سىناقلار
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
سىناقلار ۋە ئىلاھىي ھېكمەت: سىناق تۈرلىرى
ئېنگلىزچىسى: Types of Trials
57 ئايەت
24 سۈرە
4 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ ۗ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە پۇل-ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدۇرمىز، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ ۋە بىرئاز ئاچلىق بىلەن، مال، جان ۋە مەھسۇلاتلىرىڭلاردىن كېمەيتىش بىلەن سىنايمىز. سەن سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن.
2 : 214 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُمْ مَثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِنْ قَبْلِكُمْ ۖ مَسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟» دېگەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر[214].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەرمۇ ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە پاراكەندىچىلىككە سېلىنغان ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دېيىشكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر جەننەتكە كىرىمىز دەپ ئويلىدىڭلارمۇ؟ سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرنىڭ ئوخشىشى تېخى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلمىدىغۇ! ئۇلار چىدىغۇسىز بېسىم ۋە قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولغان ئىدىكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلار: «ئاللاھنىڭ نۇسرىتى قاچان كېلىدۇ؟» دەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ناھايىتى يېقىندۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 141 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِيُمَحِّصَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَمْحَقَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر[141].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرنى پاكلىشى ۋە كافىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ يەنە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى پاكلاپ، كافىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر.
3 : 146 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَأَيِّنْ مِنْ نَبِيٍّ قَاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا لِمَا أَصَابَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا وَمَا اسْتَكَانُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ[146].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن تەقۋادار ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەر ئالدىدا روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى. ئاللاھ چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: نۇرغۇن نەبىيلەر بار ئىدى. ئۆزىنى رەببىگە ئاتىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشقان ئىدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبىدىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى ۋە بويۇن ئەگمىدى. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
3 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمَّا أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُمْ مِثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە يەتكەن تالاپەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن تالاپەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ تالاپەت قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلاردىن بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمى كەلسە، «بۇ قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ ئۆزۈڭلاردىن كەلدى». ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
3 : 172 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِلَّهِ وَالرَّسُولِ مِنْ بَعْدِ مَا أَصَابَهُمُ الْقَرْحُ ۚ لِلَّذِينَ أَحْسَنُوا مِنْهُمْ وَاتَّقَوْا أَجْرٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇھۇد غازىتىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار، ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) دىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ[172].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) يارىلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان مۆمىنلەر ئىچىدىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە تەقۋادار بولغانلار چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئىچىدىن مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ مۇكاپات بار.
3 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
لَتُبْلَوُنَّ فِي أَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ وَلَتَسْمَعُنَّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكُمْ وَمِنَ الَّذِينَ أَشْرَكُوا أَذًى كَثِيرًا ۚ وَإِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ماللىرىڭلاردا (سەدىقىغە بۇيرۇلۇش ۋە ئاپەت يېتىشى بىلەن) ۋە جانلىرىڭلاردا (قەتل قىلىنىش، ئەسىر ئېلىنىش، كېسەل بولۇش بىلەن) چوقۇم سىنىلىسىلەر. سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن ۋە مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر (يۇقىرىقى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە) سەۋر قىلساڭلار (سۆزۈڭلار ۋە ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھتىن) قورقساڭلار، ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەتەن ئىرادە بىلەن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مال-مۈلكۈڭلار ۋە جانلىرىڭلار ئۈستىدە چوقۇم سىنىلىسىلەر، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن، مۇشرىكلاردىن چوقۇم نۇرغۇن يامان سۆز ئاڭلايسىلەر، ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، ئاللاھتىن قورقساڭلار، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر مال ۋە جانلىرىڭلاردا ئەلۋەتتە سىناققا دۇچ كېلىسىلەر، كىتاب بېرىلگەنلەردىن ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەردىن كۆپ ھاقارەت ئاڭلايسىلەر. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، بۇ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
ئەنئام سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
6 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُمْ بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق (ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاندىن بىز ئۇ ئۈممەتلەرنى ئاللاھقا يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاندىن بىز ئۇلارنى يېلىنىپ -يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا -مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.
6 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّىٰ إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً فَإِذَا هُمْ مُبْلِسُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەرگە خۇشال بولۇپ تۇرغاندا ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز ئۇلارغا ھەر نەرسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشال بولۇپ ئەركىلىگىلى تۇرغاندا ئۇلارنى تۇيۇقسىز جازالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى.
6 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لِيَقُولُوا أَهَٰؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ بَيْنِنَا ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر ـ بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، كاتتا كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى (بەزىسىنى كۆزگە ئىلماي): «ئارىمىزدىن ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن كىشىلەر مۇشۇلار ئىكەن-دە!» دەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئارىمىزدىن ئاللاھ ياخشىلىق قىلغانلار مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلمەمدۇ؟
6 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَىٰ أَنْ يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِنْ فَوْقِكُمْ أَوْ مِنْ تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًا وَيُذِيقَ بَعْضَكُمْ بَأْسَ بَعْضٍ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەرگە بۆلۈپ توقۇنۇشتۇرۇپ، بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». سەن بىزنىڭ ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئاياغلىرىڭلارنىڭ ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى ھەر خىل پىرقىلەرگە بۆلۈپ، بەزىڭلارغا بەزىڭلارنىڭ كۈچىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». قارىغىنا، ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟
6 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنْسِ وَالْجِنِّ يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُورًا ۚ وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە مۇشۇنداق دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىنى گوللاپ شەپە بېرىشىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇنداق قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئويدۇرما سۆزلىرىگە قويۇپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭدەك، بىز ھەر نەبىيگە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن بىر - بىرلىرىگە شېرىن سۆزلەرنى پىسىلدايدۇ. ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
ئەئراف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قايسىلا شەھەرگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق، ئۇلارنىڭ (گەدەنگەشلىك قىلماسلىقى) ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يالۋۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قانداقلا يۇرتقا نەبىي ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ ئەھلىنى يېلىنىپ - يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق.
7 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوْا وَقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ ـ زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن بۇ كۈلپەتنى نېمەتكە ئالماشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپىيىپ، باياشاتلىققا ئېرىشتى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغىمۇ ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى» دېدى (يەنى ئىمان ئېيتمىدى). ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاندىن بىز يامانلىقنىڭ ئورنىغا ياخشىلىقنى ئالماشتۇردۇق، تاكى ئۇلار كۆپەيدى ۋە: «ئاتا -بوۋىلىرىمىزمۇ قاتتىقچىلىقتا ۋە كەڭرىچىلىكتە ياشىغان ئىكەن» دېدى. ئاندىن بىز ئۇلارنى تۇيماي قالغان چېغىدا ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق.
7 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أُوذِينَا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَأْتِيَنَا وَمِنْ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىپ، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بولسا: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ بىزگە ئەزىيەت قىلىندى» دېدى. مۇسا: «رەببىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىشى ۋە سىلەرنى بۇ يەردە ئورۇنباسار قىلىشى، ئاندىن سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى.
7 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز فىرئەۋن خانىدانىنى ئويلانسۇن دەپ ئۇلارنى يىللارچە قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك بىلەن جازالىدۇق.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَاتَّقُوا فِتْنَةً لَا تُصِيبَنَّ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْكُمْ خَاصَّةً ۖ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى يامان ئىش قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداق فىتنىدىن ساقلىنىڭلاركى، ئۇنىڭ زىيىنى ئاراڭلاردىكى زالىملارغىلا يەتمەيدۇ4. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَذَقْنَا النَّاسَ رَحْمَةً مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُمْ إِذَا لَهُمْ مَكْرٌ فِي آيَاتِنَا ۚ قُلِ اللَّهُ أَسْرَعُ مَكْرًا ۚ إِنَّ رُسُلَنَا يَكْتُبُونَ مَا تَمْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە (يەنى ئىنكار قىلىشقا) ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە مىكىر ئىشلىتىشكە ئالدىرايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان مىكرى ئۈچۈن ئەڭ تېز جازالايدۇ». شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز مىكرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئىنسانلارغا، باشلىرىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن بىرەر رەھمەت تېتىتساق، ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە دەرھال ھىيلە - مىكىر قىلىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ھىيلە - مىكىرگە بەك تېز جازا بەرگۈچىدۇر». ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ أُولَاهُمَا بَعَثْنَا عَلَيْكُمْ عِبَادًا لَنَا أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ فَجَاسُوا خِلَالَ الدِّيَارِ ۚ وَكَانَ وَعْدًا مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ (جازاسى) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، (سىلەرنى جازالاش ئۈچۈن) سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، (ئۇلار سىلەرنى ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىش ئۈچۈن) ئۆيلەرنى ئاختۇردى. (سىلەرگە دۈشمەننى مۇسەللەت قىلىش) چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ جازاسى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت كەلگەندە، سىلەرگە كۈچلۈك بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئۆيلەرنى ئاختۇردى. ئەنە شۇ چوقۇم ئىشقا ئاشىدىغان ۋەدە ئىدى
ئەنەس ئالىم: بىرىنچى قېتىملىق بۇزغۇنچىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالاشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، ناھايىتى جەسۇر بەندىلىرىمىزنى ئۈستۈڭلارغا ئەۋەتتۇق. بۇلار قورۇ - جايلىرىڭلارنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ئاختۇرۇپ سىلەرنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشتى. بۇ ئىجرا قىلىنىشقا تېگىشلىك ۋەدە ئىدى.
كەھف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّهُمْ إِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ يَرْجُمُوكُمْ أَوْ يُعِيدُوكُمْ فِي مِلَّتِهِمْ وَلَنْ تُفْلِحُوا إِذًا أَبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شەھەردىكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: چۈنكى ئۇلار سىلەرنى تۇتۇۋالسا يا چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا قايتۇرىدۇ. بۇ تەقدىردە ھەرگىزمۇ مۇرادىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر».
18 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَاهُ آتِنَا غَدَاءَنَا لَقَدْ لَقِينَا مِنْ سَفَرِنَا هَٰذَا نَصَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن) ئۆتكەندە، مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن- ئۆتكەندە مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەندىن كېيىن مۇسا ياش خادىمىغا: «چۈشلۈك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە بەك چارچاپ كەتتۇق» دېدى.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنْتُ نَسْيًا مَنْسِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»
ئەنەس ئالىم: ئاندىن تولغاق تۇتۇپ بىر خورما دەرىخىنىڭ ئاستىغا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى، «كاشكى بۇ ئىش بېشىمغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دېدى.
19 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن؟ ئەگەر سەن -مۇنداق قىلىشتىن- يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»
ئەنەس ئالىم: ئاتىسى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇ؟ ئەگەر ئۇلارغا تىل ئۇزارتىشتىن ۋاز كەچمىسەڭ، بىلىپ قويغىنكى، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. يوقال، سېنى ئۇزۇنغىچە كۆزۈم كۆرمىسۇن!» دېدى.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ ۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِي جُذُوعِ النَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَا أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»[71].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»
ئەنەس ئالىم: فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت بەرمەستىن ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلار! دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەن چوڭۇڭلاردۇر! مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چاپراس قىلىپ كەستۈرىمەن ۋە سىلەرنى خورما دەرەخلىرىگە ئاستۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ قاتتىق ۋە ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر».
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 68 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا حَرِّقُوهُ وَانْصُرُوا آلِهَتَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»[68].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «ئۇنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار» دېيىشتى.
21 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ ۋە ئۇلار ئۇ يەردە ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە توختىماي پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئاڭلىمايدۇ.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انْقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
مۇھەممەد سالىھ: بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىلەر ئاللاھقا شەك ـ شۈبھە بىلەن-تۇراقسىز ھالدا- ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، ئاللاھقا تۇراقسىز ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا خۇشال بولىدۇ، ئەگەر بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا يېنىۋالىدۇ. ئۇنداق بىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق - ئاشكارا زىياندۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ[55
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئويلامدۇكى، بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىز
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئويلامدۇكى، بىزنىڭ ئۇلارغا مال ۋە ئوغۇللار بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىمىز،
23 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ فَمَا اسْتَكَانُوا لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى ئازاب بىلەن جازالىدۇق، يەنىلا ئۇلار رەببىغا بويسۇنمىدى ۋە ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارنى ھەر خىل ئازابلارغا دۇچار قىلدۇق، لېكىن ئۇلار يەنىلا رەببىگە بويۇن ئەگمىدى. ئۇلار ئاللاھقا يېلىنمايدۇ.
شۇئەرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 205 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتَ إِنْ مَتَّعْنَاهُمْ سِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ[205ـ207].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى نۇرغۇن يىللار نېمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق
ئەنەس ئالىم: ئېيتىپ باققىنا! بىز ئۇلارنى ئۇزۇن يىل نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ياشاتساق،
26 : 206 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ جَاءَهُمْ مَا كَانُوا يُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ[205ـ207].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە،
26 : 207 - ئايەت
كۆرۈش
مَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يُمَتَّعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ[205ـ207].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۇ نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىر نەرسىگە ئەسقاتامدۇ؟
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنَ الْعَذَابِ الْأَدْنَىٰ دُونَ الْعَذَابِ الْأَكْبَرِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازاب (يەنى دۇنيا ئازابى) نى تېتىتىمىز[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازاب -ئاخىرەت ئازاب-ىدىن ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ئازابتىن بۇرۇن ئەڭ يېقىن ئازابنى تېتىتىمىز، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ شۇنداق قىلىمىز.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ ابْتُلِيَ الْمُؤْمِنُونَ وَزُلْزِلُوا زِلْزَالًا شَدِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ يەردە مۆمىنلەر سىنالغان ۋە (بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ قاتتىقلىقىدىن گويا ئۇلارنى يەر سىلكىگەندەك) قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ يەردە مۇئمىنلار سىنالغان ۋە قاتتىق تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ يەردە مۇئمىنلار سىنالغان ئىدى ۋە قاتتىق چۆچۈتۈلگەن ئىدى.
ساففات سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنى ۋە ئەھلىنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق.
37 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا ابْنُوا لَهُ بُنْيَانًا فَأَلْقُوهُ فِي الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار ۋە ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئېتىڭلار».
37 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَسْفَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ تۆۋەن بولغۇچىلار قىلدۇق.
37 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ غەمدىن خالاس تاپقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
37 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ لىقمۇ-لىق توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا توشقۇزۇلغان كېمىگە قاچقان ئىدى،
37 : 142 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى[142].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى بېلىق يۇتتى. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلىۋاتاتتى.
ساد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىمىز ئەييۇبنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىغا -ئىلتىجا قىلىپ-: «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىلغىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.
38 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
ارْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَٰذَا مُغْتَسَلٌ بَارِدٌ وَشَرَابٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق)[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئۇنىڭغا-: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن، مانا بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» دېدۇق
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا «پۇتۇڭنى يەرگە ئۇرغىن، ئەنە سوغۇق سۇ! يۇيۇنىسەن ۋە ئىچىسەن» دېدۇق.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا خَوَّلَهُ نِعْمَةً مِنْهُ نَسِيَ مَا كَانَ يَدْعُو إِلَيْهِ مِنْ قَبْلُ وَجَعَلَ لِلَّهِ أَنْدَادًا لِيُضِلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ قُلْ تَمَتَّعْ بِكُفْرِكَ قَلِيلًا ۖ إِنَّكَ مِنْ أَصْحَابِ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان (ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن) چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، (باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىكلەرنى كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى، «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، (بۇ پانىي دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، رەببىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نېمەت ئاتا قىلغان چاغدا، ئاللاھقا زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق ئىلگىرى قىلغان دۇئاسىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، ئېيتقىنكى: «سەن كۇفرىڭ بىلەن تۇرۇپ، بۇ پانىي دۇنيادىن ئازغىنا بەھرىمەن بولغىن، سەن چوقۇم دوزىخىلاردىندۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە رەببىگە يۆنەلگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن رەببى ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىدىن نېمەت ئاتا قىلسا، ئىلگىرى ئۇنىڭغا دۇئا قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ. ئېيتقىنكى: «كۇفرىلىقىڭ بىلەن ئازغىنە ۋاقىت بەھرىمەن بولۇپ تۇرغىن، شۈبھىسىزكى، سەن دوزاخ ئەھلىدىنسەن».
39 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَاهُ نِعْمَةً مِنَّا قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ ۚ بَلْ هِيَ فِتْنَةٌ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن كەلدى» دەيدۇ. ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر سىناقتۇر لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا بىرەر زىيان يەتسە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇنىڭغا ئۆز تەرىپىمىزدىن نېمەت ئاتا قىلساق «مەن بۇنىڭغا ئۆز بىلىمىم بىلەن ئېرىشتىم» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىناقتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ رَحْمَةً مِنَّا مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّي إِنَّ لِي عِنْدَهُ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِمَا عَمِلُوا وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ سەئيى - ئىجتىھاتىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا قىيامەت بولۇپ مەن رەببىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. لېكىن ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنىڭغا، بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ: «مەن بۇنى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن قولغا كەلتۈردۈم. مەن قىيامەتنى قايىم بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن. ناۋادا قىيامەت قايىم بولۇپ مەن رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلغان تەقدىردە، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىمەن» دەيدۇ. بىز كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا دەھشەتلىك ئازابتىن تېتىتىمىز.
41 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنْسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ فَذُو دُعَاءٍ عَرِيضٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىر نېمەت ئاتا قىلساق رەببىغا شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا ئىنئام قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە بىزدىن يىراقلىشىدۇ. بېشىغا يامانلىق كەلسە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا لَمُغْرَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)[66ـ67].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتتۇق»
ئەنەس ئالىم: «بىز زىيان تارتىپ كەتتۇق،
56 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)[66ـ67].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەلكى «بىز مەھرۇم قالدۇق» دەيتتىڭلار
ئەنەس ئالىم: بەلكى تامامەن مەھرۇم قىلىندۇق» دەيتتىڭلار.
تالاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ ۖ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنْفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ ۚ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا ۚ سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: باي ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن. ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: رىزقى كەڭ كىشى، كەڭ رىزقىغا قارىتا نەپىقە بەرسۇن، رىزقى تار قىلىنغان كىشى، ئۆزىگە ئاللاھ بەرگەن نەرسىگە قارىتا نەپىقە بەرسۇن. ئاللاھ ھېچكىمنى ئۆزى ئۇنىڭغا بەرگىنىدىن باشقىسىغا تەكلىپ قىلمايدۇ. ئاللاھ تەسلىكتىن كېيىن ئاسانلىق بېرىدۇ.
بۇرۇج سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
85 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قُتِلَ أَصْحَابُ الْأُخْدُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئورەكلەرنىڭ ئىگىللىرىگە لەنەت بولسۇن.4
تەرجىمە ھەيئىتى: ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن
ئەنەس ئالىم: ئورەكنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت قىلىندى،
85 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
النَّارِ ذَاتِ الْوَقُودِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتنى تۇتۇشتۇرغانلارغا
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئورەكتە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت بار ئىدى.
85 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ھالدا
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ،
85 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِالْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى[6ـ7]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلارغا سالغان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆرەتتى.
85 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىنە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى قىيناپ، ئاندىن تەۋبە قىلمىغانلارغا جەھەننەم ئازابى بار، ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى ئازاب بار.
ئىنشىراھ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
94 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
ئەنەس ئالىم: دېمەككى، ھەر مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە بىر ئاسانلىق بار.
94 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇ مۈشكۈللۈك بىلەن بىللە يەنە بىر ئاسانلىق بار.