ئەمەل دەپتىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قىيامەت كۈنى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەمەللىرىنىڭ يېزىلغان دەپتىرى ئوڭ ياكى سول قولىغا بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Record of Deeds
36 ئايەت
17 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قىيامەت كۈنى /
- 📄 ئەمەل دەپتىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَيْفَ إِذَا جَمَعْنَاهُمْ لِيَوْمٍ لَا رَيْبَ فِيهِ وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەكسىز كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە بىز ئۇلارنى توپلايدىغان، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى قىلچە ئۇۋال قىلىنماي تولۇق بېرىلىدىغان چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى چوقۇم كېلىدىغان كۈندە بىر يەرگە توپلىغان ۋە ھەر كىشىگە زۇلۇم قىلىنماستىن ئۆز قىلمىشىنىڭ جازا - مۇكاپاتى تولۇق بېرىلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟
3 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَجِدُ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ مِنْ خَيْرٍ مُحْضَرًا وَمَا عَمِلَتْ مِنْ سُوءٍ تَوَدُّ لَوْ أَنَّ بَيْنَهَا وَبَيْنَهُ أَمَدًا بَعِيدًا ۗ وَيُحَذِّرُكُمُ اللَّهُ نَفْسَهُ ۗ وَاللَّهُ رَءُوفٌ بِالْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، (ئۇلار يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكنى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا (مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك) ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنىدە ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار (يامان ئىشلىرىنى كۆرمەسلىكى)، ئۆزى بىلەن يامان ئىشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، ھەر كىم ياخشى - يامان قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالدىدا كۆرىدۇ ۋە يامانلىقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىدىن قورقۇتىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر.
3 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَغُلَّ ۚ وَمَنْ يَغْلُلْ يَأْتِ بِمَا غَلَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفْسٍ مَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر غەنىيمەتكە خىيانەت قىلمايدۇ (يەنى بۇنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ). كىمكى غەنىيمەتكە خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن (يەنى خىيانەت قىلغان نەرسىسى گەجگىسىگە ئارتىلغان ھالدا) كېلىدۇ. ئاندىن ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات، (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا (ياخشىلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىپ، ئاسىيلارنىڭ جازاسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ) زۇلۇم قىلىنمايدۇ[161].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھېچقانداق بىر پەيغەمبەر ئولجىغا خىيانەت قىلمايدۇ. كىمكى ئولجىغا خىيانەت قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسى بىلەن كېلىدۇ. ھەر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە تولۇق مۇكاپات تولۇق جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر نەبىي غەنىيمەتكە ئەسلا خىيانەت قىلمايدۇ. كىم غەنىيمەتكە خىيانەت قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ خىيانەت قىلغان نەرسىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاندىن ھەر كىشىگە قىلغان ئەمىلىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
3 : 182 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[182].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ ئازاب سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بولدى ھەم ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسلىكىدىن بولدى» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: بۇ ئازاب دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئۆز قوللىڭلار قىلغان گۇناھلار تۈپەيلىدىندۇر،ھەمدە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر.
ئەنئام سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا يَا حَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان![31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادا بىپەرۋالىق قىلىپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزغا ئىسىت» دەپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار گۇناھلارنى ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيامەت تۇيۇقسىزلا كەلگەندە گۇناھلىرىنى يۈدۈپ تۇرۇپ: «ۋاي ئىسىت! ئۇ دۇنيادا سەل قاراپتىمىز» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار يۈدۈۋالغان نەرسە نېمىدېگەن يامان!
6 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ دَرَجَاتٌ مِمَّا عَمِلُوا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس.
6 : 160 - ئايەت
كۆرۈش
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا ۖ وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[160].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسى بېرىلىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بىر يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت شۇ بىر يامانلىقنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئەسلا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ لَيْسَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى سادىر قىلغان جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلچە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەسلىكىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئۆز قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ھەمدە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەسلىكى سەۋەبىدىندۇر».
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يُنْفِقُونَ نَفَقَةً صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً وَلَا يَقْطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن سەرپ قىلغانلىرى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ[
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، ئۇلار كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن قانداق چىقىمنى چىقىم قىلسا ۋە ئاللاھ يولىدا قانداق ۋادىدىن ئۆتسە ئۇلارنىڭ پايدىسىغا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىشى ئۈچۈندۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ تَبْلُو كُلُّ نَفْسٍ مَا أَسْلَفَتْ ۚ وَرُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۖ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ (يەنى ياخشىمۇ ـ يامانمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ)، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شاپائەت قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلغانلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ چاغدا ھەر ئادەم ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۈستىدە سىنىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقىي ئىگىسى ـ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ «شاپائەت قىلىدۇ» دەپ دەۋا قىلغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: مانا شۇ يەردە ھەركىم بۇرۇن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدۇ. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋېتىدۇ.
