَكْفُرُوا بِمَا آتَيْنَاهُمْ ۚ فَتَمَتَّعُوا فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بىزنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە نا شۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، قېنى؟ (ئى مۇشرىكلار!) (دۇنيا تىرىكچىلىكىدە سىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، سىلەر (پانىي دۇنيانىڭ نېمىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىسىلەر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە بەرگەن نېمىتىمىزگە كۆز يۇمۇپ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، يېقىن كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار، بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە قارشى تۇزكورلۇق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھازىرچە بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇڭلار، يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر!
30 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ الْقَيِّمِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا مَرَدَّ لَهُ مِنَ اللَّهِ ۖ يَوْمَئِذٍ يَصَّدَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلار (نىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە) ئايرىلىدۇ[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن -قىيامەت- كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە ئايرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ تەرىپىدىن، قايتۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان كۈن كېلىشتىن بۇرۇن يۈزۈڭنى بۇ توغرا دىنغا توغرىلىغىن. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئايرىلىدۇ.
30 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ فَجَاءُوهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَانْتَقَمْنَا مِنَ الَّذِينَ أَجْرَمُوا ۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئاسىيلىق قىلدى). ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلپ ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۇئمىنلارغا ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئۆز قەۋملىرىگە ئەۋەتتۇق. ئەلچىلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. بىز جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەردىن ئىنتىقام ئالدۇق. مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ ۚ بَلْ هُوَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أَتَاهُمْ مِنْ نَذِيرٍ مِنْ قَبْلِكَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئۇنى ئۆزى توقۇدى» دەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن بىر قەۋمنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇنى مۇھەممەد ئويدۇردى» دەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى ئۇ، رەببىڭدىن كەلگەن ھەق بولۇپ، سەندىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇلار توغرا يولغا كەلگەي!
ئەھزاب سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنْفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ ۗ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ إِلَّا أَنْ تَفْعَلُوا إِلَىٰ أَوْلِيَائِكُمْ مَعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ ئەۋلادۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلاردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن تېخىمۇ ئەۋلادۇر، لېكىن دوستلىرىڭلارغا يوللۇق رەۋىشتە ۋەسىيەت قىلساڭلار ئۇ باشقا، بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ نەبىي مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىدىنمۇ يېقىندۇر3. ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇرۇق -تۇغقانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرىگە مۇئمىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر. يېقىنلىرىڭلارغا قىلىدىغان ياخشىلىقىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا4. بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر.
33 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ـ ئاللاھ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەسۇلى سىلەرگە - ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان كىشىلەرگە - ھەقىقەتەن ياخشى ئۈلگىدۇر.
33 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ عَلَى النَّبِيِّ مِنْ حَرَجٍ فِيمَا فَرَضَ اللَّهُ لَهُ ۖ سُنَّةَ اللَّهِ فِي الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلُ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ قَدَرًا مَقْدُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. (بۇ) ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى (پەيغەمبەرلەرگە) تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەزەلدىنلا بېكىتىلىپ كەتكەن (ئۆزگەرمەس) ھۆكۈمدۇر[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەيغەمبەرگە ھالال قىلغان ئىشقا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغاندۇر
ئەنەس ئالىم: نەبىي ئاللاھ ئەمر قىلغان ئىشنى قىلسا ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنى. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھۆكۈمدۇر.
33 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَالَاتِ اللَّهِ وَيَخْشَوْنَهُ وَلَا يَخْشَوْنَ أَحَدًا إِلَّا اللَّهَ ۗ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر) ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدۇ (ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئاللاھتىن غەيرىيدىن قورقماسلىقتا شۇ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكىن)، ئاللاھ (ھەممە ئىشلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانلىرىنى يەتكۈزگەن، ئاللاھتىنلا قورققان ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىدىن قورقمايدىغانلاردۇر، ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ. ئاللاھ تولۇق ھېساب ئالغۇچىدۇر.
33 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِنْ رِجَالِكُمْ وَلَٰكِنْ رَسُولَ اللَّهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس)[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىر ى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: مۇھەممەد سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلاردىن بىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر ۋە نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
33 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! بىز سېنى گۇۋاھچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
33 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَدَاعِيًا إِلَى اللَّهِ بِإِذْنِهِ وَسِرَاجًا مُنِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! سېنى بىز ھەقىقەتەن گۇۋاھچى، بېشارەتچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ (بىرلىكىگە، تائەت ـ ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق[45ـ46].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەنە سېنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىگە دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: سېنى يەنە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق.
33 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ بِأَنَّ لَهُمْ مِنَ اللَّهِ فَضْلًا كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئېھسانىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بەرگىن[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىنلارغا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۈيۈك ئېھسانى بارلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن، ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن بۈيۈك پەزل بار.
33 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللَّاتِي آتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّاتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَالَاتِكَ اللَّاتِي هَاجَرْنَ مَعَكَ وَامْرَأَةً مُؤْمِنَةً إِنْ وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنْ أَرَادَ النَّبِيُّ أَنْ يَسْتَنْكِحَهَا خَالِصَةً لَكَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ ۗ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەنلەرنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق). بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۆمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەر ئۇنى (مەھرىسىز) ئېلىشنى خالىسا، بۇنى مۆمىنلەرگە ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا (ھالال قىلدۇق)، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن (سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئۆزۈڭ ئېگە بولغانلارنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار سەن بىلەن بىرلىكتە ھىجرەت قىلدى. ئەگەر بىر مۇئمىن خوتۇن ئۆزىنى پەيغەمبەرگە بەخش قىلسا، پەيغەمبەرمۇ ئۇنى ئېلىشىنى خالىسا، بۇنى مۇئمىنلارغا ئەمەس، يالغۇز ساڭىلا -ھالال قىلدۇق-، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىزنىڭ چىقارغان بەلگىلىمىلىرىمىز بىزگە مەلۇمدۇر، ساڭا ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن -سېنى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلدۇق-، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! بىز، سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا ئۇرۇشسىز ئاتا قىلغان غەنىيمەتلەردىن سەن ئىگە بولغان چۆرىنى، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاناڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان قىزلىرىنى، ئۆزىنى نەبىيگە ھەدىيە قىلغان ۋە نەبىي نىكاھىغا ئېلىشنى ئىرادە قىلغان مۇئمىن ئايالنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭىلا ھالالدۇر. بىز مۇئمىنلارغا ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. بۇنى قىيىنچىلىق تارتماسلىقىڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
33 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْمُرْجِفُونَ فِي الْمَدِينَةِ لَنُغْرِيَنَّكَ بِهِمْ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَا إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر مۇناپىقلار، (نىفاقتىن) دىللىرىدا كېسەل بارلار، مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار (قىلمىشلىرىدىن) يانمىسا، (ئى مۇھەممەد) ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ (يەنى ئۇلار مەدىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ، چىقىپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن مەدىنىدە پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ). ئۇلار قەيەردە بايقالسا، شۇ يەردە تۇتۇلىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ[60ـ61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر مۇناپىقلار، دىللىرىدا كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يالغان خەۋەر تارقاتقۇچىلار قىلمىشلىرىدىن يانمىسا، -ئى مۇھەممەد- ئەلۋەتتە بىز سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار مەدىنىدە لەنەتكە ئۇچرىغان ھالدا سەن بىلەن ئازغىنا ۋاقىتلا تۇرالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر مۇنافىقلار، قەلبىدە كېسەل بارلار ۋە مەدىنىدە يامان خەۋەر تارقىتىۋاتقانلار قىلمىشلىرىدىن توختىمىسا سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سالىمىز. ئاندىن كېيىن ئۇلار مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنە ۋاقىت تۇرالايدۇ.
سەبەئ سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ مِنَّا فَضْلًا ۖ يَا جِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُ وَالطَّيْرَ ۖ وَأَلَنَّا لَهُ الْحَدِيدَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن پەزل (يەنى پەيغەمبەرلىك، زەبۇر، تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ بويسۇنۇشى، تۆمۈرنىڭ يۇمشاق بولۇپ بېرىشى، ساۋۇت ياساشنى بىلدۈرۈشلەر) ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» (دېدۇق). تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن ھەقىقەتەن ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلدۇق. «ئى تاغلار! ئى قۇشلار! داۋۇت بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىڭلار» -دېدۇق-. تۆمۈرنى داۋۇدقا يۇمشاق قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز داۋۇتقا ئۆز تەرىپىمىزدىن پەزل ئاتا قىلدۇق: «ئى تاغلار! ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق.
34 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
34 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قايسى شەھەرگە بولمىسۇن، بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى.
34 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا آتَيْنَاهُمْ مِنْ كُتُبٍ يَدْرُسُونَهَا ۖ وَمَا أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمْ قَبْلَكَ مِنْ نَذِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئوقۇيدىغان ھېچقانداق كىتابلارنى ئاتا قىلغىنىمىز يوق. سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پەيغەمبەرمۇ ئەۋەتكىنىمىز يوق[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى بىزنىڭ ئۇلارغا ئۆگىنىدىغان كىتابلارنى ئاتا قىلغىنىمىز يوق. سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتكىنىمىزمۇ يوق
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، بىز ئۇلارغا ئوقۇشلىرى ئۈچۈن بىرەر كىتاب بەرمىگەن ۋە ئۇلارغا سەندىن ئىلگىرى بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچىمۇ ئەۋەتمىگەن.
34 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ وَمَا بَلَغُوا مِعْشَارَ مَا آتَيْنَاهُمْ فَكَذَّبُوا رُسُلِي ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئۇلار (يەنى ئىلگىرىكىلەر) ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىگەن، ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ ئىنكار قىلغان، بۇلار ئىلگىرىكىلەر ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشەلمىدى، ئۇلارمۇ مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلغا ئىدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى يالغانچى دېيىشكەن ئىدى. بۇلار، بىز ئۇلارغا ئاتا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىدى. ئۇلار ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى، مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
34 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَعِظُكُمْ بِوَاحِدَةٍ ۖ أَنْ تَقُومُوا لِلَّهِ مَثْنَىٰ وَفُرَادَىٰ ثُمَّ تَتَفَكَّرُوا ۚ مَا بِصَاحِبِكُمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ لَكُمْ بَيْنَ يَدَيْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى ئىزدەڭلار)، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلاردا (يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن ياكى بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلار -مۇھەممەد-تە ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە بىرلا نەسىھىتىم بار: ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن، بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن تەپەككۇر قىلىڭلار2. قېرىندىشىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس. ئۇ پەقەت قاتتىق ئازابتىن بۇرۇن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر».
34 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ فَهُوَ لَكُمْ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ مېنىڭ ئەجرىم پەقەت ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قانداق ئەجىر سورىغان بولسام، ئۇ سىلەرنىڭ بولسۇن3. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».
فاتىر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ ۚ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمە)، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، بىلگىنكى، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بىلگىنكى، سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ئەلچىلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.
35 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ وَإِنْ تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَىٰ حِمْلِهَا لَا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۗ إِنَّمَا تُنْذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ ۚ وَمَنْ تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفْسِهِ ۚ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئەگەر گۇناھى ئېغىر بولغان كىشى گۇناھ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن باشقىسىنى ياردەمگە چاقىرسا، ئۇنىڭ يۈكىدىن ھېچبىر نەرسە ئۇ باشقىسى تەرىپىدىن ئۈستىگە ئېلىنمايدۇ، ئۇ باشقىسى ئۇنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ. سەن پەقەت رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغانلارنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن. كىم ئۆزىنى پاك تۇتسا، ئۆزى ئۈچۈن پاك تۇتىدۇ. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر.
35 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ أَنْتَ إِلَّا نَذِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: سەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.
35 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۚ وَإِنْ مِنْ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق بىلەن مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگۈچى، كاپىرلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق بىلەن ئەۋەتتۇق. ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتىلمىگەن ھېچبىر ئۇممەت يوقتۇر.
35 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ وَبِالزُّبُرِ وَبِالْكِتَابِ الْمُنِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سېنى يالغانغا چىقارغان بولسا، بىلگىنكى، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ -ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى- يالغانغا چىقارغان ئىدى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بىلگىنكى، بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرمۇ يالغانچى دېگەن ئىدى. ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى، ئىلاھىي سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
35 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَخَذْتُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ فَكَيْفَ كَانَ نَكِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟)[26]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇ كاپىرلارنى جازالىدىم، مېنى ئىنكار قىلىش قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مەن كافىرلارنى جازالىدىم. ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
35 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُمْ مَا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَنْ تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. -ئاللاھ ئېيتىدۇ- : «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ؟ ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە: «رەببىمىز! بىزنى چىقارغىن، قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر قىلايلى» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلىشىدۇ. بۇ چاغدا بىز ئۇلارغا مۇنداق دەيمىز: «سىلەرگە نەسىھەت ئالىدىغان كىشى نەسىھەت ئالغۇدەك ئۆمۈر بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن ئىدىغۇ! ئەمدى تېتىڭلار! زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر».
ياسىن سۈرىسى
17 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن[2 - 3].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، سەن ئەلۋەتتە ئەلچىلىرىمدىنسەن.
36 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أُنْذِرَ آبَاؤُهُمْ فَهُمْ غَافِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[5 ـ 6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن!
ئەنەس ئالىم: ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن غاپىل قالغان قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن.
36 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا تُنْذِرُ مَنِ اتَّبَعَ الذِّكْرَ وَخَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن، ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل ساۋاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: سەن قۇرئانغا ئەگەشكەن ۋە رەھماننى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەيمەنگەن كىشىنىلا ئاگاھلاندۇرىسەن3. ئۇنداق كىشىگە گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئېسىل مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
36 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلًا أَصْحَابَ الْقَرْيَةِ إِذْ جَاءَهَا الْمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا شەھەر - يەنى ئەنتاكىيە- ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا مەلۇم يۇرت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلىپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئەلچىلەر كەلگەن ئىدى.
36 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمُ اثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوا إِنَّا إِلَيْكُمْ مُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچىسى بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر -ئۇلارغا-: «بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا ئىككى كىشىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى ئەلچىنى يالغانچى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئىككى ئەلچىنى ئۈچىنچى ئەلچى بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئۇ ئەلچىلەر ئۇلارغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز» دېدى.
36 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا مَا أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَمَا أَنْزَلَ الرَّحْمَٰنُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى ئۇ ئەلچىلەرگە: «سىلەر خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر. رەھمان ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى. سىلەر پەقەتلا يالغان سۆزلەۋاتىسىلەر» دېدى.
36 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّا إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلچىلەر: «رەببىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەر مۇنداق دېدى: «رەببىمىز بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز.
36 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا عَلَيْنَا إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر».
36 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا تَطَيَّرْنَا بِكُمْ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهُوا لَنَرْجُمَنَّكُمْ وَلَيَمَسَّنَّكُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئەلچىلەرگە- : «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر -دەۋىتىڭلارنى- توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سىلەر بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار. ئەگەر بۇ ئىشتىن توختىمىساڭلار، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىمىز ۋە بىز تەرەپتىن ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىسىلەر» دېدى.
36 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَىٰ قَالَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُوا الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى -ھەبىب نەجار- يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار
ئەنەس ئالىم: شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار.
36 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
اتَّبِعُوا مَنْ لَا يَسْأَلُكُمْ أَجْرًا وَهُمْ مُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: توغرا يولدا بولغان ۋە سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغانلارغا ئەگىشىڭلار. ئۇلار توغرا يولدىدۇر.
36 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَا حَسْرَةً عَلَى الْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئىسىت! شۇ بەندىلەرگە. ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلاتتى.
36 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّقُوا مَا بَيْنَ أَيْدِيكُمْ وَمَا خَلْفَكُمْ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ئازابىدىن) ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ)[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن قورقۇڭلار» دېيىلسە
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئالدىڭلاردىكى ۋە ئارقاڭلاردىكى نەرسىلەردىن قورقۇڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر» دېيىلسە،
36 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَأْتِيهِمْ مِنْ آيَةٍ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا قاچان ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كەلدى.
36 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَنْ لَا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟[60ـ61]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە : «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر،
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر› دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟
36 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا عَلَّمْنَاهُ الشِّعْرَ وَمَا يَنْبَغِي لَهُ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ وَقُرْآنٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر[69ـ70].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرگە بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. شۈبھىسىزكى ئۇ، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە روشەن قۇرئاندۇر
ئەنەس ئالىم: بىز مۇھەممەدكە شېئىر ئۆگەتمىدۇق. شېئىر ئۇنىڭغا ياراشمايدۇ. ئۇنىڭغا ۋەھىي قىلىنغان نەرسە پەقەت ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر.
36 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُنْذِرَ مَنْ كَانَ حَيًّا وَيَحِقَّ الْقَوْلُ عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر[69ـ70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغاندۇر.
ئەنەس ئالىم: ئۇ قۇرئان مۇھەممەدنىڭ تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئازاب سۆزىنىڭ كافىرلارغا تېگىشلىك بولۇشى ئۈچۈن نازىل قىلىندى.
ساففات سۈرىسى
28 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
فَالتَّالِيَاتِ ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: سەپ ـ سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (ئاللاھتىن مەدەت تىلەپ) كالامۇللاھنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى[1 ـ 3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئاللاھنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان غازات قىلغۇچى قوشۇن بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ۋە زىكىر1 تىلاۋەت قىلغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
37 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستتىنلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ[15ـ17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دېدىكى: «بۇ روشەن سېھىردۇر،
ئەنەس ئالىم: ۋە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر.
37 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُو آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَجْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى
ئەنەس ئالىم: ۋە: «بىز جىن چاپلىشىۋالغان شائىر ئۈچۈن ئىلاھلىرىمىزنى تەرك ئېتەمدۇق؟» دەيتتى.
37 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ جَاءَ بِالْحَقِّ وَصَدَّقَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقنى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى
ئەنەس ئالىم: ياق، ئۇ ھەقنى ئېلىپ كەلدى ۋە ئەلچىلىرىمنى تەستىقلدى.
37 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلارنىڭ تولىسى ئېزىپ كەتكەن ئىدى.
37 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا فِيهِمْ مُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئەۋەتكەن ئىدۇق.
37 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْ شِيعَتِهِ لَإِبْرَاهِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، نۇھنىڭ يولىدا ماڭغۇچىلاردىن بىرى ئىبراھىمدۇر.
37 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ إِنِّي سَقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى[88 ـ 89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەلمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ۋە: «مەن كېسەل» دېدى.
37 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّوْا عَنْهُ مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى)[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمنى قويۇپ كېتىشتى.
37 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَاغَ إِلَىٰ آلِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى[91ـ92].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېمەمسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېيتتى: «يېمەمسىلەر؟3
37 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًا بِالْيَمِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇردى.
37 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَقْبَلُوا إِلَيْهِ يَزِفُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ ـ سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئىبراھىمنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى.
37 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
فَبَشَّرْنَاهُ بِغُلَامٍ حَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا زېرەك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
37 : 104 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[104ـ105].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم!
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: «ئى ئىبراھىم!
37 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇشخەۋەر بەردۇق[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا نەبىي بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق.
37 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىلياسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
37 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار جەھەننەمگە ھازىر قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىلياسنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئەلۋەتتە ئازابقا ھازىر قىلىنىدۇ.
37 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئىلياسقا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لُوطًا لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، لۇتمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
37 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[139]
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، يۇنۇسمۇ ئەلچىلىرىمدىن ئىدى.
37 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ مِائَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى بىز سانى 100 مىڭ، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى يۈز مىڭ ياكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
37 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ كَانُوا لَيَقُولُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ[167- 169].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەمىشە دەيدۇكى:
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار مۇنداق دەيتتى:
37 : 171 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان[171].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن بەندىلىرىمىز توغرۇلۇق بۇرۇن قىلغان سۆزىمىز مۇنداق:
37 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ لَهُمُ الْمَنْصُورُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: «ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىلىدۇ.
37 : 181 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن![181]
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن!
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەرگە سالام بولسۇن!
ساد سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ ۖ وَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىگە ئەجەبلەندى ۋە ئۇ كافىرلار مۇنداق دېيىشتى: «شۇ مۇھەممەد سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر.
38 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَانْطَلَقَ الْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ امْشُوا وَاصْبِرُوا عَلَىٰ آلِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَشَيْءٌ يُرَادُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (يەنى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ)[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى -سورۇنلىرىدىن- قوزغىلىپ چىقىپ: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى مۇنۇ سۆزلەرنى قىلىشقان ھالدا يۈرۈشتى: «مېڭىڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئىرادە قىلىنىدىغان نەرسىدۇر.
38 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي الْمِلَّةِ الْآخِرَةِ إِنْ هَٰذَا إِلَّا اخْتِلَاقٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنى بىز باشقا بىر دىندا ئاڭلىمىدۇق، بۇ بىر ئويدۇرمىدىنلا ئىبارەتتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ تەۋھىد ئېتىقادىنى ئاخىرقى دىندىمۇ ئاڭلىمىدۇق. بۇ ئويدۇرمىدىنلا ئىبارەتتۇر.
38 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَأُنْزِلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ مِنْ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِنْ ذِكْرِي ۖ بَلْ لَمَّا يَذُوقُوا عَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بولدىمۇ؟» بەلكى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (يەنى قۇرئان) دىن شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلار تېخى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىغىنى يوق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: «قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل بوپتىمۇ؟». ياق، توغرىسى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم –قۇرئان- ھەققىدە شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلارنىڭ تېخى ئۇ ئازابنى تېتىغىنى يوق
ئەنەس ئالىم: قۇرئان ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنىپتۇمۇ؟». بەلكى ئۇلار مېنىڭ قۇرئانىمدىن قاتتىق شەك قىلماقتىدۇر1. بەلكى ئۇلار ئازابىمنى تېخى تېتىمىدى.
38 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَعَادٌ وَفِرْعَوْنُ ذُو الْأَوْتَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد (قەۋمى) ۋە قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋن (قەۋمى) (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.) (ئىزاھات: پىرئەۋن جازالىماقچى بولغان كىشىنى قول ـ پۇتلىرىدىن تۆت قوزۇققا باغلاپ قىيناپ ئۆلتۈرەتتى، شۇڭا قوزۇقلار ئىگىسى دەپ نام ئالغان.)[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد قەۋمى ۋە قوزۇقلار ئىگىسى[1] پىرئەۋن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە قوزۇقلارنىڭ ئىگىسى بولغان فىرئەۋن راستنى يالغان دېگەن ئىدى.
38 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍ وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ ۚ أُولَٰئِكَ الْأَحْزَابُ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەر (يەنى شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى) مۇ (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى)، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى ئۇيۇشقان) جامائەلەر ئىدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى، ئەنە شۇلار ئىتتىپاقداشلار ئىدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە ئەيكەلىكلەرمۇ شۇنداق قىلغان. ئەنە شۇلار ئەلچىلىرىمگە قارشى ئۇيۇشقان گۇرۇھلار ئىدى.
38 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى جامائەلەر) دىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ئازابىم تېگىشلىك بولدى.
38 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ إِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِنَ الْأَخْيَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىسمائىل، ئەليەسەئـ ۋە زۇلكىفلىلەرنىمۇ زىكىر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى.
38 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَنَا مُنْذِرٌ ۖ وَمَا مِنْ إِلَٰهٍ إِلَّا اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «مەن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر،
38 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ نَبَأٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم) چوڭ خەۋەردۇر[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بۇ چوڭ بىر خەۋەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «بۇ چوڭ خەۋەردۇر.
38 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يُوحَىٰ إِلَيَّ إِلَّا أَنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماڭا پەقەت ۋەھيى قىلىنىدۇكى، مەن روشەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ماڭا پەقەت مېنىڭ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولغانلىقىم ۋەھىي قىلىنماقتا».
38 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُتَكَلِّفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «(ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن ۋە مەن ئۆز يېنىدىن بىر نەرسىنى تەكلىپ قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. يوق نەرسىنى دەۋا قىلغۇچىلاردىن ئەمەسمەن5.
زۇمەر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اجْتَنَبُوا الطَّاغُوتَ أَنْ يَعْبُدُوهَا وَأَنَابُوا إِلَى اللَّهِ لَهُمُ الْبُشْرَىٰ ۚ فَبَشِّرْ عِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: تاغۇتقا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا، ئاللاھقا (ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە) قايتقانلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىلىدۇ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇشخەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر[17 ـ 18].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتانغا چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا ۋە ئاللاھقا قايتقانلارغا -جەننەت بىلەن- خۇش خەۋەر باردۇر، خۇش مېنىڭ شۇ بەندىلىرىمگە خەۋەر بەرگىنكى،
ئەنەس ئالىم: تاغۇتقا3 ئىبادەت قىلىشتىن يىراق بولۇپ، ئاللاھقا يۆنەلگەنلەرگە خۇش خەۋەر بار. ئۇ ھالدا بەندىلىرىمگە خۇش خەۋەر بەرگىن.
39 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَأَتَاهُمُ الْعَذَابُ مِنْ حَيْثُ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (ئۈممەت) لەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارغا ئازاب كەلدى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان ئىدى. ئازاب ئۇلارغا ئويلىمىغان يەردىن كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ راستنى يالغان دېگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن ئازاب كەلدى.
39 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، سىلەر ئۇزۇنغا قالماي خارلىغۇچى ئازابنىڭ كىمگە كېلىدىغانلىقىنى، مەڭگۈلۈك ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر»[39ـ40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ھالىڭلار بويىچە ئىشلەڭلار، مەنمۇ ئۆز ھالىم بويىچە ئىشلەيمەن، پات يېقىندا بىلىسىلەر.
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار، مەنمۇ قىلىمەن. يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر:
39 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَسِيقَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ جَهَنَّمَ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا فُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَتْلُونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِ رَبِّكُمْ وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَلَٰكِنْ حَقَّتْ كَلِمَةُ الْعَذَابِ عَلَى الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق - پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان-، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى»
ئەنەس ئالىم: كافىرلار گۇرۇھ - گۇرۇھ ھالەتتە جەھەننەمگە ھەيدىلىدۇ. ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىۋەنلىرى ئۇلارغا: «ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. كافىرلار: «شۇنداق، ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى! لېكىن ئازاب سۆزى كافىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ.
غافىر سۈرىسى
12 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن جامائەلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى گۇرۇھلار راستنى يالغان دېدى، ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنى جازالاشقا ئۇرۇندى ۋە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟
40 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار -قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن- بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈنى يۈرەكلەر غەم - قايغۇغا تولغان ھالدا ئېغىزلارغا قاپلىشىدۇ، زالىملارنىڭ ھېچبىر دوستى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچىسى بولمايدۇ.
40 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَتْ تَأْتِيهِمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَكَفَرُوا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى: ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلەتتى، ئۇلار بولسا ئىنكار قىلاتتى. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئازابى قاتتىقتۇر.
40 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق،
40 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَقَارُونَ فَقَالُوا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى[23ـ24].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. بىراق، ئۇلار مۇسانى يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېدى.
40 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە، ئەلچىلەرگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارغا كەلگەن مۇسىبەت كۈنىگە ئوخشاش كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن،
40 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، دەلىل ـ پاكىتسىز ھالدا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. تاكى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ.
40 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۚ قَالُوا فَادْعُوا ۗ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار : «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟ » دەيدۇ. ئۇلار : «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، لېكىن كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: دەرۋازىۋەنلەر: «سىلەرگە ئەلچىلىرىڭلار روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. دەرۋازىۋەنلەر: «ئۇنداقتا ئۆزۈڭلار دۇئا قىلىڭلار، لېكىن كافىرلارنىڭ دۇئاسى نەتىجىسىزدۇر» دەيدۇ.
40 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە، مۇئمىنلارغا ھاياتىي دۇنيادا ۋە گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچىلىرىمىزگە ۋە مۇئمىنلارغا، دۇنيا ھاياتىدا ۋە گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان كۈندە ياردەم بېرىمىز.
40 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ الَّذِينَ كَانُوا بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق قىلغان)[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلار ھەقتىن ئەنە شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.
40 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ مِنْهُمْ مَنْ قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ لَمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ فَإِذَا جَاءَ أَمْرُ اللَّهِ قُضِيَ بِالْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْمُبْطِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەن چاغدا -كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا- ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەردۇق، بەزىلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەرمىدۇق. ھېچبىر ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەندە ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. باتىل تەرەپدارلىرى شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ.
40 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرِحُوا بِمَا عِنْدَهُمْ مِنَ الْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلەندى، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب نازىل بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار بولغان ئىلىم بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىشتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى.
فۇسسىلەت سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
بَشِيرًا وَنَذِيرًا فَأَعْرَضَ أَكْثَرُهُمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: -مۇئمىنلارغا جەننەت بىلەن- خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، -كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن- ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر، ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار قۇلاق سالمايدۇ.
41 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا قُلُوبُنَا فِي أَكِنَّةٍ مِمَّا تَدْعُونَا إِلَيْهِ وَفِي آذَانِنَا وَقْرٌ وَمِنْ بَيْنِنَا وَبَيْنِكَ حِجَابٌ فَاعْمَلْ إِنَّنَا عَامِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار : «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى مۇھەممەد! سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىگە قەلبلىرىمىز يېپىق، قۇلاقلىرىمىز گاستۇر. سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنمۇ ئىشىڭنى قىلغىن، بىزمۇ ئىشىمىزنى قىلايلى!».
41 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَقُلْ أَنْذَرْتُكُمْ صَاعِقَةً مِثْلَ صَاعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار يەنە يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇدنىڭ باشلىرىغا كەلگەن گۈلدۈرمامىغا ئوخشاش گۈلدۈرمامىدىن ئاگاھلاندۇردۇم».
41 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَاءَتْهُمُ الرُّسُلُ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ قَالُوا لَوْ شَاءَ رَبُّنَا لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً فَإِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن (يەنى ھەممە تەرەپتىن) پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئالدىلىرىدىن ۋە ئارقىلىرىدىن كېلىپ3: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار» دېگەندە، ئۇلار: «ئەگەر رەببىمىز خالىسا ئىدى، پەرىشتىلەر چۈشۈرەتتى. بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېيىشكەن ئىدى.
41 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَسْمَعُوا لِهَٰذَا الْقُرْآنِ وَالْغَوْا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَغْلِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار بىر -بىرىگە: «شۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئوقۇلۇۋاتقاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىڭلار، بېسىقتۇرالىشىڭلار مۇمكىن» دېدى.
41 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدْ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِنْ قَبْلِكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئېيتىلىدىغان سۆزلەر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قەۋملىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆزلەردىن باشقىسى ئەمەستۇر، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا سۆزلەنگەن نەرسىلەر سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرگە سۆزلەنگەن نەرسىلەردىن باشقىسى ئەمەس. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە ئەلەملىك ئازاب ئىگىسىدۇر.
شۇرا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِتُنْذِرَ أُمَّ الْقُرَىٰ وَمَنْ حَوْلَهَا وَتُنْذِرَ يَوْمَ الْجَمْعِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ فَرِيقٌ فِي الْجَنَّةِ وَفَرِيقٌ فِي السَّعِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، (كىشىلەرنى) قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك بىز سېنىڭ مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە كىشىلەرنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئەرەبچە بىر قۇرئاننى نازىل قىلدۇق، ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر، ئۇ كۈندە بىر بۈلۈك كىشىلەر جەننەتتە ۋە بىر بۈلۈك كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىكىلەگە كىتاب ۋەھىي قىلغاندەك، ساڭا ئەرەبچە قۇرئان ۋەھىي قىلدۇق. بۇنى يۇرتلارنىڭ ئانىسى بولغان مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ۋە ئۇلارنى كېلىشىدە شەك بولمىغان جەم قىلىش كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇ كۈنى ئىنسانلارنىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى دوزاخقا كىرىدۇ.
42 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّىٰ بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَىٰ ۖ أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ ۚ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ ۚ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئۆزى تەرەپكە تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتىدىغان ئادەمنى توغرا يولغا باشلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ.
42 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَإِنَّا إِذَا أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً فَرِحَ بِهَا ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَإِنَّ الْإِنْسَانَ كَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىغا بىرەر ھادىسە كەلسە، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىندۇر، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. سېنىڭ تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپەڭ يوق. بىز ئىنسانغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىرەر رەھمەت تېتىتساق خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ناۋادا ئىنسانلارغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر يامانلىق يەتسە تۇزكورلۇق قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر.
42 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُكَلِّمَهُ اللَّهُ إِلَّا وَحْيًا أَوْ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ أَوْ يُرْسِلَ رَسُولًا فَيُوحِيَ بِإِذْنِهِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ عَلِيٌّ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېچبىر ئادەمگە گەپ قىلمايدۇ. لېكىن ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىن گەپ قىلىدۇ ياكى ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ۋەھىي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
18 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَنَضْرِبُ عَنْكُمُ الذِّكْرَ صَفْحًا أَنْ كُنْتُمْ قَوْمًا مُسْرِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشنى (يەنى قۇرئاننى نازى قىلىشنى) تەرك قىلامدۇق؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشنى تەرك قىلامدۇق؟
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ۋاز كېچەمدۇق؟
43 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَمْ أَرْسَلْنَا مِنْ نَبِيٍّ فِي الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرىكىلەرگە نۇرغۇن نەبىي ئەۋەتتۇق.
43 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى (قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغاندەك) مەسخىرە قىلدى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر نەبىينى مەسخىرە قىلاتتى.
43 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ مَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا وَجَدْنَا آبَاءَنَا عَلَىٰ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰ آثَارِهِمْ مُقْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى.
43 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكُمْ بِأَهْدَىٰ مِمَّا وَجَدْتُمْ عَلَيْهِ آبَاءَكُمْ ۖ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا ـ بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە-: «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا ـ بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدىنمۇ توغرا يول ئېلىپ كەلگەن بولساممۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن يولغا ئىشەنمەيمىز» دېدى.
43 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، توغرا يولنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. قارىغىنا، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
43 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ مَتَّعْتُ هَٰؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْحَقُّ وَرَسُولٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى (ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە نېمەتتىن) بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) ۋە روشەن پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگۈچە[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى مەن بۇلارنى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى نېمەتتىن بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق -قۇرئان- ۋە روشەن پەيغەمبەر كەلگۈچە
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە كەلسەك، مەن ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغان بۇ مەككە ئاھالىسىنى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى، تاكى ئۇلارغا ھەق ۋە ھەقنى بايان قىلغۇچى ئەلچى كەلگەنگە قەدەر دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدىم.
43 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ وَإِنَّا بِهِ كَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قۇرئان كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەق كەلگەندە: «بۇ سېھىردۇر. بىز بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى.
43 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ هَٰذَا الْقُرْآنُ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنَ الْقَرْيَتَيْنِ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ » دېيىشتى[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر -مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن- بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان نېمىشقا شۇ ئىككى يۇرتتىن كاتتا بىر ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى.
43 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَاسْأَلْ مَنْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رُسُلِنَا أَجَعَلْنَا مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ آلِهَةً يُعْبَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىنى بارمۇ؟)[45]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن بۇرۇن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزدىن سوراپ باققىن2: بىز رەھماندىن غەيرىينى ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلار قىلىپتىمىزمۇ؟
43 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَقَالَ إِنِّي رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا پىرئەۋنگە: «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسانى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا ئۇلارغا: «مەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى.
43 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِآيَاتِنَا إِذَا هُمْ مِنْهَا يَضْحَكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلدى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار بىردىنلا مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى.
43 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا نُرِيهِمْ مِنْ آيَةٍ إِلَّا هِيَ أَكْبَرُ مِنْ أُخْتِهَا ۖ وَأَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازابلار بىلەن جازالىدۇق[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى كۇفرىدىن قايتسۇن دەپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھەر مۆجىزە ئىلگىرىكسىدىن چوڭ ئىدى. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ئازابلار بىلەن جازالىدۇق.
43 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا يَا أَيُّهَ السَّاحِرُ ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ إِنَّنَا لَمُهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە)، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە: «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، بىز چوقۇم توغرا يول تاپىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى سېھىرگەر! رەببىڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن، بىز ئەلۋەتتە توغرا يولغا كېلىمىز» دېدى.
43 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا (ئۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»[53]
تەرجىمە ھەيئىتى: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسماندىن ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»
ئەنەس ئالىم: نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟».
43 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ هُوَ إِلَّا عَبْدٌ أَنْعَمْنَا عَلَيْهِ وَجَعَلْنَاهُ مَثَلًا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسا پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا بىر دەلىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى بىز ئىنئام قىلغان بىر بەندىدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۈلگە قىلدۇق.
43 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ جِئْنَاكُمْ بِالْحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈردۇق ۋەلېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن) نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەقنى كەلتۈردۇق ۋە لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەقنى يامان كۆرگۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق. لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەقنى يامان كۆرگەن» دېيىلىدۇ.
43 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلِهِ يَا رَبِّ إِنَّ هَٰؤُلَاءِ قَوْمٌ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) «ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنى (بىلىدۇ)[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرنىڭ سۆزى شۇدۇر: «ئى رەببىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، بۇلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنىمۇ بىلىدۇ.
دۇخان سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْرًا مِنْ عِنْدِنَا ۚ إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكۈچى بولدۇق
ئەنەس ئالىم: بۇ بىز تەرەپتىن بولغان ئەمر1. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچى ئەۋەتكۈچىمىز،
44 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
أَنَّىٰ لَهُمُ الذِّكْرَىٰ وَقَدْ جَاءَهُمْ رَسُولٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى)[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن! ھالبۇكى، ئۇلارغا ئاشكارا ئەلچى كەلدى.
44 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ تَوَلَّوْا عَنْهُ وَقَالُوا مُعَلَّمٌ مَجْنُونٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن) دۇر، مەجنۇندۇر» دېدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەندۇر، مەجنۇندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئەلچىدىن يۈز ئۆرىدى ۋە: «بۇ ئۆگىتىلگەن، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
44 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ فَتَنَّا قَبْلَهُمْ قَوْمَ فِرْعَوْنَ وَجَاءَهُمْ رَسُولٌ كَرِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز بۇلاردىن ئىلگىرى فىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىغان ئىدۇق. ئۇلارغا ھۆرمەتلىك ئەلچى كەلگەن ئىدى.
44 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
أَنْ أَدُّوا إِلَيَّ عِبَادَ اللَّهِ ۖ إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى) «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك بىر ئەلچىمەن
ئەنەس ئالىم: ئەلچى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچىلىك ئەلچىمەن.
44 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْ لَا تَعْلُوا عَلَى اللَّهِ ۖ إِنِّي آتِيكُمْ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار. مەن سىلەرگە روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم.
44 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ لَمْ تُؤْمِنُوا لِي فَاعْتَزِلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ماڭا ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار مېنى (ئۆز ھالىمغا) قويۇۋېتىڭلار»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ماڭا ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار مېنى ئۆز ھالىمغا قويۇۋېتىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسەڭلار مەندىن نېرى تۇرۇڭلار» دېدى،
44 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
فَارْتَقِبْ إِنَّهُمْ مُرْتَقِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار (سېنىڭ ھالاك بولۇشۇڭنى) كۈتكۈچىدۇر[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلارمۇ كۈتكۈچىلەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتمەكتە.
جاسىيە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍ مِنَ الْأَمْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن سېنى بىز ئى مۇھەممەد! –ئەلەيھىسسالام- دىن ئىشىدا روشەن بىر شەرىئەت ئۈستىدە قىلدۇق، شۇڭا سەن شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاندىن بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.
ئەھقاف سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كاپىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى قۇرئاننى) باھالاپ: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دەيدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، نانكورلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى باھالاپ: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق ئۈچۈن: «بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىردۇر» دېدى.
46 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا كُنْتُ بِدْعًا مِنَ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھ ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن، (مەندىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ۋەھىي بىلەن كەلدىم، نېمىشقا مېنى ئىنكار قىلىسىلەر؟) ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقمايمەن (چۈنكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئالدىن ئۇققىلى بولمايدۇ)، مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسمەن ۋە ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت ماڭا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن، مەن پەقەت ئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
46 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ وَهَٰذَا كِتَابٌ مُصَدِّقٌ لِسَانًا عَرَبِيًّا لِيُنْذِرَ الَّذِينَ ظَلَمُوا وَبُشْرَىٰ لِلْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى -تەۋرات- ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى بىر كىتابتۇر، تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇنى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى
ئەنەس ئالىم: قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى رەھبەر ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ قۇرئان ئۇنى تەستىقلىغۇچى ئەرەبچە كىتابتۇر، نازىل قىلىنىشى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈندۇر.
46 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ أَخَا عَادٍ إِذْ أَنْذَرَ قَوْمَهُ بِالْأَحْقَافِ وَقَدْ خَلَتِ النُّذُرُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئادنىڭ قېرىندىشى (يەنى ھۇد ئەلەيھىسسالام) نىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسەسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف (دېگەن يەر) دىكى قەۋمىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن (يەنى ھۇدتىن) ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ (يەنى ھۇد) (قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ) ئېيتتى: «سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ (ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلساڭلار) بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئادنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئەھقاف -دېگەن يەر- دىكى قەۋمىنى ئاگاھلاندۇردى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتتى. ئۇ ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئادنىڭ قېرىندىشىنى زىكىر قىلغىن2. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قۇم دۆۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئۆتتى. ئۇ ئۇلارغا: «ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن» دېگەن ئىدى.
46 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِتَأْفِكَنَا عَنْ آلِهَتِنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «(ئى ھۇد!) سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن بۇ يالغان سۆزلىرىڭ بىلەن بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن توسقىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن بېشىمىزغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ھازىرلا كەلتۈرگىن» دېدى.
46 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَأُبَلِّغُكُمْ مَا أُرْسِلْتُ بِهِ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «(سىلەرگە ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋەلېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئىلىم پەقەتلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن نەرسىنى تەبلىغ قىلىمەن ۋە لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «ئازابنىڭ قاچان كېلىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن ماڭا تاپشۇرۇلغان ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈۋاتىمەن. لېكىن مېنىڭچە سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر» دېدى.
46 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ صَرَفْنَا إِلَيْكَ نَفَرًا مِنَ الْجِنِّ يَسْتَمِعُونَ الْقُرْآنَ فَلَمَّا حَضَرُوهُ قَالُوا أَنْصِتُوا ۖ فَلَمَّا قُضِيَ وَلَّوْا إِلَىٰ قَوْمِهِمْ مُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر ـ بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا بىر ـ بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا بىر توپ جىننى قۇرئاننى ئاڭلىسۇن دەپ سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشىغا ھازىر بولغان چاغلىرىدا بىر - بىرىگە: «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى ئاخىرلاشقاندا ئاگاھلاندۇرغۇچىلار بولۇپ ئۆز قەۋمىنىڭ يېنىغا قايتىشتى.
46 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ لَا يُجِبْ دَاعِيَ اللَّهِ فَلَيْسَ بِمُعْجِزٍ فِي الْأَرْضِ وَلَيْسَ لَهُ مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءُ ۚ أُولَٰئِكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئاللاھقا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا (ئۇنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئاللاھقا چاقىرغۇچىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئەنە شۇلار ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر
ئەنەس ئالىم: كىم ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، بىلسۇنكى ئۇ زېمىندا ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيلىرى بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاشكارا ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر».
مۇھەممەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَشَاقُّوا الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَىٰ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَسَيُحْبِطُ أَعْمَالَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ)[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە توغرا يول ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھقا قارشى تۇرغانلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ.
47 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَلَا تُبْطِلُوا أَعْمَالَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن سېنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز سېنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
ھۇجۇرات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتمەڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
49 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَنْ تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاۋازلىرىڭلارنى نەبىينىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرمەڭلار. ئۇنىڭغا، بىر - بىرىڭلارغا توۋلىغاندەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆز قىلماڭلار. بولمىسا، سىلەر تۇيماستىن ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ.
49 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصْوَاتَهُمْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ امْتَحَنَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ لِلتَّقْوَىٰ ۚ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يېنىدا ئاۋازلىرىنى پەسەيتكەنلەر، ئاللاھ قەلبلىرىنى تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار.
قاف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ عَجِبُوا أَنْ جَاءَهُمْ مُنْذِرٌ مِنْهُمْ فَقَالَ الْكَافِرُونَ هَٰذَا شَيْءٌ عَجِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى ئۇلار ئۆز ئىچىدىن ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ قىزىق ئىشتۇر
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆز ئىچىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندى. ئۇ كافىرلار مۇنداق دېدى: «بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر.
50 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَأَصْحَابُ الرَّسِّ وَثَمُودُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەس ئاھالىسى ۋە سەمۇد قەۋمىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغان
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى، رەسسىلىكلەر1 ۋە سەمۇد2 يالغانچى دېگەن.
50 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَصْحَابُ الْأَيْكَةِ وَقَوْمُ تُبَّعٍ ۚ كُلٌّ كَذَّبَ الرُّسُلَ فَحَقَّ وَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرى (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغانلار نۇھنىڭ قەۋمى رەس ئاھالىسى، سەمۇد (قەۋمى)، ئاد (قەۋمى)، پىرئەۋن، لۇتنىڭ قېرىنداشلىرى، ئەيكە ئاھالىسى (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، تۈببە قەۋمى ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم (ئۇلارغا) تېگىشلىك بولدى[12ـ14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيكە ئاھالىسى - شۇئەيبنىڭ قەۋمى- ۋە تۈببە قەۋملىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازابىم ئۇلارغا تېگىشلىك بولدى
ئەنەس ئالىم: ئەيكەلىكلەر4 ۋە تۇببەئنىڭ5 قەۋمىمۇ يالغانچى دېگەن ئىدى. ھەممىسى ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تەھدىتىم ئەمەلگە ئاشتى.
50 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَا تَخْتَصِمُوا لَدَيَّ وَقَدْ قَدَّمْتُ إِلَيْكُمْ بِالْوَعِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار (بۇ يەردە مۇنازىرە پايدا بەرمەيدۇ)، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا (ئازابىمدىن) ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم، مېنىڭ سۆزۈم ئۆزگەرمەيدۇ، مەن بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسمەن» دەيدۇ[28ـ29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ: «مېنىڭ ئالدىمدا مۇنازىرىلەشمەڭلار، سىلەرنى مەن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھۇزۇرىمدا تارتىشماڭلار. سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرغان ئىدىم.
زارىيات سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي مُوسَىٰ إِذْ أَرْسَلْنَاهُ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسانىڭ (قىسسەسىدىمۇ) بىر تۈرلۈك ئالامەت بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسانىڭ قىسسىسىدىمۇ ئىبرەتلەر بار، ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى بىز پىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسادىمۇ ئايەت قالدۇردۇق. بىز ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋنگە روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق.
51 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ بِرُكْنِهِ وَقَالَ سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن (ئىماندىن) يۈز ئۆرىدى، ئۇ: «(مۇسا) سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن يۈز ئۆرىدى ۋە ئۇ: «مۇسا سېھىرگەردۇر ياكى مەجنۇندۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن سەلتەنىتىگە تايىنىپ يۈز ئۆرۈدى ۋە: «بۇ سېھىرگەردۇر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
51 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
فَفِرُّوا إِلَى اللَّهِ ۖ إِنِّي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن، «ئاللاھ تەرەپكە ئالدىراڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئۇ ھالدا ئاللاھ تەرەپكە قېچىڭلار، شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
51 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَجْعَلُوا مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۖ إِنِّي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر باشقا مەبۇدنى ئاللاھقا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلارنى قىلىۋالماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن -كەلگەن- ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا باشقا ئىلاھ تەڭ قىلماڭلار. شۈبھىسىزكى، مەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
51 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَٰلِكَ مَا أَتَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا قَالُوا سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار ئۇنى: «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك1، بۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى «سېھىرگەر ياكى جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم» دېدى.
تۇر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ يَقُولُونَ شَاعِرٌ نَتَرَبَّصُ بِهِ رَيْبَ الْمَنُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە (يولۇقۇشىنى) كۈتىمىز». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر كۈتۈڭلار، ھەقىقەتەن مەن سىلەر بىلەن بىرگە كۈتكۈچىلەردىنمەن (يەنى سىلەر مېنىڭ ھالاك بولۇشۇمنى كۈتسەڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى كۈتىمەن)»[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئۇ شائىردۇر، بىز ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە يولۇقۇشىنى كۈتىمىز»
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار سەن توغرۇلۇق: «ئۇ شائىردۇر، ئۇنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە يولۇقىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دەمدۇ؟
52 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُمْ مِنْ مَغْرَمٍ مُثْقَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى سەن ئۇلاردىن (دەۋىتىڭ ئۈچۈن) ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن (ئۇلارغا) ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ (ئىمان ئېيتمامدۇ؟)[40]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى سەن ئۇلاردىن دەۋىتىڭ ئۈچۈن ھەق سوراپ، شۇ زىياندىن ئۇلارغا ئېغىر يۈك ئارتىلىپ قېلىپ ئىمان ئېيتمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ياكى سەن ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلار ئېغىر قەرز ئاستىدا قالدىمۇ؟
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا نَذِيرٌ مِنَ النُّذُرِ الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇمۇ، ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاۋۋالقى ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
قەمەر سۈرىسى
16 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانْشَقَّ الْقَمَرُ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى
ئەنەس ئالىم: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى.
54 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَرَوْا آيَةً يُعْرِضُوا وَيَقُولُوا سِحْرٌ مُسْتَمِرٌّ
مۇھەممەد سالىھ: (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قانداقلا بىر ئايەت كۆرسە يۈز ئۆرۈيدۇ، «بولۇپ تۇرىدىغان سېھىر» دەيدۇ،
54 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنَ الْأَنْبَاءِ مَا فِيهِ مُزْدَجَرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا خەۋەرلەردىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا يامان يولدىن توسىدىغان خەۋەرلەر كەلدى،
54 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
حِكْمَةٌ بَالِغَةٌ ۖ فَمَا تُغْنِ النُّذُرُ
مۇھەممەد سالىھ: مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (ئاللاھ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ مۇكەممەل بىر ھېكمەتتۇر، لېكىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇكەممەل ھېكمەت. لېكىن ئاگاھلاندۇرۇشلار پايدا بەرمەيۋاتىدۇ.
54 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ فَكَذَّبُوا عَبْدَنَا وَقَالُوا مَجْنُونٌ وَازْدُجِرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىز - نۇھ - نى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى «مەجنۇن» دېدى. ئۇ ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى «يالغانچى» دېدى، ئۇلار بىزنىڭ بەندىمىزنى «يالغانچى» دېدى ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا: «بۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېيىشتى. بەندىمىز مەنئى قىلىندى.
54 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
تَجْرِي بِأَعْيُنِنَا جَزَاءً لِمَنْ كَانَ كُفِرَ
مۇھەممەد سالىھ: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، بۇ ئىنكار قىلىنغان - نۇھ - نى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئاقاتتى. بۇ ئىنكار قىلىنغان كىشىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىدى.
54 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![16]
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن![21]
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِالنُّذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى.
54 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا أَبَشَرًا مِنَّا وَاحِدًا نَتَّبِعُهُ إِنَّا إِذًا لَفِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىچىمىزدىن بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئەگەر ئۇنداق قىلساق ئېزىپ كەتكەن ۋە ئۆزىمىزنى ئوتقا ئاتقان بولىمىز.
54 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
أَأُلْقِيَ الذِّكْرُ عَلَيْهِ مِنْ بَيْنِنَا بَلْ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھيى نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»
ئەنەس ئالىم: ۋەھىي ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا بېرىلىپتۇمۇ؟ ياق، ئۇ ھاكاۋۇر يالغانچىدۇر».
54 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟[30]
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بوپتۇ؟
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇم قانداق بولدى؟
54 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ بِالنُّذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى.
54 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَنْذَرَهُمْ بَطْشَتَنَا فَتَمَارَوْا بِالنُّذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ قاتتىق ئازاب بىلەن جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشغا گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلدى.
54 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېيىلدى)[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا : «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا: «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشۇمغا قۇلاق سالمىغانلىقنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» دېدۇق.
54 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ جَاءَ آلَ فِرْعَوْنَ النُّذُرُ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن خانىدانىغىمۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلگەن ئىدى.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنْزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ ۖ وَأَنْزَلْنَا الْحَدِيدَ فِيهِ بَأْسٌ شَدِيدٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئاللاھ ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ (قوراللارنى ئىشلىتىپ) ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش (مەلۇم قىلىش) ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى)، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، كىتابنى ۋە ئۆلچەمنى نازىل قىلدۇق، بۇنىڭدىكى مەخسەن ئىنسانلارنىڭ ئادالەتنى بەرپا قىلىشىدۇر. ۋە تۆمۈرنى چۈشۈردۇقكى، ئۇنىڭدا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، بۇنىڭدىكى مەخسەت ئاللاھ تەئەلانىڭ، ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئەلچىلىرىمىزنى روشەن دەلىللەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەر بىلەن كىتابنى ۋە مىزاننى نازىل قىلدۇق. بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدا شىددەتلىك كۈچ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار. بۇ ئاللاھنىڭ، ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىگە ۋە ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر1. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُحَادُّونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ كُبِتُوا كَمَا كُبِتَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ وَقَدْ أَنْزَلْنَا آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۚ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ مُهِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىنىدۇ. بىز ھەقىقەتەن (ھالال، ھارام، پەرز ۋە ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، كاپىرلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلار، ئۇلاردىن بۇرۇنقىلار ھالاك قىلىنغاندەك ھالاك قىلىنىدۇ. ھالبۇكى بىز ھەقىقەتەن روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، كاپىرلار ئۈچۈن خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىغانلار2 ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر خورلانغاندەك خورلىنىدۇ. بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. كافىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
58 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
كَتَبَ اللَّهُ لَأَغْلِبَنَّ أَنَا وَرُسُلِي ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (لەۋھۇلمەھپۇزغا): «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ : «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دەپ يازدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «مەن چوقۇم غالىب كېلىمەن، ئەلچىلىرىممۇ غالىب كېلىدۇ» دەپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَاقُّوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۖ وَمَنْ يُشَاقِّ اللَّهَ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشتى، كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، شۈبھىسىز، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلىقى سەۋەبىدىندۇر، كىمكى ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى تۇردى. كىم ئاللاھقا قارشى تۇرىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
سەپ سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
61 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىشقا ئەزىيەت قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى، سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى ئوبدان بىلىسىلەر» دېگەن ئىدى. ئۇلار باتىلغا مايىل بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى باتىلغا مايىل قىلدى. ئاللاھ فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
61 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِنْ بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن، مەن، مەندىن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ۋە مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك ئەلچى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم». ئىيسا ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.
61 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۆزىنىڭ ئەلچىسىنى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. ئاللاھ بۇنى مۇشرىكلار ياقتۇرمىسىمۇ پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىلدى.
جۇمۇئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
62 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي بَعَثَ فِي الْأُمِّيِّينَ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِهِ وَيُزَكِّيهِمْ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَإِنْ كَانُوا مِنْ قَبْلُ لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇممىيلەرگە (يەنى يېزىشنى ۋە ئوقۇشنى ئۇقمايدىغان ئەرەبلەرگە) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتى، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۈممىلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان، ئۇلارغا كىتاب - قۇرئان - نى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، گەرچە ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق گۇمراھلىقتا بولسىمۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئۇممىيلار1غا ئۆز ئىچىدىن ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلايدۇ، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئىلگىرى ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىدى.
62 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَآخَرِينَ مِنْهُمْ لَمَّا يَلْحَقُوا بِهِمْ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە (پەيغەمبەرنى) تېخى ئۇلارنىڭ زامانىدا بولمىغان (كېيىن كېلىدىغان) ئىككىنچى بىر قەۋمگە (يەنى قىيامەتكىچە كېلىدىغان مۇسۇلمانلارغا) ئەۋەتتى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى زامانداشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى قىيامەتكىچە كېلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئومۇمىيدۇر)، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە ئۇ پەيغەمبەرنى، تېخى ئۇلارنىڭ زامانىدا بولمىغان، ئۇلاردىن باشقا قەۋملەرگىمۇ ئەۋەتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇ ئەلچىنى ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ ئەۋەتتى. ئۇ باشقىلار تېخى ئۇلارغا قوشۇلمىدى. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مۇنافىقۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
63 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار (بۇ سۆزلىرىدە) چوقۇم يالغانچىلاردۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
تەغابۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
64 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُ كَانَتْ تَأْتِيهِمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَقَالُوا أَبَشَرٌ يَهْدُونَنَا فَكَفَرُوا وَتَوَلَّوْا ۚ وَاسْتَغْنَى اللَّهُ ۚ وَاللَّهُ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلالامدۇ؟» دېدى. (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ئىمانىغا) موھتاج ئەمەستۇر، ئاللاھ مەخلۇقاتتىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «بىر ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلامدۇ؟» دېيېش ئارقىلىق ئىنكار قىلدى ۋە ئىماندىن يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ ئۇلارغا موھتاج بولمىدى، ئاللاھ مەخلۇقاتتىن بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «ئىنسان بىزنى ھىدايەت قىلامدۇ؟» دەپ ئىنكار قىلغان ۋە يۈز ئۆرۈگەن ئىدى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
64 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ ۚ فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَإِنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى ئەلچىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر.
تالاق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ عَتَتْ عَنْ أَمْرِ رَبِّهَا وَرُسُلِهِ فَحَاسَبْنَاهَا حِسَابًا شَدِيدًا وَعَذَّبْنَاهَا عَذَابًا نُكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى رەببىنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىسى رەببىنىڭ ئەمرىدىن ۋە رەببىنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئەمرىدىن باش تارتتى. بىز ئۇلاردىن قاتتىق ھېساب ئالدۇق ۋە ئۇلارنى مىسلىسىز ئازاب بىلەن ئازابلىدۇق.
65 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
رَسُولًا يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِ اللَّهِ مُبَيِّنَاتٍ لِيُخْرِجَ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَمَنْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَيَعْمَلْ صَالِحًا يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ قَدْ أَحْسَنَ اللَّهُ لَهُ رِزْقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى زۇلمەتتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، (ئاللاھ) ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق (يەنى جەننەتتىكى رىزىق ۋە نېمەتلەرنى) بېرىدۇ[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى، كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئېسىل رىزىق بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ۋە ئەلچى ئەۋەتتى. ئۇ ئەلچى سىلەرگە، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدۇ. كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَىٰ بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَنْ بَعْضٍ ۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنْبَأَكَ هَٰذَا ۖ قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى. ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى)، يەنە بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى. پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى، ئۇ بولسا، ئۇنى ئېيتىپ قويغان ئىدى، ئاللاھ سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى پەيغەمبەرگە بىلدۈرگەن چاغدا، پەيغەمبەر ئۇنىڭغا ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى، بەزىسىنى بولسا ئېيتمىدى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ : «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا بۇنى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا نەبىي ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بىر سۆزنى مەخپىي ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئايال بۇ سۆزنى باشقىسىغا خەۋەر قىلغان ۋە ئاللاھ بۇ ئەھۋالنى نەبىيگە ئاشكارىلىغان چاغدا، نەبىي بۇنىڭ بەزىسىنى ئۇ ئايالنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. نەبىي بۇنى ئۇ ئايالغا خەۋەر قىلغان چاغدا، ئۇ ئايال: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، نەبىي: «ماڭا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زات خەۋەر قىلدى» دېدى.
مۈلك سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
تَكَادُ تَمَيَّزُ مِنَ الْغَيْظِ ۖ كُلَّمَا أُلْقِيَ فِيهَا فَوْجٌ سَأَلَهُمْ خَزَنَتُهَا أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَذِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلمىگەنمىدى؟» دەپ سورايدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاخ غەزەپتىن پارچىلىنىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ. دوزاخقا ھەر قاچان بىر توپ ئادەم تاشلانغان چاغدا، دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمىدى؟ » دەپ سورايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئاچچىقىدىن پارچىلىنىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. قاچانىكى ئۇنىڭغا بىر گۇرۇھ تاشلانسا، ئۇنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلاردىن: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەنمۇ؟» دەپ سورايدۇ.
67 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا بَلَىٰ قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھىيدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا- دېدۇق» دەيدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، شۈبھىسىزكى، بىزگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، لېكىن بىز ئۇنى ئىنكار قىلدۇق ۋە : ‹ئاللاھنىڭ بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېدۇق» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ھەئە، بىزگە ئەلۋەتتە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، لېكىن بىز يالغانچى دېگەن ۋە ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى، سىلەر بۈيۈك ئازغۇنلۇق ئىچىدىسىلەر دېگەن» دەيدۇ.
67 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.
67 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا الْعِلْمُ عِنْدَ اللَّهِ وَإِنَّمَا أَنَا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(بۇ ھەقتىكى) ئىلىم (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «بۇ ھەقتىكى ئىلىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، مەن پەقەت ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ قاچان ئەمەلگە ئېشىشىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. مەن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
67 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَهْلَكَنِيَ اللَّهُ وَمَنْ مَعِيَ أَوْ رَحِمَنَا فَمَنْ يُجِيرُ الْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۆمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى كېچىكتۈرۈپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟»[28]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ مېنى ۋە مەن بىلەن بولغانلارنى ھالاك قىلىدىغان بولسا، ياكى بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا، كاپىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر ئاللاھ مېنى ۋە مەن بىلەن بىر يولدىكى كىشىلەرنى ھالاك قىلسا ياكى بىزگە مەرھەمەت قىلسا، كافىرلارنى ئەلەملىك ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ؟
قەلەم سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
68 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، مەجنۇن ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەسسەن.
68 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسۈمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ساڭا پۈتمەس - تۈگىمەس ئەجىر بار.
68 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەن بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدىسەن.
68 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَا تُطِعِ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق بولغانىكەن، ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا راستنى يالغان دېگۈچىلەرگە ئىتائەت قىلمىغىن.
68 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ساھىبى- يۇنۇس- قا ئوخشاش بولمىغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ غەمكىن ھالدا رەببىغا ئىلتىجا قىلدى
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ھەمراھىدەك بولمىغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىگە ئاچچىق تولغان ھالدا رەببىگە نىدا قىلغان ئىدى.
68 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لَوْلَا أَنْ تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِنْ رَبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرەخمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ رەببىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ مالامەت قىلىنغان ھالدا بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇنىڭغا رەببىدىن نېمەت يېتىشمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا ئوچۇقچىلىق جايغا ئېتىلغان بولاتتى.
68 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ ۋە ئۇلار: «شۈبھىسىزكى بۇ بىر ساراڭدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كافىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: «ئۇ ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دەيدۇ.
68 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھالبۇكى، قۇرئان پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن بىر ئەسلەتمىدىنلا ئىبارەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ھالبۇكى، قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر.
ھاققە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ ثَمُودُ وَعَادٌ بِالْقَارِعَةِ
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد ۋە ئاد قەۋملىرى قىيامەتنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد ۋە ئاد قارىئە2نى يالغان دېدى.
69 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَاءَ فِرْعَوْنُ وَمَنْ قَبْلَهُ وَالْمُؤْتَفِكَاتُ بِالْخَاطِئَةِ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرۈىۋېتىلگەنلەر خاتا ئىشلارنى قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك فىرئەۋنمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىلارمۇ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەنلەرمۇ خاتا ئىشلارنى قىلدى.
69 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَصَوْا رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةً رَابِيَةً
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاللاھ قاتتىق جازالىدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار رەبلىرىنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاللاھ قاتتىق جازالىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار رەببىنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارنى شىددىتى بارغانچە زىيادە بولىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى.
69 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن سۆزىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ھۆرمەتلىك ئەلچىنىڭ سۆزىدۇر8.
69 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا[44]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇ ئەلچى بەزى سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ بىزگە چاپلىسا ئىدى،
69 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ئوڭ قولىدىن تۇتقان بولاتتۇق،
69 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائورتا تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق.
69 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَا مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى
ئەنەس ئالىم: ھېچبىرىڭلار ئۇنى قوغدىيالمايتتىڭلار.
مائارىج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَاصْبِرْ صَبْرًا جَمِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداقتا سەن چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن.
نوھ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ أَنْ أَنْذِرْ قَوْمَكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب (يەنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا توپان بالاسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېدۇق.
71 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
71 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى
ئەنەس ئالىم: لېكىن مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارغا پەقەت قېچىشنىلا زىيادە قىلدى.
71 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى ۋە كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، كۇفرىدا چىڭ تۇردى ۋە چوڭچىلىق قىلىپ تېخىمۇ باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەن قاچانىكى ئۇلارنى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالدى، چىڭ تۇردى ۋە بەك چوڭچىلىق قىلدى.
71 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ أَضَلُّوا كَثِيرًا ۖ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا ضَلَالًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، رەببىم! سەن ئۇ زالىملارغا ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!».
جىن سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّا ظَنَنَّا أَنْ لَنْ تَقُولَ الْإِنْسُ وَالْجِنُّ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزمۇ، «ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ» دەپ ئويلىغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىنسان ۋە جىنلار ئاللاھ توغرىسىدا يالغان سۆزلىمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىپتىمىز.
72 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُمْ ظَنُّوا كَمَا ظَنَنْتُمْ أَنْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئىنساننىڭ كۇففارلىرى)، سىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرمەيدۇ، دەپ گۇمان قىلدى»[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارمۇ، سىلەر گۇمان قىلغانغا ئوخشاش، ئاللاھنىڭ ھېچ ئادەمنى تىرىلدۈرمەيدىغانلىقىنى گۇمان قىلىشتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەر گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھ ھېچكىمنى قايتا تىرىلدۈرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىپتۇ.
72 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ لَمَّا قَامَ عَبْدُ اللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بەندىسى - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام - ئاللاھقا يالۋۇرۇش ئۈچۈن تۇرغاندا، جىنلار ئولىشىپ ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بەندىسى3 ئاللاھقا دۇئا قىلغىلى تۇرغاندا جىنلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا كىگىزلەر بولغىلى تاس قالدى4.
72 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت ئاللاھ قادىر بولالايدۇ)»[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ.
72 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «(ئەگەر مەن ئاللاھقا ئاسىي بولسام) مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن (شۇنداق تۇرۇقلۇق، مەن سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارنى قانداق قوبۇل قىلالايمەن؟)[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ كىشى ئەسلا قۇتقۇزالمايدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ پاناھگاھمۇ تاپالمايمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھ تاپالمايمەن.
72 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ ۚ وَمَنْ يَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن پەقەت (سىلەرگە) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن (يەنى كىمكى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنمەيدىكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدىكەن)، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن پەقەتلا ئاللاھنىڭ ۋەھيىنى يەتكۈزۈشكە ۋە ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىمنى ئۇرۇنداشقا قادىرمەن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇ دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم جەھەننەم ئوتى بار. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ.
72 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ مَا تُوعَدُونَ أَمْ يَجْعَلُ لَهُ رَبِّي أَمَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى پەرۋەردىگارىم ئۇنىڭغا (ئۇزاق) ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب يېقىنمۇ؟ ياكى رەببىم ئۇنىڭغا ۋاقىت تەيىن قىلامدۇ؟ ئۇقمايمەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى رەببىم ئۇنىڭغا مۇددەت بەلگىلەمدۇ؟ - بىلمەيمەن.
72 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا مَنِ ارْتَضَىٰ مِنْ رَسُولٍ فَإِنَّهُ يَسْلُكُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ رَصَدًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا (بەزى غەيبنى بىلدۈرىدۇ)، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى (پەرىشتە) سېلىپ قويىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى سېلىپ قويىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزى رازى بولغان ئەلچىسى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىم ئۇ ئەلچىنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچىلەر قويىدۇ.
72 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَعْلَمَ أَنْ قَدْ أَبْلَغُوا رِسَالَاتِ رَبِّهِمْ وَأَحَاطَ بِمَا لَدَيْهِمْ وَأَحْصَىٰ كُلَّ شَيْءٍ عَدَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ ئاللاھنىڭ) ئۇنىڭ (يەنى پەيغەمبەرنىڭ) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ ئاللاھنىڭ، ئۇلارنىڭ رەبلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يېنىكىلەرنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇ ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگەندۇر»
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچى بىلىدۇكى، ئۇلار رەببىنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۆزىمۇ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ۋەھىينى تولۇق بىلدى ۋە بىرمۇبىر چۈشەندى.
مۇزەممىل سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
73 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الْمُزَّمِّلُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى -پەيغەمبەر!
ئەنەس ئالىم: ئى يۆگىنىۋالغۇچى1!
73 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا سَنُلْقِي عَلَيْكَ قَوْلًا ثَقِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ھەقىقەتەن ۋەزنىلىك قۇرئاننى نازىل قىلىمىز[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: چۈنكى بىز، ساڭا -مەسئۇلىيىتى- ئېغىر بىر سۆز -بولغان قۇرئان- نى ۋەھىي قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا يېقىندا ئېغىر سۆز چۈشۈرىمىز.
73 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ لَكَ فِي النَّهَارِ سَبْحًا طَوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن، (شۇڭا ئىبادەتكە) كېچىسى بېرىلگىن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سەن ئۈچۈن كۈندۈزدە ئۇزۇن ئۈزۈش بار3.
73 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاهْجُرْهُمْ هَجْرًا جَمِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن.
73 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَرْسَلْنَا إِلَيْكُمْ رَسُولًا شَاهِدًا عَلَيْكُمْ كَمَا أَرْسَلْنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ رَسُولًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگە (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە، بۇرۇن فىرئەۋنگە ئەلچى ئەۋەتكىنىمىزدەك زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئەلچى ئەۋەتتۇق.
73 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
فَعَصَىٰ فِرْعَوْنُ الرَّسُولَ فَأَخَذْنَاهُ أَخْذًا وَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلدى (يەنى پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنى يالغانغا چىقاردى، ئى قۇرەيش جامائەسى! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغاندەك، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن ئەلچىمىزگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق.
مۇدەسسىر سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
74 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الْمُدَّثِّرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)[1]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى -پەيغەمبەر!
ئەنەس ئالىم: ئى چۈمكىنىۋالغۇچى!1
74 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قُمْ فَأَنْذِرْ
مۇھەممەد سالىھ: تۇر! (ئىنسانلارنى) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: تۇر! ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر
ئەنەس ئالىم: ئورنۇڭدىن تۇرغىن ۋە ئاگاھلاندۇرغىن،
74 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِرَبِّكَ فَاصْبِرْ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ (رازىلىقى) ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتكە) سەۋر قىل[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەۋر قىل
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن.
74 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهَا لَإِحْدَى الْكُبَرِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، دوزاخ بالالاردىن بىرىدۇر (ئۇنى قانداقمۇ مەسخىرە قىلىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا چىنپۈتمەيسىلەر؟)[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئەلۋەتتە بالالاردىن بىرىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ سەقەر ئەڭ بۈيۈك پالاكەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
74 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
نَذِيرًا لِلْبَشَرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر،
74 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَتَقَدَّمَ أَوْ يَتَأَخَّرَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن (جەننەتكە) ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى (دوزاختىن) چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرىلەشنى خالىغان ياكى چېكىنىشنى خالىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: يەنى سىلەردىن ئىلگىرىلەشنى ياكى چېكىنىشنى خالىغانلار ئۈچۈن.
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ
مۇھەممەد سالىھ: (ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما[16].
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ئالدىراپ تىلىڭنى ھەرىكەتلەندۈرمىگىن.
ئىنسان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
76 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق.
76 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنْزِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى تۇزكورغا ئىتائەت قىلمىغىن،
مۇرسەلات سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
77 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْمُلْقِيَاتِ ذِكْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[5ـ6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋەھىينى ئېلىپ چۈشكۈچىلەر بىلەن قەسەمكى،
ئەنەس ئالىم: ۋە زىكىر ئېلىپ چۈشكۈچىلەر بىلەن قەسەمكى -
77 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
عُذْرًا أَوْ نُذْرًا
مۇھەممەد سالىھ: (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى[5ـ6]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزرە ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: بۇ زىكىر، ئۆزرە قالدۇرماسلىق ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر -
77 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الرُّسُلُ أُقِّتَتْ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئەلچىلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا1،
نازىئات سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟[15]
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
79 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ نَادَاهُ رَبُّهُ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:[16]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى رەببى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا مۇقەددەس ۋادى تۇۋادا مۇنداق دەپ نىدا قىلدى:
79 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى
ئەنەس ئالىم: «فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ بەك ھەددىدىن ئاشتى.
79 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْ هَلْ لَكَ إِلَىٰ أَنْ تَزَكَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا :<كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن>پاك بولۇشنى خالامسەن.18
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئېيتقىنكى: «پاك بولۇشنى خالامسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «پاكلىنىشقا مەيلىڭ بارمۇ؟
79 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَاهُ الْآيَةَ الْكُبْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق قىلىپ مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ بىر مۆجىزىنى كۆرسەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا فىرئەۋنگە ئەڭ بۈيۈك ئايەتنى كۆرسەتتى،
79 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن بولسا مۇسانى يالغانغا چىقاردى ۋە ئاسىيلىق قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىراق فىرئەۋن يالغان دېدى، ئاسىيلىق قىلدى،
79 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەت قاچان قايىم بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
79 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
فِيمَ أَنْتَ مِنْ ذِكْرَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟[43]
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇنى قانداقمۇ دەپ بېرەلەيسەن؟
ئەنەس ئالىم: سەن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى قانداقمۇ ئېيتىپ بېرەلەيسەن؟
79 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرُ مَنْ يَخْشَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن پەقەتلا قىيامەتتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، خالاس.
ئەبەسە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ عَبَسَ وَتَوَلَّىٰ
مۇھەممەد سالىھ: يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى[1ـ2].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى
ئەنەس ئالىم: مۇھەممەد تەرىنى تۈردى ۋە يۈز ئۆرىدى،
80 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
كِرَامٍ بَرَرَةٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر[15ـ16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۆرمەتلىك ۋە پاك پۈتۈكچىلەرنىڭ قوللىرى بىلەن -يېزىلغان
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ھۆرمەتلىك ۋە ياخشى ئەلچىلەردۇر.
تەكۋىر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا صَاحِبُكُمْ بِمَجْنُونٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار مەجنۇن ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىڭلار ھەرگىزمۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس.
81 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قېرىندىشىڭلار ئۇ ئەلچىنى روشەن ئۇپۇقتا كۆردى.
81 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ غەيبنى تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىڭلار غەيبكە بېخىل ئەمەس4.
81 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن بىر ئەسلەتمىدۇر
ئەنەس ئالىم: قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر،
تارىق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَكِيدُ كَيْدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا كاپىرلارغا مۆھلەت بەرگىن ياكى ئۇلارنى ئازراق تاشلىۋېتىپ تۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنداقتا، كافىرلارغا مۆھلەت بەرگىن. شۇنداق، ئۇلارغا بىرئاز مۆھلەت بەرگىن.
ئەئلا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
87 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنْسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، ئاللاھ (نەسخى) قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ[6ـ7].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز، ئاندىن سەن ئۇنتۇمايسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇتىمىز. سەن ئۇنتۇمايسەن.
87 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَكِّرْ إِنْ نَفَعَتِ الذِّكْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ۋەز ـ نەسىھەتنىڭ پايدىسى بولىدىغان بولسا، (كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇڭا سەن ۋەز ـ نەسىھەت پايدىلىق بولىدىغان بولسا، ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئەگەر ئەسلىتىش پايدىلىق بولسا ئەسلەتكىن1.
87 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ هَٰذَا لَفِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (يەنى بۇ سۈرىدىكى ۋەزلەر) شەك ـ شۈبھىسىز بۇرۇنقى كىتابلاردا ـ ئىبراھىم ۋە مۇسالارنىڭ كىتابلىرىدا باردۇر[18ـ19].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇرۇنقى كىتابلاردا باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بۇ ئاۋۋالقى سەھىپىلەردىدۇر:
غاشىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَذَكِّرْ إِنَّمَا أَنْتَ مُذَكِّرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سەن (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارغا ئەسلەتكىن. سەن پەقەتلا ئەسلەتكۈچىسەن2.
88 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
لَسْتَ عَلَيْهِمْ بِمُصَيْطِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئۇلارغا مۇسەللەت (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى) ئەمەسسەن[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئۇلارغا زومىگەر ئەمەسسەن
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەسسەن.
بەلەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَٰذَا الْبَلَدِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بۇ شەھەردىسەن
ئەنەس ئالىم: سەن بۇ شەھەردە بىر كۈنى خالىغىنىڭنى قىلىسەن3-،
شەمس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
91 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبلىك ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن راستنى يالغان دېدى.
91 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
إِذِ انْبَعَثَ أَشْقَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى - سالىھ ئەلەيھىسسالام- ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە ۋە ئۇنىڭ سۇ ئىچىش ھەققىگە چېقىلماڭلار!» دېدى.
91 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلار سالىھ پەيغەمبەرنى يالغانچى قىلىپ، تۆگىنى ئۆلتۈردى، ئاندىن گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىپ، ئۇ يەرنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى
ئەنەس ئالىم: لېكىن ئۇلار ئۇنى يالغانچى دېدى ۋە ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارغا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب ئەۋەتتى ۋە ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى.
لەيل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
92 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ لَنَا لَلْآخِرَةَ وَالْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ كۆيىدىغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم.
زۇھا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
93 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرۈپمۇ قالمىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى ۋە يامان كۆرمىدى.
93 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھ بەرمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟
93 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟[7]
تەرجىمە ھەيئىتى: قايمۇققان ھالدا كۆرۈپ، يول كۆرسەتىمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ سېنى قايمۇققان كۆرۈپ ھىدايەت قىلدى.
ئىنشىراھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي أَنْقَضَ ظَهْرَكَ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق[2ـ3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېغىر يۈك بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يۈك بىلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئىدى.
94 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ
مۇھەممەد سالىھ: سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلمىدۇقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز سېنىڭ شەنىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق.
ئەلەق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
96 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ
مۇھەممەد سالىھ: ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن
ئەنەس ئالىم: ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن!
96 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوقۇغىن، رەببىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئوقۇغىن! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر.
بەييىنە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
98 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنْفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن كاپىر بولغانلار بىلەن مۇشرىكلەر، ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كافىرلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر ئايرىلغۇچىلار ئەمەس ئىدى.
98 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
رَسُولٌ مِنَ اللَّهِ يَتْلُو صُحُفًا مُطَهَّرَةً
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ روشەن دەلىل) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ روشەن دەلىل، پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ روشەن دەلىل ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىدۇر. ئۇ پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىدۇ.
98 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سەھىپىلەردە ئەڭ توغرا ھۆكۈملەر باردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ سەھىپىلەرگە توغرا ھۆكۈملەر يېزىلغان.
تەكاسۇر سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
102 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس، يېقىندا بىلىسىلەر.
102 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس2، يېقىندا بىلىسىلەر.
102 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ الْيَقِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر راستتىنلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر راستتىنلا ھەقىقىي بىلسەڭلار ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس!
ئەنەس ئالىم: ئۇنداق ئەمەس3، ئەگەر ھەقىقىي بىلگەن بولساڭلار4.
102 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
لَتَرَوُنَّ الْجَحِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەر دوزاخنى كۆرىسىلەر.
كەۋسەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
108 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق.
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق.
كافىرۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
109 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار![1]
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى كافىرلار!
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار!
نەسىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
110 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە[1ـ2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كېلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە فەتھى كەلگەن چاغدا،