بۇرۇنقى كىتابلار
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئان ۋە ۋەھىي: ئىلگىرىكى مۇقەددەس كىتابلار
ئېنگلىزچىسى: Previous Scriptures
56 ئايەت
19 سۈرە
4 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَتَطْمَعُونَ أَنْ يُؤْمِنُوا لَكُمْ وَقَدْ كَانَ فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَسْمَعُونَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُ مِنْ بَعْدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى! دەۋىتىڭلار ئارقىلىق) يەھۇدىيلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ (قەستەن) ئۆزگەرتىۋەتتى[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) يەھۇدىيلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتىۋەتكەن تۇرسا، يەنە ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەر يەنىلا ئۇلار بىزگە ئىشىنەر دەپ ئۈمىد قىلامسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پىرقە بار ئىدىكى، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلايتتى ۋە ئەقىللىرى بىلەن چۈشىنەتتى، ئاندىن كېيىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ بۇرمىلايتتى.
2 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لَا يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلَّا أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ ساۋاتسىزلىرى كىتابنى (تەۋراتنى) بىلمەيدۇ، (ئەھبارلىرى ئويدۇرۇپ چىققان) ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدۇ، گۇمان بىلەنلا ئىش قىلىدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتنى بىلمەيدىغان، پەقەت ئويدۇرمىلارنىلا بىلىدىغان، خىيالغىلا تايىنىدىغان ساۋاتسىزلىرى بار
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۇممىيلىرى25 بار. بۇلار كىتابنى بىلمەيدۇ، بىلىدىغىنى پەقەت بىر قىسىم قۇرۇق خىياللاردىنلا ئىبارەتتۇر. بۇلار پەقەتلا گۇمان قىلىدۇ.
2 : 79 - ئايەت
كۆرۈش
فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَٰذَا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ لِيَشْتَرُوا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَهُمْ مِمَّا يَكْسِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئۇنى ئاز پۇلغا سېتىش (دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتى) ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرگە ۋاي! قولى بىلەن يازغانلىرى (يەنى تەۋراتنى ئۆزگەرتكەنلىكلىرى) ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي! (بۇنىڭ بىلەن) ئېرىشكەن (ھارام) نەرسىلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ۋاي![79]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىتابنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئاز پۇلغا (يەنى دۇنيانىڭ ئازغىنا مەنپەئىتىگە) سېتىۋېتىش ئۈچۈن، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆز قولى بىلەن يېزىۋالغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئەنەس ئالىم: كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ، ئاندىن ئۇنى ئازغىنە پۇلغا سېتىش ئۈچۈن: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دېگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! قوللىرى يازغان نەرسە سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئېرىشكەن نەرسىلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
2 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا جَاءَهُمْ رَسُولٌ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُصَدِّقٌ لِمَا مَعَهُمْ نَبَذَ فَرِيقٌ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ كِتَابَ اللَّهِ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ كَأَنَّهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركۈمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەلىللىرىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى (يەنى تەۋراتنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىدى)[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قولىدىكى كىتابنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگەندە،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى (ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) بىلمەيدىغاندەك، ئاللاھنىڭ كىتابى (تەۋراتنى) ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، كىتاب بىرىلگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئارقىلىرىغا چۈرۈۋەتتى. ئۇلار گويا ھەقىقەتنى ھېچ بىلمەيدىغاندىكىدەك ئىش قىلدى.
2 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطَ كَانُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ قُلْ أَأَنْتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَتَمَ شَهَادَةً عِنْدَهُ مِنَ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى دەمسىلەر؟» ئېيتقىنكى، «بۇنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر: «ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر ياكى ئاللاھمۇ؟». يېنىدا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرسىز ئەمەس43.
2 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْرِفُونَهُ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَاءَهُمْ ۖ وَإِنَّ فَرِيقًا مِنْهُمْ لَيَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز كىتاب بەرگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالار) ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز كىتاب بەرگەنلەر ئۇ پەيغەمبەرنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى، شۈبھىسىزكى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بۇ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ.
2 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلْنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالْهُدَىٰ مِنْ بَعْدِ مَا بَيَّنَّاهُ لِلنَّاسِ فِي الْكِتَابِ ۙ أُولَٰئِكَ يَلْعَنُهُمُ اللَّهُ وَيَلْعَنُهُمُ اللَّاعِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ (يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛ لەنەت قىلغۇچىلار (پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ كىتاب (تەۋرات) تا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغان روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ؛ لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ.
2 : 174 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْتُمُونَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ الْكِتَابِ وَيَشْتَرُونَ بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۙ أُولَٰئِكَ مَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ إِلَّا النَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ اللَّهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى پەقەت ئوتتۇر (چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مېلى ئۇلارنى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ)، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[174].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنا پۇلغا سېتىۋېتىدىغانلار ___ ئەنە شۇلار قارنىغا پەقەت دوزاخ ئوتىنىلا يەيدۇ*[1]، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان) سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
ئال ئىمران سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
نَزَّلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنْزَلَ التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھ) ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەق بىلەن نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى كىتاب (قۇرئان) نى ھېكمەت بىلەن تەدرىجىي نازىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى. ئەمدى بولسا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، يامانلارنى جازالىغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىغان بۇ ھەق كىتابنى ساڭا نازىل قىلدى. ئاللاھ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنىمۇ نازىل قىلغان ئىدى.
3 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَيُعَلِّمُهُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَالتَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنىڭغا خەتنى، ھېكمەتنى (يەنى سۆز - ھەرىكەتتە توغرا بولۇشنى)، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى، ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ
ئەنەس ئالىم: پەرىشتىلەر مەريەمگە بالىسى توغرىسىدا يەنە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ئۇنىڭغا يېزىشنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگىتىدۇ.
3 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَلِأُحِلَّ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي حُرِّمَ عَلَيْكُمْ ۚ وَجِئْتُكُمْ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
مۇھەممەد سالىھ: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن (كەلدىم). سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ھالدا كەلدىم، سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: مەن ئالدىمدىكى تەۋراتنى تەستىقلاش ۋە سىلەرگە ھارام قىلىنغان بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم. مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن ئايەت ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
3 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تَلْبِسُونَ الْحَقَّ بِالْبَاطِلِ وَتَكْتُمُونَ الْحَقَّ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ھەقنى باتىلغا ئارىلاشتۇرىسىلەر ۋە بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابلىرىڭلاردىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىسىلەر؟[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ ھەق بىلەن باتىلنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىسىلەر ۋە ھەقنى يوشۇرىسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! نېمىشقا ھەقنى باتىل بىلەن ئارىلاشتۇرىسىلەر؟ نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ ھەقنى يوشۇرىسىلەر؟
3 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُمْ بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن تىللىرىنى ئەگرى ـ بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى تولغاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن شۇنداق بىر پىرقىمۇ باركى، ئۆزلىرى ئويدۇرغان سۆزلەرنى تىللىرىنى ئېگىپ كىتابنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ. ئۇلار بۇنى سىلەرنىڭ ئۇ سۆزلەرنى كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سۆزلەر كىتابتا يوقتۇر. ئۇلار: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنغان» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلىنمىغان. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ.
3 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُّ الطَّعَامِ كَانَ حِلًّا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَّا مَا حَرَّمَ إِسْرَائِيلُ عَلَىٰ نَفْسِهِ مِنْ قَبْلِ أَنْ تُنَزَّلَ التَّوْرَاةُ ۗ قُلْ فَأْتُوا بِالتَّوْرَاةِ فَاتْلُوهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار»[93].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋرات نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) ئۆزىگە ھارام قىلغان يېمەكلىكلەر (يەنى تۆگىنىڭ گۆشى ۋە سۈتى) دىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھالال ئىدى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار»
ئەنەس ئالىم: «ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھەر تۈرلۈك يېمەكلىك ھالال ئىدى. ئۇلارغا پەقەت، تەۋرات نازىل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىسرائىل ئۆزىگە ھارام قىلغان نەرسىلا ھارام ئىدى». ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، تەۋراتنى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار».
3 : 187 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلَا تَكْتُمُونَهُ فَنَبَذُوهُ وَرَاءَ ظُهُورِهِمْ وَاشْتَرَوْا بِهِ ثَمَنًا قَلِيلًا ۖ فَبِئْسَ مَا يَشْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) دىن كىتابنى (يەنى كىتابتىكى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى) كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى، لېكىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئۇلار ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇنى ئازغىنا بەدەلگە (يەنى دۇنيانىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە) تېگىشتى. ئۇلارنىڭ تېگىشىپ ئالغىنى نېمىدېگەن يامان![187].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالغان ئىدى، لېكىن ئۇلار بۇنى ئارقىسىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئازغىنا پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سېتىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: «كىتابنى ئىنسانلارغا چوقۇم بايان قىلىسىلەر ۋە ئۇنى يوشۇرمايسىلەر!» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى. لېكىن ئۇلار بۇ ئەھدىنى ئارقىلىرىغا چۆرۈۋەتتى ۋە ئۇ كىتابنى ئازغىنە پۇلغا سېتىۋەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئېلىم - سېتىمى نېمىدېگەن يامان!
نىسا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يَشْتَرُونَ الضَّلَالَةَ وَيُرِيدُونَ أَنْ تَضِلُّوا السَّبِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) كىتابتىن (يەنى تەۋراتتىن) نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىي موللىلىرى) نىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ گۇمراھلىقنى سېتىۋالغانلىقىنى ۋە سىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىشىڭلارنى خالايدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئازغۇنلۇقنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئېزىپ كېتىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ.
4 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
مِنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانْظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِنْ لَعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئىچىدە تەۋراتنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز سۆزۈڭنى ئاڭلىدۇق، بويسۇنمىدۇق، سەن بىزنىڭ سۆزىمىزنى ئاڭلىغىن،(ھىم!) ئاڭلىماس بولۇپ كېتەرسەن» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، «رائىنا» دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا): «ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق» «قۇلاق سال» «ئۇنزۇرنا»*[1] دېگەن بولسا، ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن، كۇفر سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىمان ئېيتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: يەھۇدىيلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئاڭلىدۇق، ئاسىي بولدۇق، سەن ئاڭلىغىن، ئاڭلىتىلمىغايسەن، رائىنا» دەيدۇ26. ئۇلار بۇنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ۋە دىنغا تەنە قىلىپ دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار: «ئاڭلىدۇق، ئىتائەت قىلدۇق، ئاڭلىغىن، ئۇنزۇرنا» دېگەن بولسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ توغرا بولاتتى. لېكىن كۇفرىلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.
4 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ آمِنُوا بِمَا نَزَّلْنَا مُصَدِّقًا لِمَا مَعَكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَطْمِسَ وُجُوهًا فَنَرُدَّهَا عَلَىٰ أَدْبَارِهَا أَوْ نَلْعَنَهُمْ كَمَا لَعَنَّا أَصْحَابَ السَّبْتِ ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! (يەنى يەھۇدىيلار) بىز نۇرغۇن يۈزلەرنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن (يەنى يۈزدىكى بۇرۇن، كۆز، قاش قاتارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنى ئۆز جايلىرىدىن يوق قىلىۋېتىپ، ئۇلارنى ئارقا تەرەپكە پەيدا قىلىپ قويۇشىمىزدىن، سۈرەتلىرىنى مۇبەددەل قىلىشىمىزدىن) ئىلگىرى، ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تەستىق قىلىدىغان، بىز نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار (بولمىسا يۇقىرىقى ئىككى بالانىڭ بىرىگە ئۇچرايسىلەر)، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىجرا قىلىنىدۇ (يەنى ئاللاھ بىرەر ئىشقا ئەمر قىلسا، ئۇ ئىش چوقۇم بولماي قالمايدۇ)[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئارقىسىغا قىلىپ قويۇشىمىزدىن ئىلگىرى ياكى ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغاندەك لەنەت قىلىشىمىزدىن ئىلگىرى، ئۆزۈڭلاردىكى تەۋراتنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، بىز نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلدىن ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن
ئەنەس ئالىم: ئى كىتاب بېرىلگەنلەر! بىز سىلەردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان قىلىپ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرۈڭلار. بۇنى بىز بىر تۈركۈم يۈزلەرنى ئۆچۈرۈپ تۈپتۈز قىلىپ ئارقىلىرىغا قايتۇرۇۋېتىشتىن ياكى بىز ئۇلارغا شەنبە كۈنىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلارغا لەنەت قىلغىنىمىزدەك لەنەت قىلىشتىن ئىلگىرى قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشقۇچىدۇر.
4 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِنَ الْكِتَابِ يُؤْمِنُونَ بِالْجِبْتِ وَالطَّاغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا هَٰؤُلَاءِ أَهْدَىٰ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: تەۋراتتىن ئىلىم بېرىلگەنلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇلارنىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار جىبتكە ۋە تاغۇتقا ئىشىنىدۇ28، كافىرلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇلار مۇئمىنلاردىن بەكرەك توغرا يولدىدۇر» دەيدۇ.
4 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِنْ شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ ۚ مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا
مۇھەممەد سالىھ: يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋەلېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (يەنى ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرمىدى[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇلار) يەنە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن (ئۇلارنى جازالىدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلار ئىيسانى ئۆلتۈرگەنمۇ ئەمەس، دارغا ئاسقانمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلارغا (باشقا بىرى ئىيساغا) ئوخشاش كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار ئىيسانى ئاستۇق دەپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى زادى ئۆلتۈرەلىگىنى يوق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «مەريەمنىڭ ئوغلى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا مەسىھنى چوقۇم بىز ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى، لېكىن ئۇلارغا شۇنداق كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ئەلۋەتتە شەك ئىچىدىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىلىمى يوق، لېكىن ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار ئۇنى قەتئىي ئۆلتۈرمىدى.
4 : 163 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَىٰ نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِنْ بَعْدِهِ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ ۚ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھىي قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھىي قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[163].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىيساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلەيمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق.
مائىد سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا نَقْضِهِمْ مِيثَاقَهُمْ لَعَنَّاهُمْ وَجَعَلْنَا قُلُوبَهُمْ قَاسِيَةً ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَنْ مَوَاضِعِهِ ۙ وَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ ۚ وَلَا تَزَالُ تَطَّلِعُ عَلَىٰ خَائِنَةٍ مِنْهُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاصْفَحْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھدىنى بۇزغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ئىماننى قوبۇل قىلىشقا يۇمشىمايدىغان دەرىجىدە) قاتتىق قىلدۇق، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، (ئەگەر تەۋبە قىلسا) ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، (ئەگەر ئىمان ئېيتسا) ئۇلارنى كەچۈرگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن يىراق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتا) ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى كەچۈرگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇستەھكەم ئەھدىسىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى قاتتىق قىلدۇق. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلاردىن خائىنلىق بايقاپ تۇرىسەن، ئۇلاردىن ئازغىنە كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا10. سەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن11. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
5 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ أَخَذْنَا مِيثَاقَهُمْ فَنَسُوا حَظًّا مِمَّا ذُكِّرُوا بِهِ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ اللَّهُ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ چىن ۋەدە ئالغان ئىدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز «شۈبھىسىزكى، بىز ناسارا» دېگەنلەردىنمۇ مۇستەھكەم ئەھدە ئالدۇق. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمدىن نېسىۋە ئېلىشنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان دۈشمەنلىكنى ۋە ئۆچمەنلىكنى سالدۇق. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
5 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَثِيرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ ۚ قَدْ جَاءَكُمْ مِنَ اللَّهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەرگە سىلەر كىتابتا (ئىنجىلدا ۋە تەۋراتتا) يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە (يوشۇرغان نەرسىلەردىن) نۇرغۇنىنى كەچۈرىدىغان (يەنى ئاشكارىلاپ سىلەرنى پاش قىلمايدىغان) رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! سىلەرگە كىتابىڭلاردىكى سىلەر يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ نۇرغۇنىنى ئاشكارا بايان قىلىپ بېرىدىغان ۋە نۇرغۇنىنى (ئاشكارىلىماي) كەچۈرۈۋېتىدىغان رەسۇلىمىز كەلدى، سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب قۇرئان كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ12. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھتىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى.
5 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئۆلىمالىرى توقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ. ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار ۋە يەھۇدىيلار ئىچىدىكى كۇفرغا ئىنتىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار (ئۆلىمالىرى ئوقۇغان) يالغانغا بەك قۇلاق سالىدۇ، سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان باشقا بىر قەۋمنىڭ سۆزىگىمۇ بەك قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتتىكى) سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. دىللىرىنى (كۇفردىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
5 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِنْدَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد!) قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن (يەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن) سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمىگۈچىلەردۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا، ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىنمۇ سېنىڭ ھۆكمۈڭدىن يۈز ئۆرۈيدىغان تۇرسا، يەنە قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمەيدىغانلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا قانداقمۇ تەكلىپ قىلسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار! ئاندىن ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەنە شۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس.
5 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَا التَّوْرَاةَ فِيهَا هُدًى وَنُورٌ ۚ يَحْكُمُ بِهَا النَّبِيُّونَ الَّذِينَ أَسْلَمُوا لِلَّذِينَ هَادُوا وَالرَّبَّانِيُّونَ وَالْأَحْبَارُ بِمَا اسْتُحْفِظُوا مِنْ كِتَابِ اللَّهِ وَكَانُوا عَلَيْهِ شُهَدَاءَ ۚ فَلَا تَخْشَوُا النَّاسَ وَاخْشَوْنِ وَلَا تَشْتَرُوا بِآيَاتِي ثَمَنًا قَلِيلًا ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تېگىشمەڭلار (يەنى پۇل ـ مال، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار). كىملەركى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا ھىدايەت ۋە نۇر بار، ئىتائەتمەن پەيغەمبەرلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدا تەۋرات بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، يەھۇدىيلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇلغان ئاللاھنىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىۋېتىشتىن) ساقلاشقا نازارەتچى ئىدى. (ئى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى!) كىشىلەردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (ئۆزگەرتىپ) ئازغىنە مەنپەئەتكە سېتىۋەتمەڭلار، كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇ كافىردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ساقلاشقا بۇيرۇلغان ۋە ئۇنىڭغا نازارەتچى بولغان. ئۇ ھالدا ئىنسانلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار ۋە ئايەتلىرىمنى ئازغىنە پۇلغا ساتماڭلار. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار كافىرلاردۇر.
5 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَتَبْنَا عَلَيْهِمْ فِيهَا أَنَّ النَّفْسَ بِالنَّفْسِ وَالْعَيْنَ بِالْعَيْنِ وَالْأَنْفَ بِالْأَنْفِ وَالْأُذُنَ بِالْأُذُنِ وَالسِّنَّ بِالسِّنِّ وَالْجُرُوحَ قِصَاصٌ ۚ فَمَنْ تَصَدَّقَ بِهِ فَهُوَ كَفَّارَةٌ لَهُ ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) غا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان (يەنى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلتۈرۈلىدۇ)، كۆزگە كۆز (يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ)، بۇرۇنغا بۇرۇن (يەنى كىشىنىڭ بۇرنىنى ناھەق كەسكەننىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ)، قۇلاققا قۇلاق (يەنى كىشىنىڭ قۇلىقىنى ناھەق كەسكەننىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ)، چىشقا چىش (يەنى كىشىنىڭ چىشىنى ناھەق تۆككەننىڭ چىشى تۆكۈلىدۇ) ۋە (كىشىنى) قانداق يارىدار قىلغان بولسا شۇنداق يارىدار قىلىنىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ. كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا)، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى) غا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە كىشىنى قانداق يارىدار قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق يارىدار قىلىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ، كىمكى جىنايەتچىنى ئەپۇ قىلسا، بۇ ئۇنىڭ گۇناھىغا كەفارەت بولىدۇ، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا تەۋراتتا: «جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە يارىلاندۇرۇشلار ئۆز ئوخشىشى بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ» دەپ يازدۇق. كىم ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر.
5 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَفَّيْنَا عَلَىٰ آثَارِهِمْ بِعِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْإِنْجِيلَ فِيهِ هُدًى وَنُورٌ وَمُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ التَّوْرَاةِ وَهُدًى وَمَوْعِظَةً لِلْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) تەستىقلىغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ كەينىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچى ئىيسا ئىبن مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلىدىغان، تەقۋادارارغا ھىدايەت ۋە پەند-نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئىچىدە ھىدايەت ۋە نۇر بولغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەۋراتنى تەستىقلايدىغان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نەسىھەت بولغان ئىنجىلنى بەردۇق.
5 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَلْيَحْكُمْ أَهْلُ الْإِنْجِيلِ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فِيهِ ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى ئىنجىللار (يەنى ناسارالار) ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنجىل ئەھلى، ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن. كىم ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر.
5 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ أَنَّهُمْ أَقَامُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِمْ مِنْ رَبِّهِمْ لَأَكَلُوا مِنْ فَوْقِهِمْ وَمِنْ تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ ۚ مِنْهُمْ أُمَّةٌ مُقْتَصِدَةٌ ۖ وَكَثِيرٌ مِنْهُمْ سَاءَ مَا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرى ئاستىدىن يېيىشەر ئىدى (يەنى ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىندىن كەڭ رىزىق بېرىلەتتى)، ئۇلاردىن بىر جامائە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقانلار) توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى نېمىدېگەن يامان ئىش قىلغۇچىلار![66]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا نازىل قىلىنغان باشقا كىتابلارغا ئەمەل قىلسا ئىدى، ئۇلار چوقۇم ئۈستىدىن ۋە ئايىغى ئاستىدىن بېرىلگەن رىزىقنى يەيتتى، ئۇلاردىن بىر جامائە توغرا يولدىدۇر. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدىگەن يامان!
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇلار تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببى تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۈستىلىرىدىن ۋە ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن يېگەن بولاتتى21. ئۇلاردىن توغرا يولنى تۇتقان بىر ئۇممەت بار. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!
5 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَىٰ شَيْءٍ حَتَّىٰ تُقِيمُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنْجِيلَ وَمَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ ۗ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ مَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا ۖ فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۈنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر)[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر (ھەقىقىي دىندىن) ھېچ نەرسىنىڭ ئۈستىدە بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىقنى ۋە كۇفرنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، شۇڭا كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، ھېچ نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر». شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. ئۇ ھالدا سەن ئۇ كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن!
ئەنئام سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ إِذْ قَالُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ عَلَىٰ بَشَرٍ مِنْ شَيْءٍ ۗ قُلْ مَنْ أَنْزَلَ الْكِتَابَ الَّذِي جَاءَ بِهِ مُوسَىٰ نُورًا وَهُدًى لِلنَّاسِ ۖ تَجْعَلُونَهُ قَرَاطِيسَ تُبْدُونَهَا وَتُخْفُونَ كَثِيرًا ۖ وَعُلِّمْتُمْ مَا لَمْ تَعْلَمُوا أَنْتُمْ وَلَا آبَاؤُكُمْ ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ ثُمَّ ذَرْهُمْ فِي خَوْضِهِمْ يَلْعَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆز ۋاقتىدا: «ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى (يەنى ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟ ئۇ كىتابنى پارچە ـ پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىسىلەر. (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەرگە ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى». (ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاننى ۋە مۇسا ئېلىپ كەلگەن كىتابنى) «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن. ئاندىن، ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ يەھۇدىيلار ئاللاھنى ئۆز قەدرىگە لايىق تونۇمىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا: «ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېگەن ئىدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(ئى يەھۇدىيلار!) مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان، سىلەر پارچە-پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىدىغان، ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەرنىڭ سىلەرگە بىلدۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان كىتاب (تەۋرات) نى كىم نازىل قىلدى؟» (ئى مۇھەممەد!) «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن. ئاندىن ئۇلارنى گۇمراھلىققا پېتىپ ئوينىغان ھالىتىدە قويۇۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. چۈنكى ئۇلار: «ئاللاھ ھېچبىر كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مۇسا ئېلىپ كەلگەن، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇر ۋە ھىدايەت بولغان، سىلەر پارچە - پارچە قەغەزلەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلايدىغان ۋە بىر قىسمىنى يوشۇرىدىغان، سىلەر ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار بىلمىگەن نەرسىلەرنىڭ سىلەرگە ئۆگىتىلىشىگە ۋاسىتە بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟». ئى مۇھەممەد! «ئۇ كىتابنى ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن، ئاندىن ئۇلارنى تەرك ئەتكىن، ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئويناپ تۇرسۇن.
6 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
وَعَلَى الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا كُلَّ ذِي ظُفُرٍ ۖ وَمِنَ الْبَقَرِ وَالْغَنَمِ حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ شُحُومَهُمَا إِلَّا مَا حَمَلَتْ ظُهُورُهُمَا أَوِ الْحَوَايَا أَوْ مَا اخْتَلَطَ بِعَظْمٍ ۚ ذَٰلِكَ جَزَيْنَاهُمْ بِبَغْيِهِمْ ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق (يەنى تۆگە، تۆگىقۇشقا ئوخشاش ئاچا تۇياقلىق بولماي توم تۇياقلىق بولغان) ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق، بۇ ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش، جازانە قىلىش، كىشىلەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىق) زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر. بىز ئەلۋەتتە (بەرگەن خەۋەرلىرىمىزدە) راستچىلمىز[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلارغا تىرناقلىق جاندارلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز
ئەنەس ئالىم: بىز يەھۇدىيلارغا تىرناقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق. ئۇلارغا كالىنىڭ ۋە قوينىڭ ياغلىرىنىمۇ ھارام قىلدۇق. پەقەت بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ دۈمبىلىرىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ۋە ياكى سۆڭەك ئارىسىدىكى ياغلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز.
6 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ تَمَامًا عَلَى الَّذِي أَحْسَنَ وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان) ھەربىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئۇلارنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ياخشىلىق قىلغان كىشىگە نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە مەرھەمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى ئاتا قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ قىلدۇق.
ئەئراف سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 145 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن[145].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) سەن ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، پات ئارىدا سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن
ئەنەس ئالىم: بىز مۇسا ئۈچۈن تەۋراتنىڭ تاختىلىرىدا ھەر نەرسە توغرىسىدا نەسىھەت ۋە ھەر نەرسىنىڭ تەپسىلاتىنى يازدۇق. ئاندىن دېدۇقكى: «بۇلارنى چىڭ تۇتقىن ۋە قەۋمىڭنى بۇيرۇغىن، بۇلارنىڭ ئەڭ گۈزەلىنى تۇتسۇن. مەن يېقىندا سىلەرگە فاسىقلارنىڭ يۇرتىنى كۆرسىتىمەن.
7 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِنْ بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزەپلەنگەن ۋە ئېچىنغان ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «سىلەر مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىپسىلەر ـ ھە!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇرماي ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلاپ، قېرىندىشى (ھارۇن) نىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! بۇ قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كېلىپ: «مەندىن كېيىن، يوق چېغىمدا بەك يامان ئىش قىلىپسىلەر! رەببىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى، تاختىلارنى تاشلىدى ۋە قېرىندىشىنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. قېرىندىشى: «ئانامنىڭ ئوغلى! شۈبھىسىزكى، بۇ قەۋم مېنى بوزەك قىلدى ۋە مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ دۈشمەنلەرنى سۆيۈندۈرمىگىن، مېنى بۇ زالىم قەۋمنىڭ قاتارىدا قىلمىغىن!» دېدى.
7 : 154 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا سَكَتَ عَنْ مُوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ ۖ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى[154].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: مۇسا غەزىپى بېسىققاندا تاختىلارنى ئالدى. ئۇلارغا يېزىلغانلاردا رەببىدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت بار ئىدى.
7 : 157 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[157].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئەلچىگە ـ ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن (يەنى قىيىنچىلىقلاردىن) بوشىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».
7 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا الْكِتَابَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا الْأَدْنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِنْ يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِثْلُهُ يَأْخُذُوهُ ۚ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِمْ مِيثَاقُ الْكِتَابِ أَنْ لَا يَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ وَدَرَسُوا مَا فِيهِ ۗ وَالدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھقا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىن ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى، ھارامنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟[169]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن يامان ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال-ھارامنى دېمەي) ئېلىۋېرىدۇ، ۋە «بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتاب (تەۋرات) تا ئاللاھ ئۈستىدە پەقەت ھەقنىلا ئېيتىش توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنغان ئەمەسمىدى؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى ئالمايدىغان، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يامان نەسىل كەلدى. ئۇلار كىتابقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇلار شۇ قەدىرسىز دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى ئېلىپ: «كېلەچەكتە ئەپۇ قىلىنىمىز» دەيتتى. ئەگەر ئۇلار يەنە شۇنداق مەنپەئەت قوللىرىغا كەلسە ئۇنىمۇ ئالاتتى. ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ نامىدىن ھەقنىلا سۆزلەشلىرى توغرۇلۇق كىتابتا ئەھدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇ كىتابتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇپ ئۆگەنمىدىمۇ؟ ئاخىرەت يۇرتى تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ هَٰذَا الْقُرْآنُ أَنْ يُفْتَرَىٰ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِنْ تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ئەقىلغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ). قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ قۇرئاننى بىراۋنىڭ ئاللاھقا ئىپتىرا قىلىشى ئەقلىغە سىغمايدۇ، لېكىن قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى تەپسىيلى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنماي باشقىسى تەرىپىدىن ئويدۇرۇلۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر ۋە ئۇلاردا يېزىلغان ھەقىقەتلەرنى بايان قىلغۇچىدۇر. ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر. ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان.
ئىسرا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُوا مِنْ دُونِي وَكِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: مۇساغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، (ئۇلارغا) مەندىن غەيرىنى ھامىي (يەنى پەرۋەردىگار) قىلىۋالماڭلار!» (دېدۇق)[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق، كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق، ئۇلارغا مەندىن غەيرىنى ھامىي قىلىۋالماڭلار!» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇ كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى قىلدۇق. بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا مۇنداق دېدۇق: مەندىن باشقىنى ۋەكىل قىلىۋالماڭلار.
17 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَبُّكَ أَعْلَمُ بِمَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَلَقَدْ فَضَّلْنَا بَعْضَ النَّبِيِّينَ عَلَىٰ بَعْضٍ ۖ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭ ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز نەبىيلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بىز داۋۇتقا زەبۇر بەردۇق.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 133 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا لَوْلَا يَأْتِينَا بِآيَةٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ أَوَلَمْ تَأْتِهِمْ بَيِّنَةُ مَا فِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟[133].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «-مۇھەممەد- رەببى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇ نېمىشقا رەببىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمەيدۇ!» دېيىشتى. ئۇلارغا بۇرۇنقى سەھىپىلەردىكى نەرسىلەرنىڭ روشەن دەلىلى بولغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب-تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ مۇساغا كىتابنى بەردۇق.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ وَجَعَلْنَا مَعَهُ أَخَاهُ هَارُونَ وَزِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات-نى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق ۋە قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلىپ بەردۇق.
شۇئەرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 196 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنَّهُ لَفِي زُبُرِ الْأَوَّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرنىڭ) كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان[196].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، قۇرئان چوقۇم بۇرۇنقىلارنىڭ كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَلَا تَكُنْ فِي مِرْيَةٍ مِنْ لِقَائِهِ ۖ وَجَعَلْنَاهُ هُدًى لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) سەن مۇساغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب -تەۋرات- نى ئاتا قىلدۇق. -ئى مۇھەممەد!- سەن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلەنمىگىن، بىز تەۋراتنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەردۇق. ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشتىن شۈبھىلەنمىگىن، بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھىدايەت رەھبىرى قىلغان ئىدۇق.
ساففات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُمَا الْكِتَابَ الْمُسْتَبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى بەردۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ناھايىتى روشەن كىتابنى بەردۇق.
غافىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى مىراس قىلىپ بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا ھىدايەتنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى كىتابقا ۋارىس قىلدۇق.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَاخْتُلِفَ فِيهِ ۗ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ مُرِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈرۈش) ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب –يەنى تەۋرات- نى ئاتا قىلدۇق، لېكىن ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر رەببىڭنىڭ ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئان ھەققىدە شۈبھىدىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق، ئۇ كىتاب توغرىسىدىمۇ ئىختىلاپ قىلىندى. ئەگەر رەببىڭنىڭ بۇرۇن ئېيتقان سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇلار قۇرئان توغرىسىدا قاتتىق شۈبھىلەنمەكتىدۇر.
جاسىيە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ آتَيْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى)، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى (زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب - تەۋرات - نى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەردۇق، ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق،
45 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَآتَيْنَاهُمْ بَيِّنَاتٍ مِنَ الْأَمْرِ ۖ فَمَا اخْتَلَفُوا إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم (يەنى دىننىڭ راستلىقىغا قەتئى دەلىللەر) كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. سېنىڭ رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
ئەھقاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
46 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ وَهَٰذَا كِتَابٌ مُصَدِّقٌ لِسَانًا عَرَبِيًّا لِيُنْذِرَ الَّذِينَ ظَلَمُوا وَبُشْرَىٰ لِلْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى -تەۋرات- ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى بىر كىتابتۇر، تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇنى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى
ئەنەس ئالىم: قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى رەھبەر ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ قۇرئان ئۇنى تەستىقلىغۇچى ئەرەبچە كىتابتۇر، نازىل قىلىنىشى زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈندۇر.
46 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا قَوْمَنَا إِنَّا سَمِعْنَا كِتَابًا أُنْزِلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَىٰ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ يَهْدِي إِلَى الْحَقِّ وَإِلَىٰ طَرِيقٍ مُسْتَقِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق»[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ھەقىقەتكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتابنى تىڭشىدۇق»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىمىز! بىز مۇسادىن كېيىن نازىل قىلىنغان، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان، ھەقكە ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان بىر كىتابنى ئاڭلىدۇق.
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟[36]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى بولمىسا ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكىلەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىن خەۋەردار قىلىنمىدىمۇ؟