ئىمان سىناقلىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
بىر كىشىنىڭ ئېتىقادىغا قارىتىلغان سىناقلار — زىيانكەشلىك، ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش، دىنىي قىيىنچىلىقلار.
ئېنگلىزچىسى: Trials of Faith
13 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 سىناقلار /
- 📄 ئىمان سىناقلىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مال-مۈلكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھتىن قورقساڭلار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
ئەنئام سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لِيَقُولُوا أَهَٰؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ بَيْنِنَا ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر ـ بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، كاتتا كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى (بەزىسىنى كۆزگە ئىلماي): «ئارىمىزدىن ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن كىشىلەر مۇشۇلار ئىكەن-دە!» دەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئارىمىزدىن ئاللاھ ياخشىلىق قىلغانلار مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلمەمدۇ؟
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا فِتْنَةً لَا تُصِيبَنَّ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْكُمْ خَاصَّةً ۖ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى يامان ئىش قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداق فىتنىدىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ زىيىنى ئاراڭلاردىكى زالىملارغىلا يەتمەيدۇ4. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.
كەھف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ إِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ يَرْجُمُوكُمْ أَوْ يُعِيدُوكُمْ فِي مِلَّتِهِمْ وَلَنْ تُفْلِحُوا إِذًا أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەھەردىكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋالسا يا چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا قايتۇرىدۇ. بۇ تەقدىردە ھەرگىزمۇ مۇرادىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر».
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن؟ ئەگەر سەن -مۇنداق قىلىشتىن- يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋاز كەچمىسەڭ، بىلىپ قويغىنكى، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. يوقال، سېنى ئۇزۇنغىچە كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېدى.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ ۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِي جُذُوعِ النَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَا أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت بەرمەستىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلار! دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن چوڭۇڭلاردۇر! مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس قىلىپ كەستۈرىمەن ۋە سىلەرنى خورما دەرەخلىرىگە ئاستۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ۋە ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر».
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا حَرِّقُوهُ وَانْصُرُوا آلِهَتَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار» دېيىشتى.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ ابْتُلِيَ الْمُؤْمِنُونَ وَزُلْزِلُوا زِلْزَالًا شَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردە مۆمىنلەر سىنالغان ۋە (بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى يەر سىلكىگەندەك) قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردە مۇئمىنلار سىنالغان ۋە قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ يەردە مۇئمىنلار سىنالغان ئىدى ۋە قاتتىق چۆچۈتۈلگەن ئىدى.
بۇرۇج سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قُتِلَ أَصْحَابُ الْأُخْدُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4
تەرجىمە ھەيئىتى: ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئورەكنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت قىلىندى،
85 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
النَّارِ ذَاتِ الْوَقُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تۇتۇشتۇرغانلارغا
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئورەكتە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت بار ئىدى.
85 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ھالدا
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ،
85 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِالْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارغا سالغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرەتتى.
85 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى قىيناپ، ئاندىن تەۋبە قىلمىغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار، ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى ئازاب بار.