يارىتىلىشتىكى دەلىللەر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
تەبىئەت دۇنياسى ۋە كائىنات ھادىسىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى، قۇدرىتى ۋە دانالىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان كۆزەتكىلى بولىدىغان دەلىل سۈپىتىدە قاراش.
ئەرەبچىىسى: تفكير في الخلق
ئېنگلىزچىسى: Reflection on Creation
33 ئايەت
20 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئەقىل ۋە ھېىكمەت /
- 📄 يارىتىلىشتىكى دەلىللەر
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 164 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَالْفُلْكِ الَّتِي تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِمَا يَنْفَعُ النَّاسَ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ مَاءٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِنْ كُلِّ دَابَّةٍ وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ وَالسَّحَابِ الْمُسَخَّرِ بَيْنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر[164].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، كىشىلەرگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن كېمىلەردە، ئاللاھ بۇلۇتتىن ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۆلگەن زېمىننى جانلاندۇرىدىغان يامغۇردا، يەر يۈزىگە تارقىتىۋەتكەن ھايۋاناتلاردا، شامال يۆنۈلۈشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىدا، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇتلاردا، ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە بارلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر باردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئىنسانلارغا پايدىلىق يۈكلەرنى ئېلىپ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەردە، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك تۇپراقنى تىرىلدۈرگەن ۋە زېمىندا ھەر تۈرلۈك جانلىقنى تارقاتقان سۇدا، شاماللارنىڭ پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىشىدا ۋە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدا بۇيرۇققا ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇلۇتلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ سُنَنٌ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەر كېلىپ كەتتى؛ يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، (ھەقنى) يالغانغا چىقارغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەن. شۇڭا، سىلەر ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ، ھەقنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنلىرى نۇرغۇن ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىندى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار.
3 : 190 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار[190].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ ۚ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِنْدِ غَيْرِ اللَّهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار ئويلىغاندەك) ئاللاھتىن باشقا بىر كىشى تەرىپىدىن كەلگەن بولسا، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار قۇرئاننى ئەتراپلىق چۈشىنىشكە تىرىشمامدۇ؟ ئەگەر قۇرئان ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن بولسا ئىدى، ئۇلار ئۇنىڭدا نۇرغۇن زىتلىق تاپقان بولاتتى.
ئەنئام سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ ثُمَّ انْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار»[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! بۇلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىننى ئايلىنىپ بېقىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار!».
6 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ النُّجُومَ لِتَهْتَدُوا بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرنىڭ يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ ئايەتلەرنى بىلەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
6 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ فَمُسْتَقَرٌّ وَمُسْتَوْدَعٌ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇسىدا قارارلاشتۇرغان زاتتۇر. چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۈچۈن قارارگاھ ۋە ئامانەت قويۇلىدىغان جاي بار. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
ئەئراف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 184 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا ۗ مَا بِصَاحِبِهِمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[184].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (مۇھەممەد) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھەرگىزمۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس، ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
7 : 185 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَنْظُرُوا فِي مَلَكُوتِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ وَأَنْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ قَدِ اقْتَرَبَ أَجَلُهُمْ ۖ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَهُ يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟[185]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىغا، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا نەزەر سالمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشى، ئاللاھ ياراتقان ھەر نەرسە ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەجەللىرىنىڭ ھەقىقەتەن يېقىنلاشقان بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە ئويلانمامدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 101 - ئايەت
كۆرۈش
قُلِ انْظُرُوا مَاذَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَا تُغْنِي الْآيَاتُ وَالنُّذُرُ عَنْ قَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ) ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ[101].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار. مۆجىزىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «قاراپ بېقىڭلار، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا نېمە بار؟ ئايەتلەرنىڭ ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ».
ھەج سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَٰكِنْ تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، قەلبى كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەير قىلىپ چۈشىنىدىغان دىللارغا ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن ئەقىل ئىشلىتەتتى، ياكى ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بىلمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن ئاللاھ ئۇنى شاخ ـ شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى، ئاندىن ئۇ سۇنى زېمىندىكى بۇلاقلارغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن رەڭگارەڭ زىرائەت چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ زىرائەت قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى كۇكۇم - تالقان قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەسلىتىش بار.
39 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ ضَرَبْنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز كىشىلەرنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، بۇ قۇرئاندا ئۇلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز بۇ قۇرئاندا ئىنسانلار ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك مىسالنى بايان قىلدۇق. ئۇلار ئويلانغاي.
جاسىيە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
45 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي خَلْقِكُمْ وَمَا يَبُثُّ مِنْ دَابَّةٍ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە ئاللاھ زېمىندا تارقىتىۋەتكەن جانىلىقلاردا جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە ئاللاھ تارقاتقان جانلىقلاردا جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
45 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ رِزْقٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ كۆكتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن رىزىقتا ۋە ئاللاھنىڭ شاماللارنى پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىرىشىدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار.
45 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىييەنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىللەر بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار.
قاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَمْ يَنْظُرُوا إِلَى السَّمَاءِ فَوْقَهُمْ كَيْفَ بَنَيْنَاهَا وَزَيَّنَّاهَا وَمَا لَهَا مِنْ فُرُوجٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاسماننى قانداق (تۈۋرۈكسىز) بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟[6]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاسماننى قانداق بەرپا قىلغانلىقىمىزغا، ئۇنى بېزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلۇقىغا قارىمامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئاسمانغا قارىمىدىمۇ؟ بىز ئۇنى قانداق بىنا قىلدۇق ۋە قانداق زىننەتلىدۇق؟ ئۇنىڭدا ھېچبىر يوچۇق يوق.
50 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىننى (توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا سوزۇپ) كەڭ ياراتتۇق، زېمىندە (ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەر يۈزىنى كەڭ ياراتتۇق، يەر يۈزىدە تاغلارنى قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز زېمىننى يايدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا خىلمۇخىل چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَفِي أَنْفُسِكُمْ ۚ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر[20ـ21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە ئۆزۈڭلاردىمۇ نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. بۇنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئۆزۈڭلاردىمۇ ئايەتلەر بار. كۆرمەمسىلەر؟
تۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
52 : 35 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟[35]
تەرجىمە ھەيئىتى: ياكى ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلغانمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ياكى ئۇلار ھېچ نەرسىسىز يارىتىلدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمۇ؟
ۋاقىئە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
56 : 63 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَحْرُثُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ![63]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەنەس ئالىم: سىلەر تېرىۋاتقان نەرسەڭلەر توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى!
56 : 71 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَرَأَيْتُمُ النَّارَ الَّتِي تُورُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ![71]
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!
ئەنەس ئالىم: سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتۇڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى!
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
اعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا ۚ قَدْ بَيَّنَّا لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قاقاس، قۇرغاق زېمىننى يامغۇر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەرنى بايان قىلدۇق[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلىڭلاركى، ئاللاھ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، بىز ھەقىقەتەن سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ. بىز سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى بايان قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
مۈلك سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
67 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ۖ مَا تَرَىٰ فِي خَلْقِ الرَّحْمَٰنِ مِنْ تَفَاوُتٍ ۖ فَارْجِعِ الْبَصَرَ هَلْ تَرَىٰ مِنْ فُطُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن. سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟[3]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن ئاسمانلارغا تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ ياراتقان زاتتۇر. رەھماننىڭ يارىتىشىدا ھېچ تەرتىپسىزلىك كۆرمەيسەن. قاراپ باققىن، بىرەر يوچۇق كۆرەمسەن؟
67 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الطَّيْرِ فَوْقَهُمْ صَافَّاتٍ وَيَقْبِضْنَ ۚ مَا يُمْسِكُهُنَّ إِلَّا الرَّحْمَٰنُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا (ئىبرەت كۆزى بىلەن) قارىمامدۇ؟ (قاناتلىرىنى كەرگەن ۋە يىغقان ھالدا) ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى (قاناتلىرىنى ئاچقان ۋە يىغقان چاغدا يەرگە چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قاناتلىرىنى يايغان ۋە يىغقان ھالدا ئۈستىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارغا قارىمامدۇ؟ ئۈستىلىرىدە ئۇچۇۋاتقان قۇشلارنى پەقەت ئاللاھ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۇچارقاناتلارغا قارىمامدۇ؟ ئۇچارقاناتلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايغان ھالەتتە تۇرىدۇ ۋە قاناتلىرىنى يىغىدۇ. ئۇلارنى ھاۋادا پەقەتلا رەھمان تۇتۇپ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
نوھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
71 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى[15]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى
ئەنەس ئالىم: كۆرمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىر - بىرىگە ماس قىلىپ قانداق ياراتتى؟
نازىئات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
79 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
أَأَنْتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ السَّمَاءُ ۚ بَنَاهَا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاللاھ ياراتقان ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟
ئەنەس ئالىم: سىلەرنى يارىتىش تەسمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى بىنا قىلدى،
ئەبەسە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
80 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇنكى،
ئەنەس ئالىم: ئۇ ئىنسان يېمەكلىكلىرىگە قارىسۇن:
تارىق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
86 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ مِمَّ خُلِقَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇ ھالدا ئىنسان ئويلانسۇن، ئۇ نېمىدىن يارىتىلدى؟
غاشىيە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
88 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
أَفَلَا يَنْظُرُونَ إِلَى الْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى[17]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار قارىمامدۇكى، تۆگىلەر قانداق يارىتىلدى؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار تۆگىگە قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يارىتىلدى؟
88 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى السَّمَاءِ كَيْفَ رُفِعَتْ
مۇھەممەد سالىھ: ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى[18]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى؟
ئەنەس ئالىم: ئاسمانغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلدى؟
88 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى الْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ
مۇھەممەد سالىھ: تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى[19]،
تەرجىمە ھەيئىتى: تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى؟
ئەنەس ئالىم: تاغلارغا قارىمامدۇ، ئۇلار قانداق تىكلەندى؟
88 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِلَى الْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ
مۇھەممەد سالىھ: زېمىن قانداق يېيىتىلدى[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: زېمىن قانداق يېيىتىلدى؟
ئەنەس ئالىم: زېمىنغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يېيىتىلدى؟