دۇئا
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھقا بىۋاسىتە شەخسىي ئۆتۈنۈش، تىلەش، دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلىش.
ئەرەبچىىسى: الدعاء
ئېنگلىزچىسى: Supplication
155 ئايەت
44 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 زىكىر ۋە دۇئا /
- 📄 دۇئا
قۇرئان ئايەتلىرى
فاتىھە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
1 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
مۇھەممەد سالىھ: (رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى رەببىمىز!) بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز
ئەنەس ئالىم: ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز7 ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز8.
1 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن.
ئەنەس ئالىم: بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن9:
بەقەرە سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَٰذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُمْ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۖ قَالَ وَمَنْ كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلًا ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَىٰ عَذَابِ النَّارِ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ يەرنى (مەككىنى) تېنىچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېدى. ئاللاھ: «كاپىر بولغان ئادەمنىمۇ (رىزىقتىن) ئازغىنا مۇددەت (ھاياتلىقىدا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى (ئاخىرەتتە) دوزاخقا ھەيدەيمەن» دېدى. (بۇ) نېمىدېگەن يامان ئاقىۋەت![126]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم! بۇ شەھەر (مەككىنى) تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن» دېگەن ئىدى. ئاللاھ: «كافىرنىمۇ بۇ مېۋىلەردىن ئازغىنا مۇددەت (يەنى دۇنيادا) بەھرىمەن قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇنى دوزاخ ئازابىغا مەجبۇرلايمەن. بۇ دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي-ھە!» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «رەببىم! بۇ يەرنى ئامان شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن» دېگەن ئىدى. رەببى: «ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!» دېدى.
2 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَرْفَعُ إِبْرَاهِيمُ الْقَوَاعِدَ مِنَ الْبَيْتِ وَإِسْمَاعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەئبىنىڭ ئۇلىنى سېلىۋېتىپ: «ئى رەببىمىز! بىزنىڭ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئىسمائىل بىلەن بىرلىكتە كەبىنىڭ ئۇللىرنى كۆتۈرۈۋېتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىمىز! قىلغان بۇ ئىشىمىزنى قوبۇل قىلغىن! سەن چوقۇم ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن.
2 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَاجْعَلْنَا مُسْلِمَيْنِ لَكَ وَمِنْ ذُرِّيَّتِنَا أُمَّةً مُسْلِمَةً لَكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبْ عَلَيْنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى ناھايىتى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى تولىمۇ قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبانسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگىلا ئىتائەتمەن قىلغىن، نەسلىمىزدىنمۇ ساڭىلا ئىتائەت قىلىدىغان ئۇممەت چىقارغىن، بىزگە ھەج ئىبادىتىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، تەۋبىلەرنى پەقەت سەنلا قوبۇل قىلغۇچىسەن، پەقەت سەنلا كۆپ ئىنئام قىلغۇچىسەن.
2 : 129 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَابْعَثْ فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ يَتْلُو عَلَيْهِمْ آيَاتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُزَكِّيهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن...) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى[129].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتاب ۋە ھېكمەتنى ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارغا ئۆز ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى پاكلايدىغان بىر ئەلچى ئەۋەتكىن. شۈبھىسىزكى، سەن ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
2 : 186 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ ۖ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)[186].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتىپ قوي) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىندۇرمەن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ئىمانىدا چىڭ تۇرسۇن
ئەنەس ئالىم: بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ئۇلارغا ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ.
2 : 200 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا قَضَيْتُمْ مَنَاسِكَكُمْ فَاذْكُرُوا اللَّهَ كَذِكْرِكُمْ آبَاءَكُمْ أَوْ أَشَدَّ ذِكْرًا ۗ فَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار. بەزى كىشىلەر: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر[200].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھەجگە ئائىت ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھنى ئاتا ـ بوۋاڭلارنى ياد ئەتكەندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياد ئېتىڭلار، بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋە يوقتۇر
ئەنەس ئالىم: ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى زىكىر قىلغاندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى زىكىر قىلىڭلار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن» دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.
2 : 201 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ[201].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر: «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» دەيدۇ.
2 : 250 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا بَرَزُوا لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِ قَالُوا رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! (قەلبىمىزنى) چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى[250].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «ئى رەببىمىز! قەلبىمىزنى چىداملىقلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەندە مۇنداق دۇئا قىلىشتى: «رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، شۇ كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!».
2 : 286 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ ۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِنَا ۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلْنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِ ۖ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۚ أَنْتَ مَوْلَانَا فَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ[286].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېچكىمگە قۇربى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتى ئۆزىگىدۇر، يامانلىقىنىڭ جازاسىمۇ ئۆزىگىدۇر. ئۇلار يەنە: «ئى رەببىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتالاشقان بولساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. ئى رەببىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر مەجبۇرىيەت يۈكلىمىگىن. ئى رەببىمىز! قۇربىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە يۈكلىمىگىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. ھەركىم قىلغان ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ، قىلغان يامانلىقىنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ. ئۇ ئەلچى ۋە ئۇ مۇئمىنلار مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! ئەگەر ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق بىزنى جازالىمىغىن. رەببىمىز! بىزگە بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن. رەببىمىز! بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى توشۇتقۇزمىغىن. بىزنى ئەپۇ قىلغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن81. سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن».
ئال ئىمران سۈرىسى
13 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا لَا تُزِغْ قُلُوبَنَا بَعْدَ إِذْ هَدَيْتَنَا وَهَبْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن (بەندىلىرىڭگە ئاتالارنى) بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئى رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن دىلىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن بەكمۇ ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن قەلبلىرىمىزنى بۇرىۋەتمىگىن. بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن. سەن ناھايىتى كۆپ بېغىشلىغۇچىسەن.
3 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُمَّ مَالِكَ الْمُلْكِ تُؤْتِي الْمُلْكَ مَنْ تَشَاءُ وَتَنْزِعُ الْمُلْكَ مِمَّنْ تَشَاءُ وَتُعِزُّ مَنْ تَشَاءُ وَتُذِلُّ مَنْ تَشَاءُ ۖ بِيَدِكَ الْخَيْرُ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىپ ئالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق (نىڭ خەزىنىسى يالغۇز) سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتىقىنكى، «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاللاھ! سەن خالىغان ئادەمگە پادىشاھلىقنى بېرىسەن، خالىغان ئادەمدىن پادىشاھلىقنى تارتىۋالىسەن؛ خالىغان ئادەمنى ئەزىز قىلىسەن، خالىغان ئادەمنى خار قىلىسەن؛ ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئاللاھ! ئى پادىشاھلىقنىڭ ئىگىسى! سەن پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە بېرىسەن، پادىشاھلىقنى ئۆزۈڭ خالىغان كىشىدىن تارتىۋالىسەن. ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى خار قىلىسەن. ياخشىلىق سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن.
3 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ قَالَتِ امْرَأَتُ عِمْرَانَ رَبِّ إِنِّي نَذَرْتُ لَكَ مَا فِي بَطْنِي مُحَرَّرًا فَتَقَبَّلْ مِنِّي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى: «ئى رەببىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى خالىس ساڭا ئاتىدىم، بۇنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن» دېگەن ئىدى.
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى: «رەببىم! قورسىقىمدىكى بالامنى ئازاد قىلىنغان ھالدا ساڭا نەزىر قىلدىم، نەزىرىمنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، بىلىپ تۇرغۇچىسەن» دېگەن ئىدى.
3 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنْبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا ۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا الْمِحْرَابَ وَجَدَ عِنْدَهَا رِزْقًا ۖ قَالَ يَا مَرْيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَا ۖ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۖ إِنَّ اللَّهَ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا ـ مۇشەققەتسىزلا) ھەددى-ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنى پەرۋەردىگارى ياخشى رەۋىشتە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنى تەربىيەلەشنى زەكەرىيياغا تاپشۇردى. زەكەرىييا ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ» دەيتتى.
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەمنى رەببى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى ۋە ئۇنى بېقىشقا زەكەرىييانى مەسئۇل قىلدى. زەكەرىييا مەريەم تۇرۇۋاتقان ئىبادەتخانىغا ھەر كىرگىنىدە، ئۇنىڭ يېنىدا رىزىق كۆرۈپ: «ئى مەريەم! بۇ رىزىق ساڭا قەيەردىن كېلىدۇ؟» دەيتتى. مەريەم بولسا: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن» دەيتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.
3 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ ۋاقىتتا (ئاللاھنىڭ مەريەمگە قىلغان ئىنئامىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقىتتا (يەنى مەريەمگە بېرىلگەن كارامەتنى كۆرگەندە) زەكەرىييا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەببىم! سەن ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇ يەردە زەكەرىييا رەببىگە مۇنداق دۇئا قىلدى: «رەببىم! ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن پاك نەسىل ئاتا قىلغىن. سەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن!».
3 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُرْ رَبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگۈچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى - تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر بەلگە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە شۇكى، سەن ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن،. پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن. پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەتكىن، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: زەكەرىييا: «رەببىم! ئۇنداق بولسا ماڭا بىرەر ئالامەت بەرگىن» دېدى. ئاللاھ: «ئالامىتىڭ شۇ: سەن ئىنسانلارغا ئۈچ كۈن سۆز قىلالمايسەن. لېكىن مەقسىدىڭنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايسەن. رەببىڭنى كۆپ زىكىر قىلغىن، چۈشتىن كېيىن ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن» دېدى.
3 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنْزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى شاھادەت ئېيتقانلار قاتارىدا قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىز سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردۇق. بۇ ئەلچىگە ئەگەشتۇق. بىزنى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ قاتارىغا يازغىن!».
3 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ حَاجَّكَ فِيهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا نَدْعُ أَبْنَاءَنَا وَأَبْنَاءَكُمْ وَنِسَاءَنَا وَنِسَاءَكُمْ وَأَنْفُسَنَا وَأَنْفُسَكُمْ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَلْ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَى الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھەر قانداق بىر كىشى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، خوتۇنلىرىمىزنى ۋە خوتۇنلىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ساڭا بۇ ئىلىم كەلگەندىن كېيىن كىم سەن بىلەن بۇ توغرىدا دەتالاش قىلىشسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىزنى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارنى، بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى چاقىرايلى، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن دەپ چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلى».
3 : 147 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِي أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانْصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى[147].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت: «ئى رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا گەپنى قىلمىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئۇ ئەھۋال ئاستىدا دېگەن سۆزى پەقەت شۇنىڭدىنلا ئىبارەت ئىدى: «رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى ۋە ئىشىمىزدا ھەددىمىزدىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كافىر قەۋمگە قارشى بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!».
3 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَٰذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن[191].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللانى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «ئى رەببىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان چاغلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بۇلارنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن ئۇلۇغسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
3 : 192 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنَّكَ مَنْ تُدْخِلِ النَّارَ فَقَدْ أَخْزَيْتَهُ ۖ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنْصَارٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن كىمنىكى دوزاخقا كىرگۈزىدىكەنسەن، ئۇنى ئەلۋەتتە خار قىلغان بولىسەن. زالىملارغا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ[192].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، سەن ئۇنى ئەلۋەتتە رەسۋا قىلغان بولىسەن. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! سەن كىمنى دوزاخقا كىرگۈزسەڭ، ئۇنى رەسۋا قىلغان بولىسەن. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ.
3 : 193 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا إِنَّنَا سَمِعْنَا مُنَادِيًا يُنَادِي لِلْإِيمَانِ أَنْ آمِنُوا بِرَبِّكُمْ فَآمَنَّا ۚ رَبَّنَا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَكَفِّرْ عَنَّا سَيِّئَاتِنَا وَتَوَفَّنَا مَعَ الْأَبْرَارِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) ”رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار“ دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن[193].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) <پەرۋاردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار> دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتتۇق، ئى رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىز بىر دەۋەتچىنىڭ: ‹رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىڭلار!› دەپ ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق ۋە دەرھال ئىمان ئېيتتۇق. رەببىمىز! گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا ۋاپات قىلدۇرغىن.
3 : 194 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَآتِنَا مَا وَعَدْتَنَا عَلَىٰ رُسُلِكَ وَلَا تُخْزِنَا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِيعَادَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى (يەنى ئىتائەت قىلغانلارغا خاس بولغان جەننەتنى) بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن»[194].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى رەببىمىز! بىزگە پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىنى بەرگىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن. سەن ھەقىقەتەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىزگە ئەلچىلىرىڭ ئارقىلىق ۋەدە قىلغان نەرسىلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، قىيامەت كۈنى بىزنى رەسۋا قىلمىغىن، سەن ۋەدەڭگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايسەن».
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا ۖ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ ۚ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ بىرىڭلارنى بىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلىپ بەرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى تەمە قىلماڭلار. ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ مەرھەمىتىنى تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە ۋاسىتە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار14. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَكُمْ لَا تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ الظَّالِمِ أَهْلُهَا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاھالىسى زالىم بۇ شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىلغىن» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر؟(بۇ يەردە مەككە كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا مەككە كۇفرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلغان ئىدى.)[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ۋە: «ئى رەببىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن *[1] بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى ئاتا قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان ئاجىز ئەر-ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە «رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ۋەلىي33 ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇش قىلمايسىلەر؟
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي لَا أَمْلِكُ إِلَّا نَفْسِي وَأَخِي ۖ فَافْرُقْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا دېدى: «پەرۋەردىگارىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغىلا ئىگىمەن، سەن بىز بىلەن (ئىتائىتىڭدىن باش تارتقان) قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن»[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغىلا ئىگە، سەن بىز بىلەن بۇ پاسىق قەۋم ئارىسىدا بىر ھۆكۈم قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مەن پەقەت ئۆزۈمگە ۋە قېرىندىشىمغا ئىگە بولالايمەن14. بىز بىلەن بۇ فاسىق قەۋمنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن» دېدى.
5 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنْزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِنْكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە تائام بار بىر داستىخان چۈشۈرگىنكى، بۇ كۈن بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەن بىزگە ئاتا قىلغان بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە ئاسماندىن داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگىنكى، بىز ئۈچۈن، ئاۋۋىلىمىز ۋە ئاخىرىمىز ئۈچۈن بايرام، سەندىن بىر ئايەت بولسۇن34. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
ئەنئام سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ أَوْ أَتَتْكُمُ السَّاعَةُ أَغَيْرَ اللَّهِ تَدْعُونَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە ياكى سىلەرگە قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار!
6 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
بَلْ إِيَّاهُ تَدْعُونَ فَيَكْشِفُ مَا تَدْعُونَ إِلَيْهِ إِنْ شَاءَ وَتَنْسَوْنَ مَا تُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر»[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق قىلمايسىلەر. سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئاللاھ خالىسا، سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشنى ئىلتىجا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلارنى ئۇنتۇيسىلەر»
ئەنەس ئالىم: بەلكى پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ خالىسا سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىدىغان نەرسىلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر».
6 : 52 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِمْ مِنْ شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِمْ مِنْ شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[52].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئەتىگەندە، كەچتە پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى سەن يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، سەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكۈدەك (ھىچ ئىش يوق)، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلارنى قوغلىۋەتمىگىن! ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھېسابى سەندىن ئېلىنمايدۇ. سېنىڭ ھېچبىر ھېسابىڭ ئۇلاردىن ئېلىنمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنى قوغلىۋېتەر ئىدىڭ. ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.
6 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايىئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھقا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر»[63].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ بالايىئاپەتلىرى كەلگەندە، سىلەر <ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز> دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ۋە تۆۋەن ئاۋازدا دۇئا قىلىسىلەر. ئاشۇ زۇلمەتتىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟
ئەئراف سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنْفُسَنَا وَإِنْ لَمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز›› دېدى[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىككىسى: «رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە مەرھەمەت قىلمىساڭ، بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى.
7 : 47 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا صُرِفَتْ أَبْصَارُهُمْ تِلْقَاءَ أَصْحَابِ النَّارِ قَالُوا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن›› دەيدۇ[47].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى رەببىمى! بىزنى بۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرالغاندا: «رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ.
7 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭلارغا يالۋۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
7 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا ۚ إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئاللاھقا قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن سىلەر ئۇنىڭدا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار. قورقۇپ ۋە تەمە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر14.
7 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىزنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. ئى رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن»
ئەنەس ئالىم: سەن رەببىمىزنىڭ بىزگە كەلگەن ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزگە نەپرەت قىلىۋاتىسەن. رەببىمىز! ئۈستىمىزگە سەۋر ياغدۇرغىن ۋە بىزنى مۇسۇلمانلار ھالىتىمىزدە ۋاپات قىلدۇرغىن».
7 : 134 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۖ لَئِنْ كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى[134].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا ئاپەت كەلگەندە، ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدىسى بىلەن بىزدىن (ئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ) دۇئا قىلغىن. قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار، ئۈستىلىرىگە ئۇ پاسكىنىلىق چۈشكەندە: «ئى مۇسا! رەببىڭنىڭ ساڭا قىلغان ئەھدىسىگە ئاساسەن بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن. ئەگەر بىزدىن بۇ پاسكىنىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىشىنىمىز ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن كەتكىلى قويىمىز» دېدى.
7 : 151 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»[151].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم! مېنى ۋە قېرىندىشىمنى كەچۈرگىن ۋە بىزنى رەھمىتىڭگە كىرگۈزگىن. سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دېدى.
7 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
وَاخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِمِيقَاتِنَا ۖ فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُمْ مِنْ قَبْلُ وَإِيَّايَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا ۖ إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَنْ تَشَاءُ وَتَهْدِي مَنْ تَشَاءُ ۖ أَنْتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۖ وَأَنْتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلار يەر تەۋرەشكە دۇچ كەلگەندە، مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! خالىغان بولساڭ، ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن، بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى گۇمراھلىقىدا قالدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن
ئەنەس ئالىم: مۇسا بىز تەيىنلىگەن ۋاقىت ئۈچۈن قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئۇ شىددەتلىك زىلزىلە باسقان چاغدا، مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! خالىغان بولساڭ، بۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتىڭ. ئىچىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىسەن، ئۆزۈڭ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىسەن. سەن بىزنىڭ ۋەلىيىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە مەرھەمەت قىلغىن. سەن مەغپىرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسدۇرسەن.
7 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ ۚ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاءُ ۖ وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ ۚ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»[156].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئازابىم بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفردىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، زاكات بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يازغىن. بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولغا كىردۇق». ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئازابىمنى ئۆزۈم خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمەن. رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن.
7 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىدىغانلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەڭ چىرايلىق ئىسىملار ئاللاھنىڭدۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا ھەقتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى تەرك ئېتىڭلار. يېقىندا ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَاسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّي مُمِدُّكُمْ بِأَلْفٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُرْدِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ تىلىكىڭلارنى قوبۇل قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا سىلەر رەببىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئۇ: «مەن سىلەرگە ئارقىمۇئارقا كېلىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم قىلىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلغان ئىدى.
تەۋبە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 103 - ئايەت
كۆرۈش
خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سۆزىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[103].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
يۇنۇس سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ الضُّرُّ دَعَانَا لِجَنْبِهِ أَوْ قَاعِدًا أَوْ قَائِمًا فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُ ضُرَّهُ مَرَّ كَأَنْ لَمْ يَدْعُنَا إِلَىٰ ضُرٍّ مَسَّهُ ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْمُسْرِفِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ، تۇرسىمۇ، (ئۇنى دەپئى قىلىشىمىزنى تىلەپ) بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتسە، ياتقان، ئولتۇرغان ۋە تۇرغان ھالەتتە بىزگە دۇئا قىلىدۇ؛ ئۇلارغا يەتكەن زىيان ـ زەخمەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، گويا ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىزنى تىلەپ بىزگە دۇئا قىلمىغاندەك، يامان ئىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا زىيان يەتسە، ياتقان ياكى ئولتۇرغان ۋە ياكى ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە بىزگە دۇئا قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭدىن زىيىنىنى كۆتۈرۈۋەتسەك، ئۇ خۇددى قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ بىزگە ھېچ دۇئا قىلمىغاندەك ئىش قىلىدۇ. بۇ ھەددىدىن ئاشقۇچى كىشىلەرگە ئۆز قىلمشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى.
10 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنْتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِمْ بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنْجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە كىشىلەرنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە بۇ شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا گۇمان قىلىپ:«ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ. سىلەر كېمىلەردە بولغان، كېمىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى يولۇچىلارنى ئېلىپ مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە يولۇچىلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىۋاتقان ئەسنادا، كېمىلەرگە بىردىنلا بوران كېلىدۇ، يولۇچىلارغا ھەر تەرەپتىن دولقۇنلار كېلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورشىۋېلىنغانلىقىنى4 ئويلايدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق پەيتتە: «ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرساڭ، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ.
10 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتتى: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز، زالىم قەۋمنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن،
10 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَجِّنَا بِرَحْمَتِكَ مِنَ الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنى رەھمىتىڭ بىلەن زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن»
ئەنەس ئالىم: بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كافىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن».
10 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ ۖ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَىٰ أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلار بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمايدۇ »[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىمىز! كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ـ ئى رەببىمىز! - پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال ـ مۈلۈكلەرنى بەردىڭ، رەببىمىز! ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى كۆرسۇن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىمىز! سەن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال - مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتىۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتمىسۇن» دېدى.
10 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ قَدْ أُجِيبَتْ دَعْوَتُكُمَا فَاسْتَقِيمَا وَلَا تَتَّبِعَانِّ سَبِيلَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئېيتتى: «ئىككىڭلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىندى، دەۋىتىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، نادانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ: «دۇئايىڭلار ئىجابەت قىلىندى. توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىڭلار ۋە بىلمەيدىغانلارنىڭ يولىغا ئەگەشمەڭلار» دېدى.
يۈسۈف سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
12 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ السِّجْنُ أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا يَدْعُونَنِي إِلَيْهِ ۖ وَإِلَّا تَصْرِفْ عَنِّي كَيْدَهُنَّ أَصْبُ إِلَيْهِنَّ وَأَكُنْ مِنَ الْجَاهِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۈسۈف: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ ، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈسۈف: «ئى رەببىم! ماڭا ئۇلار ئۈندىگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، ئۇلارغا مايىل بولۇپ نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يۇسۇف: «رەببىم! ماڭا زىندان بۇلار مېنى دەۋەت قىلغان نەرسىدىن سۆيۈملۈكتۇر. ئەگەر بۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، بۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن ۋە جاھىللاردىن5 بولۇپ قالىمەن» دېدى.
12 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَابَ لَهُ رَبُّهُ فَصَرَفَ عَنْهُ كَيْدَهُنَّ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى يۈسۈفتىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ -ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى- ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: رەببى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن دەپئى قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
12 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ إِنَّمَا أَشْكُو بَثِّي وَحُزْنِي إِلَى اللَّهِ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەئقۇب ئېيتتى: «مەن قايغۇ ـ ھەسرىتىمنى پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن چىدىغۇسىز ئەلىمىمنى ۋە قايغۇ - ھەسرىتىمنى ئاللاھقىلا ئېيتىمەن، ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن.
12 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ قَدْ آتَيْتَنِي مِنَ الْمُلْكِ وَعَلَّمْتَنِي مِنْ تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنْتَ وَلِيِّي فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ تَوَفَّنِي مُسْلِمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردۈڭ، ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مېنى مۇسۇلمان پېتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مېنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: رەببىم! سەن ماڭا پادىشاھلىقتىن نېسىۋە ئاتا قىلدىڭ ۋە ماڭا چۈش تەبىرىدىن ئۆگەتتىڭ. ئى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى! سەن مېنىڭ بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ۋەلىيىمسەن! مېنى مۇسۇلمان ھالىتىمدە ۋاپات قىلدۇرغىن، مېنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قىلغىن!».
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 14 - ئايەت
كۆرۈش
لَهُ دَعْوَةُ الْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَجِيبُونَ لَهُمْ بِشَيْءٍ إِلَّا كَبَاسِطِ كَفَّيْهِ إِلَى الْمَاءِ لِيَبْلُغَ فَاهُ وَمَا هُوَ بِبَالِغِهِ ۚ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا ئاللاھقا قارىتىلىدۇ، (يەنى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ). كۇففارلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار (يەنى كاپىرلار) شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ (نېرىدىن) ئىككى ئالىقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، (ئەمەلىيەتتە سۇ ئاڭلىمايدىغان، ھېس ـ تۇيغۇسىز نەرسە بولغاچقا) سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ مەبۇدلىرىغا قىلغان دۇئاسى پۈتۈنلەي بىكاردۇر[14].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقىي قىلىنغان دۇئا ئاللاھقا قارىتىلىدۇ. كۇففارلارنىڭ ئاللاھ نى قويۇپ، دۇئالىرىنى قاراتقان مەبۇدلىرى كۇففارلارنىڭ ھېچقانداق دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ. ئۇلار شۇنداق بىر ئادەمگە ئوخشايدۇكى، ئۇ ئاغزىمىزغا سۇ چۈشسۇن دەپ - نېرىدىن- ئىككى ئالقىنىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرىدۇ، سۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئاغزىغا چۈشمەيدۇ، كاپىرلارنىڭ دۇئاسى ئازغۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ھەقىقىي دۇئا پەقەت ئاللاھقىلا قىلىنغان دۇئادۇر6. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرى ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھاجىتىنى راۋا قىلالمايدۇ7. ئۇلار سۇ ئاغزىمغا كەلسۇن دەپ ئىككى قولىنى سۇغا قارىتىپ ئېچىپ تۇرغان كىشىگىلا ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، سۇ بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاغزىغا ھەرگىزمۇ كەلمەيدۇ. كافىرلارنىڭ دۇئاسىمۇ ئەنە شۇنداقتۇر، ھېچبىر نەتىجىسى يوقتۇر.
ئىبراھىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
14 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي ۚ رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، رەببىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىم! مېنى نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى قىلغىن، نەسلىمدىنمۇ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگۈچى كىشىلەر چىقارغىن. رەببىمىز! دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا بِكُمْ مِنْ نِعْمَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ۖ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فَإِلَيْهِ تَجْأَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىندۇر، ئاندىن سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىكى ھەر نېمەت ئاللاھتىندۇر. يەنە تېخى قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭلار ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر.
ئىسرا سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَدْعُ الْإِنْسَانُ بِالشَّرِّ دُعَاءَهُ بِالْخَيْرِ ۖ وَكَانَ الْإِنْسَانُ عَجُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان -ئۆزىگە ۋە بالا ـ چاقىلىرىغا- خەيرىلىك دۇئا قىلغاندەك، بەتدۇئامۇ قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ياخشىلىقنى تىلىگەندەك يامانلىقنىمۇ تىلەيدۇ. ئىنسان بەك ئالدىراڭغۇدۇر.
17 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَاخْفِضْ لَهُمَا جَنَاحَ الذُّلِّ مِنَ الرَّحْمَةِ وَقُلْ رَبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىق بىلەن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە : «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغىن!
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بولغىن، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا - ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگەندەك سەن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن!».
17 : 56 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ ادْعُوا الَّذِينَ زَعَمْتُمْ مِنْ دُونِهِ فَلَا يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنْكُمْ وَلَا تَحْوِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى (باشقىلارغا) يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ[56].
تەرجىمە ھەيئىتى: داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق، سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ خۇدا دەپ ئويلىغانلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ قولىدىن سىلەردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشمۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغا يۆتكەپ قويۇشمۇ كەلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار. ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئى قىلىشقىمۇ، باشقا بىرىگە يۆتكىۋېتىشكىمۇ ئىگە بولالمايدۇ».
17 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَنْ تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ الْإِنْسَانُ كَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، ئاللاھ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان ـ ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)[67].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ، ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ناھايىتى نانكوردۇر
ئەنەس ئالىم: دېڭىزدا مۇسىبەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان كىشىلىرىڭلار ئېسىڭلارغىمۇ كەلمەيدۇ. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال يۈز ئۆرۈيسىلەر. ئىنسان ھەقىقەتەن تۇزكوردۇر.
17 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ رَبِّ أَدْخِلْنِي مُدْخَلَ صِدْقٍ وَأَخْرِجْنِي مُخْرَجَ صِدْقٍ وَاجْعَلْ لِي مِنْ لَدُنْكَ سُلْطَانًا نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: «پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن[80].
تەرجىمە ھەيئىتى: «رەببىم! مېنى قەبرەمگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، قەبرەمدىن ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! مېنى كىرىدىغان يېرىمگە توغرىلىق بىلەن كىرگۈزگىن، چىقىدىغان يېرىمدىن توغرىلىق بىلەن چىقارغىن، ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى كۈچ ئاتا قىلغىن».
17 : 110 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ ادْعُوا اللَّهَ أَوِ ادْعُوا الرَّحْمَٰنَ ۖ أَيًّا مَا تَدْعُوا فَلَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَلَا تَجْهَرْ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتْ بِهَا وَابْتَغِ بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى) (مۇشرىكلار ئاڭلاپ قېلىپ ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىگى ئۈچۈن) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن[110].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار ھەممىسى ياخشىدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار»، نامىزىڭدا قىرائەتنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد!: «خالىساڭلار ئاللاھ دەپ دۇئا قىلىڭلار، خالىساڭلار رەھمان دەپ دۇئا قىلىڭلار. قايسىسىنى ئاتاپ دۇئا قىلساڭلار بولىۋېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ چىرايلىق ئىسمىلىرى بار» دېگىن. نامىزىڭنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئۆتىمىگىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئۆتىمىگىن، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يول تۇتقىن.
كەھف سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
18 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَوَى الْفِتْيَةُ إِلَى الْكَهْفِ فَقَالُوا رَبَّنَا آتِنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً وَهَيِّئْ لَنَا مِنْ أَمْرِنَا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا بىرقانچە يىگىت غارغا بېرىپ پاناھلانغان ۋە: «رەببىمىز! بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزگە قۇتۇلۇش يولى تەييارلاپ بەرگىن!» دېگەن ئىدى.
18 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ وَاذْكُرْ رَبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلْ عَسَىٰ أَنْ يَهْدِيَنِ رَبِّي لِأَقْرَبَ مِنْ هَٰذَا رَشَدًا
مۇھەممەد سالىھ: «خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ دۇرۇس ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن، ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، رەببىڭنى تىلغا ئالغىن ھەمدە: «رەببىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: «ئىنشائاللاھ قىلىمەن» دېگىن. ئۇنتۇغان چېغىڭدا ئاللاھنى زىكىر قىلغىن ۋە: «رەببىم مېنى توغرىغا بۇنىڭدىنمۇ يېقىن بولغىنىغا ئېرىشتۈرگەي» دېگىن.
18 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَىٰ أَنْ تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى -باجغا ئوخشاش- تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ قەۋم: «ئى زۇلقەرنەين! يەئجۇج بىلەن مەئجۇج بۇ مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتىدۇر. بىز ساڭا باج تۆلىسەك، سەن بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سېلىپ بەرگەن بولساڭ!» دېدى.
مەريەم سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا
مۇھەممەد سالىھ: بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ، رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھىمىتىنىڭ بايانىدۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ رەببىڭنىڭ، بەندىسى زەكەرىيياغا ئاتا قىلغان رەھمىتىنى زىكىر قىلىشىدۇر.
19 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ رەببىگە پەس ئاۋاز بىلەن نىدا قىلىپ،
19 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. رەببىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق
ئەنەس ئالىم: مۇنداق دېگەن ئىدى: «رەببىم! سۆڭەكلىرىم بوشىشىپ كەتتى، چاچلىرىم ئاقىرىپ كەتتى. رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ، بەختسىز بولمىدىم1.
19 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِنْ وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، پەزلىڭدىن ماڭا بىر ياردەمچى ئاتا قىلغىن
ئەنەس ئالىم: مەن، تۇغقانلىرىمنىڭ ئىزىمنى باسماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن، ئايالىم بولسا تۇغماس، ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن بىر ۋەلىي2 ئاتا قىلغىن.
19 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَىٰ أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»[48].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، رەببىمغا ئىبادەت قىلىمەن، رەببىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»
ئەنەس ئالىم: مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئايرىلىمەن. رەببىمگە دۇئا قىلىمەن. ئۈمىد قىلىمەنكى، رەببىمگە دۇئا قىلىش بىلەن بەختسىز بولمىغايمەن6».
تاھا سۈرىسى
10 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اشْرَحْ لِي صَدْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ قىلغىن
ئەنەس ئالىم: مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن،
20 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن،
20 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِي
مۇھەممەد سالىھ: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: تىلىمنى راۋان قىلغىن،
20 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَفْقَهُوا قَوْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سۆزۈمنى چۈشەنسۇن.
20 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَاجْعَلْ لِي وَزِيرًا مِنْ أَهْلِي
مۇھەممەد سالىھ: ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن[30 ـ 29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ماڭا ئائىلەمدىن بىر ياردەمچى قىلىپ بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئائىلەمدىن بىرىنى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بەرگىن:
20 : 31 - ئايەت
كۆرۈش
اشْدُدْ بِهِ أَزْرِي
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن[31].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنىڭ بىلەن مېنى كۈچلەندۈرگىن،
20 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَشْرِكْهُ فِي أَمْرِي
مۇھەممەد سالىھ: مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇنى ۋەزىپەمدە ماڭا شېرىك قىلغىن،
20 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْ نُسَبِّحَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتايلى،
20 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَنَذْكُرَكَ كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز
ئەنەس ئالىم: سېنى كۆپ زىكىر قىلايلى،
20 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ كُنْتَ بِنَا بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: سەن بىزنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن».
ئەنبىيا سۈرىسى
9 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّي يَعْلَمُ الْقَوْلَ فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەر) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پەيغەمبەر- ئېيتتى: «رەببىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇر، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھ: «مېنىڭ رەببىم ئاسماندا ۋە زېمىندا ئېيتىلغان ھەر سۆزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.
21 : 76 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُوحًا إِذْ نَادَىٰ مِنْ قَبْلُ فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) بۇرۇن (قەۋمىگە، پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى (ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى) بۈيۈك بالادىن (يەنى توپان بالاسىدا غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزدۇق (يەنى نۇھنى قەۋمىنىڭ شەررىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق)[76].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن بۇرۇن دۇئا قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز نۇھنىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۇ ئىلگىرى بىزگە دۇئا قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق. ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.
21 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئەييۇبنىڭ قسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئەييۇب-نىڭ قسسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بالا ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز ئەييۇبنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «مېنى بالا ئورىۋالدى، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.
21 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَكَشَفْنَا مَا بِهِ مِنْ ضُرٍّ ۖ وَآتَيْنَاهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنْ عِنْدِنَا وَذِكْرَىٰ لِلْعَابِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق)[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.
21 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَذَا النُّونِ إِذْ ذَهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَنْ لَنْ نَقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: يۇنۇسنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن) . ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ قارنىدا): «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۇنۇس-نىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ خاپا بولۇپ - شەھىرىدىن- چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا: «-رەببىم!- سەندىن بۆلەك ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز يۇنۇسنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ غەزەپلىنىپ يۇرتىدىن ئايرىلغاندا، ئاللاھ مېنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن ئۇلۇغسەن، مەن زالىملاردىن بولدۇم!» دەپ نىدا قىلدى.
21 : 88 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْغَمِّ ۚ وَكَذَٰلِكَ نُنْجِي الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (بېلىق يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز[88].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدۇق، مۇئمىنلارنى ئېغىرچىلىقلاردىن مۇشۇنداق خالاس تاپقۇزىمىز
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن قۇتقۇزدۇق. بىز مۇئمىنلارنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز.
21 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
مۇھەممەد سالىھ: زەكەرىيانىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)» دەپ نىدا قىلدى[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: زەكەرىيا-نىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بىز زەكەرىييانىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىغىن! سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.
21 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. (يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى ئىلاھ قىلىپ بەردۇق. چۈنكى ئۇلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق ۋە ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، ئۈمىد ۋە ئەندىشە ئىچىدە بىزگە دۇئا قىلاتتى، كەمتەرلىك بىلەن بىزگە ئىتائەت قىلاتتى.
21 : 112 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ احْكُمْ بِالْحَقِّ ۗ وَرَبُّنَا الرَّحْمَٰنُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (پەيغەمبەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىم! (مېنىڭ بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن»[112].
تەرجىمە ھەيئىتى: -پەيغەمبەر ئېيتتى- :«رەببىم! سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ رەببىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھدۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: رەسۇلۇللاھ: «رەببىم! ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، بىزنىڭ رەببىمىز رەھماندۇر، سىلەرنىڭ بوھتانلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان زاتتۇر» دېدى.
مۆئمىنۇن سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
23 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
23 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ رَبِّ أَنْزِلْنِي مُنْزَلًا مُبَارَكًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەمدە: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەمدە: «ئى رەببىم! مېنى بەرەكەتلىك بىر يەرگە چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن
ئەنەس ئالىم: يەنە: ‹رەببىم! مېنى بەرىكەتلىك جايغا چۈشۈرگىن، سەن چۈشۈرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن› دېگىن».
23 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: ھۇد ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن»[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھۇد ئېيتتى: «رەببىم! ئۇلار مېنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن»
ئەنەس ئالىم: ئەلچى: «رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېيىشتى، ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى.
23 : 93 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ رَبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى (دۇنيادا) كۆرسىتىدىغان بولساڭ[93]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «رەببىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىدىغان بولساڭ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «رەببىم! سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىدىغان بولساڭ،
23 : 94 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ فَلَا تَجْعَلْنِي فِي الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىن»[94].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «رەببىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! مېنى ئۇ زالىم قەۋمنىڭ ئىچىدە قويمىغىن».
23 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «رەببىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ كۈشكۈرتۇشلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «رەببىم! شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساڭا سېغىنىمەن.
23 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَنْ يَحْضُرُونِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن»[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! شەيتانلارنىڭ يېنىمغا يېقىنلىشىشىدىن ساڭا سېغىنىمەن».
23 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُلْ رَبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: «پەرۋەردىگارىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەن» دېگىن[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئېيتقىنكى: «رەببىم! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «رەببىم! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن».
فۇرقان سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا اصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ ۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن داۋاملىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار مۇنداق دەيدىغان كىشىلەردۇر: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم ئازابى ئەبەدىي زىياندۇر.
25 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە شادلىق ۋەسىلىسى بولىدىغان جۈپتىلەر ۋە ئەۋلادلار بەرگىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە بىزنى خۇشال قىلىدىغان جۈپلەر ۋە نەسىللەر ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىلغىن» دەيدىغان كىشىلەردۇر.
25 : 77 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَا يَعْبَأُ بِكُمْ رَبِّي لَوْلَا دُعَاؤُكُمْ ۖ فَقَدْ كَذَّبْتُمْ فَسَوْفَ يَكُونُ لِزَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، (ئى كاپىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار، (ئاخىرەتتە) سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر»[77].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، -ئى كاپىرلار! سىلەر پەيغەمبەرنى- ئىنكار قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، رەببىم سىلەرگە نېمە دەپ كۆڭۈل بۆلسۇن؟ سىلەر راستنى يالغان دېدىڭلار. بۇنىڭ جازاسىنى ئەلۋەتتە كۆرىسىلەر».
شۇئەرا سۈرىسى
11 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
26 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَيَضِيقُ صَدْرِي وَلَا يَنْطَلِقُ لِسَانِي فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَارُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: يۈرىكىم سىقىلىۋاتىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا ھارۇننى -پەيغەمبەر- قىلىپ ئەۋەتكىن
ئەنەس ئالىم: يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم راۋان بولمايدۇ. شۇڭا ھارۇنغىمۇ ئەلچىلىك بەرگىن.
26 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ هَلْ يَسْمَعُونَكُمْ إِذْ تَدْعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى) ئاڭلامدۇ؟[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار ئاڭلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار ئاۋازىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟
26 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِي أَطْمَعُ أَنْ يَغْفِرَ لِي خَطِيئَتِي يَوْمَ الدِّينِ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئەنەس ئالىم: ئۇ شۇنداق زاتكى، مەن ئۇنىڭ جازا ۋە مۇكاپات كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
26 : 83 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ هَبْ لِي حُكْمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن[83].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلار قاتارىدا قىلغىن،
26 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَاجْعَلْ لِي لِسَانَ صِدْقٍ فِي الْآخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن
ئەنەس ئالىم: ماڭا كېيىنكىلەر ئىچىدە ياخشى نام قالدۇرۇشنى ۋە ياخشىلىق بىلەن ياد ئېتىلىشنى نېسىپ قىلغىن.
26 : 85 - ئايەت
كۆرۈش
وَاجْعَلْنِي مِنْ وَرَثَةِ جَنَّةِ النَّعِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: مېنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن[85].
تەرجىمە ھەيئىتى: مېنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن
ئەنەس ئالىم: مېنى نەئىم جەننىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن.
26 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
وَاغْفِرْ لِأَبِي إِنَّهُ كَانَ مِنَ الضَّالِّينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى ئۇ ئازغۇنلاردىندۇر.
26 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُخْزِنِي يَوْمَ يُبْعَثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلار تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن،
26 : 117 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِي كَذَّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى[117].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى
ئەنەس ئالىم: نۇھ مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى يالغانچى دېدى.
26 : 118 - ئايەت
كۆرۈش
فَافْتَحْ بَيْنِي وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِي وَمَنْ مَعِيَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن»[118].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن»
ئەنەس ئالىم: شۇڭا مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن».
26 : 169 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ نَجِّنِي وَأَهْلِي مِمَّا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن»[169].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قۇتقۇزغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! مېنى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتىمنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قۇتقۇزغىن».
نەمىل سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِنْ قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَدْخِلْنِي بِرَحْمَتِكَ فِي عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «رەببىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»
ئەنەس ئالىم: سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ بۇ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە مۇنداق دېدى: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر ئېيتىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن. مېنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن».
27 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
أَمَّنْ يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر[62].
تەرجىمە ھەيئىتى: بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!
قەسەس سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ بِمَا أَنْعَمْتَ عَلَيَّ فَلَنْ أَكُونَ ظَهِيرًا لِلْمُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (مەغپىرەت قىلغانلىق) نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! نېمىتىڭ سەۋەبى بىلەن مەن ھەرگىز گۇناھكارلارغا ياردەمچى بولمايمەن»
ئەنەس ئالىم: مۇسا: «رەببىم ماڭا ئىنئام قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھكارلارغا ھەرگىزمۇ ياردەمچى بولمايمەن» دېدى.
28 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ مِنْهَا خَائِفًا يَتَرَقَّبُ ۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئۇ يەردىن چىقتى ۋە: «رەببىم! مېنى شۇ زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن!» دېدى.
28 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَّا تَوَجَّهَ تِلْقَاءَ مَدْيَنَ قَالَ عَسَىٰ رَبِّي أَنْ يَهْدِيَنِي سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چاغدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەديەن تەرەپكە يۈزلەنگەن چېغىدا: «رەببىم مېنى توغرا يولغا يېتەكلىگەي» دېدى.
28 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
فَسَقَىٰ لَهُمَا ثُمَّ تَوَلَّىٰ إِلَى الظِّلِّ فَقَالَ رَبِّ إِنِّي لِمَا أَنْزَلْتَ إِلَيَّ مِنْ خَيْرٍ فَقِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ (بىر دەرەخنىڭ) سايىسىگە بېرىپ (ئولتۇرۇپ): «پەرۋەردىگارىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئۇلارنىڭ قويلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى، ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىر دەرەخنىڭ سايىسىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ: «رەببىم! ماڭا رىزىقتىن نېمىنىلا بەرسەڭ، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا موھتاج» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سۇغىرىپ بەردى، ئاندىن سايىغا بېرىپ: «رەببىم! ماڭا قانداق ياخشىلىق ئاتا قىلساڭ، مەن ئۇنىڭغا موھتاجمەن!» دېدى.
28 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخِي هَارُونُ هُوَ أَفْصَحُ مِنِّي لِسَانًا فَأَرْسِلْهُ مَعِيَ رِدْءًا يُصَدِّقُنِي ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ
مۇھەممەد سالىھ: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مەن بىلەن (پەيغەمبەرلىكىمنى) تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن»[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭدىن راۋاندۇر، ئۇنى مېنى تەستىقلايدىغان ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن»
ئەنەس ئالىم: قېرىندىشىم ھارۇننىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان. شۇڭلاشقا ئۇنىمۇ مەن بىلەن بىرلىكتە ياردەمچى قىلىپ ئەۋەتكىن، مېنى تەستىقلىسۇن. مەن ئۇلارنىڭ مېنى يالغانچى دېيىشىدىن بەك قورقىمەن».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي عَلَى الْقَوْمِ الْمُفْسِدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: لۇت: «پەرۋەردىگارىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ماڭا ياردەم بەرگىن، ئۇلار بۇزغۇنچى ئەخمەقلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۈزىلىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، ئۇلار گۇمراھلىققا، بۇزۇقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن)» دېدى[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: لۇت: «رەببىم! بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: لۇت: «رەببىم! بۇ بۇزغۇنچى قەۋمگە قارشى ماڭا ياردەم قىلغىن» دېدى.
29 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار بەرگەن نېمىتىمىز (يەنى دېڭىزدىن ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا ـ قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، توساتتىن (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كېمىگە چىقىپ غەرق بولۇشتىن قورققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان ـ ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار كېمىگە چىققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال شېرىك كەلتۈرىدۇ.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا مَسَّ النَّاسَ ضُرٌّ دَعَوْا رَبَّهُمْ مُنِيبِينَ إِلَيْهِ ثُمَّ إِذَا أَذَاقَهُمْ مِنْهُ رَحْمَةً إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ بِرَبِّهِمْ يُشْرِكُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانلارغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكەن چاغدا، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا رەھمىتىنى تېتىتقان چاغدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانلارغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكەن چاغدا، ئۇلار رەببىغا ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا رەھمىتىنى تېتىتقان چاغدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال رەببىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا زىيان يەتسە، رەببىگە يۆنەلگەن ھالدا دۇئا قىلىدۇ. رەببى ئۇلارغا ئۆز تەرىپىدىن بىرەر رەھمەت تېتىتسا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال رەببىگە شېرىك كەلتۈرىدۇ.
لوقمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا غَشِيَهُمْ مَوْجٌ كَالظُّلَلِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ فَمِنْهُمْ مُقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: (دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى دېڭىزدا سايىلارغا ئوخشاش دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى توغرا يولدا قالىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خائىن ۋە تۇزكور كىشىلەرلا ئىنكار قىلىدۇ.
سەجدە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
32 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
تَتَجَافَىٰ جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن ـ كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ، ئۇلار رەببىنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ ۋە ئۇلار، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ يانلىرى تۆشەكلىرىدىن يىراقلىشىدۇ2، قورقۇنچ ۋە ئۈمىد ئىچىدە رەببىگە دۇئا قىلىدۇ، بىز ئاتا قىلغان رىزىقتىن چىقىم قىلىدۇ.
ساففات سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
37 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَادَانَا نُوحٌ فَلَنِعْمَ الْمُجِيبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز![75].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز!
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا نۇھ بىزگە نىدا قىلغان ئىدى، بىز ياخشى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق.
37 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ هَبْ لِي مِنَ الصَّالِحِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ماڭا ياخشىلاردىن بولىدىغان پەرزەنت ئاتا قىلغىن».
ساد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَهَبْ لِي مُلْكًا لَا يَنْبَغِي لِأَحَدٍ مِنْ بَعْدِي ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْوَهَّابُ
مۇھەممەد سالىھ: سۇلايمان ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»[35].
تەرجىمە ھەيئىتى: سۇلەيمان ئېيىتتى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدىغان پادىشاھلىق ئاتا قىلغىن، سەن ناھايىتى كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن».
38 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ عَبْدَنَا أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الشَّيْطَانُ بِنُصْبٍ وَعَذَابٍ
مۇھەممەد سالىھ: بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەندىمىز ئەييۇبنىمۇ ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىغا -ئىلتىجا قىلىپ-: «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى
ئەنەس ئالىم: بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىلغىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلغان ئىدى.
38 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا رَبَّنَا مَنْ قَدَّمَ لَنَا هَٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًا ضِعْفًا فِي النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يەنە دەيدۇكى: «رەببىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار يەنە: «رەببىمىز! بۇنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ دوزاختىكى ئازابىنى بىر ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ اللَّهُمَّ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ عَالِمَ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ أَنْتَ تَحْكُمُ بَيْنَ عِبَادِكَ فِي مَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، يوشۇرۇننى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى ئاللاھ! بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە سەن ھۆكۈم چىقىرىسەن»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئى ئاللاھ! ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى! ئى غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى! سەن بەندىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىسەن».
غافىر سۈرىسى
7 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
40 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَحْمِلُونَ الْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَيْءٍ رَحْمَةً وَعِلْمًا فَاغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا وَاتَّبَعُوا سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇئمىنلارغا مەغپىرەت تىلەيدۇ. ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
ئەنەس ئالىم: ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ1، رەببىگە ئىشىنىدۇ ۋە مۇئمىنلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! سەن ھەر نەرسىنى رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ بىلەن قورشاپ تۇرۇۋاتىسەن. تەۋبە قىلىپ يولۇڭدا ماڭغانلارنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
40 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدْتَهُمْ وَمَنْ صَلَحَ مِنْ آبَائِهِمْ وَأَزْوَاجِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! ئۇلارنى، سەن ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئەدن جەننەتلىرىگە كىرگۈزگىن. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن، جۈپلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ياخشى بولغانلارنىمۇ كىرگۈزگىن. سەن ئەزىزدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن!
40 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
وَقِهِمُ السَّيِّئَاتِ ۚ وَمَنْ تَقِ السَّيِّئَاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر»[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى يامانلىقلاردىن ساقلىغىن، سەن ئۇ كۈنى كىمنى يامانلىقلاردىن ساقلىساڭ، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغان بولىسەن. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر».
40 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ فِي النَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ادْعُوا رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِنَ الْعَذَابِ
مۇھەممەد سالىھ: دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئوتنىڭ ئىچىدىكىلەر، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىۋەنلىرىگە: «رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئازابىمىزنى بىر كۈن بولسىمۇ يېنىكلەتسۇن» دەيدۇ.
40 : 50 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۚ قَالُوا فَادْعُوا ۗ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ[50].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار : «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟ » دەيدۇ. ئۇلار : «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، لېكىن كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: دەرۋازىۋەنلەر: «سىلەرگە ئەلچىلىرىڭلار روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. دەرۋازىۋەنلەر: «ئۇنداقتا ئۆزۈڭلار دۇئا قىلىڭلار، لېكىن كافىرلارنىڭ دۇئاسى نەتىجىسىزدۇر» دەيدۇ.
40 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ھالەنكى رەببىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ»
ئەنەس ئالىم: رەببىڭلار مۇنداق دېدى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ».
40 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۗ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![65]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىڭلارنى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر!
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ دائىم تىرىكتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.
فۇسسىلەت سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَسْأَمُ الْإِنْسَانُ مِنْ دُعَاءِ الْخَيْرِ وَإِنْ مَسَّهُ الشَّرُّ فَيَئُوسٌ قَنُوطٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسان ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە دەرھال ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە روھى چۈشۈپ كېتىدۇ.
41 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنْسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ فَذُو دُعَاءٍ عَرِيضٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسانغا بىر نېمەت ئاتا قىلساق رەببىغا شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئاللاھقا يۈزلىنىپ ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانغا ئىنئام قىلساق يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە بىزدىن يىراقلىشىدۇ. بېشىغا يامانلىق كەلسە ئۇزۇندىن - ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا كُنَّا مِنْ قَبْلُ نَدْعُوهُ ۖ إِنَّهُ هُوَ الْبَرُّ الرَّحِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرى ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتۇق، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېھسان قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر»
ئەنەس ئالىم: بىز ئىلگىرى ئاللاھقا دۇئا قىلاتتۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر».
قەمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
54 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَدَعَا رَبَّهُ أَنِّي مَغْلُوبٌ فَانْتَصِرْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ، رەببىگە « مەن يېڭىلدىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى.
رەھمان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
55 : 29 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ)[29].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن سورايدۇ، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن تىلەيدۇ. ئۇ ھەر كۈنى بىر ئىشتىدۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نَاجَيْتُمُ الرَّسُولَ فَقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيْ نَجْوَاكُمْ صَدَقَةً ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ لَكُمْ وَأَطْهَرُ ۚ فَإِنْ لَمْ تَجِدُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن (يوقسۇللارغا) سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر (سەدىقە قىلىدىغان نەرسە) تاپالمىساڭلار (سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەر بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ، ئاندىن سۆزلىشىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىراقتۇر ۋە پاكراقتۇر، ئەگەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالمىساڭلار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھ بىلەن مەخپىي سۆزلەشمەكچى بولساڭلار، ئالدى بىلەن سەدىقە بېرىپ ئاندىن سۆزلىشىڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاكتۇر. ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
ھەشر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
59 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ جَاءُوا مِنْ بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «رەببىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۇئمىنلارغا قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، رەببىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەلبلىرىمىزدە مۇئمىنلارغا قارشى ھېچ ئاداۋەت قويمىغىن! رەببىمىز! سەن شەپقەتلىكسەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇرسەن».
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن (ئۇلار بىزگە ھۆكۈمران بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن)، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىمىز! بىزنى كاپىرلار ئۈچۈن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن ئى رەببىمىز!، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»
ئەنەس ئالىم: رەببىمىز! بىزنى كافىرلارنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەببىمىز! پەقەت سەنلا ئەزىزسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن».
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ آمَنُوا امْرَأَتَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِنْدَكَ بَيْتًا فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِنْ فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى[11]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ مۇئمىنلارغا فىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلدى. ئۇ ئايال ئۆز ۋاقتىدا: «رەببىم! ھۇزۇرىڭدا، جەننەتتە مەن ئۈچۈن ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى فىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ ئەمىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېگەن ئىدى.
نوھ سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز ئىمانغا دەۋەت قىلدىم
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! مەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز دەۋەت قىلدىم.
71 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتتىمكى: «رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: دېدىمكى: رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
71 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن
ئەنەس ئالىم: نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! زېمىندا كافىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن!
71 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت ئەخلاقسىز ۋە كاپىر بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇزكورلاردىن باشقىسىنى تۇغمايدۇ.
71 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۇئمىن ئەرلەرگە، مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»
ئەنەس ئالىم: رەببىم! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمىغىن!».
جىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّهُ لَمَّا قَامَ عَبْدُ اللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ بەندىسى - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام - ئاللاھقا يالۋۇرۇش ئۈچۈن تۇرغاندا، جىنلار ئولىشىپ ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ بەندىسى3 ئاللاھقا دۇئا قىلغىلى تۇرغاندا جىنلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا كىگىزلەر بولغىلى تاس قالدى4.
72 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! دىنىڭدىن يېنىپ كېتىشىڭنى تەلەپ قىلغان بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن پەقەتلا رەببىمغا يالۋۇرىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن رەببىمگىلا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكمنى شېرىك قىلمايمەن.
فەلەق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
113 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ
مۇھەممەد سالىھ: «مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ5].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «فەلەقنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن1،
ناس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
114 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ
مۇھەممەد سالىھ: «ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن[1ـ6].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى،
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئىنسانلارنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن،