ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى — خاتالىققا، ئۇنتۇپ قېلىشقا ۋە ئالدىراشقا مايىللىقى بايان قىلىنغان ئايەتلەر.
ئەرەبچىىسى: الضعف البشري
ئېنگلىزچىسى: Human Weakness
52 ئايەت
34 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىنسان تەبىئىتى /
- 📄 ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 286 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ ۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِ ۖ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۚ أَنْتَ مَوْلَانَا فَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ[286].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېچكىمگە قۇربى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر. ئۇلار يەنە: «ئى رەببىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتالاشقان بولساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. ئى رەببىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر مەجبۇرىيەت يۈكلىمىگىن. ئى رەببىمىز! قۇربىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە يۈكلىمىگىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. ھەركىم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، قىلغان يامانلىقىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ. ئۇ ئەلچى ۋە ئۇ مۇئمىنلار مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! ئەگەر ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق بىزنى جازالىمىغىن. رەببىمىز! بىزگە بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن. رەببىمىز! بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى توشۇتقۇزمىغىن. بىزنى ئەپۇ قىلغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن81. سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن».
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُخَفِّفَ عَنْكُمْ ۚ وَخُلِقَ الْإِنْسَانُ ضَعِيفًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىنى تىزگىنلەشتىن) ئاجىز يارىتىلدى[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى خالايدۇ. (چۈنكى) ئىنسان ئاجىز يارىتىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يىنىكلىتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى.
يۇنۇس سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنْبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَنْ لَمْ يَدْعُنَا إِلَىٰ ضُرٍّ مَسَّهُ ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتقان، ئولتۇرغان ۋە تۇرغان ھالەتتە بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا زىيان يەتسە، ياتقان ياكى ئولتۇرغان ۋە ياكى ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن زىيىنىنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇ خۇددى قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ بىزگە ھېچ دۇئا قىلمىغاندەك ئىش قىلىدۇ. بۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى كىشىلەرگە ئۆز قىلمشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
10 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا أَنْجَاهُمْ إِذَا هُمْ يَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۗ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا بَغْيُكُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ ۖ مَتَاعَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُكُمْ فَنُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى (ئۇ بالادىن) قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، (سىلەر) بۇ دۇنيا (نىڭ ئۆتكۈنچى نېمەتلىرى) دىن بەھرىمەن بولىسىلەر (بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ)، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن، ئۇلار يەر يۈزىدە يولسىزلىق بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! بۇزۇقچىلىقىڭلارنىڭ گۇناھى ئۆزۈڭلارغا بولىدۇ، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ باقاسى يوق شەھۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، بۇنىڭ ھەسرىتى ئاخىرەتكە قالىدۇ، ئاندىن سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى خەۋەر قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قويسا، ئۇلار دەرھال زېمىندا ناھەقچىلىك بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئى ئىنسانلار! قىلغان بۇزغۇنچىلىقىڭلارنىڭ زىيىنى ئۆزۈڭلارغىلا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق قىسقا مۇددەتلىك ھاياتنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرىسىلەر. ئاخىرىدا قايتىپ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىسىلەر. ئاندىن بىز سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمىز.
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَئِنْ أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً ثُمَّ نَزَعْنَاهَا مِنْهُ إِنَّهُ لَيَئُوسٌ كَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر بىز ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق (يەنى نېمىتىمىزنى بەرسەك)، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ، كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بىز بىرەر ئىنسانغا رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئاندىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ ۋە كۇفرانى نېمەت قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئىنسانغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىرەر رەھمەت تېتىتىپ، ئاندىن ئۇ رەھمەتنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالساق، ئۇ چوقۇم ئۈمىدسىز ۋە تۇزكور بولۇپ كېتىدۇ.
يۈسۈف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أُبَرِّئُ نَفْسِي ۚ إِنَّ النَّفْسَ لَأَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ إِلَّا مَا رَحِمَ رَبِّي ۚ إِنَّ رَبِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: «مەن ئۆزەمنى ئاقلىمايمەن، نەپسى دېگەن نەرسە ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، پەرۋەردىگارىم رەھمەت قىلىپ (ساقلىغان) ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: «مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن: نەپىس ھەقىقەتەن يامان ئىشلارغا كۆپ بۇيرۇيدۇ، رەببىم رەھمەت قىلىپ - ساقلىغان- ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا. مېنىڭ رەببىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر؛ ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: مەن ئۆز نەپسىمنى ئاقلىمايمەن. چۈنكى نەپسلەر يامانلىققا بۇيرۇپ تۇرغۇچىدۇر. رەببىم رەھىم قىلغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
ئىسرا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَدْعُ الْإِنْسَانُ بِالشَّرِّ دُعَاءَهُ بِالْخَيْرِ ۖ وَكَانَ الْإِنْسَانُ عَجُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان -ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا- خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك، بەتدۇئامۇ قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ياخشىلىقنى تىلىگەندەك يامانلىقنىمۇ تىلەيدۇ. ئىنسان بەك ئالدىراڭغۇدۇر.
17 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّكَ لَنْ تَخْرِقَ الْأَرْضَ وَلَنْ تَبْلُغَ الْجِبَالَ طُولًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، چۈنكى ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن
ئەنەس ئالىم: زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن. چۈنكى پۇتۇڭ زېمىننى تېشىۋېتەلمەيدۇ، بېشىڭ تاغلار بىلەن تەڭ بولالمايدۇ.
17 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الرُّوحِ ۖ قُلِ الرُّوحُ مِنْ أَمْرِ رَبِّي وَمَا أُوتِيتُمْ مِنَ الْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ئېتقىنكى: ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ؛ سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن››
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن روھ توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «روھ رەببىمنىڭ ئەمرىدىندۇر. سىلەرگە بۇ ھەقتە بەك ئاز ئىلىم بېرىلگەن».
17 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ لَوْ أَنْتُمْ تَمْلِكُونَ خَزَائِنَ رَحْمَةِ رَبِّي إِذًا لَأَمْسَكْتُمْ خَشْيَةَ الْإِنْفَاقِ ۚ وَكَانَ الْإِنْسَانُ قَتُورًا
مۇھەممەد سالىھ: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، چىقىمدىن (يەنى تۈگەپ كېتىشىدىن) قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئەگەر رەببىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، تۈگەپ كېتىشىدىن قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر رەببىڭلارنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا ئىدى، ئۇ خەزىنىلەرنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن قورقۇپ ھېچكىمگە ھېچ نەرسە بەرمىگەن بولاتتىڭلار. ئىنسان ناھايىتى بېخىلدۇر».
كەھف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَقُولَنَّ لِشَيْءٍ إِنِّي فَاعِلٌ ذَٰلِكَ غَدًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي[23]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي
ئەنەس ئالىم: ھېچبىر نەرسە ئۈچۈن: «مەن ئەتە چوقۇم ئۇنى قىلىمەن» دېمىگىن.
18 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمَّا بَلَغَا مَجْمَعَ بَيْنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَاتَّخَذَ سَبِيلَهُ فِي الْبَحْرِ سَرَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتتى[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى مېڭىپ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسى بىرلەشكەن جايغا يېتىپ بارغاندا بېلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى. بېلىق بولسا دېڭىزغا چۈشۈپ، ماڭغان يولىنى تۆشۈك ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
18 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ أَرَأَيْتَ إِذْ أَوَيْنَا إِلَى الصَّخْرَةِ فَإِنِّي نَسِيتُ الْحُوتَ وَمَا أَنْسَانِيهُ إِلَّا الشَّيْطَانُ أَنْ أَذْكُرَهُ ۚ وَاتَّخَذَ سَبِيلَهُ فِي الْبَحْرِ عَجَبًا
مۇھەممەد سالىھ: ياش خادىم: «بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا (يۈز بەرگەن ئىشتىن يەنى پىشۇرۇلغان بېلىقنىڭ تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دەرياغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىزىق ئىشتىن) خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن راستتىنلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. بېلىقنىڭ (ئاجايىپ ۋەقەسى) نى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى» دېدى[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: ياش خادىم: « خەۋىرىڭ بارمۇ؟ بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا مەن راستتىنلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇنى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى» دېدى
ئەنەس ئالىم: ياش خادىم: «ئاپلا، بىز ئۇ قۇرام تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئالغان چېغىمىزدا بېلىقنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن - دە. ئۇنىڭ ۋەقەسىنى دېيىشنى ماڭا چوقۇم شەيتان ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ. ئۇ، دېڭىزدىكى يولىنى ئەجەبلىنەرلىك شەكىلدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى» دېدى.
تاھا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
فَأَوْجَسَ فِي نَفْسِهِ خِيفَةً مُوسَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: بۇ سەۋەبتىن ئۇ، ئىچىدە قورقۇش ھېس قىلدى.
20 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا مَا أَخْلَفْنَا مَوْعِدَكَ بِمَلْكِنَا وَلَٰكِنَّا حُمِّلْنَا أَوْزَارًا مِنْ زِينَةِ الْقَوْمِ فَقَذَفْنَاهَا فَكَذَٰلِكَ أَلْقَى السَّامِرِيُّ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ (ئۆزى ئېلىپ چىققان زىبۇ- زىننەتلىرىنى) تاشلىدى»[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز - پىرئەۋن- قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، -سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە- ئۇلارنى - ئوتقا- تاشلىدۇق، سامىرىمۇ تاشلىدى»
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزگە ئۆز ئىرادە ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن خىلاپلىق قىلمىدۇق. لېكىن بىز ئۇ قەۋمنىڭ زىننەتلىرىدىن يۈكلەر كۆتۈرۈۋېلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدۇق. بىز ئۇلارنى تاشلىدۇق. سامىرىي شۇنداق كۆرسەتتى».
20 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا ابْنَ أُمَّ لَا تَأْخُذْ بِلِحْيَتِي وَلَا بِرَأْسِي ۖ إِنِّي خَشِيتُ أَنْ تَقُولَ فَرَّقْتَ بَيْنَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»
ئەنەس ئالىم: ھارۇن مۇساغا مۇنداق دېدى: «ئى ئانامنىڭ ئوغلى! ساقىلىمدىن ۋە چېچىمدىن تارتمىغىن. مەن سېنىڭ: ‹ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە رىئايە قىلماپسەن!› دېيىشىڭدىن قورقتۇم».
20 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ بَصُرْتُ بِمَا لَمْ يَبْصُرُوا بِهِ فَقَبَضْتُ قَبْضَةً مِنْ أَثَرِ الرَّسُولِ فَنَبَذْتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتْ لِي نَفْسِي
مۇھەممەد سالىھ: سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، شۇنىڭدەك (بۇنى) ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچىنىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى - موزايغا- چاچتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى، شۇنىڭدەك بۇنى ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»
ئەنەس ئالىم: سامىرىي مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلنىڭ ئىزىدىن بىر تۇتام ئالدىم - دە، ئۇنى ئاتتىم. مېنى مۇشۇنداق قىلىشقا نەپسىم كۈشكۈرتتى».
20 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِ عِلْمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنىمۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئۇلار بولسا، ئۇنى بىلەلمەيدۇ.
20 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ عَهِدْنَا إِلَىٰ آدَمَ مِنْ قَبْلُ فَنَسِيَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُ عَزْمًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق[115].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئىلگىرى ئادەمگە تەۋسىيە قىلدۇق، بىراق ئۇ -بۇ تەۋسىيەنى- يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئادەمدىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. لېكىن ئۇ ئۇنتۇدى. بىز ئۇنى ئىرادىلىك كۆرمىدۇق.
ئەنبىيا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلْنَاهُمْ جَسَدًا لَا يَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَمَا كَانُوا خَالِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق (يەنى ئۇلار بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ) ھەمدە ئۇلار (دۇنيادا ئۆلمەي) مەڭگۈ قالىدىغان بولغىنى يوق (يەنى ئۇلارمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ۋاپات بولىدۇ)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق، ھەمدە ئۇلار مەڭگۈ قالغۇچىلار بولغىنىمۇ يوق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇ ئەلچىلەرنى تائام يېمەيدىغان جەسەت قىلمىدۇق. ئۇلار مەڭگۈ ياشىغۇچىلارمۇ ئەمەس ئىدى2.
21 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
خُلِقَ الْإِنْسَانُ مِنْ عَجَلٍ ۚ سَأُرِيكُمْ آيَاتِي فَلَا تَسْتَعْجِلُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىيالايدىغانلىقىمنى) كۆرسىتىمەن. (ئۇنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن بۇرۇن) مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ئالدىراقسانلىقتىن يارىتىلغان5. مەن يېقىندا سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مەندىن تېز كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىلماڭلار.
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۗ إِنَّ الْإِنْسَانَ لَكَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن -ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە- ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى تىرىلدۈردى، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 78 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۚ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر[78].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ئاڭلاش قابىلىيىتى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرى ۋە دىللارنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. بەكمۇ ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر!
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ ۖ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن بۆلەك دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق»[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ نى ئاجىزلاشتۇلمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق»
ئەنەس ئالىم: سىلەر زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچبىر يەردە ئاللاھتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىي ۋە ياردەمچى يوقتۇر».
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ ضَعْفٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْ بَعْدِ ضَعْفٍ قُوَّةً ثُمَّ جَعَلَ مِنْ بَعْدِ قُوَّةٍ ضَعْفًا وَشَيْبَةً ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۖ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْقَدِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن (سىلەرنى) كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن سىلەرنى كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە سىلەرگە قېرىلىقنى يەتكۈزدى، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى ئاجىزلىقتىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرگە ئاجىزلىقتىن كېيىن قۇۋۋەت بەردى، ئاندىن قۇۋۋەتتىن كېيىن ئاجىزلىق ۋە قېرىلىق يەتكۈزدى. ئۇ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. ئۇ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ ذَا الَّذِي يَعْصِمُكُمْ مِنَ اللَّهِ إِنْ أَرَادَ بِكُمْ سُوءًا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ رَحْمَةً ۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا (كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھقا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىق ئىرادە قىلسا ياكى ئاللاھ سىلەرگە بىرەر رەھمەت ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا كىم توسالغۇ بولالايدۇ؟». ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيمۇ، ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ.
سەبەئ سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
فَالْيَوْمَ لَا يَمْلِكُ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ نَفْعًا وَلَا ضَرًّا وَنَقُولُ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا ذُوقُوا عَذَابَ النَّارِ الَّتِي كُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇ كۈندە بىر - بىرىڭلارغا پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. بىز زالىملارغا مۇنداق دەيمىز: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر».
34 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنْ ضَلَلْتُ فَإِنَّمَا أَضِلُّ عَلَىٰ نَفْسِي ۖ وَإِنِ اهْتَدَيْتُ فَبِمَا يُوحِي إِلَيَّ رَبِّي ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ قَرِيبٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام (بۇ) پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر»[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام بۇ، رەببىمنىڭ ماڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئېزىپ كەتسەم، ئېزىپ كەتكەنلىكىمنىڭ زىيىنىنى ئۆزۈم تارتىمەن. ئەگەر ھىدايەت تاپسام، بۇ رەببىم ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان سەۋەبىدىندۇر. رەببىم ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر».
فاتىر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
35 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ھالبۇكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر. ئاللاھ غەنىيدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَ الْإِنْسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِنْ نُطْفَةٍ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ رەببىغا ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى
ئەنەس ئالىم: ئىنسان كۆرمەمدۇكى، بىز ئۇنى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن ياراتتۇق. ئاندىن ئۇ بىزگە قارشى بىردىنلا ئاشكارا مۇخالىپلىق قىلغۇچىغا ئايلاندى.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ مَيِّتٌ وَإِنَّهُمْ مَيِّتُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھەقىقەتەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ھەقىقەتەن ئۆلىدۇ[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى سەن ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەنمۇ ئۆلىسەن، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسْأَمُ الْإِنْسَانُ مِنْ دُعَاءِ الْخَيْرِ وَإِنْ مَسَّهُ الشَّرُّ فَيَئُوسٌ قَنُوطٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە دەرھال ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە روھى چۈشۈپ كېتىدۇ.
41 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنْسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ فَذُو دُعَاءٍ عَرِيضٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىر نېمەت ئاتا قىلساق رەببىغا شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا ئىنئام قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە بىزدىن يىراقلىشىدۇ. بېشىغا يامانلىق كەلسە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ أَعْرَضُوا فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَإِنَّا إِذَا أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً فَرِحَ بِهَا ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَإِنَّ الْإِنْسَانَ كَفُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىغا بىرەر ھادىسە كەلسە، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىندۇر، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. سېنىڭ تەبلىغ قىلىشتىن باشقا ۋەزىپەڭ يوق. بىز ئىنسانغا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىرەر رەھمەت تېتىتساق خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ناۋادا ئىنسانلارغا ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر يامانلىق يەتسە تۇزكورلۇق قىلىدۇ، چۈنكى ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر.
زۇخرۇف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
43 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
وَجَعَلُوا لَهُ مِنْ عِبَادِهِ جُزْءًا ۚ إِنَّ الْإِنْسَانَ لَكَفُورٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) ئاللاھنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر جۈزئى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى. شۈبھىسىزكى بۇنداق ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداقتىمۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بەزى بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىدى. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن ئاشكارا تۇزكوردۇر.
قاف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ ۖ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن ئىنساننى بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز
ئەنەس ئالىم: ئىنساننى ھەقىقەتەن بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي أَنْفُسِكُمْ ۚ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر[20ـ21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۆزۈڭلاردىمۇ نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. بۇنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۆزۈڭلاردىمۇ ئايەتلەر بار. كۆرمەمسىلەر؟
نەجم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
53 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ نُطْفَةٍ إِذَا تُمْنَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن ياراتتى
ئەنەس ئالىم: بالىياتقۇلارغا تۆكۈلگەن مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن.
رەھمان سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
عَلَّمَهُ الْبَيَانَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭغا باياننى ئۆگەتتى.
55 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.
مائارىج سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
70 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْإِنْسَانَ خُلِقَ هَلُوعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىنسان بەك چىدامسىز ۋە ئاچ كۆز يارىتىلدى.
70 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
إِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ جَزُوعًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئۆزىگە يامانلىق يەتكەندە زارلانغۇچىدۇر،
70 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّهُ الْخَيْرُ مَنُوعًا
مۇھەممەد سالىھ: بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ياخشىلىق يەتكەندە مەنئى قىلغۇچىدۇر.
قىيامەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
75 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ يُرِيدُ الْإِنْسَانُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھ قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ.
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
قُلُوبٌ يَوْمَئِذٍ وَاجِفَةٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەنە شۇ كۈندە دىللارنى قورقۇنچ باسىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى يۈرەكلەر سېلىپ كېتىدۇ.
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ يولىدىن يانسۇن، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تېخىچە بەجا كەلتۈرمىدى.
ئىنفىتار سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
82 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ الْكَرِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسان! سېنى سېخىي رەببىڭگە قارشى نېمە ئالدىدى؟
بەلەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ فِي كَبَدٍ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ،
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى مۇشەققەت تارتىدىغان قىلىپ ياراتتۇق.
90 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَحْسَبُ أَنْ لَنْ يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟[5]
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئۇ «ماڭا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ» دەپ ئويلامدۇ؟
تىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
95 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ رَدَدْنَاهُ أَسْفَلَ سَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئۇنى (چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن) دوزاخقا قايتۇردۇق[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇنى تۆۋەن بولغۇچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋىنىگە قايتۇردۇق.
ئادىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
100 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْإِنْسَانَ لِرَبِّهِ لَكَنُودٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ (نېمەتلىرىنى) شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىدۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن.
ئەنەس ئالىم: ئىنسان رەببىگە بەك تۇزكورلۇق قىلغۇچىدۇر.
ئەسر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
103 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الْإِنْسَانَ لَفِي خُسْرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، بىر ـ بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر ـ بىرىگە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن باشقا ھەممە ئادەم چوقۇم زىيان ئىچىدىدۇر[2 ـ 3].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن،
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر.