نوھ
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسى
ئەرەبچىىسى: نوح
ئېنگلىزچىسى: Nuh
92 ئايەت
19 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىگە ئۈستۈن قىلىپ تاللىدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادەمنى9، نۇھنى10، ئىبراھىمنىڭ ئائىلىسىنى11 ۋە ئىمراننىڭ ئائىلىسىنى12 تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلدى13.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَىٰ نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ ۚ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھىي قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھىي قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلەيمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق.
ئەئراف سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 59 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەك - شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى[59].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك-شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوق، مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقىۋاتىمەن».
7 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز›› دېدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: «بىز ھەقىقەتەن سېنى روشەن گۇمراھلىقتا دەپ قارايمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھنىڭ قەۋمىدىن مەرتىۋىلىك كىشىلەر: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.
7 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي ضَلَالَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەندە ھېچقانداق ئازغۇنلۇق يوق. لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن.
7 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنْصَحُ لَكُمْ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىۋاتىمەن ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
7 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى كېلىشىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟››[63]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفردىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، يامانلىقتىن ساقلىنىشىڭلار ۋە رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاراڭلاردىن بىر كىشى ئارقىلىق سىلەرگە رەببىڭلاردىن زىكىر كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟».
7 : 64 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى[64].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار نۇھنى يالغانچى، دېدى. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (دىللىرى) كور قەۋم ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى غەرق قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار كور قەۋم ئىدى.
يۇنۇس سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُمْ مَقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنْظِرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر شېرىكلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھەققىمدە خالىغىنىڭلارنى ئىجرا قىلىۋېرىڭلار، بىردەممۇ كېچىكتۈرمەڭلار!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا نۇھنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئەگەر مېنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم سىلەرگە ئېغىر كەلگەن بولسا مەن پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدىم. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە ئىشىڭلارنى قارارلاشتۇرۇڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن. ئاندىن ماڭا ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھەققىمدىكى ھۆكۈمىڭلارنى ئىجرا قىلىڭلار.
10 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُمْ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر مېنىڭ نەسىھىتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، مەن سىلەردىن ھېچقانداق ئەجىر سورىمىدىم. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم».
10 : 73 - ئايەت
كۆرۈش
فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَجَعَلْنَاهُمْ خَلَائِفَ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنْذَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى (يەنى بىز قۇتقۇزغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (توپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[73].
تەرجىمە ھەيئىتى: لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى غەرق بولغانلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى توپان بالاسى بىلەن غەرق قىلدۇق، -ئى مۇھەممەد!- ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن[
ئەنەس ئالىم: ئۇلار نۇھنى يالغانچى دېدى. بىز ئۇنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزۇپ ئورۇنباسارلار قىلدۇق. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرنى بولسا غەرق قىلدۇق. قارىغىنا، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟
ھۇد سۈرىسى
22 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
11 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كُنْتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَآتَانِي رَحْمَةً مِنْ عِنْدِهِ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنْتُمْ لَهَا كَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟[28]
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن رەببىم تەرىپىدىن نازىل بولغان ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە -پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە- سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈپ تۇرساڭلارمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلانغان بولسام، ئۇ ماڭا ئۆز تەرىپىدىن رەھمەت ئاتا قىلغان بولسا، سىلەر بۇنى كۆرەلمىگەن بولساڭلار، بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ سىلەر ئۇنى يامان كۆرۈۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بىز سىلەرنى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا زورلامدۇق؟
11 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مَالًا ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۚ وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ إِنَّهُمْ مُلَاقُو رَبِّهِمْ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن. (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! سىلەرگە -دىننى- تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل ـ مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى يېنىمدىن قوغلىۋەتمەيمەن، چۈنكى ئۇلار، رەببىگە مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! مەن بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن مال - مۈلۈك سورىمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. مەن ئىمان ئېيتقانلارنى يېنىمدىن قوغلىۋېتىدىغان كىشى ئەمەس. چۈنكى ئۇلار رەببىگە مۇلاقات بولىدىغان كىشىلەردۇر. لېكىن سىلەر مېنىڭچە جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر.
11 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَا قَوْمِ مَنْ يَنْصُرُنِي مِنَ اللَّهِ إِنْ طَرَدْتُهُمْ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى يېنىمدىن قوغلىۋەتسەم، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلانمامسىلەر؟
11 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلَا أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَنْ يُؤْتِيَهُمُ اللَّهُ خَيْرًا ۖ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنْفُسِهِمْ ۖ إِنِّي إِذًا لَمِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن، دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سىلەرگە: «مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار» دېمەيمەن، «غەيبنى بىلىمەن» دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە «ئۆزۈمنى پەرىشتە» دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى «ئاللاھ ئۇلارغا ئەسلا ياخشىلىق بەرمەيدۇ» دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە: ‹يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ› دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن».
11 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا نُوحُ قَدْ جَادَلْتَنَا فَأَكْثَرْتَ جِدَالَنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار(يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى نۇھ ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئى نۇھ! بىز بىلەن ھەقىقەتەن مۇنازىرىلەشتىڭ! مۇنازىرىمىزنى بەك ئۇزارتىۋەتتىڭ. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، سەن كېلەچەكتە بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتقان ئازابنى ھازىر بېشىمىزغا كەلتۈرگىن» دېدى.
11 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا يَأْتِيكُمْ بِهِ اللَّهُ إِنْ شَاءَ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى ئەگەر خالىسا ئاللاھ لا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «ئۇنى بېشىڭلارغا ئەگەر خالىسا پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
11 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا يَنْفَعُكُمْ نُصْحِي إِنْ أَرَدْتُ أَنْ أَنْصَحَ لَكُمْ إِنْ كَانَ اللَّهُ يُرِيدُ أَنْ يُغْوِيَكُمْ ۚ هُوَ رَبُّكُمْ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا، مېنىڭ سىلەرگە قىلغان نەسىھتىمنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلماقچى بولسام، ئاللاھ سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولسا، مېنىڭ نەسىھىتىمنىڭ سىلەرگە ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرىلىسىلەر».
11 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
وَأُوحِيَ إِلَىٰ نُوحٍ أَنَّهُ لَنْ يُؤْمِنَ مِنْ قَوْمِكَ إِلَّا مَنْ قَدْ آمَنَ فَلَا تَبْتَئِسْ بِمَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھقا (مۇنداق) ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئېيتقۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن قايغۇرمىغىن[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھقا ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمنىڭدىن ئىلگىرى ساڭا ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئىمان ئىېيتقۇچىلار ھەرگىز بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن
ئەنەس ئالىم: نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: «قەۋمىڭدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇ ھالدا ئۇ كافىرلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك قايغۇرمىغىن.
11 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَاصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن ، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ»[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ كۆز ئوڭىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، چۈنكى ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنىدۇ»[
ئەنەس ئالىم: بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. ئۇ زالىملار توغرۇلۇق ماڭا ئېغىز ئاچمىغىن. چۈنكى ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر».
11 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَصْنَعُ الْفُلْكَ وَكُلَّمَا مَرَّ عَلَيْهِ مَلَأٌ مِنْ قَوْمِهِ سَخِرُوا مِنْهُ ۚ قَالَ إِنْ تَسْخَرُوا مِنَّا فَإِنَّا نَسْخَرُ مِنْكُمْ كَمَا تَسْخَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ كېمە ياساۋاتاتتى، قەۋمىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ھەر قېتىم ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. نۇھ ئېيتتى: « سىلەر (بۈگۈن) بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار (كېلەچەكتە سىلەر غەرق قىلىنغاندا)، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ كېمىنى ياساۋاتاتتى، قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى، نۇھ ئېيتتى: «ئەگەر سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك بىزمۇ سىلەرنى چوقۇم مەسخىرە قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: نۇھ كېمىنى ياساشقا باشلىدى. قەۋمىنىڭ كاتتىۋاشلىرى قاچانىكى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئەگەر بىزنى مەسخىرە قىلساڭلار، بىزمۇ سىلەرنى كېلەچەكتە، سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلغاندەك مەسخىرە قىلىمىز.
11 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ يَأْتِيهِ عَذَابٌ يُخْزِيهِ وَيَحِلُّ عَلَيْهِ عَذَابٌ مُقِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: خار قىلغۇچى ئازاب (يەنى توپان بالاسى بىلەن غەرق بولۇش) نىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازاب(يەنى جەھەننەم ئازابى) نىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى كېلەچەكتە بىلىسىلەر»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: خار قىلغۇچى ئازابنىڭ كىمنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى، دائىمىي ئازابنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى پات-يېقىندا بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: يېقىندا رەسۋا قىلغۇچى ئازاب كېلىدىغان ۋە مۇقىم ئازاب چۈشىدىغان كىشىنى بىلىسىلەر».
11 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ قُلْنَا احْمِلْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ وَمَنْ آمَنَ ۚ وَمَا آمَنَ مَعَهُ إِلَّا قَلِيلٌ
مۇھەممەد سالىھ: (توپان بالاسى توغرىسىدىكى) بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن (ئەركەك، چىشى بولۇپ) بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن،
تەرجىمە ھەيئىتى: -توپان بالاسى توغرىسىدىكى- بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە يەر يۈزىدىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا: «كېمىگە ھايۋاناتلاردىن -ئەركەك چىشى بولۇپ- بىر جۇپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن ھالاك بولۇشى ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا ـ ۋە ئىمان ئېيتقانلار بىلەن كېمىگە چىققىن» دېدۇق، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنا كىشىلەر ئىمان ئېيتتى
ئەنەس ئالىم: ئاخىرى ئەمرىمىز كەلگەن ۋە تونۇر قاينىغان3 چاغدا نۇھقا: «ھەر تۈرلۈك ھايۋاندىن ئەركەك -چىشى بولۇپ بىر جۈپنى يەنى ئىككىنى، ئائىلەڭنى - ئۇلارنىڭ ئىچىدىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا - ۋە ئىمان ئېيتقانلارنى كېمىگە ئېلىپ چىققىن!» دېدۇق. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئازغىنە كىشىلەر ئىمان ئېيتقان ئىدى.
11 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ ارْكَبُوا فِيهَا بِسْمِ اللَّهِ مَجْرَاهَا وَمُرْسَاهَا ۚ إِنَّ رَبِّي لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ (ئىمان ئېيتقان تەۋەلىرىگە) ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى) ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ رەببىم تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مۇئمىنلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «كېمىگە چىقىڭلار! كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» دېدى.
11 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَهِيَ تَجْرِي بِهِمْ فِي مَوْجٍ كَالْجِبَالِ وَنَادَىٰ نُوحٌ ابْنَهُ وَكَانَ فِي مَعْزِلٍ يَا بُنَيَّ ارْكَبْ مَعَنَا وَلَا تَكُنْ مَعَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغدەك دولقۇنلار ئىچىدە ئۈزۈپ باراتتى، نۇھ كېمە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزىدىن يىراقتا تۇرغان ئوغلىنى: «ئى ئوغلۇم، بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن» دەپ توۋلىدى
ئەنەس ئالىم: كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغلاردەك دولقۇن ئىچىدە ئۈزەتتى. نۇھ بىر چەتتە تۇرغان ئوغلىغا «ئى ئوغۇلچىقىم! بىز بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىققىن، كافىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن!» دەپ توۋلىدى.
11 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ سَآوِي إِلَىٰ جَبَلٍ يَعْصِمُنِي مِنَ الْمَاءِ ۚ قَالَ لَا عَاصِمَ الْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ إِلَّا مَنْ رَحِمَ ۚ وَحَالَ بَيْنَهُمَا الْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ الْمُغْرَقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «مېنى سۇدىن ساقلايدىغان بىر تاغقا چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا دولقۇن كىردى - دە، ئۇ غەرق قىلىنغۇچىلاردىن بولدى.
11 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِيلَ يَا أَرْضُ ابْلَعِي مَاءَكِ وَيَا سَمَاءُ أَقْلِعِي وَغِيضَ الْمَاءُ وَقُضِيَ الْأَمْرُ وَاسْتَوَتْ عَلَى الْجُودِيِّ ۖ وَقِيلَ بُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: «ئى زېمىن! سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت، تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت تارقىغىن» دېيىلدى، سۇ سوغۇلدى، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: «ئى زېمىن! سۈيىڭنى يۇتقىن، ئى ئاسمان! سۈيىڭنى تۇتقىن» دېيىلدى. سۇ سىڭدۈرۈلدى. ئىش تاماملاندى. كېمە جۇدىي تېغىغا ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا «يوقالسۇن زالىملار گۇرۇھى!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
11 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَادَىٰ نُوحٌ رَبَّهُ فَقَالَ رَبِّ إِنَّ ابْنِي مِنْ أَهْلِي وَإِنَّ وَعْدَكَ الْحَقُّ وَأَنْتَ أَحْكَمُ الْحَاكِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى (سەن ماڭا ئۇلارنىڭ نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان ئىدىڭ)، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ رەببىغا دۇئا قىلىپ: «رەببىم! ئوغلۇم مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىن ئىدى، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ رەببىگە نىدا قىلىپ: «رەببىم! شۈبھىسىزكى، غەرق قىلىنغان ئوغلۇممۇ ئائىلەمدىن ئىدى، سېنىڭ ۋەدەڭ ئەلۋەتتە ھەقتۇر، سەن ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئادىلىسەن!» دېدى.
11 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا نُوحُ إِنَّهُ لَيْسَ مِنْ أَهْلِكَ ۖ إِنَّهُ عَمَلٌ غَيْرُ صَالِحٍ ۖ فَلَا تَسْأَلْنِ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ ۖ إِنِّي أَعِظُكَ أَنْ تَكُونَ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ(مەن نىجات تېپىشىنى ۋەدە قىلغان) ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئۇ ئائىلەڭدىكىلەردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەلى ياماندۇر، شۇڭا سەن ئېنىق بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن، مەن سېنىڭ جاھىللاردىن بولماسلىقىڭنى نەسىھەت قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «ئى نۇھ! ئۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ ئائىلەڭدىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ ياخشى بولمىغان ئەمەلدۇر. سەن بىلمىگەن نەرسەڭنى مەندىن سورىمىغىن. مەندىن ساڭا نەسىھەت: جاھىللاردىن بولمىغىن» دېدى.
11 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَسْأَلَكَ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ ۖ وَإِلَّا تَغْفِرْ لِي وَتَرْحَمْنِي أَكُنْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سىغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە رەھىم قىلمىساڭ زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم!مەن بىلمىگەن نەرسىنى سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن، ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمەن»
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «رەببىم! مەن بىلمىگەن نەرسەمنى سەندىن سوراشتىن سېنىڭ پاناھىڭغا سېغىنىمەن. ئەگەر ماڭا مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە ماڭا مەرھەمەت قىلمىساڭ، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى.
11 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
قِيلَ يَا نُوحُ اهْبِطْ بِسَلَامٍ مِنَّا وَبَرَكَاتٍ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ أُمَمٍ مِمَّنْ مَعَكَ ۚ وَأُمَمٌ سَنُمَتِّعُهُمْ ثُمَّ يَمَسُّهُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىلدى (يەنى ئاللاھ ئېيتتى): «ئى نۇھ! ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېيىلدىكى: «ئى نۇھ !ساڭا ۋە سەن بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن كېمىدىن چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى -ھاياتىي دۇنيادىن- بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»
ئەنەس ئالىم: «ئى نۇھ! كېمىدىن چۈشكىن. بىزدىن ساڭا ۋە سەن بىلەن بىللە بولغان ئۇممەتلەرگە سالام ۋە بەرىكەتلەر بولسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق ئۇممەتلەر كېلىدۇكى، بىز ئۇلارنى ئاۋۋال باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىمىز» دېيىلدى.
11 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
تِلْكَ مِنْ أَنْبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهَا إِلَيْكَ ۖ مَا كُنْتَ تَعْلَمُهَا أَنْتَ وَلَا قَوْمُكَ مِنْ قَبْلِ هَٰذَا ۖ فَاصْبِرْ ۖ إِنَّ الْعَاقِبَةَ لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئەنە شۇ -قىسسە-، غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى بىز ۋەھيى قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار، سەۋر قىلغىن، شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. بۇلارنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى سەنمۇ بىلمەيتتىڭ، قەۋمىڭمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭدۇر.
ئىبراھىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ يَأْتِكُمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ ۛ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۛ لَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا اللَّهُ ۚ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرَدُّوا أَيْدِيَهُمْ فِي أَفْوَاهِهِمْ وَقَالُوا إِنَّا كَفَرْنَا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ وَإِنَّا لَفِي شَكٍّ مِمَّا تَدْعُونَنَا إِلَيْهِ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، (سانىنى) پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى كۆرسىتىپ): «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن، سانىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدىغان ئۈممەتلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە يەتمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار قوللىرى بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېغىزلىرىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز، بىز سىلەر دەۋەت قىلىۋاتقان ئىشقا ھەقىقەتەن زور گۇماندىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ، يەنى نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋىرى سىلەرگە كەلمىدىمۇ؟ ئۇ كېيىنكىلەرنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار قوللىرىنى ئېغىزلىرىغا قويۇپ2: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارنى قەتئىي ئىنكار قىلىمىز، بىزنى چاقىرغان نەرسەڭلەردىن قاتتىق شەك قىلىۋاتىمىز!» دېدى.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
ذُرِّيَّةَ مَنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَبْدًا شَكُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى) بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! (ئەجدادىڭلارنى غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلىڭلار) نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چۈشۈرگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى! نۇھ ھەقىقەتەن كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقىرىپ قۇتقۇزغانلارنىڭ نەسلى! نۇھ ھەقىقەتەن شۈكۈر قىلغۇچى بەندە ئىدى.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُوحًا إِذْ نَادَىٰ مِنْ قَبْلُ فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) بۇرۇن (قەۋمىگە، پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى (ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى) بۈيۈك بالادىن (يەنى توپان بالاسىدا غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزدۇق (يەنى نۇھنى قەۋمىنىڭ شەررىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق)[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن بۇرۇن دۇئا قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۇ ئىلگىرى بىزگە دۇئا قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق. ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»[23]
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھيوق، ئاللاھ -نىڭ ئازابى-دىن قورقمامسىلەر؟»
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھىڭلار يوقتۇر، ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تەقۋادار بولمامسىلەر؟».
23 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
23 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ أَنِ اصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ ۙ فَاسْلُكْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۖ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن بىر جۈپتىن ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچىلاردۇر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھقا مۇنداق ۋەھىي قىلدۇق: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن. بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز كېلىپ تونۇر قاينىغاندا ھەر ھايۋاندىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئالغىن. ئائىلەڭنىمۇ ئالغىن. ئۇلاردىن غەرق قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار مۇستەسنا. ماڭا زالىملار توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار غەرق قىلىنىدىغان كىشىلەردۇر.
23 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا اسْتَوَيْتَ أَنْتَ وَمَنْ مَعَكَ عَلَى الْفُلْكِ فَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي نَجَّانَا مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن
ئەنەس ئالىم: سەن يېنىڭدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كېمىگە ئورۇنلىشىپ بولغان چېغىڭدا: ‹بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!› دېگىن».
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْمَ نُوحٍ لَمَّا كَذَّبُوا الرُّسُلَ أَغْرَقْنَاهُمْ وَجَعَلْنَاهُمْ لِلنَّاسِ آيَةً ۖ وَأَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، زالىملارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلدۇق. بىز ئۇلارنى، ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشقان چاغلىرىدا سۇغا غەرق قىلدۇق ۋە ئۇلارنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق. زالىملارغا ناھايىتى ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
شۇئەرا سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 105 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى[105].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى.
26 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىنداشلىرى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر قورقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟
26 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن.
26 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
26 : 109 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن[109].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن
ئەنەس ئالىم: مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ.
26 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار».
26 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ وَمَا عِلْمِي بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن.
26 : 113 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّي ۖ لَوْ تَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت پەرۋەردىگارىم ئۈستىگە ئالغان[113].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت رەببىم ئۈستىگە ئالغان
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش رەببىمنىڭ ئىشىدۇر. كاشكى ھېس قىلساڭلارچۇ!
26 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن مۆمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن مۇئمىنلارنى قوغلىۋەتمەيمەن
ئەنەس ئالىم: مەن مۇئمىنلارنى يېنىمدىن قوغلىۋىتىدىغان كىشى ئەمەس.
26 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن».
26 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِي كَذَّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى يالغانچى دېدى.
26 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَافْتَحْ بَيْنِي وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِي وَمَنْ مَعِيَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن»[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن»
ئەنەس ئالىم: شۇڭا مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن».
26 : 119 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَنْجَيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق[119].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى توشقۇزۇلغان كېمىدە قۇتقۇزدۇق.
26 : 120 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ الْبَاقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق[120].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَآيَةٌ لَهُمْ أَنَّا حَمَلْنَا ذُرِّيَّتَهُمْ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورۇق - ئەۋلادىنى (يۈكلەر بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا يەنە بىر دەلىل شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى توشقۇزۇلغان كېمىگە چۈشۈردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر دەلىل شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ نەسلىنى توشقۇزۇلغان كېمىدە توشۇدۇق.
ساففات سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز![75].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا نۇھ بىزگە نىدا قىلغان ئىدى، بىز ياخشى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق.
37 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى ۋە ئەھلىنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق.
37 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُ هُمُ الْبَاقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: پەقەت ئۇنىڭ نەسلىنىلا داۋاملاشقۇچى قىلدۇق.
37 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق
ئەنەس ئالىم: كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق،
37 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ عَلَىٰ نُوحٍ فِي الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ[79].
تەرجىمە ھەيئىتى: خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئالەملەرنىڭ ئىچىدە نۇھقا سالام يوللىنىدۇ.
37 : 81 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى[81].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى
ئەنەس ئالىم: چۈنكى نۇھ مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
37 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز باشقىلارنى غەرق قىلدۇق.
غافىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن جامائەلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟
ئەنەس ئالىم: بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى گۇرۇھلار راستنى يالغان دېدى، ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنى جازالاشقا ئۇرۇندى ۋە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟
40 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعِبَادِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ[30ـ31].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش! ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەنى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى قەۋملەر دۇچار بولغان جازاغا ئوخشاش جازاغا دۇچار بولۇشىڭلاردىن قورقىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ.
قەمەر سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ فَكَذَّبُوا عَبْدَنَا وَقَالُوا مَجْنُونٌ وَازْدُجِرَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىز - نۇھ - نى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى «مەجنۇن» دېدى. ئۇ ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى «يالغانچى» دېدى، ئۇلار بىزنىڭ بەندىمىزنى «يالغانچى» دېدى ۋە ئۇنىڭ توغرىسىدا: «بۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېيىشتى. بەندىمىز مەنئى قىلىندى.
54 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَدَعَا رَبَّهُ أَنِّي مَغْلُوبٌ فَانْتَصِرْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، رەببىگە « مەن يېڭىلدىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.
54 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
فَفَتَحْنَا أَبْوَابَ السَّمَاءِ بِمَاءٍ مُنْهَمِرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قاتتىق تۆكۈلگۈچى سۇ بىلەن ئاچتۇق.
54 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَفَجَّرْنَا الْأَرْضَ عُيُونًا فَالْتَقَى الْمَاءُ عَلَىٰ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى بەلگىلەنگەن بىر پىرىنسىپ بويىچە بىر ـ بىرىگە قوشۇلدى
ئەنەس ئالىم: زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن سۇلار پىلانلانغان ئىش ئۈچۈن بىرلەشتى.
54 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَمَلْنَاهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلْوَاحٍ وَدُسُرٍ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ بەندىمىزنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىنىڭ ئۈستىدە توشۇدۇق.
54 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
تَجْرِي بِأَعْيُنِنَا جَزَاءً لِمَنْ كَانَ كُفِرَ
مۇھەممەد سالىھ: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، بۇ ئىنكار قىلىنغان - نۇھ - نى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن
ئەنەس ئالىم: كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئاقاتتى. بۇ ئىنكار قىلىنغان كىشىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىدى.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا وَإِبْرَاهِيمَ وَجَعَلْنَا فِي ذُرِّيَّتِهِمَا النُّبُوَّةَ وَالْكِتَابَ ۖ فَمِنْهُمْ مُهْتَدٍ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ فَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى، ئىبراھىمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادىغا (ئاتا) قىلدۇق، ئۇلاردىن ھىدايەت تاپقانلىرى بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى، ئىبراھىمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەرلىكنى ۋە كىتابنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئارىسىدا قىلدۇق، ئۇلاردىن ھىدايەت تاپقانلىرى بار، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى ۋە ئىبراھىمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، تولىسى فاسىقلاردۇر.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ ۖ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كۇففارلارغا نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككىسىگە: «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كافىرلارغا نۇھ ۋە لۇتنىڭ ئاياللىرىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئىككى ئايال، بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىنىڭ نىكاھىدا ئىدى، ئۇ ئىككى ئايال ئۇ ئىككى ياخشى بەندىگە خىيانەت قىلدى، ئۇ ئىككى ياخشى بەندە ئاللاھتىن كەلگەن ھېچ نەرسىنى ئۇ ئىككى ئايالدىن دەپئى قىلالمىدى. ئۇ ئىككى ئايالغا: «كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە دوزاخقا كىرىڭلار!» دېيىلدى.
ھاققە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
69 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَمَّا طَغَى الْمَاءُ حَمَلْنَاكُمْ فِي الْجَارِيَةِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق. سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، ئېسىدە تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)[11ـ12].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى بىز كېمىگە سالدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! توپان بالاسى يۈز بەرگەندە سىلەرنى كېمىدە بىز توشۇدۇق4.
نوھ سۈرىسى
18 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ أَنْ أَنْذِرْ قَوْمَكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب (يەنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا توپان بالاسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېدۇق.
71 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
71 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
71 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا بېكىتكەن ئەجىلى كەلگەن چاغدا ئەجەل كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل كەلسە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىلسەڭلار».
71 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز ئىمانغا دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز دەۋەت قىلدىم.
71 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى
ئەنەس ئالىم: لېكىن مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارغا پەقەت قېچىشنىلا زىيادە قىلدى.
71 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى ۋە كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، كۇفرىدا چىڭ تۇردى ۋە چوڭچىلىق قىلىپ تېخىمۇ باش تارتتى
ئەنەس ئالىم: سېنىڭ ئۇلارغا مەغپىرەت قىلىشىڭ ئۈچۈن مەن قاچانىكى ئۇلارنى دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى، كىيىملىرىگە يۆگىنىۋالدى، چىڭ تۇردى ۋە بەك چوڭچىلىق قىلدى.
71 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنِّي دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن مەن ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلارنى ئۈنلۈك دەۋەت قىلدىم.
71 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ إِنِّي أَعْلَنْتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم.
71 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتتىمكى: «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دېدىمكى: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
71 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ[11]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،
71 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ[12]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە مال ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۆستەڭلەرنى ئېقىتىپ بېرىدۇ.
71 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ نُوحٌ رَبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِي وَاتَّبَعُوا مَنْ لَمْ يَزِدْهُ مَالُهُ وَوَلَدُهُ إِلَّا خَسَارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە (يەنى بايلىرىغا، كاتتىباشلىرىغا) ئەگەشتى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە ئەگەشتى
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلى ۋە بالىچاقىسى ئۆزىگە پەقەت زىيانلا ئارتتۇرغان كىشىگە ئەگەشتى،
71 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَكَرُوا مَكْرًا كُبَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىنپۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ) چوڭ ھىيلە تۈزدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار چوڭ ھىيلە تۈزدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ناھايىتى چوڭ ھىيلە - مىكىر قىلدى،
71 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئىلاھلىرىڭلارنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار. بولۇپمۇ ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرنى ھەرگىزمۇ تەرك ئەتمەڭلار» دېدى1،
71 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! زېمىندا كافىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن!
71 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت ئەخلاقسىز ۋە كاپىر بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇزكورلاردىن باشقىسىنى تۇغمايدۇ.
71 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!».