10 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَكُونُ فِي شَأْنٍ وَمَا تَتْلُو مِنْهُ مِنْ قُرْآنٍ وَلَا تَعْمَلُونَ مِنْ عَمَلٍ إِلَّا كُنَّا عَلَيْكُمْ شُهُودًا إِذْ تُفِيضُونَ فِيهِ ۚ وَمَا يَعْزُبُ عَنْ رَبِّكَ مِنْ مِثْقَالِ ذَرَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَلَا أَصْغَرَ مِنْ ذَٰلِكَ وَلَا أَكْبَرَ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن قايسى ھالەتتە بولمىغىن، قۇرئاندىن قايسى نەرسىنى ئوقۇمىغىن، سىلەر قايسىبىر ئىشنى قىلماڭلار، ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا ھامان بىز سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز، ئاسمان ـ زېمىندىكى زەررە چاغلىق نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ياكى چوڭ نەرسە بولسۇن، ھېچقايسىسى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كىتابتا روشەن خاتىرىلەنگەندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن قانداق ھالەتتە بولساڭ، قۇرئاندىن قانداق نەرسە ئوقۇساڭ، سەن ۋە ئۈممىتىڭ قانداقلا ئىش قىلساڭلار، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بولۇۋاتقان چېغىڭلاردا، بىز چوقۇم سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىمىز. ئاسماندا بولسۇن، زېمىندا بولسۇن، زەررە چاغلىق نەرسە رەببىڭنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ. مەيلى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن ھەممىسى چوقۇم روشەن كىتابتىدۇر.
ئىسرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلَّ إِنْسَانٍ أَلْزَمْنَاهُ طَائِرَهُ فِي عُنُقِهِ ۖ وَنُخْرِجُ لَهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ كِتَابًا يَلْقَاهُ مَنْشُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز (يەنى ئىنساننىڭ قىلغان ھەرقانداق ئەمەلى خۇددى بويۇنچاق بويۇندىن ئايرىلمىغىنىدەك ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، شۇنىڭغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەمەلىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ نامە ـ ئەمالىنى كۆرسىتىمىز، ئۇ ئۇنى ئوچۇق كۆرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز ھەر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلىدۇق. بىز قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئوچۇق بىر كىتاب چىقىرىمىز.
17 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
اقْرَأْ كِتَابَكَ كَفَىٰ بِنَفْسِكَ الْيَوْمَ عَلَيْكَ حَسِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇنىڭغا) «نامە ـ ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە (يەنى بۇ قىلمىشلىرىڭغا) ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا-: «نامە ـ ئەمالىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولۇشۇڭ كۇپايە» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا: «كىتابىڭنى ئوقۇغىن! بۈگۈن سەن ئۆز ھېسابىڭنى ئۆزۈڭ ئېلىشقا يېتىسەن» دەيمىز.
17 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ نَدْعُو كُلَّ أُنَاسٍ بِإِمَامِهِمْ ۖ فَمَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَأُولَٰئِكَ يَقْرَءُونَ كِتَابَهُمْ وَلَا يُظْلَمُونَ فَتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى (ئېسىڭدا تۇتقىن)، نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەممە ئادەمنى ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالى بىلەن چاقىرىدىغان كۈننى ئېسىڭدا تۇتقىن، نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىدىن بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا قىلچە زورلۇق قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: كۈن كېلىدۇ، بىز ھەر ئىنسان گۇرۇھىنى ئۆز يولباشچىسى بىلەن چاقىرىمىز. كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر كىتابلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَوُضِعَ الْكِتَابُ فَتَرَى الْمُجْرِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَا وَيْلَتَنَا مَالِ هَٰذَا الْكِتَابِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً إِلَّا أَحْصَاهَا ۚ وَوَجَدُوا مَا عَمِلُوا حَاضِرًا ۗ وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، رەببىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىنساننىڭ ئالدىغا ئۆز كىتابى قويۇلىدۇ. سەن گۇناھكارلارنىڭ، كىتابلىرىرىدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار: «ۋاي ھالىمىزغا! بۇ قانداق كىتاب! ھېچ نەرسە قالدۇرۇپ قويماي چوڭ - كىچىك ھەممە قىلمىشىمىزنى بىر - بىرلەپ خاتىرىلەپتۇ!» دەيدۇ. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خاتىرلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ. رەببىڭ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَشْرَقَتِ الْأَرْضُ بِنُورِ رَبِّهَا وَوُضِعَ الْكِتَابُ وَجِيءَ بِالنَّبِيِّينَ وَالشُّهَدَاءِ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەھشەرگاھ رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ
ئەنەس ئالىم: زېمىن رەببىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ. كىتابلار قويۇلىدۇ. نەبىيلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
39 : 70 - ئايەت
كۆرۈش
وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَا عَمِلَتْ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ[70].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر كىشىگە ئۆز ئەمىلىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
جاسىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً ۚ كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَىٰ إِلَىٰ كِتَابِهَا الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ)[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەر ئۈممەتنى تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، ئۇلارغا: «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» دېيىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ھەر ئۇممەتنى تىز پۈكۈپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرىسەن. ھەر ئۇممەت ئۆزىنىڭ كىتابىغا چاقىرىلىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن سىلەرگە ئۆز ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
45 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
هَٰذَا كِتَابُنَا يَنْطِقُ عَلَيْكُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنْسِخُ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە ـ ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق)[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق
ئەنەس ئالىم: مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر، سىلەرگە ھەقنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى بىز، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ نۇسخىسىنى ئالدۇرغان ئىدۇق».
قاف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يَتَلَقَّى الْمُتَلَقِّيَانِ عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ قَعِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ[17ـ18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان ئىككى خاتىرىلىگۈچى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول تەرىپىدە ئولتۇرماقتىدۇر.
50 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
مَا يَلْفِظُ مِنْ قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرىلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بار، ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ[17ـ18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان بىر پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۈزىتىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ قانداق سۆز قىلسا، يېنىدا يېزىشقا تەييار بىر كۆزەتكۈچى بار.
50 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ قَرِينُهُ هَٰذَا مَا لَدَيَّ عَتِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ (نامە ـ ئەمال) ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا مۇئەككەل پەرىشتە: «مانا بۇ ئالدىمدا تەيياردۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ ھەمراھى: «مانا بۇ مېنىڭ يېنىمدىكىدۇر، تەيياردۇر» دەيدۇ6.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ)[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ.
قەمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلُّ شَيْءٍ فَعَلُوهُ فِي الزُّبُرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى ۋە يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە ـ ئەماللىرىدا مەۋجۇتتۇر[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە ـ ئەمال دەفتەرلىرىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قىلغان ھەر نەرسە نام - ئەمەل دەپتەرلىرىدىدۇر.
54 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَكُلُّ صَغِيرٍ وَكَبِيرٍ مُسْتَطَرٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەندۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىچىك ۋە چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى قۇر - قۇر خاتىرىلەنگەندۇر
ئەنەس ئالىم: كىچىك، چوڭ ھەممىسى يېزىلغان.
ھاققە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ فَيَقُولُ هَاؤُمُ اقْرَءُوا كِتَابِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ[19ـ20].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مېنىڭ نامە ـ ئەمالىم! ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار!
ئەنەس ئالىم: كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ مېنىڭ كىتابىم، ئېلىپ ئوقۇڭلار!
69 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِشِمَالِهِ فَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُوتَ كِتَابِيَهْ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ![25]
تەرجىمە ھەيئىتى: نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە ـ ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!
ئەنەس ئالىم: كىتابى سول قولىغا بېرىلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاھ! كاشكى، ماڭا كىتابىم بېرىلمىگەن بولسا ئىدى!
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يُنَبَّأُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى ئىنسانغا قىلغان ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ3.
تەكۋىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
81 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەمەل دەفتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئەمەل دەپتەرلىرى تارقىتىلغان چاغدا،
مۇتەففىفىن سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا سِجِّينٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىججىن دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق بىلەلەيسەن؟[8]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىججىيننىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: سىججىن نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
83 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
كِتَابٌ مَرْقُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن بىر دەپتەردۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ –جەھەننەملىكلەرنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان- بىر خاتىرە دەپتەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر.
83 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا عِلِّيُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟[19]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئىللىيۇن نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
83 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
كِتَابٌ مَرْقُومٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ، - جەننەتلىكلەرنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان -بىر خاتىرە دەپتەردۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ بەلگە قويۇلغۇچى كىتابتۇر.
83 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا، يېقىنلاشتۇرۇلغانلار گۇۋاھ بولىدۇ.
ئىنىشقاق سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
84 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ[7ـ8].
تەرجىمە ھەيئىتى: نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا كىمنىڭ كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلسە،
84 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ
مۇھەممەد سالىھ: نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم[10]
تەرجىمە ھەيئىتى: نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم بولسا
ئەنەس ئالىم: كىمنىڭ كىتابى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە،